
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 41 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 39 |
38 |
37 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
40 - قىسىم
قادىر قۇرباننىڭ ھەربىي بازىسىدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى ۋە ياردەمچىسىگە رەنانىڭ ئۆزىنىڭ قىز دوستى ئىكەنلىكىنى ،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىغانلىقىنى تورغا ئاشكارلاشنى بۇيرۇدى ؟ بىردەمنىڭ ئارلىقىدا بۇ خەۋەر توردىكى ئەڭ قىززىق توختىغا ئايلىنىپ ، قۇرباننىڭ قۇلقىغا يەتتى . قۇرباننىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئولتۇرالماي قالدى .
بىر ئاز دىن كىيىن، دوستى پەرىدەمۇ يىتىپ كەلدى .پەرىدەم رەنانى كۆرۈپ، ئىنتايىن خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇ بېرىپلا رەنانى چىڭ قۇچاقلىدى .
- ئاپپاق دوستۇم ،خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ ؟پۇتۇڭ خېلى ياخشى بولۇپ قاپتۇ ھە ماڭالامسەن .؟
- ھە دوستۇم ،ياخشى بولۇپ قالدى . پەرىدە، سېنى جاپاغا قويدۇم . ئاپاق دوستۇم مەندىن ، خاپا بولمىغىن .
-سەن ، مېنى دەپ جاپاغا قالدىڭ . ھەربىي مەشىق تۈگىگەندىن كېيىن ،ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەندە ، بىز باشقا خىزمەت تاپارمىز . بۇنداق قىلساق ،قۇربانمۇ سېنى بۇنداق قىينىماس .
رەنا دوستىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى . ئەمەلىيەتتىمۇ ،قۇربان رەنانى ئازابلىغانلىقى ئۈچۈن ،پەرىدە ئۇنىڭغا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ ئىدى . ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ :
-خاتىرجەم بول ، دوستۇم ، ئۇ مىنى ھىچنىمە قىلالمايدۇ . يەنە كېلىپ ، ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭلا دېگىنى ھېساب بولمايدۇ - دېدى پەرىيدە .خىيالى ھالدا رەنانىڭ گەپلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ . لېكىن، رەنا يەنىلا دوستى پەرىدەدىن ئەنسىرەۋاتقان ئىدى .
- بولدى ،بىز دېگەن ئاچا- سىڭىل .
ئەينى ۋاقىتتا ،ئالىي مەكتەپتە سەن ماڭا پۇل جەھەتتىن ياردەم قىلمىغان بولساڭ . بەلكىم ، ئېتىزلاردا بۇغداي تېرىپ يۈرەتتىم . پەقەت سەندەك ئېسىل دوستۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ،مېنىڭ بۈگۈنۈم بولغان .سەن مەندىن ئەنسىرمە! ھەممە ئىشلار جايىدا ! سەن ئۆزۇڭنى ياخشى ئاسىرساڭلا بولدى .
رەنا دوستى پەرىيدەدىن ، ھەر زامان ئەنسىرەيتتى .
رەنامۇ ئەينى ۋاقىتتا ،ئۇ كىلىشمەسلىككە ئۇچرىمىغان بولسا .بۇنداق ياخشى ئېسىل دوستىنىڭ ئۇچۇرشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا ، ئۇ قۇربان بىلەن يوشۇرۇنچە يۈرۈپ قورسىقىدا قالمىغان بولسا... ئۇ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ ، قۇرباننىڭ ئائىلىسىدە يەككە يېگانە يېتىم بولۇپ قالمايتتى . لېكىن ، ھازىر نېمىلا دېگەن بىلەن كېچىككەن ئىدى . ئۇ ئاللىبۇرۇن قۇرباننى دەپ ، ئاتا ئانىسىنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ نام ئابرويىغا داغ كەلتۇرگەن ئىدى . ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ ئۇنى ئۆلدىگە چىقىرىۋەتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئەسلا ئالاقە قىلىپ باقمىغان ئىدى . ئۇ مۇھەببەتنى دەپ .قۇربان ئۇچۇن نەرسىلىرىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى . لېكىن ،ئۇ قۇربانلىق بەرگەن مۇھەببتى ئۇنىڭ يۈرىكىنى زىىدە قېلىپ تۈگىمەس پۇشايمانلارغا قالدۇرغانىدى .
پەرىدە رەنانىڭ قوللىرىنى سىقىمداپ تۇرۇپ .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
گەرچە ئۇ ئىشلار يۈز بېرىپ ، رەنا شاڭخەيدە نەچچە يىل تۇرغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئەڭ سېغىنغان ئادىمى .ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ئىدى . ئۇ بۇرۇن ئاتا ئانىسىنىڭ خانىشى ئىدى ، مەلىكىسى ئىدى . لېكىن ، مۇھەببەت ئۇنى پۇشايمان قىلسىمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغان ئىشقا مەجبۇرلاپ قويغان ئىدى .ئۇ مىڭ ئۆزىنى ئاقلاپ ، قۇرباندىن ئۆچىنى ئېلىپ ، ئۆيگە قايتسىمۇ ،ئاتا ئانىسىنڭ يۈرىكىنى ئەزگىنى ئەزگەن ئىدى . رەنا پەرىدەنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ :
-مەن ئۇلارنى راستىنلا بەك، سېغىندىم . ئەگەر مەن بۇ ھالىتىمدە ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرسام ، ئۇلار مېنى ھەرگىزمۇ تونۇمايدۇ . مەن ۋاپاسىز بىر بالا . ئاتا ئانامنىڭ يالغۇز بىر قىزى ئىدىم. مېنىڭ بۇ ئىشلارغا يولۇقۇشۇم ،بۇ ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشى ، بەلكىم ،ئاتا ئانامنى تۇگەشتۇرىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن. ياشلىرى قۇرماي ، ياش تۇرۇپلا چاچلىرىغا ئاق كىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. مەن ئىنتايىن يارىماس ئىكەنمەن. ئاتا ئانامنىڭ قىزى بولۇشقا لايىق ئەمەس …ھۇ ھۇ…
-سەن بۇنداق دېمىگىن .سەن گەرچە سوفىيە سالاھىىتىدە كەلگەن بولساڭمۇ .
يەنە سوفىيەنىڭ سالاھىيىتىدە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالساڭ بولىدىغۇ ؟. رەنا دوستنىڭ تەسەللىسىنى ئاڭلاپ گەپ قىلمىدى
ھەمدە ،بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى . ئەتراپتىكىلەرمۇ ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالدى . بولۇپمۇ ،مۇسا بەكلا گاڭگىراپ قالدى .ئۇلارنىڭ پارىڭىغا دەخلى قىلماسلق ئۇچۇن، ئۇلارنىڭ يىنىدىن كەتكەن ئىدى . فۇرقەت ، ئەرفاتمۇ، بىر ئەسكەرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەشىققە كەتكەن ئىدى . ئۇ ئاپىسى بىلەن پەرىدەنىڭ پارىڭىنى
ئاڭلىمىغان ئىدى . يەنە يىغلاپ تۇرۇپ:« ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتەر .»- دېدى ئۆز ئۆزىگە تەسەللىي بىرىپ .
- مەن بېرىپ ئوغلۇم بىلەن بىرەر ئىككى پارچە رەسىمگە چۈشۈپ ، قىزىم سۈرىيەگە ئەۋەتىپ بېرەي، ئۇ بەكلا ئەنسىرەپ كەتتى . ھەقىچان … بىر نەچچە كۈن بولدى ،مەن قۇرباننىڭ ئائىلىسىدە تۇردۇم . ئۇنىڭ ئۆيىدە قىزىم بىلەن كۆرۈشەلمىدىم . ئەگەر قۇربان سۈرىيەنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالسا ، ھەرگىزمۇ بوش قويمايدۇ .
پەرىيدە دوستنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، قۇربانغا تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ كەتتى . شۇنداق ، قىلىپ ئۇلار ئىككىسى ، ئەرفات مەشىق قىلىۋاتقان جايغا يېتىپ باردى . يەنە كۆڭلىدە فۇرقەت ئەرفاتتىن يېڭىلگەنلىكى ئۈچۈن ئارام ئېلىش كېرەك بولغىيدى -دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن ،ئۇ ئەرفاتنىڭ كەينىدە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە مەشىق قىلىۋاتقان ئىدى . رەنامۇ فۇرقەتكە قانداق گەپ قىلىشنى بىلەلمەي تۇراتتى .ئارقىدىنلا پەرىدە:
-ئاداش قۇربان بىلەن فۇرقەت پەقەتلا ئوخشىمايدۇ . بۇ بالا يەسلىگە كىرگەندىن تارتىپ، ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل . لېكىن، ئۇ بىر خىل يالغۇزلۇقنى خالايدۇ . ئۇنىڭ بىلەن ھېچ كىم، دوست بۇلۇشنى خالىمايدۇ . لېكىن ، بۇ بالا ئىنتايىن ئەقىللىق ، ئۇ قۇرباندەك تالانتلىق ئادەم بولۇپ ، يېتىشىپ چىقماسلىقى مۇمكىن.
بەلكىم ،ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا بېسىم قىلىپ ،ئۇنى جىمغۇر قىلىپ قويغان بۇلىشى مومكىن . ئۇ قۇرباننىڭ شاھزادىسى بولغان بىلەن لېكىن ئۇنداق ھاكاۋۇر ئەمەس .ئەرفات بۇ يەسلىگە كەلگەندىن تارتىپ ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى . گەرچە ئەرفات ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئەرفاتقا ئەگىشىپ ،ئۇنىڭ بىلەنلا بىللە يۈرۈيدۇ.
رەنا پەرىدەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، سەل ھاڭۋېقىپ قالدى. ھەمدە بۇ بالىغا بىزار بولاي دەپمۇ بولالمىدى .كۆڭلىدە، ئۇنىڭغا بىر خىل مېھرىبانلارچە پوزىتسىيە تۇتۇشنى ئويلىدى .
-بولدى ،بىز بۇ كىچىك بالىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايلى ، ئەرفاتمۇ خېلى ئىش ئۇقىدىغان بالا. ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتىۋەرسۇن .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يانچۇقىدىن تېلېفوننى ئالدىدە ئەرفاتنىڭ مەشىق قىلىۋاتقاندىكى بىر پارچە رەسىمنى تارتىپ ، قىزى سۈرىيەگە يوللاپ بەردى . بۇ ۋاقىتتا سۈرىيەمۇ تېلېفونغا قاراپ ئولتۇرغان ئىدى ، ئۇ ئاكىسىنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ .
-ئاپا ، ئاكام بەك كېلىشكەن بولۇپ كېتىپتۇ بەك قالتىس . مەن قاچانمۇ ئاكامدەك كېلىشكەن بولارمەن دەپ بىر پارچە ئۇچۇرنى ئاپىسىغا يوللىدى. ئۇ قىزنىڭ بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ، خۇددى يۈرىكى پىچاق تىققاندەك ئاغرىپ كەتكەن ئىدى . لېكىن، كۆڭلىدە قىزىنىڭ بالدۇرراق سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى ھەمدە :
-ئاپاق قىزىم ،پات ئاردا سىز بىلەن كۆرشىمىز ساقلاپ تۇرۇڭ …دەپ ئۇچۇر قايتۇردى . ئارقىدىنلا سۈرىيە ئاپىسىغا تېلېفون قىلدى ھەمدە .
- ئاپا ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟مەن سىلەرنى بەك سېغىندىم .سىلەر بىلەن تېزراق كۆرۈشسەم بولاتتى . ئاپا ، سىز قايتىپ كەلگەندە ، مەن ئاكام بىلەن بىللە يۈرگەن ھالىتىمنى رەسىمگە تارتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن .
-بىر نەچچە كۈن بولدى .مەن بىلەن ئالاقىلاشمىدىڭىز؟ سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ راست گەپنى قىلسام ،سىلەرنى بەك سېغىندىم . ئاكام بىلەن ئىككىڭلار قاچان قايتىپ كېلىسىلەر ؟ - دېدى يىغلامسىراپ تۇرۇپ .
رەنا قىزنىڭ يىغا ئارىلاش دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ. ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ سالغان ئىدى . سۈرىيە ئۆزىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى بىر ئۆمۈر ماڭالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەردەك دالىدا يۈگۈرۈشنى شۇنداق ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئېسىنى بىلگەندىن باشلاپلا دوختۇرخانىدا ھايات كەچۈرگەنىدى ، دوختۇرخانا ئۇنىڭ ئۆيى ھېسابلىناتتى . ئۇ جاھىللىق قىلىپ كېسەل كارۋىتىدىن چۇشۇپ ، يۈگرەشكە تەمشەلگەن ۋاقىتتا ، ئاپىسى بۇنىڭغا چىدىماي ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ بىر كېچە -كۈندۈز يىغلىغان ئىدى . ئاكىسىمۇ ئۇنىڭغا قېيداپ ، نەچچە كۈن ئۇنىڭغا گەپ قىلمىغان ئىدى . لېكىن ،ئاپىسى ۋە ئاكىسى مۇشۇنداق بىر ئوماق سىڭلىسىنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتى . سۈرىيەمۇ ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكى ،ئۆزىنىڭ ئاكىسى ۋە ئاپىسىغا بېسىم ئەكىلىپ قويغانلىقىنى بىلەتتى .ئۇلارنىڭ يۈرىكى يىغلىغانلىقىنى سىزەلەيتى .بەدىنى ئاغرىغاندا ، ئۇخلىيالمىغان ۋاقىتتا ئاپىسىنىڭ قوينىنى سېغىنغاندا ،ئاپىسى يوق . ئۇ نەچچە قېتىم ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىغانىدى .
سەمەت دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە . ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئانىسىنىڭ بىر ئۆلۈپ بىر تىرىلىپ ئۆزىنىڭ جېنىنى دەسمايە قىلىغان ھاياتىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈرىكى ئاغرىپ ئاپىسىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ جېنى ئاپىسىنىڭ جىنى ئۇ مۇشۇنداقلا جېنىدىن ئايرىلسا بولمايتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئاخىرقى تىنىقىغىچە ،ئاپىسى ۋە ئاكىسى ئۈچۈن ياشاش ، قەيسەرلىك بىلەن ياشاشنى كېرەك نىيەت قىلغانىدى .
ھازىرقى پەيتتە ، ئۇنىڭ يۈرىكى ،بەدىنى شۇنچىلىك ئاغرىغان بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا بىلىندۇرمەي ، ئاپىسى بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ پاراڭلىشاتتى .
-سۈرىيە، ئاپپاق قىزىم. مەن بىلەن ئاكاڭ سېنى بەكمۇ سېغىندىم . بىر نەچچە كۈن بولدى .مېنىڭ ئازراق ئىشىم چىقىپ قېلىپ ،سەن بىلەن ياخشى پاراڭلىشالماي قالدىم ،مېنى كەچۈرگىن .
-ھېچقىسى يوق ، ئاپا ، سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ ؟ سەمەت دادام ماڭا ئېيتتى ، ئۇ سەن ئۈچۈن ،ئاپاڭ ئۈرۈمچىگە كەتتى
-دېدى . مەن سىزنىڭ جاپا تارتىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن .سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن ئاپا . لېكىن، ئاپا ، ۋاقتىڭىز چىقسا ماڭا ، سۈرەتتە تېلېفون ئۇرۇپ تۇرۇڭ . مەن سىلەرنىڭ ياخشى تۇرۋاتقىنىڭلارنى بىلىپ تۇراي .
-ماقۇل .مەن ۋاقتىم چىقسىلا ،ساڭا تىلفۇن قىلىپ تۇرمەن -دىدى .
ئۇ ياشلىرىنى سۇرتىۋىتىپ .قىزى بىلەن كۇلۇپ تۇرۇپ پاراڭلاشقان ئىدى . ئۇ قىزى بىلەن پاراڭلاشسىلا ،قۇربانغا بولغان نەپرىتى نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كېتەتتى . چۈنكى ،قۇربان سەۋەبلىكئۇ قىزىنىڭ يېرىم پارالىچ بولۇپ ،پۈتكۈل ياشلىقىنى دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزگەنلىكى ،ئۇنىڭ يۈرىكىنى لەختە -لەختە قىلاتتى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



