大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 42 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 42 ـ قىسىم aybarawazi
2024-03-01
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 43 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31

41
40
39
38
37



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


42 - قىسىم



قۇربان بولسا ، رەنا ۋە ئوغلىنى ئويلاپتۇراتتى . ئۇ ئىشخانىسىدىكى دەرىزە تەرەپكە قاراپ تۇراتتى .تۇساتتىن ،ياردەمچى رۇزى كىرىپ ئۇنىڭ خىيالىنى بۇزۋەتتى .

--قۇربان دىرىكتۇر ،بىزنىڭ ھىلقى مۇھىم ھوججەتلەر… دىيشىگە :

-چىقىپ كەت !دەپلا قاتتىق تەگدى.

رۇزى چۇچۇپ كەتتى .

- دەرھال ،چىقىپ كەت بولمىسا … قۇرباننىڭ ھەيۋىسىدىن رۇزى قورقۇپ كەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىشقا جۈرەت قىلالماي ، ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى . ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكنىڭ يېپىلغانلىقىنى كۆرۈپ ، قۇرباننىڭ كۆڭلى سەل جايىغا چۈشتى- دە . ئۇ ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ،رەناغا شۇنداق تېلېفون قىلغۇسى باردەك ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا ، كۆڭلى پەسكويغا چۈشىدىغاندەك ھىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېلېفوننى ئالدىدە، رەناغا تېلېفون قىلدى . رەنا تېلېفوننىڭ قۇربانىدىن كەلگەنلىكىنى كۆردى ۋە قاپىقىنى تۇرۇپ قويدى . لېكىن ،ئۇ قۇرباندىن كەلگەن تېلېفوننى ئالمىدى.

كەچ بولغاندا، نېمىگە تېلېفون قىلىدۇ دەپ ئاچىقلاپ قويدى ئۆز ئۆزىگە . قۇربان رەنانىڭ ،تېلېفون ئالمىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى بىئارام بولدى ھەمدە، ئۇنىڭغا جاھىللىق قىلىپ، يەنە قايتىلاپ تېلېفون ئۇرۇشقا باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا ،ئەرفات يۇيۇنۇپ بولۇپ ، ئاللىقاچان ،كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاپ بولغان ئىدى. قايتىلاپ كەلگەن تېلېفوننىڭ ئاۋازىدىن ،ئەرفاتنىڭ ئويغىنىپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەن ،رەنا تېلېفوننى ئۈنسىز ھالەتكە تەڭشەپ قويغان ئىدى . قۇربان رەنانىڭ ئاۋازىنى ،بىر قېتىم ئاڭلىۋېلىشقا شۇنچىلىك تەشنا بولغان ئىدى .لىكىن ، رەنا قېرىشقاندەك ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئالمىدى. ئاخىرىدا يەنە چىداپ بولالماي ، تېلېفوننى ئالدى- دە:

- قۇربان دېرىكتور، بىرەر ئىشىڭىز بارمۇ ؟بۇنچە كەچ بولغاندا

-بىرەر ئىش بولمىسا ،سىزگە تېلېفون قىلسام بولمامدۇ؟ سىز ،مەن ئۇرغان تېلېفون ئېلىشنى خالىمايدىكەنسىز ، شۇنداقمۇ ھە ؟ بوپتۇ .

قۇربان سەل قېيداپ قالغانىدى . ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنچە يېرىم بولغانىدى . ئۇ رەنانىڭ ئۆزىگە خىيالىي مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ . كۆڭلى ، راستلا يېرىم بولغان ئىدى . لېكىن ، ئۇ يەنىلا ،چىداپ رەناغا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.

بۇ ئايال بۇرۇن ئۇنى ئىرىم، دەپ بىلگەن ئايال ئەمەسمىدى ؟ قۇرباننى ياخشى كۆرۈشى ئۇنى ھەممىدىن ئايرىغان ئىدى . لېكىن ، ئۇنىڭ ھازىرقى ياخشى كۆرۇشلىرى ئاللىقاچان، نەپرەتكە ئايلىنىپ داۋالىغۇسىز بولۇپ كەتكەنمىدى ؟ قۇربان راستىنلا رەنانىڭ بۇنداق مۇئامىلىسىگە چىديالمىدى. رەنا قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ .سوغۇققىنە كۈلۈپ تۇرۇپ:

-قۇربان دىرېكتور، مېنىڭ سالامەتلىكىمدىن ئەنسىرەپ ماڭا تېلېفون قىپتۇ ئەمەسمۇ، مەن ئەسلى ياخشى گەپ قىلسام بولاتتىكەن ھە -دەپ تەنە گەپ قىلدى. ھە ، مەنمۇ قۇربان دېرىكتورنىڭ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلسىكەن دەپ ئۈمىد قىلمىغان ئىدىمغۇ ؟سىزنىڭمۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان مەسۇلىيىتىڭىزمۇ يوق ، ئەگەر ،قۇربان دېرىكتور خالىسا ، مەن ئەتىلا بۇ يەردىن قايتىپ كېتەي. ، قۇربان دېرىكتورىنى ئاۋارە قىلماي ؟

رەنا گېپىنى دەپلا ،تېلېفوننى تېز قويۇۋەتتى . ئەمەلىيەتتە رەنانىڭ قۇربانغا ئازراقمۇ قىزىقىشى يوق ئىدى .

ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ،ئۆزىنىڭ كەيپىياتنى تەڭشىۋالدى . قۇربان ،رەنانىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنىڭ تىگىگە ئازراقمۇ يېتەلمەيتتى .چۇنكى، ئارلىقتىكى نۇرغۇن ئىشلاردىن قۇربان بىخەۋەر ئىدى. ھەم بۇ ئىشلاردىن قۇرباننىڭمۇ  خەۋەردار بولغۇسى بار ئىدى …

رەنا ئۇستەل ئۇستنى يىغۇشتۇرۋاتقان ۋاقىتتا ، ئەرفات بىر ئۆرۈلۈپلا ئۈستىدىكى يوتقاننى كارىۋات يىنىغا چۇشۇرىۋەتتى . رەنا بېرىپ ، مۇلايىملىق بىلەن يوتقاننى ئەرفاتقا يېپىپ قويدى . ھەمدە ئوغلىنىڭ پىشانىسىگە بىرنى يېنىككىنە سۆيۈپ قويدى -دە ، بېشىنى سىلاپ ئانىلىق مېھرى بىلەن ئوغلىغا قاراپ كەتتى . مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قۇربان رەنا بىلەن كۆرۈشنى شۇنچە ئۈمىد قىلغانىدى. گەرچە ،رەنا ئۇنى ياخشى كۆرمىسىمۇ ،ئۇنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىشتىن قەتىينەزەر ئۇنى شۇنداق سېغىنغانىدى .بىر خىل سىغنىش ئۇتى ئۇنى قىينغاچقا ،ئۇ رەناننىڭ ھەرقانداق مۇئامىيلىسىنى قۇبۇل قىلاتتى .لىكىن ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كالىسى قادىر بىلەن رەنادا ئىدى . قادىر ،ناھايىتى بەڭۋاش ئوغۇل بولغاچقا ئۇ ئاللىبۇرۇن ، ئائىلىسىدىن مۇناسىۋىىتنى ئۇزگەن . ئۇنىڭ ئاپىسى سۇفىيە خىنىم بىلەن ئوغلىنڭ مۇناسىۋتى بارلىقىنىبىلپ ،بۇ دەرتكە چىديالماي دوختۇرخاندا يىتىپ قا لغانىدى .

چۇنكى ،ئۇنىڭ ئاپىسى سوفىيە خىنىمنىڭ قۇربان بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ھەمدە بىر ئۆيدە تۇرغانلقىنى بىلەتتى . شۇ تاپتا ،قادىرنىڭ ئاپىسى قۇربان بىلەن كۇرۇشمەكچى بولۇپ ، ئۇنىڭ ياردەمچىسى، رۇزىغا خەۋەر قىلغان ئىدى رۇزى:

-دىرىكتۇر ،قادىرنىڭ ئاپىسىنڭ ،سىز بىلەن كۆرۇشكىسى بار ئىكەن !

قۇرباننىڭ ، شۇ زامات قاپىقى تۇرۇلدى . لىكىن ،ئۆزىنى سەل تۇتۋالغان قۇربان .سەن دەرھال ماشىنا تەييالا ! دەرھال دوختۇر خانغا بارمىز !  

-خوپ ، بۇلىدۇ. مەن ھازىرلا تەييارلاي .

رۇزى ۋاقىتنىكىچىكتۇرمەي ماشىنا تەييارلاپ قۇرباننى چاقىردى 

ئۇلار دوختۇرخانغا بىرشىغا ،قادىرنىڭ ئاكىسىمۇ دوختۇرخانغا يىتىپ كەلگەن ئىدى .قادىرنىڭ ئاكىسى قۇرباننى كۇرۇپ ، سەل قاپىقىنى تۇرۇپ قويدىدە :

-قۇربان دىرىكتۇر سىزمۇ كەلدىڭىزمۇ؟ -ياخشىمۇ ،مەن ئاپىڭىزنى كۆرگىلى كەلگەن ئىدىم -دىدى كۇلۇپ تۇرۇپ .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

قۇربان قادىرنىڭ ئاكىسىنى خىلى ھۆرمەتلەيتتى.چۇنكى، ئۇنىڭ، بۇرۇن ۋەتەن خەلىق ئۇچۇن قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس ئىدى .لىكىن ئۇنىڭ قۇربانغا ئاچىقى بولغاچقا ، تۇزۇت قىلمايلا :

-ئاپامنى ئۆلدىمۇ يوق؟ كۆرەپ باقاي دەپ كەلدىڭىزمۇ؟ سىزنىڭقىشىڭىزدىكى ھىلقى ئايال قادىرنىڭ قىز دوستى ئىكەن . لىكىن ، ئۇ ئايال سىزنىڭ گوروھنىڭ داڭلىق ماشىنا لاھىلىگيچىسى يەنە كىلىپ سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە تۇردىكەن. مىنىڭ بىلشىمچە ، قۇرباننىڭ ھەقىقى ئايالى شۇ ئۆيدە تۇرۇشقا ھۇقۇقلۇق .قۇربان دىرىكتۇر ،بۇ زادى قانداق گەپ؟

قۇربان ،سوفىيە ، قۇرباننىڭ ئايالى دىگەن گەپنى ئاڭلاپقاپىقى تۇرۇلۇپ كەتتى . ھەمدە :

-كىم ، سوفىيەنى ئۇنىڭ قىز دوستى دەيدۇ ؟

-قادىر ئۆزى ئاشتاق دەيدۇ ؟تورغىمۇ يوللاپتۇ .ئەجىبا، سىز بىلمەمسىز ؟

ئۇ ،بۇ گەپنى ئاڭلاپ رۇزىغا ئالىيىپ بىر قاراپ قويدى. رۇزى :

-دىرىكتۇر، مەن دەي دىسەم ، سىز مىنى ھەيدەپ چىقىرۋەتىڭىز ؟-دىدى جىدىيلىشىپ .

قۇربان ئارتۇق گەپ قىلماي :

-سوفىيە مىنىڭ ئايالىم .ئۇ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ كىلىنى ،-دىدى قاپىقىنى تۇرۇپ.

-ھە ،بوپتۇ ،-دىدى قادىرنىڭ ئاكىسى .

-مىنى، ئاپىڭىز قىشىغا باشلاپ ئەكىرسىڭىز بولاپتىكەن؟

-ماقۇل. چاتاق يوق.

ئۇ ،شۇنداق دىگەچ قۇربان بىلەن روزىنى كىسەلخانا ئۆيىگە باشلاپ ئەكىردى . قۇربان قادىرنىڭ ئاپىسىنى كۆرۇپلا :

-قانداقراق ياخىشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟

-ھە ،خىلى ياخشى .

-سىزنى بۇيەرگە چاقىرتىشىمدىكى سەۋەپ ، مەن سوفىيە خىنىمنىڭ ئوغلۇمدىن يىراق ، تۇرشىنى ئۇمۇت قىلمەن. مەن كىيىن بىرەر ئىشنىڭ يۇز بىرشىنى خالىمايمەن. ھەم بىر ئايال سەۋەبلىك ،سىلەرنىڭ جەمەت بىلەن ئۆچەكىشىپ قالغىمىزمۇ يوق  

-بولدى ،سىز خاتىرجەم بولۇڭ. سوفىيە خىنىم ، مىنىڭ قىز دوستۇم .بىزنىڭ ئائىلنىڭ كىلىنى . ئەمدى ،ئۇنداق ئىش ھەرگىز يۇز بەرمەيدۇ ؟-دىدى. -ئەمسە قۇربان دىرىكتۇر ، سىنىڭ بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلشىڭىزنى ئۇمۇت قىلمەن.

-خاتىرجەم بولۇڭ . سىز ياخشى داۋالىنىڭ . ئەگەر ، باشقا ئىش بولمىسا، مەن قايتاي .

شۇنداق قىلىپ، ئۇلار گپىنى تۇگۇتۇپ دوختۇرخاندىن ئايرىلىپ شىركەتكە  قاراپ يۇرۇپ كەتتى.

نۇرغۇن سوئاللار ، قۇرباننىڭ كالىسىنى قىينايتى .ئۇ رەنانىڭ قادىر بىلەن بولغان ئىشىنى بىلگەندىن كىيىن ، ئۇيقۇسىمۇ ياخشى ئەمەس كالىسمۇ خىزمەتتە ئەمەس ئىدى.ھايات نىمدىگەن رەھىمسىز ،ئۆز ئايالى ئاران كەلگەندە ،نىمىشقا ئۇلارنى جەم قىلمايدۇ .نۇرغۇن سۇئاللار ئۇنى قىينايتى .

ئۇ شۇلارنى ئويلاپ تۇرىشغا، قادىرنىڭ ئاپىسى ئۇنى دوختۇر خانغا بىرىپ كىلىشكە يەنە تەكلىپ قىلىپ قالدى .قۇربان ئىككىلەنمەيلا، تېز سۈرەتتە دوختۇرخانىغا يېتىپ باردى . ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ ،قادىرنىڭ ئاپىسى ياتقان كېسەلخانا ئۆيگە كىردى -دە:

-قانداق، ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ يەنە بىرەر ئىش بىلەن ئىزدىگەنمۇ سىز ؟ قانداق ئىش بولسا، سىز داۋالىنىپ ياخشىلانغاندىن كېيىن ،ماڭا ئېيتسىڭىز بولمامدۇ ؟

قۇربان ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن گەپ قىلىۋاتاتتى . قادىرنىڭ ئاپىسى، سەل ئۆزىنى توختىتىۋالغاندىن كېيىن . 

- مەن سىزنى ،بۇ يەرگە چاقىرىپ كېلىشىمدىكى مەقسەت . سىز بىر ئازدىن كېيىن ئۆزىڭىز چۈشىنىپ قالىسىز . مەن ياشىنىپ قالدىم . بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى .سىزگە ئېيتىدىغىنىم ،مېنىڭ ،ئوغلۇم بىلەن يارىشىپ،ياخشىلىشىپ قالساڭلار! -دىدىقادىرنىڭ ئاپىسى .

گېپى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ،تۇساتتىن يۆتىلىپ كەتتى .قادىرنىڭ ئاپىسى سەل ياخشىلىنىپ قالغاندىن كېيىن ، بوش ئاۋازدا: 

- قۇربان دېرىكتور ،بەش يىل ئاۋۋالقى ئايالىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئەلۋەتتە ، قۇربان ،ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھەيران قالدى .دېمىسىمۇ ، ئەينى ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئايالى ئۆزىنىڭ بىر ئاشىقى بىلەن قېچىپ كەتكەنلىكى ھەمدە ئوت ئاپىتىگە ئۇچراپ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ، پۈتكۈل ئۈرۈمچىدىكى خەلق ئۇقاتتى . ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى .قادىرنىڭ ئاپىسى :

-ئۇنداقتا، سىز ئايالىڭىزنىڭ جەسىتىنى تاپالىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى . قۇربان قاپىقىنى تۈرۈپ :

-سىزنىڭ بۇ ئىش بىلەن قانداق ئالاقىڭىز بار ؟

قادىرنىڭ ئاپىسى، گەپ قىلمايلا ياستۇق بېشىدىكى چاپاننىڭ ئىچىدىن ،بىر تال رەسىمنى چىقاردىدە قۇربانغا ئۇزاتتى .  

-بۇ كىشىنى تونۇمسىز ؟

-ئەلۋەتتە ،تونۇيمەن ؟

بۇ ئەينى ۋاقىتتا ،ئايالىڭىز بىلەن بىرگە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بىزنىڭ ئائىلىنىڭ سادىق ئىشىك باقارى، -دىدى. قادىرنىڭ ئاپىسى ،سەل ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن ، بۇ يوقاپ كەتكەن ئىشىك باقار بولسا، مېنىڭ چوڭ ئوغلۇمنىڭ بالىسى بولىدۇ .ئەينى ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئەسكەر بولۇش ئارزۇيى بار ئىدى . شۇ ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن، ئۆزىنىڭ قىز دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ كەتكەن ئىدى . قىزىق يېرى شۇكى، قىز دوستىنڭ، ئوغلۇمدىن بويىدا قېلىپ .ئوغلۇمغا دېمەپتۇ .

شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇ بالىنى دارىلېتامغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ .كېيىن ،بىر ئادەم بۇ بالىنى ئېلىپ قېچىپ كىتىپتۇ. مەن سۇرۇشتۇرسەم ،ئۇ سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرگە ئىشىك باقار بوپتۇ . ئەسلىدە ،مىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق نەۋرەمنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىم . لېكىن ،بەش يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ بىزگە بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ ، ھەممە ئىشنى بىزگە ئېيتتى . مەن ئىنتايىن خوش بولۇپ ، ئوغۇل نەۋرەم بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ تەييارلانغان ئىدىم . لېكىن ،ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايالىڭىز بىلەن بىرگە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىپتۇ . ئۇنىڭ، گىپىى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئازراق كۆز يىشى قىلدى . نېمىلا بولمىسۇن ، ئۆزىنىڭ نەۋرىسىدە.

قۇربان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى . 

داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k