
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 28 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 26 |
25 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
27 - قىسىم
بۇ دوختۇرنىڭ ئىسمىي رىنات دوختۇر بۇلۇپ ، ئۇ قۇرباننىڭ جەمەتىدىكى ئىسمىي جىسمىغا لايىق دوختۇر ئىدى .بۇرۇن ئۇ رەناغا ئاچىسىدەك شۇنداق ياخشى مۇئامىيلە قىلاتتى ھەم بەك ھورمەتلەيتى.
بۇ قىتىم ئۇ رەنانىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ قۇرباننىڭ ئۆيدىكى ئىشلارنى رەغا دەپ بەرگەن ئىدى. رەنامۇ بۇ دوختۇرنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيتتى.
رىنات دوختۇر سەل تۇرۋەتكەندىن كېيىن بوش ئاۋازدا :
-رەنا خېنىم ، سىز بەك تۈزۈت قىلىپ كەتىتىڭىز ! ئەينى ۋاقىتتا سىز مېنى قۇتۇلدۇرمىغان بولسىڭىز ، مەن ياقا يۇرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرەتتىم . مەن بىلىمەن بۇنداق قىلسام قۇربان دېرىكتورغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىشىم ئىنىق . لېكىن ، مۇشۇ ئىش ئارقىلىق سىزگە ئازراق جاۋاب قايتۇرغان بولاي ، پات ئاردا مەن ئىستېپا بېرىپ بالىلىرىم ۋە ئايالىم بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كېتىمەن، مەن سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تېنىڭىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن .
- رەھمەت ،رەھمەت دوختۇر . كۆپتىن كۆپ رەھمەت ،-دىدى رەنا تەسىرلىنىپ. رىنات دوختۇر ئارقىدىنلا :
- رەنا خېنىم . مەن سىزگە يەنە ئازراق گەپنى دەپ بېرەي . قۇربان دىرېكتور سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك رەھىمسىز ئادەممۇ ئەمەس ، بەش يىلنىڭ ياقى باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلدى سزسىز كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزدى ؟ ماڭا بەش قولدەك ئايان .
ئۇ مۇنىرە خېنىم بىلەن ھېچقانداق ئىش مۇناسىۋەتتە بولمىدى
مەن بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرەلەيمەن . بەلكىم بەزىبىر ئىشلاردا سىز قۇربان دىرېكتورنى، خاتا چۈشىنىپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن . مەيلى سىز نېمە ئىش قىلىڭ جىقراق ئويلىشىپ ئىش قىلارسىز ،كېيىن ئۆزىڭىز پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلار بولۇپ قالمىسۇن. رىنات دوختۇر ئىنتايىن ئەستايىدىل سۆزلەۋاتاتتى . رەنا سەل ئويلىنىۋەتكەندىن كېيىن:
-رەھمەت دوختۇر ، سىز خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن بىلەن قۇرباننىڭ ئىشىدا كۆڭلۈمدە سان بار. مەن بۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىمەن .سىزنىڭ چەتئەلگە چىقىدىغان ئىشلىرىڭىز قانداق بولدى مېنىڭ ياردىمىم كېرەك بولسا تارتىنماي دەۋېرىڭ .
-ھېچقىسى يوق بۇ ئىشنى مەن ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن. ئەمىسە، خوش دەپلا تىلفۇننى قۇيۋەتتى .
رەنا تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ، تېلېفوننى قولىدا چىڭ سىقىمدىغىچە دېرىزە تەرەپكە قاراپ بىر نېمىلەرنى ئويلاۋاتاتتى .
پەرىدە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گەپ قىلماي قاراپ تۇراتتى . ئۇ ئاخىرى چىداپ بولالماي ، رەناغا ئېغىز ئاچتى :
-رەنا ، نېمە ئىشلىقىنى ماڭا دەپ بەرگىن بولامدۇ ؟ سەن بۇ يەردىكى دوختۇرخانا باشلىقىنى بىلىدىكەنسەن ھە ؟ قۇرباننىڭ ئائىلىسىدىكى رىنات دوختۇر بىلەنمۇ كۆڭلۈڭ يېقىن ئىكەن ، يەنە ئەرفاتنىڭ كىملىكىنى قۇربانغا -دە ،دېدىڭ. سەن زادى نېمە قىلماقچى ، دوستۇم ماڭا دە بۇ زادى نېمە ئىش ؟ -دەپ سوردى جىدىيلىشىپ رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ :
- بۇ يەردىكى دوختۇرخانا باشلىقى سەمەت دىرېكتورنىڭ ئادىمى . ئەينى ۋاقىتتا بۇ دوختۇرخانا باشلىقى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتتا سەمەت دىرېكتور ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرگەن ئىدى . بۇ قېتىم شۇڭا ماڭا بۇ ئىشلارنى مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلدى . يەنە كىلىپ سەمەت دىرىكتۇرنىڭ يۇزىنى قىلغىنى . دوستۇم پەرىدە ، سەن ئەڭ ياخشىسى قۇربان ئىككىمىزنىڭ ئىشىمغا ئارىلاشما. سەن ماڭا ئىشەنگىن . سەن پەقەت جىم ئولتۇرۇپ بۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسەڭلار بولىدۇ ، باشقا ئىشلاردىن خاتىرجەم بول .
مەن بۇرۇنقىدەك ئەخمەق ئەمەس، مۇھەببەت ئۈچۈن ،سۆيگۈنۈم ئۈچۈن ياشلىقىمنى ھەرگىزمۇ قۇربان قىلمايمەن . بۇ ئىشلارنى قىلىشىمدا كۆڭلۈمدە سان بار . رەنا شۇنچىلىك ئىشەنچلىك كۆزلىرى بىلەن پەرىدەگە تىكىلىپ تۇراتتى . لېكىن ،پەرىدە يەنىلا دوستىغا ئىچ ئاغرىتتىپ:
- ماقۇل ، مەن ئارىلاشمىسام ئارىلاشماي . لېكىن سەن چۇقۇم ئۆزۈڭنى ياخشى ئاسرىشىڭ كېرەك، مەن سەندەك ياخشى دوستۇمنى يوقىتىپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرەيمەن ،چۈشەندىڭىمۇ ؟
- ماقۇل ، مەن چۈشەندىم . ئەمىسە ماڭا بىر ئىشقا ياردەم قىل!
نېمە ئىشقا ؟
- سەن قۇرباننىڭ قېشىغا بېرىپ ئەرفاتنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلگىن . ئەگەر ئۇ ئاچچىقىدا قۇربان بىلەن سوقۇشۇپ قالسا ، بىر تەرەپ قىلماق تەس بولىدۇ . رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پەرىدەنىڭ قاپاقلىرىى تۈرۈلۈپ كەتتى .
-توغرا ، نەچچە كۈننىڭ ياقى بىر خىل غەلىتە بولۇپ قالدى . مەن تېزراق بېرىپ ئۇنى ياندۇرۇپ ئەكىلەي، بولمىسا قۇربان ئۇنىڭغا يامانلىق قىلىپ قويمىسۇن؟ پەرىدە ئاچقۇچنى ئالغىنىچە چىقىپ كەتتى .
رەنا مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى . ئۇ دوختۇرخانىدا يالغۇز قالدى . ئۇ دېرىزىگە قاراپ خىيال سۈرۈپ قالدى ، ھايات نېمىدېگەن رەھىمسىز ھە ؟مۇھەببەتكە سادىق بولسا ، مۇھەببەت ئۈچۈن قۇربانلىق بەرسە نېمە ئۈچۈن ئازاب بىلەن قىينايدىغاندۇ ؟ بەزى گۈزەل ئەسلىمىلەر تارىخ بولۇپ قالسىلا ياخشى ئىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز شۇنداق يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالدى ، ھەمدە يانچۇقىدىن قىزى سۈرىيەنىڭ سۈرىتىنى چىقاردى
ئۇ سۈرەتتىكى قىزىنى قوللىرى بىلەن سىلاپ ، يۈزلىرىنى يىقىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ قىزغا قارىغانسېرى قۇربانغا نەپرىتى شۇنچىلىك ئۆرلەيتتى . نېمىلا بولمىسۇن بىر ئانا ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەر قانداق بىر ئىش ئۆز بالسىدەك مۇھىم بولمىسا كېرەك .
ئۇ قىزىنىڭ رەسىمىنى ياستۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويۇپ ئارام ئالماقچى بولدى.
سىرتتىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى، ئۇ كۆڭلىدە بىرەر يېقىن دوستى مېنى كۆرگىلى كەلدى بولغاي دەپ ئويلىدى . لېكىن، ئۇنىڭ بۇ شەھەردە پەرىدەدىن باشقا بىرەر يېقىن دوستى يوق ئىدى ، ئۇنداقتا ئۇ كىمدۇ ؟ رەنا سەل ئويلىنىپ قاپىقى تۇرلۇپ كەتتى.
كېسەلخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىغىلا بىر ئەتىرنىڭ مەززىلىك پۇرىقى رەنانىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلدى .مۇنىرە خىنىم ! رەنا مۇنىرەنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ قالدى ، مۇنىرەنىڭ ئەلپازى يامان ئىدى . ئەسلىدە قۇربان مۇنىرەگە رەنا ئۈچۈن ساغلاملىق بۇيۇمى سېتىۋېلىشنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بېرىشنى ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇشنى ، ھەمدە ئەپۇ سوراشنى تاپىلىغان ئىدى .لىكىن بۇنداق گەپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى تەس ئىدى.
مۇنىرە ئىشىكتىن كىرىپ رەناغا سالاممۇ قىلماي ، رەناغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى ھەمدە كۆڭۈلدە :
- مەن دەرۋەقە بۇ تۈلكە جىنغا ساغلاملىق بۇيۇمى ئېلىپ كەلدىم . نىمىشقا؟ ئەينى ۋاقىتتا ماشىنا بىلەن بىللە پارتىلاپ ئۆلۇپ كەتمەي ساق قالغاندۇ ؟ . رەنا ئۇنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى ، ھەمدە ئۇنىڭ بىرەر ياخشى ئىش بىلەن كەلمىگەنلىكىنى كۆڭلى سەزدى ، مۇنىرە خېنىمىغا:
-سىز نېمىگە كەلدىڭىز ؟
دەپ سورىدى رەنا چىرايىغا يالغان كۈلكە ئارىلاش . مۇنىرە قاپىقىنى تۈرۈپ سوغۇققىنە :
- سىز مەن چىرايلىق ، مەن گۈزەل دەپ ساھىپجامال ھىيلىسى بىلەن ماڭا تاقابىل تۇرىمەن دېمەڭ . مەن بۇلارغا ئازراقمۇ قىزىقمايمەن . سوفىيە خېنىم، مەن سىزگە چىرايلىق ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي ،سىز قۇرباندىن يىراقراق تۇرۇڭ . مەن بىلىمەن ، سىز ئىنتايىن باي ،چىرايلىق ، ھەم قابىلىيەتلىك لايىھىلىگۈچى . ھەم قۇرباننىڭ گۇرۇھىمۇ سىزگە مۇھتاج .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
- مەن مۇنىرە خېنىمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ،نىمە مەقسىتى بارلىقىنى چۈشىنەلمىدىم ،-دېدى رەنا خۇپسەنلىك بىلەن . مۇنىرە سوغۇققىنە كۈلۈپ قويۇپ ،قۇلىدىكى نەرسىنى شىرەنىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ قويدى -دە ، يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇردى ؛
- ماۋۇ نەرسىلەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ قۇربان ئاتايىن سىزنى دەپ مېنى ئالغۇزدى . ئۇنىڭ دېيىشىچە سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە ئازراق پايدىسى بارمىش. سوفىيە خېنىم سىزنىڭ ئەرلەرنى كەلتۈرىدىغان ھىلىڭىز خېلى بولۇپ قويىدىكەن. قۇربان سىزگە باشقىچە كۆيۇنۇپ كىتىدىغان بوپ كىتىپتۇ. لېكىن ، سىزگە ئېيتىپ قوياي مەن سىزگە ئۇنچە ئاسان بوزەك بولىدىغان ئاياللاردىن ئەمەس . بۇ تەرىپنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
مەندەك ئېسىلزادىلەرنىڭ خانىمى سىزگە ساغلاملىق بۇيۇملىرى سوۋغا قىلسام. سىز زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەمسىز ؟
-مۇنىرە خېنىم ئادەمنى قورقۇتماڭ . بىلمىدىم، قۇربان دېرىكتور سىزنىڭ بۇ نىيىتىڭىزنى بىلەمدىكىن تاڭ.
- سوفىيە مەن سىزگە ئېيتىپ قوياي ، سىز قۇرباننى پەش قىلىپ مېنى قورقۇتماڭ . مەن قۇربانغا بىر ئىز باسار تۇغۇپ بەردىم . ئۇ مۇشۇ ئىشنىڭ يۈزىنى دەپ، مەن نېمە ئىش قىلاي ؟ ئۇ مېنى كەچۈرۋېتىدۇ . سىز لايىھىلىگۈچى بولسىڭىز نېمە بوپتۇ
لاھىيەلىگۈچىمۇ چوڭ ئادەم ئەمەسقۇ ، ئۇنتۇپ قالماڭ! قۇرباننىڭ، بۇرۇنقى ئايالىنىمۇ مەن كەتكۈزىۋەتكەن. سىزنىڭچە ؟سىزنىڭ قانچىلىك كارامىتىڭىز باردۇ ؟ مۇنىرە ،رەناغا قاراپ مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈپ قويدى. ئۇ بۇرۇنقى ئىشلارنى دېگەچكە ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ كەتتى ھەمدە :
-سىز نېمە دەۋاتىسىز ؟ ئەجەبا بەش يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتدىكى ئىشلار سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟
مۇنىرە يەنە سەل ئاھ ئۇرۇپ قويدى -دە بوش ئاۋازدا:
- دەرۋەقە رەنا قەستەن ئوت ئاپىتىگە ئۇچۇرغان ھەم كۆيۇپ ئۆلۇپ كەتكەن . لىكىن ، بۇرۇن قۇربان ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدى . ھەتتا ، ئۆز ئايالى ئورنىدىمىۇ كۆرمەيتى . ئۇ ئايالى ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىمۇ ئۇنى چەتئەلگە چىقارغۇزىۋېتىشنىڭ سەۋەبى ، مەن ئۇنى قىستىغان ئىدىم . مەن ئۇنىڭغا مەن ھازىر ھامىلدار بولۇپ قالدىم ، رەنا چۇقۇم ماڭا زەھەرلىك قولىنى سالىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۇنى تېزلا چەتئەلگە چىقىرىۋېتەيلى دېگەن ئىدىم .
قۇربانمۇ بۇ گىپىمگە قۇشۇلغانىدى .كىم بىلسۇن ، بۇ ئايال جىم تۇرماي يەنە ئوغۇرلىق قىلدى .خۇپىيانە ئاشنىسى بىلەن ئاشكارلىنىپ قىلىپ ئۆزىنى كۆيدۇرۋالدى .ئۆزىگە ئۆزى قىلدى . بىراق ، قۇربان ماڭا قانداق مۇئامىيلە قىلدى . سىزمۇ كۆرگەنسىز شۇنداق ياخشى مۇئامىيلە قىلىدۇ.
بۇرۇنقى ئايالىنىڭ گىپىنى چىقارسام جىيلە بولۇپ كىتىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى ئەڭ ياخشىسى ئوبدان سورۋىلىڭ . مەندە ئىككى تۆت تال قابىليەت بار دەپ قۇربان ئائىلىسىگە كىرىپ راھەت پاراغەتتە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خام خىيال قىلماڭ ! سىز ئەڭ ياخشىسى نەدىن كەلگەن بولسڭىز ، شۇ يەرگە قايتىپ كىتىڭ . ئۇنداق بولمايدىكەن ، سىزنىڭ جەسىتىڭىزمۇ شاڭخەيگە بارامماسلىقى مۇمكىن .
ئۇ شۇنداق دىگىنچە كۈلۇپ قويۇپ ، ئارقىسغا ئۆرۈلۈپلا كېسەلخانىدىن چىقىپ كەتتى . رەنانىڭ ئاچچىقى كىلىپ مۇشتلىرى تۇگۇلۇپ كەتتى . دەرۋەقە مۇنىرە قۇربان بىلەن رەنانىڭ ئوتتۇرسىدىكى مىخ ئىدى .
لىكىن مۇنىرەنىڭ رەنا بىلەن قۇرباننىڭ تۇرمۇشىنى بۇزۇۋەتكەنلىكى ئۇنىڭ كاللىسىدىن پەقەت ئۆتمىگەن ئىدى. ھەم ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى . دىمەك ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ۋەقەگە ئۇچرىشى مۇنىرە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندى . ھەم ئاچچىقىدا مۇنىرەگە ئۆسۇمى بىلەن بەدەل تۆلەتكۇزمەكچى بولدى . ئۇنىڭ بۇ قېتىم كېلىشىدە ، ئۇ تېخى پىلاننى باشلانماي تۇرۇپلا مۇنىرە ئالدىراپ كەتكەن ئىدى .
ئەگەر ئۇ ھۇجۇمنى باشلىۋەتكەن بولسا، بۇ ئويۇننى ئاخىرغىچە ئوينايمەن ، ئۇنى مۇرادىغا چۇقۇم يەتكۇزىمەن . ئۇ شۇنداق دىگىنچە يۈزىگە زەردە بىلەن بىر شاپىلاق سالدى .يۇزى ئۇزۇن ئوتمەي ئىششىپ چىقتى . ئۇنىڭ يۈزى بەكلا ئاغرىپ كەتكەنىدى . لىكىن، يەنىلا چىداپ تۇرۇپ قۇربانغا تىلىفۇن قىلدى :
-قۇربان دىرىكتۇر، مەن راستنلا سىزگە تۇسالغۇ بولۇپ قالغان بولسام ماڭا دەڭ ، مەن ئايرۇپىلان بىلىتى زاكاس قىلىپ شاڭخەيگە قايتىپ كىتەي . لىكىن ، قىز دوستىڭىزنى ئەۋەتىپ ماڭا ھاقارەت قىلماڭ ھەم ئۇرغۇزماڭ . قۇربان دىرىكتۇر مىنڭ باشقا مەخسىتىم يوق ، لىكىن سىز قىز دوستىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇپ قويۇڭ. ئەگەر سىز باشقۇرالمىسىڭىز ماڭا تاپشۇرۇڭ ، مەن ياخشى ئەدەپلەپ قوياي ، - رەنا گىپىنى دەپ بۇلۇپلا تىلفۇننى قۇيۇۋەتتى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


