
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 103 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ

ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
102 - قىسىم
دوختۇر يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر يەردە دەپمۇ يۈرمەڭ، بۇ ئىش يۈز بەرمىگەن قاتارىدا بولسۇن . مەن قىزىمغا بۆرىكىمنى بېرىشكە تەييار،-دېدى قۇربان .
بۇ ۋاقىتتا دوختۇر ئۇنىڭغا يەنە بىر دوكلاتنى سۇندى . بۇنى كۆرۈپ قۇربان ھەيران قالدى .
قۇربان دوكلات قەرغىزىنى كۆروپ ھەيران قالدى.
-ئەپەندىم ، ئەسلى بۇ دوكلاتنى سىزگە كۆرسەتمەيلى دېگەن ئىدۇق. سۈرىيە خېنىمغا تەقدىم قىلغان بۆرەك قارشى تەرەپكىمۇ ماس كەلمەيدىكەن . لېكىن ،قارشى تەرەپ قاتتىق جىكىلەپ سىزنىڭ بەرمەسلىكىڭىزنى ئېيتتى . ئەجەبلىنەرلكى شۇكى، بىز قارشى تەرەپنىڭ سالامەتلىكنى تەكشۈرگەن ۋاقتىمىزدا ، قارشى تەرەپنىڭ سۆڭەك يىلىكىدە زەھەر بارلىقىنى بايقىدۇق. لېكىن ،قارشى تەرەپنىڭ يېمەك ئىچمەك ئادىتى ياخشى بولغاچقا ، بۇ زەھەر ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلىپمۇ كەتمىگەچكە ئۇنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەپتۇ ،-دىدى دوختۇر .
قۇربان ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قوللىرى تىترەپ كەتكەن ئىدى . چۈنكى، ئۇ كۆڭلىگە ھېچكىمنىڭ ئاپىسىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلغانلىقىغا ئەقلى يەتمىگەنىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاپىسى بولسا چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئىدى . ھەمدە گۇرۇھتىكى بارلىق ئىشلارنى ئوغلى قۇربانغا قىلدۇرغانىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا كىمنىڭ ئاپىسىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىغا ئۇ ئەجەبلىنىپ تۇراتتى .
-دوختۇر ، مېنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىم قانداقراق ؟ -دېدى قۇربان .
-سىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز شۇنداق ياخشى ، باشقا ئېغىر مەسىلە يوق ئىكەن .بىراق ئۆپكىگە سەل ئېغىر زەخمە يەتكەچكە ، بۇنىڭدىن كېيىن ياخشىراق دىققەت قىلسىڭىز ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ،-دىدى دوختۇر بېشىنى لىڭشىتقىنچە.
قۇرباننىڭ ئەس يادى ئاپىسى ئىدى . ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئاپىسىغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنىڭ غۇجىدار ئايال ئىكەنلىكىنى ئىسىگە ئالدى.
- دوختۇر ئاپامنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق دەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟ -دېدى قۇربان. دوختۇرغا تىكىلىپ تۇرۇپ .
- مەن ،ئۇنى تېخى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ باقمىدىم . بەزى ئىشلارغا مەنمۇ بىر نەرسە دېيەلمەيمەن . ئەگەر ، شارائىت بولسا، مەن ئۇنى قايتىدىن بىر تەكشۈرۈپ باقسام بولىدۇ ،-دېدى دوختۇر .
-بولىدۇ . مەن ئامال قىلىپ ئاپامغا ئۇقتۇراي،-دىدى قۇربان.
قۇربان دوختۇر بىلەن خوشلىشىۋالغاندىن كېيىن كېسەلخانا ئۆيگە قايتىپ كىردى . كېسەلخانا ئۆيدە سۈرىيە بىلەن فۇرقەت شېرىن ، ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتاتتى . ئۇنىڭ كاللىسىنى نۇرغۇن خىياللار چىرمىغانىدى . چۈنكى، ئۇ ئاپىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى .يەنە بىر تەرەپتىن رەنانىڭ ئىشى ، ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ بىئارام قىلغان ئىدى. توساتتىن روزىدىن خەۋەر كەلدى. ئۇنىڭ دوكلات قىلىشىچە ، سەمەت بىر مىليون پۇل چىقىرىپ ھېلىقى كېچىلىكتە قاراقچىنى سېتىۋالغان ئىكەن . ئۇ سەمەت سىتىۋالغان ئايالنىڭ شۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى دىدى.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدى . ئىنىقلا ئۇنىڭدىن گۇمان قىلغان ئىدى.ئۇ تەكشۇرۇشنى يەنىلا روزىغا تاپشۇردى ھەمدە دۇكلاتنى كۆرۇپ ئاپسىنىڭHR مۇسبەت قان تىپى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
-بۇ قان تىپى توغرىمۇ؟دەپ سوردى .
- شۇنداق. دەپ جاۋاب بەردى دوختۇر،
-ئۇنداقتا HR مۇسبەت قان تىپى بىلەن HR مەنپىي قان تىپى ھامىلدار بۇلۇش مومكىنمۇ دەپ سوردى.قۇربان.
دوختۇر كېسىپلا جاۋاب بەرگەن ئىدى . چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ھەمدە قىزىنىڭ HR مەنپىي قان تىپ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ ئاپىسىنىڭ HR مۇسبەت قان تىپ ئىكەنلىكىنى بايقىدى.چۇنكى ئۇ ئۇزىنىڭ ئاپسىنى ئۇز ئاپىسىمۇ ئەمەسمۇ دەپ قايمۇقۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىخىمۇ ئىنچىكە تەكشۇرۇش ئۇچۇن دۇختۇرغا تاپلىدى ھەمدە ياتاق ئۆيگە كىردى. ئۇ كىرىپلا ئاپسىڭ سۇرىيە ،فۇرقەت بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
- ئاپا، سىزمۇ كەپسىزغۇ ؟-دىدى قۇربان.
-دادا، بۇ مۇماي بىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلدى. بىزگە بىرمۇنچە سۇغات بەردى.بىز بەك خۇشال بولدۇق ،- دىدى سۇرىيە خۇشال بۇلۇپ.
-بۇ سىلەرنىڭ چوڭ ئاپاڭلار . ئۇ سىزنىڭ ئوپېراتسىيەگە چۈشىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ تىز سۇرەتتە سىزگە ھەمراھ بولغىلى يىتىپ كەلدى ،-دىدى قۇربان.
-راستىمۇ؟ مۇما . نىمدىگەن ياخشى،-دىدى سۇرىيە خۇشال بۇلۇپ.
قۇربان ئاپسىغا بىرقۇر قارۋەتكەندىن كىيىن دوختۇردىن يەنە بىر قىتىم ئاپسىنىڭ ئەھۋالىنى سوردى . دوختۇر بولسا يەنىلا ئاۋالقىدەكلا جاۋابنى بەردى .قۇرباننىڭ يۇركى ئاغرىپ كەتتى. چۇنكى، ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئايالنىڭ ئۇز ئاپسى ئەمەسلىكىنى ئويلاپ بەكلا كۆڭلى يىرىم بولغان ئىدى.ھەمدە تاماكىسىنى ئىلىپ قاتتىق شوراشقا باشلىدى.ئارقىندىىلا ئاپسى چىقىپ قالغان ئىدى.
-بۇ يەردە تاماكا چەكسەڭ قانداق بۇلىدۇ؟ بالىغا زىيانلىق. چەكمىگىن!-دىدى .قۇربان ئاپسىغا تىكلىپ قاراپ تۇرۇپ:
-ئاپا، ئەينى ۋاقىتتا سىز مەن بىلەن ئىنىمگە قۇرساق كۆتۇرگەندە بەك قىيلىنىپ كەتمىگەن بولغىيتىڭىز؟- دېدى قۇربان .
ئاپىسى بىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن:
- مەن، سىلەرنى يەڭگىيمەن دەپ كۆرمىگەن جاپا مۇشەققەتلىرىم قالمىغان ئىدى . ئۇ ۋاقىتتا قان كۆپ چىقىپ كەتكەچكە ، دوختۇر خەتەرلىك،- دېدى . كېيىن داداڭ ئاماللارنى قىلىپ قان تېپىپ تولۇقلاپ ئامان ئېسەن سەن ۋە ئىنىڭنى يەڭگىدىم . ئۇ ۋاقىتتا داداڭ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى . مەنمۇ ئىككىڭلارنى ئامان ئېسەن يەڭگىگەنلىكىم ئۈچۈن قانائەت ھېس قىلدىم ھەمدە پۈتكۈل مېھرىمنى بېرىشكە باشلىدىم ،-دىدى ئاپسى.
قۇربان سەل ھەيران قالدى .چۇنكى ،ئۇ نىمە دەپ گەپ قايتۇرۇشنى بىلەلمەيۋاتاتتى.
-ھە،بولدى ئاپا.مەن سىزگە بۇندىن كىيىن تىخىمۇ ۋاپادارلىقىمنى كۆرسىىتىمەن،-دىدى قۇربان.
-رەخمەت، ئۇغلۇم ساڭا،-دىدى ئاپىسى .
مەن سۇرىيەگە يەيدىغان نەرسە سىتۋالغان ئىدىم،-دىدى –دە، كىسەلخانا ئۇيگە كىرىپ كەتتى.
قۇربان ئاپسنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇردى.لىكىن يەنىلا دوختۇر چىقارغان يەكۇن ئۇنىڭ يۇرىكىنى قىينايتى.ئىشقىلىپ ئۇخىل قان تىپىنىڭ ئاسان ھامىلدار بولماسلىقى ئىنىق ئىدى.
قۇرباننىڭ كاللىسنى نۇرغۇن خىياللار چىرمىغانىدى . ئۇ كۆپ ئىشلارنى ئويلاپ ئولتۇرماي ئاخىرى دىققىتىنى رەناغا قويدى. ئۇنىڭ كاللىسىدا سەمەت ئايرىم سېتىۋالغان ھېلىقى داچىدىلا قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ سەمەتنىڭ يېڭى سېتىۋالغان ئۆينىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر كىچىك ئۆيگە ئورۇنلاشتى . ھەمدە روزىغا تېلېفون قىلىپ ئاپىسى ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا تاپىلىدى . كەچ بولغاندا سەمەتنىڭ ئۆينىڭ ئەتراپى يوپيورۇق ئىدى. ئەجەبلىنەرلىك شۇكى ، ئۇ سىرتقا چىقىپ باقمىغان ئىدى . قۇربان ئۇنىڭ ئورناتقان كۆزىتىش ئاپپاراتىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . قۇربان ئۇزۇن ئۆتمەيلا سەمەتنىڭ يەر ئاستى ئۆي خەرىتىسىگە ئېرىشتى ، ھەمدە بىر ئۆيگە قاراپ ماڭدى . ئۇ ئۆزىنىڭ سېزىمىغا ئاساسەن سەمەتنىڭ ئۆيىگە يېقىنلاشقان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا ، سەمەت سافادا چاي ئىچىپ ئولتۇرغاچ ، قولىدا بىر رەسىمگە كۆزنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى . بۇ رەسىم بولسا بەش يىل ئاۋالقى رەناغا ئوخشايدىغان بىر قىز ئىدى . بۇنى قۇربان كۆرۈپ سەل ھەيران قالغانىدى.
يېنىدىكى كاتىپ بوش ئاۋازدا:
- دېرىكتور ، بۇ رەسىم قەيەردىن كەلگەن؟ بۇ 5يىل ئاۋۋالقى رەناغا ئوخشايدىكەنغۇ . ئېسىمدە قېلىشىچە سىز بۇ رەسىمنى كۆيدۈرۋەتكەنتىڭىز؟- دىدى.
سەمەت بېشىنى قايرىپ قاپىقىنى تۈرگىنچە… -مەن بۇ رەسىمنى ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن ئېلىۋالغان ئىدىم . ھېلىقى قارا كەچلىك بازاردا مەن ئۇنى ئېلىپ ماڭغان ۋاقتىمدا ئۇ قېشىغا يوشۇرۇپتىكەن ،- دېدى بۇ رەسىم رەنا خېنىمنىڭ بۇرۇنقى رەسىمى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
- ئۇنداق ئەمەس. بۇ رەسىمگە ئۇزۇن ۋاقىتلار بوپتۇ ، ئەتراپلىرى سارغىيىپ كېتىپتۇ .بۇ كونا رەسىمكەن .ئۇ قارىماققا رەسىمدىكى ئايال رەناغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشىسىمۇ، لېكىن سىنچىلاپ قارىساڭ ئوخشىمىغان تەرەپلەرنى بايقىيالايسەن ،-دىدى سەمەت.
قۇربان ئۇنىڭ گەپلىرىنى يوشۇرۇنچە ئاڭلاپ ئاچچىقى كېلىپ كەتكەن ئىدى . كاتىپ بوش ئاۋازدا:
- دېرىكتور ،بۈگۈن يەنە بىرەيلەن سىزنىڭ شەخسى ھېساباتىڭىزنى تەكشۈرۈپتۇ .
- نېمە ئادەم ؟ -دېدى سەمەت قاپىقىنى تۈرگىنچە .
-مەنمۇ ئېنىق ئۇقمايمەن. قارشى تەرەپنى تېخى تەكشۈرمىدۇق .قارىسام، ئۇ بىر كومپيۇتېر پېشۋاسى ئوخشايدۇ . لېكىن ،سىزگە ھۇجۇم قىلغان قارا مېھمان بولسا چەتئەلدىكىلەر ئىشلىتىدىغان نومۇر ئىكەن ،- دېدى كاتىپ . قۇرباننى تەكشۈردۈڭلارمۇ ؟ئۇنىڭغا بىر نەچچە كۈن بولدى . نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ ؟ -ئاڭلىشىمچە ،ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېتىپتۇ. ئۆيىدە ئازراق ئىش بوپتىكەن . بىراق ، ئۇ غۇجىدار ئايالنى تۇتۇۋاپتۇ ،-دېدى كاتىپ . سەمەتنىڭ قاپىقى يەنەتۈرۈلۈشكە باشلىدى .
-بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن. غۇجىدار ئايالنى نېمە سەۋەبتىن تۇتۇۋالىدۇ ؟-دىدى سەمەت -بۇنداق بولسا بىز ھىچقانداق يىپ ئۇچىغا ئىرشەلمەيمىز. ئاڭلىشىمىزچە، قۇرباننىڭ ئادەملىرى بۇ ئايالنى تۇتۇپ قادىرنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ،- دېدى كاتىپ .
-بۇ ئىشنىڭ قادىرنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟
- مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن. ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋاپتۇ ئاڭلىشىمىزچە قادىرنىڭ ئۆيدىكىلىرى بۇ ئىشقا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدىكەن ،-دىدى كاتىپ . -ئۇلار بۇ ئىشقا قول تىققىنىغا قارىغاندا ئۇلار رەنانى ياخشى كۆرىدىكەندە ؟- دىدى سەمەت . جاۋاب بېرەلمەي قالدى . مۇشۇ ۋاقىتتا پەستىكى بىر خىزمەتكار گەپ قىستۇردى.
- دىرېكتور ،پەستىكى خېنىم تاماق يېگىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ قانداق قىلىمىز ؟ -دېدى . سەمەت ئاچچىقلانغنچە ، كۆز ئالدىدىكى بىر ئىستاكان سۈتنى ئۇلار قاراپ ئاتتى، خىزمەتكار بىلەن كاتىپ ئارتۇق گەپ قىلالماي قالدى .بۇ ۋاقىتتا كاتىپ؛
-دېرىكتور ، ئاڭلىسام بۇ قېتىم قۇرباننىڭ ئاپىسى كەپتۇ . ئۇ سۈرىيەگە بۆرىكىنى ھەقسىز تەقدىم قىلىدىكەن . ھەمدە قەتىي نىيەتتە تەقدىم قېلىشنى قارار قىپتۇ ،- دېدى . سەمەت نىيتىنى بۇزۇپ:
- دەرۋەقە ، ئۇلار نەۋرىسى بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن بولسا بۇ پۇرسەتنى ئۇنىڭغا پەقەتلا بەرگۈم يوق . سۈرىيەنىڭ داۋالىنىۋاتقان دورىسىغا ئارتۇق مىقدار دا دۇرا قىتۋىتىڭلار مۇشۇنداق بولغاندا ئۇلار بالدۇرراق ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېتىدۇ ،- دىدى سەمەت.
- دېرىكتور، ئۇنداق قىلساق قەتىي بولمايدۇ .سۈرىيە خېنىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەر قانداق دورا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ. ناۋادا ئۇ ئۆلۈپ كەتسە…دىدى كاتىپ،
- ئۆلسە ئۆلمەمدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن 5يىل ۋاقتىمنى سەرىپ قىلدىم . ئۇنىڭغا مۇشۇنچلىك قىلغىنىم يېتەر . ئەگەر ،رەنانىڭ يۈزىنى دېمەيدىغان بولسام مەن پۈتۈن كۈچۈمنى ئىشلىتىپ ، ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالارمەنمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يا مەن بىلەن رەنانىڭ قىزى ئەمەس.
-بىراق ، ھازىر رەنا خېنىم سۈرىيەگە بىرەر ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ قالسا ناۋادا ....
-ناۋادا ئۇ ياشىيالماي قالارمۇ ؟
-ئۇ دېگەن مېنىڭ ئادىمىم . ئۇنىڭ ھەر قانداق ھالىتى ماڭا تەۋە . ئۇ ماڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇشى كېرەك . سۈرىيە ئۈلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ . رەنا چۇقۇم مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىشى كېرەك . قۇربان بىلەن رەنانىڭ مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان ئۈزۈلدى . شۇڭلاشقا ھازىر ئامال قىلىپ بالدۇرراق ئۇلارنى كەتكۈزۈۋېتىشنىڭ ئامالىنى قىلايلى . ئەگەر، ئۇ ساقىيىپ قالسا رەنا قۇرباننىڭ قېشىغا كېتىمەن دەپ غەلۋە قىلىدۇ . مەن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە رازى . قۇربان يۇرتقا قايتقان ۋاقىتتا يول ئۈستىدە ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتەيلى ،-دىدى سەمەت.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ