大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 83 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 83 - قىسىم aybarawazi
2024-04-11
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



بۇ ئەسەرنىڭ 84 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74



82
81
80



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


83 - قىسىم


پاتىگۇل، قۇربان ئائىلسىدىكى ئەڭ ياشانغان ئايال ئىدى. ئۇ رەنا خىنىمنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۇپ سالام قىلىپ بولغاندىن كىيىن:

-رەنا، خىنىم. سىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن غۇجىدار ئايال تىلفۇن قپىتىكەن .ئۇ پاتىگۇلنى ئىزدەيدىكەن.

- بۇ، پاتىگۇل دىگەن كىم؟ قاچان كىرگەن ئىدى؟- دىدى رەنا چۇشنەلمەي.

-ئۇچ يىل ئالدىدا غۇجىدار ئايال چاقىرىپ ئەكەلگەن ئىدى.

رەنا بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ بەكلا بىئارام بولۇشقا باشلىدى.

- ئۇ ،نىمە دىدى .ئىنىق ئاڭلىيالىدىڭىزمۇ؟- دىدى. ئاتىگۇل بىشىنى لىڭشىتقىنچە:

بەكلا يىقىن تۇرۇشتىن قورۇقتۇم. لىكىن، ئۇنىڭ پاتىگۇلنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. باشقا ئىشنى بىلمەيدىكەنمەن.

رەنا ،سەل ھەيران قالدى .

بوپتۇ ، بېرىپ تاماق ئېتىڭ! خوجىدار ئايالنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىگە سەپسېلىپ تۇرۇڭ !

- بولىدۇ .

ئاتىگۈل دەرھال ئارقىغا چېكىندى.

-خېنىم ،سىز خوجىدار ئايالدىن ئەنسىرەۋاتامسىز ۋە ياكى پاتىگۈلدىنمۇ؟

- خوجىدار ئايال قەيەردە ؟

-ئۇ ، ئايرىم سالغان داچىدا ئولتۇرۋاتىدۇ!

رەنا ئارتۇق گەپ قىلماي ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى . ئۇ كارىۋاتقا چىقىپ سوزۇلۇپ يېتىپ قۇرباننى ئويلاۋاتاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئىختىيارسىز تېلېفوننى ئالدى .ھەمدە قۇربانغا تېلېفون قىلدى . قۇربان تېلېفوننى ئېلپىلا تېلېفوننى يەنە ئۈزۈۋەتتى . بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قۇربانمۇ رەنانى ئويلاۋاتاتتى . توساتتىن ساقچىخانا تەرەپتىكىلەر قۇربانغا تېلېفون قىلدى .

- دېرىكتور، ئازراق خەۋەر بار،- دىدى .

- نېمە ئىش بولدى ؟

-تۇرسۇنگۈل ئسىملىق بىر ئايال ساقچىخانىغا كەلدى . قۇربان بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپلا چىرايلىرى ئۆڭۇشكە باشلىدى . تۇرسۇنگۈل مۇنىرەنىڭ ئاپىسى بولۇپ . ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان پەرەزلىرى خاتا چىقمىغان ئىدى . رەنانىڭ پەرىزى توغرا ئىكەن . گەرچە قولدا ئىسپات بولمىسىمۇ ؟ فۇرقەتنىڭ زەھەرلىنىشىنى تۇرسۇنگۈل قىلغان بولىشى مۇمكىن . مۇنىرەمۇ بۇ ئىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ .

-ئۇلارنى قاتتىق نازارەت قىلىڭلار! ئەگەر، تۇرسۇنگۈل مۇنىرەنى ئېلىپ كېتىمەن دېسە ئۇنى دەرھال قولغا ئال، ،-دىدى .

-بۇلىدۇ.

ساقچىخانا باشلىقى تۇرسۇنگۈلنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ . ئۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بىلەن قارىمىدى . ھەمدە قېشىدىن بىر تال قەغەزنى چىقاردى ۋە قەغەزگە :

- چېكىڭىزدىن تەر چىقىپ كېتىپتۇ،- دەپ يازغان ئىدى. ھەمدە ئۇنى ساقچى باشلىقىغا سۇندى .

-بۇ ،قانداق ئېغىز ئېچىش ئەمدى .

شۇنىڭ بىلەن ساقچىخانا باشلىقى ئارتۇق گەپ قىلماي تۇرسۇنگۈلنى قىزىنىڭ قېشىغا ئاپاردى . قىزىنڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن تۇرسۇنگۈل ، ئۇنى تونۇيالمىغىلى تاسلا قالدى .

-قىزىم نېمە بولدۇڭ؟ مۇنىرە ،،، دېگىنىچە ، بېرىپلا مۇنىرەنى قۇچاقلىدى .

مۇنىرەمۇ ئاپىسىنى كۆرۈپ يۇقىرى ئاۋازدا يىغلىۋەتتى .

-ئاپا ،مىنى ئىلىپ كىتىڭ! مىنىڭ، بۇ يەردە تۇرغۇم يوق ئاپا. ئۇلار مېنى قاتتىق نازارەت قىلىمەن ،-دېدى. ھەمدە ماڭا توك ئىشلەتتى ئاپا . مېنى قۇتقۇزىۋىلىڭ دېگىنىچە ئاپىسىنى مەھكەم قۇچاقلىدى. تۇرسۇنگۈلنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى .

-سېنى ،بۇنداق قەست قىلغانلارنى ، مەن ھەرگىزمۇ قويۇپ بەرمەيمەن . ھازىرقى ئەھۋالدا ،سېنى ئېلىپ چىقىپ كېتەلمەيمەن .گېپىمنى ئاڭلا ،مەن ئەتە ئادەم كىرگۈزۈپ سېنى تەكشۈرتكۈزىمەن . ھەمدە دوختۇر ساڭا نېرۋا كېسەل دەپ دىئاگنوز قويىدىغان بىر ئىسپات بېرىدۇ . مەيلى سەن نېمىلا قىلساڭ ئۇلار سېنى ھېچقانداق قىلالمايدۇ . مۇشۇ ئاماللا سېنى قۇتقۇزىدىغان بىردىنبىر ئامال .

ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ، مۇنىرە ھەيران قالدى .

-فۇرقەتچۇ ؟ سىز ئۇنى ئاچىقىۋالىمەن دېمىگەنمىدىڭىز؟ سىز، بۇ ئارقىلىق قۇرباننىڭ ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچىمۇ ئاپا ؟ قۇربان ،فۇرقەتنى بەك ياخشى كۆرىدۇ . ئۇ ھاياتىنىڭ بىر قىسمى . ئەگەر، سىز بېرىپلا، ئۇنىڭغا يېلىنسىڭىز ئۇ چوقۇم قوشۇلىدۇ.

- پايدىسى يوق. مەن ئۇ ئائىلىدە فۇرقەتنى كۆرمىدىم. ھازىر، ئۇلار ئائىلىسنى قوغداشقا بەك جىق ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ . فۇرقەتنى كۆرۈش كۈندىن كۈنگە تەسلىشىپ كېتىپ بارىدۇ.

-مەن ئەسلىدە ئۇ ئائىلىگە بىر خىزمەتكارنى سېتىۋىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم .ھەمدە فۇرقەتنىڭ يېمەكلىكىگە دورا سال دېگەن ئىدىم . كېيىن ،فۇرقەت ئاغرىپ قاپتۇ . لېكىن، فۇرقەت دوختۇرخانىغا كەتكەن بىلەن ھېچقانداق خەۋىرى يوق . ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالدى .ھازىر ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق تېخى بىلمەيمەن ،-دېدى تۇرسۇنگۈل . مۇنىرەنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كەتتى .

- سىز فۇرقەتكە نېمە قىلدىڭىز ؟ ئۇ تېخى ئەمدى ئالتە ياشقا كىرگەن بالا ئاپا ؟ مەن ئۇنى بەك تەس تۇغقان ئىدىم .ئۇ دېگەن قۇربان ئائىلىسىنىڭ ۋارىسى .سىز نېمىشقا ئۇنداق قىلىسىز ؟

- بولدى بەس . سەن پەقەت ئۇنىڭ ئوغلۇڭ ئىكەنلىكىنىلا بىلىسەن . لېكىن ،سەن مېنىڭ قىزىم. بۇنى چۈشىنەمسەن ؟مەنمۇ سېنى جاپادا 9ئاي ، 9كۈن ئاران يەڭگىگەن ئىدىم . مەن، سېنىڭ بۇ يەردە جاپا تارتىپ قېلىشىڭغا چىدارمەنمۇ ؟ نەچچە كۈن بولدى .سىرتلاردا تەلمۈرۈپ يۈرىۋاتقىلى ،ھەممە ئىش سەن ئۈچۈن . مۇنىرە ئاڭلاپتۇر. فۇرقەت بولسا بىزنىڭ يەمچۈكىمىز . ئۇ بەرىبىر قۇرباننىڭ ئۆز ئوغلى ئەمەس . گەرچە، ھازىر رەنا بىلەن ئوغلى قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، قۇرباننىڭ كۆڭلىدە زادى كىم يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ ، تېخى بىلمەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە فۇرقەت بەك ئەقىللىقمۇ ئەمەس . ھازىر نەچچە كۈن بولدى. ئۇنى كۆرۈپ باقمىغىلى . سېنىڭچە ،فۇرقەت سېنى ئىزدەپ باقتىمۇ؟ سەن بۇلارنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟ سېنىڭ بۇ يەردە قانداق چىقىپ كېتىشىڭنى ئويلاپ باقتىمۇ؟ پەقەت بۇ يەردىن چىقىپ كەتسەڭلا ، سەن فۇرقەتنىڭ ئاپىسى قۇربان ئائىلىسىنىڭ ۋارىسى، بولمىسا ھەممىسى قۇرۇق گەپ چۈشەندىڭمۇ ؟ -دېدى تۇرسۇنگۈل قىزىغا قولىنى چىنەپ تۇرۇپ .

-ئاپا، مەن بۇ يەردىنغۇ چىقىپ كېتەمەن .لېكىن، فۇرقەتكە بىر ئىش بولماسلىقى كېرەك .ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا مەن ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن .

-بۇنى بىلىمەن .خاتىرجەم بولغىن .قۇرباننىڭ ئاىلىسى ئىنتايىن چوڭ ئىگىلىك ياراتقان ئائىلە .ئۇلار ھەرگىزمۇ فۇرقەتكە بىرەر ئىش بولۇشىنى خالىمايدۇ . ئاڭلىسام فۇرقەت، رەنانىڭ ئوغلى ئەرفاتقا بەكلا ئامراقمىش . داۋاملىق ئۇنى ئاكا دەپ چاقىرىدىكەن .رەنامۇ ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن . خۇددى ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش . ئۇ گەرچە سەن بىلەن تىركەشكەن بولسىمۇ ، مۇنىرە ،مەن ئادەتتە ساڭا قانداق تەربيىە قىلاتتىم .ئەگەر ،سەن يەنە چىقىپ كەتمىسەڭ ئوغلۇڭ ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ .ئۇ مەڭگۈ رەنانى ئاپا دەيدۇ .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-ئۇنداق بولمايدۇ ، بۇ مۇمكىن ئەمەس؟- دېدى ، مۇنىرە كۆزىگە ياش ئېلىپ .

ئۇنىڭ ئاۋازى يۇقىرى چىقىپ كەتكەن ئىدى . ئاۋازى سىرتتا تۇرغان قوغدىغۇچىلارنى چاقىرىپ ئەكىرگەن ئىدى.

-نىمگە ۋاقىرايسەن؟- دېدى تۇرسۇنگۈل . مۇنىرە يىغلىغىنچە ئاپسىنىڭ قۇينىغا ئۆزىنى ئاتتى.

- ئاپا. مىنى قۇتقۇزغىن،،، مىنى قۇتقۇزغىن!مىنى بۇيەردىن ئىلىپ چىقىپ كەتكىن ؟-دىدى .

ئۇ، قىزىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۇپ بەكلا ئىچى ئاغرىپ كەتكەن ئىدى.

-ئەمسە گىپمنى ئاڭلا، قىشىمدا بىر تال دورا بار. سەن ئۇنى يىسەڭ سىنى ۋاقىتلىق ساراڭ قىلىپ قويىدۇ. ئەتە سائەت سەككىز بىلەن دوختۇر سىنى تەكشۇرگىلى كىلىدۇ. ئىسىڭدە بولسۇن ،دورىنى يىرىم سائەت بۇرۇن ئىچكىن! مۇشتاق قىلساق سىنىڭ چىقىپ كىتشىڭگە ئامال تىپىلىدۇ ،-دىدى. مۇنىرە ھەيران قالغىنچە:

- ئاپا، بۇ دورىنى يىسەم بىرەر ئىش بولماس ھە!

-خاتىرجەم بولغىن. سىنى، مەن تۇققان تۇرسام .ساڭا بىرەر ئىش بولمايدۇ. بالاڭنى ئويلا! رەنا، سىنىڭ ئورنۇڭنى بىسىپ قالاي دىدى. سەن سەگەكرەك بولغىن!- دىدى.

- ياق ،ئاپا .فۇرقەت ،مىنىڭ بالام .ئۇنى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا بەرمەيمەن. قۇرباننىمۇ تارتقۇزۇپ قويمايمەن، -دىدى ھەمدە ئاپسىنڭ قولىدىن دورىنى ئىلىپ تىقىشقا باشلىدى.تۇرسۇنگۇل قىزىنىڭ بىشىنى سىيلىغىنچە:

- قورۇقما، ئەتە سىنى تەكشۇرگەن دوختۇرنى مەن ئۇرۇنلاشتۇرغان. ئۇ قانداق تەكشۇرمەن دىسە ئوبدان ماسلاشقىن؟- دىدى .

-بولىدۇ .ئاپا ،-دىدى مۇنىرە ئەركىلگىچە.

بىر ئازدىن كىيىن ساقچى باشلىقى ئىشىكنى چەكتىدە:

-تۇرسۇنگۇل خىنىم، تىزراق قايتىپ كىتىڭ! قۇربان دىرىكتۇرنىڭ ،ئادەملىرى كەپ قالسا مىنىڭ كۇنۇم تەسكە چۇشىدۇ!- دىدى توم ئاۋازدا .

-ماقۇل، -دىدى تۇرسۇنگۇل. مۇنىرە ئاپىىسى بىلەن قىيمىغان ھالەتتە خوشلاشتى.

ساقچىخانا باشلىقى تۇرسۇنگۇل بىلەن مۇنىرەنىڭ پاراڭلاشقان ھالىتىنى ۋىيدىئو قىلىپ قۇربانغا يوللاپ بەردى. ھەمدە قۇربان بۇ ئىشقا نىسبەتەن ھۇششار تۇرۇشنى ئويلىدى. ھەمدە تىلفۇن قىلىپ:

-سەن بۇ خۇتۇن ئۇرۇنلاشتۇرغان دوختۇر كىم شۇنى ئىنىقلىغىن!- دىدى .

- ماقۇل ،-دىدى قارشى تەرەپ .

قۇربان تىلفۇننى قويىۋەتكەندىن كىيىن رەنانى ئويلاشقا باشلىدى. بۇ كۆڭۇل ئاغرىقى گەرچە سۇباتنىڭ قالايمىقان گەپ قىلىشلىرىدىن باشلانغان بولسىمۇ .لىكىن ،ئۆزى سۆيگەن ئادەمنى، رەقىبى 5يىل ھالىدىن خەۋەر ئالسا، ئەمدى قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ئۆزىدىن پايدىلانغىننى ئويلىسا، ئۇنىڭ يۇرىكنى پىچاق بىلەن تىلىغاندەك ئاغىرىتاتتى. ئۇ تاماكىسنى كۇچەپ كۇچەپ شوراشقا باشلىدى.بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە رەنا روزى بىلەن بىللە ئىدى .روزى ئۇنىڭغا تۇرسۇنگۇلنىڭ قىزى بىلەن كۆرۇشكىننى ئىيىتتى.

- بۇ، زادى نىمش؟ -دىدى رەنا ھەيران قىلىپ.

- ئۇ ،پەقەت قىزىنى كۆرگىلى بىرپتۇ، باشقا ئىش يوقكەن.

–ھە، ئۇنداقتا توختىماي كۇزۇتۇڭ! بىرەر ئەھۋال بولسا ماڭا خەۋەر قىلىڭ ،-دىدى، رەنا.

- ماقۇل خىنىم ،-دىدى روزى.

ئاتىگۇل تاماقنى تەييار قىلىپ بۇلۇپ رەنا ۋە روزىنى چاقىرىدى .لىكىن، ئۇرلارنىڭ تاماققا ئىشتھاسى يوق ئىدى. ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماى ھۇجۇرسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ كالىسى بەكلا قالايمىغان ئىدى. سۇباتنىڭ ئىغزىنى قاتتىق قىلىشى، مۇنىرەنىڭ يالغاندىن ساراڭ بوپ قىلىشى، فۇرقەتنىڭ زەھەرلىنىشى ئىشقىلىپ ھەممە ئىشلار بەكلا غەلىتە تۇراتتى. بۇۋاقىتا ،ئۇنىڭ تىلفۇنى سايرىدى. بۇ تىلفۇننىڭ قۇرباننىڭ قىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلالاتتى


داۋامى بار …



 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0