大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 46 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 46 ـ قىسىم aybarawazi
2024-03-05
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 47 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37



45
44
43



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


46 - قىسىم


قۇربان شۇنداق دەپلا ،يېنىدىن خەنجەرنى ئالدى -دە. بەدەننىڭ يۈرەك تەرىپى تەرەپكە سانجىدى

.«گاچ» دېگەن ئاۋاز بىلەن ئەتراپ سۈكۈتكە چۆمدى . كېتىۋاتقان رەنانىڭ قەدەملىرىمۇ توختاپ قالدى . رەنا كۆڭلىدە ،قۇربان دېگەن ئىپلاس . ئۇ ھاياتى ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدىغان تۇرسا، قانداقمۇ بۇنداق ئىشنى قىلسۇن . لېكىن، مىنىڭ ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت -نەپرىتىم مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ . تۇيۇقسىز ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر خىل بومبا پارتلىغاندەك تۇيۇلدى.شۇنداقتىمۇ ،ئۇھەرگىز ئارقىغا قايتسا بولمايتتى .رەنا گەپ قىلماي قاراپ تۇراتتى . قۇربان رەنانىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ :

-ئەجەبا، مەن ئۆلسەممۇ مېنىڭ قېشىمغا قايتىپ كەلمەيسىز شۇنداقمۇ؟ سىز ئىشىنەمسىز ،ئىشەنمەمسىز ؟ئىختىيارىڭىز .لېكىن ،مەن قۇرباننىڭ ھاياتىدا ، سىز بىردىنبىر مەن سۆيگەن ئايال .بىردىنبىر مېنىڭ ئايالىم . ئەرفات مېنىڭلا ئوغلۇم . ئەرفات دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ رەنانىڭ غۇچچىدە ئاچچىقى كەلدى . ئۇ كۆڭلىدە ، ياق .ئەرفات بىلەن سۈرىيە .قۇربان ،سەن ئۆلسەڭ بولمايدۇ ؟ مېنىڭ ساڭا ئىچ ئاغرىتىۋاتقىنىم ئەمەس ، سېنىڭ ئۆلۈشۈڭ قىيىن ئەمەس ، مەن قىزىم سۈرىيە ئۈچۈن ،-دەپ ئويلىدى . رەنا مۇشۇلارنى ئويلاپ ،تېز سۈرەتتە ئارقىغا قارىدى . قۇربان بولسا قانغا مىلەنگىنچە يەردە ياتاتتى .خەنجەر ئۇنىڭ مەيدىسىدە ئىدى . قۇربان ،رەنانىڭ ئارقىغا قايرىلىپ ، ئۆزىگە قارىغانلىقىنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ :

-سىز، مېنى ياخشى كۆرىسىز ، شۇنداقمۇ ؟

رەنا قاپىقىنى تۈرگىنىچە ، تېزلىكتە قۇرباننىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدى ،-ھەمدە : 

-قۇربان دېرىكتور ، ئەگەر سىز ئۆلۈشكە پېتىنسىڭىز . مەن سىزگە رەھىم قىلمايمەن. دىگىنچە قۇرباننى قۇچاقلىۋالدى.

قۇربان بولسا ئۇنىڭ قۇلىنى مەھكەم تۇتۋالفان ئىدى .ھەمدە:

-ماڭا ئىشىنىڭ بولامدۇ! مىنىڭ گەپلىرىمنىڭ ھەمىسى راس. ماڭا، بىر قىتىم پۇرسەت بىرىڭ . ئالدىڭىزدا مىنى ئىسپاتلايدىغان بىر پۇرسەت بىرىڭ! ماقۇلمۇ؟ رەنا، بۇرۇن مەن سىز بىلەن توي قىلشىمدىكى سەۋەب. پەقەتلا سىز بىلەن بىر كارۋاتتا بولۇشۇم سىزگە مەسئۇل بولۇش ئىدى. سىز بۇرۇنلا ، ماڭا ئىپىتىڭىزنى بىرۋەتتىڭىز. بۇنى كۆپچىلىك، ئاتا -ئانىڭىزمۇ بىلىپ كەتتى . مەن مەسۇلىيەتنى ئۈستۇمگە ئىلشىم كىرەك ئىدى . ئۇچ يىلنىڭ ياغى مەن بىلىپ بىلمەيلا سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم .مەن مۇنىرە بىلەن پەقەت دوستلۇق مۇناسىۋەتتە . مەن بۇ چىگرادىن ھالقىپ باقمىدىم .ماڭا ئىشىنىڭ!رەنا ،قۇرباننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كۆزلىرى ھىلى قان چاچراپ چىقىپ كىتىدىغاندەك ، قىزرىپ كەتتى ھەمدە: 

-قۇربان … سىز نىمدىگەن ئىپلاس.سىزنىڭچە، سىز مۇشۇنچىلىك قىيلىنىپ قويسام ، مىنى كەچۇرۋىتىدۇ - دەپ ئويلامسىز ؟قۇربان ،سىزگە دەپ قۇياي ، مومكىن ئەمەس . سىز ماڭا ، قەرىز باللىرىمغا قەرىز .ئەگەر، سىزگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، مەن سىزنى ھەرگىزمۇ بوش قويمايمەن. ئوغلۇم ئىكىمىز، مەڭگۇ سىزنى ئىتراپ قىلمايمىز، دىگىچە يىغلاپ كەتتى. 

ئۇ ئۆزىنىڭ نىم دىگىننى بىلمەيلا قالدى. لىكىن ،قىز سۇرىيەنى قۇتۇلدۇرمىغىچە قۇربانغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا بولمايتى .ئۇ جىدىيلەشكىنچە :

-مەن دوختۇرغا تىلفۇن قىلاي .تىلفۇنىڭىز قىنى ؟تىلفۇن ؟ --دىدى رەنا .

ياتاقتىن چىققاندا ، تىلفۇنىسىنى ئالمىغان بۇلۇپ . ئۇ قۇرباننىڭ چاپىننى ئىزدەشكە باشلىدى. قۇربان بولسا، گەپ قىلماي جىددىيلىشىۋاتقان بەش يىل ئاۋۋالقى تۇرمۇشىغا ئايلىنىپ . قىلغاندەك ھېس قىلدى . بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەن رەنانىڭ قۇلىنى مەھكەم تۇتۋىلىپ :

-رەنا ، مەن سىزنى سۆيىمەن .

ئەينى ۋاقىتتا رەنا قۇرباننىڭ ئاغزىدىن بۇ ئۈچ سۆزنى ئاڭلاشئۈچۈن ، پۇتكۇل مۇھەببىتىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان ئىدى . لېكىن ،بۈگۈن ئويلىمىغان يەردىن ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى . رەنا، گەرچە قۇربانغا ئىشەنمىسىمۇ ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ يېنىككىنە كۈلۈمسىرەپ ، كۆزنى قىسىپ قويدى . ئۇ ساراڭلارچە ،قۇرباننىڭ چاپىنىنى ئىزدەپ يانچۇقىدىن تېلېفوننى ئالدى- دە , بىرىنچى بولۇپ مۇسا ئوفىتسېرغا تېلېفون قىلدى . بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ,مۇسا ئوفىتسېر بىردەم ئۇخلىۋېلىشنى ئويلىغانىدى . ئويلىمىغان يەردىن ,رەنانىڭ تېلېفونىسى ئېلىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، ئورنىدىن تۇردى ۋە دەرھال قۇرباننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى . ئۇ دەرھال دوختۇرغا تېلېفون قىلىۋەتكەندىن كىيىن ، رەناغا قاراپ ئۇنىڭغا -نېمە بولدى ، سىز ئۇنى ئۆلتۈرمەكچىمۇ 

شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ،دوختۇرلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ئىدى .رەنا ئارتۇق گەپ قىلماي ، قارشىلىق كۆرسەتمەي تۇراتتى . سېستىرالار بولسا ، قۇرباننى پوسۇلكىغا ئېلىپ جىددىي قۇزۇش بۆلۈمىگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى.رەنا ،مۇسا قاتارلىقلارمۇ دوختۇر غا ئەگىشىپ يۇرۇپ كەتتى . رەنانىڭ كاللىسىدا بولسا ،قۇرباننىڭ بايا « رەنا ، مەن سىزنى سۆيىمەن » دېگەن ،گېپى تەكرارلىنىپ ئاڭلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى .لىكىن، ئۇ كۆڭلىدە :

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-« قۇربان ،ھەرگىز مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ . ئۇ بىر قارا نىيەت ئادەم . ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتنىلا ئويلايدۇ .ئۇنىڭدا بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش دەيدىغان يۈرەك يوق . مىنىڭ ئاللىقاچان ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم ئاخىرلاشقان .ئۇنىڭغا پەقەت نەپىرتىملا بار» دەيتتى ئۇ توختىماي ئۆزىگە مۇشۇنداق تەسەللى بىرەتتى . توساتتىن ، ئۇنىڭ بەدىننىگە تىترەك ئولىشىپ كەتتى .ھەتتا، ئۆز بەدىننى باشقۇرالماي قالدى . ئۇ ،گەپ قىلماي كىسەلخانا ئۆينىڭ سىرتىدىكى ئورۇندقتا ئولتۇرۇپ قالدى .ئۇنىڭ پۇت قولىدا جان يوق ئىدى . چىرايلىرىمۇ سارغىيىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا ،پەرىدە خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال دوختۇرخانغا يىتىپ كەلدى . رەنانى كۆرۇپ : دوستۇم ، ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ بىرەر يېرىڭ يارىلاندىمۇ ؟-دىدى ئەنسىرەپ .چۇنكى ، رەنانىڭ كىيىملىرى قان بولۇپ كەتكەنىدى. رەنا بولسا پەرىدەگە قاراپ :

- قۇربان، مېنى ياخشى كۆرىدىكەن . مېنى سۆيىدىكەن . ئۇ ئۆزىگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشمنى ئۆتۈندى. ئارقىدىنلا ،ئۇ خەنجەرنى چىقىرىپ كۆكرىكىگە تىقتى.

-نىمە ؟

پەرىدە ھەيران قالدى . رەنا ، سەن مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىغىن! ھەرگىز، ئۇ ئالدامچىغا ئالدىنىپ قالما ! ئۇنىڭ، قانداق ئادەملىكىى ئۆزۈڭگە ئايان . بەش يىل ئاۋۋالقى يۈز بەرگەن ئىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ؟ ئۇ خەقلەرنىڭ يالغان ياۋىداق گېپىگە ئىشىنىپ ،سېنى ئوتتا ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئەمەسمىدى ؟ -دېدى پەرىدە.

رەنانىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ . رەنانىڭ، بىر خىل بېشى قايغاندەك بولدى -دە ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى ۋە بوش ئاۋازدا:  

-مەن بىلىمەن. ھەممىنى بىلىمەن . ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان . بەلكىم .ئۇ ،مېنىڭ بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن قايتىپ كەلگەنلىكىمنىڭ سەۋەبىنى بىلدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئالدىمدا بىر قېتىم ئويۇن ئوينىدى . مەن ئۇنىڭ ئۆلۈشىدىن ئەنسىرەپمۇ قالمايمەن پەرىدە. مەن پەقەت ،ئۇ ئۆلۈپ كەتسە مېنىڭ قىزىمنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم قالمايدۇ ، مەنمۇ شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن . قۇربان بولسا قىزىمنى قۇتقۇزىدىغان بىردىنبىر يەمچۈك ،- دىدى .ئۇلار، مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ تۇرۇشىغا ئازدىن ئەرفات بىلەن فىرقەت يېتىپ كەلدى .

-ئاچا ، ئاڭلىسام .دادام ئۇ يارىلىنىپتۇ؟ ئۇ قانداقراق؟-دىدى فۇرقەت يىغلاپ تۇرۇپ . رەنا ، فۇرقەتكە گەپ قىلماي ئوغلىغا قاراپ قويدى . ئۇ قۇربانىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ئوغلى ئەرفاتقا دېمەسلىكى،ئوغلىنى ئەنسىرىتىپ قويماسلىقى رەنجىتىپ قويماسلىقى ئۇچۇن ئىدى . ئەرفات ،ئاپىسىنىڭ كۆڭلىدىكى بىلىۋالغاندەكلا بېرىپ ئاپىسىنىڭ قولىنى تۇتتى دە :

-ئاپا، ئەنسىرمەڭ ھىچ ئىش بولمايدۇ ؟ - دىدى .

ئوغۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، رەنانىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى.، ھەمدە ئوغلىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

كەچۈرگىن، ئوغلۇم .كەچۈرگىن . مەن قەستەن قىلمىدىم .مېنى كەچۈرۋەتكىن .  

-ھېچ ،ئىش يوق ئاپا . دېگىنىچە ، ئەرفات ئاپىسىنىڭ دۈمبىسىگە يېنىككىنە ئۇرۇپ قويدى .

فۇرقەت بولسا ،رەنانىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ. ئۇمۇ «ھۇ ھۇ »دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا يىغلاپ كەتتى . -فۇرقەت يىغلىما!داداڭغا ھىچ ئىش بولمايدۇ ؟ پەرىدە شۇنداق دېگىنىچە فۇرقەتنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈۋالدى.

بۇ ۋاقىتتا ،ئەرفات قاپىقىنى تۈرگىنىچە فۇرقەتكە قاراپ قويدى . فۇرقەتنىڭ ئاۋازى بېسىقتى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ، دوختۇر چىقتى . رەنا ئەرفاتنى قويىۋېتىپ دەرھال دوختۇرغا: -ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق ؟

دوختۇر ،بىر ئېغىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن: 

- ھە ،ئەگەر خەنجەر يەنە بىر سانتا ئىچكىرىگە كىرگەن بولسا ئۇنىڭ يۈرىكىگە زەخمە يەتكەن بولاتتى . بىراق ،ئۇنىڭدىن قان كۆپ چىقىپ كېتىپتۇ .بىز ھازىر قانغا مۇھتاج . قۇربان دېرىكتور ڭ، قان تىپى بىر خىل ئالاھدە ئاز تىپلىدىغان تىپكەن ! مەن بىرىپ بۇ ئىشنى ئۇرۇنلاشتۇراي ،- دىدى .

ئەتراپتىكىلەر ھەيران قالدى . ھازىر، ئۇلار گازارمىدا تۇرسا . قۇربانغا ماس كەلگۈدەك قان تېپىش تەس . يەنە كېلىپ ،قان تىپى تىپىپ كەلگۈچە،قۇربان ھايات تۇرالامدۇ؟ بىر نەرسە دېگىلى بولمايتى ! 

-مىنىڭ قىنىمنى ئىلىڭلا !دامنىڭ قىنى بىلەن مىنىڭ ئوخشاش ،- دەپ ئېغىز ئاچتى فۇرقەت .

رەنا ھەيران قالدى .

دوختۇر:

- كىچىك بەگزادە ، گەرچە، سىز قۇرباننىڭ بالىسى بولسىڭىزمۇ سىزنىڭ يېشىڭىز كىچىك .قۇربان دىرىكتۇرغا 800CC قان لازىم .سىز بەرداشلىق بىرەلمەيسىز !

- ئەمىسە، مېنىڭ قان تىپىم ماس كېلىشى مۇمكىن ، مېنىڭكىنى ئېلىڭلار ،-دەپ ئېغىز ئاچتى ئەرفات .

پەرىدە ۋە رەنامۇ ھەيران قالدى . دىمسىمۇ ،ئۇنىڭ قان تىپى قۇرباننىڭ قان تىپى بىلەن ئوخشاش ئىدى .

ئەرفات ،ئاپىسىغا قاراپ كۆزنى قىسىپ قويدى . ئەمەلىيەتتە، ئەرفاتمۇ ،قۇربانىڭ ئۆلۈشنى خالىمايتتى. -ئاپا ،مىنى كەچۇرۇڭ !

ئەرفات ،بۇ گەپنى ناھايىتى تۆۋەن ئاۋازدا ئېيتقان بولسىمۇ ، رەنا ئاڭلاپ قالغانىدى . رەنا كۆڭلىدە «ئەرفات دېگەن ياخشى ئوغۇل .

ئۇ فۇرقەتنىڭ يېقىن دوستى تۇرسا ،ئۇ بۇنداق ياردەمنى چۇقۇم قىلمىسا بولماس » دەپ ئويلىدى . رەنانىڭ كۆڭلى بىر خىل بىئارام بولدى. شۇنداقتىمۇ ،ئۇ بۇ خىل كەيپىياتنى يىغىشتۇرۇپ بېرىپ ئەرفاتنىڭ بېشنى  سىيلىغىنچە : 

- ھېچقىسى يوق، ئوغلۇم .مەن ،سېنىڭ بۇنچىلىك مېھرىبان كۆيۈمچان ئىكەنلىكىڭنى ئۇقماپتىمەن . سەن ،دوستۇڭنىڭ دادىسى ئۈچۈن بۇنداق ياخشى ئىش قىلىمەن دېسەڭ .مەن سېنى توسمايمەن . فۇرقەتمۇ ئەرفاتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ناھايىتى خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى.

- ئاكا ، بەك ياخشى بولدى . ئىككىمىز ئەل ئاغىنە . يەنە كېلىپ قان تىپىمىزمۇ ئوخشاش ئىكەن . دادام ئەسلىگە كەلگەندە ، مەن ئۇنىڭغا ئەرفاتنى تۇتۇق ئوغۇل قىلىۋالغىن دەيمەن .

شۇندىلا بىز ھەقىقىي قېرىنداش بولالايمىز ،-دىدى ئۇ خوش بۇلۇپ.  

-ماڭا ،لازىم ئەمەس . سەن ،مېنىڭ ئاغىنەم بولغاچقا مەن داداڭغا ياردەم قىلاي دېدىم . مەن داداڭنىڭ ئوغلى بولۇشقائازراقمۇ قىزىقمايمەن . 

ئەرفاتنىڭ گېپى ناھايىتى كەسكىن ئىدى . فىرقەت ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى . لېكىن ،ئۇ دوستنىڭ دادىسىنى بىللە قۇتقۇزىدىغانلىقىنى ئۇيلاپ بەكلا خوش بولوپ كەتكەنىدى . دوختۇر بولسا، بۇ ئىككى كىچىك بالىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى كۆرۈپ رەناغا قارىدى .

-سوفىيە خىنىم …سىزنىڭچە؟

- دوختۇر ،جاپا چەكتىڭىز. بۇ كىچىك بالىلارنىڭ دېگىنىدەك قىلىڭ. لېكىن ،ئۇلارنىڭ نورمال قان ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن .

-ئەلۋەتتە ،بولىدۇ ؟.

شۇنىڭ بىلەن دوختۇر، بۇ ئىككى كىچىك بالىنى قان ئېلىش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى .


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k