
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 42 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 40 |
39 |
38 |
37 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
41 - قىسىم
ئۇ تېلېفوننى قويۇۋېتىشىگە ،ئەرفاتمۇ مەشىقنى تۈگىتىپ بولغان ئىدى . ئەرفات ئاپىسىنى كۆرۈپلا قۇشتەكلا ئاپىسى تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كەلدى.
- ئاپا ، مەن كېلىشكەنمىكەنمەن؟
ئۇ ئوغلىنىڭ يۈزىنى سىيلاپ تۇرۇپ:
- مېنىڭ ئوغلۇم ،بەك كېلىشكەن .ھەم بەك ئەقىللىق -دىدىكۇلۇپ تۇرۇپ .
- ئەلۋەتتە شۇنداق ئاپا .
- دېدى ئۇ،
كۆرەڭلەپ تۇرۇپ .
فۇرقەتمۇ ئەرفاتقا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي ، گەپ قىلماي سۈكۈتتە تۇراتتى . ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن رەنا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتتى:
-ۋاھ ، فۇرقەتمۇ بەك قالتىس ئىكەن . سەن تىرىشساڭلا ھامان بىر كۈنى ئەرفاتتىن ئېشىپ چۈشىسەن .
- راستمۇ ؟ سىز راست ،ماڭا ئىشەندىڭىزمۇ ؟ -دېدى فۇرقەت كۈلۈپ تۇرۇپ .
رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ،فۇرقەتنىڭ چىرايى بىردىنلا ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى . ئەرفات بۇنى كۆرۇپ ، سەل ئاچچىقى كەلدى .
-ئاپا ،سىز فۇرقەتنى ،ياخشى كۆرۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ بىشنى سيلاپ كىتىپسىز تىخى -دىدى نارازى بولۇپ .ئەمسە ئاپا ، سىز فۇرقەتنىڭ ئاپىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ ئەرفاتنىڭ گىپنى ئاڭلاپ .رەنا ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدى .پەرىيدە ئۇلارنى ئاشخانا ئىلىپ باردى. ھەمدە چۇشلىك تاماقنى بىللە يىدى .رەنا قاچىسىدىكى گۆشنىڭ بىر پارچىسىنى ، فۇرقەتنىڭ قاچىسىغا سىلىپ قويدى .ئەرفات نارازى بولۇپ قاپىقىنى تۇرۇپ ، ئاپسىغا قاردى . رەنا ئەرفاتقىمۇ بىر پاچە گۆشنى ئىلىپ بەردى ۋە كۇلۇپ تۇرۇپ ئوغلىغا قاردى .
- ئەرفات ،سىز ئۆزىڭىز يەڭ ئاپا.سىز ياخشىراق ئىنىرگىيە تۇلۇقلىمىسڭىز بولمايدۇ -دەپ گۆشنى ياندۇرۇپ بەردى .پەرىدە ئۇنىڭ قىلقىدىن ھەيرانلىق ھىس قىلىپ ،ئۇنىڭغا مەسلىكى كىلىپ كەتتى.فۇرقەت ئەركىنلگىنچە :
- رەخمەت ئاچا .
-تىزراق يە! يەپ كۇچلۇك بولساڭ ئەرفاتنى يىڭۋالالايسەن - دېدى ،ئۇنى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ. پەرىدە رەنانىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەي ئۇنىڭدىن سوراپ :
- سەن فۇرقەتنى ئۆزۈڭگە ياخشى ،كۆرگۈزۈپ مۇنىرەگە تاقابىل تۇرماقچىمۇ ؟
- ياق ، ئۇنداق ئەمەس ، سەن كۆپ ئويلىما . گەرچە ،مۇنىرەنىڭ جىنايىتى چوڭ بولسىمۇ . لېكىن، بالىدا ھېچقانداق گۇناھ يوق . مەن ئاپىسىنىڭ گۇناھىنى دەپ ،بالىسىغا رەھىمسىزلىك قىلسام بولمايدۇ .مەن ئۇنداق پەسكەش ئەمەس ، - دىدى رەنا .
- سەن راستلا ،ئاقكۆڭۈللۈك قىلىۋاتىسەن. لېكىن ،قۇربانغا بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ- دېدى پەرىدە ئەنسىرەپ .
-سەن خاتىرجەم بول . مەن ئۇنىڭغا، ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلمايمەن؟- دىدى رەنا كۇلۇپ تۇرۇپ .
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار تامىقىنى يەپ بولۇشتى . پەرىدە ، فۇرقەت ، ئەرفات ئۇچى، مەشىق قىلىش ئۈچۈن كىتىپ قالدى . رەنا بىر ياندا ئورۇندۇقتىن بىرنى تېپىپ ئولتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ مەشىقىنى كۆرمەكچى بولدى .بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ،قۇربان ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى . ئەسلىدە ئۇ ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ناھايىتى خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى . توساتتىن ،قۇرباننىڭ تېلېفون قىلىشى ئۇنى بىئارام قىلدى .ئۇ تىلفۇننى ئىلشىغا :
- ھەربىي گازارمىغا خېلى كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ؟
-ھە ،خىلى ياخشى .
مېنىڭ قېيىنانام بىلەن قېيىناتام . ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس .شۇڭا ،ئۇلارنى ھاۋاسى ياخشى جايغا بېرىپ كۆڭلىنى ئېچىپ كەلسۇن دەپ ، ئارالغا بېرىشىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم . ئۇ يەردە بالىلارمۇ بار ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ . قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، رەنانىڭ نەپىسى يېتىشمەي قالدى .ھەمدە قوللىرى تىترەپ كەتتى .
-سىز كىمنى كېلىدۇ دەۋاتىسىز ؟كىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئەمەس ئىكەن ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ جىددىيلىشىپ سوراۋاتقان سوئالدىن ئەنسىرەپ ،ئۆزىنى سەل تۈزۈۋالدى ۋە مەن سىزنىڭ قېيىن ئانا قېيىن ئاتىڭىزنىڭ ھالىدىن نېمىشقا خەۋەر ئالغۇدەك مەن ؟مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن ،-دەپ بۇ يەرگە كەلگەنمۇ ؟
- ئۇلارنى ئارالغا ئارالغا بېرىشقا تەستە كۆندۇردۇم، ئەگەر ئۇلار بېرىپ قالسا ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويسىڭىز !ئۇلار ماڭا كۆپ ياخشىلىق قىلغان . مەن ئۇلارغا قەرز ...مەن ئۆتۈنۈپ قالاي .
-ماقۇل ، شۇ تاپتا رەنا ئۆز ئاتا ئانىسىنى شۇنچىلىك سېغىنغان ئىدى . لېكىن ،ئاتا ئانىسىغا ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە بولمايتتى .
ئۇ تېلېفوننى قويىۋەتتى .كۆڭلىدە ئاتا -ئانسى بىلەن كۆرىشىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۇتتى .شۇنىڭ بىلەن ،ئۇ ئەرفات تۇرغان ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى . ئۇنىڭ يېنىدا بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى . ئۇ ياتاقنىڭ دېرىزە تېشىدا تۇرغان ،گۈللەرنى كۆرۈپ گۈللەرنى سۇغۇرۇپ قويماقچى بولدى .چەينەكتىن بىرنى تېپىپ ،سۇ ئېلىپ دەرىزە تەرەپكە قاراپ ماڭدى . دېرىزىنىڭ سىرتىدىن قارىسا، تۆت -بەش قوغدىغۇچى ئۇياندىن -بۇيانغا مېڭىپ تۇراتتى ھەمدە :
-بۇ يەرنىڭ قوغدىلىشى ناھايىتى ئەتراپلىق ئىكەن ،-دىدى ئۇ، دەرىزىنى ئىتۋىتىپ .تۇيۇقسىز، ئۇنىڭ ئارقىسدىن بىرى ئىغزىنى تۇتۋالدى .رەنا بەكلا قۇرقۇپ كەتتى. ئۇ بۇ ۋاقىتتا ئۆزىگە بىرەر كىلىشمەسلىك كىلشىدىن بەكلا ئەنسىرەيتى .
ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن تولغىنىپ باقاتتى .لىكىن ،بۇشتالمىدى. ئۇ ئادەم ئۇنىڭ ئاغزىنى چىڭ تۇتۋالغاچقا ،رەنا ۋارقىراي دىسىمۇ ئاۋازى سىرىتقا چىقمايتى.
رەنا ئۇ يان تولغىشىپ ، بۇ يان تولغىشىپ قارشى تەرەپنىڭ ئەجەللىك يېرىگە بىرنى تىپۋەتكەن ئىدى . قارشى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئاخىرىدا :
-بۇ مەن ، مەن قادىر .ۋايجان , ۋايەي … سىز ماڭا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلمىسىڭىز بولاتتى. مېنىڭ تېخى بالام يوق .تەپكەن يېرىڭىزگە قاراڭ-دېدى ئۇ ,ۋايجانلاپ .… قادىر ۋايجانلاپ تۇرۇپ قالدى ، رەنا ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدى .
-قانداق بولۇپ, سىز بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭىز ؟
قادىر چېكىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ، بوش ئاۋازدا ۋايجانلانلىغىنچە:
-مەن بولماي ,كىم بولاتتى .سوفىيە خېنىم. سىز ماڭا بەك ئازار بەردىڭىز . سىز ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلمىسىڭىز بولاتتى .ئاشۇ يەرگىمۇ تېپەلەمسىز دەيمەن . ئەگەر سىز قالايمىقان ۋارقىرىغان بولسىڭىز ، قۇرباننىڭ ئادەملىرى مېنى تۇتۇۋېلىپ ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولاتتى ، - دېدى ئۇ يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئېغىر ، ئېغىر نەپەس ئالغاچ . رەنا سەل خىجىل بولۇپ:
- مەن سىز ئىكەنلىكىڭىزنى ،پەقەت ئۇقماپتىمەن . سىز كەتكەن ئىدىڭىزغۇ ؟ دېدى رەنا .
-مەن قەيەرگە بارىمەن ، مەن قۇرباننىڭ بازىسىغا ئاران كەلگەن تۇرسام .
مەن بۇنداقلا كەتسەم، ئۆزۈمگە قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمەن ، ھېلى قۇربان دېگەن ئىپلاس . ئۇ مېنىڭ ئائىلەمگە بېرىپ قالايمىقان گەپ قىلىپ يۈرۈپتۇ . مەن سىز ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىشكە پېتىندىم. قۇربان مۇشۇنداق قىلغان يەردە ، مەن ئۇنىڭغا ئازراق ئىش چىقىررىپ بەرمىسەم بولماس ،- دېدى ئۇ نارازى بولۇپ . قادىرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، رەنانىڭ چىرايى ئۆزگەردى . ئۇ ئۆز شىركىتىنىڭ مەخپىي ھوججەت تۇرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ،تۈرنىڭ مېنىڭ قوبۇل قىلىۋالغىنىم ئۇچۇن مەندىن خاپا .ئۇ مەندىن ئۆچ ئامماي قالمايدۇ . مەنمۇ، ئۇنداق ئاسان بوزەك بولىدىغان ئادەملەردىن ئەمەس . لېكىن ، مەيلى سىزنىڭ ئۇ ئىشلار بىلەن كارىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ . ئەمما، بىر ئىشتا سىز ماڭا ياردەم قىلىڭ ؟
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
قادىر يان تەرەپتىن ،ئورۇندۇقتىن بىرنى رەناغا ئاپىرىپ بىرىپ ئولتۇرغاچ . سىز بۇ يەردە مېنى كۆرمىگەنگە سېلىپ يۈرىۋەرسىڭىز بولىدۇ ، مەشىقمۇ ئادەتتىكىدەك بولىۋېرىدۇ ، مەن ئۇقىمەن ، بۇ يەرنىڭكى ئامانلىق ساقلاش سىستېمىسى ناھايىتى مۇستەھكەم ، لېكىن ،مېنىڭ ئالدىمدا كار قىلمايدۇ .
- ۋېي ، شۇنداقمۇ . سىز بەك يامانمۇ نېمە .؟
- ئەلۋەتتە ،- دىدى قادىر ئۆزىنى داڭلاپ .
رەنا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ سالدى ، ھەمدە چاندۇرمايلا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى . ئۇ يەنە :
-ماڭا لازىمى، بۇ بازىنىڭ يەر شەكلى خەرىتىسى . مەن بۇنىڭغا ناھايىتى ئەتراپلىق ئېرىشىشىم كېرەك . مەن بىلىمەن، بۇ يەرنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك جاي ئىكەنلىكىنى. لېكىن ،سىز ماڭا ياردەم قىلىڭ .
-چاتاق يوق ، ئۇنداقتا ،سىز بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك . ئۇلار گۇناھسىز ، ئۇلارغا زەخمە يەتسە بولمايدۇ ،- دىدى رەنا ئەنسىرەپ .
-ئۇنىڭدىن ،سىز خاتىرجەم بولۇڭ .ئۇلار ، بۇ يەردە غەمسىز مەشىق قىلغاچقا ،مەن بۇ ئىشنى تاماملىيالىشىممۇ ئوڭايغا چۈشىدۇ . خاتىرجەم بولۇڭ.
قادىرنىڭ گېپىدىن ،رەنا خاتىرجەم بولدى -دە . ئۇنىڭ كاللىسىغا ،يەنە بىر سوئال پەيدا بولدى .ئەجەبا ،سىز داۋاملىق مېنىڭ قېشىمدا يوشۇرۇنۇپ تۇرماقچىمۇ ؟
- ئەلۋەتتە شۇنداق ، بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە ئەسكەرلەر بار تۇرسا. سىزنىڭ قېشىڭىزدا تۇرسام ئەڭ بىخەتەر، - دېدى ئۇ ئۆكۈنۈپ تۇرۇپ:
- قەتىي بولمايدۇ ،- دېدى رەنا بىۋاسىتە رەت قىلىپ .
- نېمىشقا ؟سىز مېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ -دىدى قادىر .
رەنا ئۇنىڭ بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا:
ئۇنداق ئەمەس ، سىز بولسىڭىز بىر بويتاق .مەن دېگەن بىر تۇل ئايال . ئىككەيلەن بىر ئۆيدە تۇرساق ياخشى بولمايدۇ .
-ھېچقىسى يوق ، مەن سىزگە مەسۇل بولىمەن ،- دېدى قادىر گەپدانلىق قىلىپ .
سىز ماڭا مەسۇل بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
- ئەمىسە ،سىز ماڭا مەسۇل بولامسىز ؟ -دېدى قادىر قاشاڭلىق قىلىپ .
سىز ماڭا، چۇقۇم مەسۇل بولۇشىڭىز كېرەك . سىز تاس قالدىڭىز مېنى ،كېرەكسىز ئەر قىلىپ قويغىلى . رەنا تېرىكىپ بېرىپلا ،ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋلدى -دە ؛
- ھازىردىن باشلاپ، ئاغزىڭىزنى چىڭ يۇمۇڭ . ئەگەر يەنە قالايمىقان گەپ قىلسىڭىز ، مەن سىرتتىكى ئەسكەرلەرگە دەپ سىزنىڭ ئەدىپىڭىزنى بېرىمەن .
قادىر ماقۇل دېگەننى بىلدۈرۈپ بېشىنى لىڭشىتتى . رەنانىڭ قولى شۇنچىلىك يۇمشاق ئىدى .ئۇ سەل ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىپ :
- سىز مېنىڭ قېشىمدا تۇرسىڭىز بولمايدۇ ، مەن ئوغلۇم بىلەن بىللە تۇرىمەن . سىزمۇ بىللە تۇرسىڭىز قولايسىز بولۇپ قالمامدۇ
- ئەمىسە مەن سىزنىڭ ،ئوغلىڭىز بىلەن بىر كارىۋاتتا سىقىلىشىپ ئۇخلىسام بولىدىغۇ ؟
رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ .
- مېنىڭ ئوغلۇم، سىز بىلەن يېتىشنى خالىمايدۇ .
- ئۇنداق ئەمەستۇ ، سوفىيە خېنىم ؟ ئوغلىڭىز مېنى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسا ، سىز قەستەنگە مېنى قاچۇرىۋاتىسىز! ماڭا بۇنداق ئازار بەرسىڭىز بولمايدۇ.
-ئىش قىلىپ، مەن قوشۇلمىغىنىم قوشۇلمىغان ، سىز باشقا جاي تېپىپ تۇرۇڭ .
قادىر رەناغا يېقىن تۇرۇپ ، نارازىلىق بىلدۈرگەن ھالدا.
-بوپتۇ ، مەن باشقا جاي تېپىپ تۇراي .لېكىن ،سىز ماڭا ياردەم بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ ! ۋاقىتى كەلگەندە ، سىز مېنى قوغدىشىڭىز كېرەك .
- نېمىشقا سىزنى ،قوغدىغىدەكمەن ! سىز ئۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟ بىز دېگەن بىر مەيداندىكى جەڭچىلەر تۇرساق ، يېتىدىغان نىشانىمىزمۇ بىر ،- دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ .
- بوپتۇ ، سىزنى قوغدىسام قوغداي . مەن سىزگە ،بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى خەرىتىسىنى بېرەي . ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا، مېنىڭ چاتىقىم يوق .
-چاتاق يوق ، پۈتۈشتۇق ئەمىسە ،- دېدى قادىر كۈلۈپ تۇرۇپ، قولىنى تەڭلەپ .
توساتتىن ،سىرتتىن ئاياق ئاۋازى ئاڭلاندى . قادىر چاققانلىق بىلەن ،دېرىزىسىدىن ئاتلاپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .
- ئاپا ، بىز قايتىپ كەلدۇق .
- ئاچا ، مەنمۇ قايتىپ كەلدىم .
- دېدى فۇرقەت، رەناغا قاراپ تۇرۇپ . ئەرفات يان تەرەپتىكى ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇردى.
-ئاپا، بۈگۈن. فۇرقەت مەشىق قىلىپمۇ ماڭا يېتەلمىدى.
-يېتەلمىسەممۇ ، مەن خېلى تىرىشىپ ياخشى مەشىق قىلدىمغۇ ؟ رەنا بېرىپ فۇرقەتنىڭ بېشىنى سىلاپ قويدى . ئەرفات سەل قىزغانغاندەك قىلىپ ئاپىسىغا قاراپ قويدى رەنا :
ئوغلۇم، سەن بۇنداق ،چوڭ سۆزلىمىسەڭمۇ بولىدۇ ، ھەممە ئادەمنىڭ تالانتى ئوخشاش بولمايدۇ .
- ئاپا ، ئەمىسە بۇ ياتاققا كىم كەلدى ؟ ئەجەب ئەتىرنىڭ پۇرىقى بارغۇ ؟ بۇرۇن بىز بۇ ياتاققا كېلىپ باقمىغان .
ئەرفاتنىڭ سوئالدىن رەنا چۆچۈپ كەتتى .
- ئاپا ، مەن بىلىمەن . سىز ھەرگىز بۇنداق ئەتىر ئىشلەتمەيسىز ؟
رەنا يۆتىلىپ قويۇپ ، بايا راستىنلا بىر تاغاش كېلىپ كەتكەن . ئۇ كېلىپ بىزگە مەخپىيەتلىك ساقلاشنى ئېيتتى . لېكىن ،ھېچكىمگە دېمە ھە ؟
نېمە ؟ئاپا، سىز مۇھەببەتلەشتىڭىزمۇ ؟
قانداق مۇمكىن بولسۇن ؟ - دېدى رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ. ئەرفات بوش ئاۋازدا:
-ماقۇل ئاپا ، مەخپىيەتنىغۇ بىز ساقلايلى . ئەگەر سىز مۇھەببەتلەشسىڭىز، سەمەت دادام بىلەن مۇھەببەتلەشمىسىڭىز ، مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ . لېكىن ،ئاپا ياخشى كۆرسىڭىز، مۇھەببەتلەشسىڭىزمۇ مەيلى . مەن ۋەدە بېرەي ، مەن مەخپىيەتلىكنى ياخشى ساقلايمەن ئاپا .
-ئۇنداق ئەمەس ، ئوغلۇم . ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئادەتتىكى دوست شۇ .كۆپ ئويلىما .
ئۇلار شۇنداق پاراڭلارنى قىلىپ تۇرۇشىغا ، سىرتتىن پەرىدەم يېتىپ كەلدى
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



