
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 29 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 27 |
26 |
25 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
28 - قىسىم
قۇربان ھەيران قالدى ، بۇ زادى نىمىش؟ شۇندىلا ئۇ مۇنىرەنىڭ چاتاق تىرىغانلىقىنى ھىس قىلدى ،- دەرھاللا مۇنىرەگە تىلفۇن قىلدى :
-ۋەي سەن نەدە ؟
-قۇربان، مەن ئۆيگە قاراپ كىتىپ بارىمەن . سىز بېلىق شورپىسغا ئامراق ئىدىڭىزغۇ ؟ مەن بېلىق سىتۋىلىپ تاماق قىلاي چۇشتە بىللە تاماق يەيلى . فۇرقەتمۇ ئامراق بىر ئائىلە كىشىللىرى بىللە تاماق يەيلى ،-مۇنىرە شۇنداق خۇشال بولۇپ دەۋاتاتتى .
لېكىن قۇربان تەلەپپۇزىنى قۇپال قىلىپ :
-سەن بايا دوختۇرخانغا باردىڭما ؟ مۇنىرە بىرنى كۈلۇۋىتىپ :
-شۇنداق ئۇنى كۆرگىلى دوختۇرخانىغا باردىم بولماپتىمۇ؟ ئۇ شۇنچە چوڭ كىلىشمەسلىككە ئۇچۇردى ، قاراپ تۇرۇپ ئۇنى يوقلاپ قويمىسام بولماس توغرىمۇ؟
-ئەمسە سەن ئۇنى كۆرگىللا باردىڭما ؟ قۇرباننىڭ تەلەپپۇزى بەكلا قۇپال ئىدى مۇنىرە سەل جىدىيلىشىپ كىكەچلىگەچ :
- شۇ شۇنداق ، مەن يەنە ئۇنى نىممۇ قىلالايتىم ؟
-مۇنىرە ، مەن ساڭا دەپ قۇياي ، ئەگەر سەن ئۇنىڭغا بىرەر ئىش قىلغان بولساڭ، سەن ماڭا يۇز خاتىر قىلمىدى دەپ رەنجىمە! ھازىرلا قايتىپ كەل ، مىنىڭ رۇخسىتىمسىز تالاغا چىقما ؟ھىچ يەرگە بارما !- ئۇ گىپىنى دەپ بولۇپلا تىلفۇننى قۇيۋەتتى. ھەمدە چاپىننى سىلىپ ئاساي دەپ تۇرشىغا : ئەرفات فۇرقەتنىڭ ھۇجۇرسىدىن كارىدۇرغا يىنىپ چىقتى.
-سەن كېتەمسەن ؟
قۇربان ، ئەرفاتقا كۆز قىيمىغىنچە قاراپ تۇراتتى . قۇرباننىڭ كەيپىياتىمۇ سەل ياخشى ئەمەس ئىدى . چۈنكى ، ئۇنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇنلىغان ئوي-پىكىر ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى . قېرىشقاندەك ئۇ ئۆزى تاپشۇرغان ئىشتىن نەتىجە چىقمىغانلىقتىن ئالدىراپ قالغانىدى . چىقىش چقماسلىقى بىلەن بەرىبىر . كۆڭلىدە ئالدىدا تۇرغان ئەرفاتنى ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكىگە ھۆكۇم قىلىپ ئۇلگۇرگەنىدى .
بولمىسا ئەرفات ئۇنىڭغا نېمىشقا بۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ ؟ ئۇ ھەر قېتىم ئەرفاتنى ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئويلىسا ، كۆڭلى بىر خىل خاتىرجەم بولاتتى . ئەرفات قۇرباننىڭ قولىدىكى چاپىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭمۇ سىرتقا چىقماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدى -دە ، ئاستاغىنە ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى . شۇ ئەسنادا فىرقەت ھۇجرىسىدىن يۈگرەپ چىقتى -دە جىددىيلەشكىنىچە ئەرفاتقا !
-ئەتە سەن يەنە مېنى كۆرگىلى كېلەمسەن؟
فۇرقەت دادىسىنىڭمۇ ئاشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، سەل ھەيران قالدى ۋە .
-دادا سىزمۇ ماڭامسىز ؟
فۇرقەتنىڭ گەپ سۆزلىرى شۇنچىلىك قائىدىلىك ئىدى، ئۇ بولۇپمۇ قۇربانغا بەك ھۆرمەت قىلاتتى . ئەرفات فىرقەتنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ، بوش ئاۋازدا :
- قۇربان دېرىكتور ، سەن ئوغلۇڭغا ياخشىراق مۇئامىلە قىل ! نىملا بولمىسۇن سەن ئۇنىڭ دادىسى ،. دادىدەك سالاھىتىڭ بولسۇن ، - قۇربان سەل خىجىل بولغىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى . ھەمدە:
- سەن كىچىككىنە تۇرۇپ ، بۇنداق چوڭلاردەك گەپ قىلما بولامدۇ ؟-دىدى قۇربان ئەرفاتقا . ئارقىدىنلا يەنە فۇرقەتكە قاراپ :
-سەن كىرىپ ئارام ئالغىن ! بىردەم تۇرۇپ ئاپاڭ قايتىپ كېلىدۇ ، مەن ئاپاڭغا تاپىلاپ قوياي . ساڭا ياخشىراق نەرسە ئېتىپ بەرسۇن ، ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالسۇن ! مەن ھازىر سىرتقا چىقىمەن چۈشتە كېلەلمەسلىكىم مۇمكىن دىدى قۇربان سىرتقا چىقىشقا ئالدىراپ . ئەرفاتمۇ چاپىننى ئوڭشىغىنىچە قايتماقچى بولدى . فۇرقەت، ئەرفاتقا كۆزى قىيمىغىنىچە قوللىرىنى كۇتۇرۇپ خوش دىدى.
قۇربان ئەسلى ئەرفات ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن فۇرقەت بىلەن ئىككىسىگە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ بەرمەكچى بولغان ئىدى. لېكىن ،توختاپ قالدى . بۇ ئەڭ ياخشىسى ئەرفات ئۇنىڭغا لاھىيىلەپ بەرگەن ئۇيۇننى ئوينا دەپ ئويلاپ :ئوغلۇم مەن ماڭدىم ! دەپ ئۇمۇ ماڭدى ئەرفات ئىشىكتىن چىقىشىغا ، پەرىدە ئاچاشقا ئۇچرىدى . پەرىدە ، ئاچچىقلاپ :
- كىچىك سولتەك ئويۇن بىلەن بولۇپ كېتىپ ئوزۇڭنى بىلمەي قالدىڭ شۇنداقمۇ ؟ مەن بىلەن ئاپاڭ قانچىلىك ئەنسىرتىسە بۇنى بىلەمسەن ؟ گەپ ئارىلىقىدا قۇربانمۇ يېتىپ كەلدى . ئۇ كېلىپلا :
-بىللە دوختۇرخانىغا بارايلى دېگىنىچە ئەرفاتنىڭ قولىدىن تارتىپ ماڭغىلى تۇردى ، لېكىن پەرىدە ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى ھەمدە :
-قۇربان دېرىكتور ، سىز سەل ئۆزىڭىزنى تۇتىۋالسىڭىز بولارمىكىن ؟ ھازىر چۈش بولاي دېدى سىز ئەڭ ياخشىسى ئۆيىڭىزگە قىلىپ چۈشلۈك تامىقىڭىزنى يەڭ .سىز نىڭ بىرشىڭىزنى بىز خالاپ كەتمەيمىز ؟ قۇرباننڭ ئاچچىقى قىرىق گەز ئورلىدى شۇنداقتىمۇ پەرىدەگە پەرۋا قىلماي ، ئەرفاتنى زورلاپ ماشىنىسىغا ئېلىپ چىقتى پەرىيدە ئاچىقىدا :
-ھەي ، سەن كىچىك ، مەن كىچىك دەپ خالىغان ئادەمنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرساڭ بولامدۇ .؟ سەن بۇ ئادەم سېنى ئالداپ سېتىۋەتسە ئاپاڭنى ئىزدەپ تاپالمىساڭ ، سەن قانداق قىلىسەن ؟دىدى ئەرفاتنى بەزلەپ توۋلىغاچ پەرىدەنىڭ گېپى ناھايىتى ئاچچىق .ئىدى قۇرباننىڭ ئاچچىقى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ، لېكىن يەنىلا ئوزىنى تۇتۋىلىپ گەپ قىلاي ماشىنىسىغا چىقىپ ھەيدەي دەپ تۇرشغا ئەرفات پەرىدە قاراپ:
-پەرىدە ئاچا سەن ياخشى ئۆزۈڭنى بېسىۋال ئۇنىڭغا ياخشىراق مۇئامىلە قىل . ئۇ دېگەن بۇ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ كاتتا باي ئۇنىڭ دىگىنى ھىساب . سەن ئۇنىڭغا ، بۇنداق مۇئامىلە قىلساڭ پات ئاردا خىزمىتىڭ يوق بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا يىغلاي دېسەڭمۇ ، بىر كىم ساڭا قەغەز ئاپىرىپ بەرمەيدۇ جۇمۇ !.
-كىچىك سولتەك نېمە دەۋاتىسەن ، مەن ساڭا ياردەم قىلىۋاتىمەن سەن بىلۋاتامسەن ياقمۇ؟ . لېكىن راستىنلا ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمنى يوق قىلىۋەتسە ، سەن مېنى باقىسەن ئاڭلاپ قوي .
پەرىدە شۇنداق دىگەچ ئەرفات بىلەن ئوينىشۋاتاتتى .ئەرفات كىچىك بولسىمۇ گەپلىرى چوڭ ئادەمگە ئوخشاپ قالغان ئىدى . ئەرفات قاپىقىنى تۈرگىنىچە :
- مەن سېنى باقامدىم ؟ سەن شۇنداق جىق نەرسە يەيدىغان تۇرساڭ ،ۋاقتى كەلگەندە مېنى قۇرۇقداپ قويمامسەن .؟
-سولتەك ! مەن نەدە ئاشۇنداق جىق يەيمەن . مەن... مەن، مەن دىدى پەرىدە دۇدۇقلاپ : .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
-ھى ... ھى ، ئەگەر مەن ئوغۇل دوست تاپالمىسام سەن بارغۇ ؟ سەنمۇ كىچىك بولۇپ تۇرۇپ شۇنچە ئوماق چوڭ بولساڭ ، قانچىلىك ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى تارتارسەن .؟
-سەن ماڭا لازىم ئەمەس ، مەن ساڭا قاراپمۇ قويمايمەن ، ماڭا ئاپام بىلەن سىڭلىم بولسا بولدى . دەرھال ماڭايلى ، ئاپام چۈشتە نېمە تاماق يەيدۇ ، بىلمەيمىز تېخى؟ - ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى ئېيتىۋاتىدۇ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىدى .ئەرفات تۇيۇقسىز قۇربانغا : -مەن ماشىندىن چۇشۇپ قالمە ,پەرىدە ئاچامنىڭ ماشىنىسىغا چىقىمە ,-دىگىنچە چۇشۇپ قالدى، ھەم يۈگۈرۈپلا پەرىدەنىڭ ماشىنىسى چىقتى : پەرىدە ئەرفاتقا قاراپ:
-ھەي سېنىڭچە قۇربان قۇربان دوختۇرخانىغا بارامۇ؟
-سىنىڭ نىم كارىڭ بارامدۇ ؟بامامدۇ ؟ئاپامنىڭ قىشىغا تىزراق بارايلى ئەگەر ئۇ بېرىپ قالسا ، سەن ئۇنى ھەيدىۋەتكىن . دېدى پەرىدە . سەن خىزمىتىڭدىن ئايرىلىپ قالغان بار ، ئوخشىمامدۇ ، سەن قۇربانغا ياخشىراق مۇئامىلە قىل . ھەي سولتەك ، مەن ئۇنىڭغا ئۇنداق دېسەم . ئۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدۇ ، سەن كىچىك بولغاندىن كېيىن سەن قىلالايسەن دېمىسىمۇ ئاپاڭنىڭ مېنى كۆرگۈسى يوق . ئۇلار شۇنداق پاراڭلاشقاچ دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى .
قۇربان ئاللىبۇرۇن ماشىنىسى ھەيدەپ كەتكەن ئىدى . ئۇلار كېسەلخانا ئۆينىڭ قېشىغا كەلگەندە . ئەرفاتنىڭ كۆڭلى بىر خىل بىر نېمىنى سەزگەندەك قىلدى . دېگەندەك ئەھۋال ياخشى ئەمەس ئىدى . ئۇلار كىرىپلا ئاپىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى ھېس قىلدى .
بۇ ۋاقىتتا قۇربان ئاللىبۇرۇن كېسەلخانىغا كىرىپ بولغان بولۇپ ، رەناغا قاراپ تۇراتتى . ئەرفات تېزلىكتە ئاپىسىنىڭ قېشىغا باردى قارىسا ئاپىسىنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتكەن ھە ئېشىپ كەتكەن ئىدى ، ئېنىقلا بىر شاپلاقنىڭ ئىزى ئۇ كۆرۈپلا ئاچچىقى مىڭ گەز ئۆرلىدى .ھەمدە قۇربانغا قاراپ :
- سەن ئەبلەخ ، ئاپامنى ئۇرغۇدەك بولدۇڭمۇ ؟ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ، ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا شىردەك قۇربانغا ئېتىلدى ھەمدە قول مۇش پەشۋالا بىلەن قۇرباننى ئۇردى لېكىن قۇربان جايىدىن مىدىرلىماي جىم تۇراتتى
-قۇربان سەنمۇ ئادەممۇ ؟
سەن نېمىشقا ئۇنىڭغا قول تەڭلەيسەن ؟ سەن راستتىنلا ئىپلاس ئادەم ئىكەنسەن. دىدى ئەرفات قۇرباننى قالايمىقان تىپچەكلىگەچ رەنا ھەيران قىلىپ ئەرفاتقا قاردى ھەمدە جىدىيلەشكىنچە :
- مېنى ئۇرغان ئۇ ئەمەس ، ئوغلۇم دەرھال قولۇڭنى قويىۋەت! ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئەرفاتقا قاراپ ۋارقىرىدى لېكىن ئەرفات توختىماي ئۇرىۋەردى ئەرفات گەرچە كىچىك بولسىمۇ خېلى كۈچى بىلەن قۇرباننى ئۇرغان ئىدى ، قۇرباننىڭ بەدىنى ئاغرىغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا زەخمە يىتىشىدىن ئەنسىرەپ جىم تۇراتتى .
ئاخىرىدا رەنا چىدىماي پەرىدەگە قاراپ: -سەن ئەرفاتنى تۇتۇۋالغىن. راستىنلا قۇربان مېنى ئۇرمىدى دېدى .
-راستىنلا قۇربان ئۇرمىدىمۇ؟ دېدى پەرىدە ئىشەنمىگەندەك قىلىپ .ئەسلىدە پەرىدە ئەرفاتنىڭ ئالدىغا چىقىپ كەتكەندە ، رەناغا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەن ئىدى ، ئەمدى كېلىشىگىلا ئۇنىڭ يۈزلىرى ئىششىق .ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۇراتتى . قۇربان بىزدىن بۇرۇنلا كەتكەن تۇرسا ئۇ قىلماي زادى كىم قىلاتتى ؟ رەنا پەرىدەنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەتتى ، لېكىن يەنىلا بوش ئاۋازدا :
-قۇربان قىلمىدى ، مۇنىرە قىلدى ؟ بۇ يەردە تېخى ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن نەرسە كېرەكلىرىمۇ بار ، بولمىسا ئۆزۈڭ قارا .
پەرىدە ئۈستەل ئۈستىدىكى بۇيۇملارنى كۆردى دە ، ئاچچىقىدا بېرىپلا ئۇ نەرسە كېرەكلەرنى ئەخلەت چېلىكىكىگە تاشلىۋەتتى ھەمدە ئاچچىقىدا:
- مۇنىرە... مۇنىرەمۇ قۇرباننىڭ ئادىمىغۇ ؟ ئەرفات ئۇنى قاتتىق ئۇر، قاتتىق چىشلە ،چىشلەپ ئۆلتۈرۈۋەت .دىدى قاپىقىنى تۇرۇپ ئەرفاتقا قاراپ ئەسلىدە ئەرفات ئاپىسى قويۇۋەت دېگەن ۋاقىتتا قويۇۋېتىشنى ئويلىغانىدى ، ئارقىدىنلا پەرىدەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ئۆزىنى خۇددى پەرىدەنىڭ باققان ئىتىدەك ھېس قىلىپ قالدى .
ئەرفات قويۇۋەتتى، قارىسا قۇرباننىڭ قولىدا بىر تال چىشى تۇراتتى .
بۇ قۇرباننىڭ چىشى ئىدى .چىش قانغا مىلنىپ كەتكەن بۇلۇپ ئادەمنىڭ كوڭلىنى ئىلىشتۇراتتى ئەرفات ئاچىقىدا :
-مەن ئاپامنى بەك ياخشى كۆرمەن ئۇنىڭ ئازراقمۇ ئازاپ تاتىشىغا چىدمايمەن مىنى سەندىن كەچۇرۇم سۇرامدىكى دەپ ئاۋارە بولما ؟ قۇربان ئەرفاتقا قاراپ
-مۇنىرە مېنىڭ قىز دوستۇم ئەمەس . ھەم مېنىڭ ئادىمىمۇ ئەمەس ! دىدى بوش ئاۋازدا دىمسىمۇ قۇربان سەل ئۇۋالچىققا قالغان ئىدى .
ئەرفات ، پەرىدە ،رەنا ھاڭ تاڭلا قالدى . بۇ قانداقمۇ مومكىن بولسۇن ! مۇنىرە قانداقمۇ ئۇنىڭ ئايالى بولمىسۇن !ئۇندا ق بولسا ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى بالىچۇ ؟ بۇ كىمنى ئالدايدۇ ؟دەپ ئويلىدە رەنا ئۇ ئەرفاتقا قاراپ قول ئىشارىتى قىلدى .
-ئوغلۇم بۇ يەرگە كەل
-جىنىم ئاپا قانداراق تۇرسىز ؟ئاغرىۋاتامدۇ ؟ بولمىسا مەن دوختۇردىن مۇز پارچىسى تېپىپ چىقاي .يېقىپ تۇرساق ياخشى بولۇپ قالىدۇ . ئەرفاتنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان پەرىدە ئىچىدە ئۇنىڭغا ئامراقلىقى تۇتۇپ ، ئۇنى قۇچاقلىغۇسى كېلىپ كەتتى . رەنا ئەرفاتنىڭ بېشىنى سىيلىغاچ كۇلۇپ تۇرۇپ :
-ئاپپاق ئوغلۇم ماڭا ھىچنىمە بولمىدى. يۇزۇمنىڭ ئىشىقىمۇ بىردەم تۇرسام يانىدۇ. سەن پەرىيدە ئاچاڭ بىلەن سىرىتقا چىقىپ يەيدىغان نەرسە ئەكىرگىن مىنىڭ قۇرسىقۇم ئىچىپ كەتتى
-ئەمما ئاپا بۇ ئادەم سىنى يەنە بۇزەك قىلسا قانداق قىلمىز ؟دىگىنچە قۇربانغا قاپىقىنى تۇرۇپ تىكىلىپ قاردى لىكىن قۇربان :
-خاترجەم بول ئاپاڭغا ھىچقانداق زىيان زەخمەت يەتكۇزمەيمەن ساڭا ۋەدە بىرەي دىدى لىكىن ئەرفات يەنىلا :
-ۋاي ئاز گەپ قىل تۇتۇق دادام بىلەن ئاپام بىللە بولغان ۋاقىتتا ئۇ ئاپامغا بەكلا كۈينەتتى لىكىن ئاپام ئۇرۇمچىگە كەلگەننىڭ ياغى زاۋۇتتا ۋەقەگە يۇلۇقتى. يەنى تىخى قىز دوستۇڭ كېلىپ ئاپامنى ئۇرۇپ بۇ ھالغا چۇشۇرۇپ قويدى. سەن ھازىر بۇنداق دېسەڭ مەن سېنىڭ گېپىڭگە ئىشىنەرمەنمۇ .؟
ئەرفاتنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان قۇربان گەپ قىلالماي قالدى . قۇربان دەسلىپىدىلا بۇ بالىنىڭ سۆزلەش قابىلىيىتىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلگەن ئىدى ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا ئەرفاتقا:
-سەن خاتىرجەم بولغىن ، بۇ ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىمەن . مەن بۇ مەسئۇلىيەتتىن قاچمايمەن دېدى قۇربان رەناغا قاراپ .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


