
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 79 |
78 |
77 |
76 |
75 |
74 |
| 80 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
81 - قىسىم
- مېنىڭ ئاچچىقىم كېلىشتىن بۇرۇن ، ئەڭ ياخشىسى سىز چىقىپ كېتىڭ. بۈگۈندىن باشلاپ سىزنى كۆرگۈم يوق؟ سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغۇم يوق . سىزنى پەقەتلا كۆرگۈم يوق .رەنا، سىزگە زادى نېمە لازىم ؟ سىز پەقەت ئېغىز ئاچسىڭىزلا مەن سىزگە ھەممە نەرسىنى بېرىشنى خالايمەن . مېنىڭ پەقەت بىرلا تەلىپىم بار.ئەمدى، مېنى ئازابلىماڭ بولامدۇ ؟
قۇرباننىڭ ھەربىر گەپلىرى رەنانىڭ يۈرىكىنى قىلىچ بىلەن يارىغاندەك ئاغرىتىۋاتاتتى . رەنانىڭ كۆز ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ئېقىپ چۈشتى .
-قۇربان مەن بەك ئازاپلىنىۋاتىنمەن .
-بولدى ،مەن ئاڭلىمايمەن . مەن سىزگە بەكمۇ جىق پۇرسەت بەردىم . مەن ئەمدى سىزنىڭ يالغان -ياۋىداق گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىمايمەن . مېنىڭ ئايالىم رەنا ئاللىقاچان 5يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتتى . غوجىدار ئايال توغرا دەپتىكەن . مېنىڭ ئۆز ئايالىم ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدىكەن . سوفىيە خېنىم، مەن ئارام ئالماقچى كېسەلخانىدىن چىقىپ كېتىىڭ!
قۇربان رەنانى« سوفىيە» دەپ ئاتىغان چېغىدا ، رەنا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى . چۈنكى، ئۇ ھازىر نېمىلا دېسە ، قۇربان ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقى كەچۈرمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى .
كەچۇرۇڭ…
رەنا شۇنداق دېگەنچە ، كېسەلخانا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . سىرتتا تۇرغان روزى ھەممە گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ رەنا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن تېزلىكتە كىردى دە .
- دېرىكتور، ئىش سىز ئويلىغاندەك ئەمەس . خېنىم ، بايا ئۆزىنىڭ قەبرىستانلىقىغا بارغان ئىدى . ئۇ يەرگە بېرىپ بەكلا خۇشال بولدى.
-ئەسلى مېنىڭ شەخسى گۈللۈكۈمگە بېرىپتىكەن -دە. ئەسلىدە، ئۇ مېنىڭ ھېسسىياتىمنى كۆڭلۇمنى چۇشۇنەي دەپ شۇنداق قىپتىكەن -دە، ئۇ مۇھەببەتنى دەستەك قىلىپ مېنى ئالدىسا ھەتتا ھېسسىياتىمنى ئالدىسا روزى ئىيتە ! مەنمۇ ئادەم .مېنىڭمۇ يۈرۈكۈم ئاغرىيدۇ. سەن بۇنى چۈشىنەمسەن ؟
روزىنىڭ تۇنجى قېتىم قۇرباننىڭ بۇ ئاجىز ھالىتىنى كۆرۈشى ئىدى. روزى گەپ قىلماي تۇراتتى . قۇربان ئېغىر بىر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن:
- سەن، رەنانى ئۆيگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكىن ؟ موسا ئۇنىڭغا ئامانلىق قوغدىغۇچىدىن بىر نەچچىنى ئورۇنلاشتۇرسۇن . مەن دوختۇرخانا ئالمىشىپ كېتىمەن ،-دىدى .
روزى قۇرباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى.
- دېرىكتور ، سىز خېنىمغا شۇنداق كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىز ھەم ئەنسىرەيدىكەنسىز ؟ نېمىشقا باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ كېتىسىز ؟
-مەن بىر نەچچە كۈن تىنچ تۇرايمىكىن ،-دېدىم. مېنىڭ دوختۇرخانا يۆتكىلىدىغان ئىشىمنى ھېچكىمگە دېمىگىن ! بۇلۇپمۇ رەناغا؟- دىدى .
رەنا ،بۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىدىن ئايرىلىپ كەتمىگەن ئىدى . ھەمدە دوختۇرخانا ئىشكى ئالدىدا قۇرباننىڭ كەينىدىن چىقىشىنى ساقلاپ تۇراتتى . ئۇ بۇ ۋاقىتتا قۇرباننىڭ چىقىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغان ئىدى. لىكىن روزى چىقىپ كەلدى .
-ئۇ، مىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىكەن؟ روزى رەنانىڭ ئازابلىنىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ:
- خېنىم . مەن، سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوياي. سىز ئاشۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرۇڭ ھەمدە كىچىك بەگزادىنىڭ ھالىدىن ياخشىراق خەۋەر ئېلىڭ . قۇربان دېرىكتور، تىنچ مۇھىتتا داۋالانسامكەن ،-دەيدۇ .ئۇنىڭ سىزنى ئاۋارە قىلغۇسى يوقكەن .
رەنا روزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى. ھەمدە ئارتۇق گەپ قىلماي ماشىنغا چىقتى. روزىمۇ ئەگىشىپ ماشىنىغا چىقتى.
-خنىم. دىرىكتۇر، ناھايىتى ياخشى ئادەم. بىر نەچچە كۇندىن كىيىن ياخشى بۇلۇپ قالسىلە.
- رەخمەت سىزگە ،-دېدى رەنا . مەن ئاپام دادام بىلەن كۆرۈشسەم بولامدۇ ؟
- خېنىم ، بىر مەزگىل ئۆتۈپ تۇرسىمىكىن؟
رەنا يەنە قايتا گەپ قىلمىدى . ماشىنا تېز سۈرەتتە ھەيدىلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدى . رەنا ماشىنىدىن چۈشكەن ۋاقىتتا ،مۇسا ئۇلارنى قارشى ئالدى .
- رەنا، خېنىم. كەلدىڭىزمۇ ؟
مۇسا سالام قىلدى . سىرتتىكى ۋاراڭ -چۇرۇڭنى ئاڭلاپ ئەرفات ئاپىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدى -دە ، يۈگۈرۈپلا:
- ئاپا! سىزنى سىغىندىم دوپ رەنانى قۇچاقلىدى .
- مېنى سېغىندىڭمۇ ئوغلۇم ؟-دىدى ئۇ تەسلىكتە كۇلۇپ.
- ئەلۋەتتە . مەن ھەر كۈنى سىزنى ئويلايمەن ئاپا . ئاپا ، بۇ قېتىم ماڭا ھەمراھ بولامسىز ؟ ھازىر مەن ئۆيدە دەرس ئۈگىنىۋاتىمەن. سىز كەلگەندىن كېيىن ماڭا دەرس تولۇقلاپ بېرىسىز ، شۇنداقمۇ ؟
ئەرفات ئاپىسىنىڭ چىرايىدىن باشقا بىر ئىش بارلىقىنى ھېس قىلدى دە:
- ئاپا ، سىزگە نېمە بولدى ؟قۇربان دېرىكتور، سىزنى بوزەك قىلغان ئوخشىمامدۇ ؟ مەن بېرىپ ئۇنى ئىزدەي ؟- دېدى.
ئۇ ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ماڭماقچى بولۇۋېدى. رەنا ئۇنى توسۇۋالدى .
-ياق ، ئۇ مېنى بوزەك قىلمىدى. مەن بايا بىر كىنو كۆرگەن ئىدىم .بەكلا تەسىرلىك ئىكەن . شۇڭلاشقا چىدىيالماي يىغلاپ سالدىم .
-ئاپا ، سىز مېنى ئالدىسىڭىز بولمايدۇ ؟قۇربان دىرېكتور راستلا سىزنى بوزەك قىلمىدىمۇ ؟ -دېدى گۇمانلانغانچە… -ئەرفات ،قاراپ بېقىڭە !ھازىر دېرىكتور يارىلانغان تۇرسا ، ئۇ قانداقمۇ خېنىمنى بوزەك قىلالىسۇن ؟- دېدى روزى . -ئۇغۇ شۇنداق . لېكىن ،ئۇ ئاپامنى بوزەك قىلىپ قالسا مەن چىدىمايمەن .ئەگەر ،قۇربان سىزنى بوزەك قىلىپ قالسا ماڭا ئېيتىڭ! مەن سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىپ بېرىمەن. ئۇنتۇپ قالماڭ سىزنىڭ مەندەك ئوغلىڭىزدىن بىرسى بار .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
- ئەمدى، ئۇنىڭغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلغىن ! نېمىلا بولمىسۇن ، ئۇ سېنى قۇتقۇزۋالغان ھەمدە سېنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىڭگە سەۋەب بولغان .
- شۇنداق بولسىمۇ ، سىزنى بوزەك قىلسا بولمايتتى ؟ ئەرفات شۇنداق دېگىنىچە ، ئاپىسىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغان ئىدى .
-مەن بەكلا چارچاپ كەتتىم. ئوغلۇم مەن بېرىپ ئارام ئالاي ! مېنى ئاۋارە قىلمىغىن .
- ماقۇل ئاپا ، ئەمىسە ،سىز ياخشىراق ئارام ئېلىڭ ! مەن بىردەمدىن كېيىن سىزنىڭ قېشىڭىزغا كىرەي . -ماقۇل .
رەنا، قۇربان بىلەن ئۆزى ياتقان ھۇجرىغا كىرىپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى . چۈنكى، ئۇنىڭ قۇربانغا بولغان مۇھەببىتى مۇشۇ ھۇجۇرىدىن باشلانغان ئىدى . رەنا قۇربانغا تېلېفون بېرىشنى ئويلىدى . لېكىن ،قۇربان ئۇنىڭ نۇمۇرىنى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتكەن ئىدى .ئۇ تىخىمۇ بىئارام بۇلۇشقا باشلىدى.
رەنانىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇشقا باشلىدى .چۇنكى، ئۇ قۇرباننىڭ يۇرىكىنى قانچىلىك زىدە قىلغىننى بىلمەيتتى .
-سۇباتنى سوراق قىلدىڭىزمۇ؟ دېدى ئەتىسى رۇزى رەناغا.
-ئۇنىڭ ئاغزى بەكلا چىڭكەن .بەلكىم ،بىرەر نەرسىنى كۇتۇۋاتقان بولىشى مومكىن. مەن سىرتقا چىقسام بولمامدۇ؟ مەن قۇرباننى ئىزدىسەم بولمامدۇ ؟ مەن سىرتتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك .
- بۇنى ، قۇربان دېرىكتوردىن سوراپ بېقىشىم كېرەك - دىدى روزى.
-ماقۇل، - دىدى رەنا.
رەنانىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ئىدى . روزى شۇنىڭ بىلەن قۇربانغا تېلېفون قىلدى.
قۇربان تېلېفوننى ئېلىپلا:
- ئەگەر، رەنا قەيەرگە بارسا ، سەنمۇ ئەگىشىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغىن! ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغىن! -دېرىكتور، سىز رەنا خېنىمدىن بەكلا ئەنسىرەيدىكەنسىز ؟ نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز ؟
قۇربان ئارتۇق گەپ قىلماي تېلېفوننى قويىۋەتكەن ئىدى . روزىنىڭ نەزىرىدە قۇربان ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ھەم ئىنتايىن ئەقىللىق ئادەم ئىدى . ئۇلارنى ئاران بىر يۈز كۆرۈشتىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، قۇرباننىڭ بۇنداق ئازار يېيىشى ئەقىلگە سىغمايتتى . روزى تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن:
- دىرېكتور دەيدۇ. سىز قەيەرگە بارسىڭىز بولىدۇ . لېكىن ،مەن سىزنى قوغدىشىم كېرەككەن .
-ماقۇل .
كەچلىك تاماق بولغان ۋاقىتتا ،فۇرقەتنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى پەقەتلا چۈشمەيۋاتاتتى . رەنا بۇنىڭدىن بەكلا ئەنسىرەپ كەتكەن ئىدى .
- فۇرقەتنىڭ ئەھۋالىغا قانچىلىك بولدى ؟
-ئۇزاق بولمىدى .تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ قىزىتىشقا باشلىغانىدى .
مۇسا سۇسلا جاۋاب بەردى .
-قانداقسىگە تۇيۇقسىزلا ئاغرىپ قالىدۇ؟ دوختۇرغا كۆرۈندىمۇ ؟
-ھە ، دوختۇرمۇ كۆردى .ئۇنىڭ ئاشقازىنىدا ئازراق چاتاق بار ئىكەن . لېكىن، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى. بۇ قېتىم ياندۇرۇپ ھۆ تۇتۇپ ھەم قىزىتىپ ، مېنىمۇ بەكلا ئەنسىرىتىۋەتتى .
ئەرفاتمۇ بوش ئاۋازدا:
-ئاپا ،بولمىسا قۇربان دېرىكتورغا ئېيتايلى . فۇرقەت بۈگۈن غەيرى گەپلەرنى قىلىدى .
-قانداق گەپلەرنى قىلدى ؟ رەنا سەل ھەيران قالدى.
-ئۇ ،داۋاملىق ئاپىسنىڭ ئىسمىنى چاقىرىدۇ .
رەنانىڭ يۈرىكى جىغغىدە تىترەپ كەتكەن ئىدى .
- ئۆيگە يىڭىدىن ئىككى ئۇچ خىزمەتچى كەپتۇ. دېمەكچى بولغىنىم، بۇنى مۇنىرە خېنىم ئەكەلدۈردىمىكىن دەيمەن،-دىدى رەنا .
ئۇنىڭ گەپلىرى ئائىلىدىكى خىزمەتكارنى سەل جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى .
-ئىككى ئۈچ ئادەم بار ، ئۇلار ئىشلىگىلى 2يىلدىن ئاشتى . لېكىن، ئۇلارنى مۇنىرە خېنىم ئەكەلمىگەن .بىر جۇپ ئەر ئايالنى بولسا بۇرۇن مۇنىرە خېنىم ئەكەلدۈرگەنىدى .قانداق بىرەر مەسىلە بارمۇ ؟ -دېدى خىزمەتكار .
-تۈنۈگۈن فۇرقەت يېگەن تاماقنى تەكشۈرۈپ بېقىڭلار ھەمدە فۇرقەتنى ياخشىراق كىيىندۈرۈڭ! مەن بىلەن دوختۇرخانىغا بىللە بارسۇن !-دېدى رەنا .ئەرفات بۇنى كۆرۈپ :
- ئاپا ، مەنمۇ بارىمەن؟ دەپ ئەرافاتمۇ ئەگەشتى . رەنا ماقۇل بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەربىي دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلدى. ھەربىي دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى بىلەن قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا تېلېفوننى قادىرنىڭ ئاكىسى ئالغان ئىدى . رەنادىن كەلگەن تېلېفوننى كۆرۈپ ، قادىرنىڭ ئاكىسى بەكلا خوش بولۇپ كەتتى . ئۇ قۇرباننىڭ ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ خۇشاللىق ھىس قىلغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېز سۈرەتتە ھەربىي دوختۇرخانىغا باردى . دوختۇرخانىدا قادىرنىڭ ئاكىسى بار بولۇپ ، ئۇ رەنانى كۆرۈپ سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن دوختۇرخانا باشلىقىغا .
-بۇ، بالىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى تەكشۈرۇڭ!
- ماقۇل ، مەن چۇقۇم ياخشى تەكشۈرىمەن.
دوختۇرخانا باشلىقى ماقۇل بولدى -دە ، فۇرقەتنى كۈزىتىش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى . رەنانىڭ كۆڭلى بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى دە:
- روزى ، سىز دەرھال ساقچىخانا ئەتراپىغا بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ! بەلكىم ،بۈگۈن كەچتە ئۇ يەردە بۇلاڭچىلىق بولۇشى مۇمكىن .
رەنانىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاپ قادىر سەل ئىككىلىنىپ قالدى .
-رەنا خېنىم ، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . ئۇ دېگەن ساقچىخانا تۇرسا .
-مىنىڭچە ئىشنى ياخشىراق قىلغانغا يەتمەيدۇ . بۈگۈن كەچ ئۆتۈپ كەتسە ،مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن. ئەگەر بۈگۈن كەچ ياخشى بوپ ھىچقانداق ئىش بولماي ئۆتۇپ كەتسە ، مەن ئەتە خىزمەتكە قاتناشقان سەپداشلارنى ياخشى مېھمان قىلىمەن .
رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، روزى ئارتۇق گەپ قىلمىدى -دە ، تېزلىكتە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى . قادىرنىڭ ئاكىسى ساقچىخانا توغرۇلۇق پاراڭنى ئاڭلاپ:
- قانداق ، سىز بىرەر ئىشتىن گۇمان قىلىۋاتامسىز ؟
- فۇرقەت ئىنتايىن ياخشى بالا. ئۇ بىرەر يىلنىڭ ئىچىدىمۇ ئاز قىزىتىاتتى .ئۇنداق زۇكامداپ قالمايتتى .لېكىن ،ئۇ تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ قىزىتىپ قالايمىقان سۆزلەشكە باشلاپتۇ . مەن ئۇنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمان قىلىمەن . بەلكىم باشقىلار زەھەر سالغان بولۇشى مۇمكىن.
- مۇمكىن ئەمەس ،-دىدى قادىرنىڭ ئاكىسى ھەيران قىلىپ .
- سىزنىڭ ئىسپاتىڭىز بارمۇ ؟
- يوق ، بۇ مېنىڭ پەرزىم خالاس . ئەگەر، مەن مۇنىرەنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام ، بۈگۈنكىدەك كۈندە قالسام مەنمۇ بەلكىم قالايمىقان ئىشلارنى چىقىرىپ قويۇشۇم مۇمكىن . ھەرگىزمۇ تۈرمىدە ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرمايمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىرتتا ئۇنىڭ ئاپىسى بار . نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ خوتۇن ئىنتايىن يۇۋاشلاپ كېتىپتۇ. ھەم مېنىمۇ ئىزدەپ باقمىدى .ئۇنىڭ بۇ ئىشى، ئۇنىڭ خاراكتېرىگە ماس كەلمەيدۇ. ئۇ چۇقۇم باشقا بىر ئىشلارنى غەرەز پىلان قىلغان بولۇشى مۇمكىن،- دېدى رەنا .
ئۇنىڭ تەھلىلى ئىنتايىن توغرا ئىدى. قادىرنىڭ ئاكىسى ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندى
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


