
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 83 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 79 |
78 |
77 |
76 |
75 |
74 |
| 81 |
80 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
82 - قىسىم
-سىزنىڭچە ئۇلار فۇرقەتنى باھانە قىلىپ يوچۇق تاپماقچىمۇ ؟
-مەنمۇ، شۇنداق ھېس قىلدىم ؟ ئەگەر ،فۇرقەت ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا ، ئۇلارغا پۇرسەت بار بولىدۇ .
-مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئايال ئەمەسقۇ؟- دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى .
- كىم بىلىدۇ ؟
رەنا ئارتۇق گەپ قىلمىدى .ئەرفات يەنە بىر ياقتا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىسىمۇ ئۇ گەپ قىلماي جىم تۇراتتى . رەنا ئوغلىنىڭ بېشىنى سىلىغىنىچە:
-ئوغلۇم ،قورقما .مەن بار !
- ئاپا، مەن فۇرقەتنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن ،-دىدى .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە كېسەلخانا ئۆيگە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى ، بىراق رەنا ئۇنى تۇتۇۋالدى .
- سەل ساقلاپ تۇرغىن ! دوختۇرغا ئىشەنگىن فۇرقەتكە ئىشەنگىن .ئۇ سەندەك ئەقىللىق بولمىسىمۇ ، ئۇ قۇربان ئائىلىسىنىڭ بالىسى . قۇربان ئائىلىسىنىڭ بالىلىرى ئۇنداق ئاجىز ئەمەس .
ئەرفات بېشىنى لىڭشىتتى . ھەمدە گەپ قىلماي جىم تۇردى . شۇ ئارىدا يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى . كۈزىتىش ئۆينىڭ ئىشىكمۇ ئاخىرى ئېچىلدى. دوختۇرخانا باشلىقى چىقىپ كەلدى .
- قانداق بولدى ؟ رەنا سورىدى جىددىيلەشكىنىچە . دوختۇرخانا باشلىقى رەناغا قارىۋەتكەندىن كېيىن بوش ئاۋازدا :
- مەن، قۇربان دېرىكتور بىلەن كۆرۈشىمەن. بەزى گەپلەرنى ئۇنىڭغا دېيىشىم كېرەك .
- قۇربان دېرىكتورنىڭ ئەھۋالىنى سىزمۇ بىلىسىز . ئۇ تىنچ مۇھىتتا ياخشى ئارام ئېلىشى كېرەك . ئۇ ئاللىقاچان باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ كەتكەن تۇرسا . بۈگۈندىن باشلاپ فۇرقەتنى مەن ئۆزۈم داۋالىتىمەن . ئۇنىڭ ھەر قانداق ئىشى مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
- لېكىن، بۇ گەپلەرنى سىزگە دىسەم توغرا بولمايدۇ . روزى دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل ئىككىلەنگىنىچە:
-قۇربان دىرىكتۇر ، ئائىلىدىكى بارچە ئىشلارغا رەنا خېنىمنىڭ دېگىنى ھېساب دىگەن . شۇڭلاشقا قانداق گەپ بولسا تارتىنماي دېسىڭىز بولىدۇ ! رەنا خېنىم قۇربان دېرىكتورنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ. ئۇ قۇربان ئائىلىسىنىڭ باشلىقى ،- دېدى روزى .
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ رەنانىڭ يۈرىكى تىترەپ كەتكەن ئىدى . كۆڭلىدە ياخشى كۆرىدىغان ئادىممنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكۈسى يوق ،- دەپ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولغان ئىدى.
رەنا ئارتۇق گەپ قىلماي جىم تۇراتتى . ياردەمچى روزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، دوختۇرخانا باشلىقى بوش ئاۋازدا:
- دەسلىپىدە، بىز فۇرقەت بەگزادىنىڭ ئاشقازىنى چاتاقمىكىن دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمىز . مەن ئۇنىڭغا ئوكۇل ئۇرۇپ قويدۇم .بۇ ئىشتا ھېچقانداق ئۈنۈم يوق . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرۈدۇم . ئۇنىڭ بەدىنىدە بىر خىل نەرسە بار ئىكەن . شۇڭلاشقا ،ئۇنىڭ بەدىنى بەكلا ئاجىزلاپ كېتىپتۇ .ھەمدە مۇشۇنداق باش قايىدىغان ، كۆڭۈل ئېلىشىدىغان ، زۇكامدايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۇپتۇ .
-ئۇ قانداق نەرسە ؟
رەنا ھەيران قالغىنچە سورىدى . ئەتراپتىكى ھەممەيلەننىڭ دىققىتى دوختۇرخانا باشلىقىدا ئىدى .
-ئۇنىڭ بەدىنىدىكى نەرسە بولسا قوغۇشۇن .
- نېمە ؟
رەنا جىددىيلەشكىنچە ئەرفاتنى چىڭ تۇتىۋالدى . دوختۇرخانا باشلىقى بوش ئاۋازدا:
- قوغۇشۇن بۇ بىر زەھەرلىك ماددا . ئەگەر، ئۇ ئادەم بەدىنىگە كىرسە ئەزالارنى ئېرىتىپ ، ھەر خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ . بۇ نەرسە تېزلا ئۈنۈم قىلمايدۇ ، بەلكىم بىر نەچچە ئاي داۋاملىق يېمەكلىك بىلەن ئىستېمال قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن . شۇڭلاشقا ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. مەن ئۇنىڭ قان پىلازمىسىنى تەكشۈردۈم. بۇ قوغۇشۇننىڭ مىقدارىغا قارىغاندا ئاز بولغاندا 2يىل بولغان ئىكەن .
رەنانىڭ يۈرىكى ئاغرىشقا باشلىدى .
-بىر ئالتە ياشلىق بالىغا بىرسى زەھەرلەۋاتقىنىغا 2يىل بوپتۇ . بۇ نېمىدېگەن ئىپلاسلىق .
- دوختۇر ، ئامال بارمۇ ؟ئۇ تېخى ئەمدى ئالتە ياشقا كىردى .
رەنامۇ بىر ئانا. ئۇ بىر كىچىك بالىنىڭ قىينىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ بىر پەرزەنتنىڭ بۇ دۇنيا كەلمىكىنىڭ تەسلىكىنى ئۇ چۈشىنەتتى . ئەرفات گەرچە دوختۇرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىسىمۇ ، ئاپىسىنىڭ بېلىكىنى مەھكەم تۇتقىنىچە:
- ئاپا ، فۇرقەتنىڭ ئەھۋالى ئېغىرمىكەن ؟
روزى ئارتۇق گەپ قىلماي ، دوختۇرخانا باشلىقىغا:
- دوختۇر، ئەرفاتنىڭمۇ قىنىدىن ئېلىپ تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز ؟
رەنانىڭ چىرايى شۇ زامات ئوڭدى .
-ئەرفاتقا ھېچ ئىش يوقتۇ ؟ ئۇ تېخى ئەمدىلا كەلگەن تۇرسا .
- دېمەكچى بولغىنىم ، ئالدىن تەكشۈرتۈپ قويغانغا ھېچنېمە بولمايدۇ .
رەنا ئارتۇق گەپ قىلمىدى .
- ئاپا ، زادى نېمە ئىش بولدى . مەن تەكشۈرتەمدىم . –ئاپپاق، ئوغلۇم ھېچنېمە بولمايدۇ . پەقەت قېنىڭنىلا تەكشۈرىدۇ. باشقا ئىشلاردىن ، خاتىرجەم بولساڭ بولىدۇ .
-ماقۇل ، ئاپا .
ئەرفات ماقۇللىقىنى بىلدۈردى . شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانا باشلىقى ئەرفاتنىمۇ ئېلىپ كىرىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا ،ياردەمچى روزى دەرھال قۇربانغا تېلېفون قىلدى . قۇربان روزىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ :
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
قۇربان بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى . روزى دەرھال ماقۇللۇق بىلدۈردى .
-رەنا ،نېمە دېسە شۇ بويىچە قىلىڭلار !
- دىرېكتور ،سىز قايتىپ كەلمەمسىز ؟
-مەن كېسىلىمنى داۋالاتمىسام بولمايدۇ. مەن ئېيتىپ بولغان قۇربان ئائىلىسىنىڭ چوڭ -كىچىك ئىشلىرىنى رەنا بىر تەرەپ قىلىدۇ . ئەرفاتنىڭ نەتىجىسى چىقىپ قالسا ماڭا دوكلات قىلغىن .
قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى . ئەرفاتنىڭمۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققان ئىدى ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن ئىدى . بەلكىم ،قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا قەست قىلىش نىيتى بولمسا كېرەك . لېكىن، بۇنى ئاڭلاپ رەنا بەكلا قايمۇقۇپ كەتكەن ئىدى . ئەرفات چىقىشىغىلا ، ئاپىسى ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى .
-دوختۇرخانا باشلىقى، فۇرقەتنى قانداق داۋالايمىز؟
-ئۇنىڭ، قېنىنى ئالماشتۇرساق ياخشىمىكىن . ئۇنىڭ قېنى ناھايىتى ئاز تېپىلىدىغان قان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كىچىك بالىنىڭ بۇنداق بېسىمغا بەرداشلىق بىرىشى ناھايىتى قىيىن . ئۇنىڭ ھازىرقى بەدەن سالامەتلىكى ئوپېراتسىيە قىلىشىمىزغا ماس كەلمەيدۇ . ئۇ كۆتۈرەلمەيدۇ . ھازىرقى مۇھىم مەسىلە ، شۇنىڭغا چۇشىدىغان قان تېپىشىمىز كېرەك . ئەگەر، قوغۇشۇن ئۇنىڭ قېنىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرسا ئۇنىڭ سالامەتلىكى بارغانسېرى ياخشى بولماي قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ تېخى كىچىك .ئەقلىي قابىلىيىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . ئاقىۋەتتە ،گومۇشلۇق كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ،- دىدى .
گەرچە نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، رەنا قەتىيلىك ھالدا:
- مەن فۇرقەتنىڭ بىرەر كىلىشمەسلىككە ئۇچرىماسلىقىنى بەكمۇ خالايمەن ،-دىدى .
- بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ . مەن ئۆيۇمدىن قاراۋۇل ئەۋەتىمەن ،- دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى.
- ھېچقىسى يوق . بۇ ئىشلار سىزنىڭ ئائىلىدىكىلىرىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. باياممۇ خېلى چوڭ ياردەم قىلدىڭىز .
- بۇنداق تۈزۈت قىلىدىغان گەپلەرنى قىلماڭ بولامدۇ؟ سىز مېنى دوستۇم دەپ قارىسىڭىزلا بولدى.
- بۇنداق دېمەڭ . ھازىر بىزنىڭ جەمەت ئۈرۈمچى بويىچە خېلى چوڭ ئورۇندا تۇرىدۇ . ئېنىق قىلىپ ئىيىقاندا، مەنمۇ بەكلا ئەنسىرەيمەن…
- دوختۇرخانا باشلىقى ، مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە. بىزنىڭ ھەربىي رايوندا بىر شەخسى دوختۇرخانا بار. ئۇ بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرلا كىرىپ چىقالايدۇ .ھېچكىم ئۇنىڭغا كىرىپ چىقالمايدۇ .
- شۇنداق .
دوختۇرخانا باشلىقى بېشىنى لىڭىشتتى .
- ئۇ ،سىلەرنىڭ شەخسى دوختۇرخاناڭلار . پەقەت سىلەرنىڭ ئادەملىرىڭلارلا داۋالىنىشقا ھەقلىق. باشقىلار كىرىپ چىقالمايدۇ . بىز فۇرقەتنى ئاشۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرايلى . بەلكىم ، ئۇ يەردىن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان قان تاپالىشىمىز مۇمكىن .
- بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز فۇرقەتنىڭ كېسىلىنى ياخشى داۋالاش ،- دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى.
- بولىدۇ ، ئەمىسە بىز ئاشۇنداق ئورۇنلاشتۇرايلى. مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن ؟
- چاتاق يوق.
دوختۇرخانا باشلىقى قادىرنىڭ ئاكىسىنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى . چۈنكى ،بۇ ئائىلە گەرچە رەقىبى بولسىمۇ باشقا كۈن چۈشكەن چاغدا ھەرگىزمۇ قاراپ ئولتۇرمايتتى . رەنا ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ:
-سىزگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت . مەن قۇربان ئائىلىسىگە ۋاكالىتەن سىزگە تەشەككۈر ئىيتىمەن .
قادىرنىڭ ئاكىسى سەل قاپىقىنى تۇردى .
- مەن، بىر بالىنىڭ بىرەر ئىشقا يولۇقۇشىنى پەقەتلا خالىمايمەن . گەرچە، بۇ مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ ، مەن بەرىبىر ياردەم قىلاتتىم . قۇرباننىڭ ئائىلىسىدە قۇرباننىڭ دېگىنى ھېساب . ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىزمۇ ئۇ ئائىلىگە رەسىمىي ئايال بولۇپ كىرمىدىڭىز .
قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ گىپى ئىنتايىن چۇشۇنۇشلىك ئىدى.
-سىز؟
روزىمۇ ھەيران قالدى . قادىرنىڭ ئاكىسى رەناغا قاراپ؛
-ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە قۇربان سىزنى ئالمىسا ، مېنىڭ سىزنى قوغلىشىش ھوقۇقۇم باردۇ؟ سوفىيە خېنىم ؟- دېدى چاقچاق قىلىپ .
رەنا قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندى.
- مېنىڭ بۇ ھاياتىمدا بىرلا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بار ،ئۇ بولسىمۇ پەقەتلا قۇربان. مەن بۇ ئۆمرۈمدە پەقەت ئۇنىڭ ئايالى بولۇشقا لايىق .
- ھېچقىسى يوق . تېخى ئاخىرقى پەيتكە كەلمىدى . مەن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن ،- دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى قەتىيلىك بىلەن .
بۇ ۋاقىتتا ئەرفاتنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ كەتتى ھەمدە:
- سىز ،مېنىڭ ئاپامنى قوغلششنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟
-ئەلۋەتتە .
- سىز ، ئاپامنىڭ قېشىدا يەنە مېنىڭ بارلىقىمنى بىلمەيۋاتامسىز ؟ سىز مېنى قۇيۇپ قويغان كۆتەك چاغلاپ قالدىڭزمۇ؟- دېدى ئەرفات قاپىقىنى تۈرگىنىچە. ئۇ ئادەمگە قاراپ قادىرنىڭ ئاكىسى ئەرفاتنىڭ ئاددىي بالا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى -دە.
-ئەگەر ،سەن خالىساڭ. ئاپاڭمۇ خالىسا سەن مېنىڭ ئوغلۇم بولىسەن !
- مېنىڭ، دادام بار . كەچۈرۈڭ !
ئەرفات سۇسلا ئېغىز ئاچتى .
- قېنى ،ۋاقتى كەلگەندە كۆرەرمىز .
- غەيرەت قىلىڭ!
رەنا ئوغلىنىڭ چوڭ ئادەملەردەك قىلىپ يۈرگەن ھەرىكىتىنى كۆرۈپ .
- «ئەرفات»دەپ يەنە بىر قېتىم چاقىرىپ قويدى . ئەرفات ئاپىسىغا قاراپ كۈلگىنىچە:
- ئاپا يېقىندا مەن بىر گەپ ئاڭلاپ قالدىم! باشقىلار دەيدۇ، بىر پۇتى مېيىپ ئادەم ئاسان ئۆلىدۇ ،- دەپ . بۇ ئادەم بەكلا بولىدىكەن . سىز ئويلىشىپ بېقىڭ ؟ ئۇ مۇشۇنداق بولغان ئىكەن . ھەرگىزمۇ باشقا ئاياللارغا قاراپ يۈرمەيدۇ . سىزمۇ جاپا چېكىپ يۈرمەيسىز ،- دېدى ئەرفات .
-بۇ سېنىڭ نېمە دېگىنىڭ ؟- دېدى رەنا جىلە بولۇپ . ئۇنىڭ ئاچچىق گەپلىرى ئۇدۇللا قادىرنىڭ ئاكىسىغا قارىتىلىغان ئىدى. ئۇ ئوغلىنى بىر ئەدەپلەپ قوياي دەپ ئويلىغان ئىدى . لېكىن ، ئەرفات تېز سۈرەتتە قوينىدىن ئاجىراپ چىقىپ كەتتى ھەمدە:
- ئاپا ، مېنىڭ فۇرقەتتەك ئۇنداق يۇركۇم ئاجىز ئەمەس. مېنى ،بۇ يەردە قۇيۇپ قۇيسىڭىز مەن قورقمايمەن .ئەگەر، مىنىڭ قىپ قىلشىمنى خالىسىڭىز مەن ئۇنىڭغا ياخشى ھەمرا بۇلاي. سىزنىڭ قىشىڭىزدىكى بۇ تاغاشمۇ خىلى بولاپ قويىدىكەن. غەيرەت قىلىڭ، -دىدى ئەرفات. قادىرنىڭ ئاكىسغا ئىشارەت قىلىپ.
رەنانىڭ يۇزلىرى قىزرىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا، قادىرنىڭ ئاكىسىمۇ ئۇن سىلىپ كۇلىۋەتتى.
رەنا ئارتۇق گەپ قىلالمىدى .ھەمدە خىجىل بولغىنچە: -كەچۇرۇڭ! كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ! مەن ئۇنى ئەركە ئۇگىتىپ قۇيۇپتىمەن،- دىدى رەنا.
- ھىچقىسى يوق. مەن ئۇنىڭ بۇ خاراكترىنى ياقتۇردۇم.مەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ قۇيسام كۆڭلىڭىزگە ئالماسسىز! -دىدى قادىرنىڭ ئاكىسى تەكەللۇپ بىلەن.
رەنا خىجىل بولغىنچە بىشىنى لىڭشىتتى. قادىرنىڭ ئاكىسى ئىغىز ئاچتى ھەمدە:
-بولدى .بۇيەرنى ماڭا تاپشۇرۇڭ! سىلەر ئۆيگە قايتىپ كىتىڭلار!
- زادى قانداق ئىش بۇلۇپ كەتتى؟ فۇرقەتنىڭ تامقىغا كىم زەھەر سالغاندۇ؟ ئىنىقلاپ چىقڭلار! يەنە سىلەرگە ساقچىلارمۇ ياردەم قىلسۇن. قانداق ياردەم بولسا ماڭا دەڭلا ر!
-تۇزۇت قىلماڭ،-دىدى. رەنا سۇسقىنە كۇلۇپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن رەنا بىلەن روزى ئۇ يەردىن خوشلىشىپ تىزلىكتە چىقىپ كەتتى. روزى سەل ئىككىلەنگىنچە:
- خىىنم، قادىرنىڭ ئاكىسىنى دىرىكتۇر بىلەن سىلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ سالاھىتى يەتمەيدۇ.
رەنا ئاڭلاپ گەپ قىلماستىنلا.
-شۇنداقمۇ؟ ئۇ ئادەم مىنى قوغلاشسىمۇ ،سىلەر يەنىلا مەندىن ئۆزەڭلارنى قاچۇرسىلەر؟
روزى ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ھەمدە تىلفۇننى ئىلىپ قۇربانغا تىلفۇن قىلدى.
-دىرىكتۇر، سىز يەنە ھەركەتكە كەلمىسىڭىز قادىرنىڭ ئاكىسى. سوفىيە خىنىمنى بۇلاپ كەتكىدەك. ئەرفات ئۇ ئادەم بىلەن چىقىشىپ قالدى.
قۇربان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ؛
- ئۇ بۇ ئىشقا نىمىشقا ئارلىشىدىكەن؟
- دىرىكتۇر، ئۇ فۇرقەتنى شەخسى دوختۇرخانسغا يوتكىۋالدى. دوختۇر ئۇنىڭغا قان تاپمىساق بولمايدۇ،-دىدى. بىرىنجىدىن ئۇنداق قان تىپى بەكلا ئاز، ئىكىنجىدىن ئۇنىڭ بەدىنى بەكلا ئاجىزلاپ كىتىپتۇ،- دىدى.
قۇرباننىڭ قاپاقلىرى تۇرىلىپ كەتتى.
-ئەرفات قانداقراق؟
-ئۇنىڭغا، ھىچ ئىش بولغىنى يوق. ئۇنى قەسلەشكە ئۇلگۇرمەپتۇ. ئەرفات فۇرقەرتكە قاراۋاتىدۇ.
-ھەرقانداق، ئامال ئىشىلتىپ ئۇلارنى ئۇبدان قوغداڭلار! قەسلىگۈچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تىپىپ چىقىڭلار!
-ماقۇل ،-دىدى روزى.
قۇربان ئاللىقاچان تىلفۇننى ئۇزۋەتكەن ئىدى. روزى ماشىنىغا چىقىشىغا:
- قانداق، تىلفۇن ئۇرۇپ بولدىڭىزمۇ؟ ئۇ ،قاچان قايتىپ كىلىدىكەن؟ دېدى رەنا
- دىرىكتۇر، ئۇبدان داۋالىنمەن دەيدۇ.
-ھە ،بوپتۇ. رەنا ،سۇسلا جاۋاب بەردى . روزى تىزلىكتە ماشىننى ھەيدەپ ئۆيگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



