大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 19 ـ قىسىم ( تولۇق قىسىم ئەپچىدە )

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 19 ـ قىسىم ( تولۇق قىسىم ئەپچىدە ) aybarawazi
2024-02-07
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 








بۇ ئەسەرنىڭ 20 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


19 - قىسىم


ئەرافاتنىڭ رەنانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن  قۇربان رەناغا شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ بولسا كېرەك .  ئەگەر راستىنلا .  قۇربان ئەرافاتنىڭ رەنانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلگەنلا بولسا، ئۇنداقتا بېقىش ھوقۇقىنى چۇقۇم مەندىن تالىشىدۇ؟!  رەنا مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئويلاپ سەل ئەنسىرىگەن ئىدى.  دېمىسىمۇ ، ئەگەر قۇربان مۇشۇ ئەھۋالنى بىلسە ، چۇقۇم ئەرافاتنى بېقىش ھوقۇقىنى چۇقۇم تالىشاتتى .  رەنا ئەرافاتقا قاراپ قويۇپ   كۆڭلى بىر خىل جىددىيلەشكەنلىكى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.،  دوختۇرلار رەناغا ھەممە بەدىنىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن  ئەھۋالىدا  ياخشىلنىش بولغانلىقىنى  جەزملەشتۈردى دە كېسەلخانىدىن چىقىپ كەتتى ،  بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز پەرىدە ، سىرتتىن تاماق  كۆتۈرۈپ يېتىپ يېتىپ كەلدى ، ئۇ كىرىپلا قۇرباننى كۆرەتتە چىرايى ئۆزگەردى:

- سىز نېمىگە كەلدىڭىز ، قۇربان دېرىكتور ؟بىكار قالغان ئوخشىمامسىز ؟ - پەرىدەنىڭ ئاچچىق گەپلىرى يەنە قۇربانغا يىغىشقا باشلىدى .  قۇربان سەل ئۆزىنى توختىتىۋالغاندىن كېيىن ، ئەرافاتنىڭ قولىدىن تارتىپ پەرىدەنىڭ ئالدىغا ئاپاردى دە:

- كىچىك بالىلار دوختۇرخانىدا ئۇزۇن تۇرسا بولمايدۇ ، ئاسانلا مىكرۇپ يۇقۇپ قالىدۇ ،  ئۇ بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرماسلىق كېرەك ، يەنە كېلىپ ئۇ ئوقۇغۇچى .  بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇش كېرەك ، سىز ئوقۇتقۇچى ئەمەسمۇ ؟ سىز ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىڭ ، بۇ يەردە مەن بار!

قۇرباننىڭ گىپىنى ئاڭلىغان ئەرافات بىلەن پەرىدە ئوخشاشلا ئۇنىڭ قاپىقىنى تۇرۇپ قارىدى .  قۇربان ئۇلارنىڭ قارىشىغا پىسەنت قىلمىغان ھالەتتە دېرىزە تەرەپتىكى ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ناشتىلىقنى ئالدىدە رەنا  تەرەپكە  ئاپاردى ،ھەمدە:

-مەن بۇگۇن ئاشخاندا  سىزگە ئاتاپ  توخو  گوشى قايناق قايناتتىم ،ئينىڭغا  يەنە  قان  تۇلۇقلايدىغان چىلان  قاتارلىقلارنى سالدىم ، تۇزلۇق قىلۋەتمىدىم ،قان  تۇلۇقلايدۇ  سىز  بىز ئاز ئىچىپ  بىقىڭ  بولامدۇ ؟،  ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپ ، كىچىك قاچىغا   ئازراق بۆلدى .  بۇ ۋاقىتتا رەنا قۇرباننىڭ بۇ قىلىقىدىن  ھىشنىمە  ھىس قىلالمىدى ،  بولۇپمۇ بەزى ئىشلارنى ئوغلى ئەرافاتنىڭ بىلىشنى خالىمايتتى .  ئۇ سەل چىرايىغا كۈلكە يۈرگۈزۈپ :  پەرىدەگە قارىدى :

- جېنىم دوستۇم قۇرباننىڭ دېگىنى توغرا . سەن ئوغلۇم ئەرافاتنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغىن .  بۇ دوختۇرخانىنىڭ مۇھىتى راستلا ياخشى ئەمەس   بالا كىچىك مىكروب يۇقۇپ قالسا ياخشى بولمايدۇ مەندىن ئەنسىرىمە ھېچ ئىش بولمايدۇ .،  نېمىلا بولمىسۇن ، مەن قۇربان دىرېكتور بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇنىڭ بۇنداق قىلىش قىلىشىغا توسساممۇ تازا ياخشى بولمايدۇ .  مېنىڭچە باش شىركەتتىكى سەمەت دىرېكتورىمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپتى بەلكىم كېلىشى مۇمكىن .   ئەرافات رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا:

- تۇتۇق دادام قاچان كېلىدۇ!؟ ئەرافات تۇتۇق دادام كېلىدۇ دېگەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى ، شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى ، قۇربان سەل بىئاراملىق ھېس قىلدى .  ھەي ، بۇ كىچىك سولتەك ئەجەب ئامراق ئىكەن ، سەمەت دېرىكتورغا .قۇربان  سەل  ھەسەت  قىلغان ئىدى ،  قۇربانمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي  تۆۋەن ئاۋازدا:  

-بەلكىم سىلەر ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشىڭلار مۇمكىن ، شاڭخەي تەرەپكە سەمەت دىرېكتور ۋاقتىنچە كېلەلمەيدىغان بولدى، بۇ يەردىكى بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ماڭا تاپشۇردى ،مەن سىلەرنىڭ  ھالىڭلاردىن  خەۋەر  ئالىمەن .

ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان رەنا بىلەن ئەرافات ھاڭ تاڭ قالدى.

- نېمىشقا ،نېمە سەۋەبتىن ئۇ كېلەلمەيدىكەن ؟  -رەنانىڭ قىياپىتىدىن جىددىيلەشكەنلىكى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى .  نەچچە يىللاردىن بۇيان سەمەت دىرېكتور راستتىنلا بۇئۈچەيلەنگە  شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئىدى .،  ئۇ سەمەت دىرېكتورنىڭ نېمە ئۈچۈن كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىدى ، بەلكىم قىزى سۈرىيە ئاغرىق   ئېغىر بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن دەپ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى .  ئەجەبا سۈرىيەنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك مىدۇ ؟  رەنا ئىنتايىن جىددىيلەشكەن قىياپەتتە قۇربانغا قارىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى غەزەپ ئوتلىرى چاقنايتتى  .  قۇربان بۇ ۋاقىتتا:

ھەي ، بۇ سەمەت دىرېكتور رەنا ئۈچۈن شۇنچە (مۇھىممۇ؟ كىچىك سولتەكنى دېمەيلا قوياي ، ئۇنى كىلەلمەيدۇ دېسەم ، رەنامۇ شۇنچىلىك جىددىيلىشىپ كەتتى. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ قاپىقى سەل تۈرۈلدى.

ئۇ سەل ئۆزىنى ئوڭشالغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى دە، مەنمۇ ئېنىق ئۇقمايمەن ، سەمەت دىرېكتورنىڭ كاتىپى بىزگە سەمەت دىرېكتورنىڭ ئۆيىدە ئازراق ئىش چىقىپ قالغانلىقتىن كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى .سىز پەقەت سەمەت دىرېكتورنىڭ بىر لايىھىلىگۈچى خالاس خالاس ، قانداقمۇ سىز ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرىدىن مۇھىم بولىسىز؟ قۇربان ئۆزىنىڭ بۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئۆيلاپمۇ باقمىغان ئىدى .  لېكىن يەنىلا ئۆزىنى توختىۋالالماي ، بۇ گەپلەرنى ئېغىزىمدىن چىقىرىپ سالدى .  بۇ ۋاقىتتا ، ئەرافات قاپىقىنى تۈرگىنىچە ، قۇربانغا ۋارقىراپ  :

- سەمەت دادام سەندىن مىڭ ياخشى . سەمەت دادام بولسىلا ئاپامغا ھېچقانداق زىيان زەخمەت يەتمەيدۇ .  ئۇنىڭ ئۈستىگە ، بىز سەمەت دادام بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ، پەقەت ئاپام قوشۇلسىلا ، سەمەت دادام مېنىڭ يەنە دادام  بولىۋېرىدۇ .

قۇربان سەل ھەيران بولۇپ :

- سەمەت دېرىكتور سېنىڭ تۇتۇق داداممۇ ؟ ئەمىسە سېنىڭ ئۆز داداڭ يوقمۇ ، سەن خالىغانچە ئادەمنى تۇتۇق دادا قىلىۋالساڭ بولامدۇ .؟! سىنىڭ  ئوز  داداڭ  ئۇلۇپ كەتكەنمۇ ؟

قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئەرافات ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قۇربانغا بىر ۋرقىراپلا كۆز ياشلىرى ئېقىپ چۈشتى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئاققىنچە قۇربانغا  غەزىپى بىلەن قاراپ تۇراتتى .

قۇرباننىڭ داداڭ  ئۆلدىمۇ  دىگەن گىپى  ئەرافاتنىڭ بەك  ئاچچىقىنى  كەلتۇرۋەتكەن ئىدى ،رەنامۇ ھاڭ  تاڭ تۇرۇپلا  قالدى ،ئەرفات :

-سەن؟-دىدى ئاچچىقىنى باسالماي . رەنامۇ جىم تۇرۇپ  قالدى ، ئۇ  ئەزەلدىن   ئەرافاتنىڭ قۇربانغا بۇنداق  مۇئامىيلە  قىلشىنى  ئويلاپ  باقمىغان ئىدى ،دىمەك  ئەرافاتمۇ ھەممە  ئىشلاردىن  خەۋرى  بولىشى  مومكىن  ،بولمىسا  ئۇ  قۇربانغا  بۇنداق   ئۆچى باردەك  موئامىيلە  قىلامدۇ ؟رەنانىڭ  پۇتۇن بەدىنى سوغوق  تەرلىگەندەك  بولدى .ئۇ  نىم دىيشىنى  بىلەلمەي   ئەرافاتقا  قاراپ  تۇردى . بۇۋاقىتتا  ئەرافات  پەرىدەنى بىر ياققا  ئىتتىرۋەتكەندىن كىيىن ،  سىرتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى .  رەنا « ئەرافات» دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭاي دېيىشىگە تاس قالدى كارۋاتتىن يىقىلىپ چۈشكىلى. ھەر نېمە بولسا قۇربان ئۇنى يۆلىۋالغان ئىدى .  بۇ ۋاقىتتا پەرىدە ، يەنە ئاچچىقىدا قۇربانغا ئالىيىپ تۇرۇپ:

- قۇربان دېرىكتور خىلى  بىڭسىڭىز بار ئىكەن ! كىچىك بالىنىمۇ بوش قويماي  بوزەك  قىلىدىكەنسىز ، سىز تېخى  يەنە خىيالى  ،ھىچ ئىش  بولمىغاندەك تۇرسىز؟ -پەرىدە گېپىنى دەپ بولۇپلا  ئەرافاتنىڭ  كەينىدىن  چىقىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغانىدى ، بولۇپمۇ بايا داداڭ ئۆلۈپ كەتتىمۇ دېگەن گېپىنى دەپ بولۇپ ئۇنىڭ كۆڭلى بىر خىل يېرىم بولغان ئىدى .

ئەگەر بۇ راستتىنلا ئۇنىڭ بالىسى بولۇپ قالسا ، قۇربان مۇشۇلارنى ئويلاپ يەنە ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى . قۇربان بۇرۇندىن باشقىلاردىن ئاز كەچۈرۈم سورايتتى ، لېكىن بۇ قېتىم رەنادىن نەچچە قېتىم كەچۈرۈم سورىدى،ھەمدە  ئوڭايسىزلانغان ھالدا:

-كەچۈرۇڭ ،مەن  راستىنلا  مەخسەتلىك  دىمگەن ئىدىم ،-دىدى .رەنا  بىشنى  لىڭشىتىپ  قويدى ،لىكىن باشقىچە  ئىپادە  بىلدۇرمىدى ،بىر  ئاز  ئوتكەندىن كىيىن :

-ھېچقىسى يوق  ،ئۇنىڭ  دادىسى  بۇرۇنلا  ئۆلۇپ كەتكەن،-دىدى  رەنا  چوڭقۇر ئاھسىنۋەتكەندىن كىيىن.رەنانىڭ گىپى  خۇددى ئۇنىڭ  يۇرىكىنى  پىچاق  بىلەن  تىلغاندەك  بولدى ،

-ئۆلدى ؟ نىمشقا ئۆلۇپ  كەتتى؟ -دىدى  قۇربان  ئەجەبلىنىپ ،ئۇ  بۇنداق  سوراشنى  ئويلاپ  باقمىغان ئىدى لىكىن تۇيۇقسىز  ئوزىمۇ  سەزمىگەن ئاغزىدىن  چىقىپ  كەتكەن ئىدى ،   قۇربان ئىلگىرىكى بەش يىلقى ئاۋالقى ئىشلارنى رەنادىن شۇنداق سورىغۇسى بار ئىدى ، نۇرغۇن سوئاللار ئۇنىڭ كاللىسىدا يېغىپ تۇراتتى ، لېكىن كۆز ئالدىدا ياتقان رەنانىڭ ئۆزىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايتتى . رەنانىڭ پەقەت پاراڭلاشقۇسى يوق ، ئاغزىنى يۇمۇۋالدى .  ھەمدە قۇربانغا:

- قۇربان دېرىكتور مەن بەك چارچاپ ، قالدىم ئارام ئالاي ، ئەگەر سىزنىڭ ئىشىڭىز بولمىسا قايتىپ كېتىڭ ،مېنى دوختۇرخانىدىكى ئالاھىدە سېستىرالار كېلىپ كۇتسۇن ، ھازىرقى ئەھۋالدا مەن شىركىتىڭىزگە بېرىپ خىزمەت قىلالمايمەن .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

قۇربان بۇ ۋاقىتتا :

-ھېچ ۋەقەسى يوق ، سىز سىز بىزنىڭ شىركەتتە يارىلاندىڭىز ، مەن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشىم ھەقلىق !؟- قۇربان شۇنداق دېگىنىچە رەنانىڭ كارىۋات بېشىغا كېلىپ ئولتۇردى .  ھەمدە: سىز ئارام ئالسىڭىز بولىدۇ ، مەن سىزنى توسمايمەن . لېكىن بۇ تاماقنى يەۋېتىڭ  ،مەن سىزگە ئالايىتەن  ئەتتىم ،سىز ماڭا ئۆچ بولسىڭىزمۇ تاماقنى يىمىسىڭىز بولمايدۇ ،-  قۇربان شۇنداق دېگىنىچە بىر قوشۇقتىن ئېلىپ رەناغا ئىچكۈزدى ، تاماقتىن چىققان قۇيۇق  ھور رەنانىڭ ئىچىنى سىقىۋەتكەن ئىدى ، ئۇ ياندۇرىۋەتكىلى تاسلا قالدى :

-نىمە بولدىڭىز؟-دىدى قۇربان  جىدىيلىشىپ ، ئۇ  رەنانىڭ دۇمبىسىگە يىنىك ئۇرۇپ  قويدى ،  رەنا  بۇرنىنى  تۇتقۇنچە  قۇربانغا  «تاماقنى نىرى  ئاپىرىڭ» دەپ  ئىشارەت  قىلدى ، قۇربان  رەنانىڭ  مەخسىتىنى  چۇشەنمىسىمۇ  لىكىن  ئۇنىڭ  دىگىندەك  قىلدى ،   توخۇ گۆشىنىڭ پۇرىقى ئەتراپقا تارالغاندىن كېيىن ، رەنا سەل ئەسلىگە كەلگەندەك بولدى .  قۇربان رەنانىڭ قورسىقى ئاچلىقىغا چىدىماي ، ئاشخانىغا بېرىپ ، ئۇنىڭغا شوۋىگۈرۈچ  ئىلىپ كىلەي دەپ  ئويلاپ چىقىپ كەتتى .  قۇربان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن رەنا ئەمدى ئۇ قايتىپ كەلمەيدۇ دەپ سەمەت دىرېكتور ۋە قىزى سۈرىيەنىڭ ئىشلىرىنى ئويلاپ تۇرغاندا ، ئويلىمىغان يەردىن قۇربان يەنە كەلدى .،  رەنانىڭ تېلېفونى ئىزچىل ئېتىك ئىدى.  قۇربان كىرىپلا رەناغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا شوۋىگۈرۈچ ئۇسۇپ بەردى .  ھەمدە مېھرىبانلىق بىلەن :

-تاماقنى جىقراق يەڭ ، سىزدىن كۆپ قان چىقىپ كەتتى ، ھەم ئوڭ پۇتىڭىزنىڭ سۆڭىكى زەخمىلەندى ، ياخشى ئوزۇقلانسىڭىز سالامەتلىكىڭىز تېز ئەسلىگە كېلىدۇ .-  بۇ قېتىم رەنا قارشىلىق بىلدۈرمىدى  ھەمدە ئۇ ئۇسۇپ بەرگەن شوۋىگۈرۈچنى ئىچىشكە باشلىدى .  ئۇ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن قۇربانغا:

- قۇربان دېرىكتور ، ئەمدى سىز كەتسىڭىز بولارمۇ ؟ ھازىر مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ دەم ئالىدىغان ۋاقتى رەھمەت. ھازىر رەنا قۇربانغا خۇددى يات ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلغان ئىدى .  قۇربان رەنانىڭ قولىدىكى تاماق قاچىسى ۋە قوشۇقنى جوزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كەلدى دە ، رەنانىڭ قېشىغا كېلىپ ، ئۇنىڭ ئىككى قولىنى تۇتتى .    ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى ، ھەمدە يۈزىگە سۆيۈپ قويۇش ئۈچۈن ئېغىزىنى  ئەكەلگەن  ۋاقىتتا .،   رەنا ناھايىتى بىئاراملىق ھېس قىلدى ۋە تېز سۈرەتتە بېلىكى ئارقىلىق ئۇنى توسۇۋالدى  ھەمدە ئاچچىقىدا :

-قۇربان دېرىكتور بۇ سىزنىڭ نېمە قىلغىنىڭىز ؟

قۇربان دەل بۇ ۋاقىتتا ئېغىز ئاچتى :  

سىزنىڭ ماڭا ئۆچلىكىڭىزنى بىلىمەن ، بىز بۇرۇن تونۇشاتتۇق ،شۇنداقمۇ ؟ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ، رەنانىڭ كۆزىگە قاراپ تۇراتتى . قۇربان مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ شۇنچىلىك سالاپەتلىك ، جەلپ قىلارلىق ئىدى ،  لېكىن ، ئەپسۇس ، كۆز ئالدىدىكى بۇ رەنا ئىلگىرىكى رەنا ئەمەس ئىدى .  رەنا سەل ئۆزى ئوڭشالغاندىن كېيىن:

- قۇربان دىرېكتور چاقچاق قىلىۋاتامسىز ؟ مەن قانداقمۇ سىزدەك  بىر گۇرۇھنىڭ دىرېكتور بىلەن تونۇشىمەن ؟  رەنا شۇنداق دېگىنىچە   ئارلىق  ساقلاش ئۇچۇن قۇرباننى كەينىگە ئىتتىردى ، لېكىن قۇربان قېيىشقاندەك قەستەن ئۇزىنى ئالدىغا ئىتتىردى .  ئۇلارنىڭ ئارىلىقى بىر سانتا ئىدى،  قۇربان يەنە ئېغىز ئاچتى ، نېمە بىز دەرۋەقە بۇرۇن تونۇشمامدۇق ؟  سىزنىڭ ماڭا بولغان  ئۆچمەنلىك نەزەرلەر ۋە كۆز  ئىپادىسى  قەيەردىن كەلدى ؟! ماڭا ئۇنداق ئەمەس دېيەلەمسىز ؟ مىنى  كور  كورمەڭ ؟  قۇربان شۇنداق دېگىنىچە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ رەنا قارىدى ، رەنانىڭمۇ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى .رەنا  كوڭلىدە   نەچچە  يىلنىڭ  ياغى  مەن ئۇنى  كورمىسەم  ئۇ قانداقمۇ  باشقا  ئايال  بىلەن  بۇنچە  يىقىن  تۇرۇپ  گەپلىشىدۇ ؟ ئۇ سەل  ئۇزىنى  ئوڭشىۋالغاندىن كىيىن  ، قۇربان  دىرىكتۇر ؟ ئىسىڭىزدە  بولسۇن  سىزنىڭ  قىز دوستڭىز  مىنى  شىركىتىڭىز ئالدىدا  سەتلەشتۇرگەن ،  يەنە تېخى سىز ئۆزىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ مېنىڭ كىيىمىمدىن تارتتىڭىز !  ئەمدى قوپۇپ  كارۋات ئۈستىدە مېنىڭ مىدىرلاتقىلى قويماي تۇرىۋاتىسىز ، مۇشۇنداق  ئەدەپسىزلىك  قىلسىڭىز مەن سىزگە ئۆچ بولماي قالارمەنغۇ ! رەنا  قاپىقىنى تۇرگۇنچە  قۇربانغا  قاراپ تۇراتتى ،ئۇنىڭ بۇرۇنقى  ئازابلىق  كۇرنۇشى  چىرايىدىن  مانا  مەندەپلا    چىقىپ تۇراتتى ،قۇربان  نىم دىيشىنى بىلەلمەي  رەناغا  قاراپ  تۇراتتى. ئۇنىڭ  ئىككى  قۇلى  يەنىلا  رەنانىڭ ئىككى  بىلكىنى  چىڭ  سىقىپ تۇراتتى ،قۇربان  جىدىيلەشكىنچە  ئۇنىڭدىن تىنىپ  چىققان ئىسسىق  ھاۋا  رەناننىڭ  يۇزىگە  يىنىك  ئۇرۇلدى  .بۇ ۋاقىتتا رەنا مۇ  سەل  جىددىيلىشىپ  كەتكەن ئىدى ،ئۇ سەل ئىسىگە كەلگەندىن كىيىن :

-سىز زادى نىم  قىلماقچى  قۇربان  دىرىكتۇر ، بۇ  دىگەن دوختۇرخانا  سەل  ئۇزىڭىزنى  بىسۋالسىڭىز  بولارمىكىن ؟    

رەنا نىڭ گىپى ناھايىتى  تىترەك  ئارلاش  چىقاتتى ، رەنا  قۇربانغا  چىش  تىرنىقىغىچە  ئۆچلىك  قىلاتتى  ، ئۇنىڭ  بۇنداق  يىقىنچىلىق  قىلىشى  ئۇنىڭ تىخىمۇ كوڭلىنى ئىلىشتۇرۋەتكەن ئىدى ،لىكىن  بۇ ۋاقىتتا  قۇربان  يەنىلا رەنانىڭ  ئالدىدا  بىشىنى  تۇۋەن تۇتقىنچە پەسكە  قاراپ تۇراتتى.


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k