
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 18 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 16 |
15 |
14 |
13 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
17 - قىسىم
قۇربان يېشىغا ئوتتۇز نەچچە يىل بولدى ، لېكىن بۇ قېتىم بۇ ئەھۋال پەقەت كاللىسىدىن ئۆتمىگەن ئىدى . ئۇ كۆڭلىدە بۇ كىچىك سولتەك ، دەرۋەقە ە سوفىيەنى ئاپا دەۋاتىدۇ ؟ ئەجەبا بۇ كىچىك بالا سوفىيەنىڭ بالىسىمىدۇ ؟
- ھەي ، كىچىك سولتەك ، سەن ئۇنى باي ، نېمە دەپ چاقىردىڭ ؟ -دىدى قۇربان ھەيران بولوپ . ئۇ شۇنداق دېگىنىچە كېسەلخانىغا كىرەي دىيىشىگە پەرىدە ئۇنى توسۇۋالغان ئىدى ، لېكىن ئۇ پەرىدەنى ئىتتىرىۋېتىپ كىرىۋەردى . ئۇ شۇنداق ھەيرانلىق بىلەن ئەرافاتقا قاراپ تۇراتتى . ئەرافات ، پەرىدە ...دەرۋەقە بىر مەسلە بار ئىدى . بۈگۈنكى ئىشلارغا ئىنچىكە ئويلىغاندىمۇ . ئەرافاتنىڭ بەش ئەزايى لاھىلىگۇچى سوفىيە گە ئازراق ئوخشىغاندەك قىلاتتى ، لېكىن كۆز ئالدىدىكى بۇ سوفىيە ئىلگىرىكى ئايالى رەناغا ئوخشىمايتتى . ئىش قىلىپ ، بۇ خىل مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭ كاللىسىنى گادىرماچ قىلىۋەتكەن ئىدى . ئەگەر ئۇ راستىنلا رەنانىڭ بالىسى بولسا ، ئۇ بۇ يىل ئالتە ياشقا كىردى . ئۇنداقتا ئەرافات ئۇزىنىڭ بالىسى بۇلىشى ئىنىق ئىدى . بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز قۇرباننىڭ يۈرىكى تېز سوقۇپ كەتتى .ھەم يەنە ياندۇرۇپلا :
-كىچىك سولتەك ، ماڭا ئىىيتە ؟سەن ئۇنى بايا نىم دەپ چاقاردىڭ؟! ئەرافات خۇددى قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك ، قۇرباننىڭ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىنى ھېس قىلمىغاندەك ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى بىلەن ئاپىسىغا قاراپ تۇرغاندەك تۇراتتى:
- ئاپا ، ھۇشىڭىزغا كېلىڭ بولامدۇ ، سىز خىزمىتىڭىز مۇقىم بولغاندىن كېيىن مېنى بالىلار يەسلىسىگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلىمەن دەپ ۋەدە قىلغان . ئىدىڭىز ھازىر ماڭا گەپمۇ قىلماي ياتىسىز ،بۇنداق قىلغىنىڭىز نېمىسى ؟ ئەرافات كۆزنى ئۈزمەي ئاپىسىغا قاراپ تۇراتتى . ھەم كۆزلىرىدىن ياشلار ئاقاتتى . قۇربان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تولىمۇ بىئارام بولدى .
- قۇربان، ئەمدى بولىدىغاندۇ؟! چىقىپ كېتىڭ ؟! سوفىيەنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلماڭ !
پەرىيدەنىڭ زەھەرلىك گەپلىرى يەنە قۇربانغا قارتىلدى.
ئۇنىڭ مۇئامىلىسى تولىمۇ قوپال ، ئۇ سەل ئەنسىرەپ تۇراتتى ، چۇنكى بۇ ۋاقىتتا قۇربان كوڭلىدە نىم ئويلاۋانقانلىقى ئۇنىڭغا قاراڭغۇ ئىدى . لېكىن بۇ قىتىم رەنانىڭ نېمە ئۇچۇن ئەرەفاتنى بىللە كەگەنلېكىنى ، قورسىقىدا نىمە پىلانى بارلىقىىنىمۇ بىلمەيتى .
لېكىن بۇنچە تىز قۇرباننىڭ رەنانىنىڭ ئۇغلىنىڭ ئۆزۇنىڭ ئۇغلى ئىكەنلىگە بۇنچە تىز دىققەتقىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى . شۇنداقلا رەنانىڭ پىلانىنى بۇنچە تېز بۇزىۋېتىشىنىمۇ ئويلاپ باقمنىغان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا ئەرافات يىغلىىنچە رەنا قاراپ تۇراتتى . ئەھۋالنىڭ ناچارلىقىنى بىلگەن پەرىيدە دەرھاللا قۇرباننى ئىتتىرپ سىرىتقا چىقىرۋەتمەكچى بولدى ،بۇگۇن قۇرباننىڭ ئۇچۇرغان ئۇۋالچىقنى سەل چوڭ بولدى ، ھازىرغىچە ھىچكىم ئۇنىڭغا بۇنداق قۇپاللىق قىلىپ باقمىغان ئىدى ،لېكىن يەنىلا ئۇزىنى بېسىۋالدى.
ياردەمچى روزى فۇرقەتنى ئويگە ئاپىرىپ قويغاندىن كىيىن تىز سۇرئەتتە دوختۇرخانغا يىتىپ كەلدى ،ئۇ كېلىپلا قۇربان غا بىر قارۋەتكەندىن كىيىن ئىغىز ئاچتى:
- قۇربان دىرىكتۇر ،سىز گە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ لاھىلىگۇچى سوفىيەنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟ ئەجىبا ئۇنىڭغا راسلا!؟
”جويلىمە “ قۇربان بىر ۋارقىراپ ئۇنىڭ گىپىنى بولۋەتتى ، ئۇ روزى غا بىر ئالىيۋەتكەندىن كىيىن كاريدوردىكى ئۇزۇن ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇردى . نۇرغۇن سۇئاللار ئۇنىڭ جىسمىنى ، قەلبىنى ئىزىپ تۇراتتى . ئۇ سەل ئوڭشلنىۋالغاندىن كىيىن روزى غا ئىغىز ئاچتى:
-سەن ئەرافات ئوقۇغان يەسلىگە بىرىپ تەكشۇر ، ئۇ قانداق ئىستاكاندا سۇ ئىچىدۇ ، قانداق قاچىدا ، قانداق چوكىدا تاماق يەيدۇ ؟ ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ شولگەي ۋە چېچىنى تىپىپ كەلگىن ، مەن ئۇزۇم بىرقوللۇق تەكشۇرۇش ئىلىپ بارمەن !- دەپ تاپىلىدى . قۇرباننىڭ گىپىنى ئاڭلىغان روزى ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى ،ئۇ تۇساتتىن ئىغىز ئاچتى :
-دىرىكتۇر بۇ ئەرافات دىگەن كىم ؟
- بەلكىم مىنىڭ ئوغلۇمدۇ؟ -دىدى قۇربان بىپەرۋالا . ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلىغان روزى ھاڭتاڭ تۇرۇپلا قالدى .ھەمدە كوڭلىدە دىرىكتۇر ئىلشىپ قالمىغاندۇ نىمىنداق ئادەم چۆچىتىدىغان گەپلەرنى قىلدىغاندۇ دەپ ئويلىدى .بىراق ئۇ قانداقمۇ ئېغىزىدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالىسۇن ؟ پەقەت كوڭلىدە ئويلىيالايتتى خالاس . ئۇ سەل ئۇزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كىيىن بوش ئاۋازدا :
-قۇربان دىركتۇر،ئەگەر لايىھىلىگۇچى سوفىيەگە بىرەر ئىش بولمىسا شىركەتكە قايتامسىز ؟ھازىر شىركەت ناھايىتى قالايمىغان ئىشلارمۇ قالايمىقان بولۇپ كەتتى . سىز بىرىپ بۇ ئىشلارنى ئوڭشىسىڭىز بولاتتى ، -دىدى .
- مەن ھىچ يەرگە بارمايمەن ، مۇشۇ يەردە سوفىيەنى ساقلايمەن . شىركەت مەندىن ئايرىلسا ۋەيران بولامدىكەن ، مەن بىرمۇنچە ئىشچى خىزمەتچىلەرنى بىكارغا تاماق يىسۇن دەپ ئىشلەتتىممۇ ؟
قۇرباننىڭ بۇ گىپى روزى نىڭ نىم دىمىنى تۇتقۇزۇپ قويدى .
-ھە را س دىرىكتۇر ، ئەسلى شاڭخەي تەرەپتىكى سەمەت دىرىكتور سوفىيەنى كۆرۇپ كىلىش ئۇچۇن ئايرۇپىلان بىلىتى زاكاس قىلىپتىكەن . ۋاختىنچە ئۆيىدە بىر بىمارنىڭ ئەھۋالى ئىغىر بولغاچقا كىلەممەپتۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ كاتىپى بىزگە ئەگەر لايىھىلىگۇچى سوفىيەگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا بىزگە يۇمشاق قوللۇق قىلمايدىغانلىقىنى ئىيىتتى .بۇ ئىشنى مەنمۇ بايا ھىلى ئۇقتۇم ،قارشىمچە بۇ ئىش سەمەت دىرىكتۇر بۇنچە ئاسان بولدى قىلمايدۇ ،- دىمسىمۇ سەمەت دىرىكتۇرنىڭ شاڭخەيدە ئۇرنى ھەقىيقەتەن كىچىك ئەمەس،قۇربان روزى نىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قاپىقىنى تۇرگۇنچە قۇلىنى روزى غا تەڭلەپ ئۇنى بۇ يەردىن كەتكىم دىدى . ھازىر ئۇنىڭ كاللىسى ئىنتايىن قالايمىقان ، نۇرغۇن ئىشلار بىرلا ۋاقىتتا يۇز بەرگەچكىمۇ ،ئىشقىلىپ ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشىلانمىدى . بۇنداق بولوپ باقمىغىلىمۇ ئۇزۇن بولغان ئىدى ، ئۇ بىر تۇرۇپ ئەينى ۋاقىتتكى رەنانىىڭ ھامىلدارلىق تەكشۇرۇش قەغىزىنى كۆتۈرۈپ ھەممە يەرگە بىرىپ ئادەم قالماي يالۋۇرغان جاپالىرىنى ئىسىگە ئالدى، ئەمەلىيەتتە رەنا ئۇنىڭ بالسىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا ناھايىتى خوش بولغان ئىدى .لېكىن ئۇ بۇرۇنقىدەكلا رەناغا قۇپال مۇئامىيلە بولوپ كۇنۇپ قالغاچقىمىكىن بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇنىڭغا قانداق ئىللىق مۇئامىيلە قىلىشنى بىلمىگەن. ئەيىنى ۋاقىتتا ئۇ بالىسى ئۇچۇن گوروھنىڭ پاي چىكىنى قايتىدىن تەڭشىگەن ، تۇغۇلغان بالا مەيلى ئوغول ، مەيلى قىز بولسۇن ئۇنىڭغا پۇتۇن مال مۇلۇكنى بىرىشنى قارار قىلغان ئىدى . لېكىن قېرىشقاندەك مۇنىرەمۇ ھامىلدار بولغان ، يەنە كىلىپ قۇرباننىڭ پۇشتى ئىدى .ئۇ مۇنىرە بىلەن رەنانىڭ ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغانلىقىنى ئوبدان چۇشۇنەتتى . ئۇ بۇ ۋاقىتتا رەنانىڭ مۇنىرەگە ھەم قۇسقىدىكى بالىغا بىرەر زىيانكەشلىك قىلىپ قويشىدىن ئەنسىرەيتى .شۇڭلاشقا ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چەتتە چىقىرۋەتمەكچى بولغان .دۆلەتنىڭ سىرتىدا ئۇنىڭ كەڭرى داچىسى بار ئىدى ھەم ئۇلار بىلەنمۇ ئالاقىلشىپ قويغان ، ئەڭ ياخشى ياتاق ئۆي ھەمدە ئەڭ ياخشى مۇلازىمەتىچىلەرنى رەنانىڭ تۇغۇتىدا ياردەملىشىشكە ئەتراپلىق ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىدى . لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئوت ئاپىتى يۇز بىرىپ ھەممە كۆيۇپ كۇلگە ئايلاندى .ئۇنىڭ ئايالى ، بالىسى، ئۆيى يوق بولغان ئىدى.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ئۇ ئىنتايىن ئەركە ھىشنىمىدىن غىمى يوق ،خۇشال ۋاختىدا قاقالاپ كۇلەلەيدۇ ،يىغلىغاندا ئۇن سىلىپ يىغلىيالايدۇ .شۇنچىلىك ئەركىن .لىكىن ئەرافاتچۇ ؟ئۇ ئۇنداق ئەمەس ،ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى خۇددى چوڭ ئادەملەرگە ئوخشاپ قالغان .دەسلىپىىدە ئۇ ئەرافات بىلەن ئايرودىرۇمنىڭ تازلىق ئۇيدى تۇنۇشقان ، ئۇنىڭ ئىشتننىڭ سىرىتمىسى قىسىلىپ قالغانلىقى ئۇ ۋاقىتتا تەلمۇرگنچە ماڭا قاراشلىرى ،لىكىن ھازىرقى ھالىتى بىلەن ھەرگىزمۇ سىلىشتۇرۇغىلى بولمايىتى . ئۇ ھازىرقى بۇ ھالىتى شۇنچىلىك ئىغىر بىسسىق ئىدى .
زادى قانداق مۇھىت ئەرافاتنىڭ خاراكتىرنى بۇنداق ئوزگەرتىۋەتكەندۇ؟ ئەگەر ئۇ راسلا سوفيەنىڭ ئوغلى ياق رەننىڭ ئوغلى بولسا بەش يىلنىڭ ياغى ئۇ زادى ئاپىسى بىلەن قانداق جاپا مۇشەققەتلەرنى چەككەندۇ ؟قۇرباننىڭ كوڭلىدە نۇرغۇن سوئاللار بار ئىدى .لىكىن ئۇ قانداق ئىغىز ئىچىشنى بىلمەيتى .ئۇ مۇشۇنداق دىلغۇل بولغان ۋاقىتتا توساتتىن ئەرافات ئىغىز ئاچتى ،ئاپام نىمىشقا يارلاندى ؟ قۇربان سەل ھەيران بۇلوپ سەل ئۇزىنى تۇتۋالغاندىن كىيىن تۇۋەن ئاۋازدا:
- ماشىنا بىخەتەرلىك سىستىمىسىدىن چاتاق چىقتى ،ئاپاڭ بىزنىڭ شىركەتنىڭ ماشىنا لاھىلىگۇچىسى .ئاپاڭ ماشىننى سىناققا ھەيدەيمەن دەپ ئويلىمىغان يەردىن كىلىشمەسلىككە ئۇچۇردى .بۇ ھەمىسى مىنىڭ خاتالىقىم مەن ماشىنا سىستىمسى بىخەرتەلىكىنى ياخشى تەكشۇرمەپتىمەن ،كەچۈرگىن .
ئۇ ئۇرۇمچىدىكى كاتتا باي ،ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىگە كورۇنگەن بايۋەتچە ،ۇ ئەزەلدىن بىرەرسىنىڭ ئالدىدا كەچرۇم سوراپ باقمىغانىدى ،لىكىن ئۇ دەرۋەقە 6 ياشلىق بالنىڭ ئالدىدا كەچرۇم سوردى. ئۇ كەچۈرۈم سوراپ بولوپ بىرخىل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى ،ئەرافات ئىزچىل قۇربانغا قاراپ تۇراتتى ،ئۇنىڭ قاراشلىدىن قۇربان ئۇزىنىڭ بىر سىماسىنى كورگەندەك بولدى .ھەمدە ئۇمۇ ئەرافاتقا ئۇزىمۇ سەزمەستىن قاراپ تۇراتتى .ئۇنى خۇددى باغرىغا بىسۋاتقاندەك ھېسياتقا كەلدى.قۇربان نىم دىيىشنى بىلمەي قاراپ تۇردى ،ئەرافاتمۇ گەپ قىلماي قاراپ تۇراتتى . ئەرافات بىردىنلا قاپىقىنى تۈرۈپ قۇربانغا قارىدى . ئۇ كۆڭلىدە قۇرباننىڭ زادى نېمە مەقسىتى ، بارلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيتتى ، نېمىلا بولمىسۇن ئۇ كىچىكتە، چوڭلارنىڭ نېمە مەقسىتى بار ، قانداق ئويلايدۇ ؟ ئۇنى ھەرگىزمۇ بىلىپ يېتەلمەيدۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئىچ -ئىچىدىن شۇنچىلىك ئاچچىقى كەلگەن ئىدى . ھەمدە ئاچچىقىدا:
- سەن ماشىنا سىناشقا نېمە ئۈچۈن ئاپامنى بۇيرۇدۇڭ؟ سەن بۇ ئىشنى قەستەن پىلانلىمىغانسەن؟
قۇربان سەل ھودۇقۇپ :
-مەن قانداقمۇ بۇنى قەستەنگە ئورۇنلاشتۇراي ؟
مۇشۇ ۋاقىتتا قۇربان ئەرافاتنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى چۈشەندى . ئەرافات قۇربانغا ئۆچ ئىدى ، ئۆچ بولغاندىمۇ ئىچ ئىچىدىن ئۆچ ئىدى ، چۈنكى ، ئەرافات كۆڭلىدە سەن ئەزەلدىن مېنىڭ ئاپامنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، مېنىمۇ ياخشى كۆرمەيسەن. سەن پەقەت مەن بىلەن ئاپامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشنى خالايسەن دېگىلى تاسلا قالغانىدى . ئۇ ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە تۇيۇقسىز تىلى تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى ، ئۇ بۇ گەپنى چىقىرالمايتتى ، خۇددى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆچمەنلىكىنى چىقىرىشقا ئاجىزلىق كېلىۋاتقاندەك ، خۇددى قۇربانىدىن چىققان مەلۇم بىر كۈچ ئۇنىڭ گېلىدىن سىقىۋاتقاندىكىدەك بىر خىل ھېسسىياتتا بولغان ئىدى ،
-چۈنكى بىز نېمە ؟! -دېدى قۇربان نېمە قىلارىنى بىلەلمەي . ئەرافات سەل ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن سوغۇق ئاۋازدا ئۇنىڭغا:
- سەن بۇ يەردىن كەت، ئاپام ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن سېنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ ؟!
-مەن ئاپاڭنىڭ خوجايىنى ، ھەر خالىغان ۋاقىتتا ئۇنى ئىشتىن بوشىتالايمەن ،
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەرافات بېشىنى يەنە بىر قېتىم قايرىپ قۇربانغا قارىدى .، ئۇ سەل ئېغىزىنىڭ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلىشىدە قۇربانغا بىر خىل نارازىلىق ۋە بىزار بولغانلىق ھېسسىيات ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى .، ئەرافاتنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن قۇرباننىڭ كۆڭلى بىر خىل بىئارام بولۇشقا باشلىدى .
- ھەي ، كىچىك سولتەك ماڭا ئېيتقىنە؟! بۇ بەش يىلنىڭ ياقى سەن ئاپاڭ بىلەن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدىڭ ؟-دىدى قۇربان .
- سېنىڭ نېمە كارىڭ ؟ دەرھال كەت ، بۇ يەردىن !- دېدى ئەرافات قوپاللىق بىلەن . ئەرافات گېپىنى دېگىنىچە ، كېسەلخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى ، ھەمدە ئاچچىقىدا كېسەلخانىنىڭ ئىشىكنى جاققىدە يېپىۋەتتى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



