
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 54 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 52 |
51 |
50 |
49 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
53 - قىسىم
ھامما ، بۇنى قاراڭ . بۇ ئۇ ھامىلدار بولۇپ ئىككى ئاي بولغاندا تارتىلغان سۈرەت .ئۇنىڭ قورسىقى يوغان بولغاچقا سىزىكى قاتتىق بولغاچقا نەرسىلەرنى ياخشى يېيەلمەيتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن ۋاقىتتا، دوختۇر ئۇنىڭغا قوش كېزەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .
رەنا رەسىملەرنى سىيرىغاچ يەنە بىر يۇزىنى يىپىۋالغان رەسىمنى كۆرسەتتى .ئاپىسى ئىچىنى ئاغرىتقاچ :
-بۇنىڭ يۇزى ...
- ئۇنىڭ يۈزى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا كۆيۈپ مۇشۇنداق تارتۇق بۇلۇپ قالغان . ئۇنىڭ يۈزىلا ئەمەس ھەممە يىرى تارتۇق بولۇپ قالدى . ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا يا دورا يېيەلمەيتتى ياكى ئوكۇل ئۇرغۇزالمايتتى. پەقەت تېرىسىنىڭ ئۈستگىلا دورا سۈر كىيەلەيتتى . ئۇ سىزىك ۋاقتىدا ناھايىتى قىينالغان .ئۇ يۇرۇقلىقتىن قورقايتى .كۇن بۇيى ئۆينىڭ پەردىسىنى قايرىپ تالاغا چىقماي ئولتۇراتتى .ئۇنىڭ ھاياتى بەكلا ئازابلىق ئوتكەن ئىدى . ئەگەر بويىدا بولمىغان بولسا ئۇ بۇنداق چىدىمىسىمۇ بولاتتى . ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ:
- بىچارە ، قىزىم .ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىزگە نىمىشقا تىلفۇن بەرمەيدۇ ؟نىملا دىگەن بىلەن ئۇ بىزنىڭ قىزىمىز . ئۆزىنى بۇنداق قىينىسا بولمايتى ئەمەسمۇ ؟ رەنا ئاپىسنىڭ يىشىنى سۇرىتكەچ :
-بولدى ،يىغلىماڭ.ئۇمۇ سىز بىلەن كۆرۇشسە چوقۇم بەك خۇشال بولىدۇ.شۇ ئەينى ۋاقىتا سىلەر ئۇ تۇقۇلما يالغان گەپكە ئىشەنمگەن بولساڭلا چوقۇم... بەلكىم ئۇمۇ قايتىپ كىلەر بولغىيدى،-دىدى.
رەنانىڭ ئاپىسى سەل ئويلىنۋەتكەندىن كىيىن:
-ھەي ،بۇ ئەخمەق بالا ئۇقمايدۇ . قۇربان بۇ سەپ سەتلەرگە ئىشەنمىگەن. بۇ ئىش يۇز بەرگەندىن كىىين ،قۇربان ئۇ گەپلەرنى بىسىقتۇرۇپ ھىچكىمنىڭ بۇ ئىشنى تىلغا ئىلىشقا يول قويمىدى .شۇنىڭ بىلەن ھىچكىم ، بۇ ئىشنى تىلغا ئىلىشقا جۇرئەت قىلالمىدى .قۇربانغا بۇ ئىش بەكلا بىسىم ئەكەلگەن ئىدى . بىز نەچچە قىتىم ئىزدەپ بارساق ،ئۇ كۇرۇشكىلى ئۇنمىغان ئىدى ،-دىدى.
رەنا بۇ گەپكە ئىشەنمىگەن ئىدى .چۇنكى ،ئۇ قۇرباننىڭ بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدى .بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن سافا يىندىكى تىلفۇن سايرىدى. رەنانىڭ ئاپىسى تېلېفوننى ئالاي دەپ تۇرۇشىغا ، رەنا ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ .
- ھامما ، مەن ئالاي ،- دېدى رەنا .
رەنانىڭ ئاپىسى ،رەناغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى ۋە گەپ قىلماي ، تېلېفوننى رەناغا ئۇزاتتى . رەنا تېلېفوننى ئىلىپ كەسكىنلىك بىلەن :
- كىم بولىسىز؟ قارشى تەرەپ ئاۋازنى ئاڭلاپ تېلېفوننى قويىۋەتكەن ئىدى .
- قانداق بولدى ؟ كىم ئۇرغان تېلېفون ئىكەن ؟ - دىدى رەنانىڭ ئاپىسى.
رەنانىڭ كۆڭلىگە ئازراق گۇمان چۈشكەن ئىدى .چۈنكى ، بۇ تېلېفوننى بەلكىم ھېلىقى ئالدامچى ئادەم ئۇرغان بولۇشى مۇمكىن ،-دەپ ئويلىدى .
-ھامما ، مەن ھازىر كۆڭلۈمدە ، باشقىلار چۇقۇم رەنانىڭ ئىسمىنى دەپ سىلەردىن پايدىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن . گەرچە ،مەن ھازىر قارشى تەرەپنىڭ نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلمىسەممۇ . لېكىن ،سىلەر مېنىڭ گېپىمگە ئىشىنىڭلار! بۇنىڭدىن كېيىن ،قانداق تېلېفون بولسا ھەرگىز ئالماڭلار ! خەت بولۇپ قالسىمۇ تاپشۇرۇۋالماڭلار . نېمە ئىش بولسا بىرىنچى بولۇپ ماڭا ئېيتىڭلار . قىزىڭلارنى ئەنسىرىتىپ قويماڭلار .
رەنانىڭ ئاپىسى ،رەنانىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ:
-سىز نېمە دېسىڭىز، بىز سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايمىز . لېكىن سىزمۇ ئېھتىيات قىلىڭ بولامدۇ ؟ - دېدى مېھرىبانلارچەئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ . رەنانىڭ بەدەنلىرى تىترەپ كېتىپ باراتتى . لېكىن ،شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى مەھكەم بېسىۋالغان ئىدى .
-سىز رەنانىڭ دوستى بولغاندىن كېيىن ، رەنانىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ بىردەم ئارام ئېلىڭ . مەن سىزنىڭ چارچاپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم . تاماق پىشقان ۋاقىتتا مەن سىزنى چاقىراي ،- دىدى رەنانىڭ ئاپىسى.
شۇنىڭ بىلەن رەنا گەپ قىلماي ، ھۇجىرىسىغا قاراپ ماڭدى. ئۇنى كۆرۈپ رەنانىڭ ئاپىسى ھەيران قالدى.
- ئەجەبا، بۇ سوفىيە. مېنىڭ قىزىم رەنامىدۇ ؟
رەنا ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگەندىن كېيىن . ياستۇق يېنىدىكى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى رەسىملىرىنى كۆرۈپ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولغان ئىدى . بۇ ئىشقا ئاللىقاچان بەش يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالغا سېلىشتۇرۇپ كۆڭلى بىر خىل تەشۋىشكە چۇشتى . بىراق، ئۇ گەپ قىلماي ، كارىۋات بېشىدا ئولتۇراتتى.
رەنانىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە قۇلۇپ سالمىغان ئىدى. رەنا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاستا بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى ھەمدە رەنانىڭ رەسىملەرگە قاراپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردى . ئۇ رەسىمنى قويۇپ قويۇپ، كارۋاتنىڭ ئاستىدىن بىر يوغان قەغەز يەشىكنى ئالدىدە ئۈستىدىكى توپىلارنى سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن ئاستا ئاۋايلاپ ئاچتى . ئۇنىڭ ئىچىدە بولسا ، ئۇنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ بولغىچە ھەر قېتىم تۇغۇلغان كۈنىدە ،ئاتا ئانىسى ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەن سوۋغاتلار لىق تۇراتتى. ھەمدە بىر كىچىك قۇتىدا ئۇنىڭ زىبۇ زىننەتلىرى تۇراتتى. ئۇ بۇنى كۆرۈپ، ئاغزىنى مەھكەم تۇتقىنىچە ئۆكسۇپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. رەنانىڭ ئاپىسى بۇنى كۆرۈپ بەدەنلىرى تىترەپ كەتتى . ئۇ ئاستا ئىشىكنى يېپىۋەتكەندىن كېيىن يولدىشىنى ئىزدەپ كىرىپ كەتتى ھەمدە: -دادىسى ، قىزىمىزنىڭ خەۋىرى بولدىغۇ ، بىز ھازىر ئۇنىڭ بىلەن كېيىنرەك كۆرۈشىدىغان ئوخشايمىز . سىزمۇ بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ . دادىسى مەن بىر ئىشتىن ھەيران قالدىم ، مەن سوفىيە خېنىمنى ،بىزنىڭ قىزىمىزمىكىن دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىمەن .
- سىز نېمە دەۋاتىسىز ؟ بالىمىزنىڭ دەردىدە ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشايسىز سوفىيە خېنىم شۇنچە چىرايلىق تۇرسا ، ئۇ بىزنىڭ قىزىمىز بىلەن قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ - دېدى رەنانىڭ دادىسى ئايالىغا رەددىيە بېرىپ. رەنانىڭ ئانىسى بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ ؛
- ئۇنداق ئەمەس، مەن بايا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم . ئۇ دېگەن ئۆيگە تۇنجى قېتىم كەلگەن تۇرسا ، ئۇ قانداقمۇ ئۆزى ھۇجىرسىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىدۇ ؟ مەن ئەزەلدىن قىزىمنىڭ ھۇجرىسىغا قۇلۇپ سالمايمەن . ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن مۇنداق قاراپ قويدۇم . ئۇ ھەتتا، قىزىمىز يوشۇرۇپ قويغان قەغەز يەشىكنى تاپتى ھەمدە توختىماي يىغلاشقا باشلىدى . سىز دەپ بېقىڭە ، ئۇ بەش يىل ئاۋۋالقى قىزىمىز ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسنىى بىزگە دەپ بەردى ، ئۇنىڭ چىرايى زەخمىلەنگەن. بىز قىزىمىز بىلەن ئۇچراشمىغىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى . لېكىن ،مەن ئەستايىدىل ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇنىڭ قاشلىرى كۆزلىرى ھەقىقەتەن بىزنىڭ قىزىمىزغا ئوخشايدۇ ؟ -دېدى جىددىيلىشىپ .
- ئەگەر ،ئۇ راستىنلا رەنا بولسا ، نېمىشقا بىزنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ؟ قۇربان نېمىشقا ،بۇ ئىشنى بىزدىن يوشۇرىدۇ ؟ - دېدى رەنانىڭ دادىسى .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
- ئەمىسە ، سىز ئاشخانىغا بېرىپ بىر نەچچە تال قورۇما قورۇڭ .ھەم ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىلىرىنى قورۇڭ . تاماق پىشقاندا بىز ئۇنى چاقىرايلى بىز ئۇنى كۆزىتەيلى .
- ماقۇل ، گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن . بىراق، ئۇ بىزنى چەتئەلگە چىقىش ئىشقا يول قويمىدى. ئۇنداقتا ،بىزمۇ چەتئەلگە چىقمايلى.بۇ ئىش ماڭا سەل غەلىتىدەك تۇيۇلىدۇ. مەن قىزىم بىلەن ئۇچراشمىغىلى بەش يىلدىن ئاشتى . لېكىن، قىزىمىزمۇ ھېچقانداق خەۋىرى يوق يوقاپ كەتتى . توساتتىن بۇ ئايال بىزنىڭ قىزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى دەپ كەلدى،-دىدى رەنانىڭ ئاپىسى گۇمان بىلەن .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ رەنانىڭ دادىسىنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ كەتتى .
- قېنى ساقلاپ باقايلى . كېيىن، نېمە ئىشلار بولىدۇ؟
-ماقۇل .
شۇنداق قىلىپ بۇلار مەسلىھەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن رەنانىڭ ئاپىسى ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى . رەنا ياخشى كۆرىدىغان سەيلەرنى قورۇشقا باشلىدى. بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ، رەنانىڭ ئاپىسى ئىشىكنى چەكتى . سوفىيە خېنىم تاماق پىشىپ قالدى. چىقىپ ئازراق تاماق يەۋىلىڭ بولامدۇ:
بۇ ۋاقىتتا رەنا توختىماي يىغلاۋاتقان ئىدى . ئۇ سەل ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن :
- ماقۇل. مەن ياتقان يىرىمنى يىغىشتۇرىۋېلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن چىقاي ھامما،- دىدى يىشىنى سۇرتىۋىتىپ. ئۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ،يۇز- كۆزلىرىنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ،ئۇلار بىلەن بىر ئۈستەلدە تاماق يىيىشكە تەييار بولدى بولدى .
-نېمىدېگەن ئوخشىغان تاماقلار بۇ!… بەكلا تەملىك بولغان چېغى ،-دىدى رەنا بىرنى كۇلىۋىتىپ .
- ئوخشىغان بولسا ،كۆپرەك يەڭ .ھەرگىزمۇ يات كۆرمەڭ. بۇيەر سىزنىڭ ئائىلىڭىزگە ئوخشاش قېنى ئولتۇرۇڭ،- دېدى رەنانىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا ئورۇندۇقتىن بىرنى تارقاتقاچ قېشىدا ئولتۇرغۇزدى .
ئۇ رەناغا تىكىلىپ قاراۋاتاتتى. چۈنكى ،ئۇنىڭ ئولتۇرغان قىياپىتى ئۇنىڭ بەزى قىلىقلىرى قىزىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى . بۇ ۋاقىتتا رەنانىڭ دادىسىمۇ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ كۆزىتىۋاتقان ئىدى.
چىراينى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ .ئاۋازىنى ئۆزگەرتىكىلى بولىدۇ . لېكىن بىر جۈپ كۆزنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتىكىلى بولمايدۇ . رەنانىڭ دادىسىنىڭمۇ يۈرىكى توختىماي سەكرەپ كەتكەن ئىدى . لېكىن ،ئۇمۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمەيلا:
-يەڭ، كۆپرەك يەڭ .بىزنىڭ ئائىلىدە ياخشى نەرسىلەرمۇ يوق . بىز مۇشۇنداقلا كەتكەن ئىدۇق . تويغىچە يەڭ .
شۇنىڭ بىلەن رەنا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سەينى يىيىشكە باشلىدى . بۇنى كۆرۈپ ، ئۇلار ھاڭ تاڭ قالدى .
- قېنى بۇنىڭدىن تېتىپ بېقىڭ . بۇنى بىز مانگو مېۋىسىدىن ئەتكەن بەك تەملىك ،- دېدى رەنانىڭ ئاپىسى . بىر پارچىنى رەنانىڭ قاچىسىغا ئېلىپ بەردى. رەنا بىر تەرەپتىن يېگەچ ، بىر تەرەپتىن كۈلۈپ تۇرۇپ .
- ھامما ، سىز قورۇغان سەيلەر بەكلا ئوخشاپتۇ . بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانلارنىڭ تاماقلىرىنى سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك ، -دېدى خۇشال بولۇپ .
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتا -ئانىلار ھەيران قالدى .
- سوفىيە،خېنىم. سىز قىزىمنىڭ ياخشى دوستىكەنسىز. ئەينى ۋاقىتتا ،قىزىمىزمۇ بۇ سەينى تۇنجى قېتىم يېگەن ۋاقىتتا مۇشۇنداق دېگەن ئىدى .
-شۇنداقمۇ ؟- دىدى رەنا بىپەرۋالا .
-قىنى ،بۇ قىزارتىپ پۇشۇرۇلغان كالا گۆشىنى تىتىپ بىقىڭ دەپ بىر پارچە ئىلىپ بەردى.
رەنا بۇنىمۇ بەكلا ياخشى كۆرەتتى .رەنا نىڭ دادىسى سەل ئۆزىنى توختىۋالغاندىن كىيىن : -قانداق بىزنىڭ نەۋرىمىزنىڭ ئەھۋالى ياخشىدۇ؟
-ئۇ قانداراق ؟ئۇنىڭ سۇرتى بارمۇ يوقمۇ؟-دىدى تەلمۇرگەن ھالدا رەناغا قاراپ.
رەنا تىلفۇندىن رەسىمنى چىقىرىپ ئۇلارغا كۆرسەتتى ئۇلار رەسىمنى كۆرۇپ تۇرۇپ ،بۇ بالا بەك كىلىشكەن ئىكەن . ئۇ قۇربانغا بەكرەك ئوخشايدىكەن. لىكىن ،بۇرنى، ئاغزى قىزىمىزغا ئوخشايدىكەن. دىدى نەۋرىسىنى ماختاپ .شۇ ۋاقىتتا ، تىلفۇندىن يەنە بىر ئىكران چىقىپ رەنا جىدىيلىشىپ كەتتى.
رەنا نىم قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان ئىدى.چۇنكى، تىلفۇن ئىكراندىكى يۇزىدە ،جىنىم قۇزام دەپ تەھىرلەپ قويغان ئىدى .
- بۇ بالا بەك چىرايلىق چوڭ بوپتۇ ،-دىدى رەنانىڭ دادىسى .
- شۇنداق ، بۇ بالا تۇغۇلۇشتىنلا شۇنچىلىك گەپ ئاڭلايدۇ. كىچىكىدىن تارتىپلا شۇنچىلىك مۇلايىم . بەك ئىش ئۇقىدۇ،- دېدى .
ئەمەلىيەتتىمۇ رەنا ئۆز ئوغلىدىن بەكلا پەخىرلىنەتتى. رەنانىڭ دادىسى توختىماستىن رەسىملەرنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى .
- قىزىم ، ئۆزى يالغۇز بۇ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئاسان ئەمەس ،- دېدى رەنانىڭ دادىسى گەپنى يۆتكەپ .
رەنا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ، ئۇنداق ئەمەس. بالا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسا ، ئۇمۇ خۇشال خۇرام بىللە ئۆتىدۇ ئەمەسمۇ . بۇ ۋاقىتتا ، رەنانىڭ ئاپىسى ئالدىراپ .
-سىز كۆرىۋېرەمسىز ؟ ۋۇ سەت قېرى ، مەنمۇ كۆرىمەن . مەن تېخى كۆرۈپ بولالمىدىم ،- دېدى .
رەنا ئۇ ئىككىسىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە چوقۇم ئوغلۇمنى ئەكىلىپ بۇلارغا كۆرسىتىمەن دەپ ۋەدە قىلدى . رەنا ئاتا ئانىسى بىلەن خۇشال خۇرام پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قۇربان تەرەپتىن ياخشى بولمىغان بىر ئىش يۈز بەردى .
ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىشتۇ ؟ بىز بۇنى كىينكى قىسىمىدىن ئاڭلايلى
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



