大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 47 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 47 ـ قىسىم aybarawazi
2024-03-06
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 48 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37


46
45
44
43



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


47 - قىسىم



ئۇلارنىڭ كىرىپ كېتىشىگە پەرىدە بوش ئاۋازدا:

-سەن ،نېمىشقا قۇرباننى قۇتقۇزماقچى بولىسەن ، ئەرفات تېخى كىچىك تۇرسا ؟  

-ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ پەرىدە .قىزىم ،سۈرىيە قۇربانغا مۇھتاج . ئۇ قىزىم ئۈچۈن ئۆلسە بولمايدۇ ؟ - دېدى ئۇ كەسكىنلا .  

بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ، دوختۇر.

- ئەرفات بىلەن فۇرقەتنىڭ قان تىپىنىڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئېيتتى .

فۇرقەت ، قۇرباننىڭ ئوغلى بولغاچقا ، ئۇ بىرىنچى بولۇپ دادىسى ياتقان بۆلۈمگە قاراپ كىرىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا ئەرفات ئاپىسىغا قاراپ ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە :

- ئاپا ، سىز خاپا بولمىغانسىز ؟ سىز ئەزەلدىن ،بۇ ئادەمنى ياخشى كۆرمەيسىز . لېكىن ،مەن ھازىر بۇ ئادەمنى قۇتقۇزماقچى بولۇۋاتىمەن . شۇڭا ،سىز خاپا بولۇپ قالماڭ ،-دىدى .

- سەن ،خۇشالمۇ؟-دىدى رەنا .

  ئەرفات ،ھەيران قالدى. ئۇ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇراتتى. ئېنىقلا،ئۇمۇ قۇرباننىڭ ئۆلۈشىنى خالىمايتى. 

-سىزنىڭ ،بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىشىڭىز. سىڭلىم سۈرىيە ئۈچۈن شۇنداقمۇ ؟ سىز ،بۇ يەرگە كېلىپلا ئۇنىڭ بىلەن باردى كەلدى قىلدىڭىز .بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ،سىز سىڭلىمنى قۇتقۇزۇش شۇنداققۇ ؟ ئەگەر ،ئۇ ئۆلۈپ كەتسە ، سىڭلىمنىڭ قۇتقۇزۇشتىن ئۇمۇت قالمايدۇ .  

 رەنانىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى . رەنا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىيالماي ، كۆزلىرىنى ئەتراپقا ئېلىپ قاچاتتى . چۈنكى ،ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ،ئوغلى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىدى . ئوغلىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ .

- توغرا ، بۇ قېتىم سېنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭ خاتا ئەمەس . سەن ماڭا ۋە سىڭلىڭغا ۋاكالىتەن ئۇنى قۇتقۇزۇشۇڭ كېرەك ،-دىدى .

  ئەرفات« ئاپا» دېگىنىچە ئۆزىنى رەنانىڭ قوينىغا ئاتتى 

  ئەسلىدە ئۇ بايا قان تەكشۇرۇتكەن ۋاقىتتا بۇنداق كۆپ ئويلىمىغان ئىدى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئەرفات فۇرقەتنىڭ چىقىپ كەلگەنلىكىنى كۆردى. 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-قانداق بولدى !فۇرقەت ،- دېدى رەناندىن بوشىنىپ . فۇرقەت بولسا بىلىكىنى تۇتقىنىچە كۆزلىرىنى يۇمۇپ - يۇمۇپ قوياتتى . 

-ئاغرىدى … مەن ،ئەزەلدىن قان ئالسا بۇنچىلىك ئاغرىيدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن .

- كالۋا ، دېگىنىچە فۇرقەتنى تىللاپ قويدى -دە . قان بېرىش ئۈچۈن ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

-ئاكا مەن ساڭا ھەمرا بولاي ،دىگىنچە فۇرقەتمۇ بىللە كىرىپ كەتتى.

 دوختۇر ، ئەرفاتنڭ باتۇر ھالىتىنى كۆرۇپ.

- خاتىرجەم بول ، ئازراقلا ئاغرىيدۇ . قان بىردەمدىلا ئېلىنىپ بولىدۇ ؟-دىدى كۇلۇپ تۇرۇپ.

 ئەرفات دوختۇرنىڭ گىپىگە جاۋاب بەرمەي ،قۇربان ياتقان كېسەل كارۋىتىنىڭ قېشىغا بېرىپ ھوشسىز ياتقان قۇربانغا قاراپ 

 -ئىسىڭىدە بولسۇن ؟سەن ماڭا بىر جان قەرىز . سەن ھامان قايتۇرسەن . بۇ ،گەپنى ئاڭلاپ ئەتراپتىكىلەر ھەيران قالدى .

-ئاكا ، مەنمۇ ساڭا بىر جان قەرىز . خاتىرجەم بول كىيبن ، سەن مىنى كىرەك قىلساڭ، مەن پۇتۇڭغا پۇت قۇلۇڭغا قول بولۇشقا رازى .دىيشىگە :

-فۇرقەت،چىقىپ كەت ،-دىدى ئەرفات .

  ئۇ ،ئۈنلۈك ۋارقىرىغان ئىدى تاس قالدى قۇرباننى ئويغىتىۋەتكىلى . دوختۇر، بۇ ھالەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . ئۇ ئەرفات بىلەن قۇرباننىڭ ناھايىتى ئوخشاپ كەتكەنلىكى .لېكىن ،فۇرقەتنىڭ قۇرباننىڭ ئىز باسار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ گەپ قىلماي جىمجىت بولۇپ قالدى ۋە فۇرقەتنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى . بىرئازدىن كېيىن دوختۇر يېنىپ كىردى . ئەرفات بولسا، ئورۇندۇ ق ئۇستىدە ئولتۇرۇپ تەييار بولغان ئىدى. ئەرفات بىلىكىنى دوختۇرغا ئۇزاتتى .ئۇ ،كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويماي قۇربانغا قاراپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە ،قۇربان قەستەنگە كۆزنى يۇمۇۋالغان ئىدى .ئۇ، ئەرفاتنىڭ گەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغان ئىدى . لېكىن ، ئۇنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يېرى شۇكى ،ئەرفاتنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئۇنىڭغا قان تەقدىم قىلىشى ئىدى. دوختۇر ، قاننى جىق ئېلىشقا جۈرەت قىلالماي 400cc كەلگەندە قان ئىلىشنى توختاتتى . ئەرفات بولسا بېلىكىنى تۇتقىنىچە ،گەپمۇ قىلماي سىرىتقا چىقىپ كەتتى .ئەرفات چىقىشىغا ،رەنا بىلەن پەرىدە يۇگىرەپ بىرىپ : -ئوغلۇم ھىچ ئىش يوقتۇ؟

- ئاپا ، مېنىڭ قورسىقىم ئاچتى .ماڭا ئازراق يەيدىغان نەرسە بېرىڭ!   

فىرقەتمۇ يان تەرەپتە تۇرۇپ.

- ئاچا ، مېنىڭمۇ قورسىقىم ئاچتى . بايا قان بېرىپ چىقىپ بېشىم بەكلا قېيىۋاتىدۇ ،-دىدى رەنا غا تەلمۇرۇپ.

  رەنا ،بۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىدىن ئايرىلسا بولمايتتى. ئۇ چۇقۇم قۇرباننىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشى كېرەك ئىدى . ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرۇشىغا پەرىدە :  

-رەنا، بولمىسا سەن بۇ يەردە قېلىپ قالغىن .مەن بېرىپ ئۇلارغا ئازراق يەيدىغان نەرسە قىلىپ كېلەي .

-بولدى ئوغلۇم . مەن قىلغان تاماققا كۆنۈپ قېلىغلىق .مەن باراي . بىردەمدىن كىيىن كۆرشەيلى ،-دىدى . 

- ماقۇل ،بولىدۇ،- دىدى پەرىدە .

 رەنانىڭ دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ قويۇپ. رەنا شۇنداق دېگىنىچە ، ئوڭ قولىدا ئەرفاتنى سول قولىدا فىرقەتنى يىتلگىنچە دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى . ئاپتاپ ناھايىتى ياخشى چىققان ئىدى. ئىسسىق ھارارەت ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىگە ئۇرۇلاتتى . رەنا بولسا ئۆيىگە قايتىپ بارغاندىن كىيبن ئاشخانغا ماڭدى .فۇرقەت ، ئەرفاتقا غوڭشىغاچ:

-ئاكا ، سىنىڭ بىلىكىڭ ئاغرىدىمۇ؟ مېنىڭ ،ھازىر كەيپىياتىم ناھايىتى ياخشى . رەھمەت ساڭا ،سەن دادامنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ . مەن سېنى بارغانسېرى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتىمەن . ئەرفات ،فۇرقەتكە ئالىيىپ قويۇپ:

-ئاغزىڭنى يۇم .گەپ قىلما ! بەك جىق گەپ قىلدىڭ. 

فۇرقەت بېرىپ ئەرفاتنىڭ مۈرىسىنى سيلاپ تۇرۇپ بوش ئاۋازدا

-سېنىڭ ،ئاچچىقلانغاندىكى قىياپىتىڭ دادامنىڭكىگە ئوپمۇ ئوخشاشايدىكەن ؟بەكلا قۇرقۇنۇشلىق .مەن ئەسلى سېنى دادامنىڭ بالىسىمىكىن دەپتىمەن . ماڭا قارىغىنە دادامنىڭ ئازراق مىجەزى مەندە يوق ئۆگىنەي دەپمۇ ئۆگىنەلمىدىم ،- دېدى ئۇ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ . 

 ئەرفات ھەيران قالدى ھەمدە ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەچ : 

- سەن بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا ئىلگىرىلىدىڭ .دۆتلىكىڭنى ھېسابقا ئالمىغاندا . بۇنى مەن بىلىمەن . مېنى باشقىلارغا سېلىشتۇرساڭ ،مەن ئۇنچىلىك دۆت ئەمەس . پەقەت سەن بىلەن سېلىشتۇرسىلا چېنىپ قالىمەن . بىراق ،ھېچقىسى يوق.سەن دېگەن مېنىڭ ئاكام . كۇنلەرنىڭ بىردە سەن ماڭا يانتاياق بولىسەن .توغرىمۇ خاتامۇ ؟ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ .

ئەرفات ، فۇرقەتكە قاراپ ئالىيىپ قۇيۇپ. ئېسىڭدە بولسۇن ،مەن ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن تۇرمايمەن.

- نېمىشقا ،سەن نەگە بارىسەن ؟ مېنى تاشلاپ قويساڭ قەتىي بولمايدۇ .

 ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئەرفاتنى قۇچاقلىۋالدى . 

ئەرفات ،بىرىنىڭ ئۆزى بۇنداق قۇچاقلىشىشنى ياقتۇرمايتتى .ئۇ پەقەت سىڭلىسى بىلەن ئاپىسىغلا يول قوياتتى .ئۇ قاپىقىنى تۇرگىنچە :

-ئىشقىلىپ ،مەن ئۇرۇمچىدە ئۇزۇن تۇرمايمەن .مىنىڭ ئۆيۇم شاڭخەيدە.

-شاڭخەيما ؟ھىشقىسى يوق .مەن دادامغا ئايرۇپىلان بىلەن ئاپرىپ قويغىن دىسەم بولىدۇ . سەن نەگە بارساڭ ، مەن شۇ يەرگە بارىمەن . ساڭا بىر ئۆمۈر ئەگىشىمەن ،-دىدى فۇرقەت ئەرفات بوش ئاۋازدا : 

-مەن سېنىڭ قۇربان بىلەن بىللە كېلىشىڭنى خالىمايمەن ،- دىدى قاپىقىنى تۇرۇپ .

- نىمىشقا ؟  

فۇرقەت ھەيران قالغانىدى . ئۇ ئەرفاتنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي قالدى . ئەرفات كەسكىنلا:

- ئەگەر ،سەن مېنى دوستۇم دەپ قارىساڭ داداڭنىڭ گېپىنى ئاز چىقار . مېنىڭ سەن بىلەن دوست بولۇشۇم ،داداڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز . قېشىمغا بارساڭمۇ داداڭ بىلەن بىللە كەلمە ،-دىدى كەسكىنلا .

-ماقۇل ،ماقۇل .سەن، مىنى قىرىندىشىم دەپ بىلەسەڭلا بولدى . -ئاكا ، مېنىڭ بەك ئۇيقۇم كېلىپ كەتتى . ئاچام تاماق پۇشۇرغاندا مېنىمۇ چاقىرىپ قوي . ئۆزۈڭ يالغۇزلا يەۋەتمە ھە 

ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا ، كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاپ كەتتى .

رەنا ياتاق ئۆيگە كىرشىگە ئەرفاتنىڭ فۇرقەتكە قاراپ تۇرغانلىقىنى ھەمدە فۇرقەتنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلىپ گەپ قىلمايلا ئىشىكنى ئاۋايلاپ يىپىپ قويدى .

ئەرفات بولسا فۇرقەتكە قاراپ ئولتۇراتتى .ئۇنىڭ قاراشلىرى بولسا ئىنتايىن مىھىرىبان ئىدى .ئەرفات بولسا ئىچ مىجەز بالا بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشىشنى خالىمايتى . لېكىن ئۇنىڭ باغرى شۇنداق يۇمشاق ئىدى .رەنا كۆڭلىدە «فۇرقەت تىخى كىچىك بالا . ئەرفات بىلەن تەڭ .لىكىن ، قۇربان چۇقۇم سۇرىيەنى قۇتقۇزۇشى كىرەك . بەلكىم ،بۇ سەۋەبلىك ئەرفات بىلەن فۇرقەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىپ قىلىشى مۇمكىن . قۇربانمۇ ،فۇرقەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. ئۇمۇ بۇنداق بولۇشىغا چىدىمايدۇ» دەپ ئويلايتتى . رەنا ئىشىكنىڭ تۈۋىدە مۇشۇلارنى ئويلىغاچ ، يېنىككىنە يۆتىلىپ قويدى .

-ئۆھ...ئۆھ. 

ئەرفات قايرىلىپلا .

-ئاپا ،دەپ چاقىرى-دە ھەيران بۇلۇپ .

- ئەرفات ،قورسىقىڭ ئاچتىمۇ تاماق بىردەمدىلا پىشاي ،-دېدى .فۇرقەت ئۇخلاپ قاپتىغۇ؟- دېدى ئۇ. 

بايا كۆرگەنلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ . ئەرفات ئاپىسىغا قاراپ بىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن :

- ئاپا، فۇرقەت داۋاملىق كېيىن ئورنىدىن تۇرىدۇ . لېكىن ،ئۇ بۈگۈن سەھەر ئورنىدىن تۇردى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەشىقنى بەك كۈچەپ قىلىۋەتتى . بۇ ۋاقىتتا ،تاماق يېسىمۇ ياخشى .ھەزىم بولمايدۇ .ئاپا ، تاماق پىشقان بولسا بىز يەۋېرەيلى . ئۇنىڭغا بىر كىشىلىك ئېلىپ قويساق بولىدۇ . ئاپا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ بۈگۈن قان بەردى. بەدىنىمۇ ئاجىزلاپ كېتىپتۇ . بەلكىم ،ئۇ تەربىيىلەش مەشىققكە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن .كۆپرەك ئارام ئېلىۋالسۇن.

 ئەرفاتنىڭ، فۇرقەتنى دەپ بىر مۇنچە دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ رەنانىڭ كۆڭلى سەل بىئارام بولدى.

- سەنمۇ قان تەقدىم قىلدىڭغۇ ؟ تامىقىڭنى يەپ بولۇپ ، سەنمۇ ئۇخلا !

- مەندە ،چاتاق يوق ئاپا . مەن ئىنتايىن قاۋۇل،- دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ . بىلكىنى چىقىرىپ مۇسكۇللىرىنى كۆرسەتكەچ . رەنا ، نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا توساتتىن ئاشخانا تەرەپتىكى چەينەكنىڭ چاي قاينىغان ئاۋاز ئاڭلاندى .ئاشخانا تەرەپكە قاراپ كېتىپ قالدى. رەنا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئەرفات ئاپىسىغا قاراپ سەل ئۇھ تارتىپ قويدى . قان ئالغاندىن كېيىن ، بەدەن ئەلۋەتتە ئاجىزلايدىغانلىقى ئېنىق ، لېكىن ،ئەرفات ئاپىسىغا ئۇقتۇرماسلىق ئۈچۈن بىلىندۈرمەيۋاتاتتى .  

چۈنكى ،ئۇ ئاپىسىنىڭ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلەتتى . ئەرفات بولسا فۇرقەت ياتقان كارىۋات يىنىغا يۇلنىپ تۇرۇپ فۇرقەتكە قاراپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويىدۇ. كارىۋاتنىڭ يان تەرىپىگە بېشىنى قويۇپ ، ئۇمۇ ئۇيقۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى . رەنا ياتاق ئۆيگە كىرىشىگە ئەرفاتنىڭنىڭمۇ ئۇخلاپ قالغانلىقى فۇرقەتنىڭ بولسا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ، ئەرفاتنى قۇچاقلاپ ياتقانلىقنى كۆردى . ئۇ كۆڭلىدە «فۇرقەت بىلەن ئەرفات ئىككىلىسى مېنىڭ ئوغلۇم بولغان بولسا، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى ھە» . ئەپسۇس ،فۇرقەت بولسا مۇنىرەنىڭ ئوغلى. ئۇ يەنىلا ئۆزىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى .

ئەينى ۋاقىتتىكى ،تارتقان ئازابلىرى دوختۇرخانىدىكى ئىككى بالىسىنى يەڭگىليمەن دەپ تارتقان تولغاق ئازابلىرى ئۇنى ھەر ۋاقىت سەگىتىپ تۇراتتى. ئۇ كارىۋات تۈۋىگە بېرىپ ، يوتقاننى ئىككىسىگە يېپىپ قويغاندىن كېيىن ، ئاستا ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى .ھەمدە قورۇغان سەيلىرىنى تاماقلىرىنى ئىسسىق ساقلاش قازىنىغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن ، يەنە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەلدى .بۇ ۋاقىتتا ، پەرىدەمۇ ئۆيگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا :

- قۇربان ھوشىغا كەپتۇ .ئۇنىڭغا چوڭ خەتەر يوق يەتمەيدىكەن .خەتەردىن قۇتۇلۇپتۇ ،-دىدى.

 - شۇنداقمۇ ؟- دېدى رەنا بوش ئاۋازدا . مەن ئۆزۈم يالغۇز ئايلىنىپ كىرەي . تاماقلارنى تەييار قىلىپ قويدۇم .بېرىپ يەۋالغىن دوستۇم ،-دىدى ئۇھسىنۋەتكەندىن كىيىن :

-رەنا ،- دېدى پەرىدە .رەنانىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ.  پەرىدە ئېنىق رەنادىن ئەنسىرەۋاتقان ئىدى .  

-ھېچقىسى يوق، پەرىدە. مەن ئۆزۈم يالغۇز ،جىمجىت يەرگە بېرىپ تۇرغۇم بار ،- دېدى ئۇ بوش ئاۋازدا. ئەمەلىيەتتە، رەنامۇ قۇرباننى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرەتتى . لېكىن ،ئۇنىڭ قىلغانلىرى رەنانىڭ مۇھەببىتىنى نەپرەتكە ئايلاندۇرۇۋەتكەن . بۇ خىلدىكى ھېسسىياتنى ھېچكىم ھېس قىلالمايتتى . پەقەت ،ئۆزى ئاستا -ئاستا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قوبۇل قىلىشىغا توغرا كېلەتتى .


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k