大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 103 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 103 - قىسىم aybarawazi
2024-05-01
1
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !

  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 104 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86
97
96
95
94
93
92

102
101
100
99
98


سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


103 - قىسىم

 

قۇربان يۇرتقا قايتقان ۋاقىتتا يول ئۈستىدە ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتەيلى ،-دىدى سەمەت.

كاتىپ ئارتۇق گەپ قىلالمىدى .باشقا خىزمەتكارلارمۇ ئارتۇق گەپ قىلالمىدى . سەمەت بوش ئاۋازدا: 

-مەن چىقىپ رەنانى كۆرۈپ كېلەي . دېگىنىچە يەر ئاستى ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى . دېمەك قۇربان ھەممىنى ئاڭلىغانىدى. ھەممە ئىشنى كۆرگىلى بولاتتى . كاتىپ  سەمەتنىڭ چىقىپ كەتكىننى كۆرۇپ: 

- سەمەت دىرېكتور، راستىنلا ئۆزگىرىپ بەك قورقۇنۇچلۇق بولۇپ كېتىپتۇ ،-دىدى.

 خىزمەتكار ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋالدى .ھەمدە ئۇنى كەتكۈزۋەتتى،  بۇ ۋاقىتتا كاتىپنڭ دەرھاللا دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلىدىغانلىقىنى قۇربان ھىس قىلىپ دەرھاللا روزىغا تېلېفون قىلدى .

-  گېپىمنى ئاڭلا! سەن ھازىرلا سۈرىيەنى فۇرقەتنى ئاپامنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەي ، دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكىن !-دىدى .

- دېرىكتور ھازىر سۈرىيە خېنىم دوختۇرخانىدىن ئايرىلسا بولمايتتىغۇ ؟قانداقمۇ ؟… 

-بولدى. ئارتۇق سورىما .ئۇلارنى ئېلىپ چىقىپ كەتسەڭلا بولدى. ئەگەر ، سېستىرا ۋە دوختۇرلارغا ئۇچىراپ  قالساڭ ئۇنى گۈللۈكنى ئايلاندۇرۇپ كېلەي دېگىن . ھېچقانداق شەپە چىقارما . مەن ھازىرلا بېرىپ سىلەرنى ئالغىلى بارىمەن ،-دىدى  ھەمدە تېلېفوننى قويۇۋەتتى . ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ تېز سۈرەتتە ماشىنا ھەيدەپ دوختۇرخانا تەرەپكە ماڭدى . روزى كېسەلخانا ئۆيگە كىرىپ بولغان ئىشلارنى قۇرباننىڭ ئاپىسىغا  ئېيتتى . ئۇ سۈرىيەگە: 

- سۈرىيە خېنىم ،دوختۇرخانىنىڭ ئەتراپىنى مومىڭىز كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولدى . بىللە چىقىپ ئايلىنىپ كىرىڭ . ئۇ يەر بەكلا چىرايلىق ،-دىدى.

-  ماقۇل. مەن بەكلا خوش بولدۇم . ئۇنداقتا مەن كىيىمنى كىيىۋالاي بولمىسا زۇكامداپ قالىمەن ،-دىدى .

-ماقۇل ،دىدى .

روزى  بۇ ۋاقىتتا فۇرقەتنمۇ بىللە ئىلىپ ماڭدى  . ئۇلارئىككىگە بۆلۇنۇپ  چىقماقچى بۇلدى. فۇرقەت بىلەن روزى ماڭماقچى ئىدى،  مومىسى سۈرىيەنى بىللە ئىلىپ چىقىپ كەتمەكچى ئىدى .دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا دوختۇر بىلەن سېستراغا ئۇچراپ قالدى . بۇ ۋاقىتتا دوختۇرلار ئۇنى تۇسۋالدى 

  -بۇنچە كەچتە قەيەرگە بارىسىلەر؟ سۈرىيە خېنىمنى قەيەرگە ئاپىرىسىز ؟- دىدى دوختۇر، 

 بۇ ۋاقىتتا ،قۇرباننىڭ ئاپىسى ماڭالمايتتى . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ تەلەپپۇزنى ئۆزگەرتمەي: 

- سۈرىيەنىڭ ھالىتى خېلى ياخشى بولۇپ قاپتۇ مەن ئۇنى دوختۇرخانىنىڭ كەينىدىكى گۈللۈكتە ئايلاندۇراي دېۋىدىم . مۇشۇنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ مەيلى،-دىدى.

-  ئۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ خانىم . سۈرىيە كىچىكىدىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە ھېچ يەرگە چىقىپ باقمىغان . ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىمۇ يار بەرمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن ئۆتمەي ئوپېراتسىيە قىلىمىز . شۇڭلاشقا بىز ھازىر ئۇنىڭغا ئوكۇل ئۇرىمىز .  بۇنداق قىلساق ئوپېراتسىيەنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ،-دىدى دە  ئىككى ئۈچ سېسترا ئۇلارنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى .

- بۇنچە كەچ بولغاندا ئۇلارغا يەنە نېمە ئوكۇل ئۇرىسىلەر؟ ئوكۇل ئۇرساڭلارمۇ ئوغلۇم كەلگەندىن  كيىن ئۇرۇڭلار . ئوپېراتسىيە قىلىش دېگەن شۇنچە چوڭ ئىش تۇرسا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابائاتلىرى  ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئاندىن قىلالايسىلەر؟ -دىدى .

 سۈرىيەمۇ مۇمىسىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:

-  موما ، ھېچقىسى يوق. ماڭا كۈندە ئوكۇل ئۇرىدۇ مەن كۆنۈپ كەتتىم ئاغرىمايدۇ!  مومىسى سۈرىيەگە قاراپ كۈلۈمسىرىگەنچە:  

-ئەخمەق بالا . مەن ئوكۇلنىڭ تەمىنى ئوبدان بىلىمەن . بۈگۈن ئۇرغۇزمايلى؟ دادىڭىز كەلگەندە ئاندىن دېيىشەيلى بولامدۇ ؟ 

-بۇلىدۇ؟- دىدى سۇرىيە.

  دوختۇر قۇرباننىڭ ئاپىسىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، قاپىقىنى تۈرگىنىچە:

-  خانىم . بىز ئادەتتە ئۇنىڭغا ئوكۇل ئۇراتتۇق . ئەگەر ،سۈرىيە خېنىم بۈگۈن ئوكۇل ئۇرغۇزمىسا بۈگۈن كەچتە ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ . سۈرىيە خېنىمنى دوختۇرخانىدا بېقىۋاتقىلى 5يىلدىن ئاشاي دېدى . ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىزگە ئايان. شۇڭلاشقا بىزنى توسمىسىڭىز .بىزنىڭ داۋالىشىمىزغا ئاكتىپ ماسلاشقان بولسىڭىز ،-دىدى . ھەمدە ئۇرۇندۇقنى بىللە ئىلىپ مىڭىشقا باشلىدى.بۇۋاقىتتا ،قۇرباننىڭ ئاپىسى قۇرالنى چىقىرىپ تۇرۇپ: 

- مەن كۆرۈپ باقاي. بۈگۈن مېنىڭ نەۋىرەمگە  كىم چېقىلىدىكىن؟  مەن سىلەردىن قەتىي قورقمايمەن . شاڭخەيدىمۇ مېنىڭ ئۆزۈمگە چۇشلۇق سالاھىيىتىم بار . گەرچە بۈگۈن مەن سىلەرنى تاپانچىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتسەممۇ . ھىچكىم سورىقىنى قىلمايدۇ . ئۆلۈمدىن قورقمايدىغانلار كەلسەڭلار بولىدۇ . سۈرىيە بىزنىڭ ئائىلىنىڭ نەۋرىسى ئۇنى قانداق داۋالىتىشقا كەلسەك  بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنىڭ دېگىنى ھېساب . سىلەر دوختۇر بولساڭلارمۇ بىزنىڭ پىكرىمىزنى ئاڭلىشىڭلار كېرەك !-دېدى قاپىقىنى تۈرگنچە . 

ئۇنىڭ ئەلپازى ئىنتايىن يامان ئىدى .ئەمدى ئەتراپتىكىلەرمۇ قورقۇپ كەتكەن ئىدى .

- خانىم ،سىز قايناپ كەتمەڭ بۇلامدۇ؟  بىز پەقەت سۈرىيەگە ياخشى بولسۇن ، دەپ  مۇشۇنداق قىلغان ئىدۇق . بولدى قۇرالنى يىغىشتۇرۇڭ . سۈرىيە قورقۇپ كەتمىسۇن! –دىدى.

- ھەمىڭلا چىقىپ كىتىڭلار، ھەمىڭلار كىتىڭلار !-دىدى دە  سۇرىيەنى قايتىپ ئەكىردى.

- مۇما، سىلەر ئۇيۇن ئويناۋاتامسىلەر؟ -شۇنداق،  ئاپپاق قىزىم، بىز ئۇيۇن ئۇيناۋاتمىز؟ -دىدى مۇمسى.. 

-مۇما،  نىمدىگەن قىززىق. مۇما بۇ تاپانچىنى مەنمۇ ئۇيناپ باقايچۇ؟- دەپ قۇرالنى قۇلىغا ئالدى.

  قۇرباننىڭ ئاپىسى بۇنى كۆرۈپ بەكلا قورقۇپ كەتتى . ھەمدە تېز سۈرەتتە ئۇنىڭ قولىدىكى قورالنى تارتىۋالدى . 

-بۇ ،سىز ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس . مەن باشقا بىر نەرسە تېپىپ بېرەي . سۈرىيە ئويۇننى ياخشى كۆرەمدۇ يوق ؟  بۇ ئويۇننى قانداق ئوينايدۇ ؟ - دېدى سۈرىيە قىزىقىپ . 

قۇرباننىڭ ئاپىسى نەۋرىسىنىڭ بۇ ئوماق ھالىتىگە قاراپ ، ئۇنى مەھكەم باغرىغا باستى ھەمدە: 

- سۈرىيە، ئېسىڭىزدە بولسۇن .مەيلى مەن سىزگە قانچىلىك ھەمراھ بولاي ، مېنىڭ قەلبىمدە سىز ھەممىدىن ئوماق ، چىرايلىق قىز . سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن،-دىدى .

 بۇ ۋاقىتتا قۇرباننىڭ ئاپىسى يىغلاپ سالاي دېگەن ئىدى . سۈرىيەمۇ ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: 

- مەنمۇ سىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن موما . ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولسا مەن سىز بىلەن بىللە باغچىغا بېرىپ مەيدان ئۇسسۇلىنى بىللە ئوينايمىز ؟- دىدى .

 قۇرباننىڭ ئاپىسى سۈرىيەنى مەھكەم قۇچاقلىدى . چۈنكى، ئۇنىڭغا مېھرى چۈشۈپ قالغانىدى . لېكىن ،بۇ ۋاقىتتا ئۇلار بۇ يەردىن ئايرىلمىسا بولمايتتى. ئايرىلمىسا سۈرىيەگە خەتەر بار ئىدى .بۇ ۋاقىتتا فۇرقەت بىلەن روزى ئاللىقاچان سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى . ئەگەر ئۇلار قايتىپ كىرىپ ، ئۇ ئىككىسىنى قۇتقۇزىمەن دېسە ئاۋارىچىلىق ئىدى. مومىسى سۈرىيەنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن:

-  بىز، بۇ يوتقان كىرلىكىنى بىرىسى –بىرىسىگە چىگىپ پەسكە چۈشەيلى قانداق ؟سىزمۇ ئەگىشىپ چۈشەمسىز ؟

- قانداق يامىشىدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن يامىشىمىز ؟ دېدى سۈرىيە ھەيران قېلىپ . 

بۇ ۋاقىتتا، بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى . ئۇ سۈرىيەنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: 

- چۈنكى ،مومىڭىز  دادىڭىزنى ساقلىتىپ قېلىشنى خالىمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرىيە دېگەن بىر قەھرىمان .ئۇ دېرىزىدىن پەسكە يامىشىپ چۈشەلەيدۇ . سىز پەسكە چۈشكەندىن كېيىن  دوختۇرخانىنىڭ  چوڭ ئىشىكى ئېغىزىدىن قېچىپ دادىڭىزنى  ئىزدەيسىز؟ دادىڭىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مېنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىسىز ، مۇشۇنداق قىلساق بىز يېڭىمىز . قانداق جۈرەت قىلالامسىز ؟ -ئەلۋەتتە جۈرەت قىلىمەن ،- دېدى سۈرىيە . مومىسى خۇشال بولۇپ:

  سۈرىيە، ئېسىڭىزدە بولسۇن .دادىڭىزدىن باشقا كىم سىزنى توسسا تىزلىكتە  قېچىپ دوختۇرخانا ئىشىكى ئىغزىدىن  دادىڭىزنى ئىزدەڭ !

-  ئەگەر  كاتىپ خېنىم كېلىپ قالسىچۇ! مومىسى بېشىنى لىڭشىتقىنىچە:

-  مەيلى، كىم بولسۇن .بۇ ئويۇننىڭ ئىچىگە كىرىشكە  بولمايدۇ .پەقەت مەن ،فۇرقەت ،روزى دادىڭىز بىز بىر كوللېكتىپ ھەم بىر توپ ھەراھلار ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى قاراقچى بولۇپ بىزنى تۇتقىلى كەلگەنلەر . ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەيلى، ئۇلار يوشۇرۇنۇپ سىزگە ھۇجۇم قىلسۇن سىز چۇقۇم بېرىپ دادىڭىزنى ئىزدەڭ ،- دىدى مۇمسى.

-  ماقۇل ، موما خاتىرجەم بولۇڭ . بىز چۇقۇم غەلبە قىلىمىز .

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېزلىكتە رەختنى دېرىزىدىن پەسكە چۈشۈردى.  ھەمدە سۈرىيەنى دېرىزىنىڭ قېشىغا ئاپاردى . مومىسى ئۇنىڭ پېشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ تۇرۇپ:

-  ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ئاپپاق قوزام .ھەرگىز قولىڭىزنى  بوشىتىۋەتمەڭ! ھېرىپ قالسىڭىز سەل ئارام ئالسىڭىز بولىدۇ .ھەرگىز قولىڭىزنى بوشىتىۋېتىدىغان ئىشنى قىلماڭ . سىز بۇ يەردىن يىقىلىپ چۈشسىڭىز بەلكىم ،  سۇڭەكلىرىڭىز سۇنۇپ كېتىشى مۇمكىن ،-دىدى.

-  ماقۇل موما . گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن .مەن ئاكامنىڭ دېرىزىىدىن  پەسكە رەختى يامىشىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن .ماڭا ئىشىنىڭ مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن ،-دىدى  شۇنداق دېگىنىچە ئۇ پەسكە يامىششقا باشلىدى .

 ئۇ يامىشىپ ، ئوتتۇرا كەلگەندە:

- موما…! دەپ چاقىرىۋەتتى،  مومىسى ئۇنىڭغا قاراپ: 

- سۈرىيە ھەممىدىن بەك قالتىس ، سىز چۇقۇم قىلالايسىز ، بىز چۇقۇم يېڭىمىز ، شۇنداقمۇ ؟ -شۇنداق! 

 ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يەنە يامىشىشقا باشلىدى . سۈرىيە ئەمەلىيەتتە ئاكىسى بىلەن ئاپىسىنى بەك ياخشى كۆرەتتى .چۈنكى ،ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئازابتا ، قانچىلىك قىيىنچىلىقتا تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى ئۇنىڭغا كىچىك بولسىمۇ ئايان ئىدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ، ئاپىسىنىڭ قەيسەرلىكىنى ئويلاپ ، قوللىرى ئاغرىپ كەتسىمۇ قەتىي نىيەتتە پەسكە يامىشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ پەسكە يامىشىپ چۈشتى  ھەمدە ئۇ مومىسىغا قاراپ؛

- موما…؟ دەپ چاقىردى.

 ئۇنىڭ چىرايدا بىر خىل خۇشاللىق ئەكىس ئىتەتتى. مۇمسى ئۇنىڭغا قاراپ:

- تىز ،كەتكىن! دەپ ئىشارەت قىلدى. 

 سۇرىيە قىچىپ چىقىپ كەتكىلى تۇرغاندا تۇساتتىن يىقىلىپ چۇشتى.  بۇ ۋاقىتتا كىسەلخانا ئۆينىڭ ئىشكىنى بىرسى ئاچتى. بۇ ۋاقىتتا، قۇرباننىڭ ئاپىسى تېزلىكتە دېرىزىنى ئېتىۋالدى . ھەمدە كېسەلخانىغا كىرگەنلەرگە قارىدى .

 دوختۇر كىرىپلا  سۈرىيەنى ئىزدەشكە باشلىدى . بىراق ، ئۇنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ تەلەتى ئۆزگەردى . 

-خانىم ، سۈرىيە خېنىم قېنى ؟… 

-قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىلەر. بىزنىڭ ئائىلىنىڭ نەۋرىسى بىر يەرگە كەتسە؟ سىلەرگە دېيىشىمىز كېرەكمۇ ؟

-  ئاپلا ، چاتاق بوپتۇ . سۈرىيە قېچىپ كېتىپتۇ تېز بېرىپ ئىزدەيلى ،- دېدى دوختۇر ئەتراپىتىكى سېستراغا قاراپ،

بۇ ۋاقىتتا ،قۇرباننىڭ  ئاپىسى قۇرالنى چىقىرىپ تۇرۇپ: 

- ھېچكىمنىڭ چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت يوق .ئەگەر چىقىپ كەتسەڭلار ، سىلەرنى بىر پاي ئوق بىلەن ئۆلتۈرۋېتىمەن ،-دىدى قاپىقىنى تۇرگىچە



داۋامى بار …

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0