大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 70 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 70 - قىسىم aybarawazi
2024-03-29
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62




69
68



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


70 - قىسىم


ئۇ ئەرفاتنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى ھەم  ئەرفات قېنى؟ .

-ئەرفات سىرتقا چىقىپ كەتتى . ئۇنىڭغا ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ھەمراھ قىلىپ قويدۇم. ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .بىر ئازدىن كېيىن ياردەمچى روزى يەيدىغان نەرسە ئەكىلىپ بېرىدۇ ئۇمۇ قايتىپ كىلىدۇ؟  ھەجەپ قورقۇپ كەتتىم ،-دېدى  رەنا يۈرۈكىنى تۇتقاچ.

- خاتىرجەم بولۇڭ .بۇ يەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يېرىم، ئۇنىڭغا ھېچقانداق زەخمە بولمايدۇ .

بۇ ۋاقىتتا دوختۇر: 

- قۇربان دېرىكتور، تاڭىدىغان يەرنى ياخشى تېڭىپ قويدۇم . ئەڭ ياخشىسى ئېغىر ھەرىكەت قىلماڭ !بىز ئاۋۋال قايتايلى .بىرەر ئىش بولسا بىزنى چاقىرىڭ !

دوختۇر كۆزنى قىسىپ قويدى -دە چىقىپ كەتتى . 

-قېشىمغا كېلىڭ ،- دېدى قۇربان رەناغا قاراپ!

- بولمايدۇ.

رەنا قۇرباننىڭ مەقسىتىنى بىلدى.ۋە ئارقىغا ئىككى قەدەم چىكىندى. قۇربان كۇلۋەتتى .

- قىشىمغا كىلىڭ. سىزگە دەيدىغان گىپىم بار .ئەرفاتقا مۇناسىۋەتلىك.«ئەرفات» دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ رەنا قۇرباننىڭ قىشىغا كىلىشىگە قۇربان ئۇنىڭ قۇلىدىن تارتىپلا باغرىغا باستى.

-قۇربان بۇ نىم قىلغىنىڭىز؟…

قۇربان ئۇنى تارتىپلا كۆزلىرىگە قاراپ قولىنى سىيلاپ تۇتتى يەنە بىر قولى بىلەن يۇزىنى سىيلاپ لەۋلىرگە لىۋىنى تەككۇزۇشكە باشلىدى…

رەنانىڭ بەدەنلىرى قىززىپ كەتكەن ئىدى .ئۇ خۇدىنى يوقىتىپ قويايلا دەپ قالغان ئىدى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن قۇرباننى ئىتتىرۋەتتى. رەنانىڭ يۇزلىرى ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزرىپ كەتكەن ئىدى .

-مەن بەش يىلنىڭ ياقى ئۆزۇم يالغۇز ئۇخلۇدۇم .سىزنى چىن قەلبىمدىن ساقلىدىم .ئەجىبا ،ماڭا ئازراقمۇ ئىچىڭىز ئاغىرمامدۇ؟

-ياق ،- دىدى  رەنا كەسكىنلا. قۇرباننىڭ ئۆزىگە سادىق بولغان ھالىتىمۇ ئۆزىگە ئايان ئىدى. -بولدى. سىز ياخشىلاندىن كىيىن دىيشەيلى،-دىدى رەنا.

قۇربان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆزلىرى يۇرۇپ كەتتى .

-سىزنىڭ، دىگىنىڭىز مىنىڭ كىسلىم ساقايغاندىن كىيىنما؟

- مەن ھىچنىمە دىمدىم ،-دىدى رەنا .

قۇربان، بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ بەكلا خوش بولۇپ كەتكەنىدى .بۇ ۋاقىتتا ياردەمچى روزىمۇ يىتپ كەلدى.

-ئۆھۇ،،،ئۆھۇ.

دىرىكتۇر تاماق كەلدى ،- دىدى قەستەن يۆتۇلۇپ قويدى.

رەنانىڭ يۇزى ئاۋالقىدەكلا قىپقىزىل تۇراتتى.ھەمدە بىلندۇرمەي:

-مەن چىقىپ ئەرفاتنى تىپىپ كىلەي .تامقىنى يەۋالسۇن.

شۇنداق دىگىنچە يۇگۇرۇپ چىقىپ كەتتى.قۇربان بۇنى كۆرۇپ مەنىلىك كۇلۇپ قويدى.روزى يۇزىنى تۇتقاچ:

-قۇربان دىرىكتۇر، مەن بىئەب ۋاقىتتا كىلىپ قالدىممۇ قانداق؟

-شۇنداق.

كىلەر قىتىم كەلگەن ۋاقىتتا ،ئالدىن تىلفۇن قىلۋەتىكىن!

روزى بۇنى ئاڭلاپلا يۇزى قىزرىپ كەتتى .

- قۇربان دىرېكتور بۈگۈن كەيپىياتىڭىز خېلى ياخشى ئىكەن .

قۇربان روزىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلدى . دە گەپنى يۆگەپ: 

-قادىرنىڭ ،ئۆيدىكىلەر ئۇ ئادەملەرنى سوراق قىپتىمۇ؟- دەپ سورىدى .

روزى قولىدىكى تاماقنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ بولغاندىن كېيىن بوش ئاۋازدا:

- قادىرنىڭ ئۆيدىكىلەر مۇنىرەنى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ .ساقچىلار تەكشۈرۋېتىپتۇ . مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىشىمچە مۇنىرەگە بىر ئىش بوپتۇ . بۇ خوتۇن ئىزچىل ئادەم ئىزدەپ بۇ ئىشلارنى ياپماقچى بوپتۇ . قالغىنى سىز بۇيرۇق بەرسىڭىز ، قالغانلار بىزنىڭ ئۆيدە ساقلاۋاتىدۇ . سىزنىڭ ھەربىي دوختۇرخانىدىكى ئۇچۇرىڭىزنى مەخپىي تۇتتۇق ھېچكىم بىلمەيدۇ ،-دىدى .

ئىشنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى قۇربان ئالدىنئالا پەملىگەن ئىدى. بىراق ، مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ بۇنچە تېز يولغا چىقىشنى ئويلاپ خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى .

- ئەمىسە ،سەن ئامال قىلىپ مۇنىرەنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ سودىسىنى باستۇرۋەتكىن . ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرى باش ئەگكەن ۋاقتىدا ،يۈرىكى ئازابقا توشقان ۋاقتىدا ماڭا ھەممە ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ،- دىدى .

-بولىدۇ.

روزى، ئۇ يەنە بېشىنى تۆۋەن قىلغان ھالدا 

-يەنە بىر ئىش بار سىزگە ئېيتىشىم كېرەك !

- قېنى ئېيتە!

- قۇربان دىرېكتور ،سىزنىڭ ئاپىڭىز ، چەت ئەلدە تۇرۇپ تېلېفون قىپتۇ. مەن ئۇنىڭغا سىزنىڭ يارىلانغانلىقىڭىزنى ئېيتمىدىم . مەن رەناغا ۋە ئەرفاتقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن . ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاپىڭىز ، بۇ ئىشنى ئۇقۇپ  قالسا  ئەرفات بىلەن رەنا خېنىمنىڭ قانداق كۈنگە قالدىغىنى تېخى ئېنىق ئەمەس . ئەگەر سىز، راستىنلا ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ ئويلىسىڭىز سالامەتلىكىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ ،-دېدى روزى . 

قۇربان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھاڭ تاڭ قالدى . چۈنكى، روزى تۇنجى قېتىم بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دېيىشى ئىدى . روزى قۇرباننىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىغا ئاز ئارلىشاتتى . سېنىڭ دېگەنلىرىڭ  ماڭا دېمەكچى بولغان ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟ -دېدى قۇربان بوش ئاۋازدا . روزى ئىككىلەنگەن ھالدا بوش ئاۋازدا :

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

- توغرا توغرا. بىزنىڭ خوجىدار ئايال بىلەن مۇناسىۋەتلىك . خوجىدار ئايالنى، مەن  باشقا ياققا ئورۇنلاشتۇرمىغان  ئىدىم . ئەگەر ئۇ ئەينى ۋاقىتتا، ئاشۇرۋەتمىگەن بولسا  ئۇ ئۆيدە تۇرىۋەرگەن بولاتتى. 

-ئەمىسە ،سەن ھەر ئايدا مېنىڭ شەخسى ھېساباتىمدىن ئۇنىڭغا ئازراق پۇل ئۇرۇپ بەرگىن . خوجىدار ئايالنىڭ ئوغلى ياكى قىزى يوق . ئۇ پۈتۇن ئۆمرىنى مېنىڭ  ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشقا ئىشلەتتى  .شۇڭا، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنىڭغا ۋاپادارلىقىمنى يەتكۈزمىسەم بولمايدۇ ،-دىدى .

ياردەمچىسى مەلۇم بىر ئىشنى قۇرباندىن يوشۇرۇۋاتقاندەك قىلاتتى . ئەقىللىق قۇربان بۇنى بايقىۋالغان ئىدى .

- زادى نېمە ئىش بولدى ؟نېمانداق تەستە گەپ قىلىسەن ،- دېدى قۇربان قاپاقلىرىنى تۈرگىچە.

روزى سەل ئىككىلەنگەن ھالدا: 

-ئەرفاتنىڭ يوقاپ كەتكەن ئىشىدا خوجىدار ئايالنىڭمۇ قولى  بار ئىكەن .

- سەن نېمە دەۋاتىسەن ؟

قۇربان شۇنداق دەپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . يارا ئېغىزىدىكى ئاغرىقلارنى ئۇ سەزمىگەن ئىدى . روزى خوجىدار ئايالنىڭ ،قۇرباننىڭ كۆڭلىدە قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى . لېكىن ، بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دېمىسە بولمايتتى:

-سەمىرەنى ، خوجىدار ئايال قويۇپ بەرگەنكەن . سەمىرە بىلەن خوجىدار ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتا ، رەنا خېنىمغا قوغدىغۇچى ئايال لازىم بولغاندا سەمىرەنى خوجىدار ئايال تونۇشتۇرغان ئىدى . بۇ سەمىرە دېگەن قىزچاق ئىنتايىن زېرەككەن . بەزى ۋاقىتلاردا ،مەنمۇ كۆپ ئويلاپ باقماپتىمەن . مەن تېخى خوجىدار  ئايال ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى دەپ ئويلاپتىمەن . ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىش مەقسەتلىك ئىكەن . لېكىن ، بۇ قېتىملىق ھۆسن تۈزەش ئورنىنى قورشاۋغا ئالغان ۋاقتىمىزدا ، سەمىرە قېچىپ كەتتى . مەن ھۆسن تۈزەش ئورۇننىڭ تېلېفون خاتىرىسىنى تەكشۈردۈم . تېلېفون قىلغۇچى بولسا خوجىدار ئايال ئىكەن . پەردازخانىدا سەمىرەدىن باشقا مەن بىلمەيدىغان يەنە باشقىلار بىلەن خوجىدار ئايالنىڭ  مۇناسىۋىتى ئىنتايىن باغلىنىشلىق ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، سەمىرە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا ئىز دىرەكسىز  غايىب بولدى . بۇنداق ئىشنى ئادەتتىكى ئادەم ھەرگىزمۇ قىلالمايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە .… روزى مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ،دەرھال گېپىنى توختىتىۋالدى . قۇرباننىڭ  بولسا تىتىلداپ ئىچى سىقىلىپ كەتكەن ئىدى.

- دەرھال دېگىن! نېمانداق تىلىڭنى چاينايسەن ئايال كىشىدەك ؟ قۇرباننىڭ ئالدىرىغان ھالىتىنى كۆرۈپ روزى سەل ئىككىلەنگەن ھالدا:

- سىزنى ھەربىي دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئەكىرىپ كەتكەن ۋاقتىدا ،خوجىدار ئايال بىرىنچى بولۇپ ھەربىي دوختۇرخانىغا كەلدى . ھەمدە جېدەل قىلىپ رەنا خېنىم بىلەن ئۇرۇشتى . سىز جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ۋاقتىدا ، ئەرفات ئۇخلاپ قالغانىدى . ئەسلىدە رەنا خېنىم ئەرفاتنى ئاپىرىۋېتىشنى تاپىلىغان ئىدى. لېكىن ، بۇ ۋاقىتتا خوجىدار ئايالنىڭ كەلگىنىدىن ئۇ بارلىقىنى ھېس قىلدى . ئەمىلىيەتتە ، ئۇ تۇرىۋاتقان يەردە  سىزنىڭ بۇنداق  ئىشقا يولۇقۇشىڭىزنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس . لېكىن ،ئۇ بىرىنچى بولۇپ كەلدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇ كېلىپلا رەنا خېنىمنى ئاۋارە قىلدى .

قۇرباننىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن گادىرماچ خىياللار ئەگىيتتى . ئۇ كۆڭلىدە خوجىدار ئايالنىڭ نېمە ئۈچۈن رەنا خېنىمغا ئۆچلۈك قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى .چۇقۇم بىر مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلدى .  ئۇ سەل ئېسىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن: 

-ئۇنداقتا، ئاپام نېمىشقا تۇيۇقسىز ماڭا تېلېفون قىلغاندۇ ؟ 

روزى تۆۋەن ئاۋازدا:

-مەن ،خوجىدار ئايالنىڭ تېلېفونلىشىش خاتىرىسىنى كۆرگەن ئىدىم . خوجىدار ئايال بۇرۇنلا ئاپىڭىزغا تېلېفون قىلىپ قويغان ئىكەن . 

روزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، قۇرباننىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى . قۇربان قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە ، بوش ئاۋازدا: 

-سەن ،دەرھال ئاپامغا تېلېفون ئۇلاپ بەر ! مەن ئۇنىڭ بىلەن سۈرەتلىك پاراڭلىشىمەن .

- ئەمما ، دېرىكتور سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز مۇشۇنداق تۇرسا ؟

-مەيلى ، ھېچقىسى يوق . ئاپامنىڭ باشقىلارنىڭ قالايمىقان گېپىنى ئاڭلىغىندىن .  ئۆزۇم ئۇنىڭغا ئەينەن ئەھۋالنى دېگىنىم ياخشى.

قۇربان ،ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋەتتى . ياردەمچى روزىمۇ  ئارتۇق گەپ قىلماي تېلېفوننى ئۇرۇپ قۇربانغا بەردى . قۇرباننىڭمۇ بىر نەچچە مىنۇتقا قالماي تېلېفونى ئېلىندى . كېسەل كارۋىتىدا ياتقان ئوغلىنى كۆرگەن قۇرباننىڭ ئاپىسىنڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.

- قۇربان ،سەن راستىنلا يارىلاندىڭمۇ ئوغلۇم ؟

ئاپىسىنىڭ ئەنسىرىگەن  ھالىتىنى كۆرگەن قۇرباننىڭ پەرىزى توغرا چىققان ئىدى .  ئۇ چاندۇرماستىن كۈلۈپ تۇرۇپ: 

-ئاپا ،كىچىككىنە يارا . ھېچقىسى يوق . ئاپا ، سىز مېنىڭ يارىلانغانلىقىمنى قانداق بىلدىڭىز ؟ئىككىمىزنىڭ  ئارىلىقى شۇنچىلىك يىراق .  مېنى  يوشۇرۇن كۆزىتىۋاتامسىز يا ؟

- سەن ،ئاز ھىيلىگەرلىك قىل ! ئۆزۈڭچە ،ئۈرۈمچىدە بولمىغۇر ئىشلارنى قىلسام ئاتا -ئانام چەتئەلدە بىلمەيدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ ؟ قۇربان سەن  ، كىچىك بالا ئەمەس . نەچچە يىللار ئىلگىرى رەنا ئۆلۈپ كەتتى . بۇ دەردكە سەن چىداپلا ئۆتۈپ كەتتىڭ .ئاڭلىشىمچە ،سەن يەنە بىر قىزغا ئاشىق بوپ يۇرۇپسەن  .ئەينى ۋاقىتتا ئاپاڭ سېنى ئازابنىڭ ئىچىدىن تەسلىكتە قۇتقۇزغان ئىدى . بۇنىڭدىن مەن بەكلا خوش بولغان ئىدىم . لېكىن ، ھازىر تونۇشقىلى تېخى بىر نەچچە كۈن بولمىغان ئادەم ئۈچۈن جېنىڭ سېلىپ بەرگىلى تاسلا قاپسەن .  ئەينى ۋاقىتتا سەن رەناغا بۇنداق ياخشىلىق قىلغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم . ساڭا ئېيتىپ قوياي ؟ ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى سورىمايدىغان بولساڭ . مەن قايتىپ بېرىپ سېنى تازا جازالايمەن . سەن تونۇشقان ھېلىقى ئايال قانداقراق ئايال ؟ بۇ ئىشىڭنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىۋەتكىن .سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كەلمىسۇن . بولمىسا ۋاقتى كەلگەندە ، سەت تۇرىدۇ ئاڭلىدىڭمۇ ! قۇرباننىڭ ئاپىسى بىر ئاغزىنى ئېچىشى بىلەنلا ھەممە  گىپىنى  دەۋەتتى ۋە تىلفۇننى ئۇزىۋەتتى.

- بولدى قىلىڭە .

قۇربان ئاخىرى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي  رەنانىڭ  جاۋابىنى رەت قىلىۋەتتى . رەنا ھەيران قالغىنىچە ، ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى .ھەمدە قىزى سۈرىيەنىڭ ئىشىنى ، ئۇنىڭغا قانداق ئېيتىشنى بىلەلمەيۋاتاتتى .

- بولدى ،قورسىقىم تويدى .

-سىز ،تېخى ئەمدىلا ئىككى قوشۇق ئىچتىڭىز ؟ -دېدى رەنا قولىدىكى قاچىغا قاراپ ئىچى سىقىلغىنچە. سىز يارىلاندىڭىز ، جىقراق ئىچىشىڭىز كېرەك ئىدى ؟  

رەنا قۇرباننىڭ خاپا بولغان ھالىتىنى كۆردى ۋە ھازىرقىدەك ئەھۋالدا ، قىزى سۈرىيەنىڭ گېپىنى ئېيتسا تازا مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى چۇشەندى . شۇنىڭ بىلەن رەنا قولىدىكى قاچىنى ئىسسىق ساقلاش قاچىسىغا  سېلىپ:

- قورسىقىڭىز ئېچىپ قالسا ، بۇنىڭ ئىچىدىن  ئېلىپ يەرسىز بۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويسام ، تاماق سوۋۇپ قالمايدۇ . ئازراق مايلىق بولسىمۇ ، لېكىن سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق . 

قۇربان رەنانىڭ سەمەت دېرىكتور بىلەن بولغان  مۇناسىۋىتىنى ئۆزىگە چۈشەندۈرمىگەنلىكىدىن ئىچى پۇشۇپ  زېرىكىپ قالغانىدى.

-ھە ، ماقۇل . مەن چارچاپ كەتتىم . مەن بىردەم ئۇخلىۋالاي . -ماقۇل ، سىز ئۇخلاۋېرىڭ . مەن سىزگە ھەمراھ بولاي ،- دېدى رەنا ئارتۇق گەپ قىلماي .

لېكىن ،بىر مۇنچە سوئاللار ئۇنى قىينايتتى . قۇربان، رەنانىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ چىدىيالمىدى ھەمدە: 

- كارۋاتقا چىقىڭ !بىللە ئۇخلايلى !قاراڭ كۆزلىرىڭىز ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ. باشقىلار بۇنى كۆرسە قۇربان رەنانى باقالماپتۇ دېمەمدۇ

رەنا قۇرباننىڭ ئىچى سىقىلغان ھالىتىنى ھەمدە ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ كۈلدى -دە ئىچى بىر خىل ئىللىپ قالدى .


داۋامى بار …


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ، ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئايبەر ئاۋازى ئەپچىمىز يىللىق تەكشۈرۈش قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بىر ئىككى كۈن ئېچىلمايدۇ ، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز .

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0