大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 39 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 39 ـ قىسىم aybarawazi
2024-02-27
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 40 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31




38
37



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


39 - قىسىم



قادىر ئۇنىڭ بەك قورقۇپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرۈپ ،كۆڭلى سەل بىئارام بولىدى ۋە ئۇنىڭغا بىر تال مىنېرال سۇ تەڭلىدى. 

 -ئۇسسىغان بولسىڭىز ئىچىۋېلىڭ . 

رەنا قادىرنىڭ قولىدىكى مىنېرال سۇنى ئالدى ۋە ئىچمەيلا يان تەرەپكە قويۇپ قويدى .چۈنكى، ئۇنىڭ كەيپىياتى تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن ئىدى . قادىر خىجىل بولۇپ :

 -بولدى خاپا بولماڭ .بۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇنداق ھەيدىمەيمەن . سىز بايا نېمە دېدىڭىز ؟ سىزنىڭ ئوغلىڭىز نەچچە ياش ؟ كېلىشكەنمۇ يوق ؟ ئۇ سىزگە ئوخشاش چىرايلىقمۇ ئەمەسمۇ ؟ سورىدى گەپنى يوتكەپ . رەنا ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ دەرھاللا ئىنكاس قايتۇردى:  

 -ئۇنىڭ ئىسمى ئەرفات ، شۇنداق كېلىشكەن ،ئوماق بالا . بىراق سىز ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويماڭ. ، بولمىسا ئۇ سىزگە ئۆچمەنلىك ساقلايدۇ .

 - شۇنداقمۇ، كچككىنە تۇرۇپ ئۆچمەنلىك ساقلاشنى نېمە بىلىدۇ ئۇ ؟ مەن راستىنلا قورقۇپ قالدىم جۇمۇ ! ئاچچىقى بەك يامان ئوخشايدۇ،-دېدى قادىر كۈلۈپ تۇرۇپ .

رەنا دەرھاللا :

ۋاي ،سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك ئۇنچىلىك ئەسكى ئەمەس. ئۇ تېخى ئەمدى ئالتە ياشقا كىرگەن تۇرسا . پەقەتلا بىر كىچىك بالا .

-ۋاھ، ئۇ ئالتە ياشقا كىردىمۇ ؟ چۇقۇم بەك ئوماق بولغىيدى . ئۇ ئويۇنچۇقلارغا قىزىقامدۇ ياقمۇ ؟ ئايروپىلان مودېلىنى ياخشى كۆرەمدۇ ؟ سىز ماڭا بالدۇرراق دېگەن بولسىڭىز، مەن ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئايروپىلان مودېلدىن بىرنى تەييارلاپ ، ئۇنىڭغا سوۋغات قىلماسمىدىم. ئەمدى قۇرۇق قول بېرىپ ئالدىدا سەتلىشىدىغان بولدۇم -دە دىدى نارازى بوپ .رەنا ئايرۇپىلاننىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى . ھەمدە ئوغلىنىڭمۇ ئايروپىلان مودېلىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيتتى . 

- بولدى ، ھېچقىسى يوق . كىچىك بالىنىڭ ئۇنداق جىق گېپى بولمايدۇ ؟-دىدى رەنا .

- ئۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ ؟ تۇنجى كۆرۈشتىلا. ئۇنىڭغا ياخشىراق تەسىرات قالدۇرمىسام، ۋاقتى كەلگەندە سىزنى قوغلىشىپ قالسام ، ئۇ ماقۇل بولماي قالسا قانداق قىلىمەن ؟ چاقچاق قىلىپ رەناغا قاراپ كۆزنى قىسىپ قويدى .

رەنا، قادىرنىڭ بىر ئۈجمە كۆڭۈل يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى .ئۇ داۋاملىق كۆرۈشسە ئۇنىڭغا شۇنداق ئاشكارا چاقچاقلارنى قىلىۋەرگەچكە ، ئۇنىڭ بۇ گېپى كۆڭلىگىمۇ كەلمىگەن ئىدى .ھەمدە :

 -ناۋادا ،ئوغلۇم قوشۇلغان تەقدىردىمۇ مىنىڭ قوشۇلىشىم مۇمكىن ئەمەس جۇمۇ. ئىككىمىز ماس كەلمەيمىز ؟ -دېدى رەنا ئۇنىڭ گېپىنى ياندۇرۇپ رەت قىلىپ .  

-بىز ئىككەيلەن نېمىشقا؟ ماس كەلمەيمىز ؟ مېنىڭ نەرىم سىزگە ياقمايدىكەن ؟سىز ياقتۇرمىغان يەرلەرنى، مەن ئۆزگەرتسەم بولىدىغۇ ، ھەتتا فامىلەمنى سىزنىڭكىگە ئۆزگەرتەي -دىدى ھاياجانلىنىپ .

 رەنا يان تەرەپتىكى سۇ بوتۇلكىسىنى كۆتۈرۈپ ، ئۇنىڭ بېشىغا ئازراق نوقۇپ قويدى .ۋىييەي، جىق گەپ قىلماي ، ياخشىراق ھەيدەڭ ھە، مەن ئوغلۇمنى بالدۇراق كۆرشىم كىرەك ،-دىدى گەپنى ئەپقىچىپ .

ئۇلار شۇنداق كۈلكە چاقچاق قىلىشىپ ناھايتى تىزلا بىر ياپيېشىل ئارالغا يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىدى .  

ھاۋا بوشلىقىدىن پەسكە قارىسا ، ئارال شۇنچىلىك گۈزەل كۆرۈنمەيتتى .

بۇ ۋاقىتا قادىر ئۆزىنى باسالماي :

-قاراڭ ئاۋۇ يەرنى ئاشۇ يەر شۇ شۇ بۇ قۇرباننىڭ ھەربىي بازىسى .

كۆپكۈك ئاسمان،ئاپپاق بۇلۇت ئاسىتىدا ، كەڭرى كەتكەن قاقاسلىقنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر يوغان ھەيۋەتلىك ھەربىي بازا كۆرنۇپ تۇراتتى . قادىر بىلەن رەنا گەپ بىلەن بولۇپ ،بىر دەمنىڭ ئارىلىقىدا بۇ ھەربىي بازىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى . قادىر ئايروپىلاننى قەيەرگە توختىتىشنى بىلمەيتتى . چۈنكى ،قادىر بولسا قۇرباننىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغاچقا ، ئۇ ئايروپىلاننى قۇرباننىڭ ئادەملىرى بىلمەيدىغان يەرگە ئاپىرىپ توختىتىشى كېرەك ئىدى .بولمىسا قۇرباننىڭ ئادەملىرى بازىغا كىرگىلى قويمايدىغانلىقى ئىنىق ئىدى .

قادىر بولسا ئايرۇپىلاننى ئاۋايلاپ ئۇچۇرۇپ بىر تۇزلەڭلىكنى ئۇچىراتتى-دەقوندۇرۇشقا باشلىدى.

ئايرۇپىلان قۇنۇپ بۇلدى . قادىر باشتا ئايرۇپىلاندىن چۇشۇپ ، رەنا بار تەرپنىڭ ئىشكىنى ئىچىپ تۇرۇپ :

 -قىنى مەرھەممەت گۇزەل خىنىم .سىز دىگەن يەرگە كەلدۇق ؟ -دىدى چاقچاق قىلىپ . رەخمەت سىزگە ،-دىدى نازلىق قىلىپ .گەپ بىلەن بۇلۇپ  قۇرباننىڭ ھەربىي بازىسغىىمۇ يىتىپ كەلدى .قۇرباننىڭ ئەسكەرلىرى قادىرنى كۆرۇپلا مىلتىقلىرىنى تەڭلاپ كىتىشتى .قادىر شۇ زامان رەنا نىڭ كەينىگە ئۇتۋالدى بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن ،ھەربىي فۇرما كەيگەن قاۋۇل يىگىت مىلتىق كۈتۈرگىنچە رەنا تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى . بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى مۇسابولۇپ ، ئۇ قۇرباننىڭ ئەڭ سادىق ئەسكىرى ئىدى . بۇ ھەربىي بازىسىغا مۇسا قۇماندانلىق قىلاتتى. مۇسا رەنا ۋە قادىرنىڭ بىللە كەلگىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .

رەنا جىددىيلىشىپ :

 -مېنىڭ ئوغلۇم يەسلىدە ئوقۇيتتى. ئوغلۇم مۇشۇ يەردە ھەربىي مەشىق قىلىۋاتاتتى ، مەن ئوغلۇمنى كۆرگىلى كەلدىم .مېنى دەرھال ئوغلۇم بىلەن كۆرۈشتۈرۇڭ ؟ رەنانىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، دەرھال قۇربانغا تېلېفون قىلدى ۋە مەيداندىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنى قۇربانغا يەتكۈزدى . قۇربان بولسا ،ھېچ ئىشتىن بىخەۋەر بۇلۇپ . ئەسكەرنىڭ بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، رەنانىڭ ئوغلىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەربىي بازىسىغا بارغانلىقىنى بىلدى . ئۇنىڭغا ،ئوغلى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى بۇيرۇق قىلدى . 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

 -بولىدۇ قېنى ، سوفىيە خانىم ئىچكىرىگە مەرھەمەت، مەن سىزنىڭ ئوغلىڭىز بىلەن كۆرۈشتۈرەي . 

رەنا بىلەن قادىر ھەربى بازىغا كىرىلى دەپ تۇرۇشىغا ئەسكەرلەر قادىرنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى .

-سەن بىزنىڭ ئادىمىمىز ئەمەس ، دەرھال بۇ يەردىن يوقال !بولمىسا سېنى بىر پاي ئوق بىلەن جېنىڭنى ئالىمىز -دىدى .

-بۇ نېمە دېگەن ئەخلاقسىزلىق ،-دىدى نارازلىق بىلدۇرۇپ رەنا .  

 -قادىر ئەپەندىم، مېنى سالامەت ئەكىلىپ قويغىنىڭىزغا ، رەھمەت . سىز ئەڭ ياخشىسى قايتىپ كېتىڭ. سىز قۇربان بىلەن ئەپ ئەمەسكەنسىز ،سىزنى قارشى ئالمايدۇ . قايتىپ بارغاندا ، مەن سىزنى بىر مېھمان قىلاي  بولامدۇ ،-دىدى . سوفىيە خېنىم ، سىز ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلسىڭىز بولمايدۇ . سىز بولدى، قايتىپ كىتىڭ ،-دەپ يىنىشلاپ دەۋەردى . 

شۇنىڭ بىلەن قادىر ھەربى بازىنىڭ سىرتىدا قالدى .موسا رەنانى ئىچكىرىگە ئېلىپ كىرگەن ئىدى . بۇ يەرنىڭ بېزىلىشى ناھايىتى سىپتە بولۇپ ، بۇ يەردە ھەربىي مۇلازىمەتلەر ئىنتايىن ئىلغار ئىدى . قۇربان دىرېكتور ناھايىتى ئېسىل ئادەم ، ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىنى ۋەتەنگە بېغىشلىغان . بىز ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمىز ھەم بەكمۇ ھۆرمەت قىلىمىز . مۇسانىڭ گېپىنى ئاڭلىغان رەنا سەل ھاڭۋىقىپ قالدى .ھەمدە كوڭلىدە:« قۇربان دېگەن بىر رەھىمسىز باغرى تاش ئادەم ، ئۇ قانداقمۇ ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولسۇن ».دەپ ئويلىدى . ئەمەلىيەتتە ،ئەينى ۋاقىتتا رەنا قۇربان بىلەن ئەر خوتۇن بولۇپ ئۆتكەن ۋاقتىدا ، ئۇ قۇرباننىڭ بۇنداق بۇنچىلىك چوڭ ھەشەمەتلىك ھەربىي گازارمىسى بارلىقىنى بىلمەيتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گەپ بىلەن بولۇپ مۇسا ئۇنى ئوغلى بار يەرگە باشلاپ ئاپاردى . گازارمىنىڭ ئىچى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ ، ھەممە نەرسىلەر شۇنچىلىك سىپتا ياسالغان ئىدى . ھەر بىر ئورۇندا . بىردىن ئەسكەربالىلارنى مەشىق قىلىۋاتقانىدى. ، رەنا ئۇلارنى كۆرۈپ بالىلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى . توساتتىن ،«ئاپا » دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ئەرفاتنى كۆرۇپ قۇچاقلاپ كەتتى . 

 - ئاپپاق ئوغلۇم ،سىنى بەك سىغىندىم .قىنى ،مەن بىر كۆرەي ئوغلۇم !بىرەر يىرىڭ يارلانمىغاندۇ ؟  

 -ئاپا ، مەنمۇ سىزنى بەك سېغىندىم .سىز قانداق بولۇپ بۇيەرگە كېلىپ قالدىڭىز ؟

 -ئەسلى مەن بۇ يەردىن رۇخسەت ئېلىپ ، سىزنى كۆرۈپ كېلەي دېگەن ئىدىم .لېكىن ،تۈزۈم بەك قاتتىق. سىزمۇ ئېيتقان ئىدىڭىز.

«ياخشى مەشىق قىل بالام »دەپ . گېپىڭىزنى ئاڭلاپ بۇ يەردە ياخشى مەشىق قىلدىم . بۇ يەرنىڭ مەشىقلىرى ئىنتايىن جاپالىق .لېكىن ، كۆنۈپ كەتتىم ئاپا. 

 -ئاپپاق ئوغلۇم ،سەن بەك قەيسەر جۇمۇ .لىكىن ، سەل ئورۇقلاپ قاپسەن .سەندىن ئەنسرەپ قالدىم .

-ھېچ ۋەقەسى يوق ، ئاپا ئەنسىرىمەڭ .

- ئاچا ياخشىمۇ سىز ؟ 

توساتتىن ، رەنانىڭ كەينىدىن بۇ ئاۋاز ئاڭلاندى . ئۇ بېشىنى قايرىپ قارىسا . بۇدرۇققىنە بىر ئوغۇل تۇراتتى . ئەرفات دوستى فىرقەتنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ .  

-فىرقەت ، بۇ مېنىڭ ئاپام . مېنى يوقلىغىلى كەپتۇ .

-ھە ، سېنىڭ ئاپاڭ نېمە دېگەن ياخشى ؟ ئاپاڭ بەكلا چىرايلىق ئىكەن . فۇرقەت شۇنداق دېگىنىچە ، بېرىپلا رەنانى قۇچاقلىدى ھەمدە :

- سىزنىڭ باغرىڭىز بەك ئىللىق ئىكەن ئاچا .  

ئەرفات فۇرقەتنىڭ ئاپىسىنى قۇچاقلىغانلىقىنى كۆرۈپ قىزغانغاندەكلا . ئۇنى ئاجرىتىشقا باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا ، رەنا ئالدىدا تۇرغان بۇ بالىنىڭ، قۇربان بىلەن مۇنىرەنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلدى- دە فۇرقەتنىڭ بېشىنى سىيلاپ قويدى .

-ئەرفات ، نېمانداق پىخسىقلىق قىلىسەن ؟ ئاپاڭنى قۇچاقلاپ قويسام نېمە بوپتۇ ؟  

-ئۇ دېگەن مېنىڭ ئاپام، سېنى نېمىشقا قۇچاقلايدۇ. سەن بېرىپ ئاپاڭنى قۇچاقلا ؟

مېنىڭ ئاپامنى مەندىن باشقىلار قۇچاقلىماسلىقى كېرەك -دىدى قاپىقىنى تۇرۇپ !

   - سەن دېگەن ،مېنىڭ ئاكام .سېنىڭ ئاپاڭ ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ ئاپام. -دە . دەپلا ، ئۇ يەنە رەنانى قۇچاقلىۋالدى . ئەرفات بار كۈچى بىلەن فۇرقەتنى ئىتتىردى .  

-ئەمىسە ئىككەيلەن بەسلىشىپ باقايلى .مېنى يېڭەلىسەڭ ئاپامنى قۇچاقلىشىڭغا يول قويىمەن .

-ماقۇل , كىم كىمدىن قورقاتتى .

 -كىلە ،ئەمسە ! 

فۇرقەت شۇنداق دېگىنىچە ،چاپاننى سالدى ۋە بېرىپلا ئەرفاتقا ئېتىلدى .  ئىككى كىچىك بالا، مۇسا ۋە رەنانىڭ ئالدىدا ئۇياندىن بۇيانغا پومداقلىشىپ كەتتى. ئۇلار بىر ھازا ئېلىشقاندىن كېيىن . ئەرفات فۇرقەتنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئاتتى . فۇرقەت سېمىزرەك بولسىمۇ ، ئەرفات ئۇنى يېڭىۋالغان ئىدى .

-ئۇ كۆرەڭلىگىنىچە :

-ئاپا ،قارا. مەن فۇرقەتنى يېڭىۋالدىم ، ئۇ ئەمدى سېنى قۇچاقلىيالمايدىغان بولدى . ھى...ھى.   -دىدى كۇلۇپ تۇرۇپ .

ئەرفات سەن بەك ئەسىكى ئىكەنسەن ؟

دېگىنىچە يەردە يېتىپ تۇراتتى ، رەنا بارغانچە بېرىپ، ئۇنى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى -دە ، كىيىملىرىدىكى توپىنى قېقىپ قويۇپ، ئۇنى مېھرىبانلىق بىلەن قۇچاقلاپ قويدى .

-رەھمەت ئاچا ، سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز . مېنى ئاپام بۇنداق مېھرىبانلىق بىلەن قۇچاقلاپ باقمىغان ئىدى .  

- نېمە ، ئاپاڭ سېنى قۇچاقلىمامدۇ ؟ 

- مېنىڭ ئاپام ماڭا ،بۇنداق مىھرىبان ئەمەس .

رەنا فۇرقەتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپ قالدى . ئەجەبا ،مۇنىرە ئۆز بالىسىغىمۇ قوپاللىق قىلامدىغاندۇ -دەپ ئويلىدى . ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ تۇرۇشىغا، مۇسا گەپ ئارىلاشتۇردى :

 - ئەرفاتنىڭ مەشىق قىلىشى، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ پۇت قوللىرى ئىنتايىن چاققان ئىكەن .ھەم ،ئۇ ھەربىي مەشىقلەرنى شۇنچە چاققان ئۆگىنىۋالدى . ئۇ بەكلا ئەقىللىق ئىكەن . ئۇ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولغۇدەك ، ئۆزىمۇ شۇنداق كېلىشكەن –

دەپ ئەرفاتنى ماختىۋەتتى … ئەرفاتمۇ گەپ قىلماي كۇلگىنچە ئاپسىغا قاراپ تۇراتتى .لىكىن ،رەنانىڭ خىيالى بولسا باشقا ئىدى .چۇنكى كۆز ئالدىدا تۇرغان بالا ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى .

داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k