大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 66 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 66 - قىسىم aybarawazi
2024-03-25
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



بۇ ئەسەرنىڭ 67 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55


65
64
63
62



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


66 - قىسىم



سىزمۇ كۆپرەك ، ئېھتىيات قىلىڭ .مەن ئاتا -بالا ئىككىڭلارنىڭ تىنچ ئامان قايتىپ كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

قۇربان بولسا كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى . 

ئەرفات ، ئالاھىدە كۈتۈنۈش ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماي ، كارىۋاتنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ تۇراتتى. ھەمدە، ئۇ يەردە نەچچە كۆزىتىش ئاپپاراتى بارلىقىنى ھېس قىلدى.ئۇ تولىمۇ غەيرىلىك ھېس قىلىپ ، پەردازخانا ئۆينىڭ توكىنى ئۈزۈۋەتمەكچى بولدى. توك مەنبەسىنى ئىزدەپ قاراپ تاپماقچى بولدى . ئۇ ھەرىكەت قىلسىلا پەردازخانانىدا ئادەم بولغاچقا ، ئۇنى تېپىۋېلىشى ئاسان ئىدى . شۇڭا ئۇ سىرتتىكى  تازلىق ئۆيىدە بىرنىڭ يۇيۇنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ، پۇرسەت تاپقانلىقىمنى بىلدى -دە  يان تەرەپتىكى يالىڭاچ توك سىمىنى مۇنچە تەرەپكە قاراپ توغرىلاپ قويدى . شۇنىڭ بىلەن مۇنچىدىكى ئادەمنى توك سوقتى.

- ۋايجان! دېگىنىچە سىرتتا يۈگرەپ چىقتى .

ئەرفات ئىشىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن ،كارىۋات ئاستىغا يەنە يوشۇرۇنۇۋالدى . توك سوققان ئادەم ، جىددىيلەشكىنىچە قالايمىقان ۋارقىرايتتى .توك سىملىرى سۇ بىلەن ئۇچىرىشىپ پاسىلداپ ئاۋاز چىقىۋاتاتتى .  ئەرفات مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ  كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ ئەينىكىنى چېقىۋەتتى يەنە بىر ئۆيگە يۈگرەپ چىقىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مۇنچىخانىدا ، مۇنىرە يۇيۇنىۋاتقان بولۇپ ئۇ  سىرتتىكى ۋارقىرىغان ئاۋازدىن ئەجەبلىنىپ بەدىنىگە لۆڭگىگە يۆگەپ سىرتقا چىقتى .  ئەرفات  يوشۇرۇنىۋالغان ئۆيدىمۇ ئادەم بارلىقىنى بىلدى.  ھەم دەرھاللا دەرىزە تەرەپتىكى پەردىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى . شۇنىڭ بىلەن مۇنىرە سىرتقا چىقىپ قاراپ باقماقچى بولغان ۋاقتىدا، ئۇ دەرھاللا كارۋات ئاستىغا يوشۇرۇنۇۋالدى . مۇنىرە سىرتقا چىقىپ ۋارقىراشقا باشلىدى.

- نېمە ئىش بولۇپ كەتتى ؟ مۇنچا بۇزۇلۇپ قالدىمۇ ؟

- مۇنىرە خېنىم . توك يولىدا كاشىلا كۆرۈلدى . ھازىر پەردازخانىدا توك توختىدى . بىزنىڭ ئىشچىلىرىمىز توكنى ئوڭشاۋاتىدۇ . -دەرھال ئوڭشاڭلار ! ئوڭشاپ بولۇپ ، دەرھال ماڭا ئىسسىق سۇ تەييارلاپ بىرىڭلار! ھە راست ، سۇبات دىرېكتور ،كەلدىمۇ يوق ؟ -ياق تېخى ، ئۇ تېخى يولدا . مۇنىرە خېنىم ،- دېدى مۇلازىمەتچى خانىم جىددىيلەشكىنىچە.

مۇنىرە ئاچچىقىدا ئىشىكنى يېپىۋەتتى .ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كارۋات ئۇستىدە ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىشكە باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن مۇنىرە بىرسىگە تېلېفون قىلدى-: 

-ۋەي ، مەن مۇنىرە . دەرھال فۇرقەتنى مېنىڭ ھۇجرامغا ئەكىلىڭلار! مەن ئۇنى سېغىندىم . 

ئەرفات ھەيران قالدى ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن فۇرقەت دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ ، بۇ ئايالنىڭ فۇرقەتنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى . ئەرفات تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدى .ھەمدە نۇرغۇن سوئاللار ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئەگىتتى . شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاغزىنى مەھكەم تۇتىۋالغانچە  مۇنىرەنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ تۇراتتى .

- سىلەرنىڭ كاللاڭلارنىڭ دەردى بارمۇ؟ سىلەر مېنىڭ كىملىكىمنى بىلەمسىلەر ؟ مەن فۇرقەتنىڭ ئۆز ئاپىسى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەن . ئەگەر مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرسەڭلار ، مەن قۇربانغا دەيمەن .

- كەچۈرۈڭ ، مۇنىرە خېنىم. قۇربان دىرېكتور بىزگە مۇشۇنداق قىلىڭلار دەپ تاپىلىغان . قارشى تەرەپ شۇنداق دېگىنىچە ، تېلېفوننى قويىۋەتتى .

مۇنىرە ئاچچىقلاپ تېلېفوننى يەرگە ئېتىۋەتتى .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-رەزىل قۇربان…رەزىل رەنا .… سىز ،مۇشۇ ئايالنى دەپ مەندىن ۋاز كەچمەكچى بولۇۋاتىسىز . 5يىل بۇرۇن مەن قايتىپ كەلگەن . قۇربان ئائىلىسىگە ۋارىسلىق قىلىمەن ، دەپ  بىر بالىنىمۇ يەڭگىپ  بەردىم .

مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم سىز بىلەن مەڭگۈلۈك بىللە ئۆتۈش ئەمەسمىدى . نېمىشقا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە پەقەت رەنالا بار ؟ بەش يىل بۇرۇنمۇ شۇنداق، بەش يىلدىن كېيىنمۇ شۇنداق . سىز مېنى قىستىغان قۇربان سىز مېنى قىستىغان ...

ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا مەن ئوت قويۇشقا ئادەم بۇيرۇتمىغان بولسام  مەن ئوخشاشلا 5يىلدىن كېيىنمۇ رەنانى ئاشۇنداق قىينايتتىم،-دېدى مۇنىرە ئۆز ئۆزىگە. مۇنىرە ساراڭلاردەك ئۆز ئۆزىگە ۋارقىرىغىنىچە  سۆزلەپ كېتىپ باراتتى . بۇ ۋاقىتتا ئەرفاتنىڭ قولىدا . ئۈنالغۇ بولۇپ ئۇنىڭ گەپلىرى ئۈنگە ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ،ئۇنىڭ ئويلاپ چۇشىگمۇ كىرمىگەنىدى . شۇنىڭ بىلەن ، ئەرفات تېزلىكتە  قولىدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىنى قۇراشتۇردى ۋە تېلېفوننى ئېچىپ ، تېلېفوننىڭ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنى ئاچتى- دە قارا مېھمان سالاپىتىدە ئۆزىنىڭ ئورنىنى قۇربانغا يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قۇربان ھەدەپ باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل ئىدى. بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى . ئۇ تېلېفوننى ئېچىشقا بىر پاتمان  كومپيۇتېر  تىل خەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن: 

-ئەرفات .… ئوغلۇم . ئەرفات مېنى قۇتقۇزۇڭلار دەپتۇ .

رەنا بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، چاچراپلا قۇرباننىڭ ئالدىغا باردى دە:  

قانداقمۇ قۇتقۇزۇڭلار دېگەن گەپ بار بولسۇن نېمە دېگەن قالايمىقان نەرسىلەر بۇ ؟ 

- ياق ، ئۇنداق ئەمەس. ئوغلىڭىزنىڭ كومپيۇتېر قابىلىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. ئۇ ھازىر بىزگە ئۆزىنىڭ ئېنىق ئادرېسنى يوللاپ بېرىپتۇ .

- روزى  ئورنىنى ماڭا بەر . 

قۇربان بىر تەكشۈرۈپلا، ئەرفاتنىڭ شۇ ھۆسن تۈزەش ئورنىنىڭ شىمال تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى ، ھەمدە كىچىك بىر ئۆينىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلىدى .

- روزى ،ئەرفات ئاشۇ پەردازخانا ئۆيىدە ئىكەن. سەن قادىرنىڭ ئاكىسىغا خەۋەر قىلغىن . بارلىق تور ۋاستىلىرىغا خەۋەر قىلىۋەت . ھەممە ئادەم سىرتتا ساقلاپ تۇرسۇن!

- بولىدۇ .

مۇشۇ ۋاقىتتا، مۇسا ئۇفىسىرمۇ قايتىپ كەلدى .

- قۇربان دىرېكتور ، يېڭى خەۋەر.

- قېنى، دېگىنە ؟

- بىز ھېلىقى سۇباتنى تاپتۇق . ئۇ ھازىر ھېلىقى پەردازخانا ئۆيى ئەتراپىدا ئىكەن.

- دەرھال، قادىرنىڭ ئاكىسىغا خەۋەر قىلىڭلار! بىز ئۇلارنىڭ ئادىمىنى تاپتۇق . ئۇنىڭ ئۆلۈكى ۋە تىرىكىگە مېنىڭ دېگىنىم ھېساب .…

-بولىدۇ .

رەنا ھەيران قالدى ، ھەمدە: 

سۇبات بىلەن  قادىرنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ  قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ئۇ ئەينى ۋاقىتتا مېنى  قوغدايدىغان  ئامانلىق ساقلىغۇچى ئىدى ،-دىدى قۇربانغا قاراپ.

- شۇنداق . سۇباتنىڭ قادىرنىڭ  ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىسى بار . بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى كېيىن مەن سىزگە ئېيتىپ بېرەي . رەنا، قانداق تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ ؟ 

-مېنىڭ تەييارلىقىم پۈتتى، -دېدى رەنا جىددىيلەشكىنىچە . 

ئۇ ئوغلىنى شۇنداق سېغىنىپ كەتكەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن قۇربان ئەرفاتقا ئۇچۇر قايتۇردى . قۇرباننىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ ئەرفات سەل راھەت ھېس قىلدى . مۇنىرە بولسا بىر قۇر ئاچچقلىنىۋەتكەندىن كېيىن، كارۋات ئۈستىگەكىرىلىپ ئولتۇراتتى. بىردەم يىغلاپ ، بىردەم كۈلگەنچە .

- مەن زادى نېمە قىلغان بولغىيتتىم مەن بۇ ھاياتىمدا پەقەت قۇرباننىلا ياخشى كۆرىمەن . بىراق ، مەن ئىگەچاقسىز قالغاندا قۇرباننىڭ ئىنىسىگە يولۇقتۇم . ئۇنىڭ بىلەن ، قۇرباننىڭ تەقى تۇرقى ئوپمۇ ئوخشاش . مەن تېخى ئۇنى قۇربان ئوخشايدۇ دەپ . ئۇنىڭ بىلەن بىللەئۆتمەكچى بولدۇم . مەن پەقەت قۇرباننىڭ ئىنىسىدىن ھامىلىدار بولسام ئاندىن قۇربان ئائىلىسىگە قايتالايتتىم . بىراق  قۇرباننىڭ ئىنىسى نېمە ئۈچۈن بۇنچەبالدۇر مەندىن ئايرىلىپ كېتىدۇ . مەن ئۇنىڭدىن ھامىلدار بولغان ۋاقتىمدا قۇرباننى ماڭا يولۇقتۇردى.

مەن ئۇنى كۆرگەندىن باشلاپ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ ئويلىغان ئىدىم ھەمدە بارچە كۈچۈم بىلەن قۇربان بىلەن بىللە بولماقچى بولدۇم . شۇڭلاشقا مەن قايتىپ كەلدىم . قايتىپ كەلگەندە يالغۇز كەلمىدىم بەلكى ئوغلۇمنى بىللە ئېلىپ كەلدىم . قۇربان ئوغلۇمغا مال مۈلۈك ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىشى كېرەك . 5يىلدىن بۇيان مەن ئىزچىل مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدىم .قۇرباننىڭ فۇرقەتنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈشنى  مېنى بولسا ئەمرىگە ئېلىشنى ئويلىدىم. لېكىن ،رەنا تېخى ئۆلمەپتۇ؟ ئۇنېمە ئۈچۈن ئۆلمەيدىغاندۇ ؟ ئۇ ئۆلمەيلا قالماي يەنە تېخى ئۆزىنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ كەپتۇ ؟بالدۇرراق بىلگەن بولسام ، ئەينى ۋاقىتتا دوختۇرخانىدىلا ئۇنىڭغا قول سالاركەنمەن،- دېگىنىچە   قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى . كۈلكىدىن توختاپ يەنەيىغلاپ كەتتى . 

بىر ئازدىن كېيىن ، بىر مۇلازىمەتچى قىزچاق ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا يېتىپ كەلدى .

- مۇنىرە خېنىم ،ھېلىقى كەتكەن ئايال يەنەكەپتۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى باشلاپ كەپتۇ . قارىغاندا بىزگەئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدىغان چىراي ؟

- ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرەمدىكەن؟ ئۇنىڭغابۇ يۈرەكنى كىم بېرىپتۇ؟ بۇ دېگەن قۇرباننىڭ گۇرۇھى نامىدا ئاچقان ھۆسن تۈزەش ئورنى .بۇ خوتۇن ئەجەبمۇ ئەدەپ قائىدىنى بىلمەيدىكەن؟ مۇلازىمەتچى قىزچاق، سەل ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ :

- بىز تېخى تەكشۈرۈپ كۆرمىدۇق . ئاڭلىشىمىزچە ئۇ نەچچە كۈن ئالدىدا ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىكەن . سىزمۇ بىلىسىز قايسى ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچىدە چوڭ بىر يەرمەنكە ئېچىلغان نۇرغۇن قىممەتلىك مېھمانلار كەلگەن . لېكىن ، بۇ ئايال بۇنداق چىرايلىق ھۆسن تۈزەش ئورگىنىنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن چېغى .

-مەن بېرىپ ئۆزۈمنى يۇيۇۋالاي ، سەن بېرىپ ئۇنى بەزلەپ تۇرغىن ، مەن ھازىرلا چۈشىمەن .ھە راست ، سۇبات كەلدىمۇ ؟

- ئۇنىڭ دېيىشىچە ، ھازىرلا كېلىدىكەن.

- بۇلىدۇ.

- ئۇ كەلگەن زامات ھېلىقى يەر ئاستى ئۆيدىكىلەر كىچىك سولتەكنى بىر تەرەپ قىلىۋەتسۇن ! ھە راست، سەمىرەنى كۆردۈڭمۇ يوق !بىردىنلا مۇنىرە قاپىقىنى تۇرگىنىچە:

- سەمىرەنىڭ كۆزى يارىلىنىپتۇ ، ھازىر داۋالىنىۋاتىدۇ. -ئەسقاتمايدىغان نەرسە . سۇبات ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلمىدى .

 مۇنىرە سەل رازى بولمىغاندەك  ئارتۇق گەپ قىلماي گېپىنى تۈگىتىپلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتىدە  يۇيۇنۇشقا باشلىدى .

مۇنىرە ئىشىنى تۈگىتىپ بولۇپ كىيىمنى كىيىپ ھۇجرىسىنىڭ قۇلۇپىنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن پەسكە چۈشۈپ كەتتى . ئەرفات بولسا ئىشىك ئېتىلگەن ئاۋازنى ئاڭلاپلا يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى . لېكىن، ئۇنىڭ قولىدا ئۈنگە ئېلىش قۇرۇلمىسى بار بولۇپ ، مۇنىرەنىڭ بارلىق گەپ سۆزلىرى ئۈنگە ئېلىنغانىدى . سۇباتمۇ تېزلىكتە قايتىپ كەلدى. ھەمدە ئىشىك تۈۋىدە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ جېدەل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە يان تەرەپكەيوشۇرۇنۇۋالدى . بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ياندىكى ئۆيگە كىرۋالدى . بىرىسى كىرەي دېيىشىگە سۇبات ئىشىكنى تاقىۋالدى –دە.

- كىمۇ ؟

-مەن، سەمىرە…

سەمىرەنىڭ كۆزى ئاق داكىدا تېڭىقلىق ئىدى . سۇبات ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ  ناھايىتى ئەنسىرەپ كەتكەن ئىدى .

- سىز قانداق بوپ مۇنداق بولۇپ قالدىڭىز؟

- ھېلىقى، كىچىك شۇمتەك بولمامدۇ . بىز ئۇنى كىچىك دەپ بوش چاغلاپ قاپتۇق . سۇبات مەن سىزگە دىسەم، ئەرفات قېچىپ كەتتى . مەن ئۇنىڭ ھازىرچە مۇشۇ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن . لېكىن ،ھازىر كۆڭلۈم ئىنتايىن پاراكەندە. چۈنكى، سىرتتا نۇرغۇن ئادەملەر قەستەنگە ئىش چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ ئىش ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق بولماسلىقى مۇمكىن . بەلكىم، ئۇلار مۇشۇ ئىش ئارقىلىق بىزنى تېپىپ چىقماقچى .سىز گېپىمنى ئاڭلاڭ ؟ مۇنىرە بىلەن كارىڭىزبولمىسۇن ، بىز قايتىپ كېتەيلى . بىز سىرتقا چىقىشىمىزغىلا قۇرباننىڭ ئادەملىرىغا تۇتۇلۇپ قالساق ، كېيىن قاچاي دېسەكمۇ قاچالمايمىز ؟سەمىرەجىددىيلەشكەنچە شۇنداق،- دىدى .

سۇبات قاپىقىنى تۈرگىنىچە ،پەردىنى قايرىپ سىرتقا قارىدى . سىرت بولسا ئىنتايىن تىپتىنچ ئىدى . سۇبات بىلەن سەمىرە ئىككىلىسىنى قۇربان تەربىيىلىگەن ئىدى .شۇڭلاشقا ئۇنىڭ كۆڭلى سەل پاراكەندە بولدى . -ئەمىسە، بىزنىڭ ئۇ ئاچىمىز مۇنىرەنىڭ قولىدا تۇرسا؟

- بولدى ، جىق ئىشلارغا ئارىلاشمايلى . ئەگەر ھازىر قۇربان كەلسىلا مۇنىرەمۇ ئۆزىنى قوغداپ بولالمايدۇ .بىزنى قانداقمۇ قوغداپ بولسۇن سۇبات .قۇرباننىڭ قانداق ئادەملىكى ، بىز ئىككەيلەنگە ئايان .بىز ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن ھەپىلەشتۇق. ئۇ بىزنى ھەرگىزمۇ قويۇپ بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قادىرنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇئۇنىڭغا ياردەملىشىۋاتىدۇ . گەرچە سىزنىڭ قادىرنىڭ ئائىلىسدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز بولسىمۇ ،بىراق  سىز ئۇلارغا نىسبەتەنمۇ بىر دۈشمەن ھېسابىدا .شۇڭا ئەخمەقلىق قىلمايلى. سۇبات شۇڭا، ھازىر بىز ئۆزىمىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەرئېلىشىمىز كېرەك ،-دېدى سەمىرە سۇباتقا تەربىيە قىلغاچ.  سۇبات سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: 

- بىز ھازىر كەتسەكمۇ بىزنىڭ باشقا ماڭىدىغان يولىمىزيوق .چۈنكى ، سىرتتىكى بارلىق يوللارنى قۇربان توسۇۋەتتى .، بىز قانداقمۇ ئۈرۈمچىدىن چىقىپ كېتەلەيمىز ؟ مېنىڭ ئامالىم بار ، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭ . بىز ھازىر ماڭايلى قالغىنىنى ماڭا تاپشۇرۇڭ .

-بوپتۇ،سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاي! بىز ماڭايلى . ۋاقتى كەلگەندە بىز قايتىدىن بىر ئىسىم ياساپ قايتىپ كەلسەكلا بولمىدىمۇ ؟ سەمىرە سۇباتنى تارتىپ ئىچىگە مېڭىشىغا ،دەل مۇنىرە ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. سەمىرە سۇباتنى ئۆينىڭ ئىچىگە ئىتتىرۋەتكەندىن كېيىن .  

-مۇنىرە خېنىم ،-دېدى ئۇنىڭغا قاراپ تازىم قىلغاچ .

مۇنىرە ئۇنىڭ كۆزىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرۇپ نېمە ئىش بولدى ؟

- ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ كەتتىم.

- ھە ، شۇنداقمۇ. مەن تېخى سۇبات ، سىزنى بىر نېمە قىلغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ھە راست ، سۇبات قايتىپ كەلدىمۇ؟ - دېدى مۇنىرە جىددىيلەشكىنىچە .

- سۇبات؟ ئۇقمايمەن .مېنىڭچە ئاز قالدىغۇ دەيمەن. 

ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ باققىن. بۈگۈنكى ئىشلار سەل قالايمىقان تۇرىدۇ ،-دىدى مۇنىرە.

-خوپ بولىدۇ.

مۇنىرە شۇنداق دېگىنىچە ياندىكى ھۇجۇرغا  كىرىپ كەتتى.


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0