大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 54 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 54 ـ قىسىم aybarawazi
2024-03-13
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 55 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43

53
52
51
50
49



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


54 - قىسىم


رەنا ئاتا ئانىسى بىلەن  خۇشال خۇرام پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قۇربان تەرەپتىن   ياخشى بولمىغان بىر ئىش يۈز بەردى . 

قۇربان شىركەتكە بارغاندىن كېيىن   شىركەتنىڭ ئالدىدا رەت رەت تىزىلغان ماشىنىلارنى كۆردى . بۇ ماشىنىلار بولسا قادىرنىڭ ئۆيدىكىلەر ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ ئىدى . قۇربان ماشىنىدىن چۈششىگە قادىرنىڭ ئاكىسىمۇ ماشىنىدىن چۈشتى .  سىزنىڭ ، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز ھە ؟-دىدى قۇربان  . چۈنكى ،ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى .

-قۇربان دىرىكتۇر،بۇگۇنكى بۇ ئىشنىڭ  سىز  بىلەن مۇناسىۋتى  يوق. ئەڭ  ياخشىسى  يول  بۇشتۇڭ ،-دىدى  قۇربانغا قاراپ قاپىقىنى تۇرگىچە  . 

-مەن سىزگە ئېيتقان، سوفىيە خېنىم مېنىڭ قىز دوستۇم .  سىز ئۇنىڭغا بىرەر ئىش قىلماقچى بولسىڭىز، ماڭا دېيىشىڭىز كېرەك،- دېدى قۇربان .ئوخشاشلا قاپىقىنى تۇرگىنچە ، قادىرنىڭ  ئاكىسىغا قاراپ .

قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ چىرايى تىخىمۇ  ئۆزگىرىشكە  باشلىدى .

- ئەمىسە سىزنىڭ مەقسىتىڭىز ، بۈگۈن چۇقۇم مەن بىلەن قارشىلىشىدىكەنسىزدە ؟  سىزمۇ بىلىسىز ، ئاپام ياشىنىپ قالدى .  لېكىن ، سوفىيە خېنىم ئاپامغا   داۋاملىق ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ .ئۇ تاس قالدى ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغىلى .  مەن ئاپام ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلىشىم كېرەك ،-  دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى سوغۇققىنە . 

- بۇ ئىش زادى قانداق ئىش ؟ سىز ئەڭ ياخشىسى ئاپىڭىزدىن ياخشى سوراپ بېقىڭ ، مەن سىزگە ئېيتقان . كىم سوفىيە خېنىمغا بىرەر ئىش قىلىدىكەن ، مەن پۈتكۈل  كۇچۇمنى چىقىرىپ  شۇنىڭ بىلەن قارشى چىقىمەن .  سىلەرنىڭ      ئائىلەڭلارمۇ نامى بار ئائىلە .بۇ ئىشنى دەپ ئىككى چوڭ ئائىلە ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ قالمىسۇن .  ئەگەر سىزنىڭ راستىنلا ئۇرۇشقىڭىز بولسا ، مەن بىلەن ئۇرۇشۇڭ . بۇ مەن سىزگە قىلغان ئاگاھلاندۇرۇش ،-دىدى  قۇربان..

قۇربان سىزمۇ  بەك  كۆرەڭلەپ   كەتمەڭ. سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارنىڭ ئۈرۈمچىدە خېلى نامىبولغان بىلەن ، سىز بۇنداق زومىگەرلىك قىلسىڭىز بولمايدۇ .  مەن ھازىر كىرىپ سوفىيە خېنىمنى ئېلىپ كېتىمەن . ئەگەر ،سىزمېنى توسۇپ قالسىڭىز .  مېنى تۈزۈت قىلمىدى ،-دەپ مەندىن ئاغرىنماڭ .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

شۇنىڭ بىلەن قادىرنىڭ ئاكىسى بىر قول ئىشارەت قىلدى -دە ،ماشىنىدىن ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى يەرگە چۈشتى .  قۇربان يەرگە چۈشكەن ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچىغا قاپىقىنى  تۈرگىنىچە قاراپ تۇراتتى .  روزى جىددىيلەشكنچە :

- قۇربان دېرىكتور ،مەن ئاللىقاچان بىزنىڭ ئادەملىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ قويدۇم .ئۇلار كەلسۇنمۇ ؟ ئۇلار قەستەن جېدەل چىقىرىۋاتىدۇ . بىراق   ، بىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىككى ئائىلە بىلەن بىرلىشىپ ۋەتەننى قوغدىغان .  جەڭگاھلاردا جەڭ قىلغان . ھازىر كۈپ كۈندۈزدە بۇنچە جىق ئادەملەر ئارىسىدا ئۇرۇشساق قانۇنغا خىلاپ .

-يەنە كىلىپ روزى …  بىز قۇربان گۇرۇھىدىكىلەر بۇنداق ئىشنى قىلمايمىز.  بۇنداق قىلساق ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۈزى تۆكۈلىدۇ .

قۇربان بۇ گەپنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتقانىدى .  بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەتراپتىكىلەر ھەيران قالدى .  قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ :

- قۇربان ،سەن ئۆزۈڭنىڭ سۆزلەش قابىلىيىتىڭىنى ئاز پەش قىل . مەن بۈگۈن چوقۇم  ئاپام  ئۇچۇن ئادالەتنى ياقلىشىم كېرەك -،دىدى  ۋراقىراپ تۇرۇپ. 

-ئۇنداقتا، بىز سوتتا كۆرۈشەيلى !پەقەت ئاپىڭىز  يۈز تۆكۈلۈشتىن قورقمىسىلا؟ بىز  ۋاقتىدا بارمىز ،- دىدى  قۇربان .

شۇ ھامان ،قادىرنىڭ ئاكىسى قوينىدىن بىر تال قۇرالنى ئالدىدە قۇربانغا تەڭلەپ تۇرۇپ :

- بۈگۈن مەن سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن دېسەم ئىشىنەمسەن ئىشەنمەمسەن ؟ -دىدى .

- ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن .  سىز ئەينى ۋاقىتتا دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ جېنىنى قۇتقۇزغان ئىدىڭىز .  سىز ئائىلىڭىزدىكى بىردىنبىر باتۇر ئىزباسار.  سىزنىڭلا   قۇرال ئىشىلتەلەيدىغان سالاھىيىتىڭىز بار .  سىزنى ئۈرۈمچىدىلا دېمەيلا قويايلى ، پۈتكۈل جۇڭگودا نامىڭىز شەرىپىڭىز بار .  لېكىن، بۈگۈن مەن يەنىلا مۇشۇ گەپنى قىلىمەن .  سىزنىڭ ئاپىڭىز بىلەن سوفىيە خېنىمنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق .   ئەگەر سىز چۇقۇم سوفىيە خېنىمنى ئاۋارە قىلىمەن دېسىڭىز ،  بولىدۇ ، پەقەت مەن ئۆلۈپ كەتسەملا ، سىز مۇشۇنداققىلالايسىز مەنمۇ قارشى تۇرمايمەن .  دېدى قۇربان سوغۇققىنە .

قادىرنىڭ قورال تۇتقان بىر جۈپ قولى تىترىگىنىچە جىم بولۇپ قالدى :

- مېنىڭ ئاپام قانچە ياشقا كىردى .سىزمۇ بىلىسىز .ئاپام ،ھەرگىز  يالغان ئېيتمايدۇ .   ئۇ ئىنىم بىلەن ئارىلىشىپ بىزنىڭ ئائىلىگە نۇرغۇنلىغان ئاھانەت  ياغدۇردى .قەيەرگە قارسا  مۇشۇ خەۋەر .  ئاپاممۇ شۇ ۋەجىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ ،يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالدى ،-دىدى.

- سىز  ئىشنىڭ  راست يالغان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالماپسىز ؟  سوفىيە خېنىم مېنىڭ قىز دوستۇم .  مەن ئۇنىڭ قانداق ئايال ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن .  ئۇ ھەرگىز ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ . بۇ گەپلەرنى سىزنىڭ ئىنىڭىز قالايمىقان گەپ تېپىپ تارقاتقان .  بولمىسا سىز بېرىپ ئاپىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ،  سوفىيە خېنىمنى ئىزدىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز ؟ - دېدى قۇربان.

قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ  تىخىمۇ  ئاچىقى كەلدى .

- قۇربان ،سىز راستىنلا بىر ئايال ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلامسىز؟ سىزنىڭچە مەن سىزگە   ئوق چىقىرالماسمەنمۇ ؟  

-ئۇنداقتا ئېتىڭ . لېكىن، مەن يەنىلا باشتىكى گېپىمدە چىڭ  تۇرىمەن .

شۇنىڭ بىلەن قادىرنىڭ ئاكىسى قۇربانغا قۇرالنى تەڭلەپ تۇراتتى. بىرمۇنچە  ئادەم بۇئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ، دەرھاللا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ  قويدى .  قادىرنىڭ ئاكىسى بىر ئوقىنى قۇربانغا قاراپ ئاتتى  .   ئوق ھاۋادا لەيلەپ ، ئۇدۇل بىرىپ   قۇرباننىڭ يۈرىكىگىلا تەگدى .…پاڭ…پاڭ …قۇربانىڭ بەدىنى تىتىرگەندەك قىلىپ تۇراتتى .روزى  بۇ ھالەتكە ئىشەنمەي …

-قۇربان دىرىكتۇر ،دىگىنچەئۇنى قۇچاقلىۋالدى  . قۇرباننىڭ مەيدىسىدىن قانلار توختىماي چىقىپ كىيىملىرىنى قان قىلىۋەتكەن ئىدى .  ئۇ روزىغا قاراپ .بوش ئاۋازدا :

-ئۇ مىنى  يارلاندۇردى. ئەگەر مەن  ئۆلسەم  ئۇ ماڭا  جان قەرىز  بولىدۇ .ئىسىڭدە  بولسۇن ۋاقتى  كەلگەندە سوفىيە  خىنىمنى  مىنىڭ بولغۇسى  ئايالىم  دىگىن .ئۇ  بىز قۇرباننىڭ  ئائىلىسىنڭ  بىردىنبىر  ئايال  خۇجايىنى .مەن  ئۇنىڭ  سوفىيە  خىنىمنى  بىرەر ئىش  قىلالىشىغا  ئىشەنمەيمەن .

قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ روزىنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ كەتتى .

- دېرىكتور ،سىز نېمىشقا بۇنداق جاپا چېكىسىز .  ئۇ ئايال سىزنىڭ بۇنداق قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ ؟  ئۇ بىلەمدۇ بىلمەمدۇ ؟

- مەن ئۈچۈن بەرىبىر. سەن پەقەت مۇشۇنداق دېسەڭلا بولدى . مېنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشۇمغا بوي سۇنغىن .  

قۇربان شۇنداق دېگىنىچە ، روزىنىڭ قۇچىقىدا ھوشىدىن كەتكەن ئىدى .قادىرنىڭ ئاكىسىمۇ بۇ ئوقنى  چىقارغىنغا  ئىشەنگىسى  كەلمىگەن ئىدى.ئەسلى  ئۇ  قۇرباننىڭ  توسقىنىغا  ئۇنى  قۇرقۇتۇپ قۇيۇشنىلا ئويلىغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر  ئامانلىق  ساقلىغۇچىغا  ۋارقىراپ تۇرۇپ : 

-نىمگە ھاڭۋاقتىلىق قىلسەن، دەرھال  قۇتقۇۇزۇش ماشىنسى  چاقىر !ئەگەر  قۇربانغا بىرەر ئىش  بولسا ،بىز بۇنى ئۆمۇر  بويى تۆلەپ  بولالمايمىز ،- دىدى .

ئەمەلىيەتتە ، قۇربان ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئادەمنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى .نىمىش  بولسا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلاتتى. ئەگەر بۇ ئىش  تورغا  ئاشكارلىنىپ كەتسە ، بۇ  ئۇرۇمچىدىكى  ئەڭ  كاتتا خەۋەر بولاتتى.ئامانلىق  ساقلىغۇچى  خۇجايىنىنىڭ  ئاچىچىقلاۋاتقانلىقىنى   كۆرۇپ دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىدى .

بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن جىددى  قۇتقۇزۇش  ماشىنىسى  كىلىشكە  باشلىدى .

قۇرباننىڭ چىرايى سارغىيىپ نەپىسى  يىتىشمەي  قالغان ئىدى. جىددى قۇتقۇزۇشتىكىلەر  كىلىپ ئۇنى  ئەسۋاپتا سۇنئى نەپەسلەندۇرۇشكە باشلىدى . ھەمدە ئۇنى پۇسۇلكىغا ئىلىپ ھەربىي  دوختۇرخانا  تەرەپكە  قاراپ  ھەيدەشكە باشلىدى . ئۇلار تىز  سۇرەتتە  دوختۇرخانغا باردى  .دوختۇرلار  قۇرباننى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە ئەكرىپ  كەتتى. سىرىتتا بولسا  روزى  ۋە قادىرنىڭ ئاكىسى  ۋە بىر نەچچە  ئامانلىق  ساقلىغۇچىلار دوختۇرنىڭ چىقىشىنى  ساقلاۋاتقان ئىدى .روزى  بىرىپلا  قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ  ياقىسىغا  ئىسىلدى .

-مەن ، سىنىڭ كىم بولشىڭ بىلەن كارىم يوق .ئەگەر بىزنىڭ  قۇربان  دىرىكتۇرغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا …مەن  سىزنى ھەرگىز بوش قويمايمەن ،-دىدى  قاپىقىنى  تۇرگىنچە.

قادىرنىڭ ئاكىسىنى تۇنجى قىتىم بىرسى مۇشۇنداق  ياقىسىدىن سىقىشى  ئىدى .لىكىن ،ئۇ  بىر ئازمۇ گەپ قىلماي قاراپ تۇراتتى .چۇنكى ئۇمۇ قاتتىق ئەنسىرگەن ئىدى .

روزى بۇ ئەھۋالنى كۆرۇپ چوڭقۇر نەپەس  ئىلۋەتكەندىن كىيىن ،  ئۇنى قۇيۇپ بەردى .ھەمدە تىلفۇننى چىقىرىپ  رەناغا  تىلفۇن قىلدى.بۇ ۋاقىتتا، رەنا دەل ئاتا ئانىسى بىلەن قىزغىن پاراڭ سىلشىپ ئولتۇرغان  ۋاقتى ئىدى.ئۇ روزىنىڭ  بايانلىرىنى ئاڭلاپ  ھەيران قالدى. 

ـ نېمە دەۋاتىسەن ؟

رەنا  ئۆزىنى   خاتا   ئاڭلاپ   قاپتىمەن   دەپ   ئويلاپ   قالدى. -بۇ  قۇرباننىڭ ئويۇنى ئەمەستۇ ؟

بىراق ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆزىنى باسالماي ئالاقزادە بولۇپ كەتتى .

رەنانىڭ  قوللىرى ئازراق تىترەيتتى ھەمدە  ئېھتىياتسىزلىقتىن تىزى سافانىڭ بۇرجىكىگە تېگىپ كىتىپ  ئاغرىپ كەتتى .ئۇ ئازراق قوشۇمىسىنى تۈردى.

ـ نېمە بولدى ؟ نېمە ئىش بولدى

رەنانىڭ ئانىسىمۇ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ بەك ئەنسىرەپ كەتتى .

رەنا ئۇلارغا بىرنى قاراپ قويدى .چۇنكى ، رەنا  ئۇلارنى   ئەنسىرتىشنى خالىمايتى. رەنا يۆتىلىپ قويۇپ :

- قۇرباننىڭ شىركىتىدە ئازراق ئىش بوپتۇ. مەن قايتىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشىم كېرەك .

-ئاچا ، تاغا مەن باشقا كۈنى سىلەرگە ھەمراھ بولاي.

ئۇ ئامالنىڭ بارىچە ،ئۆزىنىڭ تەلەپپۇزىنى سىلىقراق قىلدى.لېكىن ، ئالقىنىدىن تەر چىقىپ كەتتى .

-بىرىڭ …بىرىڭ . ئۇنىڭغا كۆپرەك ياردەم قىلىڭ…-دىدى رەنانىڭ دادىسى .

رەنا ھېچنېمە دېمىدى، تېز سۈرەتتە ئۇلار بىلەن خوشلاشتى . ئىشىكتىن چىقىپ بىر ماشىناتوستى .ھەربىي رايون دوختۇرخانىسىغا باردى. ھەربىي دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن قاتتىق  چۆچۆپ كەتتى .ئوپېراتسىيەئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىككى رەت قارا كىيىملىك ئادەم تۇراتتى.

روزى رەنانىڭ  كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.

- سوفىيە خىنىم قۇربان باش دېرىكتورنى تېخىچە قۇتقۇزىۋاتىدۇ.

-زادى نېمە ئىش بولدى؟

رەنا بىلەن قۇربان ئايرىلىدىغان چاغدا بىر ئوبدان تۇراتتى. نېمىشقا ،تۇيۇقسىز بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟  روزى تېخى گەپ قىلماي تۇرۇپلا   قادىرنىڭ ئاكىسى

ئېغىز ئاچتى.

-سىز سوفىيە  بولامسىز؟

-سىز كىم بولىسىز؟

رەنا ئىختىيارسىز بۇ ئەرگە قاراپ قويدى.

بۇ ئەر ناھايىتى كېلىشكەن بولۇپ بىر قاراشتىلا بىرئۆچمەنلىكى كۈچلۈك ئادەمدەك كۆرىنەتتى .

بىراق رەنانىڭ خاتىرىسىدە،بۇنداق ئادەم بىلەن تونۇشىدىغاندەك ئىشلىرى ئىسىدە  يوق ئىدى . روزى  ئىختىيارسىز رەنانى كەينىگە تارتتى. زەردە بىلەن:

- سىزگە دەپ قوياي بىزنىڭ  قۇربان  باش دېرىكتور دېدى، سوفىيە خىنىمغا چىقىلىشىڭىزغا رۇخسەت يوق دەپ. ھازىر   قۇربان   دىرېكتورنىڭ ، ئۆلۈك ـ تىرىكلىكى ئېنىق ئەمەس،  سىز  بۇنى ئويلىمىسڭىز بولماس! توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلايمەن دىمەڭ ،- دىدى  قاپىققنى تۇرگىنچە  قادىرنىڭ ئاكىسىغا قاراپ.

-ئەگەر مەن چوقۇم ئېلىپ كېتىمەن دېسەم، سىز قانداق قىلالايسىز ؟ روزى سىز بىر ئادەم  ،يېنىمدا ئادەم شۇنچە كۆپ تۇرسا ...

قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ قوشۇمىسى سەل تۈرۈلگەن بولۇپ، ئاچىققى  كەلگەنلىكى مانامەن دەپلا  چىقىپ تۇراتتى  .

-ئاۋۋال ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز، كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئادەم كىم؟ قۇربان بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ قۇرباننى ئۇ  يارلاندۇردىما؟

رەنا  ئۇدا بىر نەچچە سوئال سورىدى. 


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0