
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 52 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 50 |
49 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
51 - قىسىم
ئەمەلىيەتتە ،ئۇ قۇربان بىلەن سودا ھەمكارلىقىدىن باشقا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالىمىغانىدى . ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى قايتىپ كېلىشىدىكى مەقسىتىنى ،سەمەت دېرىكتوردىن باشقىسى بىلمىگەن بولسىمۇ . لېكىن ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر خىل دىلغۇللۇق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى . ئۇ كۆڭلىدە « ئەجەبا ،بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۇقۇشماسلىقمۇ ؟-دىدى ».لىكىن، ئۇ قۇربانغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ :
- ئەينى ۋاقىتتىكى ،ئوت ئاپىتى مەقسەتلىك بولغان . ئۇ سىز ياللىغان ئامانلىق ساقلىغۇچى ئىكەن.
-ئۇ ئادەم «مېنى قۇربان دېرىكتۇر ئەۋەتتى . يېرىم يولدا مېنى جايلىۋېتىشنى بۇيرۇدى ،-دەپ ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا ،-دىدى » رەنا قۇربانغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ . قۇربان سەل ھەيرانلىق ھېس قىلىپ :
-مەن ،قانداقمۇ ئۆز ئايالىمغا بۇنداق ئىپلاسلىق قىلاي؟ مەن ئەينى ۋاقىتتا، سىزنىڭ ماڭا قىلغانلىرىڭىزنى ،ماڭا قىلغان مۇھەببىتىڭىزنى ئىلىك ئالماي چۈشەنمىگەن بولساممۇ . بىراق ، بىز ئۈچ يىل بىر ھۇجرىدا بىر كارىۋاتتا يېتىپ قوپقان تۇرساق .ئەجەبا ،مەن سىزنىڭ ماڭا قىلغانلىرىڭىزنى بىلەلمىگۈدەك ئاشۇنداق ئەخمەقمۇ ؟ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ،مەن ئاشۇنداق ئىپلاس ئادەممۇ ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ بالىسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ،مەن سىزگە زىيانكەشلىك قىلارمەنمۇ؟- رەنا . مەن مۇشۇنداق قىلغانلىقىم ئۈچۈن ، سىز مېنى ياخشى كۆرگەنمۇ ؟ بىز ئۈچ يىل ئەر خوتۇن بولغان تۇرساق . ماڭا ئىشىنىپ مېنى چىن يۈرىكىڭىزدىن ياخشى كۆرۈپ پۈتكۈل مۇھەببىتىڭىزنى بەرگەن ئىدىڭىزغۇ رەنا . مەن ئاشۇنداق سۇيۇق، ئۈجمە كۆڭۈل، ئىپلاس ئادەممۇ ؟ - دېدى قۇربان.
رەنانىڭ ئىككى بىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ . رەنا بولسا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي :
- مەن بىلمەيمەن؟ ھېچنېمىنى بىلمەيمەن؟ مەن ئەينى ۋاقىتتا ياخشى كۆرگەن سۆيگەن ئادەم . بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا ،مەن ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ۋاقتىمدا ، سىزگە بولغان مۇھەببىتىم ، مەن بىلەن بىللە كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. مەن نۇرغۇن جەبىر جاپا مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلدىم . شۇنىڭدىن تارتىپ سىزگە قانداق ئىشىنىشىمنى بىلەلمىدىم قۇربان. سىز ئۆزىڭىزچە، بىر ھېكايىنى ئېيتىپ قويسام ماڭا ئىشىنىدۇ ،-دەپ ئويلاپ قالماڭ . مەن ئەخمەقلەرچە سىزنى كەچۈرۈپ، سىزگە ئىشىنىپ ،سىزگە ئالدىنىۋېرىپ يۇركۇمنى كاۋاپ قىلىپ بولدىڭىز ؟ -دىدى رەنا ۋارقىراپ تۇرۇپ .قۇرباننىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى ۋە ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى .
قۇربان ئۇنىڭ كىرىپ كەتكەن سىماسىغا قاراپ ، ئۆز -ئۇزىگە
- زادى قانداق قىلسام ماڭا ئىشىنەرسىز،-دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ دېڭىز بويىدىن ئاستا ئايرىلدى . فۇرقەت بىلەن ئەرفات يان تەرەپتە قۇرباننى كۆزىتىپ تۇراتتى .
فۇرقەت تىترىگىنىچە ، ئەرفاتقا :
- ئاكا ، بايا .دادام نېمە ئۈچۈن ئۇنداق گەپلەرنى قىلىدۇ؟ سېنىڭ ئاپاڭ مېنىڭ دادامنى بۇرۇن تونۇيدىكەن يەنە تېخى دادام بايا مېنىڭ ئاپامنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالدى ،-دېدى ئۇ ئەجەبلىنىپ .
ئەرفات گەپ قىلماي ، ياتاق ئۆي تەرەپكە قاراپ كىرىپ كەتتى . فۇرقەتمۇ ئامالسىز ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە كىرىپ كەتتى ھەمدە :
-ئاكا بىز قاچانغىچە بىر بۇلۇڭدا تۇرۇپ ، باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز ؟ دادام ماڭا بۇرۇن ئوغرىلىقچە باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاش قىز بالىلارنىڭ ئىشى دېگەن ،-دىدى .
-ئاغزىڭنى يۇم ،- دىدى ئەرفات.
تىخىمۇ قەدىمىنى تېزلىتىپ مېڭىشقا باشلىدى . فۇرقەتمۇ ئۇنىڭغائەگىشىپ بىللە ماڭدى .
قۇربان ،ياتاق ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەن ۋاقتىدا ياردەمچى روزىغا بىرقۇر قارۋەتكەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ بەك جىدىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى ھەمدە :
-نىمىش بولدى ؟ دىرىكتۇر، قادىرنىڭ ئاپىسى سۇفىيە خىنىمنى سوتقا ئەرزى قىپتۇ.ئۇ سوفىيە خىنىمنىڭقادىرغا يپىشىۋالغانلىقى ھەمدە بوش قويمايدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ ،- دىدى .قۇرباننىڭ شۇ زامات قاپىقى تۇرىلىپ كەتتى.
-بىزنىڭ ، ھىلىقى ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ خەۋرى بولدىمۇ؟- دىدى.
- ياق ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ خەۋىرى يوق . ئاڭلىشىمىزچە ، ئۇ بۇرۇن رەنا خېنىم بىلەن بىللە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىپتىكەن . مەن بارچە ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئىزدىدىم .لىكىن ، بىر ئىش سەل گۇمانلىق .
-نېمە ئىش ،-دېدى قۇربان قىزىقىپ .
- رەنا خېنىمنىڭ ئاتا ئانىسى چەتكە چىقماقچى ئىكەن . ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكىتى ياكى چەتكە چىقىپ ساياھەت قىلىش ئەمەس ، يا چەتتە ئولتۇراقلىشىپ قېلىش ئەمەس . ئۇلار رەسمىيەتلەرنى ناھايىتى جىددىي بېجىردى ، ھەمدە بىزدىن ناھايىتى كۆپ پۇل تەلەپ قىلدى .
روزىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىغان قۇرباننىڭ چىرايى ئۆزگەردى -دە ، قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ :
-سەن زادى نېمىلەرنى تەكشۈرۈپ كەلدىڭ ؟ نىمە ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى تەكشۈرمىدىڭمۇ ؟
-ھازىرچە خەۋەر يوق . لېكىن ،ئىگىلىشىمىزچە بىرسى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىۋېتىپتۇ .
ئۇلار رەسمىيەتنى بېجىرىپ بولۇپ بۈگۈنلا يولغا چىقماقچى ئىكەن. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە ماڭىدىكەن . قۇربان دىرېكتورنىڭ ھېچقانداق يوليورۇقى بولمىغانلىقتىن بىز ئۇنىڭغا ماسلاشتۇق ،-دىدى.
قۇربان سەل تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ،كۆڭلىدە « رەنا مېنى خاتا چۈشەندى ، ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىغا بىرەر ئىش بولماسلىق كېرەك »دەپ ئويلىدى .
-دەرھال ئۇرۇمچىگە قايتايلى ،-دىدى قۇربان كەسكىن ھالدا .روزى قۇرباننىڭ قانداق يارلانغانلىقىنى بىلەلمەي ئارتۇق گەپ قىلماي تىك ئۇچار تەييارلاپ قايتىپ كەتمەكچى بولدى .بۇ ۋاقىتتا ،رەنامۇ قۇربانىڭ قىشىغا چىققان ئىدى. ئۇ ھەيرانلىق قۇربانغا قاراپ تۇراتتى. لىكىن يەنىلا ،ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بىر ئازدىن كىيىن ئەرفاتمۇ يىتىپ كەلدى .
-ئەرفات ، نىم بولدۇڭ ؟ فۇرقەت بىلەن سۇقىشىپ قالدىڭما؟ ،-دىدى بىرى.
ئەرفات رەناغا قاراپ:
-ئاپا،سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىز بامۇ؟ مىنىڭ چوڭ دادام بامۇ ؟ دەپ سوردى.سەن نىمىشقا بۇنداق سورايسەن ؟ -دىدى رەنا چاندۇرماي .
ئەينى ۋاقىتتا ، رەنا ئاتا ئانىسىنىڭ گىپىنى ئەرفاتنىڭ ئالدىدا چىقىرىپ باقمىغان ئىدى .
-سەن بىرەر گەپنى ئاڭلاپ قالدىڭمۇ نىمە ؟ دەپ سوردى رەنا گۇمانلىنىپ .
ئاپا ،بايا قۇرباننىڭ ياردەمچىسى رۇزى رەنانىڭ ئاتا ئانسى چەت ئەلگە چىقماقچى ئىكەن .ئۇلار بىرەر جىددىي ئىش بىلەن چىقىشى مومكىن ،-دىدى .
رەنا بۇگەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى .
-سەن راستىنلا ئۇياردەمچىنىڭ شۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىڭ؟ ئوغلۇم .
-ھە ئاپا ،-دىدى ئەرفات.
رەنا جىدىيلىشىشكە باشلىدى .
-ئاپا خاتىرجەم بولۇڭ. قۇربان تىخى مىڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلۋاتىدۇ .لىكىن ئۇ تىخى ماڭمىدى .بولمىسا ،سىز ئۇنىڭ بىلەن كىتىڭ.مەندىن ئەنسىرمەڭ! مەن ئۆزەمنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالايمەن ،-دىدى ئەرفات .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
-ماقۇل ، ئاپا.سىزمۇ ، ئۇزىڭىزنى ئاسراڭ .
-ماقۇل .پەرىيدە ئاچاڭغا دەپ قوي!مىنىڭ مۇھىم ئىششم چىقىپ قالدى .
-ماقۇل ، ئاپا ،-دىدى ئەرفات .
رەنا كۆزى قىيمىغىنچە ئەرفاتنى بىرنى قۇچاقلاپ قۇيدى -دە قۇرباننى ئىزدەپ چىقىپ كەتتى .قۇربان مىنى ساقلاپ تۇرۇڭ ،-دىدى رەنا يۇگىرەپ .
-ئاستىراق يۇگىرەڭ !يىقىلىپ كەتمەڭ يەنە،-دىدى ھەيران بولۇپ قۇربان .
ئايرۇپىلاندىن پەسكە چۇشۇپ رەناغا :
-نىمە بولدىڭىز؟ ماڭا كۆزىڭىز قىيمىغان ئوخشىمامدۇ؟ -دىدى چاقچاق قىلىپ . رەنا ئۇنىڭغا پىسەنىت قىلماي قاپىقىنى تۇرگىنچە :
- ئىيتىڭە ؟مىنڭ دادام ئاپامغا بىرەر ئىش بۇلدىمۇ ؟
ئۇ ئىنتايىن جىدىيلىشىپ كەتكەنىدى .روزى بىلەن مۇسا دىرىكتۇرمۇ ھەيران قالدى.
-ھىچ ئىش يوق . ئۇلارچەتكە چىقماقچى بوپتۇ . نېمە ئىش بولغانلىقىنى مەنمۇ ئۇقمايمەن . مەن ھازىر قايتىپ بېرىپ كۆرۈپ باقاي .
مەنمۇ قايتىمەن ،-دېدى رەنا جاھىللىق قىلىپ .
- سىز ھازىر قايتسىڭىز بولمايدۇ . قادىرنىڭ ئاتا ئانىسى سىزنى ئەرز قىپتۇ .ئۇلار سىزگە تاقابىل تۇرىدىكەن . بۇ خىل ئەھۋالدا ،سىز بارسىڭىز زەخىملىنىپ قېلىشىڭىز ئېنىق . بۇ ئىشلار ھەل بولغىچە ، مۇشۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرۇڭ. ئاتا ئانىڭىزدىن ئەنسىرىمەڭ . ئۇ مېنىڭ ئاتا ئانام . مەن بۇ ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىمەن ،-دىدى . لېكىن، رەنا ئەنسىرىگەنلىكتىن يىغلاپ تۇرۇپ قۇربانغا قارىدى . قۇربان ئۇنىڭ يىغلىشىغا چىدىماي :
بوپتۇ ،مەن سىزنى ئېلىپ قايتىپ كېتەي . لېكىن ،نېمە ئىش يۈز بەرسۇن ، سىز مېنىڭ قېشىمدا تۇرۇشىڭىز كېرەك . نېمە ئىش قىلىڭ ، چۇقۇم ماڭا ھەممىنى دەپ تۇرۇشىڭىز كېرەك . چۈنكى ،سىز بەش يىل ئاۋۋالقى رەنا ئەمەس . ئاتا ئانىڭىزغا نىسبەتەن سىز يەنىلا لاھىيەلىگۈچى سوفىيە ،-دىدى .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەنانى قولدىن تارتىپ ئايروپىلانغا چىقتى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن قۇربان رەناغا :
- مېنىڭ مەيدەم بەك ئاغرىپ كەتتى .
بەلكىم يارا ئېغىزى ئېچىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئايروپىلاندا دورا ساندۇقى بار . سىز كۆرۈپ قويۇڭ بولامدۇ ؟
رەنانىڭ ئۇنىڭ بەدىنىنى پەقەتلا تۇتقۇسى يوق ئىدى . لېكىن ،ئۇ ئاتا ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ، ئۇ مۇشۇنداق قىلمىسا بولمايتتى .
-يارىلانغان ئادەم دوختۇردىن بىرنى ئېلىۋالسىڭىز بولمامدۇ ؟- دېدى ، رەنا قاپىقىنى تۈرۈپ .
-ماڭا لازىم ئەمەس ، سىز بولسىڭىزلا بولدى .
رەنا ،قۇربانغا ئارتۇق گەپ قىلماي ، ئۇنىڭ كىيىمنىڭ تۈگمىسىنى يېشىشكە باشلىدى .
- ئاستىراق قىلىڭ جۇمۇ ؟ ھازىر مېنىڭ مۇشۇ بىر قۇرلا كىيىمىم بار . ئەگەر، بۇزىۋەتسىڭىز مەن يېرىم يالىڭاچ قېيىن ئاتام ، قېيىن ئاپام بىلەن كۆرۈشكىلى بارامدىم ،- دېدى ئۇ چاقچاققىلىپ كۈلۈۋەتتى .
رەنا، ئۇنىڭغا بىرنى ئاليىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كىيىمىنى ئېچىشقا باشلىدى . قۇرباننىڭ يارا ئېغىزى بولسا ئازراق ئاجراپ كەتكەن ئىدى .ھەمدە ئەتراپىدىن قانلار تامچىپ تۇراتتى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ، روزى رەناغا دورا ساندۇقىنى ئەكىلىپ بەردى . رەنا قۇرباننىڭ ئاپپاق بەدەنلىرىنى كۆرۈپ گەپ قىلماي جىملا تۇراتتى . قۇربان بىر ئازدىن كېيىن :
- ئېسىڭىزدىمۇ ؟ ئىلگىرى سىز مېنى بەك مۇسكۇللۇق دەپ ئاتايتتىڭىز ؟ ھەر قېتىم بىللە ئۇخلىغان ۋاقتىمىزدا، مېنىڭ كىيىمىمنى سالدۇرۇپ نۇسخىلىرىنى ماختاپ كېتەتتىڭىز ؟-دىدى كۇلۇپ تۇرۇپ .
بۇ گەپ بولسا رەنانىڭ بىر قېتىملىق زىياپەتتە ھاراقنى كۆپ ئىچىۋېلىپ ، ئۇنىڭ ئېيتقان گېپى ئىدى. بۇ بىر قېتىملىق دىگەن گېپىنى قۇربان ئېسىدە ساقلىۋالغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن رەنا :
- قۇربان دېرىكتور، ھازىر بۇنداق چاقچاقلىشىدىغان ۋاقىت ئەمەسقۇ دەيمەن .
- قۇربان ، ئەمىسە قايسى ۋاقىت ئەڭ ياخشى ۋاقىت؟ كېلەركى ئۆمرۈمدە بولسۇن.
- ياق ، كېلەركى ئۆمرۈمدىمۇ سىزنى ئۇچرىتىشنى خالىمايمەن ،- دېدى رەنا كەسكىنلا . لېكىن ، قۇربان چىرايىنى ئۆزگەرتمەي :
- ئەمىسە بۇ ئۆمرىمىزدە بولسۇن . نېمە دېگەن بىلەن بۇ ئۆمرۈمدە سىزگە قەرز . مەن سىزنى ياخشى كۆرگەن. مەن ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىگە يۈز كېلەلەيمەن . بۇ قېتىم سىزنى ئاران قولغا چۈشۈردۈم. ھەرگىز قولىڭىزنى قويۇۋەتمەيمەن رەنا..
رەنا ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىپ دورىنى سۈركەي دەپ تۇرۇشىغا، توساتتىن ئايروپىلان ئېگىز كۆتۈرۈلدى رەنا قۇرباننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.
« ئا ! »
رەنا چۆچۈپ كەتتى، ئۇنىڭ بەدىنىنى قۇربان تۇتىۋالغان ئىدى. بىر بىرىنىڭ بەدىنى ئۇچرىشىپ قالغاندا ئۇلار بىر ئاز تېڭىرقاپ قالغان ئىدى .
قۇربانىڭ يارا ئېغىزى ئەمەلىيەتتە ئاغرىغىندىن بىئارام بولىسمۇ ، بىراق بۇ ۋاقىتتا ،ئۇ ھەر قانچە ئاغرىسىمۇ بەرىبىر دەپ ئويلايتى. ئايروپىلان يەنىلا چايقىلىپ كېتىۋاتاتتى. ئالدىدىكى روزى ئالدىراپ-تېنەپ بىر ئېغىز گەپ قىلدى.
-« قۇربان دىرېكتور، ھاۋا ئېقىمىغا ئۇچراپ قالدى، ئايروپىلان سەل سىلكىنىپ كەتتى، سىلەر…
ئۇ گىپى تۈگىمەستىنلا،كەينىگە بۇرۇلۇپ قۇربان بىلەن رەنانى كۆرۈپ دەرھال ئاغزىنى يۇمدى. ئىتتك ئالدىغا قارىۋالدى . بىراق ئۇنىڭ سۆزى يەنىلا قۇبان بىلەن رەنانى سەگىتتى . قۇربان ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەش يىل راھىبتەك بىرەر ئايالغان كۆز قىرىنى سالىمىغان . ھازىر خۇتۇنى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇ ھېچ ئىش قىلالمىدى . بىر ئىش قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى .رەنا سەل ئوڭايسىزلانغاندەك ھېس قىلىپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى ھەمدە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ قويدى. ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق گەپ بولۇنمىدى . كەيپىيات ئاز-تولا ئوسال بولغاچقا روزىمۇ بۇ چاغدا بىر نېمە دېيەلمەيتتى. ئايروپىلان بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۇچقاندىن كېيىن ئۇرۇمچى شەھىرىگە يېتىپ باردى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



