大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 20 ـ قىسىم ( تولۇق قىسىم ئەپچىدە )

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 20 ـ قىسىم ( تولۇق قىسىم ئەپچىدە ) aybarawazi
2024-02-08
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 








بۇ ئەسەرنىڭ 21 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13





19



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


20 - قىسىم



رەنانىڭ  پۇتۇن  بەدىنىى  قىتىشىپ   ئاغرىغاندەك  ھىس قىلدى.

بىر تەرەپتىن ئۇ   ئۈچ يىل ئاۋۋالقى توي قىلغاندىكى ھالىتىنى ئويلىدى. شۇنچىلىك رومانتىك ، ئادەمنى مەستخۇش قىلىدىغان بىر ھىسيات ئىدى. ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىق  قىز بولسام دەپ ئويلايتى .لىكىن ، قۇربان ئۇنىڭ بۇشىرىن چۇشىنى  قارا چۇشكە ئايلاندۇغانىدى .

ئۇ شۇلارنى ئويلىغىنىچە ئاچچىقىدا  كۆرپە كىرلىكىنى چىڭ قاماللاپ تۇتتى ، بۇ ۋاقىتتا قۇربان ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاپ كەلگەن ئىدى ، قۇرباننىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى سەزگەن رەنانىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغاندەك ھېس قىلدى .

رەنانىڭ ئېغىزىغا بىر سانتا قالغان ۋاقىتتا قۇربان ئۆزىنى توختىتىۋالدى .

بۇ ۋاقىتتا رەنانىڭ يۇزىدىكى يۇمران تۇكلىرى بىلنىپ تۇراتتى .بەش يىلدىن بويان  قۇربان يەنىلا  ئوزگەرمەپتۇ. رەنا  نىملا  بولمىسۇن بەش يىل  ئاۋالقىغا  قايتالمايتى .

بولوپمۇ ،ئۇلارنىڭ بالىسى سەۋەپلىك ئازاپتىن يۈركى قان بولۇپ  ئۆلەي دىسمۇ  ھايات  ئۇنىڭغا  بۇ  پۇرسەتنى بەرمىگەنىدى .

ئۇ مۇشۇلارنى ئويلىغىنچە قۇربانغا  تىكىلىپ  قاراپ تۇراتتى .

قۇربان بوشلۇق قالدۇرماي ئۇنىڭغا تىخىمۇ يىقىنلاشقاندا  ،  ھىچ  خىجىل  بولۇشتىن ئەسەر يوق ئىدى .

ئۇنىڭ لىۋى ئالىقاچان رەنانىڭ  مەڭزىگە تىگىپ  بولغان ئىدى .

رەنا ئاچچىقىدا ئوڭ قولى بىلەن كارۋاتنىڭ  بىر تەرپىنى بىر ئۇرۋىدى ، ئاۋاز  ياتاقنى بىر  ئالدى . لىكىن قۇربان پەرۋا قىلمىغاندەك  قىلاتتى . ھەمدە  پەس  ئاۋازدا :

-قانداق يىتەمدۇ ؟بولمىسا  يەنە بىر  يۇزىڭىزگىمۇ سۆيۈپ قۇياي ،-دىدى  كۇلۇپ تۇرۇپ،

قۇربان نىمدىگەن پەس  ، رەنا  ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ  قالدى  .

رەنا ئۇنىڭ  يۇزىگە بىر  تەستەك سالاي  دەپ ئويلىدى . لىكىن ،قۇربان دىگەن ناھايىتى  ئابرۇيلۇق ئادەم تۇرسا  ئۇنىڭغا  قالايمىقان قول ئىشىلتىشكە  بولمايتى  .ئىلگىرى بىر ئادەم ئۇنىڭغا  قەستەن ئۈسسۈپ  سالغانلىقى سەۋەبىدىن ،ئۇ تاس قالغان ئۇ ئادەمنىڭ پۇتىنى ناكا  قىلىپ قويغىلى .

ھازىر رەنا ئۇنىڭغا چىقىلىشقا جۇرئەت  قىلالمايتى .بۇگۇن نىمە ئۇچۇن  ئۇنداق قىلدىغانلىقىنى  ئۆزىمۇ  ھىس  قىلاللمايتى .

رەنا جىممىدە  تۇرۇپ  قالدى.   قۇرباننىڭ رەناغا قاراشلىرى شۈنچىلىك ئىللىق ئىدى ، خۇددى بىر جۈپ ئاشىق مەشۇقلاردەك .  لېكىن ،بۇ كۆز ئىپادىسىنى ئىلگىرى رەنا قۇرباننىڭ مۇنىرەگە شۇنداق قارىغان ۋاقتىدىلا ھېس قىلغان. ئۇنىڭ كۆڭلى بىر خىل بىئارام بولدى .

رەنا دەرھال بېشىنى باشقا ياققا قارىۋالدى -دە ، قۇرباننىڭ مەيدىسىدىن ئىتتەردى.  

-قۇربان دېرىكتور ، بۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ نېمە پايدىسى  بار؟  ئەجەبا سىز مۇشۇنداق قىلسىڭىز مەن سىزنى كەچۈرۋېتەلەمدىم ؟  سىز ۋە سىزنىڭ قىز دوستىڭىزنىڭ ماڭا قىلغان ھاقارەتلىرىنى ، ھەمدە بۇ قېتىملىق ماشىنا ئاپىتىنى مەن ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن .

- يەنە باربىر ئىش بار! ، بۇ قېتىملىق ۋەقە تاسادىپىيلىقتەك قىلىدۇ ؟  -رەنا قۇرباننىڭ كۆزلىرىگە قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدى .  ھەمدە كۆڭلىدە،« بۇ ئادەم ئويۇن قويۇشقا بەكلا ئۇستا ئىكەن ، ئاجايىپ ئوخشىتىدىكەن ، مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ رىقابەتچىسى بولالمىغۇدەكمەن»دەپ ئويلىدى رەنا.

رەنانىڭ ئۆزىنى ئىتتىرۋاتقانلىقىنى  كۆرگەن قۇربان ئۇنىڭ قولىدىن مەھكەم تۇتىۋالدى .

رەنا ئۇنى ئاجرىتاي دەپمۇ ئاجرىتالمىدى . بۇ قېتىم رەنانىڭ راسلا  ئاچچىقى كەلگەن ئىدى .

-قۇربان دېرىكتور سىز زادى نېمە قىلماقچى ؟ -دىدى ئۇنلۇك ئاۋازدا :

قۇربان رەنانىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ :

- بۇ گەپنى مەن سىزدىن سورىسام بولار ! دەڭە ، سىز زادى نېمە قىلماقچى ؟ پەقەت سىز ئېغىز ئاچسىڭىزلا مەن سىزگە جىنىمنى بېرىشكە تەييار ؟! - قۇرباننىڭ بۇ  گېپىدىن ئۇنىڭ سەمىمىيلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن رەنانىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .  قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان رەنا ، خۇددى بېشىغا سوغۇق سۇ تۆكۈۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتى.  

رەنا سەل ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن :

-قۇربان دىرېكتور ،سىز راستلا چاقچاق قىلىشقا ئۇستا ئىكەنسىز ، بىز تېخى ئەمدى تونۇشساق . سىز ماڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلسىڭىز قىز دوستىڭىز مۇنىرە كۈنلەپ قالماسمۇ ؟   شۇنداق گەپلەر ئارقىلىق قىز كەلتۈرۈشكە ئۇستا ئىكەنسىز ، تېخنىكىڭىز قالتىسكەن ؟! -دەپ  كۇلۇپ  قويدى رەنا مەسخىرە  ئارلاش ،

رەنا ئالدىنىپ قالغىلى تاس قالغانىدى ، ئۇ قۇرباننى ئېنىق چۈشىنەتتى. قۇربان ئۆزىنىلا ياخشى كۆرىدىغان شەخسىيەتچى ئادەم ، ئۇ قانداقمۇ ئىچىدىن باشقىلارنى ياخشى كۆرسۇن ! يەنە كېلىپ ، قۇربان ماڭا شۇنچىلىك گۇمان نەزەردە قارايدىغان تۇرسا  ، ئۇ ھەتتا ماڭا جېنىىمۇ بەرمەكچى ئىكەن ، مۇمكىنمۇ !؟  

ئەگەر بۇرۇن ئاشۇنداق دېگەن بولسا مۇمكىن ئىدى . لېكىن ، قۇربان رەنانى ياخشى كۆرمەيتتى .  ئۈچ يىللىق ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدە  رەنا ئىزچىل قۇرباننى ياخشى كۆرۈپ ، ئۇنى قوغلىشاتتى . لېكىن ،قۇربان ھالىنى چوڭ قىلىپ  ئۇنىڭغا ئازراقمۇ پۇرسەت بەرمىگەن ئىدى ، ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلاتتى . ھەتتا ،رەنا  ھەر خىل ئاماللارنى  قىلىپ ئاران  بويىدا  قالغان ۋاقىتتىمۇ ، ئۇنى رەھىمسىزلەرچە كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن ئىدى .

نۇرغۇن ئازابقا  دۇچار قىلغان  ، ئۇنىڭ ھازىر سىزگە جېنىمنى بېرىشكە تەييار تۇرىمەن  دېگەن گېپى ئىنتايىن كۇلكىلىك  ھىسابلىناتتى .

رەنا مۇشۇلارنى ئويلىسا يۇركى  پىچاق تىلغاندەك  ئاغرىيتى. قۇربان ھېچنىمنى ھېس قىلمىغاندەك ، رەنانىڭ قولىنى يۈزىگە  يىقىپ تۇراتتى .

رەنا شۇنداق  بىئارام  بولدى  .ھەمدە ، قۇرباننى تەستەك  بىلەن بىرنى  سالغۇسى كىلىپ كەتتى ،لىكىن ،ئۆزىنى  تۇتۋالغان ئىدى .

ئۇ قولىنى تارتاي  دەپ  ئۇيلىدى  .لىكىن ، قۇربان ئۇنىڭ  قولىنى  چىڭ  تۇتۋالغاچقا  رەنانىڭ كۇچى  يەتمىگەنىدى.

رەنا ئاچىقىدا  قۇربانغا  قاپاقلىرىنى  تۈرگۇنچە  قاراپ تۇراتتى . رەنانىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن قۇربان، ئەينى ۋاقىتلارنى ئىسىگە ئالدى  .  

رەنا ئۇنى شۇنچە قوغلاشسىمۇ ، شۇنچە ھۆرمىتىنى قىلسىمۇ ، قۇربان ئۇنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىغانىدى. كېيىن ،رەنا ئوت ئاپىتىگە يۇلۇققاندىن كىيىن ئۆزىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايالدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ،  يۇرىكى   پۇچىلانغان ئىدى .

ھازىرقى مۇشۇ پەيتتە ، ئۆزىنىڭ رەنانى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپمۇ ئۇلگۇرگەنىدى.

بۇ قېتىم ئۇ قايتىپ كەلدى ، ئۇ قانداق مەقسەتتە كەلگەن بولسۇن ، نېمە ئىش قىلماقچى بولسۇن ، قۇربان ئۇنىڭغا يول قويۇشنى ئويلىدى .  پەقەت ،رەنا قۇرباننىڭ قېشىدىلا قالىدىغانلا بولسا ، ئۇ قانداق شەرىت قويسا  بۇيسۇناتتى.

ئۇ ئۆزىنى سەل توختىتىۋالغاندىن كېيىن : مەن ھېچقانداق ئايالنى كەلتۈرۈشنى ئويلاپ باقمىدىم ، مەن ئۆز ئايالىمنى كەلتۈرسەم بولدى ،-دىدى قۇربان .

قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان رەنانىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى.  قۇرباننىڭ گەپلىرى ئىنتايىن بوش ئاۋازدا ئىدى .ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ئۇنى تېخىمۇ جەلىپكار كۆرسەتكەنىدى

رەنانىڭ يۈرىكى بىر خىل ئاغرىغاندەك ھېس قىلدى -دە :

-ئايالىم ؟

قۇربانىڭ  ئايالى ئىسىدە  باركەن، رەنا    ئۇزنى  توختىۋالغاندىن كىيىن :

-قۇربان   دىرىكتۇر چاقچاق  قىلماڭە ، مەن   قانداقمۇ  سىزنىڭ  ئايالىڭىز  بولاي ؟ قۇربان دىققەت  قىلمىغان  ۋاقتىدىن پايدىلنىپ   قولىنى  تارتىۋالدى  .

ئۇ قولىنى يوتقاننىڭ ئىچىگە سېلىۋالدى .  قۇرباننىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە بىلىنمەيتتى .

ئۇ خۇددى  بۇرۇنقى ئىشلارنى  ئويلاۋاتقان ئىدى ، بەش  يىلدىن بۇيان،  داۋاملىق  سۇغۇق  ئوي  ۋە  سۇغۇق ھۇجىرىدا ئۆزى  يالغۇز ئۇتكۇزۇپ  كەلگەنىدى. ئەمدىلىكتە  ،ئايالى  قايتىپ  كەلگەندە ئۇنىڭغا  شۇنچە  ئەستايىدىل  گەپ  قىلسىمۇ ،      

رەنا ئۇنى چاقچاققا  ئايلاندۇرۋەتتى.

ھېچ بولمىسا، ئۇنىڭ   مىھىرىبانلارچە  تۇتقان قولىنى  بولسىمۇ، كۆرەلىگەن بولسا قۇرباننىڭ يۇرىكى  ئىللىغاندەك  بولاتتى.

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

رەنا  ئىتراپ  قىلمىسىمۇ بۇنى ئۇنىڭ  مەيلىگە  قۇياي ، ھامان  بىر  كۇنى ئۇ  مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلىدى .

قۇربان ،تۇيۇقسىز كۈلۇپ  كەتتى .

ئۇنىڭ كۇلىشى  ئىنتايىن  تەبىئى  ئىدى . بۇنى  كۆرگەن  رەناننىڭ  بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ  كەتتى .  بۇ ئەر ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ نېمە ؟  ئۇ  ئەزەلدىن  يۇركى  مۇزلاپ كەتكەن  ئادەم ، قانداق  بولۇپ  ماڭا  قاراپ  كۈلىدۇ . كۇلكىسى  نىمانچە  ئىللىقتۇ !دەپ  ئويلدى  رەنا .   رەنا سەل ئۆزىنى توختىتىۋالغاندىن كېيىن :

- قۇربان مەن سىزگە ئېيتىپ قوياي ،مېنى  ئاغرىق سىزنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ ،-دەپ ئويلاپ قالماڭ .بولمىسا ،مەن  سىزگە ، رەنا گېپىنى توختىتىۋالدى .

-سىز نېمە قىلماقچى ؟ مەن پەقەت سىزنىڭ قېشىڭىزدا قېلىپ سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالماقچى خالاس، تاكى سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئەسلىگە كەلگۈچە،- دىدى قۇربان .گېپىنى دېگىنىچە،ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى قاچا ۋە چوكىنى   ئېلىپ ،دوختۇرخانا تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى -دە   قاچا ۋە چوكىلارنى يۇغىلى تۇردى  . قۇرباننىڭ بۇ ئىشنى كۆرۇپ پوتەيدەك قېتىپلا قالدى :

-ۋاي بۇ مەن تونۇيدىغان قۇربانمۇ ؟ ئەجەبا ئۇ زادى نېمە ئىش قىلماقچىدۇ ؟  رەنانىڭ كۆڭلى ئىنتايىن قالايمىقان ئىدى .

دەرۋەقە ، تۈلكە ھىيلىگەر كىلىدۇ.

ئۇ ھازىر قۇرباننىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى .

لېكىن ،قۇرباننىڭ بۇ قىلىقى رەنانىڭ پىلانىنى بۇزىۋەتكەن ئىدى . رەنا مۇشۇنداق قالايمىقان ئويلاۋاتقان ۋاقىتتا ، قۇربان تازلىق ئۆيىدىن يېتىپ يېنىپ چىقتى .  

قۇربان بىر لۆڭگىنى پاكىز يۇيۇپ ، ئىسسىتىپ رەناغا بەرگەن ئىدى .ھەمدە، ئۇنىڭغا بوش ئاۋازدا:

-بۇ لۆڭگىدە يۈزىڭىزنى ئىيتىۋىلىڭ يا بولمىسا مەن ئېيتىپ قويايمۇ ؟!

-ھاجىتى يوق ، مەن ئۆزۈم قىلاي ،-دىدى  رەنا .  رەنا    قۇرباننىڭ يېقىن كېلىشتىن ساقلانغاچ  قولىدىكى لۆڭگىنى ئالدى .  قۇربان ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن رەناغا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.   ئۇ ئېنىقلا سەل گاڭگىراپ قالغانىدى.

رەنانىڭ  رەنا

- قۇربان دېرىكتور، سىز شىركەتكە بارمامسىز؟ شىركەتتەنۇرغۇنلىغان ئىش تۇرسا ، يەنە كېلىپ ئىككى شىركەتنىڭ ھەمكارلىقىدىكى نۇرغۇن ئىشلارباشقىلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى قوزغاپ قويدى.يەنە كېلىپ مېنىڭ بۇ ئىشىم چىقتى .مۇخبىرلار مۇشۇ ئىشلارنى سوراپ ئالەمنى مالەم قىلىۋەتتى ، سىز چىقىپ ئۇلارغاچۈشەندۈرۈپ قويمامسىز .؟

رەنا قۇرباننى بۇ يەردىن تىزراق ئايرىلىشنى  ئۈمىد قىلغان ئىدى .قۇربان بەك  غەلىتە  ئادەم  ئىكەن  . ئۇ ئادەم قېشىمدا تۇرىۋالسا ،ماڭا چوڭ بېسىم بولۇپ قالىدىكەن .

ھەتتا ،  بەھۇزۇر  ئادەمنى  ئويلىغىلىمۇ قويمايدىكەن ،-دەپ  ئويلىدى  رەنا. رەنا قۇرباننى ئىچىدىن ياخشىكۆرگەن ئىدى.  بۇ قېتىممۇ قۇرباننىڭ سالاپەتلىكى،  ياخشى مۇئامىلىسى ئۇنىڭكۆڭلىنى توسۇۋالالمىغان ئىدى .

بۇرۇن قۇربان رەناغا داۋاملىق سوغۇق مۇئامىلە قىلاتتى. ھازىرقىدەك  ياخشى مۇئامىلىدىن ئەسەرمۇ يوق .

لېكىن ،ئۇنىڭ بۇ قېتىم تونۇشقاندىنكېيىنكى مۇئامىلىسى ئىنتايىن ئىللىق ئىدى .لىكىن ، رەنا  بۇنى  چۇشۇنۇپ  يىتەلمەيتى .

ئۇ شۇلارنى ئويلىغنچە  بىشىنى لىڭشىتىپ  قۇيدى . بۇ  زادى  نىمە قىلغىنم:

قۇربان بىلەن  يارشىپ  قىلىش  ئۇچۇن قايتىپ  كەلگەنمىدىم؟ ئۇ  نىمىشقا  قۇرباننىڭ  كۇڭلىدىكى  ئورنىنى  توسيالمايدۇ ؟ ئەجىبا  ،ئۇ بەش  يىل  ئاۋالقى   ئۇنىڭغا  سالغان ئازابنى ئۇنتۇپ  قالدىمۇ؟ئەجىبا  ئۇ قىزىنىڭ  كىسەل  كارۋىتىدا  قىيىنلىپ  جان ئازابىنى  تارتىۋاتقانلىقنى  ئۇنتۇپ  قالدىمۇ ؟رەنا  مۇشۇلارنى  ئويلىغىنچە  لۆڭگىنى  چىڭ  تۇتتى . ھەمدە  كۆز  ياشلىرى تاراملاپ  ئىقىپ چۇشۇشكە باشلىدى .        قۇربان  ئەپەندى :       -  بۇ  يەردە  ماڭا  بەك  جىق  ئاۋارچىلىق  تىپىپ  بەردىڭىز ؟ سىز  چىقىپ  كىتىڭ ،- دىدى  رەنا .

قۇربان ناھايىتى  ئابرۇيلۇق  ئادەم  ئۇ باشقىلارنىڭ رەت قىلنىشغا  ئاز  ئۇچرايتى  .ئۇنىڭغا  باشقىلار  ناھايىتى  ئىھتىياتچانلىق  بىلەن مۇئامىيلە  قىلاتتى .رەنالا   ئۇنىڭغا  مۇشۇنداق  مۇ ئامىيلە  قىلالايتى .  

قۇربان خۇددى ئۆزىنى خورلۇققا قالغاندەك ھېس قىلدى .

لېكىن، كۆز ئالدىدىكى رەنا بولغانلىقى ئۈچۈن ، رەنا ئۇنى تىللىسىمۇ ، ئۇنىڭغا سەت گەپ قىلسىمۇ ، ئۇ ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمايتتى . لېكىن ،ئۇنىڭغا شۇنچە ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى .

ئۇ ئاستا بېرىپ رەناغا بىرئىستاكان قايناقسۇ قۇيۇپ ، ئۇنىڭ كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويدى -دە . دەرىزە تەرەپكە بېرىپ قولىدىكى خاتىرە كومپيۇتېرنى ئاچتى-دە ، ئۇنىڭغا بوش ئاۋازدا

-سىز يارىلاندىڭىز؟ ياخشىراق ئارام ئېلىشىڭىزكېرەك ، سىز مېنى بىرەر دىرېكتور دەپ قارىماي . قانداق ئېھتىياجىڭىز بولسا ماڭادەڭ . ئەگەر سىزلا خالىسىڭىز، مەن سىزنىڭ قوغدىغۇچىڭىز بولاي .  قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان رەنا ھاڭ تاڭ قالدى .  ھەمدە كۆز ئالدىدىكى بۇئادەمنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى تونۇمايلا قالغانىدى

ئۇ ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن ،

- قۇربان دېرىكتور سىز دېگەن بىرگۇرۇھنىڭ باشلىقى تۇرسىڭىز ، سىزنى قانداقمۇ مېنى قوغدىغۇچى قىلىۋالاي. بۇرۇن   رەنا قۇرباننىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلمىغان قىلىقى  قالمىغان  .لېكىن بۈگۈنكى كۈندە قۇرباننىڭ ئۇنىڭغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىشلىرى ئۇنىڭ گۇماننى قوزغاپ  قويغان ئىدى  . رەنا سەل ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن ، بوش ئاۋازدا قۇربانغا :

- قۇربان دىرېكتور مەن ھازىرھاجەتخانىغا چىقىمەن . ماڭا ئايال سېستىرا لازىم .سىزبولسىڭىز سەل قولايلىق بولمايدۇ .  رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلىغانقۇربان دەرھال قول كومپيۇتېرنى ئېتىۋەتتى -دە چاپىنىنى  سېلىپ رەنانى قۇچاقلاپ كۆتۈردى:

ھەي نىم  قىلۋاتسىز ؟ رەنا  شۇنداق  دىگىنچە   قۇرباننىڭ   گاڭسرىنىڭ  ئالدى  پىشىنى  تۇتتى.

گاڭسەر قۇربانغا ناھايىتى دەل كەلگەن ئىدى .  ئۇ رەنانى كۆتۈرۈشىگەقۇرباننىڭ گاڭسىرىنڭ ئالدى تۈگمىسى يېشىلىپ كەتتى ،-دە بەدىنىى كۆرۈنۈپ قالدى .   قۇربان بۇنى كۆرۈپ ، رەناغا

-نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟ كۆرگۈڭىز بولسا ئېنىق دېمەمسىز، سىز ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن .  قۇربان شۇنداق دېگىنىچە كۈلۈپ قويدى .رەنا  ئاچچىقىدا :

- كىم سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىكۆرمەكچى ئىكەن ! يوقۇلۇڭ دىدى ،قۇرباننى  سىلكىپ .


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0