大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 85 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 85 - قىسىم aybarawazi
2024-04-13
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 86 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74

84
83
82
81
80



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


85 - قىسىم


- كىچىك سولتەك، سىنى ئايرۇپىلانغا قىزقىدۇ دەيدىغۇ؟ ماڭ! ھەربىي بازىنىڭ كەينىدە، چوڭ بازا بار. ئايرۇپىلان ھەيدەپ كىلىمىز !-دىدى قادىرنىڭ ئاكىسى ئەرفاتقا.

ئەرفات شۇ زامات قوشۇلدى. ھەمدە قۇربانغا قاراپ:

- ئەمدى، ئاپامنى بۇزەك قىلما! بولمىسا ،سىنى ھەرگىز بوش قۇيۋەتمەيمەن. ئاپا، ئەگەر قۇربان سىزنى بوزەك قىلسا ،بۇ ئادەم بىلەن بىللە كىتىڭ! بۇ ئادەمنىڭ پۇتى يارلانغان سىزگە چىقلالمايدۇ،- دىدى ئەرفات.

رەنا، ئوغلىنىڭ ئاشۇرۋەتكەنلىكىگە چىدىماي خاپا بولدى. قۇربان، ئۇنىڭ ئۆزنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلىشقا باشلىدى. ئۇمۇ ئاچچىىقىنى بىسپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.ئۇلار چىقىپ كەتتى. كارىدۇردا رەنا ئىكىسلا قالدى.رەنا ئۇنىڭغا قانداق ئىغىز ئىچشىنى بىلمەيۋاتاتتى.شۇنىڭ بىلەن قۇربان بىرىپ ،رەنانىڭ قىشىدا ئولتۇردى. قۇربان سەل تۇرىۋالغاندىن كىيىن:

-قادىرنى ئاران ماڭغۇزسام ئەمدى ئاكىسى كەپتۇ. –قانداقراق، ئۇلار مەندىن ياخشىمىكەن؟

-قۇربان ،بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟ سىز نىمگە بۇنداق دەيسىز؟ ئۇزىڭىز مىنى يۇقال دەيسىز ؟ئۇزىڭىز دوختۇرخانا يۆتكىلۋادىڭىز! مىنىڭ نۇمرۇمنى قارا تىزىملىككە تىقۋتىپسىز؟ھازىر ،ئائىلىدە چوڭ ئىش چقىتى. ئۇپەقەت ياردەملىشۋاتىدۇ. ئارتۇق ئويلىماڭ!

-مۇشۇنداق ، تىزلا ئاتاكتىكىغا ئۆتۇپتۇ؟ مەيلى، قانداق ئادەم بولسۇن ياردەم قىلسا بولاۋىرەمدۇ سىزگە؟

رەنا كۇلىۋەتتى.

-شۇنداق، ئۇلار ھەمىسى سىزدىن ياخشى. قادىر ،بولسا مىنى بەزلەشكە ئۇستا، سىز چۇشنەمسىز؟ ئاكىسى بولسا قىيىنچلىققا قالغان چىغىمدا ئوتتىرىغا چىقىپ ياردەم قىلىدى.سىز قىلالىدىڭىزما؟ مەن سىزگە مۇھتاج ۋاقتىمدا سىز كىرپىدەك يۇشۇرنۇپ تۇرۋالدىڭىز؟ سىز ھازىر چىقىپسىز! كىسلىڭىز ياخشى بولۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ دىدى.

ئۇنىڭ گەپلىرى قۇرباننىڭ يۇرىكىگە تەككەن ئىدى.

- رەنا، يەنە بىر دەڭە!

-مەن، مىڭ قىتىم دىسەممۇ ئوخشاش. سىز دىگەن قۇرقۇنچاق، سىز، مىنى ياخشى كۆرۇپ باقمىغان. توغرا مەن سىزنى ئالدايمەن. سىزدىن پايدىلنىش ئۇچۇن كەلدىم. قانداق؟ ماڭا سىزنىڭ يۇىكىڭىز لازىم؟- دىدى .

قۇربان ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي رەنانىڭ بوينىدىن ئالدى . –قۇربان، سىز بىر ئىتكەنسىز! –دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەنانىڭ بونىينى سۆيۇشكە باشلىدى.

-قۇربان، ئۇنداق قىلماڭ! بۇ دىگەن دوختۇرخانا،-دىدى رەنا. خىجىل بولغان ھالدا:

قۇربان ئۇنى توختىماي سۆيۇشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپتىكى ئادەملەر بىلەن كارى يوق ئىدى. بىر ئازدىن كىيىن روزى بۇ ئەھۋالنى كۆرۇپ خىجىل بولغان ھالدا: -دىرىكتۇر، ئاياغنى ئىلىپ كەلدىم، -دىدى.

-سەن چىقىپ ئەرفاتقا قاراپ باق!- دىدى.

ھەمدە رەناغا قاردى. ئاياغنى رەنانىڭ پۇتىغا كەيدۇرۇپ قويدى.

- ئەمدى، مىنى ئالداشقا، پايدىلنىشقا رۇخسەت يوق!- دىدى ھەم رەنانىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتتى.

-سەمەتنىڭ ئاپىسى ماڭا توي تەكلىپى قويدى.دىدى رەنا .

قۇربان ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى.

- نىمە دەۋاتسىز؟ رەنا. مىنى ئۆلسۇن دەمسز؟سىزنى كۆرمىسەممۇ، سىز مىنىڭ ئايالىم. مىنىڭ ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى. سىز باشقىلارنىڭ توي تەكلىپىنى قۇبۇل قىلسىڭىز بولمايدۇ؟ مەن تىخى ئۆلمىدۇم؟- دىدى.

- مەن ،تىخى گىپمنى دەپ بولالمىدىم.

- نىمنى دەيسىز؟ سىز دىدىڭىزغۇ! ئۇ سىزگە توي تەكلىپى قۇيۇپتغۇ! يەنە نىمە گەپ بار ئىدى.

-لىكىن، مەن رەت قىلۋەتتىم،- دىدى بوش ئاۋازدا .

بۇنى، قۇربان ئاڭلىمىغان ئىدى.

-بۇلار، بەكلا ئادەم بوزەك قىلامدۇ قانداق؟ بەش يىلنىڭ ياقى ئۇغلۇم بىلەن ئايالمنى يۇشۇرۋالىدۇ! مىنى بەك بوزەك كۆرۇپ قالدىمۇ بۇلار؟ -دىدى ئاچچىقى بىلەن.

ئۇ دىگەنسىرى ئاچچىقلىناتتى. رەنا بۇ ھالەتنى كۆرۇپ يەنە ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى چۇشەندى. ئەسلى قۇربان، رەنانىڭ ئۆزىنى بەزلىشىنى بەكمۇ ئۇمۇت قىلاتتى .لىكىن ،رەنا جىمجىت تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تىخىمۇ ئاچچىقى كىلىپ كەتتى..

- رەنا، سز ھازىر مىنىڭ سىزدىن بىزار بولۇشىمنى، ۋاز كىچىشىمنى ئۇمۇت قىلسىز شۇنداقمۇ؟ ئاندىن سەمەت بىلەن بىللە تۇرمۇش قۇراي دىدىڭىز شۇنداققۇ؟ بۇ ئۇخلاپ چۇشىڭىز؟

رەنا، ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاچىقى كەلدى دە:

-مەن، نىرىۋىسى ئاجىز ئادەم بىلەن پاراڭلاشمايمەن،-دىدى. ھەمدە قۇپۇپلا كەتمەكچى بۇلۇۋىدى.

-رەنا، نەگە بارسىز؟ فۇرقەت تىخى چىقمىدى!- دىدى.

- مەن تازلىق ئۆيگە بىرىپ كىلەي. سىزمۇ بارامسىز؟- دىدى ھەمدە ئارقىسغا قاراپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى. قۇرباننىڭ كاللىسى بەكلا قالايمىقان ئىدى. ئۇ بايىقى ئىشلارنى بىردىنبىر ئەسكە ئالدى. ھەمدە رەنانىڭ مەن رەت قىلدىم دىگەن گىپىنى ئىسىگە ئالدى. رەنانىڭ كەينىدىن تازلىق ئۆيگە كىرگۇسى بار ئىدى .لىكىن، قۇربان ئۇ يەردىن ئايرىلسا بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كالىسغا روزى كەلدى .ھەمدە ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلاي دەپ تۇرشىغا رەنا چىقىپ كەلدى.

- كىمگە تىلفۇن قىلاي دەيسىز؟ -دىدى .

قۇربان سەل خىجىل بولغىنچە:

-بايا، ئازراق ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ.

-ھە .

رەنا، ئۇنىڭ بۇ كىچىك بالىدەك ھالىتىنى كۆرۇپ كۇلۇپ كەتتى. ھەمدە:

-ۋاي ،ۋۇي قۇربان دىرىكتۇرمۇ، خاتالىقىنى تۇنۇيدىكەن ھە؟-دىدى.

- بەزىدە ئاشتاق بۇلىدۇ. ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ دەپتىكەن،-دىدى.

- ئەجەب قىلىنكەنسىز!- دىدى رەنا. ھەمدە ئۇنىڭ قىشىدا ئولتۇرۇپ: -سەمەتمۇ ئەسكى ئادەم ئەمەس. بەش يىل بۇرۇن ئۇ بولمىغان بولسا مەن ھەم باللىرىمىز ئاللىقاچان ئۆلگەن بولاتتۇق. بەش يىلنىڭ ياقى ئۇلار مىنى قوغداپ كەلدى.مەن بىلىمەن . مەن باشقا ئەر كىشىنىڭ گپىنى چىقارسام بولمايدۇ. لىكىن، سەمەت ئوخشىمايدۇ. سىز مىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆردىغان ئادىمىم.لىكىن ،ئۇ بولسا مىنىڭ ئەڭ يىقىن ،،،ئەڭ يىقىن ئادىمىم.

-شۇڭلاشقا، سىز ماڭا نىمە دىمەكچى؟ ئۇلار نىمە قىلماقچى؟-دىدى قۇربان.ئۇ بەكلا ئەقىللىق ئىدى.ئۇ كۆڭلىدىكنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. ھەمدە رەنامۇ سەل تۇرۋالغاندىن كىيىن:

- قۇربان، مۇشۇ بەش يىلنىڭ ياقى مەن ۋە باللىرىم ئۇنىڭغا قەرىز. پۇل بىلەن ھەرگىزمۇ تولۇقلاپ بولغىلى بولمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تەلپىنى رەت قىلدىم. بەلكىم ،ئۇلار مۇشۇ سەۋەبلىك سىزبىلەن ئۆچەكىششى مۇمكىن.بۇ تەرپىنى چۇشنىشىڭىز كىرەك ،-دىدى رەنا . قۇربان ئەقىللىق ئادەم ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى چۇشنىپ بولغان ئىدى. ھەمدە رەنانىڭ قولىنى مەھكەم چىڭ تۇتۇپ:

- مىنىڭ قەستەن ئۇنىڭ بىلەن دۇشمەنلىشىش مەخسىتىم يوق. لىكىن، رەنا. بىزنىڭ جەمەتمۇ خىلى يۇزى بار جەمەت. ئەگەر ،ئۇ بەك ئاشۇرۋەتمىسە مەن ئۇنىڭ بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن،- دىدى.

رەنا ئارتۇق گەپ قىلمىدى.

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-ئەمسە ،سىزنىڭ بۇ قىتىم قايتىپ كىلىشىڭىز نىمە سەۋەبتىن؟سەمەت ئۇچۇنما؟

-ياق. -دىدى رەنا كەسكىنلا.ئەسلى ئۇ سۇرىيەنىڭ گپىنى دەي دەپ ئويلىغان ئىدى. لىكىن ،بۇ ۋاقىتتا تازا ئەپسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى.ھەم كىيىن دىيىشنى ئويلىدى .

-مەن ئەسلى بىر نەچچە كۇن جىمجىت داۋالىناي دىگەن ئىدىم. لىكىن ،بۇنداق قىلسام توغرا بولمىغىدەك، جىم يۇرسەممۇ بولمىغىدەك سالامەتلىگىمگە ياخشى بولمىغىدەك ،-دىدى قۇربان.

رەنا ،ئۇنىڭ بۇگەپلىردىن كۇلۇپ كەتكەنىدى.

-سىزنىڭچە ،فۇرقەتنىڭ ئىشىغا قانداق قارايسىز؟

- مەن خىزمەتكاردىن سورسام فۇرقەتنىڭ تامقىغا پاتىگۇل مەسئۇل ئىكەن. بۇ ئايالنى غۇجىدار ئايال تەكلىپ قىلغان ئىكەن.لىكىن، ئىشنىمەنكى غۇجىدار ئايال ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. چۇنكى ،ئۇ بىر ئانا تۇرسا،-دىدى، رەنا.

قۇربان ، سەل ھەيران قالدى. چۇنكى ،رەنا غۇجىدار ئايال تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلۋاتاتتى.

-سىز ،ئۇنى ئەيىلىمەمسىز؟ ئۇنىڭدىن ئاغرىنمامسىز؟ -دىدى قۇربان.

ئاغرىنمەن ،ئەلۋەتتە. چۇنكى، ئۇبۇرۇن ماڭا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.بۇ قىتىم قايتىپ كەلسەم ئۇ ماڭا خۇددى دۇشمىنىدەك مۇئامىلە قىلدى. لىكىن، ئۇ فۇرقەتكە ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇيلاپ باقسام ئۇ، سىز ئۇچۇن بۇ ئائىلە ئۇچۇن ھەرقانداق ئىشنى قىلىدىكەن. بەلكىم ،ئۇ سىزنى بەك ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق قىلغان بولسا كىرەك،- دىدى رەنا .

قۇربان سەل ئويلىنۋالغاندىن كىيىن:

-غۇجىدار، ئايال .ماڭا ۋە ئىنىمگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. كىچكىمىزدىن ھازىرغىچە بىزگە ھەمرا بولۇپ كەلدى. ئاپاممۇ بەكلا ئالدىراش. مەن ۋە ئۇكامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا ۋاقتى چىقمايتى. لىكىن ،ئۇ مىنىڭ ئايالىم ۋە ئوغلۇمغا زىيانكەشلىك قىلغىننى بىلىپلا قالسام سىغدۇرالمايمەن.

-رەخمەت سىزگە. ماڭا ۋە ئوغلۇمغا مۇشۇنچىلىك قارارنى چىقارغىنىڭىزغا.مەنمۇ ئۇ ئايالغا بەكلا ھىسداشلىق قىلىمەن. لىكىن، مەن ئۇنىڭدىن مىھىر تەلەپ قىلمايمەن. چۇنكى ،مەنمۇ بىر ئانا. ئەگەر، ئۇ ئۇغلۇمغا زىيانكەشلىك قىلىپ قالسا ،مەنمۇ ئۇنى ھەرگىز بوش قۇيىۋەتمەيمەن. ھەم قىشىمىزدا ئىلىپ قالمايمەن. قۇربان ئۇ چاغدا مىنى ئەيىبلىمەڭ!

شۇنىڭ بىلەن قۇربانمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ھەمدە ئىككىسى گەپ قىلماي سۇكۇت ئىىچىدە جىم تۇراتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇپراتسىيە ئۆيىنڭ ئىشىكى ئىچىلدى. دۇختۇر چىقىپ كەلدى.

-دوختۇر،ئۇغلۇم قانداراق؟-دىدى قۇربان.

دوختۇرنىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ.رەنامۇ بىللە ئەگىشىپ ئالدىغا باردى.دۇختۇر ئۇ ئىككەيلەنگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن:

-ھازىر ئۇنىڭ ئەھۋالى خىلى ياخشى.بىراق ،ئۇنىڭ بەدىندىكى زەھەرلىك ماددا بەدىندىكى زەھەر مىقدارنى ئاشۇرۋىتىپتۇ.ئەگەر، ۋاقتىدا ئەكەلمىگەن بولساڭلار بەلكىم قۇتقۇزماق تەس بۇلۇشى مومكىن ئىدى.ئۇنىڭ بەدىندىكى نەرسىنى ئادەتتە ئىشلەتمەيتتى.ئۇنى جەڭ مەيدانلىرىدىلا دۇشمەنلەرنى قەسلەش ئۇچۇن ئىشىلتەتتى.لىكىن ،مەن پەقەتلا چۇشنەلمەي قالدىم.قانداق ئادەم ئۇنىڭغا زەھەرلىك قولنى سالدىكىنە؟

قۇرباننىڭ قاپاقلىرى تۇرلۇپ كەتكەن ئىدى. دوختۇر ئۇلارغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:

-ھازىر، ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلدۇق . لېكىن، بىز تېزلىكتە قان ئالماشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئەگەر قوغۇشۇن ئۇنىڭ بەدىنىدە ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالسا، كېيىن بىر نېمە دېمەك تەس ،- دېدى .

- مېنىڭ قان تىپىم ئۇنىڭكىگە ئوخشايدۇ .بولمىسا مەن قان بىرەي؟ - دېدى قۇربان .

-قۇربان دېرىكتور، سىزمۇ ھازىر يارىلاندىىڭىز ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالمىسىڭىز بولمايدۇ . فۇرقەتنى دەپ سىزنى قۇربان قىلساق بولمايدۇ. سىز دېگەن ئۈرۈمچىنىڭ شاھزادىسى. قان مەسىلىسىگە كەلسەك ،بىز يەنە ئامال تېپىپ باقايلى ،- دېدى دوختۇر .

رەنا قۇرباننىڭ قولىنى مەھكەم تۇتقىنىچە :

-بىز، فۇرقەتكە ئىشىنەيلى ، ئۆزىمىزگە ئىشىنەيلى .بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئادىمى ئۇنداق بوشاڭ ئەمەس .

رەنانىڭ گەپلىرىدىن قۇربان ئۈمىدكە تولغانىدى.بىرئازدىن كېيىن فۇرقەت ئېلىپ چىقىلدى.فۇرقەت ئۇرۇقلاپ كىچىككىنە قالغاندى . قۇربان فۇرقەتنى كۆرۈپ بەكلا ئىچى ئاغرىپ كەتتى.

-دوختۇر ،قانچىلىك پۇل كەتسە مەيلى ،ئوغلۇمنى ياخشى داۋالاڭلار !-دېدى .

-خاتىرجەم بولۇڭ. بىزمۇ بارلىق كۈچىمىزنى چىقىرىمىز،-دىدى.

بىر ئازدىن كىيىن، ئەرفات بىلەن قادىرنىڭ ئاكىسىمۇ يېتىپ كەلدى 

داۋامى بار …



 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k