
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 44 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
43 - قىسىم
قۇربان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى .
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ، يان تەرەپتىكى شىرە ئۈستىلدىن ، بىر ئىستاكان چاينى قۇيۇپ قادىرنىڭ ئاپىسىغا تەڭلىدى. قادىرنىڭ ئاپىسى بىر يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن، جىددىيلىشىشى سەل پەسەيگەن ئىدى . قۇربانمۇ كۆز ئالدىدا تۇرغان بۇ ئايالنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتى . بۇ ئايالنىڭ ئارقا كۆرىنىشىمۇ ناھايىتى چوڭ ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد شۇنداق باي ئۆتكەن خەق ئىدى. لېكىن ،ئۇ ئاران تەسلىكتە ،چوڭ ئوغلىنىڭ نەۋرىسىنى تىپىشى، ئۇلار ئۈچۈن بىر چوڭ ئىش ھېسابلىناتتى . لېكىن ،ئۇنىڭ نەۋرىسى ئىز دېرەكسىز يوقالغانىدى .
-ئۇنداقتا، مەن سىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىڭىزنى تازا چۈشىنەلمەي قالدىم ؟
-توغرا ، بەش يىل ئاۋۋالقى كۈندە ، مېنىڭ ئايالىممۇ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى.
-سىز مېنىڭ قېشىمدىكى ,سوفىيە خېنىمنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئويلىمايۋاتقانسىز ؟ -دېدى قۇربان چۈشىنەلمەي . بۇ ۋاقىتتا قادىرنىڭ ئاپىسى چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن :
-ئەسلىدە مەن نەۋرەمنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى بىلىپ بوپتۇ ,قۇرباننىڭ ئايالى بىلەن بىللە دەپنە قىلىنغان بولسا دەپ ,-بۇ ئىشنى ئۆتكۈزۈۋېتەي دەپ ئويلىغان ئىدىم .ئويلىمىغان يەردىن ,مەن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالدىم .بۇنى قېنى كۆرۈپ بېقىڭ ,-دېدى ھەمدە , قۇربانغا خەتنى ئۇزاتتى .خەت ناھايىتى رەتلىك يىزىغان بولۇپ ، قۇربان بىر كۇرۇپلا ئۆزىنىڭ قوغدىغۇچىسى يازغانلىقىنى بىلدى . خەتنىڭ مەزمۇنىدا بولسا ، ئۆزىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى پەيتتە ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ، بىرىنىڭ ئۆزىگە تەھدىت سالغانلىقىنى ، بۇ تەھدىت سالغان ئادەمنىڭ دەل لاھىيەلىگۈچى سوفىيە ئىكەنلىكى يىزىقلىق تۇراتتى . قۇربان سەل قاپىقىنى پۈرۈشتۈرۈپ قادىرنىڭ ئاپىسىغا قارىدى :
- سىز ،بۇ بىر پارچە خەتكە تايىنىپ. سوفىيە خېنىمدىن گۇمانلاسىڭىز بولامدۇ ؟ بۇ سەل ئەقىلگە سىغمامدۇ قانداق ؟
- قۇربان ئەپەندىم ، مەن سىزنىڭ بۇنداق سورايدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم .نېمىلا بولمىسۇن ،سىز ئايالىڭىز تەرەپتە تۇرىسىز. سىز ھازىر ،سوفىيەنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئايالىمۇ ياكى ئەمەسمۇ ئىكىلنىپ تۇرۋاتسىز ؟ لېكىن ، بۇ خەتنى يازغۇچى ، مېنىڭ نەۋرەم تۇرسا ، مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ، قانداقمۇ گۇمان قىلماي تۇرالاي ؟
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
بۇ سىزنىڭ، سوفىيە خېنىمغا زىيانكەشلىك قىلغىنىڭىز بولماي نېمە ؟ -دېدى قۇربان ياندۇرۇپلا . قادىرنىڭ ئاپىسى ،سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ :
-ئۇنداقتا ،سىز سوفىيە خېنىمنىڭ ھالىدىن خەۋەرگە خەۋەر ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ھېلىقى ،كىچىك قىزچاقنى تونۇيسىزغۇ ، سەمىرە ؟ ئۇ كىچىك قىزچاق ئەسلى ،بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئادىمى ئىدى . بەش يىل ئاۋۋال ،مېنىڭ نەۋرەم يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ، مەن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئادىمنى سىلەرنىڭ ئۆيگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم . مەن، قۇربان دىرېكتورنىڭ خاتا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن . لېكىن ،بۇ يەنىلا مەن ئۆز نەۋرەمنىڭ ئىز دېرىكىنى بىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشىم . لېكىن ،سىز نېمىلا قىلىڭ ، مەن چۇقۇم ئۆز نەۋرەمنى تاپماي قويمايمەن.
بۇ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان قۇرباننىڭ ئاچچىقى قىرىق گەز ئۆرلەپ، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتتى . لېكىن، سۇكۇتتە گەپ قىلماي بۇ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇراتتى . «ئەينى ۋاقىتتا رەنانىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن . بۇ ئىش قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن»ئۇ ئىچىدە شۇنداق ئويلىدى. قۇربان گاڭگىراپ قالغانىدى . قۇربان ئاچچىقىنى باسالماي :
- ئەمىسە، سىز زادى نېمە قىلماقچى ؟
-قۇربان دېرىكتور، سىزدىن پەقەت بىر مەسىلىنىلا سوراي: لاھىيەلىگۈچى سوفىيە سىز ئۈچۈن نېمىگە ھېساب ؟
قۇربان ،بۇ ئايالغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن :
- سوفىيە خېنىم، مېنىڭ كەلگۈسىدىكى ئايالىم ، بالامنىڭ ئاپىسى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ، بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنى بولىدۇ .
قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، بۇ ئايال سەل سۈكۈتكە چۆمدى -دە :
-ئاڭلىشىمچە سىز بۇ لايىھىلىگۈچى سوفىيەنى ئاپىرىپ قويۇپسىزغۇ -سىز كۆپ ئويلىۋاپسىز ! ئۇ پەقەت بىزنىڭ شىركەتنىڭ ماشىنا لايىھىلىگۈچىسى خالاس ، ئۇ قانداق سۇيقەست قىلىشنى ، نېمە ئويلاشنى ھەرگىزمۇ بىلمەيدۇ ؟ يەنە كېلىپ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئىشىك قوغدىغۇچىنىڭ سىزنىڭ نەۋرىڭىز ئىكەنلىكىنى ، مەن ئەزەلدىن ئۇقمايمەن . بۇ ئىشلارنىمۇ سىز توغرا چۈشەنگەن بولسىڭىز ؟
قادىرنىڭ ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ :
-مەن ياشىنىپ قالدىم ، مەن ھازىر نەۋرەمنىڭ، قەيەردە قانداق تۇرىۋاتىدۇ ئۇقمايمەن . مەن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرىمەن . ئەگەر ،خەتتە دىيىلگەندەك ، ئۇ راستىنلا سوفىيە خېنىم تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغان بولسا ، مەن بۇ ھېسابنى ھەرگىز ئالماي قويمايمەن . ۋاقتى كەلگەندە قۇربان دىرىكتۇر، مەندىن يۈز ئۆرىدى دەپ خاپا بولمىغايسىز . شۇڭلاشقا ،سىز مېنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ بۇ ئىشنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بەرگەن بولسىڭىز ! قۇرباننىڭ ئاچچىقى كېلىپ ، ئورنىدىن تۇرۇپ :
- ئەگەر، سىز مېنى دېگەن بولسىڭىز ؟ مەن سىز ئۈچۈن جېنىمنىمۇ ئايىمايمەن ، لېكىن، سىز سوفىيە خېنىم توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىدىكەنسىز ، مەن ھەرگىز بۇنىڭغا چىدىمايمەن . سىز سەۋەبسىزلا ، سوفىيە خېنىمغا تۆھمەت چاپلىسىڭىز بولمايدۇ ، بەش يىل ئاۋالقى ،يۈتۈپ كەتكەن نەۋرىڭىزنىڭ ئىز دېرىكىنى مەن ئامال بار قىلىپ بېرىمەن . ئەمسە باشقا ئىش بولمىسا خوش .
قۇربان شۇنداق دېگىنىچە ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا كېسەلخانا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسىنى چىرمۋالغان سىرلارنىڭ جاۋابى نۇرغۇن ئىدى . لېكىن ،بۇ ئىشلارنى ئېنىقلاشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى . نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەرسىمۇ ،ئۇ ئۆز ئايالىنى چىن يۈرىكىمدىن سېغىنغانىدى . چۇنكى ،رەنا ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ كۇيۇمچان ئەڭ چىرايلىق قىز ئىدى .
قۇربان تېز سۈرەتتە شىركەتكە يېتىپ كەلدى .شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇنلىغان سوئال . ئۇ ئىشخانىسىغا كىرىشىگە ياردەمچى رۇزى ، ئىشخانىسىنىڭ ئىشىك تۈۋىدە ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى . رۇزى، قۇرباننىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .
- ئەجەبا ،بىزنىڭ دېرىكتور ئۈرۈمچىگە كەلگىلى ئون نەچچە كۈن بولمىغان، بىر ئايال ئۈچۈن مۇشۇنداق كۇنگە قالدىمۇ؟ لېكىن، رۇزى داۋاملىق ئارتۇق گەپ قىلسا ، قۇربان تەرىپىدىن رەت قىلىۋېتەتتى ، ئۇ شۇنداق ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسىمۇ ، يەنىلا قۇربانغا ئەگىشىپ ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى . ئۇ سەل تىنچلانغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى .
- قۇربان دىرېكتور ،مەن خاتا قىلدىم . ئەسلى ،مەن سىزگە ھەممە ئىشلارنى ئېنىق ئېيتىشىم كېرەك ئىدى ، ئەگەر ، سىز مەندىن رەنجىگەن بولسىڭىز، مېنىڭ مائاشىمدىن تۇتىۋالسىڭىز بولىدۇ .مېنى ئىشتىن بوشىتىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ .مەن ،خاپا بولمايمەن .لېكىن ،سىز بىر ئايال ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ، بۇنداق تاشلىۋەتسىڭىز مەن چىدىمايمەن . نېمىلا بولمىسۇن ئۆز سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىمىسىڭىز بولمايدۇ. تاماكا چەكسىڭىز تېخىمۇ بولمايدۇ !سىزنىڭ ئۆپكىڭىزگە زىيانلىق .
ئۇ شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا ، قۇربان يانچۇقىدىن بىر سىقىم تاماكىنى ئىلىپ ،ھەممىنى بىراقلا تۇتاشتۇرۇپ كۈچەپ شوراپ چېكىشكە باشلىدى . ئۇ ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن :
- رۇزى . بىلىمەن . ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى خېلى ياخشى .دوست بۇرادىرىم قاتارىدا كۆرىمەن . سەنمۇ ،ماڭا ياخشى بولسۇن دەيسەن. لېكىن ،مەن تونۇشقىلى ئون نەچچە كۈن بولغان بىر ئايال ئۈچۈن ،بۇنچىلىك قىلىپ كېتىشىمنىڭ نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن . ساڭا نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشۈمنىمۇ بىلمەيۋاتىمەن .
قۇرباننىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ رۇزى :
- شۇنداق ، دېرىكتور . مېنىڭ پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ . ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگىلى ئۇزۇن بولمىدى . لېكىن ،نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى . بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سىزگە ئارتۇق گەپ قىلىشنىمۇ لايىق كۆرمىدىم . سىز، بۇ ئايالغا ھەر قانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىزمۇ ، بۇ ئايال ئۇقمايدۇ . قالغىننى سىزمۇ ياخشى ئويلاپ بىقىڭ دىركتۇر ،- دىدى رۇزى . روزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، قۇربان چوڭقۇر مەنىدە كۈلۈپ قويدى .ھەمدە :
-نېمە بولدى. ئەسلى ،مەن بۇرۇنلا ئۇنىڭغا ،مۇشۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك ئىدى . ئەگەر ،بەش يىل بۇرۇن ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولسام ، ئوغلۇم مېنىڭ قېشىمدا چوڭ بولغان بولاتتى . ئۇ بىر بالىنى ئېلىپ ، يۇرتتىن ئايرىلىپ چېقىپ ،قانچىلىك جاپالىق تۇرمۇشتا باشتىن كەچۈردى . بۇنىسى، ماڭا نامەلۇم . لېكىن، سەن بۇ ئىشلارنى بىلمەيسەن . قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، روزى ھەيران قالدى .
-دىرېكتور ،سوفىيە خېنىم .سىزنىڭ بۇرۇنقى ئايالىڭىزمۇ ؟
قۇربان كۈلۈپ تۇرۇپ:
ئېسىڭدە بارمۇ، ئەينى ۋاقىتتا مەن . سوفىيە خېنىمنىڭ ئوغلىنىڭ چېچىنى بېرىپ تەكشۈرۈپ كۆر دېگەن ئىدىم . مېنىڭ چېچىم بىلەن ئۇنىڭ چېچىدىكى DNA ئوپمۇ ئوخشاش چىقتى . ئەرفات بولسا ،مەن بىلەن سوفىيە خېنىمنىڭ ئوغلى . ئەرفات بولسا رەنا نىڭ ئۆز ئوغلى . سېنىڭچە سوفىيە خېنىم كىمدۇ ؟
- بۇ ،قانداق مۇمكىن بولسۇن. دېرىكتور، بىزنىڭ خېنىم بەش يىل بۇرۇن ،ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ئەمەسمىدى ؟ - دەپ سورىدى ؟روزى چۈشىنەلمەي .…
قۇربان گەپ قىلماي سۈكۈتتە جىم تۇراتتى .
- مەن ،بۇ ئىشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۇقۇم ئېنىق تەكشۈرۈپ كۆرىمەن. ئېسىڭدە بارمۇ ؟ مەن ئەينى ۋاقىتتا ، رەنانىڭ چېچىنى ساقلاپ قويغان ئىدىم .دوختۇرخانىدىكى ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ چېچى بىلەن رەنانىڭ چېچىنى تەكشۇرتتىم. ئاقىۋەتتە DNA ئوخشاش چىقتى . شۇنىڭدىن تارتىپ، سوفىيە خېنىمنىڭ ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئايالىم ئىكەنلىكىگە جەزىملەشتۈردۈم .گەرچە ،ئۇ كۆز ئالدىمدا، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ . بەلكىم ،مەلۇم سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم. مەن بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرىمەن. لېكىن ، بۇ ئىشلار ئاشكارىلانغىچە باشقىلارنىڭ تەھدىتىگە خېيىم خەتىرىگە ئۇچرىشىشنى قەتىي خالىمايمەن روزى .
ئېسىڭدىمۇ،بىزنىڭ بۇرۇنقى ئىشىك قوغدىغۇچىمىز .ئۇ قادىرنىڭ جىيەنى ئىكەن. قادىرنىڭ ئاپىسى ئاشۇنداق دەيدۇ ، لېكىن، بۇ قوغدىغۇچىنىڭ راست جىيەنى شۇمۇ ئەمەسمۇ ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ .
-بىراق، ئۇ رەنا بىلەن ئەينى ۋاقىتتا، ئوتتا بىللە كۆيۈپ كەتكەن ئەمەسمىدى ،-دېدىروزى؟چۈشىنەلمەي .
- شۇڭلاشقا ،سەن بېرىپ تەكشۈر، بۇ ئادەم ئۈرۈمچىنىڭ قايسى يېرىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ؟ قانداق ئامال ئىشلىتىشىڭ بىلەن كارىم يوق ، بۇ ئادەمنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەپكەلگىن !
-خوپ . لېكىن قۇربان دىرېكتور، سىز سوفىيە خېنىمنىڭ راستىنلا، بىزنىڭ ئىلگىرىكى خانىمىز دەپ ئېتراپ قىلامسىز؟ ئەمما بۇ ئىككى ئايالنىڭ خاراكتېرىدە نۇرغۇن پەرقلەر بار ئىكەن.
-ھە ، سەن دېمەكچى چىرايىدا پەرق بار دېمەكچىمۇ؟ئويلاپ باقە ، ھازىر ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان تۇرسا ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم ھۆسنىنى ئۆزگەرتىپ .ئۈرۈمچىگە كېلىشتە مەلۇم بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئەينى ۋاقىتتىكى ،ئوت ئاپىتىدىن كىيىن ، مۇشۇ ئۇسۇلدا قايتىپ كىلىشى مومكىن …
-لىكىن، ئۇنىڭ بەدىندە مەلۇم ئىزلار بولىشى كىرەكتىغۇ؟- دىدى رۇزى بوش ئاۋازدا : -مەن ،ئۇنىڭ چىرايىنى دىمدىم ، ئۇنىڭ خاراكتېرىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر چوڭ ئىكەن . راستىنلا ئادەمگە باشقىچە بىر تەسىر بېرىدىكەن . بۇرۇنقى ئايالىڭىز سىزگە شۇنچىلىك كۆيۈنەتتى .سىزنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى .سىز ئۈچۈن، ھەر قانداق جاپا مۇشەققەت كىچىكىشكە رازى ئىدى. لېكىن ، بۇ ئايال سىزنى ئازراقمۇ ھۆرمەتلىمەيدىكەن. ياخشىمۇ كۆرمەيدىكەن. مەن ،ئۇنىڭ چىرايىدىن سىزگە شۇنچىلىك ئۆچمەنلىكى بارلىقىنى بايقاپ قالدىم . سىز ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانسېرى، ئۇ ئېشىۋېلىپ سىزنىڭ قىممىتىڭىزنى قىلمايدىكەن دېرىكتور .
- ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى بولسا ، بىز چۇقۇم ھېلىقى قوغدىغۇچىنى تاپساقلا جاۋابقا ئېرىشەلەيمىز. ئەگەر، مەن تەكشۈرۈپ تاپالمىسام رەنا ماڭا ھەرگىزمۇ ئۆز ئېغىزى بىلەن ،- دەپ بەرمەيدۇ . ئۇ ھازىرقى پەيتتە ،بالىسى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش قىلىشتىن يانمايدۇ . ئەينى ۋاقىتتىكى ،رەنا. مېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى . ئۇ مېنى ،ئۆزىنىڭ پۈتكۈل دۇنياسىدەك كۆرەتتى .ئەمما، ئۇنى ماڭا مۇنچىلىك ئۆچ قىلىۋەتكەن. ئىشنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۇقۇم تەكشۇرۇپ چىقىشىم كىرەك .
قۇربان بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاچ يۈرىكىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى سەزدى . بەش يىل ئاۋۋالقى ،ئاشۇ ئوت ئاپىتى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن ئىدى . ھازىر بولسا ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن نە مۇھەببەت بولسۇن ؟ ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز ھەركىتىدە ھەم قاراشلىرىدا ، قۇربانغا بولغان ئۆچمەنلىك ئوتى لاۋۇلداۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەنىدى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



