大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 29 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 29 ـ قىسىم aybarawazi
2024-02-17
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



بۇ ئەسەرنىڭ 30 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19


28
27
26
25



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


29 - قىسىم


دەسلىپىدە ئەرفات  سەمەت دىرېكتورنىڭ ئاپىسىغا ياخشى مۇئامىيلە  قىلغاندىكى گىپىنى ئاڭلاپ كوڭلى  بىر  خىل بىئارام بولغان ئىدى ھەمدە  سەمەت  دىرىكتۇرغا بىر خىل  ھەسىتى  قوزغالدى   لېكىن رەنا بىپەرۋالار :

- كۆپتىن كۆپ رەھمەت قۇربان دىرېكتورنىڭ ياخشى نىيىتىگە . بەلكىم مەن بۇ ئۈرۈمچى شەھرىگە كېلىپ خاتا ئىش قىلغاندىمەن بەلكىم مېنىڭ كېلىشىم سىزنىڭ قىز دوستىڭىز  مۇنىرەگە نىسبەتەن بىر قاتار خاتا چۈشۈنۈشلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. لىكن  قۇربان  دىرىكتۇر  مەن ھەر قېتىم قىز دوستىڭىزغا يول قويىۋەرسەم بولمايدۇ .  بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كېلەر قېتىم ھەرگىزمۇ ، تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايمەن .  ھازىر پۇتۇم يارىلاندى ، يۈزۈممۇ ئىششىق ، مەن شىركىتىڭىزگە بېرىپ خىزمەت قىلالمايمەن . مەن سەمەت دىرېكتورغا تېلېفون قىلدىم ، مەن ئۆزۈمنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېتەي .  ماڭا ئەڭ ياخشىسى ئايروپىلان بېلىتىدىن بىرنى زاكاز قىلىپ بېرىڭ .  مەن ئۆز جايىمدا داۋالىناي .!

رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلىغان قۇربان جىددىيلەشكىنىچە ،

-ئۇنىڭغا سىز كىتەمسىز ؟

- توغرا ، مەن كېتىمەن ، مەن كەتسەملا قىز دوستىڭىز مېنى خاتا چۈشىنىپ قالمايدۇ ، ھەممە ئىشلار ياخشى بولىدۇ ، مەنمۇ ياخشى دېمىمنى ئالالايمەن!

-سىزنىڭ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . كېتىدىغان ئادەم ئەسلى مۇنىرە.

قۇربان ئىككىلەنمەيلا ئېغىز ئاچتى.  دەرۋەقە    ئۇ رەنانىڭ كېتىشىگە كۆز قىيمايتتى .  رەنا سوغۇققىنە كۈلۈپ تۇرۇپ:

- مەن سىلەرگە نىسبەتەن بىر يات ئادەم .  مېنىڭ سەۋەبىمدىن مۇنىرە بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئىش يۈز بېرىپ قالسا ياخشى بولمايدۇ .مەن ئەسلىدىنلا ئۈرۈمچىلىك ئەمەس ، مەن  ئەڭ ياخشىسى شاڭخەيگە قايتىپ كېتەي پۇتۇم ساقايغاندىن كېيىن قۇربان دېرىكتور . ئەگەر خالىسىلا بىزنىڭ شىركەتلەر يەنە توختاملاشسا ، مەن يەنە قايتىپ كېلىپ ئىشلىسەم بولىدۇ .دىدى  رەنا كەسكىنلا

- ۋاۋ نىمداق  ياخشى   ئاپا ، بىز  سەمەت دادامنىڭ قېشىغا قايتىپ كېتەمدۇق نېمە دېگەن ياخشى ، مەن ئۇنى بەك سېغىنغان ئىدىم .  ئاپا ، بىز قاچان ماڭىمىز؟  ئەرفات ناھايىتى خوش بولۇپ ، ئۆزىنى تۇتالماي سۆزلەپ سالدى .لىكىن  قۇرباننىڭ  سەل  ئاچىقى  كەلدى

-مەن قۇشۇلمايمەن. دىدى قۇربان

قوشۇلمايمەن؟ قۇربان سەن ئۆزەڭنى كىم دەپ چاغلاپ قالدىڭ ؟  سەن نېمەڭگە قوشۇلمايسەن ؟ دىدى  پەرىيدە  ئاچىقىنى باسالماي لىكىن قۇربان يەنە  كەسكىن  ئاۋازدا :

-مۇنىرەنىڭ ئىشىنى مەن ياخشى  بىر تەرەپ  قىلمەن  لىكىن  سز  كەتمەڭ  سوفىيە  خىنىم سەمەت  دىرىكتۇرغا  مەن  تىلفۇن   قىلىپ  بارچە  ئىشلارنى  ئىنىق  چۇشەندۇرۇپ قۇيمەن.  بۇ ۋاقىتتا رەنا بىر خىل كۆڭۈلسىزلىك ھېس قىلغان ئىدى .قۇربان ئۇلاپلا :

- سىز زادى نېمىنى ھېس قىلىسىز ؟ سوفىيە خېنىم .    بەزى ئىشلارنى  بىز  يالغۇز پاراڭلىشايلى قانداق ؟!  ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ، پەرىدەگە تىكىلىپ قارىدى ، ئۇنىڭ قاراشلىرى بىر خىل كۆڭۈلدىكى ئويلاۋاتقان سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى .  لېكىن ، رەنا ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ناھايىتى ئاز كۆرەتتى ، ئۇ سەل ھەيران بولۇپ  تۇرۇپ قالدى .

-نېمە ؟ سەن نېمە قىلماقچى ئاپامغا تەھدىت سالماقچىمۇ ؟ دېدى ئەرفات بىر قەدەم ئالدىغا چىقىپ قۇرباننى ئىتتىرگەچ .   بىراق بۇ ۋاقىتتا قۇربان   ئەرفاتنىڭ  ئوڭ قۇلىنى  چىڭ تۇتۇپ  يۇكۇنۇپ  تۇرۇپ     ئەرفاتقا تىكىلىپ تۇرۇپ قارىدى .  بۇ ۋاقىتتا رەنا قۇربانغا قاردى دەرۋەقە  قۇرباننىڭ  ناھايىتى  ئاچىققى  كەلگەن ئىدى. لىكن بۇ قىتىم  ئاچىقىنى  كەلتۇرگىنى  ئەرفات ئىدى رەنا ئەنسىرگەچ:  

-قۇربان ئەپەندىم پاراڭلىشىدىغان ئىش بولسا مەن سىز بىلەن پاراڭلاشسام بولىدۇ ، ئوغلۇم ، ئەرفاتنى قويۇۋېتىڭ .   ئۇ دېگەن كىچىك بالا .  پەرىدە سەن ئەرفاتنى سىرتقا چىقىپ يەيدىغان نەرسە ئەكىرگىن، مەن قۇربان بىلەن  پاراڭلىشمەن دىدى  رەنا  جىدىيلەشكىنچە   لېكىن پەرىدە يەنىلا خاتىرجەم بولالماي :

-سەن يالغۇز قالساڭ ئېنىقلا بىرەر ئىش بولماسمۇ دوستۇم؟ قۇربان بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقى كېلىپ كەتتى ، لېكىن گەپ قىلماي مۇشلىرنى  تۈگىگىنىچە قاراپ تۇراتتى ھەمدە :

- پەرىدە سىزچە مەن ئۇنىڭغا نېمە قىلارمەن ؟ سىز قېپ قالسىڭىز ئەجەبا ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولماسمۇ ؟  پەرىدە خېنىم ، مەن سىزگە ئېيتىپ قوياي ، مەن  سوفىيەنىڭ يۈزىنى دەپلا سىزگە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم . سىز ئەڭ ياخشىسى مەن بىلەن قارشىلاشماڭ ، ئەگەر مەن مەيدانغا چىقىپ قالسام سىزنىڭ قاچىدىغان چاشقاننىڭ كامىرىمۇ قالماسلىقى مۇمكىن جۇمۇ.

-ئوھوي قۇربان ئەپەندىم گەپلىرىڭىز بەك چوڭغۇ ، سىز مېنى نېمە قىلالايتتىڭىز ؟دىدى پەرىيدە قايتۇرما  زەربە قىلىپ   ئۇ يەنە گەپ قىلاي دېيىشىگە رەنا ، ئۇنىڭ بېلىكىدىن تۇتىۋالدى دە ئۇنىڭغا كۆز ئىشارىتى قىلدى .

-پەرىدە سەن دەرھال ئەرفاتنى ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، بۇ يەردە ھېچ ئىش بولمايدۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلاي . بۇ گەپنى ئاڭلاپ   پەرىدە جىممىدە بولۇپ  قالدى   ئۇ ئەرفاتقا قارىدى .ئەرفات تېخىچە قاپىقىنى تۈرگىنىچە  قۇربانغا قاراپ  تۇراتتى .پەرىدە :  

-ئەرفات بولدى بىز سىرتقا چىقىپ ئاپاڭغا يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كىرەيلى !. ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ، ئەرفاتنى يېتىلەپ ماڭماقچى بولدىدە  ئەرفات قۇربانغا قاراپ يوغان بىر ئاليىۋەتتى دە ، پۇتىغا بىر دەسسەپ ئۆتۈپ كەتتى .  ئەرفات خېلى كۈچەپ دەسسىگەن ئىدى ، لېكىن قۇربان ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلدى يۇ ، لېكىن ئاغىرىمىغانغا سېلىپ جىم تۇرغان ئىدى .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-رەنا تېزراق بېرىڭلار مېنىڭ قورسىقىم ئېچىپ كەتتى. پەرىدە ئۇنى يېتىلەپ تېزلىكتە كېسەلخانىدىن چىقىپ كەتتى .  ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، رەنانىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولغان ئىدى .  بۇ ۋاقىتتا قۇربان

-سىز زادى مەندىن نېمىنى يوشۇرىۋاتىسىز ؟ دېدى يان تەرەپتىكى ئورۇندۇقنى ئەكەلگەچ ئۇ رەنانىڭ يۈزىگە سىنچىلاپ قارىغان ئىدى ، رەنانىڭ يۈزى دەرۋەقە ئىشىشىپ كەتكەن ئىدى . قۇربان تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇردىدە مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ دەپلا سىرتقا چىقىپ كەتتى ، رەنا ھېچنېمە دېمىدى ، لېكىن بىر خىل ھەيران قالغانىدى .  بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن قۇربان بىرنەچچە تال تۇخۇم ۋە دورىلارنى ئېلىپ كىردى .  ئۇ تۇخۇمنى پوستىدىن ئاجىرىتىپ دورا بىلەن مىلەپ  داكىغا يۆگەپ    رەنانىڭ يۈزىگە ياقتى .  ئۇنىڭ بۇ ھالىتى شۇنچىلىك مېھرىبان ئىدى .   قۇربان ئۇنىڭغا شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقان ئىدى   لېكىن ، رەنا يەنىلا ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغانلىقتىن ، كۆڭلى بىر خىل بىئارام بولدى دە ، ئۇنىڭ قولىدىكى داكىنى ئېلىپ :

- قۇربان دىرېكتور سىزنى ئاۋارە قىلماي مەن ئۆزۈم قىلاي. سىز بايا مەن بىلەن بىر گەپ توغرىسىدا پاراڭلاشماقچى  ئىدىڭىزغۇ؟ نېمە گېپىڭىز بار ئىدى ، قېنى دەڭە. رەنا شۇنداق دېگىنىچە ، قۇرباننىڭ قولىدىكى داكىنى ئالماقچى بولدى، قۇربان ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋەتتى دە .

- مىدىرلىماڭ ، جىم تۇرۇڭ. دىدى قۇربان كەسكىنلا   

-قۇربان ئەپەندىم ، بۇ سىزنىڭ نېمە قىلغىنىڭىز ؟ بۇنداق قىلسىڭىز قىز دوستىڭىز مۇنىرە كۆرۈپ قالسا ، ئۇ خاتا چۈشىنىپ قالماسمۇ ئەجەبا .

- مەن سىزگە دېگەن مۇنىرە مېنىڭ قىز دوستۇم ئەمەس! قۇرباننىڭ چىرايى بىر خىل ئۆزگەردى .ئارقىدىنلا رەنا :  

-قىزىق ئىش مۇنىرە خېنىم سىزگە جاپا مۇشەققەتتە بىر ۋارىسىدىن بىرنى يەڭگىپ بەرگەن تۇرسا ..  ئۇ سىزنىڭ قىز دوستىڭىز بولمىسا ، ئۇ سىزنىڭ ئايالىڭىز ئىكەندە !  بۇنداق قىلسىڭىز سەل بىھۆرمەتلىك بولماسمۇ ؟دىدى  رەنا سۇسلا   رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇربان قۇرباننىڭ قۇلى قېتىپلا قالدى ، ھەمدە بىر خىل  ھەيرانلىق    بىلەن رەناغا  قاردى :   

- قارىماققا سوفىيە خېنىمنىڭ بىلدىىغىنى ئاز ئەمەس ئىكەن .دىدى قۇربان

- مەن ئەلۋەتتە ئۇقىمەن ، مۇنىرە خېنىم ئۆزى كېلىپ ماڭا دېگەن تۇرسا .  ئۇ ئۆزىنى قۇربان ئائىلىسىنىڭ خوجايىنى دەيدۇ .  ھەمدە مېنى سىزدىن يىراق تۇرۇڭ دەيدۇ. بولۇپمۇ قۇربانغا نىسبەتەن قالايمىقان نەيرەڭ ئىشلەتمەڭ    ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يۈزۈمگە تەستەك بىلەن بىرنى سالدى-دە، مۇشۇ تەستەك ساڭا قىلغان جازايىم بولۇپ قالسۇن دېدى . سىزچە  شۇنداقمىدۇ ؟

رەنا  تەنە قىلغىنچە  سۇغۇق  كۇلۇپ قۇربانغا قاراپ تۇراتتى قۇربان  ئارقىدنلا:

- توغرا ، ئۇ بىزنىڭ ئائىلىگە بىر ئىز  باسار  تۇغۇپ بەرگىنى ئېنىق ، لېكىن ئۇ بالا مېنىڭ ئەمەس

- بۇ نېمە دېگەن گەپ ؟ رەنا ھەيران قالدى ، ئۇ قۇرباننىڭ ئاغزىدىن  بۇنداق گەپ چىقا دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدى ..   ئۇ بالا قانداقمۇ قۇرباننىڭ بالىسى بولمىسۇن ؟  ناۋادا ئەگەر ئۇنداق بولمىسا .  قۇربان نېمە ئۈچۈن مۇنىرەنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ ؟ ئۇنىڭ  ھەممە  گەپلىرىنى  ئاڭلايدۇ ؟؟  قۇرباننىڭ بۇ توغرىسىدا پاراڭلاشقۇسى كەلمەي ، تۆۋەن ئاۋازدا:  

-ئەگەر سىز بۇ ئىشنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، مەن كېيىن پۇرسەت تېپىپ سىزگە ياخشى چۈشەندۈرۈپ قوياي . خاتىرجەم بولۇڭ مۇنىرە سىزنى ئۇرغان بۇ تەستەكنىڭ ھىسابىنى  ياخشى بېرىدۇ .دەڭە    مەن قانداق قىلسام سىز بۇ يەردىن كەتمەيسىز ؟  قۇرباننىڭ گەپنى يۇتكىۋەتكەندىن كېيىن چىقارغان بۇ گېپى رەنانى  بىر خىل ھەيران قالدۇردى   ئۇ قانداقمۇ ئالدىدا تۇرغان بۇ ، ئادەمنىڭ گېپىگە ئىشەنسۇن؟  ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىشەنگەچكە ،  ئۇنىڭ پۈتكۈل مۇھەببىتى ئوتتا كۆيۈپ تۈگىگەنىدى .  لېكىن بولغۇلۇقنىڭ ھەممىسى  بالسغا  بولدى ئەجىبا ئۇ نىڭ  ئىككى ئىغىز  گىپى ئۇنى تەسىرلەندۇرەلىدىمۇ؟  ھايات  شۇنچىلىك رەھىمسىز   رەنا ئۇ  ئىشلارنى  ئۆلسىمۇ ئىسىدىن چىقارمايتى .

رەنا قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسۇن ؟  ئەينى ۋاقىتتا، رەنا ئۇنىڭ گېپىگە شۇنچە ئىشەنگەنلىكىدىن ئۇنىڭ پۈتكۈل مۇھەببىتى ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ تۈگىگەن  ئىدى  . ھازىر قانداقمۇ قۇرباننىڭ ئىككى ئېغىز گېپىگە رەنانىڭ يۈرىكى ئېرىپ قالسۇن ؟   ئۇ سەل ئويلانغاندىن كېيىن:

- قۇربان دېرىكتور راستىنلا مەن نىمە دېسەم شۇ بولامدۇ ؟

- ئەلۋەتتە شۇنداق . سىز نېمە دېسىڭىز مەن شۇنى قىلىمەن!

رەنا قۇرباننىڭ چىرايىدىن ھەمدە گەپلىرىدىن ئۇنىڭ  شۇنچىلىك رايىش بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى دە، مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى .  ، لېكىن رەنا ئۆزىنى يەنىلا ئەخمەق بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى .  رەنا قۇربانغا بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ ئەكىلىپ بىرىشنى ئۆتۈندى  ، قۇربان ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ ئەكىلىپ بەردى ، ئۇ سۇنى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن بوش ئاۋازدا قۇربانغا :  

-مەن ئۈرۈمچى شەھىرىگە كەلگەندىن بۇيان ، مۇنىرە خېنىم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ باقمىدى . ئۇ ماڭا قىزغىن ، دوستانە ئەمەس .  بۇرۇن ئۇ  مېنىڭ ئالدىمدا نېمە قىلغانلىقى سىزگە بەش قولدەك ئايان .  مەن ئىككى شىركەتنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمىدىم .  لېكىن مۇنىرە خېنىم ئارقا ئارقىدىن مېنىڭ نامىمغا ھاقارەت كەلتۈردى .  ئەگەر مەن يېگەن بۇ بىر تەستەككە ئون تەستەك قايتۇرغۇزىمەن دېسەم ، قۇربان ئەپەندىم سىز خالامسىزكىن!؟

-ئەلۋەتتە  چاتاق  يوق، - دىدى  قۇربان  كەسكىنلا  . رەنا قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى .

- سىزگە ئېنىق دەپ قوياي ، ئەگەر مەن ئۇنى ئۇرماقچى بولسام ،چوقۇم ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرىمەن !

-سىز قانداق ئۇرسىڭىز مەن سىزنى توسۇۋالمايمەن!

رەنا ئىشەنمىگەندەك قىلىپ گېپىنى قايتىدىن بىر تەكرارلاپ قۇربانغا ئېيتتى . قۇربان يەنە باشقىچە جاۋاب بەرمەي ، دەرھال ياردەمچىسى روزىغا تېلېفون قىلدى .

-سەن دەرھال ئۆيگە بېرىپ ، مۇنىرەنى     سوفىيە خېنىم ياتقان كېسەلخانىغا باشلاپ ئەكەلگىن ، يەنە ئىككى قوغدىغۇچىنى باشلاپ ئەكەل .

-بولىدۇ ،قۇربان دىرىكتۇر ،-  ياردەمچى روزى  قۇرباننىڭ نېمە نېمە دېگەنلېكىنى ئاڭقىرالماي قالدى ، لېكىن يەنىلا بۇيرۇققا بويسۇنۇپ قۇرباننىڭ ئۆيىگە  قاراپ يۈرۈپ كەتتى .  رەنا قۇرباننىڭ چاقماقتەك ھالىتىنى كۆردى دە ، بىر ئاز ھەيران قالدى .  لېكىن بۇ ھالەتمۇ بىرەر نەچچە مىنۇت داۋاملاشتى .

قۇرباننىڭ يۈرىكىنىڭ تاش ،رەھىمسىز ئەر ئىكەنلىكى، ئاللىقاچان ئۇنىڭ  كۆڭلىگە ئايان بولۇپ قالغانىدى ، لېكىن بۇ قېتىم ئۇ كۆز ئالدىدا مۇنىرەنى جازالايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا خىلىلا  ھەيران قىلىپ تۇرۇپ  قالدى .    

ياكى  بولمىسا  ئۇنىڭ  قىلغان   ياسالمىلىقىمىدۇر لېكىن كوز  ئالدىدا ياتقىنى  بۇرۇنقى  ئاق كۇڭۇل  ئەپۇچان  ئايال ئەمەس .   ئەپسۇس ، بۇرۇنقى رەنا ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان، ھازىر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ياتقان ئايال  كۆڭلىدە  پەقەت ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى بىخ سۈرۈپ تۇرغان بىر قىساسكار ئىدى 


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0