
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 14 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
13 - قىسىم
ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ شۇ لايىھىلەرنى قايتىدىن لايىھىلەپ ھەم ئۇنىڭغا كۆز قارىشىنى قوشۇپ ، مۇكەممەل بولغان بىر ماشىنا لايىھىسىنى تۇزۇپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ لايىھىلىگەن ماشىنسى ئەتراپقا تونۇلۇشقا باشلىغان ئىدى . قاملاشمىغان يىرى شۇكى : ماشىننىڭ تۇنۇلغان ۋاقتى دەل قۇربان بىلەن مۇنىرەنىڭ بالىسى بولغانلىقى ھەمدە ئوت ئاپىتگە ئۇچۇرغانلىقىنى ھەمدە قۇسقىدىكى بالنىڭڭمۇ ئازابقا دۇچار بۇلغانلىقى ئىشقىلىپ تەكرار تەكرار ئازابقا دۇچار بولغان ئىدى ،ھەممە ئارزۇ شۇ ئۇتتا كۇيۇپ بولاغان ئىدى!ھازىرقى كۇندە قۇربان بۇ ماشىننى رەناغا كورسىتىۋاتاتى .بۇ نى كورگەن رەنا سەل مەسخىرگە ئۇچۇرغاندەك ھىس قىلدى ئەمما چاندۇرمىدى .
قۇربان بۇ ماشىنا لايىھىلىگۈچى بىرىنچى ئۇستاز بولدى، بۇ ۋاقىتتا رەنا ئۇنىڭ لايىھەلىگەن ماشىنىسىنى ھەيدەپ باققاندىلا ، ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق پەرق بارلىقىنى ھېس قىلالايتتى .
-ماشىنىنى ھەيدەپ باقسام بولامدۇ !؟ ، دېدى رەنا .
- ئەلۋەتتە بولىدۇ .دىدى قۇربان .قۇربان رەناغا قوشۇلغانلىق چىراي ئىپادىسىنى بىلدۈردى .. رەنا ماشىنا ئاچقۇچىنى ئالدى ، قۇربان ئۇزىمۇ ماشىنغا چىقماقچى بولۋىدى ، لېكىن رەنا رەت قىلىۋەتتى . ھەمدە سەل جىدىيلەش قىياپەتتە:
-قۇربان دىرېكتور ، سىز قېشىمدا بولسىڭىز ؟ مەن سەل جىددىيلىشىپ قالىدىكەنمەن ،-دېدى .قۇرباننىڭ ئاچچىقى كەلدى ، سەل بىئارام بولوپ :سىزنىڭ ماشىنا ھەيدەش تىخنىكىڭىز بامۇ؟-دىدى سۇسلام .
-بىز ئايال شوپۇرلارنى كوزگە ئىلماۋاتامسىز ؟ ئەگەر ماشىنىنىڭ ساقلاش مۇددىدىتى، بىخەتەرلىك جەھەتتە مەسلە بولمىسا مىنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكامدا مەسلە يوق .رەنانىڭ كوزلىرىدىن بىرخىل قايىل بولمىغانلىق چىراي ئىپادىسى چىقىپ تۇرراتتى ،ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى قۇربانغا سەل تەككەندەك ھىس قىلدى . رەناننىڭ بۇ قىتىم قايتىپ كىلىشى ھەرگىزمۇ بۇرۇنقى ئايالى رەناغا ئازراقمۇ ئوخشىمايتى . گەرچە ئۇنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغۇدەك ئىسپات بولمىسىمۇ ؟لىكىن ئۇنىڭ كوڭلىگە ئۇنىڭ ئايالى ئىكەنلىكى ئىنىق ئىدى . قۇربان سەل ئۇزنى توختىتىۋىلىپ رەناغا : بۇ ماشىنا ئەلۋەتتە ساقلاش مۇددتى ئىنىق ،بىخەتەرلىك جەھەتنىمۇ مەسلە يوق . بۇ مىنىڭ شەخسىي ماشىنام ،سىز ھەيدىگەندە كوپرەك ئىھتىيات قىلىڭ،- دەپ جىكىلىدى قۇربان ئاخىردا ھەمىنى ئەتراپلىق ئۇرۇنلاشتۇرپ بولدى ،قۇرباننىڭ گىپنى ئاڭلىغان رەنا دەرھال چىرايىغا كۇلكە يۇگۇردى :
-رەخمەت قۇربان دىرىكتۇر :دىدى كۇلۇپ تۇرۇپ .
شۇنىڭ بىلەن رەنا ماشىنىنى قوزغىتىپ ، مايغا دەسسەپ راكىتادەك ئۇچۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ماشىنا ھەيدىگەن ھالەتلىرنى كۆرۈپ ، ئەتراپتىكىلەر ھاڭ تاڭ قالدى . رەنا ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايتتى ،قۇرباننىڭ بۇ قېتىم لايىھىلىگەن ماشىنىسى ئىنتايىن ياخشى ئىدى . مەيلى ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش بولسۇن ، مەيلى ماشىنا ھەيدىگۈچى شوپۇرىنىڭ ماشىنا ھەيدىگەندىكى ئىھتىياجلىرى بولسۇن شۇنچىلىق سىپتا ئەتراپلىك لاھىلىگەن ئىدى ، لېكىن ، ھازىر كۆز ئالدىدىكى بۇ لايىھە قۇرباننىڭ لايىھىسى ئىدى ، ئەگەر ئۇنى مۇكاپاتلاشقا تېگىشلىك بولسا قۇرباننىڭ لاھىيىگەن ماشىنىسىنى تەبرىكلىسە بولاتتى . رەنا ماشىنىنى ئالدى كەينىگە بۇرۇلۇپ ئوڭ سولغا قايرىپ دېگەندەك ھەيدەپ ئۇنىڭكى ماشىنا ھەيدىگەندىكى ھەرىكەتلىرى شۇنچىلىك سىپتا ئىدى قۇربان ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئالا چەكمەن قىلىۋەتتى . قۇربان ئەزەلدىن بىر ئايالنىڭ بۇنداق ماھىرلىق بىلەن ماشىنا ھەيدىگەندىكى ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا ياردەمچى روزىمۇ مەيدانغا كېلىپ بولغان ئىدى ،
-قۇربانغا خوجايىن ،ئۇ ئايال ماشىنا ھەيدەشكە بەك ئۇستا ئىكەن ،-دىدى قايىل بولغان ھالدا .
قۇربان بىرخىل مەغرۇرلاندەك رۇزىغا قاراپ كۇلۇپ قويدى . بۇرۇن رەنا ئۆيدىلا ئولتۇرىدىغان ،ئۆيدە ئۇنى ساقلاپ ئۇنىڭ خىزمىتىمنى قىلىدىغان بىر ئايال ئىدى ، لېكىن ھازىرقى ھالىتى ئۇنىڭكى ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرگەن ئىدى ، ئۇ سەل مەغرەرلانغاندەك ھېس قىلاتتى . بۇ ۋاقىتتا ، ئەتراپتىكى كىشىلەر لايىھىلىگۈچى سوفىيەنىڭ قۇرباننىڭ كۆڭلىدە قانچىلىك ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى دە ؟ ئۆز ئارا قارىشىپ ، ماختىشىپ كەتكەن ئىدى .قۇربان توختىماستىن ھىجىيىپ قۇياتتى. رەنا قۇرباننىڭ ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلمەيتتى ، ئۇ پەقەت ماشىنغا بولغان قىزغىنلىقى ئاساستا ماشىننى شۇنداق ماھىرلىق بىلەن ھەيدەپ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتاتتى . ئۇ ماشىنىنى ھەيدىگەچ ھەمدە بۇ ماشىنىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئۆزىنىڭ لايىھىلىگىنىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى . رەنا بىر ئاز جىم تۇرۇپ قالدى دە ،- ماشىنىنى تورمۇزلىغان ۋاقىتتا سەل مەسىلە بارلىقىنى بايقىدى . قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ ؟ قۇربان مەن ماشىنىنىڭ ساقلاش مەزگىلىدە ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى ئېيتقان ئىدى ، لېكىن ھازىر ھەيدەپ ماشىنىنى تورمۇزلايدۇ دەپمۇ تورمۇزلىيالمىغان ئىدى . بۇ ئىش قارىماققا بىر تاسادىپىيلىقتەك تەسىر بېرەتتى . لېكىن بىر ماشىنا لايىھىلىگۈچى ئادەم بۇ نۇقتىنى ئېنىق بىلەتتى ، ئەجەبا بىر مېنى قەستلىمەكچىمىدۇ ، كىمدۇ؟ قۇربانمىدۇ ؟ ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ قۇربانغا قاراپلا قويدى ، لېكىن قۇرباننىڭ چىرايىدا بىر خىل ، مەغرۇرلۇق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى . ئەگەر قۇربان ئۇنى قەستلىمىگەن بولسا ، زادى كىم ئۇنى قەستلىمەكچى بولغاندۇ ؟ ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ ماشىنىنى توختاتماقچى بولدى دە ، ماشىنىنى ئوڭ تەرەپكە بىر قارىغانچە ئادەملەر توپىغا كىرىپ كەتتى ئادەملەر توختىماستىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باشلىدى ھەمدە رەنا ماشىنا ھەيدىگىنىچە تورمۇزلىيالماستىن مەيداننىڭ ئارقا تېمىغا ئۈسسىدى.
ماشىنا ئالدىدىكى تۆمۈر ئىستولبىغا ئۈستى.شۇئان ماشىنا ئۆرۈلۈپ كەتتى ، ماشىنىغا ئوت كەتتى . ھەممەيلەن بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ قالدى . بۇ خىل مەنزىرە ناھايىتى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەچكە ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى نىم قىلارنى بىلمەي قىلىشتى . قۇربان جىددىيلەشكىنىچە يۈرىكى ناھايىتى تېز سوقۇپ كەتتى ،ئۇ بىر تەرەپتىن يۈگۈرگەچ بىر تەرەپتىن ۋارقىراپ :
-رۇزى دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى چاقىر ، تېزدىن ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى تەييارلا ! - دەپ ۋارقىرىدى . ئۇنلۇك ئاۋازدا . روزى بۇ ۋاقىتتا جىددىيلىشىپ تىترەپ دەرھال قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلدى. ئوت ئۇچۇرگۇچ كابىنكىدا قاپسىلىپ قېلىپ ئالماق تەس بولدى . رەنانىڭ بېشى ماشىنا ئەينىكىگە تېگىپ پىشانىسىدىن ئىسسىق قانلار ئېقىشقا باشلىدى . قان كۆزىگە ئېقىپ كىرىپ كۆزىنىمۇ خىرەلەشتۈردى. بۇ ۋاقىتتا قۇربان ساراڭلارچە ئېتىلىپ كەلدى - دە رەنانىڭ ئىسمىنى نەچچە قىتىم چاقىردى . رەنانىڭ قولى دەرىزىگە قىسىلىپ قالغان . ئۇ دەرىزىنى قايرىپ رەنانى تارتىپ چىقىرىشنى ئويلىدى ،رەنا بۇنى كۆرۈپ سەل كۈلۈپ قويدى ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولدى . ھايات - ماماتلىق پەيتتە ، ئۇنى قۇتقۇزغىنى دەل قۇربان ئىدى . ئەگەر ئۇ راستىنلا مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولسا ، ئەينى يىلىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۇ نېمىشقا مېنى قۇتقۇزمايدۇ ؟ ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ سەل ئېسىنى يوقاتقاندەك بولدى . قۇربان سىرتتا تۇرۇپ توختىماستىن ماشىنا ئىشىكنى توختىماي چەكتى ، ھەمدە رەنانىڭ ئۇخلاپ قالماسلىقىغا بۇيرۇدى ، رەنانىڭ كۆزى ئاللىقاچان يۇمۇلغان ئىدى . رەنانىڭ كۆزى يۇمۇلۇشى بىلەن قۇرباننىڭ يۈرىكىمۇ توختاپ قالغاندەك ھېس قىلدى بەش يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتىدە ، ئۇنىڭدا بۇ خىل ھالەت كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا رەنانىڭ يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندەك تۇيغۇدا بولغان ئىدى . لېكىن ، ھازىر قۇربان توختىماستىن ماشىنا ئىشىكنى چېكىۋاتاتتى . قۇربان ماشىنا ئىشىكنى مۇشلاۋەرگەنلىكتىن قولى يېرىلىپ قاناپ ، قانلار يەرگە ئېقىشقا باشلىدى ، لېكىن قۇربان بۇنى ھېس قىلمىغان ئىدى . ئىسسىق ياشلار قۇرباننىڭ كۆزىدىن تۆكۈلمەكتە :
- ياق ، بۇنداق بوسا بوممايدۇ ! ياق ...
قۇربان ئۆزىنىڭ ئەسلىدە لايىھىلىگەن ماشىنىسىغا ئەينەك بېكىتمىگەنلىكگە ئىنتايىن پۇشايمان قىلغان ئىدى ، چۈنكى ئۇنىڭ بۇ لايىھىيەسىدە بۇ خىل تاسادىبىيلىقتا بىرىنچى بولۇپ رەنانى قۇتقۇزالمىغان ئىدى ، ئۇ ئىنتايىن پۇشايمان قىلدى . بۇ ۋاقىتتا ياردەمچى روزى تېزلىكتە يېتىپ كەلدى دە ، قۇتقۇزۇش ئەسۋابلار نى ئىلىپ قۇربان بىلەن ئىككىسى رەنانى قۇتقۇزۇپ چىقتى. قۇربان قانغا بويالغان رەنانى كۆتۈرگىنىچە ، ساراڭلارچە سىرتقا قاراپ ماڭدى :
-قۇتقۇزۇش ماشىنىسى قېنى ؟ تېز قۇتقۇزۇڭلار !-دىگىنچە يۇگۇرۇپ كەلدى بۇ ۋاقىتتا ئەس - ھوشىنى يوقاتقان ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئەتراپتىكى كىشىلەرنى سۈكۈتكە چۆمدۈردى . قۇربان نەچچە يۈز مېتىر يىراقلاشقاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ لايىھىلىگەن ماشىنىسى ”بوڭ “قىلغان ئاۋاز بىلەن پارتىلاپ كەتتى ، ئۇنىڭدىن چىققان يالقۇن ئاسماننى قاپلىدى . قۇربان بۇنى كۆرۈپ سەل قورقۇپ كەتتى ، لېكىن ئۇنىڭ بىرىنچى ئىشى رەنانى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئىدى . ئۆرە -تۆپە بولغان ئادەملەر ئارىىسدا مۇنىرە قۇرباننىڭ رەنانى كۆتۈرۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئاچچىقىدا ئىككى قولنىڭ مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ كەتتى. ھەم كۆڭلىدە رەنانىڭ نەچچە يۈز پارچە بولۇپ كېتىشىنى تىلىدى . مۇنىرە ئەزەلدىن قۇرباننىڭ بىر ئايال ئۈچۈن بۇنچىلىك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىغان . بۇرۇنقى رەنامۇ ھازىرقى بۇ لايىھىلىگۈچىمۇ ئۆلۇپ كەتسىكەن دېگەن خىياللارنى ئويلىدى . ئەپسۇس ، رەنا بۇ قېتىملىق تاسادىپىيلىقتىن قۇتۇلغان ئىدى . قۇربان مەيداندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، مۇنىرە دەرھال مەيدانغا بېرىپ . مەيداننى تازىلاشقا ھەركەت قىلدى. ئۇ مەيداندىكى قانلارنى تازىلىدى .
پەرىدە رەنانىڭ ھادىسىگە يولۇققانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، بۇ گەپنى ئەرافاتقا قانداق دېيىشنى بىلمەي تۇرغاندا ، ئەرفات ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ، ھەممە گەپلەرنى ئاڭلىغانىدى
-ئەرفات ، -دېدى پەرىدە ئەنسىرەپ .
ئەرفات:
-ئاپامغا نېمە ئىش بولدى ؟ -ئەرفاتنىڭ چىرايى تولىمۇ غەمكىن ئىدى . ئۇ يىغلامسىرىغىنىچە سورىدى . پەرىدە دېمىنى ئىچىگە يۇتىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋېلىپ ئەرفاتقا :
-ئاپاڭ قۇرباننىڭ ماشىنا مەيدانىدا تاسادىپىيلىققا ئۇچراپتۇ . ھازىر ئاپاڭ مەركىزى شەھەر دوختۇرخانىسىدا جىددىي قۇتقۇزۋېتىلىپتۇ . مەن ھازىر ئۇنىڭ قېشىغا بارمىسام بولمايدۇ ، سەن مەن بىلەن بىللە بارامسەن؟- دېدى .
ئەرفات بۇ گەپنى ئاڭلاپ مۇشتى چىڭ تۈگۈلۈپ كەتتى . قاپاقلىرىنى تۈرۈپ پەسكە قارىۋالدى . پەرىدە ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي ،يۈكۈنۈپ تۇرۇپ
-ئۇنىڭغا ئوغلۇم ئەنسىرىمە ، ئاپاڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ ؟. ئاپاڭ دېگەن شۇنچە قەيسەر ئايال تۇرسا، مەن بىلەن بىللە بارمامسەن ؟-دېدى .
- ھازىر ئاپامنىڭ قېشىدا كىم بار ئىكەن ؟
ئەرفاتنىڭ بەدەنلىرى تىترەپ كەتكەن ئىدى ، خۇددى ئۇنىڭغا كېسەل چاپلىشىۋالغاندەك . پەرىدە ئىچ ئاغرىتقاندەك قىياپەتتە :
-ئۇنىڭ قېشىدا قۇربان گۇرۇھىدىكى ئادەملەر بىلەن مۇخبىرلار بار ئىكەن ،-دېدى .
-سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز قۇربان دىرېكتورمۇ ؟ -سورىدى ئەرفات چۇشۇنەلمەي.
پەرىدە ،ئەرفات ، قۇربان ۋە رەنانىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ، قانداق ئۆچمەنلىك بارلىقىنى چۈشىنەلمەيتتى . ئەرفات بوش ئاۋازدا : پەرىدە ئاچا بولدى ، سەن ئۆزۈڭ يالغۇز بارغىن ، ئۇ يەردە ئادەملەر بەك جىق ، مەن بارساممۇ پايدىسى يوق ، سەن بېرىپ ئەگەر ئاپام خەتەردىن قۇتۇلىغان بولسا ماڭا تېزراق خەۋەر قىل .
پەرىدە ئەرفاتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل ھەيران قالدى ، بارچە ئادەملەر رەنادىن ئەنسىرەۋاتسا ، بۇ نېمىشقا بۇنداق گەپ قىلىدىغاندۇ ؟ دېگەندەك خىياللار ئۇنىڭ كاللىسىدىن كەچتى . دېمىسىمۇ ئەرفات ئۇ يەرگە بارسا بەرىبىر پايدىسى يوق ئىدى:
-سەن قانداق قىلسەن ئەمسە ؟ ئەرفات كۈلۈپ تۇرۇپ :
-مەن يەسلىدە سىزنىڭ خەۋىرىڭىزنى كۈتەي .
پەرىدە ئەرفاتقا قاراپ سەل ئىچ ئاغرىتقاندەك بولدى ھەمدە ئۇنى باشقا مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ ، تېز سۈرەتتە يەسلىدىن ئايرىلدى.ئەرفات پەرىيدە كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يەسلىنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن ئايرىلدى. ئۇ ئۆزى يالغۇز تاكسىغا ئولتۇرۇپ قۇربان گۇرۇھىنىڭ ئالدىغا كەلدى، قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ قۇربان گۇرۇھىغا كىردى، ئۇ ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئېكىسكۇرسىيەگە تايىنىپ، ناھايىتى تېزلا بىر ئۆيگە كىردى. قۇربان ئاپامنى مۇشۇنداق ئېغىر ئاپەتكە دۇچار قىلدى، بۈگۈن چوقۇم قۇرباننى بەدەل تۆلەتكۈزىشى كېرەك! ئەگەر ئانىسىغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، ئۇ قۇربان بىلەن پۈتكۈل گۇرۇھىنى بىللە دەپنە قىلمەن دەپ ئويلىدى ئاچچقىدا .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



