
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 39 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 37 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
38 - قىسىم
رەنا تېلېفوننى قويۇۋېتىشكە، قۇربان قوناق ئۇنى ئۇمىچىنى تەييارلاپ ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىردى .
-قۇربان، قولىڭز نىمدىگەن ئەپچىل . چوڭ گوروھنىڭ باشلىقى تۇرۇپ تاماق ئىتەلەيدىكەنسىز ؟
-مىنى ماختاپ ئۇچۇرىۋەتتىڭىزغۇ قىنى تىتىپ بىقىڭە! دىگىنچە تاماقنى رەناغا سۇندى رەنا بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن ئۇماچنى ئىچىشكە باشلىدى . بىر دەمنىڭ ئارىلىقىدا ، ئۇ ئۇماچنى ئىچىپ بولدى دە:
-رەخمەت قۇربان دىرىكتۇر .
قۇربان تاماق قاچىسىنى ئېلىپ ئاشخانىغا كىرىپ، قازان قومۇشنى يۇيۇشقا باشلىدى .شۇنىڭ بىلەن بىردەمدىلا كەچ بولۇپ كەتتى .قۇربان رەنانىڭ ھۇجىرسغا كىرشىگە رەنا :
- قۇربان دېرىكتور ، مەن ئەزەلدىن ئۆزۈم يالغۇز يېتىپ ئادەتلەنگەن ، سىز باشقا ھۇجۇرىدا ياتسىڭىز.
قۇربان ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ،كۆڭلى سەل بىئارام بولدى. سىرتقا چىقىپ مېھمانخانا ئۆيدىكى سافادا يېتىشقا باشلىدى .خوجىدار ئايال بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى بىئارام بولدى. ئۇمۇ ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇخلاپ يېتىپ قالدى .ئەتىسى خوجدار ئايال سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاشقا باشلىدى . ئەتىگەندە ياردەمچى روزى قۇربانغا شىركەتتە مۇھىم ئىش بار دەپ ئىيتقاچقا ، ئۇ ناشتىلىق قىلمايلا چىقىپ كەتتى . رەنامۇ قۇربانىڭ قاچان چىقىپ كەتكەنلىكىنى سەزمىگەن ئىدى ، ئۇمۇ سەھەر تۇرۇپ سۇخانا ئۆيگە كىردى -دە ، يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ ناشتىلىق قىلىشقا تەييار بولدى . ئۇ خوجىدار ئايالغا سالام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ،ناشتىلىق يېيىشكە باشلىدى . غوجىدار ئايال ئۇنىڭ سالىمىنى ئېلىك ئالماستىنلا ،تاماق يىيىشكە باشلىدى. بىر ئازدىن كېيىن، ئىشىكنى بىرسى چەكتى .خۇجىدار ئايال بىرىپ قارىسا ،قادىر ئوڭ قولىدا قىزىلگۈل تۇتقانچە كۈلۈمسىرەپ ،سوفىيەنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئيىتتى .
رەنامۇ ئۇنى كۆرۇپ بەكلا خوش بوپ كەتتى .ھەم ناشتىمۇ قىلماي، قادىر بىلەن ،خۇجىدار ئايالنىڭ توسقىنىغا قارماي چىقىپ كەتتى .خۇجىدار ئايالنىڭ تىخىمۇ ئاچچقى كىلىپ قۇربانغا تىلفۇن قىلدى :
- ۋەي ،خوجايىن .رەنا ھىلقى قادىر ئەپەندىم بىلەن سىرىتقا چىقىپ كەتتى .
سز ...سىز .قانداقمۇ بۇنداق ئايالنى بۇ ئائىلگە قەدەم باسقۇزسىز ؟ ئۇ ھامان بىر كۇنى بىزنىڭ ئائىلىنىڭ يۇزىنى تۆكىدۇ. خوجىدار ئايالنىڭ ئاۋازى يىغلامسىرىغاندەك چىقاتتى . قۇربان ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاچچىقنى قىرىق گەز ئۆرلەپ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتتى .شۇنداق تۇتىۋالغان ھالدا :
-ھېچقىسى يوق .سىز ئۆز ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ ، بۇ ئىشلارنى مەن ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلاي دەپلا تىلفۇننى قۇيۋەتتى
قۇربان ئاچچىقىنى سەل بېسىۋېلىپ ،قادىرغا تېلېفون قىلدى -دە :
-ساڭا ئېيتىپ قوياي ،دەرھال سوفىيە خېنىمنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوي ! بولمىسا مىنىڭدىن ياخشىلىق كۆرمەيسەن ؟-دىدى ئاچىقلاپ . بۇ ۋاقىتتا ئۇلار بىر رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىغا ئورۇنلىشىپ تاماق بۇيرىتىۋاتاتتى .قادىر ياندۇرۇپلا :
-قۇربان بولدى قورىقما ؟ سەنزە، سوفىيە خېنىم سېنىڭ ئائىلەڭدىلا تۇرسا ، مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلمايدىكەنمەندە. ئۇنتۇپ قالما بىز ئىككەيلەن ناھايىتى يېقىن ياخشى دوست . يەنە كېلىپ ، بۇ ئايال شۇنچە چىرايلىق ، قابىلىيەتلىك تۇرسا ، قايسى بىر ئەر كىشى ئۇنىڭغا قىزىقمايدۇ .ئۇ يا سەن بىلەن توي قىلمىسا ، ئەلۋەتتە ئۇ سىنىڭ خوتۇنۇڭ ئەمەستە ،مىنىڭ ئۇنى قوغلىشىش ھوقۇقۇم بار دەپ ئويلايمەن.
.ئۇ شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويىۋەتتى .ئارقىدىنلا تېلېفوننى ئېتىۋەتتى .
قۇرباننىڭ ئاچچىقى تىخىمۇ كەلدى -دە دە ،ئۇستەل ئۇستىدىكى نەرسە كىرەكلەرنى يەرگە ئىتىۋەتتى .خۇجىدار ئايال رەنانىڭ قىلقىغا چىدماي مۇنىرەگە تىلفۇن قىلدى:
-مۇنىرە خىنىم ، سىزگە دەيدىغان مۇھىم گېپىم بار. خوجايىن يېقىندىن بۇيان. سوفىيە ئىسىملىك لايىھىلىگۈچىنى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۋاتىدۇ ، ئۇ سىزنىڭ نەرسە كېرەكلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى يىغىشتۇرىۋەتتى .سىز كىلىپ بۇ ئايالنىڭ ئەدىبىنى بەرگەن بولسىڭىز . بۇ ئايالنىڭ قىلقىغا بىز چىداپ بولالمىدۇق ،-دىدى ھەم تىلفۇننى بىسۋەتتى . مۇنىرەنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ كەتتى . ئۇ ئۆزىدىن باشقا ، قۇرباننىڭ يەنە باشقا بىر ئايال بىلەن بىللە تۇرۇشقا چىدىمايتتى . ئۇ قاچاي دىسىمۇ قۇربان تەرپىدىن داچىغا سولاپ قۇيۇلغان ئىدى .ئۇڭ كوڭلىدە بىر پىلان تۇزۇپ بۇ قەپەستىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى ئويلىدى .
رەنا بىلەن قادىر خۇددى ئاشىق مەشۇقلاردەك شۇنداق قىز غىن پارىڭلشىۋاتاتتى. تاماق ئارلىقىدا قادىر ئىغىز ئاچتى :
-سوفىيە خىنىم سىز شۇنچە قابىليەتلىك تۇرۇپ نىمىشقا قۇربان بىلەن بىللە تۇرۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟سىزگە مەندەك شوخ يىگىتلەر بار تۇرسا ،-دىدى چاقچاق قىلىپ .رەنا مىيىقىدا كۇلۇپ قۇيۇپ :
-ئۇ مىنىڭ ئۆيۇم ئەمەس .قۇربان دىرىكتۇر مىنى زورلاپ تۇرغۇزدى .
مىنىڭ بىر ياخشى تەكلىپىم بار ، ئاڭلاپ باقامسىز !
-ھە ماقۇل .
بىلەمسزكى قۇرباننىڭ بىر يەككە ئارال ھەربىي بازىسى بار. ئۇ ئوي خىزمەتچىلىرى ئۆزىگە ئىشەنچىلىك خاس ئادەملىرىنى مەشىق قىلدۇردۇ . بىز بىللە بىرىپ كىلەيلى .رەنا ئەزەلدىن بۇنداق جاينى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى .لىكىن دوستى پەرىيدە ئوغلى ئەرفاتنى كۆرۇپ بىقىش يۇزىسىدىن قادىرنىڭ گىپىگە قۇشۇلدى .شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر تەرەپتىن تاماق يىگەچ بىر تەپتىن پاراڭلاشقاچ كەش بۇلۇشقا ئاز قالغانلىقىنى سەزدى .ھەم ئۆيگە قايتىپ كەتتى .قادىر ئۇنى قۇرباننىڭ ئائىلسگە ئاپرىپ قويدى .ئىشىك تۇۋدە خوجىدار ئايال بۇلارنى ساقلاپ تۇرغان بۇلۇپ ، ئىكىسنىڭ بىللە كەلگەنلىكىنى كۆرۇپ ئىچىدە رەنانى مىڭنى تىللاپ كەتتى.
رەنا چاقلىق ھارۇۋنى ھەيدەپ ئۆيگە كىردى .قۇربان ئۇستەل يىندا قاپىقنى تۇرگىنچە قاراپ ئولتۇراتتى .
-قەيەرگە باردىڭىز ؟ -دىدى ئۆزىنى بىسۋىلىپ .
-دوستۇم بىلەن تاماق يەپ كەلدىم .سىز مىنىڭ بۇ ئەركىنلىكىمنىمۇ توسمايدىغانسىز !دىدى . رەنا گەپ ياندۇرۇپ .
-ھە بوپتۇ !
-چارچاپ قالغانسىز ،بالدۇراق ئارام ئىلىڭ .دىگىنچە قۇربان رەنانى ھۇجۇرسىغا ئەكرىپ كەتتى . رەنا ھۇجىرىغا كىرىپلا قۇربانغا :
-سىزنىڭ بۇ خوجىدار ئايال ماڭا پەقەت ياخشى مۇئامىيلە قىلمىدى .سىز مەخسۇس ،مىنىڭلا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىغان ئادەمدىن بىرنى تىپىپ بەرسىڭىز دىدى .
رەنا ئۇنىڭغا ھىچقانداق چۇشەندۇرۇش بەرمەي تىخى بۇ تەلەپنى قويدى . لىكىن ، قۇربان ئارتۇق گەپ قىلماي ئۇنىڭ تەكلىپىگە قۇشۇلدى .ھەمدە ھۇجىردىن چىقىپ ھايال ئوتمەي . ئۆز
ئۆيدىكى بىر ئايال خىزمەتچى ،سەمىرە ئىسلىك بىرقىزنى رەنانىڭ ھۇجىرىغا باشلاپ ئەكىردى. بۇ قىز ئۆزى يۇملاق چاچلىرى بۇدرە 16ياشلار چامىسىدكى قىز ئىدى .ھەمدە رەناغا
-بۇنىڭدىن كىيىن بۇ قىز سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدۇ !
رەنا سەل ھاڭ تاڭ قالدى . ھىشنىمە دىمەي قاراپ تۇراتتى :
-ئاچا ياخشىمۇ ،مىنىڭ ئىسمىم سەمىرە . بۇنىڭىدىن كىيىن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن.
ئۇنىڭ گەپلىرى شۇنچىلىك تاتلىق ئىدى ، رەنا ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ :
-ماقۇل،-دىدى.
رەنا ئۆزىنىڭ سەل ئاشۇرۋەتكەنلىلىنى ھىس قىلسىمۇ ،لىكىن ،قۇربانغا بولغان نەپرىتى ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەس ئىدى .قۇربان سەمىرەنى سىرىتقا چاقىرىپ ئاچىقىپ كەتتى -دە ،ئۇنىڭغا : -ئىسىڭىدە بولسۇن ،سوفىيە خىنىمنىڭ ئەھۋاللىرىنى ماڭا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ تۇرسەن ؟چۇشەندىڭمۇ؟ ماقۇل خوجايىن . سىزنىڭ دىگنىڭىزچە بولسۇن . ئۇ رەنانىڭ ھۇجۇرسغا كىرىپ كەتتى.ئەتىسى قۇربان يەنە ناشتا قىلماستىنلا ئالدىراپ شىركەتكە كەتتى .رەنا ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە، ئۇ ئالىقاچان مىڭىپ بولغان ئىدى .رەنا ناشتىلىق يەپ بوپ تىلفۇننى چىقاردى -دە قۇربانغا تىلفۇن قىلدى …
-سىرىتقا چىقىمەن. بەلكىم ،كەچتە قايتىپ كىلەلمەسلىكىم مومكىن . دەپلا تىلفۇننى قۇيۋەتتى .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
- قادىر ئىككىلەنمەيلا، سوفىيە خېنىم ئۆيدە بارمۇ ؟خاپا بولماي چاقىرىپ قويغان بولسىڭىز ؟ سەمىرە «ماقۇل »دەپ بېشىنى لىڭشىتىپ كىرىپ رەنانى چاقىردى .
ئاڭغىچە رەنامۇ جابدۇنۇپ بولغان ئىدى . ئۇ خوجىدار ئايالغا دەپمۇ قويماي قادىر بىلەن چىقىپ كەتتى .قادىر ئۇنى ماشنا بىلەن ئايرۇپىلان تەرەپكە ئاپاردى .رەنانىڭ پۇتكۇل خىيالى دوستى پەرىيدە ھەم ئوغلى ئەرفاتتا ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىردەمنىڭ ئارلىققىدا ئايرۇدۇرۇمغا كىلىپ قالدى.ئۇلار رەسمىيەتلەرنى بىجرىپ بولۇپ ئايرۇپىلانغا چىقتى . رەنا ئايروپىلانغا چىقىپ پەقەت خاتىرجەم ئولتۇرالمىغان ئىدى. خۇددى كۆڭلىدە بىر ئىش بولغاندەك قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ئاددىي ئەمەستەك ھېس قىلاتتى .
قادىر ئىھتىيات بىلەن ئايرۇپىلاننى ھەربىي بازا تەرەپكە قاراپ ھەيدەپ ماڭدى . ئۇ سوفىيەنىڭ كۆڭلىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ :
- ئوي گۇزەل قىز ،نىم بولدىڭىز ؟ قىشىڭىزدا بىر كېلىشكەن يىگىت تۇرسا، ئەجەبا دىققىتىڭىزنى تارتالمىدىممۇ؟ نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز ؟
-مىنىڭ تۇنجى قىتىم شەخسى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرشۇم سەل جىددىلشىۋاتىمەن شۇ ! قۇرباننىڭ ھەربىي بازىسىدا مېنىڭ ئوغلۇم ۋە دوستۇم مەشىققە قاتنىشىۋاتىدۇ .
قادىر ھەيران قالدى !
-«مېنىڭ ئوغلۇم ؟» ياندۇرۇپ سوردى . سىز توي قىلغانمۇ ؟ سىزنىڭ بالىڭىز بولسا، قۇربان نېمىشقا سىزنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە باشلاپ ئاپىرىدۇ ،ياكى بولمىسا ، سىز قۇربان بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنمۇ ؟
قادىرنىڭ سوئاللىرىغا ، رەنا يېتىشەلمەي قالدى . قادىر ئايروپىلاننى ھەيدەۋاتقاچ، تىترەپ رەنانى قورقۇتىۋەتكەن ئىدى .رەنا:
- جىق گەپ قىلماي ، ئايروپىلانىڭىزنى ياخشى ھەيدەڭ . مەن بۇ ئېگىز يەردىن پەسكە چۈشۈپ كېتىشنى پەقەتلا خالىمايمەن . مەن تېخى ئوغلۇمنى كۆرمىدىم -؟دىدى .رەنا چاقچاق قىلىپ ، قادىر بولسا خىيالى ھالدا:
-خاتىرجەم بولۇڭ ، مېنىڭ ئايروپىلان ھەيدەش تېخنىكام خېلى ئۈستۈن . مەن بۇرۇن ھاۋا بوشلۇقتىكى ھەربىي ئەسكەر ئىدىم . ئۇ يەردىكى تۈزۈمنى ياقتۇرمىغاچقا چىكىندىم .
- ھاۋا بوشلۇقى ئەسكىرى بولماق ھەقىقەتەن تەس. -دىدى رەنا .
ئۇ «شۇنداق »دېگىنىچە ، ئايروپىلاننى بىر ئېگىزلەپ ، بىر پەسكە چۈشۈرۈپ ، رەنانى قورقۇتۇۋەتتى . رەنا ، ئۇنىڭ توختىماي ، ئۆزىنى ماختاپ ئايروپىلاننى قالايمىقان ھەيدەشلىرىدىن بىزار بولۇپ :
-سىز ئەڭ ياخشىسى ئايروپىلاننى ياخشى ھەيدەڭ .ئەگەر ياخشى ھەيدىمىسىڭىز بۇنىڭدىن ، كېيىن سىز بىلەن كۆرۈشمەيمەن ،-دىدى ئاچىقلىنىپ .
- ھەي ، مەن تېخى سىزنى يۈرىكى خېلى چوڭ دەپ ئويلاپتىمەن. سىزنىڭ بۇنچە قورقۇپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەپتىمەن . ماقۇل ، ماقۇل ، مەن ياخشى ھەيدەي .
رەنا بولسا قورققىنىدىن ئورۇندۇقنى چىڭ تۇتۇپ بىخەتەرلىك تاسمىسىغا مەھكەم ئېسىلىۋالغان ئىدى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



