大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 36 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 36 ـ قىسىم aybarawazi
2024-02-24
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 37 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25

35
34
33 32
31



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


36 - قىسىم



بۇ قېتىم قۇربان رەناغا قانچىلىك بېسىم ئىشلىتىشتىن قەتىينەزەر ، ئۇ ئەسلى ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتمىغان ئىدى. چۈنكى ،كۆز ئالدىدا تۇرغان بۇ ئادەم دادا بولۇشقا لايىق ئەمەس ئىدى .ئۇنىڭ نەپرىتى قۇرباننى بىسىپ چۇشەلەيتى .

بولۇپمۇ ئەرفات سېنىڭ ئوغلۇڭ دېيىشكە ھەرگىزمۇ تىلى بارمايتى

رەنادىن جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن ،قۇرباننىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولۇپ بەكلا ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى .ھەمدە قاپىقىنى تۈرۈلۇپ كەتتى . خاپا بولغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن قۇربان :

 - ئەگەر سىز ئوغلىڭىزنى قۇتقۇزۇشنى خالىسىڭىز مېنىڭ قىز دوستۇم بولۇڭ . مۇشۇنداق بولسىلا مەن بۇ كىچىك سولتەكنىڭ ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرمەيمەن.  

رەنا بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىقى قىرىق گەز ئۆرلىدى -دە . قۇرباننىڭ تەستىكىگە بىرنى سالماقچى بولۇپ ، قولنى كۆتۈرۈشكە قۇربان ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ:

 -رەنا، ئەجەبا سىز مېنى ئىككىنچى قېتىم ئۇراي دەمسىز ؟ مەن بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ يول قويمايمەن. بىلىپ قىلىڭ . سىزنىڭ ئوغلىڭىزنى قۇتقۇزغىڭىز بارمۇ يوقمۇ ؟ 

رەنا كۆز ئالدىدا تۇرغان ئادەمنىڭ شۇنچىلىك رەھىمسىز ،ھىيلىگەر ئىكەنلىكىنى كۆردى -دە . ئۇنىڭغا نەپرەت كۆزى بىلەن تىكىلىپ قاراپ :

 -ئەگەر مەن قوشۇلمىسامچۇ ؟ ياندۇرۇپ سوردى ئاچىقى بىلەن ! قۇربان مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ، رەنانىڭ قولىنى قويۇۋەتتى -دە ، يانچۇقىدىن تېلېفوننى چىقىرىپ ياردەمچى روزىغا تېلېفون قىلدى:  

 -ۋەي ، سەن نەدە ؟سەن ھازىر يەسلىگە بېرىپ ئەرفاتنى بىزنىڭ ئائىلىگە ئېلىپ بار ! ئۇنىڭغا فۇرقەت سېنى سېغىندى دە . ئۇنى ئۆيگە ئاپارغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئوبدان قارا ، مېنىڭ رۇخسىتىمسىز ئۇنى سىرتقا چىقارما؟ قۇربان گېپىنى دەپ بۇلۇپ تېلېفوننى قويىۋەتتى. سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ: 

 - مەن سىزگە بىر سائەت ۋاقىت ئويلىنىش ۋاقتىنى بېرەي . ئەگەر سىز ماڭا قايىل قىلارلىق جاۋابنى بەرمىسىڭىز ئوغلىڭىزنى تۈرمىگە ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن . توغرا ، ئۇ ئەمدىلا ئالتە ياش تۈرمىدە ياتالمايدۇ .لېكىن ،ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش ئورنىدا تۇرالايدۇ … ئاڭلىشىمچە ئۇ تەربىيلەش ئورنىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ يېشى ئون نەچچە ياشلارمىش ...ئەرفات ئەمدى ئالتە ياش ، ئەگەر ئۇ يەرگە كىرىپ قالسا ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار…

 -قۇربان دېگەن ئەبلەخ ،- دىدى . رەنا ئاچچىقى بىلەن .مۇشۇ پەيتتە ،رەنا ئۇنى مىڭ پارچە قىلىۋەتكۈسى بار ئىدى . لېكىن، پۇتى يارىلانغانلىقتىن ئۇنى ھېچنېمە قىلالمايتتى . ئۇ يەنىلا ياۋاشلىق بىلەن كارىۋاتتا يېتىپ قالدى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان :  

-ئەگەر سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە مېنى رازى قىلىمەن دېسىڭىزمۇ مەن كۆڭلۈمگە ئالمايمەن .نېمىلا دىگەن بىلەن سىز خېلى چىرايلىق ئىكەنسىز . ئۇ شۇنداق دېگىنىچە رەنانىڭ بېلىدىن تۇتتى .

رەنا ھەر قانچە تىركەشسىمۇ ئۇنىڭ قوينىدىن ئاجرىيالمىدى ھەمدە :

-قۇربان دىرېكتور ،سىز ئادەم ئەمەسكەنسىز. مەن نېمە خاتالىق ئۆتكۈزدۈم ؟ نېمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ قۇربان كۈلۈپ تۇرۇپ:   

 -سوفىيە خېنىم ، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم .قۇربان ياخشى كۆرگەن قىز ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . ئەقىللىقراق بولۇڭ . مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىز ئۈچۈن ھەر نېمە ئىش قىلىشقا تەييار . قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپلا رەنانى قويۇپ بەردى -دە ، سىرتقا چىقىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا رەنا شۇنچىلىك يىنىكلەپ كەتكەنىدى . نېمە ئىشلار بولمىسۇن ئۇ ئوغلىنىڭ سالامەت تۇرۇشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى . ئۇ قۇربانغا چىش تىرنىقىىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئەرفاتنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئۆز ئوغلىغا ئىچى ئاغرىمامدىغاندۇ ؟ رەنانىڭ كالىسى بەكلا قالايمىقان ئىدى.  

رەنا ئويلىنىپ بېشى قاتقىنىچە ئايلىنىپ كارۋاتقا يېقىلىپ چۈشتى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان جىددىيلىشىپ رەنانىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدىدە دەرھال دوختۇرنى چاقىردى . رەنانىڭ بەدەنلىرى قېتىشىپ سۇۋۇپ كەتكەن ئىدى ، ئۇ رەنانىڭ بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيتتى .

  -دوختۇر تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز بىرەر مەسىلە بارمۇ يوق ؟ قۇربان راستىنلا بەك جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى . دوختۇر بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ :  

سوفىيە خېنىمنىڭ بەدەن ساپاسى ئىنتايىن ياخشى ئەمەس . مەن ئۇنىڭ بالا يەڭگىگەندىن كېيىن ياخشى كۈتۈنمىگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم.

بەدىنىدە نۇرغۇنلىغان يوشۇرۇنغان كېسەللىك بار ئىكەن . ئالدىرىماي كۈتۈنسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ .ئىغىرمۇ؟ ياق ، ئۇنچىلىك ئېغىر ئەمەس .ئاياللار يەڭگەندىن كېيىن ئۇششاق كېسەللىكلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ .

 -چۈشەندىم خاپا بولماي ئۇنى ياخشىراق تەكشۈرۈپ قويغان بولسىڭىز ؟ 

قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپلا سىرتقا چىقىپ كەتتى -دە ، يانچۇقىدىن تاماكىسىنى ئېلىپ چېكىشكە باشلىدى . بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، رەنامۇ ھوشىغا كېلىپ كۆزنى ئاچتى . قارىسا كېسەلخانا ئۆيىدە قۇربان يوق .ئۇ شۇ زامات ئوغلى ۋە دوستى پەرىدەنى ئويلىدى . ئۇ شۇ زامان ياستۇق تېگىدىن تېلېفوننى ئالدىدا دوستى پەرىدەگە تېلېفون قىلدى .  

پەرىدە تېلېفوننى ئېلىپلا :

 -رەنا، ئەرفاتنى قۇرباننىڭ ياردەمچىسى رۇزى ،قۇرباننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى . فۇرقەتنىڭ ئۇنى كۆرگۈسى بار ئىكەن . بىرەر ئىش بولدىمۇ ؟ پەرىدەنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ رەنا قۇرباننىڭ گېپىنىڭ چاقچاق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىدە:  

-ھېچقىسى يوق ، مۇنداقلا سوراپ باقتىم . ئۇ تېلېفوننى قويۇۋېتىپلا قۇرباننى ئىزدىدى ، قۇربان دېرىكتور سىز قەيەرگە كەتتىڭىز؟   

قۇرباندىن ھېچقانداق سادا ئاڭلانمىدى ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇ كارۋاتتىن پەسكە چۈشۈپ سىرتقا چىقتى . رەنانىڭ توشقاندەك سەكرەپ سىرتقا چىققانلىقىنى كۆرگەن قۇربان :

 -پۇتىڭىز ئاغرىق تۇرسا نېمە دەپ سىرتقا چىقىۋالدىڭىز ؟ دەپلا رەنانى كۆتۈرۈپ كېسەلخانىنىڭ كارۋىتىغا ياتقۇزۇپ قويدى . رەنانىڭ ئەسلى پىلانىدا قۇرباننى ئۆزىنى ياخشى كۆرگۇزۇپ باشلىماقچى ئىدى . قۇربان بىر قەدەم ئالدىراپ كەتكەنىدى . رەنا مۇشۇلارنى ئويلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ :   

 -ئەگەر راستىنلا، مەن سىزنىڭ قىز دوستۇڭىز بولۇشقا قوشۇلسام ، ئوغلۇمنى قويۇپ بېرەمسىز .

قۇربان رەنانىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ، ئازراقمۇ خوش بولمىدى . ئەسلى قۇرباننىڭ بۇ خىل جاۋابنى ئاڭلىغۇسى يوق ئىدى . ئەسلىدە قۇرباننىڭ پىلانىمۇ رەنانىڭ ئۆزىگە ھەممە ئەھۋالنى ئېيتىشنى, ئەرفاتنىڭ كىملىكىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى . لېكىن ,ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە چىققان ئىدى . قۇربان سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن :  

  -مەن سىزنىڭ ھازىر نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى راستىنلا بىلەلمىدىم ، سىز ماڭا ئۆزىڭىزنىڭ مېنىڭ قىز دوستۇم بولۇشقا ،قوشۇلغانلىقىڭىزنى دېگەن بولسىڭىزمۇ كىم بىلىدۇ ، ئوغلىڭىزنى قويۇپ بەرسەم ، مېنى تاشلاپ قويۇپ قېچىپ كېتەمسىز تېخى ؟… 

 - ئەمىسە سىز قانداق بولسۇن دەيسىز ،-دېدى رەنا جىددىيلىشىپ .

ئۇ قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقى كېلىپ كەتكەن ئىدى .ئۇ قۇرباننىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ئۆزىگە ئايان ئىدى . ھەم قۇرباننىڭ ئوغلىغا بىرەر ئىش قىلىپ قويۇشتىن بەكلا ئەنسىرەيتتى . ئۇ غەزىپىنى تەستە بېسىپ تۇرۇپ : 

- پەقەت سىز ئوغلۇمغا زىيانكەشلىك قىلمىسىڭىزلا ، مەن سىز نېمە دېسىڭىز مەن شۇنىڭغا قوشۇلىمەن .

رەنانىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ، قۇربان سەل بىئاراملىق ھېس قىلدى -دە :

- خاتىرجەم بولۇڭ ، پەقەت سىز مېنى رازى قىلسىڭىزلا ، مەن سىزنىڭ ئوغلىڭىزنى قېشىڭىزغا قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىمەن . بىراق بىر مەزگىل ئۇ قېشىڭىزغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ . مەن ھازىرلا يەسلىنىڭ باشلىقى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، ئۇلارنى بىر ئارالغا بىرىپ ھەربىي مەشىققا ئۇرۇنلانشتۇردۇم . ھەربىي مەشىق بىر ئاي، بىر ئايدىن كېيىن ئۇلار قايتىپ كېلىدۇ .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-قۇربان دىرىكتۇر ! ۋارقىرىۋەتتى رەنا ئۆزىنى باسالماي . ئوغلۇم تېخى ئالتە ياشقا كىرگەن تۇرسا ، ئۇ قانداقمۇ مەشىققە چىدىيالايدۇ ؟ 

 - خاتىرجەم بولۇڭ ، فىرقەتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارىدۇ . مەكتەپتىكى بارلىق بالىلار ، ئوقۇتقۇچىلار ھەممىسى بىللە بارىدۇ .ئۇنىڭدىن ، خاتىرجەم بولۇڭ.  

قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، رەنا ھاڭۋېقىپ قالدى .ئەمىسە پەرىدەمۇ بىللە بارىدىكەن -دە ،شۇنداق . رەنا سەل ئەسىرەشتىن توختىدى ھەمدە :

- قۇربان دېرىكتور سىز ئەڭ ياخشىسى ئوغلۇمغا ياخشىراق قىلىپ قويۇڭ . ئەگەر ئوغلۇمغا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىپ قالسا ، مەن سىزگە جېنىمنى تىكىمەن . قۇربان كۈلۈپ تۇرۇپ : 

 - سىز خاتىرجەم بولۇڭ ، سىز پەقەت مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىسىڭىزلا ، مەن ئانا بالا ئىككىڭلارغا ھېچقانداق زىيان -زەخمەت يەتكۈزمەيمەن . 

-ھى …ھى، قۇربان دېرىكتور. سىز بۇنداق قىلسىڭىز مۇنىرە خېنىمنىڭ جېدەل چىقىرىشتىن ئەنسىرىمەمسىز . ناۋادا سىزنىڭ ئوغلىڭىز مېنى ،سىزنىڭ نېمە ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى سورىسا، نېمە دەپ جاۋاب بەرمەكچى سىز ؟ ئەگەر مەن سىزنىڭ قىز دوستىڭىز بولسام ، ناۋادا ئوغلىڭىز ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاغىنىسىنىڭ ئاپىسىنى سىزنىڭ قىز دوستى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلسە قانداق ئىنكاس قايتۇرار . رەنانىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ، قۇربان قاپىقىنى تۈرگىنىچە سوغۇققىنە :  

-خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇرىمەن . سىز مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش قىلسىڭىزلا بولدى . ئۇنداقتا ،قۇربان دېرىكتور :

 - مەن نەدە تۇرىمەن ؟ بىزنىڭ ئۆيدە . سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە تۇرسام ، مۇنىرەدىن قورقمامسىز ؟ ئۇ دىگەن مىنىڭ ئۆيۇم ،مەن ئۆز ئۆيۇمدە سىزنى تۇرغۇزسام ئۇنىڭ رۇخسىتى ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق . ئۇ پەقەت ئۆيۇمدە ۋاقىتلىق تۇرىۋاتىدۇ . ھازىردىن باشلاپ مۇنىرە بىزنىڭ ئائىلىدە تۇرمايدۇ ، سىز خاتىرجەم بولۇڭ . 

- قۇربان دېرىكتور ، سىز راستىنلا يامانكەنسىز جۇمۇ . باشقىلارنىڭ ھەممىسى مۇنىرەنى سىزنىڭ قىز دوستىڭىز دەپ بىلىدۇ . مەن ئۇ يەرگە بېرىپ تۇرسام، سىز ئۇنى ھەيدەپ چىقىرۋەتسىڭىز ، باشقىلار سۆز -چۆچەك قىلماسمۇ ؟

 - بولدى جىق گەپ سوراۋەرمەڭ ، سىز قېشىمدا بولسىڭىزلا بولدى - دېدى، قۇربان ئاچچىقلىنىپ . 

رەنا بۇ سوئاللارنى قەستەن سورىغان ئىدى. ئۇ قۇربان بىلەن بىللە تۇرۇش جەريانىدا قۇرباننىڭ قانداق ئادەملىكى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى .ئۇ كۆڭلىدە :«ئۇ بىر رەھىمسىز باغرى تاش ئادەم قاراپ تۇرۇپ پايدا كەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايدۇ ». ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ تۇرۇشغا ،قۇربان .

- مەن دوختۇردىن سورىدىم . پۇتىڭىزدا خېلى ياخشىلىنىش بار ئىكەن ، دوختۇرخانىدىن چىقسىڭىز بولىدىكەن. مەن سىزنى ئۆيۇمگە ئورۇنلاشتۇرىمەن . مەن ھازىر ياردەمچى روزىغا تېلېفون قىلىپ سىزنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيىتىڭىزنى بېجىرىۋېتىشنى تاپىلاي . سىز يۇۋاشلىق بىلەن بىزنىڭ ئۆيدە ياخشى كۈتۈنۈڭ …

 - قۇربان دېرىكتور بەك تېز بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ ھەقىقەتەن يامان ئىكەنسىز ، شۇڭقاردەكلا .؟ 

 - نېمە دېسىڭىز دەۋېرىڭ ؟ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئايال مېنىڭ يىنىمدا بولۇشى كېرەك . قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپلا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ كېسەلخانىدىن چىقىپ كەتتى .ئۇ كېتىشىگە رەناغا تىلفۇن كەلدى .تىلفۇن پەرىدەدىن كەلگەن ئىدى :

  - رەنا بىز بىر ئايلىق ھەربىي مەشىققە چىقىدىكەنمىز، بىز چىقىپ كەتسەك ، سەن يالغۇز جاپا تارتىپ قالارسەنمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ، رەنا ھەممە ئىشلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ، قۇربان بۇنى قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى . رەنا سەل ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ

 -پەرىدە سەن خاتىرجەم بول . مەشىقكە بارغاندىن كېيىن ئەرفاتنىڭ ھالىدىن ياخشىراق خەۋەر ئالغىن ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ يېمەك ئىچمىكىگە بەك دىققەت قىل ؟ئۇنى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويما بولامدۇ .؟

 - ماقۇل ، خاتىرجەم بول . ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن . لېكىن ،سەن يالغۇز قالدىڭ. قۇربانغا تاقابىل تۇرالامسەن ؟

- ھېچقىسى يوق ، ئەنسىرىمە... سەمەت دېرىكتور ماڭا ياردەم قىلىدۇ . بۇ يەردىكى ئىشلارنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇرالايمەن .

سەمەت دىرېكتورنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ پەرىدەمۇ سەل خاتىرجەم بولدى ھەمدە:

- ماقۇل .

 -خاتىرجەم بول .ئەگەر بىرەر ئىش بولسا ماڭا تېلېفون قىل ! ماقۇل.

پەرىدە تېلېفوننى بېسىۋەتتى . رەنا تېلېفوننى بېسىۋېتىشىگە ، ئەرفات تېلېفون قىلدى :

-ئاپا ، بىز بىر ئايلىق ھەربىي مەشىققە بارىدىكەنمىز ، مەن رۇخسەت سورايمۇ يا ؟ 

قۇرباننىڭ خاراكتېرىدىن ئاساسلانغاندا ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئەرفاتقا رۇخسەت بەرمەيتتى . ئۇ ئوغلىغا ئىچ ئاغرىتقاچ بوش ئاۋازدا :

-ئاپپاق ئوغلۇم، ياخشىراق مەشىق قىل ، ئوغۇل بالا دېگەن مەشىقتىن قورقمايدىغان .  

-خاتىرجەم بولۇڭ ئاپا . لېكىن ،سىز يالغۇز قانداق قىلارسىز 

 -خاتىرجەم بولغىن ئوغلۇم، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سەمەت داداڭ كېلىدىغان بولدى .  

   ئەرفات سەمەت دېرىكتورنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شۇنداق خوش بولۇپ كەتتى .ھەمدە خاتىرجەم بولدى. ئەرفاتنىڭ نەزىرىدە سەمەت دىرېكتور ئاپامنىڭ قېشىدىلا بولسا ئاپامغا ھېچقانداق زىيان زەخمەت يەتمەيدۇ دەپ ئويلايتتى . ئەرفات كۈلۈپ تۇرۇپ: 

 -ئاپا ،سەمەت دادامغا دەڭ قۇرباندىن ئىھتىيات قىلسۇن…

قۇربان ئالىبۇرۇن رەنانىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيەتلىرى ئىشلىرىنى پۈتكۈزۈپ بولۇپ ، خوجىدارغا تىلفۇن قىلىپ ئۆينى پاكىز تازلاشنى ھەمدە رەنانىڭ ھوجىرسىنى ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى تاپىلىدى …

مۇنىرەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسە -كىرەكلەرنى تاشلىۋىتىشنى تاپىلىدى . بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن رەنا قۇرباننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ دوختۇرخانىدىن چىقتى .ئۇ بالىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ،ھەمدە كۆڭلىگە پۈككەن پىلان ئۈچۈن قۇرباننىڭ گېپىگە قوشۇلمىسا بولمايتتى . لېكىن ، ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك پاراكەندە بولۇپ، ئۇ قۇرباننىڭ ئائىلىسىگە پەقەت بارغۇسى كەلمەيتتى .


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k