大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 30 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 30 ـ قىسىم aybarawazi
2024-02-18
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



بۇ ئەسەرنىڭ 31 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19

29
28
27
26
25



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


30 - قىسىم


رەنا سەل ئېسىنى يىغقاندىن كېيىن سوغۇققىنە كۈلۈپ تۇرۇپ :  

-قۇربان ئەپەندىم ، سىز يەنىلا مۇنىرە خېنىمغا قىيمايدىكەنسىز.  ئاڭلىشىمچە سىز مۇشۇ مۇنىرەخېنىمنى دەپ ئۆزىڭىزنىڭ ئايالىنى چەتكە چىقىرىۋەتمەكچى بوپتىكەنسىز ؟!  يەنەكېلىپ ئۇ چاغدا ئايالىڭىزنىڭ بويىدا بار ئىكەن ، سىز ئەينى ۋاقىتتا   ئۆز ئايالىڭىزغا يۇمشاق كۆڭۈللۈكمۇ قىلىپ باقماپتىكەنسىز ؟  سىز مۇنىرە خېنىمنى    شۇنداق چوڭ كۆرۈپ تۇرۇپ مەندەك يات ئادەم ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشىڭىز ئەرزىمدۇ ؟  سىز يەنە نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز بۇنى بىلىپ بوممايدۇ ؟ قۇربان ئەپەندىم ، سوراپ باقسام ،  ، بۇرۇنقى ئايالىڭىزغا نېمە ئىش بولدى ؟ قانداق ئىشلار بولغان ؟ پۈتكۈل ئۈرۈمچى خەلق ئۇقىدىغان تۇرسا ، ئەجەبا بۇ ئىشلار بىر بىرىگە دېيىشىپ مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتمەي قالارمۇ ؟

قۇربان كۆڭلىدە يەنىلا كۆز ئالدىدا ياپقان ئادەمنى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئايال رەنا دەپ ئويلايتتى .  ھە كۆڭلىدە نۇرغۇن تەشۋىشلەر ئەكىس  كېتەتتى .

-ئاپلا چاتاق بوپتۇ بۇ ئىشلار ئاشكارلىنىپ  كىتىپتۇ بۇ  ئىشلارنى كىم دىگەندۇ؟

ئۇ ۋاقىتتا رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ :

- ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئايالىڭىز مۇنىرە ماڭا ئېيتتى دە، ئۇ تىخى مەن  قۇربان ئائلىسىنىڭ خوجايىنى ،  مەن نېمە دېسەم شۇنى قىلىدۇ دەيدۇ .  ئۇ تېخى بۇرۇن مېنىڭ سەۋەبىمدىن قۇربان ، ئۆزىنىڭ ئايالىنى سىرتقا چىققۇزىۋەتكەن ، ئۇ مېنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىدۇ .  سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھۆسىن جامالىغا تايىنىپ مېنىڭ قۇربانىمنى   ئازدۇرىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ ، سىز قانچە قابىلىيەتلىك بولۇڭ ، مەنلا بولىدىكەنمەن ،   قۇرباننىڭ ئائىلىسىگە ئاياغ باسىمەن  دەپ خام خىيال قىلماڭ .دەيدۇ ،  رەنانىڭ  بايانلىرى بىر خىل مەسخىرە ئارلاش ئىدى ، لېكىن قۇربان ياسالمىلىق قىلىپ ئاڭلىمىغانغا سالدى .لېكىن كۆڭى بىر خىل بىئارام .

- بۇ گەپلەرراستمۇ  ، راست  شۇنداق  دېدىمۇ ؟

- ئەلۋەتتە شۇنداق . مۇنىرە ماڭا راستىنلا مۇشۇنداق دېدى.  سىز ئىشەنمەمسىز قۇربان دېرىكتور، ئەجەبا ئۇنى  يالغان سۆزلىدى دەپ ئويلامسىز ؟  راستىنلا سىز ئۇنىڭ گېپىگە كىرىپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ئايالىنى چەتكە چىقىرىۋەتمەكچى بولغانمۇ ؟  رەنا مۇشۇنداق دېگەچ قۇرباننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى .  گەرچە ئۇنىڭ چىرايىدا يالغاندىن كۈلكە ئەكىس ئەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن ، كۆڭلى غەزەپكە توشۇپ   ئۇنىڭغا  بولغان  نەپرەتلىرى ئۇرغۇپ، تېشىپ تۇراتتى .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

قۇربان بۇ ۋاقىتتا رەناغا قاراشقا جۈرەت قىلالماي، ئورۇندۇقتىن ئۆرە تۇرۇپ كەتتى دە ، دەرىزە تەرەپكە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن تۆۋەن ئاۋازدا :

-  ئەينى ۋاقىتتا ئايالىم راستىنلا ھامىلدار بولۇپ قالغان .  مەن بۇنى بىلىپ ئۇنى چەتئەلگە  ئەۋەتىپ  ئارام ئېلىشقا ئەۋەتمەكچى بولغان .  ئۇ مېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى . شۇنچىلىك مەپتۇنلارچە ، سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرەتتى .  بۇ ۋاقىتتا   كۈتۈلمىگەندە ، مۇنىرە تۇرمۇشۇمغا پەيدا بولدى .  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر بالىنى بۇ قۇربان ئاىلىسىنىڭ پۇشتى دەپ كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدى .  مەن رەنا بىلەن مۇنىرەنى بىر ئۆيدە تۇرغۇزۇشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، چۈنكى ئۇلار بىر بىرىگە رەقىپ . مۇنىرەنىڭ بالسى  ناھايىتى  تىمەن ئىدى   بۇ ۋاقىتتا ، مەن ئايالىمنى ئىچكىرگە چىقىرۋەتمەكچى بولدۇم  ئىچكىردە مېنىڭ بىر يۈرۈش داچام بار ئىدى ، مەن ئىچكىردىكلەر  بىلەن ئالاقىلىشىپ بارچە ياخشى شارائىتنى تەييارلاپ ، ئايالىمغا  تىخى   ئەڭ ياخشى كۈتكۈچىلەرنى تەييارلاپ قويغان ئىدىم . شۇ پىلانلارنى قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بەردى .

-ئالدامچى !؟ -دىدى  رەنا كوڭلىدە .  رەنانىڭ ئاچچىقى كەلگىنىچە يوتقان كىرلىكنى قاماللاپ تاس قالدى يىرتىۋەتكىلى .  گەرچە بەش يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، بەش يىلدىكى ئاشۇ مەنزىرە تاكى ھازىر ھېلىلا يۈز بەرگەندەك رەنانىڭ كۆڭلىگە ئورناپ كەتكەن ئىدى  .

ھېلىھەم ئېسىدە  ، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى قوغدىغۇچى ئۇنىڭ ۋارقىراپ جارقىراشلىرىغا پىسەنت قىلماي ، رەھىمسىزلەرچە ئۇنى ئامبارغا سولاپ ، كىيىملىرىنى يىرتىپ   ئوت قويۇۋەتكەنىدى ، ھەم« بۇ ئىشنى قۇربان دىرېكتور تاپشۇردى» دېگەن ئىدى .  قۇرباننىڭ يېنىدىكى ھېلىقى ئىككى قوغدىغۇچىنى رەنا بىلەتتى .  ئىككىلىسى بىر بولسا ھەربىيلىكتىن قايتقان ئەسكەرلەر ، بىر بولسا قۇربان ئايرىم تەربىيىلىگەن ، ساداقەتمەن ئىشچىلار ئىدى .  

ئەگەر قۇربان بۇيرۇق بەرمىگەن بولسا ، ئۇ ئىككىسى قانداقمۇ بۇنداق رەھىمسىز ئىشلارنى قىلسۇن ؟  ئۇنىڭ ئۈستىگە  رەنانىڭ قورسىقىدىكى بالا قۇرباننىڭ  پۇشتى  تۇرسا .  قۇرباننىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى بىر ساختا ئالدامچىلىق ، ئۇ مېنى ئالداۋاتىدۇ ، مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ ، ئۇ مېنى يەنە مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن مېنى ئالدىسا مەن  ئۇنىڭغا  ئۆچ . قۇربان سەن ياخشى  كۇن  كورمەيسەن  !

رەنانىڭ ئاچچىقى كېلىپ يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئورانگۇتاندەك قىزىرىپ ، مۇشلىرى تۈگۈلۈپ كەتكەن ئىدى ، شۇ ئەسنادا سىرتتىن بىر ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى .

-مىنى  قۇيۋەت !  ھەي روزى ، مەن ساڭا ئېيتىپ قوياي ، سەن مېنىڭ كىملىكىمنى بىلمەيۋاتىسەن .  مېنى دەرھال قويىۋەت ، ئەگەر قويۇۋەتمىسەڭ ، مەن قۇربانغا دەپ سېنى  قوغلىۋېتىمەن؟   مۇنىرەنىڭ گەپلىرىئىنتايىن تەھدىت ئارلاشقان ئىدى .  ئۇ تېخى كېسەلخانا ئۆيگە كەلمەي تۇرۇپلا ، ئىچىدىكى قۇربان بىلەن رەنا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىدى .

ئەسلىدە قۇربان   رەنانىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ باقماقچى ئىدى .  بەش يىل بولدى .  ئۇ ئۆزىنىڭ ئەپۇسىنى ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈش بىرىشى كېچىككىلى  ساق بەش يىل بولدى .  قۇربان مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقاندا   مۇنىرە ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىپ، كېسەلخانا ئۆيىگە كىرىپ ، ئۇنىڭ  ئوي خىيالىنى چېچىۋەتتى  .  

رەنا مۇنىرەنىڭ قاپاق تۈرىشىنى كۆرۈپ قورققاندەك قىپ قويدى .    مۇنىرە قۇربان بىلەن رەنانىڭ بىر يەردە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئاچىقى تازا  كەلدى  قۇربان ئىككى  ئىشىك  باققۇچىغا:

-دەرھال مۇنىرەنى تىزلاندۇرۇڭلار ، - دەپ   بۇيرۇق بەردى .  ئىككى ئىشىك باقار ئۇنى  تىزلاندۇردى . رەنا   مۇنىرەنىڭ چىرايىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن   ئۇنىڭغا قاراپ سوغۇققىنە كۈلۈپ قويدى ھەمدە بوش ئاۋازدا قۇربانغا :

- قۇربان دېرىكتۇر .  سىز راستىنلا ماڭا يۈزۈمگە ئۇرغان ، بۇ تەستەكنىڭ  ئۆچىنى  ئېلىپ بېرەمسىز ؟  ياكى ئۇ ئارقىلىق ماڭا تاقابىل تۇرماقچىمۇ  ؟  قارىسام مۇنىرە خېنىمنىڭ مېنى   قىزىق ياغدا قورىۋەتكۈسى بار .   ئۇنىڭ بۇنداق ئاچچىقلانغىنىغا قارىغاندا ،  دەرۋەقە ، ئۇنىڭ قۇربان ئائىلىسىدە ئورنى خېلى تۈۋەن ئەمەس ئىكەن .  

بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى ، قاپاقلار تۈرۈلۈپ كەتتى .   دەرۋەقە ، مۇنىرە ئەينى ۋاقىتتا فۇرقەتنى تۇغماستا ، ئۇ ئىنتايىن مۇلايىم كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى ، لېكىن ئۇ فۇرقەتنى يەڭگىپ   قۇربان ئائىلىسىگە كىرگەندىن باشلاپ ئۇنىڭ پۈتكۈل خاراكتېرى ئۆزگىرىپ ، ئاسان  ئاچچىقلايدىغان ئەڭ زومىگەر ئايالغا ئۆزگىرىپ قالغانىدى ، ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى قۇربان بىلەتتى .

مۇنىرە ئاچىقلاپ :

- قۇربان ، بۇ سىزنىڭ نېمە قىلغىنىڭىز ، سىز نېمىشقا مېنى تىزلاندۇرىسىز ؟ مەن نېمىنى خاتا قىلدىم ؟ سىز قانداق بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز ؟ سوفىيە خېنىمنىڭ يۈزىگە نېمە بوپتۇ ؟ مەن ئۇنى بىر نېمە قىلمىسام يا؟

رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ : مۇنىرە خېنىم ئويۇن قويۇشقا ناھايىتى ئۇستا ئىكەنسىز ،

- يۈزۈمدىكى بۇ شاپىلاقنىڭ ئىزىنى سىز قالدۇرغانسىز؟

- جۆيلىمەڭ ، مەن سىزگە ھېچنېمە قىلمىدىم .؟ سىز تولا ئادەمگە ئۇۋال قىلماڭ،-بۇ ۋاقىتتا ئۇ بۇ رەنانىڭ ئويۇنى ئىكەنلېكىنى بىلدى . مۇنىرە ئىككى ئىشىك باقارنىڭ قولىدىن تولغىنىپ باقماقچى بولدى ، لېكىن كۈچى يەتمىدى .  

-قۇربان سىز ماڭا ئىشىنىڭ ؟ مەن ئۇنى ئۇرمىدىم . ئۇنى مەن قىلمىدىم !

- ئۇنداقتا، ئاۋۇ ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ بەرگەن سەن ئەمەسما ؟ ئۇلارنى سەن سوفىيە خىنىمغا بەرگەنسە؟ - دىدى قۇربان ئۈستەل ئۈستىدىكى ساغلاملىق بويۇمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ .

بۇنى كۆرۈپ مۇنىرەنىڭ چىرايى ئۆزگەردى توغرا ، بۇ نەرسىلەرنى مەن ئۇنىڭغا سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردىم ئۇ ۋاقتىدا مېنىڭ كەيپىياتىم پەقەت ياخشى ئەمەس ئىدى ، مەن ئۇنىڭغا راستىنلا قول تەگكۈزمىدىم .قۇربان ماڭا ئىشىنىڭ ! - مۇنىرە توختىماي ئۆزىنى چۈشەندۇرۋاتاتتى .

بىراق قۇربان:

- سوفىيە خېنىم شاڭخەيدىن بىزگە تەيىنلەپ بەرگەن ئالاھىدە قىممەتلىك مېھمان . ئۇ نەچچە قېتىم سىنىڭ ھاقارىتىڭگە ئۇچرىدى . مۇنىرە ، ساڭا ئىيتىپ قۇياي . سەن بىزنىڭ گۇرۇھىنىڭ ئادىمى ئەمەس ، لېكىن سەن بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئادىمى . بۇ قېتىم ، سېنى ياخشىراق ئەدەپلەپ قويمىسام، مەن سوفىيە خېنىمغا ھېساب بېرەلمەيمەن .

-قۇربان راستىنلا مەن قىلمىدىم ماڭا ئىشنىڭ !

- سەن قىلدىڭمۇ قىلمىدىڭمۇ ، مېنىڭ كارىم يوق ، بۈگۈن سەن كەلدىڭ ،سوفىيە خېنىم يارىلاندى ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ خاتالىقىڭ . سەن ئۇنى بىر تەستەك ساپسەن ، مەن ئۇنىڭ ئون تەستەك سېلىشىغا قوشۇلدۇم . شۇنداق قىلىپ ، بۇ ئىشلارمۇ شۇنىڭ بىلەنلا تۈگەيدۇ . بۇ ئارقىلىق سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ياخشى تۇنۇ ئۇنتۇپ قالما سەن قۇربان ئائىلىسىنىڭ ئىز باسارى فۇرقەتنىڭ ئاپىسى . ئامال بار باشقىلارغا ياخشى تەسىرىڭنى قالدۇرۇشۇڭ كېرەك. روزى ،ئۇنى ئۇرۇڭلار ، ئۇنى قاتتىق ئۇرۇڭلار!

قۇربان ئۇنىڭغا ھېچقانداق رەھىم قىلمىدى . بۇ ۋاقىتتا مۇنىرە يەرگە يۇمىلاپ تۇرۇپ :

- قۇربان بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ، مۇشۇ خوتۇن ئۆزى قىلغان ، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ئۇرۇپ مۇشۇنداق قىلغان . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئۆزى تېرىغان بالا . مەن راستتىنلا قول تەگكۈزمىدىم ، ماڭا ئىشنىڭ مەن قىلمىدىم ،- دېدى يىغلاپ ۋارقىراپ تۇرۇپ . بۇ ۋاقىتتا “ چاڭڭىدە “ بىر تەستەك مۇنىرەنىڭ يۈزىگە تەگدى .

- روزى ھۇ ئەبلەخ سەن راستنلا مىنى ئۇرۋاتامسەن؟ سەن بىلىشىڭ كېرەك ، مەن فۇرقەتنىڭ ئاپىسى، قۇربان ئائىلىسىنىڭ ئىز باسارىنىڭ ئاپىسى. سەن مېنى ئۇرۇشقا جۈرئەت قىلىۋاتامسەن ؟سە ن ... - مۇنىرە يەنە گەپ قىلىشىغا ، روزىنىڭ ، ئىككىنچى تەستىكى يەنە بىر قېتىم مۇنىرەنىڭ ئوڭ يۈزىگە تەگدى

مۇنىرە ئاچچىقى كېلىپ سىلكىنمەكچى بولدى ، بىراق ئىككى قوغدىغۇچى ئۇنىڭ ئىككى بىلىكىدىن مەھكەم تۇتۇۋالغاچقا ، ئۇ مىدىرلىيالمىدى . رەنا روزىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ مۇنىرەگە ئازراقمۇ رەھىم قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ، ھەمدە ئۇ قۇربانغا قاراپ تۇرۇپ : قۇربان دىرېكتور بۇنداق قىلساق تازا ياخشى بولماسمۇ ؟ ناۋادا مۇنىرە خېنىم قايتىپ كېلىپ مېنى يەنە ئاۋارە قىلسىچۇ ؟ - ئۇ ئاشۇنداق دېگەچ، مۈرىسىنى قۇربانغا يېقىنلاشتۇردى.

رەنانىڭ بەدىندىن چىققان ئەتىرنىڭ پۇرىقى قۇرباننىڭ دىمىقىمغا ئۇرۇلدى ، بۇ پۇراق ئەينى ۋاقىتتىكى ئايالنىڭ پۇرىقىغا ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى . قۇربان سەل ئويلىنىۋەتكەندىن كېيىن:

- ئۇنداق بولمايدۇ ، مەن ئۇنى توسۇيمەن ، سىز خاتىرجەم بولۇڭ. سىزنىڭ پۇتىڭىز ئوڭشىلىپ ساقايغۇچە، مەن ئۇنى ئۆيدىن بىر قەدەممۇ چىقارغۇزمايمەن . خاتىرجەم بولۇڭ ، مەنلا بولسام سىزگە ھېچكىم زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ ،- قۇرباننىڭ گەپلىرى ئىنتايىن مېھرىبان ئىدى . رەنامۇ بىردەملىك كۆڭلى سەل تەسكىن تاپقاندەك بولدى. ھەم مۇنىرەگە قارىدى . روزى ئۇنى توختىماي تۇرۇپ ، يۈز كۆزلىرىنى قىزارتىۋەتكەن ئىدى . قارماققا بۇ ئايال ئانچە بوش ئايال ئەمەسكەن . شۇنچە تاياق يېسىمۇ، لېكىن يەنىلا قاپىقىنى تۈرۈپ رەناغا ھومىيىپ قارايتتى .

داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0