大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 49 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 49 ـ قىسىم aybarawazi
2024-03-08
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 50 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


49 - قىسىم



قۇربان مۇشلىرىنى تۇگۇپ.رەنا دەپ ئۇتۇنگەن ھالدا ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردى!

رەنا بولسا  ئاڭلىمىغانغا  سىلىپ  ئارقىغا  ئۆرۇلۇپلا   كىتىپ  قالدى .

قۇربان بولسا  دىڭىز بويىدا شامالغا ھەمرا  بولغاچ   جىمجىتلا  قالدى.موسا ،  قۇرباننىڭ  بۇ ھالىتىنى كۆرۇپ  ئىچ  ئاغرىتقان  ھالدا : 

-قۇربان  دىرىكتۇر . بۇ  خىنىم  سىزگە  ئازراقمۇ  ئىچ   ئاغرىتمايدىكەن. سىز ئۆزىڭىزنى  بۇنچە  قىينىماي ئىككىلارنىڭ مۇناسىۋىتى نىمە ئۇچۇن مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. سەۋەبىنى  ئىزدەڭ!- دىدى . مۇسانىڭ  بۇ  گىپى  قۇرباننى سەگىتكەنىدى.

قۇربان سەل  قاپىقىنى  تۇرگىنچە :  

- مەن بۇ ئىشنى ئېنىقلىماي قويمايمەن .  لېكىن ،بىر ئادەم تېخىمۇ گۇمانلىق ، ئۇ بولسىمۇ مۇنىرە .  قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان موسا سەل ھاڭۋېقىپ قالدى : 

-مۇنىرە ،توغرا . بۇ ئايالنىڭ ھەسەتخورلۇقىىغا ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدۇ . مۇنىرە باشتىلا  مىنىڭ قىز  دوستۇم  ئىدى .ئەيىنى  ۋاقىتىكى  بىر قىتىملىق  زىياپەتتە  مەس  بوپ  قىلىپ  ئۇنىڭ  بىلەن  بىرگە بولۇپ  قالدىم .بولمىىغان  بولسا ، ئۇ  بىزنىڭ  ئائىلىنىڭ  ئايال  خۇجايىنى  بولالمايتى .لىكىن  ،ئەيىنى  ۋاقىتتا  ئۇرۇمچىدىن  ئايرىىلغان  ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ   قەيەرگە بارغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ . لېكىن ،ئۇ ئۈچ يىلدىن كېيىن قايتىپ كەلدى .بۇ   ئەجەبا ،ئۇدۇل كېلىپ قېلىشىمۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ بىر بالىغا قورساق كۆتۈرۈپ كەپتۇ.  ھەمدە ،بۇ بالىنى بىزنىڭ بالمىز ،-دىدى.

 مۇسا بولسا ،قۇرباننىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلەتتى . دەسلىپىدە مۇنىرە بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا ،ئۇ مۇنىرەنىڭ ئاددىي ئايال ئەمەسلىكىنى بايقىغان ئىدى.  

-سىزنىڭچە دىرېكتور ،بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مۇنىرە پىلانلىغانمىدۇ ؟.  

بەلكىم ،مېنىڭ پەرىزىم ھەقىقىي بولۇپ چىقىشى مۇمكىن . ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا ،ئەينى ۋاقىتتا ئوت ئاپىتىدە ئىز دېرەكسىز يوقالغان . بىزنىڭ ئۆينىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى   بىلەن مۇنىرەنىڭ تىلى بىر دېگەن گەپ .  بۇ پەقەت مېنىڭ پەرىزىم . مەن بۇنىڭغا ئىسپات توپلىشىم كېرەك .

قۇربان شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ، رەنا ياتقان ھۇجرىغا قاراپ كېتىپ قالدى .مۇسا گەپ قىلماي جايىدا جىم تۇرۇپ قالدى .  ئۇ بېرىپ ھۇجرىغا كىرىپ قارىسا، ئەرفات بىلەن فۇرقەت شېرىن ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقاندەك ئىدى .پۇرقەت بولسا ئەرفاتنى قۇچاقلاپ ئۇخلاۋاتقان  ئىدى .

قۇربان بۇنى كۇرۇپ  مەسلىكى  كىلىپ  كۇلۇپ  قۇيدى .

قۇربان ئەسلى , رەنانى  ئىزدەپ  كىرگەن  ئىدى . لىكىن ،ياتاقتا ئەرافات بىلەن  فۇرقەتنىڭ  بىللە  شىرىن  ئۇخلاۋاتقانلىكىنى  كۆرۇپ  ئايغىنىڭ ئۇچىدا  دەسسەپ  ئۇلارنى  ئويغىتىۋەتمەسلىك  ئۇچۇن  چىقىپ كەتتى .

قۇرباننىڭ ئوپراتسيەخاندا ئەرافاتنىڭ ئۇنىڭغا  قاراپ دىگەنلىرى  تىخىچە  ئىسىدە  ئىدى.گەرچە  ئەرافات ، قۇربانغا  قۇپال مۇئامىيلە  قىلسىمۇ .لىكىن ، ئەجەللىك ۋاقىتتا  ئۇنىڭغا  قان  تەغدىم  قىلدى . ئۇ  تەسىرلەنمەي  تۇرالمايتى .ئۇ  تۆت ئەتراپقا  قارۋىتىپ رەنا نىڭ  يوقلىقىنى  بايقىدى يەنە  ئاستا  ياتاق  ئۆيىگە  كىردى .ھەمدە  كارۋات تۇۋىگە  بىرىپ  ئەرافات بىلەن  فۇرقەتنى  ئايرىۋىتىپ  فۇرقەتنى  قۇچاقلىدى .شۇنىڭ  بىلەن  ئۇ  فۇرقەتنى ،ئەرافاتنىڭ يەنە  بىر  يىرگە  ئىلىپ قويشىغا  ئۇ جۆيلۈپ :

-ئاكا ،مىنى  تاشلاپ  كەتمىگىن . دىگنچە  ئەرافاتنىڭ  بىلكىگە  ئىسىلۋالدى .قۇربان  ئوغلىنىڭ  بۇ چىراي ئىپادىسىنى  كۆرۇپ  مەسلىكى كىلىپ  كۇلۇپ  قويدى. ئۇنىڭ پىشانىسىگە  يىنىك بىرنى  سۆيۇپ  قويدى . ئۇ  كۆڭلىدە گەرچە  ،ئۇ  مۇنىرەنىڭ بالىسى  بولغان بىلەن لىكىن مۇنىرەگە  ئازراقمۇ  ئوخشىمايدۇ. ماڭا  ئازراق  تەسەللى  بولىدۇ  دەپ ئويلىدى .

ئەرافات بەك  سەگەك  ئۇخلىغاچقا ، ئۇ  شۇ زامات  كۆزىنى ئىچىپ  قۇربانغا  قاردى . لىكىن، ئۇ  ھىشنىمە  دىمەي  فۇرقەتنىڭ  ئۇخلىغان  ھالىتىگە  قاراپ  مىيىقىدە  كۇلۇپ  قويدى .قۇربان  ئەرافاتنىڭ بۇ چىراي ئىپادىسىنى  كۆرۇپ  ئۇمۇ كۇلۋەتتى . ئەگەر  ئۇ  ئۇخلىغىلى  ئۇنمىسا ، سەن ئۇنىڭغا  داداڭ  كىلىدۇ  دىسەڭ  .ئۇ  يۇۋاشلىقچە  ئۇخلايدۇ دىدى.

- شۇنىڭ بىلەن  ئەرافات ئۇنىڭ قۇلقىغا  قۇرباننىڭ  گىپىنى  تەكرارلىدى .  دىگنىدەك  فۇرقەت  يان تەرەپكە  ،تامغا  يۆلنىپ ئۇخلاپ  قالدى .ئەرافات بۇنى كۇرۇپ مىيىقىدا بوش  ئاۋازدا  كۇلۇپ قۇيدى .قۇربان  بولسا  كۆزىنى ئۇزمەي  ئەرافاتقا قاراپ تۇراتتى .

-ئاپام قىنى  ،-دىدى  ئەرافات، ئەتراپقا  قاراپ. 

-سىرىتقا  چىقىپ كەتتى  ،-دىدى قۇربان .

ئۇ كۆڭلىدە ئەرافاتنىڭ  دادا دەپ  ئاتىشىنى  بەكمۇ ئۇمۇت  قىلغان ئىدى .لىكىن ،  ئەرافات بولسا ئۇنىڭغا يات ئادەمدەك مۇئامىلە قىلغان ئىدى .قۇرباننىڭ كۆڭلى ناھايىتى ئازابلانغان   بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئەرافات ۋە رەناغا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-ئەرافات ،بەش يىل ئىچىدە ئاپاڭ بىلەن سەن قانداق تۇرمۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈڭ .؟ دەپ  سوردى  قۇربان  . ئۇ  ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق     سوئالنى    بىر  كىچىك  بالىدىن  سورىغىنىدىن بەكلا پۇشايمان قىلدى .ئۇ، ئىچىگە  ئاھ سېنىۋەتكەندىن كېيىن : -بولدىلا  ،سىنىڭمۇ  دىگىڭ يوق.مەن  سورمىغان بولاي ،- دىدى  . ھەمدە چىقىپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا :   

-سەن نېمىشقا مۇشۇنداق سورايسەن ؟ ئۇ ۋاقىتتا نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سەن بىلمەي قالارسەنمۇ؟  -دېدى ئەرافات .  قۇربان ئارقىغا ئۆرۈلۈپ: 

-ئەگەر مەن بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىم يوق دېسەم .سەن ماڭا ئىشىنەمسەن ؟  مەن ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا  ،ئاپاڭنىڭ ئوت ئىچىدە قالغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولغانلىقىنى بىلمەيمەن .  مەن ئەينى ۋاقىتتا ،  بىزنىڭ ئائىلىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچغا دەپ   ئاپاڭنى چەتكە چىققۇزىۋەتمەكچى بولغان ئىدىم .يېرىم يولغا كەلگەندە ، ئۇ باشقا بىر ئەر بىلەن قېچىپ كەتتى دېگەن خەۋەر قۇلىقىمغا يەتتى  . مەن بۇ ئىشنى ئېنىقلاي دەپ بولغىچە ئۇ ئوت ئاپىتىگە يولۇقۇپتۇ .  مەن بۇ ئىشنى ئېنىقلاۋاتقىلى بەش يىل بولدى . ھېلىقى ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭمۇ ئىز دېرىكى يوق . مەن زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيلا قالغان ئىدىم ،-   دېدى قۇربان.

 ئارقا ،ئارقىدىن سوئاللارنى  سوراپ .     ئەرافات بولسا،ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاب قايتۇرماي  ، چىراي ئىپادىسىنى ئۆزگەرتمەي قۇربانغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: 

-ئەمىسە، سەن بۇ ئىشنى   ئاپامغا دەپ باقتىڭمۇ ؟  -دېدى ئەرافات  سۇغۇقىنە .

-مەن  سوردۇم . لىكىن ، ئاپاڭ  ماڭا  ئىشەنمەيدىكەن، -دىدى  ئۇ ، مەنىلىك كۇلۇپ قۇيۇپ.

ئەرافات بولسا  گەپ  قىلماي  قۇرباننىڭ  نىمە مەخسىتى بارلىقىنى  كۇزۇتۇپ  تۇراتتى.

 بىر  ئاز  ئۆتكەندىن كىيىن ، ئەرافات  قۇربانغا  تىكىلىپ تۇرۇپ  مەنىلىك  يۆتىلىپ  قۇيدى .

- ئەگەر ،سېنىڭ دېگەنلىرىڭ راست بولسا مەن ساڭا ياردەم قىلاي .  مېنى ئالدىغانلىقىڭنى مەن بىلىپلا قالسام ، مەن سېنى ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەتكۈزىمەن. سەنمۇ بىلىسەن ، مەن سېنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن ،- دېدى ئۇ قاپىقىنى تۈرگىنىچە كەسكىنلا .

  قۇربان بولسا بىر داڭلىق سودىگەر . ئۇ سودا ساھەسىدە ھېچقانداق رەقىبى ئۇنىڭغا بۇنداق تىكىلىپ ، كەسكىن ھالدا گەپ قىلالمايتتى .دەرۋەقە بۈگۈنكى كۈندە ،ئۇنىڭ ئوغلى مۇشۇنداق گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغان ئىدى .  قۇربان ئارتۇق گەپ قىلماي ئۇنىڭ  گېپىگە ،خاپا بولماي ئۇنىڭغا قاراپ 

- ماقۇل ، ئەگەر مەن سېنى ئالداپلا قالسام ، سەن مېنى   نېمە قىلساڭ مەن رازى . مەن بىر ئۆمۈر يالغۇز قېرىپ ئۆتۈشكە رازى 

-سەن يالغۇز ئۆتسەڭ قانداق  بولىدۇ ؟ فۇرقەت ساڭا موھتاج تۇرسا ،-دىدى  ئەرافات.

 ئەرافات ئارتۇق گەپ قىلماي چاپىنىنى تاپتى ۋە ئۇچىسغا كىيىپ تۇرۇپ  قۇربانغا: 

- مەن چىقىپ ئاپامنى ئىزدەي . ئاپام تاماق ئېتىپ قويغان ئىدى .ئۇ ئىسسىق ساقلاش قازىنىنىڭ ئىچىدە. بىردەم تۇرۇپ فۇرقەت ئويغانغاندا ،سەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە يېگىن .  ئۇ ساڭا جىق قان تەقدىم قىلدى ، بەدىنى ئاجىزلاپ كەتتى. جىقراق ئوزۇق  تۇلۇقلىمىسا بولمايدۇ ،-دىدى  ئەرافات.  قۇربان ئەرافاتنىڭ ،فۇرقەتكە  كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،كۈلۈپ كەتتى -دە: 

-سەنمۇ ،قان بەردىڭغۇ ؟ سەن  ئازراق  يىمەمسەن ؟ سەن مۇ  ئۇزۇق  تۇلوقلىمىساڭ  قانداق بولىدۇ؟  -دىدى ئەرافاتتىن  ئەنسىرەپ . لىكىن ئەرافات ،ئۇنىڭ  گىپىگە  پەرۋا  قىلمايلا : 

-ماڭا  ھىچ ئىش  بولمايدۇ . مەن چىقىپ ئاپامنى ئىزدەيمەن دىدى. 

-ھە راس ئاپام سىنى يارلاندۇردىمۇ؟

-ياق ئۇنداق ئەمەس .

 ئەرفات بىرنى چوڭقۇر نەپەس ئىلۋەتكەندىن كىيىن :

-شۇنداقمۇ ؟ لىكىن ، ئۇنتۇپ قالما سەن ماڭا بىر جان قەرىز؟

-ماقۇل،مەن چۇشەندىم ،-دىدى قۇربان.

شۇنىڭ بىلەن ئەرفات چاپىنى كىيىپ سرىتقا چىقىپ كەتتى. ئۇ مەشىق مەيدانىغا بىرىپ ئاپىسىنى تىپىۋالدى :

 -ئاپا، سىز بۇيەردە نىمىش قىلسىىز؟- دەپ ۋارقىنغىنچە ئاپىسى تەرەپكە يۇگرەپ كەلدى .

رەنا ئوغلىنىڭ يۇگرەپ كىلۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ.

-ئالدىرماي يۇگىرە! سەن قان بەردىڭ ئوغلۇم. ئۆزەڭنى ئاسىرشىڭ كىرەك . جان لازىم ئەمەسمۇ ساڭا ؟-دەپ ۋاقىردى .

 ئەرفات كىلىپلا ئاپىسنى قۇچاقلىدى .

-ئاپاڭ ئىتىپ بەرگەن تاماقنى يىدىڭمۇ؟ قارا يۇگرەپ تەرلەپ كىتىپسەن؟زۇكامداپ قالىسەن،- دىدى رەنا نارازى بولۇپ .

-ئاپام بار يەردە ماڭا ھىچ ئىش بولمايدۇ ،- دىدى ئەرفات ئاپىسغا ئەركىلەپ .

-ۋاي ،كىچىك سولتەك.داۋاملىق ماڭا ئەركىلەپ مىنى خوش قىلسەن.

- ئاپا، مەن سىنى خوش قىلمىسام ،كىم سىنى خوش قىلىدۇ ؟-دىدى كۇلۇپ تۇرۇپ .

  شۇنىڭ بىلەن رەنا ئەرفاتنى قۇچاقلاپ كۆتۇرۇپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان فۇرقەتنى ئويغىتىپ ، ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ تاماق يەي دەپ ئولتۇرۇۋاتقان ئىدى . رەنا ئىشىكنى ئېچىپ ، ئۇلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . قۇربان رەنانىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ: 

-دەرھال بېرىپ ئەرفاتنىڭ قولىنى يۇيۇپ كىرىڭ ! بىللە تاماق يەيلى . ئۇنىڭ بۇ گىپى خۇددى بىر ئائىلە كىشلىرىدەك تۇيغۇ بىرەتتى . رەنا ئەرفاتنى پەسكە چۈشۈرۈپ قاپىقىنى تۈرگىنىچە 

-ئەرفات ، سەن بېرىپ قولۇڭنى يۇيۇپ كىر !فۇرقەت بىلەن بىللە تاماق يە ،-دىدى ئۇ .

ئېنىقلا قۇربان بىلەن، بىر ئۈستەل تۇرۇپ تاماق يېيىشنى خالىمىغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى . ئۇ چىقىپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا ئەرفات ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى .

- ئاپا ، چىقىپ كەتمەڭ ، مەن بىلەن بىللە تاماق يەڭ بولامدۇ؟ ئۇزۇن بوپتۇ ، سىز بىلەن بىرگە تاماق يېمىگىلى ؟دىدى.

ئۇ يالۋۇرغاچ ئاپىسىغا قاراپ . ئەرفات گېپىنى دەپ بولۇپ ، فۇرقەتكە قاراپ كۆزنى قىسىپ قويدى ۋە فۇرقەتمۇ ئەرفاتنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ . ئۇرۇندۇقتىن پەسكە چۇشۇپ رەنانىڭ يەنە بىر قولىنى تارتىپ تۇرۇپ :

-ئاچا،سىز قورۇغان سەي ئىنتايىن يېيىشلىك ئىكەن . بىللە تاماق يەڭ بولامدۇ ؟ سىزمۇ بىلىسىز مەن ئەرفات بىلەن يېقىن ئاغىنە يەنە كېلىپ ، بۈگۈن بىز دادامغا قان بەردۇق .دادام ھازىر بىمار .سىز بىز ئۈچىمىزنى يالغۇز قويۇپ چىقىپ كېتىشكە كۇزىڭىز قىيامدۇ؟-دىدى يالۋۇرۇپ : 

-ئاپا ،مۇشۇ بىر قىتىم بىز بىلەن بىللە تاماق يەڭچۇ؟-دىدى ئەرفات .

رەنا ئوغلىنىڭ نىمە ئۇچۇن مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىنى بىلەلمەي سەل ئىكىلىنىپ قالدى ھەمدە:

- بوپتۇ ، ئىككىلار بۇنداق دىگەن يەردە مەنمۇ بىللە يەي دىدى.

-ۋاھ .بەك ياخشى بولدى،- دېدى ، ئەرفات بىلەن فۇرقەت تەڭلا . 

 ئۇلار چاۋاك چالغنىچە خۇشاللىقتىن سەكرەپ كېتىشكەن ئىدى . قۇربان ئەرفاتقا قاراپ قۇيدە. ئەلۋەتتە رەناغىمۇ مەنىلىك قارىدى . رەنا كۆزلىرىنى باشقا ياققا ئىلىپ قاچتى … ئەرفات قولىنى يۇيغىلى تازلىق ئۆيگە چىقىپ كەتتى.

بىر ئازدىن كىيىن سىرتتكى كارىدۇردىن بىرىنىڭ ئاياغ ئاۋازى ئاڭلاندى .

رەنانىڭ قاش-كۆزلىرى ئارىسىدا خۇشاللىق جىلۋىلەندى . كەلگەن ئادەم كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قۇربان بۇ يەرنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم كېتىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، يەنىلا قۇربان ئايرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلىرى بىلەن تاماقنى ئەركىنرەك يىيەلەيتتى . رەنا نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى خالىمايدۇ.چۇنكى ،ئۇ ئاشۇ ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن... قۇربانغا نەپرىتى تولۇپ تاشقاچقا شۇنداق ئىدى . قۇرباننىڭ چىرايى ئۇزگىرىپ كەتكەنىدى . ئەمما ،رەنا سەل-پەل قوشۇمىسىنى تۈردى. رەنا يۆتىلىپ مۇنداق دېدى:

-« سىز سىرتقا چىقىپ قاراپ باقمامسىز؟ » ، « سىز مېنىڭ كېتىشىمنى بەك ئۈمىد قىلىسىز؟ » ، دىدى قۇربان رەناغا تىكىلىپ قارىدى. ئۇ كۇڭلىدە :

«ئىلگىرى ،ئۆزىنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان ئايال .ھازىر قانداقسىگە بۇنداق بولۇپ قالدى؟» رەنا قۇرباننىڭ ئۆزىگە تەلمۇرۇپ تۇرغان كۆز ئىپادىسىنى ھىس قىلدى . بىراق ئۇ كۆرمەسكە سېلىپ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ: 

-« ئەگەر مەن سىزنى كېتىڭ دىسەمچۇ؟ » 

-مۇمكىن ئەمەس.ماڭا ئۇزاق بولدى سىزنىڭ تامىقىڭىزنى يېمىگىلى . ھەرقانچە چوڭ ئىش بولسىمۇ ،مېنى ھازىر كەتكۈزۈۋېتەلمەيسز ،-دىدى .  

 قۇربان ئېنىقكى ،ئۇنىڭ مۇرادىغا يېتىشىنى خالىمايتى. بۇ ئايال ھازىر بارغانسېرى ئۇنى خاپا قىلىپ قويغان ئىدى . بۇنداق نەتىجىنى رەنامۇ قىياس قىلغان .شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا بەرىبىر دەپ مۈرىسىنى قىسىپ قويدى ئاندىن ، ئاندىن ئەرفاتنىڭ يېنىدا ئولتۇردى .

فۇرقەت دادىسىدىن گۇمان گۇمان قىلدى . ئۇ دادىسىغا بىر قاراپ ،رەناغا بىر قاراپ قويدى . لىكىن ،گەپ قىلىشقا جۇرئەت قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن فۇرقەت ئۇنىڭ چاي ئىستىكانىنى يەنە بىرە تەرەپكە ئىلىۋەتمەكچى بۇلۇپ ئىستىكاننى تۇتىشىغا : 

-ئەي…ئۇ مىنىڭ ئىستىكانىم .دەرھال تامقىڭنى يە ،-دىدى ئەرفات سۇغۇققىنە.

  قۇربان چوكىنى قولىغا ئالمىغىچە ، فۇرقەتىمۇ ئىلىشقا بولمايتى ئۇنىڭغا بۇ قائىدىنى ئاپىسى ئۇگەتكەن ئىدى .

ئۇنىڭ قۇسقى ئېچىپ ئاشقازىنى دۈمبىسىگە چاپلىشىپ قالاي دەپ قالغانىدى . ئەرفات ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ :

-سەن قان تەقدىم قىلغان ئەمەسمىدىڭ ، تېزراق تاماق يە؟ - دېدى . فۇرقەت گەپ قىلماي قۇرباننىڭ چىرايىغا قاراپ تۇراتتى . قۇربان فۇرقەتنىڭ بۇ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كىيىن : -تاماق يە؟

فۇرقەت دەرھال چوكىنى قولىغا ئالدى . ئەرفاتمۇ چوكىنى ئېلىپ .بىر پارچە قىزىتىلغان گۆشنى قىستۇرۇپ ئاپىسىغا بەردى.

-ئاپا، سىز يېقىندىن بۇيان جاپا چەكتىڭىز! كۆپرەك يەڭ.  

- گەپ ئاڭلا!ئۆزەڭمۇ كۆپرەك يە،- دىدى رەنا . ئوغلىنىڭ بېشىنى سىلاپ .

رەنانىڭ بۇ قىلىلىقىغا قاراپ. قۇربان ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتى . سىرتتىكى ئاياغ تىۋىشى تېخىمۇ يېقىنلاشتى. ياردەمچى روزىنىڭ ئاۋازى سىرتتا ئاڭلاندى.

-قۇربان دېرىكتور، شىركەتتە جىددى ئىش بار. قۇربان قاپىقىنى تۇرۇپ سوغۇقلا: 

-« ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ ساقلاپ تۇرسۇن. مەن بۇ تاماقنى يەپ بولاي » -دېدى.  

-بىراق.

-گىپىمنى چۇشەنمىدىڭما؟ -دىدى ۋارقىراپ .

  روزى ئارتۇق گەپ قىلماي دەرھال چېكىندى.



داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k