大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 50 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 50 ـ قىسىم aybarawazi
2024-03-09
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 51 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43





49



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


50 - قىسىم



قۇرباننىڭ ھازىرىقى ئەھۋالدا رەناغا كۆڭۇل بۆلۇش ئىشى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مۇھىم ئىشى ئىدى .

ئۇ رەنانىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن ،ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيەسىدە 180 گرادۇس ئۆزگىرىش بولدى . بىراق ، قۇربان رەناغا نىسبەتەن بەربىر ئىدى . رەنا قۇربانغا قاراپ:

- گورۇھىڭىزدا شۇنچە كۆپ ئادەم سىز بىلەن بىللە تاماق يېيىشىنى ساقلاۋاتسا ،سىز بۇ تۇرسىڭىز ، ئۇلار ئاچ قالمامدۇ؟ 

- مېنىڭ نېمە كارىم. ؟ 

قۇربان قوپاللىق بىلەن شۇنداق،- دىدى .

رەنا گەپ قىلماي ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدى. شۇنىڭ ئۇ بىر تال قورىمىنى رەنانىڭ قاچىسىغا قويۇپ: 

- ئېسىمدە قېلىشىچە ،سىز بۇنى ياخشى كۆرسىزغۇ دەيمە ن؟ - دىدى .

 رەنا كۇلۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: 

- ئىلگىرى ياخشى كۆرگەن، ھازىر ياخشى كۆرىشىم ناتايىن. ئادەملەر ناھايتى ئاسان ئۆزگىرىدۇ. بولۇپمۇ ئاياللار ،قۇربان دىرىكتۇر سىز بۇنى بىلمەمسىز؟ 

-مەن ، بىلمەيمەن. مەن ئىزچىل ،سىزنى ئۆزگەرمىدى دەپ قارايمەن،-دىدى  قۇربان .باشقىچە مەنىسى بار ھالدا سۆزلەپ. رەنا قەستەن چۈشەنمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدى . -ئۆزگەرمىدى؟ خى …خى .شۇنداقتىمۇ كىمگە قاراش كېرەك. بەزىلەر سىزنىڭ يۈز پىرسەنت چىن كۆڭلىڭىزدىن بەدەل تۆلىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.يەنەئۆزگەرمىدى دىيشىڭىزنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئىلگىرى مەن بەك ئەخمەق ئىدىم. ئەمدى ،مېنىڭمۇ كاللامدىن ئۆتتى. نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا ھەمراھ بولماي ھېسسىياتمنى ئىسراپ قىلىۋەتتى . ھەتتا نەپرەتلنىشكىمۇ ئەرزىمەيدۇ . شۇڭا ،مەن يەنىلا ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرسەملا بولدى، -دىدى كۇلۇپ تۇرۇپ . قۇربان سۇسقىنە تەبەسسۇم قىلىپ: 

-سىز خۇشال بولسىڭىزلا بولدى ،-دېدى. ھەمدە بىرنى ئۇھسىنۋەتكەندىن كىيىن ،ئارتۇق گەپ قىلماي بىشىنى تۇۋەن تۇتقىنچە تامقىنى يىدى .

ئەرفات پات پات ، بۇ ئىكىسىگە قاراپ قوياتتى. فۇرقەت بولسا پەرۋا قىلماي يىيىش بىلەن ئىدى .

- ئۇ: « ھەدە، سىز ئەتكەن تاماق بەك يېيىشلىك ئىكەن، كېيىن ماڭا دائىم ئېتىپ بېرەرسىزمۇ؟ »- دېدى. 

- ئۇخلاپ چۇشۇڭ ،-دىدى ئەرفات قاپىقىنى تۇرگىچە، بىشىغا بىرنى ئۇردى .

- كىسلىڭ بارمۇ سىنىڭ ،- دىدى فۇرقەت بىشىنى سىيلاپ تۇرۇپ . قۇربان   ئوچۇقتىن -ئوچۇق فۇرقەتنىڭ بوزەك قىلىنغانلىقىغا قاراپ: 

- ئىلگىرى مېنىڭمۇ بىر ئىنىم بار ئىدى. مەنمۇ، ئەرفاتغا ئوخشاش دائىم ئۇنى بوزەك قىلاتتىم،- دېدى. 

 بۇ قۇرباننىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئىشىنى تىلغا ئېلىشى بولۇپ ،رەنا ھەيران قالدى. قۇرباننىڭ يەنە بىر ئىنىسى بار ؟رەبا نېمىشقا ئەزەلدىن بىلمەيدۇ؟ ئۇ ، قۇربانغا ياتلىق بولغاندىن تارتىپ ئۇنى يالغۇز ئوغۇل دەپ قارايتى .

-سىز چۈش كۆرىۋاتامسىز؟ كىم ،سىزنىڭ ئۇ ئائىلىدىكى بىردىنبىر ۋارىس ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيدۇ.  

-ئۇ ،ئىنىم ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىسمىنى ھەرقانداق كىشىنىڭ تىلغا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆپچىلىك ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىشتى،- دىدى بىر ئاھ سىنۋىتىپ . ئىنىم 18 ياشقا كىرگەن يىلى خاتالىق ئۆتكۈزدى.شۇ چاغدا ،ئۇ ياش تۇرۇپلا ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدى. گەرچە بىزنىڭ ئائىلنىڭ ئابرۇيى چوڭ ئائىلە بولسىمۇ ، ئەمما قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر. ئاپام قانداقلا بولمىسۇن بىر ئانا. ئىنىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا ئىنىمنىڭ جەمەتتىكى ئىسمىنى ئۆچۇرىۋەتتى. بىزنىڭ ئائىلىگە قايتىپ كىلىشگە رۇخسەت قىلمىدى.

شۇ كۈنى كەچتە ئىنىم ئۇرۇمچىدىن كېتىپ قالدى .ئۇنىڭ قانداق ماڭغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. لېكىن ،مەن بىلىمەن،. ئۇنى ئاپام ئادەم ئەۋەتىپ يولغا سېلىپ قويغان. ھېلىقى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشى ئىنىمنى تاپالماي ، بىزنىڭ ئۆيدە ئىشلەيدىغان ئادەمدىن سورىغان. ئاپام قارشى تەرەپكە نۇرغۇن پۇل تۆلەپ بۇ ئىشنى بىسىقتۇرىۋەتكەن ئىدى.لېكىن ،مەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىدىم .

  قۇرباننىڭ بۇرۇنقى ئىشلارنى تىلغا ئالغىنىدىن كۆڭلى يېرىم بولدى. رەنا قۇرباننىڭ بۇ ھىكايىسىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشى ئىدى. كۈلكىلىك يېرى شۇكى ،ئۇ كىلىن بولغان چاغدا، ئۇ بۇ ئىشلارنى بىلمەيتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئايالى ئەمەس .ئويلىمىغان يەردىن بۇ مەخپىي خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدى.

- كېيىنچۇ ؟ سىز ئۇنى ئىزدەپ بارمىدىڭىزمۇ؟

- ئىزدىدىم. لېكىن ،تاپالمىدىم .ئۇ خۇددى ئادەملەر ئارىسىدىن پارغا ئايلىنىپ كەتكەندەك ھېچقانداق ئىز قالدۇرماپتۇ . مەن شۇنچە مۇناسىۋەت ئىشلەتكەن بولساممۇ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى يوق. كېيىن ،مەن ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئىسمىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلدىم. بىر چەت چىگراغا بېرىپ ئاددى پۇقرا بولۇپ ياشاۋىتىپتۇ . ھىچكىم ئۇنىڭ ئۆتمىشىنى بىلمەيدۇ .ئۇ پەقەت ئۆز ئۆزىگە خۇشالىق ئاتا قىلىپ ياشاۋىتىپتۇ،-دىدى قۇربان يىنىكىنە كۇلۋىتىپ .

- ئەمىسە ،تاغام قايتىپ كېلەمدۇ،دادا ؟ 

فۇرقەت توساتتىن ئېغىز ئاچتى . ئۇ فۇرقەتكە قاراپ تۇرۇپ: 

- ياق ، ئۇ قايتىپ كېلەلمەيدۇ . ئۇ ئۆلۈپ كەتتى .

 -ئاڭلىشىمچە ،ئۇ زەھەر ساتقۇچىلارنىڭ جىنايىتىگە ئىسپات بولىمەن دەپ  ئادەم بىدىكلىرى ئۇنى ئۆلتۇرۋىتىپتۇ ،-دېدى .

رەنا ئۆز كۆڭلىچە «قۇربان بىر يېڭى بىر ھېكايىنى توقۇپ چىقتى دەپ ئويلايتتى . لېكىن، ئۇ قۇرباننىڭ چىراي ئىپادىسىدىن بۇ ئىشنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايتتى »

-ئۆلدىما ؟نىمىشقا دادا. تاغامنىڭ چىرايى قانداراق ئىدى ،-دىدى فۇرقەت ئىچ ئاغىرتىپ .

 قۇربان فۇرقەتنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ :

- كېيىن پۇرسەت چىققاندا ، مەن سېنى ئۇنىڭ تۇپراق بېشىغا ئاپىرىپ كىلەي . بىز بېرىپ ئۇنى يوقلاپ كىلەيلى .

  -تۇپىراق بىشىغا بىرىپ قانداق يوقلايمىز دادا ؟ -دىدى فۇرقەت ياندۇرۇپلا .

- داداڭنىڭ دېمەكچى بولغىنى ،قەبرە سۈپۈرۈپ كېلەيلى دېگەن گىپى،- دېدى ئەرفات، فۇرقەتنىڭ بېشىنى نۇقۇپ تۇرۇپ .

ئەرفاتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، دادىسىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندى،فۇرقەت .

- ئەمىسە دادا ، سىز قاچانلىققا مېنى ئېلىپ بارىسىز ؟ مېنىڭ تاغام قەھرىمان ئىكەن!

-شۇنداق ، ئوغلۇم .ئۇ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ پەخرى . خەلقنىڭ ئەڭ ياخشى ئادىمى ،-دىدى قۇربان .

- دادا ، مەنمۇ چوڭ بولسام تاغامدەك قەھرىمان باتۇر ئادەم بولىمەن ،-دىدى فۇرقەت .

- سەن باتۇر ئادەم بولىمەن دېگىچە ، مەشىقنى بىر ياخشى قىلە ،-دېدى ئەرفات ، ئۇنىڭغا سۇغۇق سۇ سىپىپ .

  رەنامۇ ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ ، ئەگەر ياخشى تىرىشساڭ ، چۇقۇم باتۇر ئادەم بولالايسەن ،-دىدى .

- ئاچا ، سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز ، مەن سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم . سىز ماڭا تۇتۇق ئاپا بولۇڭچۇ ؟ 

 ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ، رەنانىڭ بېلىدىن تۇتۇۋالدى .

 - ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، ئاپامغا يېقىنلاشما ! رەنا، مېنىڭلا ئاپام . 

-ھەي ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم. ئاكا رەنجىمە ،-دىدى فۇرقەت كۇلۇپ تۇرۇپ . قۇربان رەناغا قاراپ : 

- سىرتقا چىقىڭ، سىزگە دەيدىغان گېپىم بار!

رەنا سەل بىزارلىق ھىس قىلىپ ، ئارتۇق گەپ قىلمىدى.

-قۇربان ، مىنىڭ سىزگە دەيدىغان گپىم يوق ،-دىدى رەنا قاپىقىنى تۇرۇپلا . قۇربان رەنانىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماي ئورنىدىن تۇرۇپلا ،رەنانىڭ قولىنى تۇتۇپ ماڭماقچى بولىشىغا : -ھەي …ھەي …ھەي … قۇربان سىز قاراقچىمۇ؟ مەن تېخى تاماق يېمىدىم ،- دېدى ئۆزىنى تارتىپ .

رەنانىڭ كۈچى ئېنىقلا قۇربانغا يەتمەيتتى . ئۇ شۇ ۋاقىتتا دەرھال قۇرباننىڭ يارا ئېغىزىنى ئېسىگە ئالدى .لىكىن ،ئۇ ئۇنىڭ يارا ئېغىزىنى تۇتۇشقا جۈرەت قىلالمايتتى .

-قۇربان تولا ئالدىمدا ئاشۇرىۋەتمەڭ ؟- دېدى ئۇ قۇرباننى سىلكىپ .

قۇربان يەنىلا ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەنانى تارتىپ سىرتقا چىقتى . سىرتتا ياردەمچى روزى قۇرباننى ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئۇ قۇرباننىڭ چىققانلىقىنى كۆرۇپ خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلاي دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن ، ئۇ رەنانىڭ قولىنى زورلاپ سىلكىپ ئېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا گەپ قىلىشتىن ئەيمىنىپ قالدى .  بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە رەنا روزىنى كۆرۈپ : 

- سىز بايام، شىركەتتە مۇھىم ئىش بار دېمىگەنمىدىڭىز؟ دەرھال بۇ ئادەمنى ئېلىپ كېتىڭ ،-دىدى.

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

 بىراق ، رۇزى ئاڭلىمىغانغا سېلىپ رەناغا قاراپ كۈلۈپ قويدى -دە ، گەپ قىلماي جايىدا جىم تۇردى . بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ،رەنانىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ كەتتى . قۇربان بىر ئاز خۇشال بولۇپ ، رەنانى دېڭىز بويى ئەتراپىغا ئىلىپ باردى .دېڭىز بويىغا بارغاندىن كېيىن ، ئۇ چاپاننى سېلىپ رەناغا يېپىپ قويدى . رەنا قۇرباننىڭ چاپىنىنى سېلىۋېتەي دەپ تۇرۇشىغا : 

- ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى سورىۋېلىڭ . بولمىسا، مەن سىزگە بېسىم ئىشلىتىپ قالماي،-دىدى .

- كۆتۈرۈڭ ،ئۇنداق گېپىڭىزنى. مەن بۇرۇنقى رەنا ئەمەس. سىزدەك ئادەمگە ئىككى بالا قېنىنى تەقدىم قىلىپ ، راستىنلا خاتا قپتۇ.دوختۇرخانىدا جىم ياتسىڭىزمۇ بولمامدۇ ؟- دىدى رەنا. قۇربان گەپ قىلماي جىم تۇراتتى .بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ تۇيۇقسىز كۈلىۋەتتى . 

-كىسلىڭىز بارمۇ نېمە ؟-دىدى رەنا. شۇنىڭ بىلەن قۇربان رەنانىڭ قېشىغا بېرىپ ، ئۇنىڭغا بىر قۇر تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن دېڭىزغا قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا :  

- فۇرقەت بولسا ئىنىمنىڭ ئوغلى . مەن ئىنىم بىلەن قوشكېزەك ئىدىم . ئەينى ۋاقىتتا مۇنىرە قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا ، ئۇنىڭ بويىدا قاپتىكەن . بۇ بالا ئەسلى مېنىڭ ئىنىمنىڭ بالىسى . لېكىن ،مەن ئۇنىڭغا ئىنىمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتتىم . بىچارە ئىنىم ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،ئۆزىنىڭ بىر پۇشتى بارلىقىنى بىلمەيتتى . بۇ بالا گۇناھسىز .ئەينى ۋاقىتتا ،سىز دوختۇرخانىدا مەن بىلەن مۇنىرەنى ئۇچراتقان چېغىڭىزدا ،مەن ئۇنى دوختۇرخانىدا باش سۈيىنى پۇنكسىيە قىلىۋاتقان ئىدىم .مەن بىلەن مېنىڭ ئىنىمنىڭ DNAئوپمۇئوخشاش ،- دېدى قۇربان .

رەنا بولسا ،قۇرباننىڭ چىرايىغا قاراپ قېتىپلا قالدى .ئۇ بىر ئاز دىلىغۇل بولغاندىن كېيىن:

- سىز جۆيلۈۋاتىسىز ؟ مۇنىرە دېگەن ،سىزنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىڭىز . ئۇ قانداق بولۇپ ئىنىڭىزنىڭ ئايالى بولۇپ قالىدۇ ؟ - دېدى رەنا .

قۇربان ،رەنانىڭ ئۆزىگە ئىشەندۈرۈشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىپ سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن :  

-مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم. شۇڭا ،ئادەم تېپىپ تەكشۈردۈم. شۇ چاغدا ،مۇنىرە ئۇرۇمچىدىن ئايرىلىپ باشقا جايغا كىتىپتۇ . ئويلىمىغان يەردىن ،ئۇ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ سودا ئۇستىگە كىرىپ قاپتۇ .ھەمدە ،زەھەر سودىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ قاپتۇ . ئۇ ئالاقزادە بولۇپ قېچىپتۇ. ئەينى چاغدا ، ئۇ مىنىڭ ئىنىمگە ئوخشىغانلىقىم ئۇچۇن ، جېنىنىڭ بارىچە ئالدىمغا كىلىپ ياردەم تەلەپ قىلدى. ھەتتا ئىسمىمنى چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن ئىنىم ئۇنى قۇتقۇزۇشىمنى ئىيىتتى . ئۇلار ئىككىسى بىللە تۇرۇش جەرياندا بىر-بىرىنى ياخشى كۇرۇپ قىلىپ بىللە بوپتۇ 

 قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپ رەناغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:

-ئىلگىرى سىزگە بۇلارنى دېمىگەن، سىزگە ئىنىمنىڭ ئىشىنى قانداق دېيىشنى بىلەلمەيتتىم، چۈنكى ،سىز يېڭىلا بىزنىڭ ئۆيگە ياتلىق بولۇپ كىرگەن ۋاقتىڭىزدا ،ئىنىمنىڭ بار- يوقلىقىنى بىلمەيتتىڭىز . مۇشۇنداق ئىش بولدى،- دەپ سىزگە دېسەم ، ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن ئىدى . مېنىڭ كەيپىياتىممۇ ئىنتايىن ئازابلانغان بولۇپ، سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزغا قارىغۇدەك چولام يوق ئىدى. شۇ چاغدا مەن پەقەت ئۇنىڭ دېگىنىنىڭ راست-يالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرمەكچى ئىدىم. ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا زادى مېنىڭ ئىنىمنىڭمۇ؟ ئەگەر ،ئۇ ئىنىمنىڭ بالىسى بولسا مەيلى قانداقلا بولسۇن .مەن ئىنىمنىڭ بالىسىنى سىرتتا قالدۇرۇپ قويالمايمەن. ئەمما ،مۇنىرەنىڭ ئەينى چاغدىكى بىردىنبىر شەرتى ، بىزنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىش ئىدى. ئۇ گەرچە بىرمۇ رەسمىي نام-ئاتىقى بولمىسىمۇ، ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ئىنىمنىڭ بالىسى…بۇمۇ ئىنىمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇنقى ،بىردىنبىر ئارزۇسى ئىدى،- دېدى.شۇڭا مەن ماقۇل بولىمەندە . پەقەت سىزگە چۈشەندۈرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم. بىر مەھەل سىزگە قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمىدىم. بىراق سىز ،ئۇ ۋاقىتتا ھامىلدار بولۇپ قالدىڭىز. سىزنىڭ مۇنىرە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى مەن ئېنىق بىلىمەن. ئەينى يىلى مۇنىرە ئۇرۇمچىدىن ئايرىلغان ھەمدە كېيىنكى مەزگىلدە ئىنىم بىلەن بىللە بولغان بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭ بىزنىڭ ئائىلىگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن ،سىزگە زىيانكەشلىك قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن. 

 ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ قورسىقىڭىزدا بالا بار، ئەگەر ئۇ ، بىزنىڭ ئائىلگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئالماقچى بولسا چوقۇم سىزگە قول سالىدۇ. مەنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئويلىنىپ ئاندىن ،سىزنى چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ بىقىش قارارىنى چىقارغان. ئاپام ئەسلىدە چەتئەلدە ئىدى. مەن سىزنى ،ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا ئاپىرىپ قويماقچى ئىدىم.ئىككى ئادەمنىڭ كۆڭلى ياخشى ئىدى.بىراق ئويلىمىغان يەردىن يېرىم يولدا ، سىز ھادىسىگە يۇلۇقتىڭىز؟ 

 قۇربان گەپلىرىنى دەپ بولۇپ رەناغا قاراپ قويدى .رەنا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى . ئۇ كۆڭلىدە «بۇ گەپلەر راسمىدۇ ، مەن قۇربانغا ئىشەنسەم بولارمۇ ، ئۇ نېمىشقا ماڭا بۇنداق چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ »دەپ ئويلىدى.




داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0