大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 55 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 55 ـ قىسىم aybarawazi
2024-03-14
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



بۇ ئەسەرنىڭ 56 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


55 - قىسىم


رەنا  ئۇدا بىر نەچچە سوئال سورىدى.  رۇزى بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:

-ئۇ قادىرنىڭ ئاكىسى.باش دېرىكتورنى ئۇ تاپانچا بىلەن يارىلاندۇرغان. ئوق بىۋاستە يۈرەككە كىرىپ كەتتى.ھازىر قانداق بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ،-دىدى روزى تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ .

-يۈرەككە تەگدىمۇ؟

ئۇ تېخى يېقىندىلا يارىلىنىپ دۇختۇرخانىدىن چىققان ئىدى. بىر قەدەم مېڭىپ، ئۇدۇل قادىرنىڭ ئاكسىغا  قارىدى.. 

-سىز قادىرنىڭ ئاكىسىمۇ؟

- ھە، ئۇ مىىنىڭ ئىنىم.

- مىنى ئىزدەپ نىمە ئىشىڭىز باتى ؟  -دىدى  رەنا  تەبىيلا.

-سىزنىڭ  نىمە قىلغىنىڭىز ئۆزىڭىزگە  ئاياندۇ ؟ مەن سىزنى ئاپام بىلەن  يۇز كۇرەشتۇرمەكچىتىم .سىزنىڭ ئىنىم  بىلەن بوغان مۇناسىۋتىڭىز  قاچان تۇگەيدۇ؟ 

- مۇشۇ سەۋەبلىك قۇربان يارلاندى ؟ -دىدى  رەنا  ھەيران  قالدى . چۇنكى نىمىش بولغانلىقىنى بىلمەيلا  قالغان ئىدى . 

-سىز نىم دەۋاتسىز؟ مەن ئىنىڭىز بىلەن قانداق مۇناسىۋتىم باكەن،-دىدى رەنا . 

- سىز تىخى بىلمەمسىز ؟ سىزگە ئىيتىپ قوياي، سىزنىڭ ئىشڭىز  بىزنىڭ ئائىلىنىڭ  شان شەرپىگە داغ يەتكۇزدى. بۇ سىزنىڭ ئىغىر جىنايىتىڭىز .بىر چىرايلىق  ئائىلىڭىز بولغانكىن ،نىمىشقا  بۇنداق ئىپلاسلىق قىلسىىز؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە قۇربانمۇ  سىزنى بەك   ياخشى كۆردىكەن. 

-ئاغىزىڭىزغا بىقىپ گەپ  قىلىڭ . مىنىڭ ئۇكىڭىز  بىلەن  نىم مۇناسىۋتىم باكەن .مىنىڭ  ھىچقانداق ئىشىم  يوق ئۇنىڭ بىلەن . بۇنداق  سەپسەتلەرگە ئىشىنىپ يۇرمەڭ،-دىدى .قاپىقىنى تۇرگىنچە . 

قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ كۆزىگە رەنا  پەقەتلا  سىغمىغان ئىدى. ئۇنىڭغا قىلغان گەپلىرى  رەنانىڭ  ئاچىقىنى  كەلتۇرۋەتكەن ئىدى . 

-سىزگە ئىيتىپ قوياي. قۇرباننى بىگۇناھ  يارلاندۇرۇپسىز ؟ ھەرقانچە  چوڭ ئادەم  بوپ كەتسىڭىزمۇ  سىز ئۇنىڭغا  جان قەرزىز . ئۇ  خەتەردىم  قۇتۇلمىغىچە  ھىچكىم  ئايرىلمەن دىمسۇن،-دىدى  رەنا  بۇيرۇق  تەلەپپۇزدا ! 

ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەمىسى  جىممىدە  بوپ قالدى. قادىرنىڭ  ئاكىسى  بۇ  پەيىتتە  قايتاي دىسىمۇ   تازا قاملاشمىغاندەك ھىس قىلغان ئىدى .رەنا بولسا ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، ياندىكى روزىغا  مۇنداق ،-دىدى: 

- قۇربانىڭ قان تىپى ئالاھىدە ئىكەن. بىز دەرھال باشقا  دوختۇرخاندىكىلەر بىلەن ئلاقىلشايلى. ئۇلار  ئەكىلىپ بېرىشى مۇمكىن. 

-بولىدۇ.

-تەييارلىق قىلىڭ .

رۇزى، بىردىنلا ئىنكاس قايتۇردى. رەنا روزىنىڭ  ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىچىدە قايىل بولاتتى. ئۇ  روزىنىڭ تىخىچە ماڭمىغىننى كۆرۇپ : 

-نېمىشقا تېخىچە بارمايسىز؟

-مەن كەتسەم ئۇلارنىڭ سىزگە يامانلىق  قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.  مەن قۇربان دېرىكتورغا ۋەدە بەرگەن  . سىزنى  ياخشى  قوغدىشىمنى ئىيىتتقان، رەنا  بولسا سۇسقىنە قىلىپ:

-ئۇ مىنى ھىچنىمە قىلالمايدۇ . تېز بېرىپ قان مەنبەسىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم. دەپ تۇرۇشىغا، ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. دوختۇر جىددىيلىشىپ چىقىپ كەلدى. 

-قۇربان دىرېكتورنىڭ قىنى  ئاز ئۇچرايدىغان مۈشۈكئېيىق قېنى، بىزنىڭ قان ئامبىرىمىزدىكى قان پۇمپىسى  يەتمەيدۇ، شۇڭا  ھازىر باشقا دوختۇرخانىغا  يۆتكىشىمىز كېرەك. لېكىن  ئۈلگۈرەمدۇ ـ يوق بىلمەيمەن. گەرچە زاپاس قان مەنبەسى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بەرداشلىق بېرەلىشى مۇمكىن. 

-دوختۇر، قۇربانغا  ھېچ ئىش بولماس؟

رەنا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا دوختۇردىن سورىدى. ئۇ شۇنداق دەپ سورىغاندا  ئاۋازى تىترەپ كەتتى.دوختۇر رەناغا  بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن پەس ئاۋازدا: 

-پەقەت ماس كىلىدىغان قاننى تاپساقلا ھىچ ئىش بولمايدۇ.چوقۇم كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمەن.  

-قۇربان باش دىرېكتورنىڭ كۆكرىكىدە ئەسلىدىنلا يارا بار ئىدى ، بۇ قېتىمقى يارا ھەقىقەتەن يېنىك ئەمەس.

روزى بۇ گەپنى دەپ بولۇپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.  رەنا دوختۇرغا قاراپ تۇراتتى .  چۈنكى ئۇ راستىنلا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ قادىرنىڭ ئاكىسىغا : 

-ئەگەر قۇربان دىرىكتۇرغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ، ئۈرۈمچى چۇقۇم قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ ،-دېدى .

ئەمەلىيەتتە، قادىرنىڭ ئاكىسىمۇ قۇربانغا ئىنتايىن قايىل ئىدى. بىر ئايال سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ قالغانىدى .  قادىرنىڭ ئاكىسى گەپ قىلماي جىم تۇراتتى .   بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، قادىرنىڭ ئاكىسىغا تېلېفون كەلدى .قادىرنىڭ ئاكىسى سوفىيە ۋە روزىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن تېلېفوننى ئالدى . 

-ۋەي نىمىش ؟  ئۇرۇلغان تېلېفوننى ئەسلى، ئاپىسىنى قوغداۋاتقان  قوغدىغۇچى ئۇرغان ئىدى. 

- خوجايىن دەرھال ،دوختۇرخانىغا كەلگەن بولسىڭىز.  ئاپىڭىزنىڭ سىزگە دەيدىغان مۇھىم ئىشى بار ئىكەن. يەنە سىزنى «قۇربان بىلەن ئېيتىشمىسۇن دەيدۇ»دىدى .  

- چاتاق، بولدى . مەن قۇرباننى يارىلاندۇرۇپ قويدۇم. ھازىر دوختۇرخانىدا ،ئۇنى جىددىي قۇتقۇزۋاتىدۇ .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ ئاڭلىغانىدى . ھەمدە ئۇنىڭغا ئاچچىقلانغىنىچە : 

-سەن ئۇنىڭغا نېمە قىلدىڭ ؟

- مەن ھېچنېمە قىلمىدىم. ئۇ ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈۋەتكەن ئىدى . ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا قارىتىپ ، ئوق ئېتىپ ساپتىمەن . ئوق ئۇنىڭ يۈرىكىگە تەگدى .  

-سەن ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ؟ قۇرباننىڭ قانداق ئادەملىكىنى سەن بىلمەمسەن ؟ ئەگەر ئۇ ساقايسا ، چۇقۇم سېنى بوش قويمايدۇ ،-  دېدى ئاپىسى سوغۇق تەلەپپۇزدا .

- ئاپا، مىنىڭ  راستىنلا قۇرباننى   يارىلاندۇرۇش مەقسىتىم  يوق ئىدى .    

-كاللاڭ پەقەت ئىشلىمەيدىكەن ، سەن نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسەن .دەرھال قېشىمغا قايتىپ كەل! بىزنىڭ ئۆيدە جىددىي ئىش چىقتى . سېنىڭ بۇ قىلغانلىرىڭ تورغا يوللىنىپ كەتسە ، بىز يۈزىمىزنى نەگە قويىمىز ؟ 

- نېمە بولدى ؟

ئاپىسىنىڭ راستىنلا ئاچچىقى كېلىپ كەتكەن ئىدى .

- ئاپا ، سىز ئىزچىل ھوشسىز ھالەتتە ياتقان ئىدىڭىزغۇ ؟سىز ؟... قانداقمۇ ؟

-دەرھال قېشىمغا قايتىپ كەلسەڭ ، مۇھىم ئىشتىن بىرنى دەيمەن ؟

قادىرنىڭ ئاكىسى ھەيران قالدى .چۈنكى ،ئۇ ئاپىسىنى   خۇشال قىلىمەن دەپ بۇ ئاۋارىچىلىققا يولۇققان ئىدى . ئۇ شۇ زامات قۇرباننىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقان گەپلىرىنى بىر قۇر ئەسكە ئالدى .  شۇنىڭ بىلەن ، ئۇ رەنانىڭ قېشىغا بېرىپ :  

- سوفىيە خېنىم ،بەلكىم بەزى ئىشلاردا مەن سىزنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندىمەن . ئەگەر مەن ئالدىڭىزدا خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسام ، مەن چۇقۇم جازانى  قوبۇل قىلىشقا   تەييار،-  دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى .  

- مەن سىزگە ئېيتتىم . پەقەت قۇربانغىلا بىرەر ئىش بولمىسا ، مېنىڭ سىزگە ئارتۇق گېپىم يوق . ئەگەر، سىزنىڭ باشقا ئىشىڭىز بولسا ئۇنتۇپ قالماڭ . بۇ ئىش ئۈچۈن سىلەرنىڭ ئائىلەڭدىكىلەرگە  چۇقۇم ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەتكۇزىدۇ . 

ئەسلىدە قادىرنىڭ ئاكىسى خاتالىقنى بوينىغا ئالسا كەچۈرۋېتىدۇ دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن ،رەنانىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئۇنى ئاسانلىقچە  كەچۈرمەيدىغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى .  

- مېنىڭ ئۆيۈمدە ئازراق ئىشىم بار ، مەن ئاۋۋال قايتقاچ تۇراي . ئەگەر ،قۇربانغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ، سىز ھەرقاچان ماڭا خەۋەر قىلسىڭىز بولىدۇ؟  

رەنا قادىرنىڭ ئاكىسىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، سوغۇققىنە: 

- قاراڭ ، روزى . ئۇ بىزنى ئەخمەق ئېتىۋاتىدۇ . ئۇ قۇرباننى يارىلاندۇرۇپ مۇشۇ ھالەتكە ئەكىلىپ قويۇپ ، ھازىر قاچماقچى بولىۋاتىدۇ . بۇ قانداق بولغىنى ،- دېدى رەنا .

- مەن ئەزەلدىن، مەسۇلىيەتتىن قاچىدىغان ئادەم ئەمەس سوفىيە خېنىم . بۇ گېپىڭىز سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟

- ئېشىپ كەتتىىما ؟ سىزنىڭ قىلغان ئىشىڭىز ئېشىپ كەتمەي، مېنىڭ دېگەن گەپلىرىم ئېشىپ كەتتىمۇ ؟  سىز گەرچە قادىرنىڭ ئاكىسى بولسىڭىزمۇ، قادىر يەنىلا مېنىڭ يېقىن دوستۇم .مەن يەنىلا سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىزنى قىلىمەن . مەن ئەينى ۋاقىتتا قۇربانغىمۇ  دېگەن ،مېنىڭ قادىر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق دەپ. سىز بېرىپ تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ ، سىز پەقەت توردىكى پىتنە ئىغۋالارغا ئىشىنىپ مېنى تۇتقىلى كەلدىڭىزمۇ ؟  گەرچە سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ نامى چوڭ ، ئىگىلىكىڭلار چەكسىز بولسىمۇ ،چىكىدىراق بولسۇن .

رەنانىڭ گەپلىرى سەل مەسخىرە ئارىلاش ئىدى .   قادىرنىڭ ئاكىسى ئەزەلدىن نام ئابرويلۇق ئادەم .كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئەزەلدىن  ھېچكىم ئۇنى بۇنداق تەنقىدلەپ باقمىغان ئىدى . لېكىن ،بۈگۈنكى كۈندە   ئۇ بىر ئايالنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ۋاقىتتا قايتىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ  ، ئاپىسىنىڭ قوغدىغۇچىسىغا   ئۇچۇر يوللاپ قۇربان خەتەردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن قايتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى .   رەنا روزى ئىزچىل ئوپراتسىيەخانىنىڭ   ئىشىكىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .  رەنا كۆڭلىدە « قۇرباننىڭ يۈرىكى يارىلانسا بولمايدۇ ، ئۇنىڭ  يۈرىكى قىزى سۈرىيە  ئۇچۇن بولسىمۇ ساقىيىشىنى ئۇمىد قىلغان ئىدى.

لېكىن ،بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ يۈرىكى يارىلانغانىدى   .رەنانىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى .  ۋاقىت بىر مىنۇت ، بىر سېكۇنتتىن ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى . لېكىن، كېسەلخانىدىن ھېچقانداق شەپە يوق ئىدى . روزى  ئىچ ئاغرىتىپ :

- سوفىيە خېنىم .  سىز ئەڭ ياخشىسى ئولتۇرۇپ ساقلاڭ. مەن يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كىرەي .  قورسىقىڭىزمۇ ئاچقاندۇ ؟

رەنا روزىغا قاراپ قويۇپ ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى . چۈنكى ،ئۇنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇنلىغان خىياللار بار ئىدى .  روزى ئۇنىڭ گەپ قىلمىغىنىدىن بىئارام بولۇپ  ئالدىراپلا ، كەينىگە ئۆرۈلۈپ يەيدىغان نەرسە، سېتىۋالغىلى چىقىپ كەتتى. ھەمدە   قوغدىغۇچىدىن ئىككىسىگە سوفىيە خېنىمنى قوغداشقا بۇيرۇدى .  رەنا بىلەن قادىرنىڭ ئاكىسى بايام پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق گەپ قىلىشمىدى .  ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەقەت كېسەلخانا تەرەپكىلا تىكىلىپ تۇراتتى .  قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ خىيالىدىن نۇرغۇنلىغان خىياللار كېچىپ تۇراتتى. چۈنكى، ئۇ كۆز ئالدىدىكى   بۇ ئايالنىڭ بوش ئايال ئەمەسلىكىنى بايقىغان ئىدى . ئۇ بۇرۇن قۇرباننىڭ كىمنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ، بۇرۇنقى ئايالىنىڭ ئوت ئاپىتىگە ۋە   نۇرغۇن ئازابقا دۇچار بولغانلىقىنى بىلەتتى .  شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر نەرسە دەي دەپ تۇرۇشىغا .  كېسەلخانا ئۆينىڭ چىرغى يىنىلدى.

رەنا ھېچنېمىنى ئويلىماي ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپلا  كېسەلخانا ئۆينىڭ ئىشىكنىڭ ئالدىغا باردى .   

-دوختۇر، ئۇ قانداقراق ؟

رەنانىڭ قوللىرى تەرلەپ كەتكەن ئىدى. ئۇ جىددىيلىشىپ   نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئىدى . دوختۇر ماسكىسنى ئىلۋىتىپ تۇرۇپ :   

-ھازىرچە ھېچ ئىش يوق . بىراق بۈگۈن كەچ ئۇ قىزىتامدۇ؟ قىزىتمامدۇ؟ مۇشۇنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك .  ئەگەر بۈگۈن كەچتىن ئۆتۈپ كەتسىلا .  ئەتە ھوشىغا كېلىشى مۇمكىن . ھېچ ئىش بولمايدۇ . ئەگەر سىلەرگە مالال بولمىسا... 

دوختۇرنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا ، رەنا ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلدى-دە ، 

- مەن ،بۈگۈن كەچ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسام بولامدۇ ؟

رەنا قۇرباننىڭ يارىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى . چۈنكى ئۇ قىزى ئۈچۈن قۇرباننى ئامان ئېسەن ساقلاپ قالمىسا بولمايتتى . قۇربان سۈرىيەنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى ئىدى.  دوختۇر سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇشىغا ياردەمچى روزى  يېتىپ قالدى . ھەمدە : 

- دوختۇر ، بۈگۈن كەچ ئۇ قېپقالسۇن ، ئۇ بىزنىڭ دىرېكتورنىڭ بولغۇسى ئايالى ،ھەم بىزنىڭ  كەلگۈسىدىكى ئايال خوجايىنمىز.

- بۇ سېنىڭ…

بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ،رەنا ھەيران قالدى .  روزىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان دوختۇر دەرھال رەناغا ھۆرمەت بىلەن گەپ قىلىشقا باشلىدى .  

-سوفىيە خېنىم ، ئۇنداقتا سىز مىكروبسىز كىيىمنى كىيىۋېلىڭ . ھەم مەن بىلەن كۈزىتىش ئۆيىگە كىرىڭ .  سىز كېسەلخانا ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن ، ياخشىسى بىر نەرسە يەۋېلىڭ ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدە قالايمىقان نەرسە يېيىشكە بولمايدۇ ، پەقەت بىمارلارنىڭلا   بەدىنىگە ئۇرىدىغان ئوكۇل بار

داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0