
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 27 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 25 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
26 - قىسىم
سەن ماڭا ئۆچلۈك قىلمامسەن ؟ مەن سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارگە نۇرغۇن زىيانلارنى سالغان تۇرسام ،-دىدى .
- قۇربان ئائىلىسىدە پۇل دېگەن جىق ،بىر مىليون دېگەن ھېچقانچە گەپ ئەمەس . ئەگەر سەن ياقتۇرىدىغان ئىش بولسا سەن قۇربان ئاىئلىسىدىكى بارچە پۇلنى ئېلىپ كەتسەممۇ ، مېنىڭ ھېچقانداق پىكرىم يوق . سەن بىلمەيسەن كىچىكىمدىن ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە ئاپامنىڭ سەن بۇ گۇرۇھنىڭ ئىزباسارى دەپ مېنى ياخشى ئۆگەن دەپ، ھېلى ئۇنى ھىلى بۇنى ئۇگۈتەتتى .
لېكىن مەن ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيمەن . مەن راستىنلا ئۆزۈم خالىغان خۇشال تۇرمۇشنى ئۆتكۈزگۈم بار. لېكىن ، ئاپام ھەمىشە بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ . ئۇ دادامنىڭ ئالدىدا ماڭا شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ، لېكىن دادام ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىگىلا . مېنى ئۇنى ئۆگەن ، بۇنى ئۆگەن دەپ نۇرغۇن قائىدە تۈزۈملەرنى ئۆگىتىدۇ. دادام كەلسە ئۇنىڭ ئالدىدا تېخى ماختاپ قويۇشلىرى بار تېخى . راست گەپ قىلسام مەن بەك چارچاپ كەتتىم ، قۇربان ئائىلىسىنىڭ ئىز باسارى بولۇش شۇنچىلىك تەس .ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا مەن بۇنچە جىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى ،-ئۇ شۇنداق دىگىنچە كارۋاتقا ئۆزىنى ئاتتى ھەم چاقچاق ئارلاش :
- ئەرفات ، سەن بىلەمسەن ، مەن كىچىكىمدىن تا ھازىرغىچە باغچىلارغا بېرىپ ئويناپ باقمىدىم . سەن بىلمەيسەن ، مەن ئادەتتىكى ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەك ھەۋەس قىلىمەن ، ئۇلار نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدۇ. لېكىن مەن ئوخشىمايمەن. مەن ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلالمايمەن . مەن كىچىكىمدىن تا ھازىرغىچە مېنىڭ نېمە ئىش قىلىشىم ، قانداق ئىشلارنى قىلىمەن ، ھەممىسى ئاپام بەلگىلەپ بەرگەن ھەم مېنىڭ كېيىنلىكىمنىمۇ ئاپام بەلگىلەپ بولغان! سەن نېمىنى ياخشى كۆرىسەن ، نېمىگە ئامراق ؟ ھېچ مەنىدىن سوراپ باقىنى يوق . بۇ قۇرباننىڭ ئاىئلىسى بىر قەپەسكە ئوخشايدۇ ، مەن ئۆمۈر بويى ، ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايمەن ،-دىدى زارلىنىپ . ئەرفاتنىڭ دەرھاللا قاپىقى تۈرۈلۈپ كەتتى كۆڭلىدە :
مەن ئەسلى بىچارە بالا ئەمەس ئىكەنمەن . ئۇنىڭ تۇيۇقسىز فۇرقەتكە ئىچى ئاغرىپ كەتتى .
ئۇ بېشىنى باشقا ياققا بۇرۇۋالدى .لىكىن ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى سىرتقا چىقارمىدى :
-بولدى مەن ساڭا بىر ئويۇنچۇق لايىھىلەپ بېرەي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدە يالغۇز ئىچىڭ سىقىلىپ قالىدىكەن . بۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش يۇزىسىدىن ساڭا قىلغان سوۋغام بولسۇن ،لېكىن مېنىڭ ياساپ بەرگىنىمنى ھېچكىمگە دېمە .
-چاتاق يوق ،-دىدى فۇرقەت . ئۇ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى . لېكىن كاسىسى قاتتىق كارۋاتقا تىگىپ كەتتى ھەمدە « ۋايجان » دەپ توۋلاپ كەتتى . سىرتتا تۇرغان قۇربان ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدى دە ئىشىككە يېقىن كېلىپ قۇلىقىنى چاپلاپ ئەرفاتنىڭ تۆۋەن ئاۋازدا دېگەن سۆزنى ئاڭلىدى :
- سەن تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىل! مەن ساڭا دەپ قوياي يەنە مۇشۇنداق قالايمىقان چىقىراپ يۈرسەڭ ، مەن ساڭا ئويۇننى لايىھىلەپ بەرمەيمەن .!
- دېمەيمەن ،دېمەيمەن ، سەن دەرھال ماڭا ئويۇندىن بىرنى لاھىيىلەپ بەرگىن ، مېنىڭ بەك ئىچىم سىقىلىپ كەتتى. ئۆيدىكىلەر ماڭا ئېلىپ بەرگەن ئويۇنچۇقلارنىڭ بىرسىمۇ قىزىقارلىق ئەمەس، بىرسىنىمۇ ياقتۇرمايمەن .
ئۇ سەل زارلانغاندەك قىلسىمۇ لىكىن كۆڭلى خۇشال ئىدى. ئەرفات بىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن :
-ئەمسە ماڭا بىر قول كومپيۇتېر بەرگىن ، مەن قولۇمدىلا ساڭا ئۆزگەرتىپ بىرەلمەيمەندە .
- ماقۇل ، سەل ساقلاپ تۇر مەن . قول كومپيۇتېرنى ساڭا ئىچقىپ بېرەي .
قۇربان ئىشىكنىڭ تۆشۈكىدىن ئۇلارغا قاراپ مىيىققىدە كۈلۈپ قويدى . كوڭلىدە :
-بۇ ئەرفات راستىنلا ئويۇن لايىھىلەشنى بىلەمدىغاندۇ .؟ ئۇ ئەمدىلا يەسلىدە ئوقۇيدىغان تۇرسا . مومكىمۇ ؟ قانداقمۇ كومپىيۇتىرغا بۇنچە ئۇستا بوپ كەتكىندۇ ؟
ئىشقىلپ قۇرباننىڭ كالىسىدىن ئوتمىدى . نۇرغۇن خىياللار ئۇنىڭ كالسىدىن ئەگىدى .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
بۇرۇن ئۇ كىچىك بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ، قۇربان ئۇ ئاپپاراتنى ئاچمىغان ئىدى . ئۇ ئۈستەل ئالدىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردىدە، ئاپپاراتنى ئاچتى . ۋىدىئودا فۇرقەتنىڭ قول كومپيۇتېرنى ئەرفاتقا بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇراتتى .
-تۇتە ، بۇ مېنىڭ قول كومپيۇترىم، مەندىن باشقا ئادەم قول تەككۇزۇپ باقمىدى . مەن ساڭا مىمانى ئېچىپ بېرەي .
-ھاجىتى يوق ،- دەپلا كومپيۇتېرنى قولغا ئالدى دە، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكىلىرىنى بېسىشقا باشلىدى . قۇربان بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . ئۇ ۋىدىئونى ئەرفاتنىڭ ئولتۇرغان يېرىگە ئالماشتۇردى دە ، سۈرەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ ، ئۇنىڭ قىلىۋاتقان مەشغۇلاتىنى كۆرۈشكە باشلىدى. ئەرفات ھېچ نېمىنى سەزمەستىن بىر قاتار ھەرپلەرنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزدى- دە ،بىردىنلا كومپيۇتېرنىڭ مەخپىي شىفىرى ئېچىلىپ كەتتى .
-ۋاۋ ئەرفات سەن بەك يامانكەنسەن ، ماڭا ئۆگىتىپ قويغىن بولامدۇ ؟
-سەن زادى قانداق قىلدىڭ ؟ ماڭىمۇ دەپ بەرگىن بولامدۇ ؟ راس ، بەك قالتىس بولدى !- فۇرقەت ھاياجانلىنىپ سەكرەپ كەتتى . ئەرفات فۇرقەتكە قاراپ بىر ئالىيىپ قويدى دە ، ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋالدى . ئۇ كومپيۇتېردىن بىر تال ھۆججەتنى ئاچتى . قۇربان قاپىقىنى تۈرگىنىچە ، ئۇنىڭغا كۆزىنى ئۈزمەي ، قاراپ تۇراتتى . چۈنكى ، ئەرفاتنىڭ مەخپىي شىفىرنى ئېچىش يولى بىر خىل ئۇنىڭغا تونۇشتەك ھېس قىلدى .
ئۇ دەرھال ياردەمچى روزىغا تېلېفون قىلدى دە ، سەن ئالدىنقى قېتىم بىزنىڭ تور يولىغا ھۇجۇم قىلغان قارا مېھماننىڭ سۈرەتلىك ۋىدىئوسىنى ماڭا يوللاپ بەر ،-دىدى . قۇرباننىڭ كاللىسىدا بىر خىل ئوي پەيدا بولغان ئىدى . ئۇ ئالدىدىكى ھەقىقەتكە ئىشەنگۈسى كەلمەي . كۆڭلىدىكى گۇمانىنى بىر دەلىللەپ باقماقچى بولدى .
بۇ ۋاقىتتا ياردەمچى روزى ، باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئىدى ، ئۇ قۇرباننىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭغا ۋىدىئونى يوللاپ بەردى . قۇربان ئۆز شىركىتىنىڭ تورغا ھۇجۇم قىلغان قارا مېھماننىڭ كىرگەن تور يولىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى . ھەمدە بايا ئەرفاتنىڭ مەخپىي شىفىرنى يەشكەندىكى تور يولنى چوڭايتىپ كۆرۈپ چىقتى ، دەرۋەقە ئىككى ئادەمنىڭ تور يولىدىكى مەشغۇلاتى ئوخشاش چىققان ئىدى . قۇربان بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . شىركەتنىڭ پروگراممىسىغا ھۇجۇم قىلغان ھەم شىركەتنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلىۋەتكەن ، دەرۋەقە ، ئەرفات- كىچىك سولتەك ئىكەن ،-دەپ ئويلىدى .
ئۇ كىچىك تۇرۇپ نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ ؟ قۇرباننىڭ پەقەت ئىشەنگۈسى كەلمىدى ، لېكىن يەنىلا ئۇ ئەرفاتنىڭ مەشغۇلاتىغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى . ئەرفات بىردىنلا كومپيۇتېرغا سانسپىرلارنى كىرگۈزدىدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر ئويۇننى لايىھىلەپ چىقتى . قۇربان بۇنى كۆرۈپلا ھەيران قېلىپ ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى . ئۇ يەنە ياردەمچى روزىغا تېلېفون قىلدى دە :
-ياردەمچى روزى ، سەن تەكشۈرۈپ بەر ، ئالدىنقى كۈنى شىركەتنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلانغان كۈندە ئەرفات نېمە ئىش قىلىۋاتقان ئىكەن؟ ئۇ بىزنىڭ شىركەتكە بارغانمۇ يوق ، سەن كۆزىتىش ئاپپاراتىنى ئەتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە ھەممىنى بىردىنبىر تەكشۈرۈپ ماڭا يوللاپ بەر ،-دىدى .
ياردەمچى روزى قۇرباننىڭ نىمە مەقسىتى بارلىقىنى ئاڭقىرالماي قالدى ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ ئۆزىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا كىرىشىپ كەتتى . قۇربان ۋىدىئودىن ئەرفاتنىڭ ھەر بىر ھەرىكەتلىرىنى كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ كۇزۇتۇپ تۇراتتى ھەمدە كوڭلىدە :
-بۇ كىچىك سولتەكنى سەل چاغلىغىلى بولمىغۇدەك .ئۇ راستىلا خەتەرلىك بالا ئىكەن . لېكىن ،ئۇ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ ئەجەبا ئاپىسى ئۈچۈن قىساس ئېلۋاتقانمىدۇ ؟ ئەگەر بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ سولتەك قىلغان بولسا ، بىز تۇنجى كۆرۈشكەندىكى ئايرودرومنىڭ ھاجەتخانىسىدىكى سۈرەتلىك ۋىدىئونىڭ تورغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس .
لېكىن زادى نېمە ئۈچۈن؟ مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن تۇرسام ئەجەبا، ئۇ بەزىبىر ئىشلارنى بىلگەن بولۇشى مۇمكىن .شۇڭا مۇشتاق قىلىپ ئۆچ ئالماقچىمىدۇ ؟ ياكى بولمىسا ئۇ ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ئاللىبۇرۇن بىلگەن بولۇشى مۇمكىن . قۇربان بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتتى . ئۇ راستىنلا مېنىڭ ئوغلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ماڭا مۇشۇنداق قىلامدىغاندۇ ؟ قۇربان جايىدا ئولتۇرالمىدى ، ھەم كۇتۇپخانىنىڭ ئىشىكنى تاقىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى .
ھۇجرىدىكى ئىشكاپنىڭ تارىتمىسىنى ئاچىتى -دە ئىككى تال توي كىنىشكىنى قولغا ئالدى . بۇ دەل بەش يىلدىن بىرى قۇربان ساقلاپ كەلگەن نەرسىلەر ئىدى . ئۇ كىنىشكىنى ئاچتى -دە ، ئارىلىقىدىن بىر تال سېرىق ۋاراقنى ئالدى ، بۇ دەل بۇرۇن رەنانىڭ ھامىلدارلىق تەكشۈرۈش قەغىزى ئىدى . قۇربان رەنانى سېغىنغانلىقىدىن بۇ ئىككى نەرسىنى ساقلاپ قويغان ئىدى .
ئۇ بۇ ئىككى نەرسىگە تاينىپ تالاي كېچىلەرنى تاڭ ئاتقۇزغان ئىدى . قۇربان راستىنلا رەنانى ياخشى كۆرەتتى. ھامىلدارلىق تەكشۇرۇش قەغىزىدىكى سان سىفىرلار ھازىر ھاياتلا بىر كىچىك سولتەككە ئايلانغان ئىدى . يەنە كىلىپ شىركەتكە نۇرغۇنلىغان زىيانلارنى سالغان ئىشقىلىپ پەقەتلا ئىشەنگىم كەلمەيدۇ. قۇربان شۇلارنى ئويلاپ يانچۇقىدىن تېلېفوننى چىقاردى -دە دوختۇرخانا باشلىقىغا تېلېفون قىلدى :
-ۋەي دوختۇرخانا باشلىقى مەن سىزگە دېگەن ئىشنىڭ نەتىجىسى چىقتىمۇ؟ بىرەر خەۋەر بارمۇ ؟. دوختۇرخانا باشلىقى قۇرباننىڭ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى ، لېكىن يەنىلا جىددىيلىشىپ ئۇنىڭغا :
-ئاللىقاچان جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئېلىپ باردۇق ئەتىگىچە نەتىجىسى چىقىپ قالار .
-ھە بوپتۇ ئەمسە، سىزنى ئاۋارە قىلدىم دەپلا تېلېفوننى قويىۋەتتى . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئائىلە دوختۇرىغا تېلېفون قىلدى . ۋەي ، مەن سىزگە تاپىلىغان ئىش قانداق بولدى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتىمۇ ؟
ئائىلە دوختۇرمۇ جىدىيلەشكىنىچە :
-ماقۇل مەن كۈچۇمنىڭ بارىچە تىرشىمەن .
قۇربان تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن كۆڭلى بىر خىل خاتىرجەم بولدى . بۇ ۋاقىتتا ئىككى دوختۇر بىرلا ۋاقىتتا يەنە بىر ئادەمگە تېلېفون قىلدى .
-رەنا خېنىم ، قۇربان دېرىكتور ماڭا بايا تېلېفون قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ سەۋەبىنى سورىدى. بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمەن ؟-دىدى رەناغا.
بۇ ۋاقىتتا رەنا بىلەن پەرىدە ھە دەپ قىزى سۈرىيە توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتاتتى . ئۇ دوختۇردىن كەلگەن تېلېفوننى كۆرۈپ ھەيران قالدى . ئۇ سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن .:
- ئەمىسە DNAنىڭ نەتىجىسى چىقتىمۇ ؟
- ئەتە چىقىدۇ .
ئەمىسە ياخشى. ئۇنداقتا، ھەقىقىي نەتىجىنى قۇربانغا دەۋېرىڭ. رەنا جىددىيلەشمەي گېپىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. دوختۇر رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، سەل ھەيران قالدى ھەمدە :
- رەنا خېنىم ، ئەگەر DNA نەتىجىسى چىقسا دىسەك ئەرفاتنىڭ قۇرباننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ ، بۇنىڭغا سىز يول قويامسىز ؟
-شۇنداق مەن ئۇنى بىلسىكەن دەپ ئويلايمەن مىنىڭ دىگىنىم بويىچە ئىش بىجىرىڭ !
-ماقۇل دىدى دوختۇر ، رەنا گېپىنى ئۈزۈپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى .
پەرىدە ھەيران قېلىپ ئېغىز ئېچىپلا قالدى ، ئەمدى نېمە ئىش بولغىننى سوراي دەپ تۇرۇشىغا قۇرباننىڭ ئۆيىدىكى ئائىلە دوختۇرى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى .ھەمدە :
-رەنا خېنىم قۇربان دېرىكتور سىزنىڭكى بېشىڭىزدىن بىر تال چاچنى ئېلىپ بۇرۇنقى ئۆزى ساقلاپ قالغان چاچ پاسونىنى سېلىشتۇرۇپ بېرىپ بېقىشقا مېنى بۇيرىغان ئىدى . مەن زادى قانداق قىلىمەن؟ رەنا يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدى ھەمدە كۆڭلۈدە «بۇ قۇرباننىڭ ئىش ھەرىكىتى ھەقىقەتەن ئويلىغىنىمدىن تېز ئىكەن »دەپ ئويلىدى.
- دوختۇر ئەمەلىي ئەھۋالنى قۇربانغا ئېيتىۋېرىڭ ، مېنىڭ بۇ قېتىم قايتىپ كېلىشىممۇ مۇشۇ ئىشلارنى قۇربانغا بىلدۈرۈش ، ئەگەر سىز ئېيتمىسىڭىز ، مەن ئۆزۈم ئېغىز ئېچىشىمغا ، ئىسپاتلىشىمغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ھامان كېلىپ مېنى ئىزدەيدۇ ، ھەممە ئىشلارنى مەندىن سورايدۇ .رەھمەت سىزگە دوختۇر، - دەپلا تىلفۇننى قۇيۋەتتى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


