
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 53 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 51 |
50 |
49 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
52 - قىسىم
ئۇرۇمچى شەھىرىگە قونغاندا ،قۇربان رەنانىڭ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ھاياجانلانغانلىقىنى ھىس قىلدى . قۇربان چاپاننى كىيىپ ئۆزىنىڭ يارىلانغان يىرىنى ناھايىتى پۇختا يوشۇرۇپ قويدى. بۇ يىللاردا قۇربان دېگىنىنى دىگەن بولسىمۇ بىر قىسىمكىشىلەرنىڭ ھەستىنى قوزغاپ قويغان ئىدى .ئەگەر بۇ چاغدا قۇرباننىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىسا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ، قۇربان ئۆلۈپ كەتكىچە ئۆزىنىڭ سالاپىتنى يوقاتسا بولمايتتى . رەنا تاقەتسىزلىك بىلەن ئايروپىلاندىن چۈشتى. سىرتنىڭ ھاۋاسى سەل تۇتۇق ھەم ئادەمنى بىئارام قىلىپ بېسىم ھېس قىلدۇراتتى . قۇربان ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن، رەنانىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ تۆۋەن ئاۋازدا:
-جىددىيلەشمەڭ، مەن بار ،-دىدى رەناغا تەسەللى بىرىپ .
رەنا قولىنى تارتماقچى بولدى ،ئەمما قۇربان، ئۇنىڭ قۇلىنى مەھكەم تۇتۋالدى .روزى بولسا ئاللىبۇرۇن ئايروپىلاندىن چۈشۈپ ، ئۇ ئىككىسىگە ماشىنا تەييارلاپ ساقلاپ تۇرغان ئىدى
قۇربان بىلەن رەنا دەرھال ماشىنىغا چىقىپ ، رەنانىڭ ئاپىسى دادىسى بار ئۆيگە قاراپ ھەيدەپ كېتىشتى . ئۇ ماشىنا ھەيدەۋاتقان يوللارغا قاراپ ، كۆڭلىدە بۇ يول سەككىز يىللاردىن بېرى ئاياغ بېسىپ باقمىغان يول ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قۇرباننىڭ ئائىلىسىگە ياتلىق بولۇپ كىرگەن ۋاقىتتا ، ئۇ ئەسلىدە ئاتا ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاي دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن ،ئۇ ئۆيگە بارغاندىن كېيىن دادىسىدىن تاياق يەپ . ئانىسىدىن تىل ئاڭلىغان ئىدى . ئاپىسىمۇ بۇ ئىش سەۋەبلىك ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئىدى . شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئاتا ئانىسىنىڭ قېشىغا بارالمايدىغان ھالەتكە بېرىپ قالغان . ئۇ ھەر قېتىم ئاتا ئانىسىغا ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئەۋەتكەن بولسا ، ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى نەچچە قېتىم ئەۋەتكەن نەرسىلىرىنى تاشلىۋەتكەن ئىدى . ئاتا ئانىسىنىڭ كۆڭلىدە رەنا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا رەنا نۇرغۇنلىغان قېتىم يىغلاپ-يالۋۇرغان بولسىمۇ ئامالسىز قالغانىدى . ئاتا ئانىسىنىڭ خاراكتېرى جاھىل بولغاچقا ، بۇ پەرزەنتنى ئۇلار قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالغان ئىدى .
ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ قۇربانغا يالۋۇرسىمۇ ،قۇربان بۇ ئىشقا ۋاقىت چىقارماي ، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان ، كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى ھەمدە بۇ خۇش -خەۋەرنى ئاتا ئانىسىغا دېمەكچى بولغانلىقىنى ھەمدە قورسىقىدىكى بۇ بالىنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ قوبۇل قىلىشنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن ،ئۇ ئوت ئاپىتىگە يولۇقۇپ پۈتكۈل ئۈمىدى كۆيۈپ بولغان ئىدى . ۋاقىت ئادەمگە ساقلاپ تۇرمايدىكەن . 8يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ چېكىسىگە يەنە قانچىلىك ئاق چاچ كۆپىيىپ كەتكەندۇ ؟ئاتا-ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشىمۇ بۇنىمۇ بىلمەيتى . رەنانىڭ پۈتۈن خىيالى ئاتا-ئانىسىدا بولۇپ، بۇ تونۇش كوچىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كۆز چاناقلىرى نەملەندى. قۇربان ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان ھالىتىنى كۆرۈپ بىلىكىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇۋالدى. ھەمدە :
- كەچۈرۈڭ، ئەينى يىلى سىزگە ئازار بەرگەن ئىدىم. تويدىن كېيىنكى 3 يىلدا، مەن پەقەت خىزمەت بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزغا بولغان تەلپۈنۈشىڭىزنى ئەسلا ئويلاپ باقمىدىم.ھەم سىزنىڭ قايتىپ كېلىپ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشىڭىزغىمۇ ۋاقتىدا ھەمراھ بولالمىدىم. بۇ مېنىڭ مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلمىغىنىم،- دىدى.
ئەسلىدە رەنا ، قۇرباننىڭ بۇنداق سۆزىنى ئاڭلاشنى ئويلىمىغان ئىدى . ئۇ ئەينى يىلى بۇ ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. ئۇ بۇ ئەر ئۈچۈن كۆپ يىل بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ ،قۇرباننىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.
- گەپ ئاڭلاڭ . يىغلىماڭ ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم. ئەگەر سىز ئۇۋالچىلىق ھېس قىلسىڭىز، مېنى ئۇرسىڭىزمۇ تىللىسىڭىزمۇ مەيلى. يىغلىماڭ سىز يىغلىسىڭىز مېنىڭ يۈرۈكۈم پىچاق تىلغاندەك بولۇپ كېتىدىكەنمەن ،- دېدى قۇربان رەنانى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ .
روزى بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . ئۇ ،قۇربانغا ئەگەشكىلى ئۇزۇن يىل بولدى ، لېكىن ،قۇرباننىڭ بىر ئايال ئۈچۈن بۇنداق بولغان ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . رەنا يىغلىغىنىچە چىدىيالماي ئاغزىنى ئېچىپلا قۇرباننىڭ بىلىكىنى چىشلىدى . قۇربان ئاغرىسىمۇ چىداپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى . رەنا خۇددى ئۆز ئازابلىرىنىڭ ئوتىدا جان تالىشىۋاتقاندەك قۇرباننى تېخىمۇ كۈچەپ چىشلەشكە باشلىدى . ئۇ بۇرۇندىن قۇرباننىڭ چىن مۇھەببىتىگە ئېرىشىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلاتتى . چۈنكى ،ئۇ قۇرباننى دەپ ئۆز ئاتا ئانىسى پۈتكۈل نام ئاتىقىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى . لېكىن ،رەنامۇ بۇ قېتىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇرباننىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ھېس قىلدى. بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ، رەنا قۇرباننى چىشلەشتىن توختىدى ھەمدە ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى . قۇربان ئۇنىڭ يىغلاۋاتقان ياشلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يىقىنلىشىغا :
-ماڭا چىقىلماڭ،- دېدى رەنا قۇرباننى سىلكىپ. قۇربان ئۇنىڭ جاھىللىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، يەنىلا ئۇنى زورلاپ قۇچىقىدا ياتقۇزدى ، يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ :
- مۇشۇنداق يىغلىغان پېتى ئاتا ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشسىڭىز ، ئۇلار سىزنى تونۇيالارمۇ ؟ ياكى سىز راستىنلا مۇشۇنداق پېتى ئاتا ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشمەكچىمۇ ؟
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
-ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى قانداقراق؟ ياخشى ئۆتۈۋاتامدۇ؟ - دەپ سورىدى رەنا .
- بەك ياخشى ، بەك يامان دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ . بەش يىلنىڭ ئالدىدا، سىز ۋەقەگە يولۇققاندىن كىىين ، ئۇلار تاس قالغان جېنىدىن ئايرىلىپ قالغىلى . لېكىن، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇلار بۇ دەرتنى توغرا چۈشىنىپ خىلى ئازادە ياشاشقا باشلىدى.ئەگەر ئۇ سىزنىڭ ھايات ئىكەنلكىڭىزنى بىلسە چۇقۇم ، سىزنى قوبۇل قىلىدۇ،-دىدى قۇربان.
رەنانىڭ بولسا يۇرىكى سۇقۇپ جىدىيلىشىپ كەتكەنىدى .ماشىنا بارغانسىرى ، ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يىقىنلاپ قالغان بولۇپ ، رەنا تىخىمۇ جىدىيلىشىپ قوللىرى تىترەپ كەتكەن ئىدى . قۇربان ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
-رەنا ،سىز ھازىر سوفىيە سالاھىتى بىلەن ئۇلار بىلەن كۆرىشسىز ؟يەنى ئۆزىڭىزنى تۇنۇشتۇرغاندامەن ،رەنانىڭ دوستى دىيشىڭىز كىرەك . ھازىرقى ، ئەھۋالدا ئۇلار سىزنى تونيالىشى ناتايىن.سىز جىدىيلەشمەي مەن دىگەندەك قىلسىڭىز قالغىننى ئۆزۇم ھەل قىلىمەن ،-دىدى قۇربان مۇلايىملىق بىلەن. قۇربان ماشىننى توختاتتى.رەنا نىم دىيىشنى بىلەلمەي قۇربان بىلەن تەڭ ماشىندىن چۇشتى .ئۇلار بارغانسىرى ئۇ ئۆيگە يىقىنلىشىپ قالغان ئىدى . بىرىپ قارسا ئاتا ئانسى ھە دەپ يۇك- تاقلارنى ماشىنىغا تۇشۇۋاتقانلقىنى كۆردى …
ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەمىسى ھەيران قالدى .شۇنىڭ بىلەن رەنا يانچۇقىدىن بىر تال قاشتىشى بىلەيزۇكنى ئاپىسىغا ئۇزاتتى .بۇ بىلەيزۇك بولسا ئۇ قىزىغا 23يىشىدا سوۋغا قىلغانىدى . ئاپىسى جىدىيلىشىپ :
-بۇ … بۇ… قىزىم رەنانىڭ نەرسىغۇ؟ مىنىڭ قىزىم قەيەردە ؟-دىدى .
تاس قالدى كۆزلىرى چاچراپ چىقىپ كەتكىلى .شۇنىڭ بىلەن رەنانىڭ ئىككى مۇرسىدىن چىڭ تۇتۋالدى ھەمدە رەناغا تىكىلىپ يىغلاپ تۇراتتى . رەنا بولسا ئۆزنىڭ سىلەرنىڭ قىزىڭلار دىگۇسى بار ئىدى. رەنا ئۆزىنى تۇتۋالغان ئىدى .ھەمدە ئۇ بۇش ئاۋازدا
-قىزىڭلار ، بىر بىخەتەر جايدا داۋالىنۋاتىدۇ.ھامما، مىنىڭ بۇ يەرگە كىلىشىم مۇشۇ ئىشنى سىلەرگە ئىيتىپ قويۇش ئىدى. ئۇ ساقايغاندا ،سىلەرنى ئىزدەيمەن ،- دىدى . شۇڭلاشقا يات ئادەمنىڭ گىپىگە ئىشەنمەڭلار .قىزىڭلارنىڭ كىلىشىنى كۇتۇڭلار!
-مىنىڭ ، قىزىمغا نىمىش بولدى ؟ ماڭا دەڭە؟ -دىدى يىغلاپ تۇرۇپ .رەنا سەل گىلىنى قىرىۋەتكەندىن كىيىن :
-ھامما ،ئۇ ئوت ئاپىتىگە ئۇچراپ بەدەنلىرى كۆيۇپ كىتىپتۇ .ئۇ ھازىر داۋالىنۋاتىدۇ .ئۇ قايتىپ كەلسە سىلەر يەنە ئۇنى قۇبۇل قىلامسىلەر ؟
-نىمىشقا ئۇنداق قىلغىدەكمەن. ئۇ دىگەن منىڭ قىزىم. توققۇز ئاي قورساق كۆتۇرۇپ تۇققان نىمىشقا قوبۇل قىلمىغۇدەكمەن؟
بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىق يۇز بىرىپ ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ئىدۇق .لىكىن ، ئۇ بىر ئۆلۇپ بىر تىرىلىپ ھايات قاپتۇ.دادىسى بىلەن مىنىڭ قانچىلىك ئۆمرۇم بار دەيسىز . بىزنىڭ بىردىنبىر ئۆمۇدىمىز بولسا ،ھايات ۋاقتىمىزدا قىزىمىزنى بىر كۆرۋالساق بىز شۇنىڭغا رازى ئىدى ،-دىدى يىغلاپ تۇرۇپ .
رەنا گەپ قىلماي جىم تۇراتتى .ئۇ شۇ تاپتا ئاتا ئانسىنى مەھكەم قۇچاقلىغۇسى بار ئىدى .قۇربانمۇ پات پات رەناغا قاراپ قوياتتى .
رەنا يىنىدىن يەنە بىرنەچچە پارچە رەسىمنى چىقىرىپ :
-مەندە ، ئۇنىڭ يەنە بىر نەچچە پارچە رەسىملىرى بار .كۆرۇپ بىقىڭلار !
-ماقۇل... ماقۇل .قىنى بىز كۆرۇپ باقىلى ،-دىدى .
ئۇلار جىدىيلىشىپ .رەسىمنى كۆرۇشكە باشلىدى .بىر ئازدىن كىيىن ،ياردەمچى روزى كەلدى .ئۇ ماشىندىن چۇشۇپلا ئالدىراش :
-قۇربان دىرىكتۇر، قادىرنىڭ ئانىسى سوفىيە خىنىمنى ئەرز قىپتۇ ،-دىدى . قۇربان بۇ گەپنى ئاڭلاپلا:
-دادا -ئاپا، مىنىڭ شىركەتتە بىجىردىغان ئالدىراش ئىشىم چىقىپ قالدى . سىلەر سوفىيە خىنىم بىلەن ياخشى پاراڭلىشىڭلار .مەن كىيىن ئۇنى ئالغىلى كىلەي،-دىدى . قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، رەنا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى .
-ئەجەبا ، ئۇنىڭ باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشنى ئۇنىڭ ئاڭلىغۇسى يوقمىدۇ ؟ ئايالىڭىزنىڭ خەۋىرىنى نېمىشقا ئاڭلىمايسىز ؟ شىركەتتىكى قانداق ئىش ئۇ بۇنچە ئالدىرايدىغان ؟- دېدى رەنانىڭ ئاپىسى قاپىقىنى تۈرگىنىچە
-بولدى ، كۈيئوغلىمىز ،شىركەتنىڭ ئىز باسارى . ئۇ چۇقۇم رەنانىڭ ئۇچۇرىنى ئوبدان بىلىدۇ . سوفىيە خېنىم قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا دەپ بەرسە بولمىدىمۇ؟ قۇربان ،سىز كېتىۋېرىڭ .بىز ھىچ يەرگە بارمايمىز ،-دىدى .
- رەھمەت ،دادا .
قۇربان شۇنداق دېگىنىچە، رەناغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن روزىغا:
- ماڭايلى ،-دىدى .
شۇنىڭ بىلەن قۇربان كەتتى . رەنا ئاتا - ئانسى بىلەن ئۆيىگە كىردى .ئۆي بولسا بۇرۇنقىغا ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى . ئۇ ساپاغا بىرىپ ئولتۇردى . ئاپىسى بولسا جىق گەپ قىلماي ،ئۇنۇڭغا بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ بەردى. رەنا چايدىن بىر يۇتۇم ئىچكەچ بىر پارچە خەتنى ئۇلارغا سۇندى ھەمدە :
-ئاچا،بۇ قىزىڭلارنىڭ سىلەرگە يازغان خىتى.
ئۇلار خەتنى ئالدىراپلا ئاچىتى خەت دەل قىزى يازغان خەت ئىدى . ئۇلار بىر كۆرۇپلا خەتنى تۇنۋالغان ئىدى.
-قىزم، رەنانىڭ خىتى ؟- دىدى دادىسى ھاياجانلىنىپ. بۇ خەت بولسا بايا ئۇ ماشىندا ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئالدىراپلا يازغان خەت ئىدى .خەتتە بەش يىل ۋاقىت ئىچىدە ئاتا ئانىسىنى سېغىنغانلىقى ھەمدە بۇ بەش يىل ئىچىدىكى تارتقان جاپالىرىنى ھېس تۇيغۇلىرىنى ئاددىيغىنا ئىپادىلەپ يازغان ئىدى . ھەمدە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بىر بالا تۇغقانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئەرفات ئىكەنلىكىنى ،بالىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق كېلىشكەن ساغلام ئىكەنلىكىنى ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ، سوفىيە خېنىم ئۇلارغا كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى .ئۇلار خۇشالىقىنى باسالماي :
-ۋاھ ،بىزنىڭ ... بىزنىڭ نەۋرىمىز بوپتۇ . خوتۇن كۆردىڭلىمۇ ؟بىزنىڭ نەۋرىمىز بوپتۇ ؟
ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىتىن قېن -قېنىغا پاتماي قالغانىدى.
-بىزنىڭ نەۋرىمىز قەيەردە ؟ -دەپ سورىدى رەنانىڭ ئاپىسى ؟ رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ ، ئۇ بىر جايدا مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ .بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ،مەن ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىمەن . ئىشىنىمەنكى ، ئۇمۇ سىلەرنى چوقۇم ياخشى كۆرىدۇ .
-شۇنداق بولىدۇ .ئەلۋەتتە ، شۇنداق بۇلىدۇ ،-دىدى رەنانىڭ ئاپىسى .
-ھامما ،ھەممە ئىشلار ياخشىلىنىشقا قاراپ كېتىپ بارىدۇ .شۇڭلاشقا سىز جىق ئەنسىرەپ كەتمەڭ . سالامەتلىكىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ ، ۋاقتى كەلگەندە قىزىڭلار رەنا بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىتا، قىزىڭلار سىلەردىن ئەنسىرەپ قالمىسۇن ،-دىدى .
- ماقۇل ،سوفىيە خىنىم .ئەگەر سىزنىڭ باشقا ئىشىڭىز بولمىسا ، بۈگۈن كەچتە تاماقنى بىزنىڭ ئۆيدە يەڭ . بۇ ئۆينىڭ ئاشخانىسى كىچىكرەك ،رەنا كىچىك ۋاقتىدا مەن ئىتىپ بەرگەن تاماقنى ياقتۇرۇپ يەيتتى . ئەگەر ، سىز خالىسىڭىزلا،-دىدى رەننىڭ ئاپىسى .
-ماقۇل ، مەن يەيمەن .خالايمەن …
- ئەمىسە ،مەن تاماققا تۇتۇش قىلاي .
ئاپىسىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ، رەنانىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشكەن ئىدى . چۈنكى ،بۇ ئۆيگە سەككىز يىلنىڭ ياقى كېلىپ باقمىغان ئىدى . رەنا راستلا ئۆينى بەكلا سېغىنغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېلېفوننى ئالدىدە رەسىملەرنى ئاپىسىغا كۆرسەتتى
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



