大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 48 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 48 ـ قىسىم aybarawazi
2024-03-07
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 49 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37

47
46
45
44
43



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


.پەرىدە:  .

-رەنا ، ساڭا نېمە لازىم بولسا، نېمە دېگۈڭ بولسا ماڭا دېگىن ؟ سەنمۇ بىلىسەن ، نېمە ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، مەن سېنى قوللايمەن .

- ماقۇل . رەھمەت ساڭا.

-ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى . 

 ئۇ، شۇنداق دېگىنىچە جىمجىتلا ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .ۋە ئارقا تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .  

ئۇ، ھەربىي گازارما دېڭىز ئەتراپىغا يېقىن بولغاچقا ، كەچلىكى سۇ دولقۇنلارنىڭ ئاۋازى ، چىققان شامالمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى . لېكىن ،رەنانىڭ كۆڭلىدىكى ئازابلارغا قارىغاندا بۇ خىل مۇھىت ھېچقانداق كارغا كەلمەيدۇ . ئۇ جىمجىت بىر ئورۇننى تېپىپ ئولتۇرۇپ . ئاسماندىكى ئاق بۇلۇتلارغا قاراپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدى . ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى ئالغان نەپرەت . ئۇنىڭ قۇرباننىڭ ئالدىدا ،قۇرباننىڭ ئوغلى ئالدىدا ئاق كۆڭۈل بولۇشقا كۇشكۇرتىۋاتاتى .لىكىن ،سۇرىيە ئۇنىڭ بارىلىقى … ئۇنىڭغا ھازىر مۇھەببەت كېرەك ئەمەس.بەلكى ،ئۆزىنىڭ قىزى كېرەك. ئۇ شۇنداق گادىرماچ خىياللارنى قىلغىنىچە ، ئاچچىقىدا بىر تال تاشنى سىقىمداپ ئالدىدە ، باركۈچى بىلەن دېڭىزغا ئىتىشقا باشلىدى . 

- ئۆزىڭىز يالغۇز ،دېڭىزغا تاش ئاتقىلى تۇردىڭىزمۇ ؟-دىدى قادىر.يان تەرەپتە كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ.رەنا قادىرغا قاراپ تۇرۇپ 

-قۇربان ،ھازىر گازارمىدا. ئەسكەرلەر ھەممە يەرنى قاتتىق تەكشۈرۈۋاتسا ،ناۋادا قۇرباننىڭ ئادەملىرى سىزنى تۇتۇۋالسا، سىزنى نەچچە پارچە قىلىۋېتىشتىن يانمايدۇ .

- ۋىيەي .… نېمانداق ئادەم قورقۇتىدىغان گەپلەرنى قىلىسىز ؟ مەن يا ھېچ ئىش قىلمىسام . ئاڭلىشىمچە، ئۇ ئاپام بىلەن پاراڭلىشىپتۇ .بارلىق ،مەسۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ . نېمە ئىش بولسا مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،-دىدى ئۇ غەمسزلا.

 رەنا نىمىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي .

-نىم دەۋاتسىز ؟ ئاپىڭىز بىلەن نىمە دىيشىپتۇ؟ 

-مەن ئاپامنىڭ ئۆز ئوغلى ئەمەس .ئۇنىڭ ئۇستىگە مەن ئالىقاچان ئۇ ئائىلىدىن مۇناسىۋتىمنى ئۇزگەن. قاراڭ بۇ خەۋەرگە ! ئۇرۇمچىدىكى ئوت كەتكەن خەۋەر .قۇربان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئاپتۇ .ئاپام سىزنى مەندىن يىراقلاشتۇرۇش ئۇچۇن قۇربان بىلەن تىركىشىپ قاپتۇ دىگەندەك خەۋەرلەر . ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تېلېفوننى رەناغا بەردى . رەنا تېلېفوندىن ئۇ خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ھاڭ تاڭلا قالدى 

-«دېمەك، ئۇنىڭ تۈنۈگۈن بۇ يەرگە كەلگەنلىكى ،ئەسلى مۇشۇ ئىشنى ماڭا دېيىش ئۈچۈن ئىكەن -دە »دەپلا ئويلىدى . رەنانىڭ ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ھالىتىنى كۆرگەن قادىر : 

- نېمە بولدىڭىز ؟ قۇرباننىڭ مۇشۇنداق قىلىشىدىن سىز تەسىرلىنىپ كەتكەن ئوخشىمامسىز ؟ گۈزەل خېنىم . سىز ماڭا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلسىڭىز بولمايدۇ . راست گەپ قىلسام ، مەن بۇ نەس باسقۇر جايغا سىزنى دەپ كەلدىم . پەقەت ،سىزلا ماقۇل بولسىڭىز .مەن ،سىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلسام مەيلى.

- قادىر دېرىكتور، سىز بۇنداق جېدەل قىلماڭ بولامدۇ ھەنېمە بولسا، سىزمۇ بۇ ئىشلارنى كېڭەيتىۋەتمەپسىز. ماڭا كۆڭلىڭىز بولسىمۇ بۇنى خەقلەرگە دەپ يۈرسىڭىز قانداق بولىدۇ. مەن تېخى يېڭىلا ئۈرۈمچىگە كەلدىم . تەسىرى ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا سىزمۇ توغرا چۈشەنگەن بولسىڭىز . 

- ئەمىسە قۇربانچۇ؟ قۇرباننىڭ مۇشۇنداق قىلغىنىدىن سىز تەسىرلەندىڭىزمۇ ؟ رەنا بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ .

- بەلكىم ،بۇ قۇرباننىڭ ماڭا ئورۇنلاشتۇرغان سۇيىقەستى بولۇشى مۇمكىن . مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەسىرلىنىپ قالاي ؟ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشلىرى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى . ئۇ چۇقۇم قىلغانلىرىغا بەدەل تۆلىمەي قالمايدۇ . قايسى قىلغانلىرىغا ؟رەنانىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ : 

- سىزنىڭ ، قۇرباندا ئۆچىڭىز بارمۇ قانداق ؟

-ياق …يوق ،-دېدى رەنا كېسىپلا . 

- ئەمىسە ،نارازىلىقىڭىز بارمىدى ؟ 

 قادىر قىزىقىپ ئارقا- ئارقىدىن سوراۋەرگەنلىكتىن .رەنا ، بىزار بۇلۇپ .ئەگەر يەنە مۇشۇنداق قالايمىقان گەپلەرنى قىلىۋەرسىڭىز ، مەن سىزنى كۆتۈرۈپ دېڭىزغا تاشلىۋېتىمەن .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-ياق ،،،،ياق ،ياق . پەقەت مۇنداقلا دەپ قويدۇم .جاۋاب بەرگىڭىز بولمىسا مەيلى. مەن دېمىگەن بولاي. لېكىن ،مېنىڭ ئەقلىم يەتمەيدىغان يېرى ،سىزنىڭ نۇرغۇنلىغان كۆپ تالىشىڭىز بار تۇرۇپ ،نېمە ئۈچۈن قۇربان بىلەن ھەمكارلىشىسىز ؟ سىزنىڭ قۇربانغا بولغان مۇئامىلىڭىز ئوخشىمايدۇ . سىلەر تۇنجى كۆرۈشكەن ۋاقتىڭلاردىلا ، خۇددى كونا تونۇشتەك .ئۇ سىزگە شۇنداق قاراپ كەتتى .  

-قۇربان دېگەن ئۇ بىر باغرى تاش .ئۇ قىزلارغا ئاياللارغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ . ئۇلارغا شۇنداق قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ .لېكىن ،ئۇ سىزگە كەلگەندە شۇنداق باغرى ئېرىپ كەتتى ،-دىدى قادىر.

-بەلكىم، ئۇ مېنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندۇ ؟ - دېدى رەنا ياندۇرۇپلا . 

 لېكىن قادىر بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ :

  بىرلا كۆرۈپ، ياخشى كۆرۈپ قېلىش قۇرباننىڭ تەبىئىتدە يوق . ئۇ ئادەمچۇ ، بىرنى ياخشى كۆرۈپ قالسا ، ئەبەدىي ئۆزگەرمەيدۇ . ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى، شۇنداق قوپال سوغۇق كۆرۈنگەن بىلەن. لېكىن ،بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىدۇ . ئەسلى ،مەن بۇرۇن ئۇنى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئايالىغا كۆڭلى چۈشۈپ قالدى ،-دەپ ئويلىغان ئىدىم .لېكىن ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ . قادىرنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان رەنا :  

-قالايمىقان گەپ قىلماڭ. ئۇ پەقەت مېنىڭ قابىلىيىتىمگە قىزىقىدۇ خالاس . مومكىن ئەمەس .

-سوفىيە خىنىم ، مەن ھاياتىم بىلەن كېپىل بولالايمەن. ئۇ ھەقىقەتەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. بولمىسا ، ئۇ بىزنىڭ ئائىلە بىلەن رەقىبلەشمىگەن بولاتتى. ئۇ دېگەن بىر سودىگەر ، يەنە كېلىپ سودا ساھەدە ناھايىتى قابىلىيەتلىك . ئۇ ئالدىراپ بىر ئايال ئۈچۈن بۇنداق قىلمايدۇ،- دېدى ئۇ توختىماي. گەپنى رەنا غا ياغدۇرغاچ .

 قادىر، رەنانىڭ قولىنىڭ تەرلەپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

رەنانىڭ يۇركى سۇقوپ نىم دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى ئۇنىڭ يۈرىكى توختىماي سوقۇپ كېتىپ باراتتى .لېكىن ،ئۇ بىلىنىشتۈرمەي كۈلۈپ تۇرۇپ :

-سىز ،قاچاندىن باشلاپ قۇربان بىلەن دوست بولۇپ قالدىڭىز؟قۇرباننىڭ گېپىنى بەك قىلىسىزغۇ ؟يا ئۇنىڭغا قەست قىلاي دېدىڭىزمۇ ؟-دېدى رەنا . 

رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلىغان قادىر ھەيران قالدى -دە .

- نەدىكى گەپلەرنى قىلمىڭە!… مەن بايا قالايمىقان گەپ قىلىپ قويدۇم . ئەمەلىيەتتە، قۇربان ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۆزى . شۇنداققۇ ؟ ھەي گۇزەل خىنىم ، مىنىمۇ ئويلاپ قۇيسىڭىز بولاتتى . رەنا كۇلۇپ تۇرۇپ : -سىز يەنە غەلۋە قىلماقچىمۇ ؟

-مەن غەلۋە قىلمىدىم .مەن راستىنلا سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم . ئۇ شۇنداق دېگىنىچە، رەنانىڭ قېشىغا كەلدى . رەنا ئۇنى بىرنى ئىتتىرۋىدى. تاس قالدى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكىلى . لېكىن ،ئۇ ئۇنى تارتىۋالغان ئىدى .

-ۋاي ۋۇي… سىز ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىز شۇنداقمۇ؟ مېنى ياخشى كۆرىسىز ، شۇنداقمۇ ؟ 

 ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ،رەنانىڭ ئۈستىگىلا يىقىلدى .رەنا بولسا سىز بەك ئېغىر ئىكەنسىز تۇرۇپ كېتىڭ ،-دىدى .

-بۇ يەردىكى شامال بەكلا كۈچلۈك ئىكەن 

 مېزىلىك پۇراق قادىرنىڭ دىمىقىمغا ئۇرۇلدى .رەنا ئەزەلدىن ئەتىر چاچمايتى. لىكىن يەنىلا مىزلىك ئوخشىمايدىغان پۇرايتى. قادىر بولسا گەپ قىلماي تۇراتتى .رەنا ئۇنى ئىتىرۋىتىشىگە قادىر ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتۋىلىپ …

-ئەتىرىڭىزنىڭ پۇرقى ھەقىقەتەن مىزلىق ئىكەن .گۇزەل قىز ، مەن سىزگە ئاشىق بولدۇم .يۇركۇم سىز ئۇچۇن سوقماقتا.سىز ھىس قىلالىدىڭىزمۇ ؟ئۇ شۇنداق دىگەچ رەنانىڭ قۇلىنى مەيدىسىگە قۇيدى . 

- سىلەر نىمە قىلۋاتسىلەر ؟-دىدى قۇربان . رەنا قۇربانىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۇپ دەرھال قولىنى تارتىۋالدى ۋە قادىر نى ئىتىرۋەتتى . لىكىن ، قۇربان ھەممىنى كۆرۇپ قاپاقلىرى تۇرلۇپ كەتكەن ئىدى .قادىرمۇ قورققىندىن تاس قالدى . دىڭىزغا چۇشۇپ كەتكىلى …قادىر ئۇرنىدىن تۇرۇپ كىيملىرنى قاققاچ : ساڭا دىسەم قۇربان.مەن ھازىر قىز دوستۇم بىلەن پاراڭلىشۋاتقان ئىدىم. سەن كىلپلا پارىڭىمىزنى بۇزۋەتتىڭ.قۇرباننىڭ تىخىمۇ ئاچچىقى كىلىپ كەتكەنىدى.لېكىن ، ئۇ ئۆزىنى توختىتىلىپ ، كۈلۈپ تۇرۇپ .

- بۇ ،سېنىڭ قىز دوستۇڭمۇ؟ راستمۇ ؟ 

-ئەلۋەتتە .

ئۇ بىلەكلىرىنى قايرىغاچ ، قادىرغا .بولدى قىل دىدى .

قادىر رەناغا قاراپ ،خاتىرجەم بولۇڭ .ئۇ مىنى ھىچقانداق قىلالمايدۇ؟-دىدى.

 قۇربان بېرىپلا ئۇنى بېلىدىن تۇتتى دە ، بېشىدىن ئېگىز كۆتىرشىگە: 

-قۇربان ، سەن نېمانداق ساراڭلىق قىلىسەن ؟ۋاي ئانامەي … سەن مېنى بۇنداق كۆتۈرۈپ تۇرساڭ ، كىم سېنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىدۇ .سوفىيە خېنىم، تولا قاراپ تۇرماي مەن ئۈچۈن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇڭچۇ !بولمىسا قۇربان مېنى راستلا دېڭىزغا تاشلىۋەتكۈدەك ،-دىدى ئۇ  جىدىيلىشىپ .

قۇربان ،ئۇنى بىر سىلكىسلا ئارقا تەرىپىدىكى دېڭىزغا چۈشۈپ كېتەتتى.رەنا يۇگرەپ كىلىپ :

-قۇربان ،دەرھال قۇيۋىتىڭ! قادىر ... ئۇ بولالماي قالدى . 

بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن ، مۇسا ئوفسىر بىر نەچچە ھەربىينى باشلاپ يىتىپ كەلدى . قۇربان ،رەنانىڭ قادىر ئۈچۈن گەپ قىلغىنىغا تېخىمۇ ئاچچىقى كەلدى -دە .گەپ قىلماي رەناغا قاپىقىنى تۇرگىنچە قاراپ تۇراتتى.

 - قۇربان، سەن  بىر  ئالۋاستى ئىكەنسەن  ,-دىدى  قادىر . ئۇ شۇنداق دېيىشىگە ,قۇربان ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى .  بۇ ۋاقىتتا رەنا جىددىيلىشىپ. 

-ئۇ ؟…  

-ھېچقىسى يوق . ئۇ ئۆلمەيدۇ .ئۇ دېگەن سۇ ئۈزۈش چېمپىيونى   بۇنچىلىك دېڭىز ئۇنىڭ   ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس مۇسا ,بۇ يەرنى ياخشى تىزگىنلەپ ، ئۇنى ھەرگىزمۇ بازىىغا كىرگىلى قويما !رەنا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇربانغا ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ قويدى .

  -ھازىر دېگەن ئەمدى چۈش بولدى. ئۇ  ھىلغىچە  قىرغاققا  ئۇزۇپ  چىقىپ  بۇلىدۇ .مۇسا،  بۇ  يەرنى  ياخشى  كۇزەت ،-دىدى .  رەنا بولسا  ، جىددىيلەشكىنىچە دېڭىزغا قاراپ تۇراتتى .

-سىز  ئۇنىڭدىن  ئەنسىرەۋاتامسىز؟

مەن كىسەلخانا  ئۆيدە  جىم  يىتىپ  تىزراق  ساقيىپ  سىزنى  كۇرۇشنى  ئۇمۇت  قىلىپ  ئولتۇرغان  تۇرسام .

-لىكىن ، سىز  . دىڭىز  بويىدا  باشقا  بىرى  بىلەن  پاراڭلشىپ  تۇرۇپسز ؟يەنە  تىخى ئۇنىڭ  بىخەتەرلىكىدىن  ئەنسىرەپ  كەتىڭىز؟ ئىيتىڭە  ،سىز  زادى  كىمنى  ياخشى  كۆرسىز؟

ئۇ شۇنداق  دىگنچە  بىرىپلا ، رەنانىڭ  بىلىدىن  تۇتتى .رەنا  ئاجىراي  دەپ  ئاجرالمىدى .

-مەن سىزگە  كۆڭۇل  ئىزھار  قىلسام  ،سىزگە چۇشەندۇرسەم  ماڭا  ئىشەنمىدىڭىز؟ سىز  جىمجىت  سۇكۇتتە  تۇرۇشقا  رازىكى ، ماڭا  بىر قىتىم پۇرسەت  بىرىشنى  ئويلاپ  باقمىدىڭىز .سىز  قادىر بىلەن  بىللە  بۇلۇشقا  رازى  بوپسىز . ئەجىبا  ،ماڭا  شۇنداق  ئۆچمۇ سىز…مىنى  كۆزگە  ئىلىپمۇ  قويمىدىڭىز؟،-دىدى  قۇربان.

-شۇنداق ، مەن سىزگە  ئۆچ ،بىزار . شۇنداق  سىزنى  كۆزگە ئىلمايمەن .ئەگەر ، ئالاھىدە  سەۋەب  بولمىغان  بولسا  ،مەن  ھەرگىزمۇ  ئۇرۇمچىگە كىلىپ  سىز  بىلەنمۇ  كۆرۇشمەيتىم ،-دىدى  ئۇ  قۇربانغا  تىكلىپ  قاراپ. قۇربان نېمە دېيىشنى بىلەلمەي : 

- ئالاھىدە سەۋەبۆ قانداق  ئالاھىدە سەۋەب ؟سىز پەقەت مېنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن قايتىپ كەلمىدىڭىزمۇ .؟ 

رەنا ، قۇربانغا قاراپ  سۇغۇقىنە  كۇلۇپ قۇيدى -دە:

مەن ئۈچ يىل سىزنى ياخشى كۆرگەن .مىنىڭ ياخشى  كۆردىغان ئىرىم  ،باشقا  بىر  ئۇچنجى شەخىسنى  تىپىۋىلىپ    يەنە  مىنى   ئازابقا  دۇچار  قىلىپ  .يەنە   ئوتتا  كۆيۇپ پۇتكۇل  مۇھەبىتىم  كۆيۇپ  بولغاندا مەن  يەنە  سىزدەك  ئىرىمنى  ساقلارمەنمۇ ؟سىز مىنىڭ  ياخشى  كۆرشىمگە  ئەرزىمەيسىز .بەش  يىل بۇرۇن ، سىز  ئۇچۇن  ھەممە  مۇھەبىتىمنى  بەرگىنىم. ئۇ مىنىڭ  ئەخمەقلىقىم .لىكىن  ، مىنى ھازىرغىچە   سىزنى  ياخشى  كۆرىدۇ  دىسە  …سىز مىنىڭ  نىم  دەپ  چاغلاپ  قالدىڭىز !. 

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ، بار كۈچى بىلەن  قۇرباننىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرىۋەتتى .ئۇنىڭ قولى قۇرباننىڭ يارا ئېغىزىغىلا تەگكەن بولۇپ .قۇربان .

-ۋايجان، دەپ تۇرۇپلا  قالدى .  لېكىن ،رەنا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ئۆرۈلۈپلا كەتمەكچى بولدى -دە ئۇنىڭغا قاراپ ، كۈلۈپ تۇرۇپ: 

--قۇربان،بۇ ھاياتىمدا سىز ماڭا قەرز… بالىلىرىمغا قەرز… مۇھەببىتىمگە قەرز .…  سىز ھاياتىڭىزنى بەرسىڭىزمۇ يەتمەيدۇ . سىز تولا ئالدىمدا ئارتىسلىق قىلىپ  ئۇيۇن  ئوينىماڭ .سىز ، ھازىر  مەن ئۇچۇن  يات  ئادەمدىن  پەرقىڭىز  يوق،-دىدى .

قۇربان مۇشلىرىنى تۇگۇپ.رەنا دەپ ئۇتۇنگەن ھالدا ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردى!

رەنا بولسا  ئاڭلىمىغانغا  سىلىپ  ئارقىغا  ئۆرۇلۇپلا   كىتىپ  قالدى .




داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0