大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 64 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 64 - قىسىم aybarawazi
2024-03-23
4
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 65 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55




63
62



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


64 - قىسىم


مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇنداق باياشات بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتى . چۈنكى ، قۇربان بولغاچقا ، ئۇلار ئاچ يالىڭاچ سوغۇق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمىگەن ئىدى .

ئۇ سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ، سوغۇقىنە؛   

-سەن دەرھال سۇباتقا دەپ ئىشىڭنى بېجىرىپ بەرگىن . دەرۋەقە قۇربان ھازىر ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە باشلىدى . ئەگەر يىپ ئۇچى بايقىلىپلا قالسا ، ھەممە ئىش ئاشكارىلىنىپ كېتىدۇ . كېيىن ،سەن قاچاي دېسەڭمۇ چاشقان كامىرى  تاپالماي ، ئۆلۈمۇڭنى  كۈتۈپ تۇرۇشۇڭغا توغىرا كىلىدۇ . 

-ئەمىسە، مەن ئۇ سۇباتقا تېلېفون قىلاي .

- بولدى تېلېفون قىلمىغىن ! كونا قائىدە ، سەن دەرھال ھۆسن تۈزەش ئورۇنىغا بېرىپ سۇباتقا ئۆزۈڭنىڭ ئاشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈر ، -دېدى  مۇنىرەنىڭ ئاپىسى .  

-يەنىلا ،ئاپا سەن يامان جۇمۇ . بەش يىلنىڭ ياقى سەن ئاشۇ ھۆسن تۈزەش ئورگىنىدىن پايدىلانمىغان بولساڭ، مەن سۇباتنى قەيەرگە يوشۇرۇپ يۈرەتتىمكىن تاڭ،- دېدى مۇنىرە ئاپىسىغا ئەركىلەپ . -سەنزە كىچىكىڭىدىن تارتىپ ھازىرغىچە . ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى جايىدا بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇقمايسەن . 5يىل بۇرۇن مەن سۇباتقا ئوت قويۇۋەتكىن دېمىگەن بولسام . 

مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بېرەرمىدى ؟

- ئاپا ، مەن بىلىمەن . سەن ماڭا ياخشى بولسۇن دەيسەن ،- دېدى مۇنىرە .

بىرئاز ئۆتكەندىن كېيىن ،مۇنىرە ھۆسن تۈزەش  ئورنىغا باردى . روزىنىڭ ئادەملىرىمۇ مۇنىرە سىرتقا چىقىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ئەگەشتى . ھەمدە ، ئەھۋالنى قۇربانغا دوكلات قىلدى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان بىلەن رەنا  ئۇ تەرەپتىن ئەرفاتنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئىدى . ئۇ روزىنىڭ دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ، بوش ئاۋازدا . ئۇنى ياخشى كۆزەتكىن ،-دىدى .رەنا قاپىقىنى تۈرگىنىچە ؛ 

-نېمە ئىش بولدى ؟ بىزنىڭ ئادىمىمىز ھازىر مۇنىرەنىڭ ئارقىسغا چۈشۈپتۇ ئۇ ئويلىغىنىمىزدەك ھۆسن تۈزەش ئورنىغا  بىرىپ  كېيىن ،يەنە سىرتقا چىقىپتۇ .مەن ئۇلارغا  مۇنىرە گە كۆز قۇلاق بولۇڭلار ،-دېدىم . 

-ئەمسە ،مەنمۇ باراي   ،-دىدى رەنا . 

بىر خىل سەزگۈ  رەنانىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىغانىدى . «ئانا »دېگەن بەرىبىر ئانىدە . ئۇ خۇددى بۇ ئىشنىڭ مۇنىرە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆڭلىگە ئايان بولۇپ قالغاندەك  ئىدى. 

قۇربان رەنانىڭ مەنمۇ ھۆسن تۈزەش ئورنىغا بارىمەن دېگەن سۆزدىن سەل ھەيران قالدى .چۇنكى، ھەممە ئىشلار شۇنچىلىك غەلىتە تۇراتتى . ئۇ نېمىدىندۇر بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك ھېس قىلىدى- دەئۇنىڭغا:  

- سىزنىڭچەئوغلىمىز ھۆسن تۈزەش ئورنىدا بارمىدۇ؟

-مەن پەقەتلا بېرىپ كۆرۈپ باقاي -،دېدىم .چۈنكى، ھۆسن تۈزەش ئورنىغا ئاساسىي جەھەتتىن ئايال كىشىلەرلا بارىدۇ .ئەر كىشى قەتىي بارمايدۇ . بىز بۇ يەردە تۇرساق بەرىبىر ئەرفاتنىڭ ئىزدىركىنى ئالالمايمىز. مېنىڭ ئويلىشىمچە چۇقۇم بىرەرسى مەن بىلەن قادىرنىڭ ئۆيدىكىلىرىنى دۈشمەن قىلىپ قويماقچى .ھەمدە، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ  ئەرفاتنى چەتكە ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى . ھازىر مېنىڭ بىرىنچى سەزگۈم بولسا . بەلكىم ، ئەرفات دېڭىز ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن . مەلۇم بىرسى بىربۇلۇڭ پۇشقاققا يوشۇرۇپ قويغان گەپ . 

-ئەمەلىيەتتە بىز ھازىر ھەممە يەرلەرنى بىردىنبىر ئاختۇرۇپ كەلدۇق . لېكىن، ئاشۇ ھۆسۈن تۈزەش ئورگىنىغا بېرىپ باقمىدۇق . مەنمۇ ئۇ يەرگە ئانچە زەن سىلىپ قاراپ باقمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مۇنىرەمۇ داۋاملىق ئاشۇ ھۆسۈن تۈزەش ئورگىنىغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ  .مەن روزىغا تەكشۈرۈپ كۆر دېدىم! مۇنىرە ئاشۇ ھۆسن تۈزەش ئورگىنىدىن چىققان ۋاقىت بىلەن ئەرفاتنىڭ يوقالغان ۋاقتى  ئوخشاش كېلەمدۇ يوق دەپ. مەن ئاسانلىقچە بىر ئادەمدىن گۇمانلانمايمەن . لېكىن ،بىر ئادەمدىن گۇمانلىنىپ قالسام ، چۇقۇم توغرا چىقىدۇ . 

-ئەگەر، ئۇ راستىنلا مېنىڭ ئوغلۇمنى تۇتقۇن قىلغان بولسا ھەرگىز ئۇنى بوش قويۇۋەتمەيمەن،- دېدى رەنا .

قۇربانمۇ رەنانىڭ بۇ گىپىنى  ئاڭلاپ دەرھاللا روزىغا ئۇقتۇردى . ھەمدە :مۇنىرەنىڭ ھۆسن تۈزەش ئورگىنىدىن ئايرىلغان ۋاقىتنى تەكشۈرۈشنى بۇيرۇدى. بۇ ئىشقا ئالدى كەينى بولۇپ ئۈچ سائەتتىن ئاشقانىدى . قۇرباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، رەنانىڭ كۆڭلى سەل خاتىرجەم بولدى .  

-مەن، ھۆسن تۈزەش ئورگىنىغا بېرىپ يۈزۈمنى ئاسراش باھانىسىدا ئۇ يەرنى كۇزىتىپ كىلەي،- دىدى رەنا ئولتۇرالماي . روزى بولدى كىرمەي تۇرۇڭلار قانداق ئەھۋال بولسا سىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلاي ؟- دېدى رەنا . قۇربان رەنانىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ:

-ئەرفات يوقاپ كەتتى . مەن سىزدىنمۇ ئوخشاشلا ئەنسىرەيمەن

-ھە ،سىزنىڭمۇ ئەرفاتنى بالدۇرراق قايتۇرۇپ ئەكىلىشىڭىزنى بەكلا ئۈمىد قىلىمەن . لېكىن، ماڭا ماقۇل بولۇڭ . چوقۇم ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسرىشىڭىز كېرەك . ئەگەر ،ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا ھەرگىز قالايمىقان ھەرىكەت قىلماڭ . نېمە ئىش بولسا سىرتقا چىقىڭ .بىز ئويلاپ ئامال تاپايلى رەنا . مەن سىزنى بۇرۇن بىر قېتىم يۈتتۈرۈپ قويغان ئىككىنچى قېتىممۇ ئايرىلىپ قالغۇم يوق . چۈنكى ،سىزنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ مەن ھازىرغا كەلگىچە  قانچىلىك بەرداشلىق بېرىپ ياشاپ كەلدىم. بىلەمسىز ؟ -رەنا . 

رەنا ،قۇرباننىڭ كۆزلىرىگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى .

-خاتىرجەم بولۇڭ . مەن ئوغلۇمنى چۇقۇم قايتۇرۇپ ئەكىلىمەن ،-دېدى رەنا كۈلۈمسىرىگىنىچە .  

شۇنىڭ بىلەن قۇربان ئادەم بۇيرۇتۇپ رەناغا بىر قۇر كىيىم تەييارلاپ بەردى . بىراق ، سەمىرە تەرەپتىكىلەر ئىنتايىن جىددىيلەشكەن ئىدى . خۇددى چوڭ بىر ئىش چىقىدىغاندەك قىلاتتى  .سۇبات بولسا قەستەنگە  ئىشىكتىن چىقىپ خەۋەرلەرنى ئېنىقلايتتى . سەمىرە بولسا  ئۇ ھۆسن تۈزەش ئورنىنىڭ ئالدى كەينىدە مېڭىپ يۈرەتتى .كاللىسىدا بولسا قۇربان ئىدى . چۈنكى ،ئۇ ئۆزىنىڭ خوجايىنىنى بەكلا چۈشىنەتتى .نېمىلا بولمىسۇن ئۇ بىر ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئادەم. چوڭ بىر گۇرۇھنىڭ ئىز باسارى  .ئۇ ،قۇرباننىڭ ئىنتايىن رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى بىلەتتى . ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ قۇربان بىلەن بىللە بېرىپ ، قۇرباننىڭ ئىنىسىنى بىللە قۇتقۇزغىلى بارغان ۋاقتىدا  نەچچە  لۈكچەكلەر بىلەن ئېلىشىپ ، ئاخىرىدا قۇرباننىڭ ئىنىسى ۋاپات بولغان ئىدى . شۇنداقتىمۇ قۇربان ساراڭلاردەك ئۆزۈنى بېسۋىلىپ  تاس قالغان ئۈرۈمچىنى  بېشىغا كەيگىلى. لېكىن شۇنداقتىمۇ ، سەمىرەگە قۇرباننىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ئايان ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا رەنا ئوت ئاپىتىگە  ئۇچرىغان  ۋاقتىدىمۇ بىر كىشلىك تۆھپىسى بار ئىدى. ئۇ  بۇ ئىشلارنى بىلىپ قالسا ، قۇرباننىڭ ئۆزىدىن قانداق جاۋاب قىلالايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى . لېكىن، ئۇلار ھازىر قۇرباننىڭ ئوغلىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئىدى .سەمىرە بارغانسېرى قورقاتتى .بىر خىل قورقۇنچ ئۇنىڭ جىسمىنى ئورىغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەر ئاستى ئۆيگە كىرىپ ئەرفات ئۆلدىمۇ يوق قاراپ باقماقچى بولدى . ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىغان  ئەرفات دەرھال كۆزنى يۇمۇۋالدى . ئەرفاتنىڭ پۇت قوللىرى باغلاقلىق ، ئازراقمۇ مىدىرلىيالمايتتى . ئۇنىڭ يۈرەكلىرى شۇنچىلىك سوقۇپ كەتكەن ئىدى .ئۇ كېلىۋاتقان ئادەمنىڭ ئاپىسى بولۇپ قېلىشنى بەكمۇ خالايتتى. ئاياغ تېشى بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا، ئەرفاتنىڭ يۈرەك سوقۇشىمۇ تېزلەشمەكتە ئىدى .  سەمىرە كېلىپلا ئۇنىڭ بېشىدىكى  ئوراپ قويغان نەرسىنى ئېلىۋەتتى ۋە: 

- ئويغاندىڭمۇ؟

ئەرفات بوۋاق بالىدەك تۇگۇلۇپ يېتىۋالغان ئىدى . سەمىرە ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنى قۇچىقىغا ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە سوغۇق سۇ چېچىشقا باشلىدى . بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەرفات ھوشىغا كەلدى- دە ، كۆزلىرىنى ئېچىپ:  

-ئەگەر، مېنىڭ ئاپام ۋە تۇتۇق دادام بىلىپ قالسا سىلەرنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدۇ ؟ - دېدى قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە سەمىرەگە تىكىلىپ قاراپ .  

سەمىرە سەل ئۆزۈمنى توختىۋالغاندىن كېيىن : 

-  سېنىڭ تۇتۇق داداڭ دېگەن كىمۇ ؟ 

- ھى…ھى .سەن ھەتتا ،مېنىڭ تۇتۇق دادامنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىكەنسەن ؟ ئۆزۈڭگە چاغلىماي تېخى مېنى  تۇتقۇن قىپسەن . سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلار قاپتەك ئىكەن . 

ئەرفاتنىڭ سىلەر دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ سەمىرە سەل جىددىيلەشتى ۋە: 

- سەن قاچان ئويغانغان ئىدىڭ؟ سەن يەنە نېمىلەرنى بىلىسەن ؟ -دېدى قاپىقنى تۈرۇپ  .

ئەرفات ئۆزىنىڭ خەتەرلىك گەپ قىلىپ سالغانلىقنى ھەم ئۆزىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلدى .

- دەرھال ئاغزىڭنى يۇم! بولدى ، سەن دەرۋەقە قۇرباننىڭ ئوغلى ئىكەنسەن ؟ سەن باشقا كىچىك بالىلاردىن نەچچە ھەسسە ئەقىللىق ئىكەنسەن . سېنىڭ ھازىر بۇ سوغۇققان ھالىتىڭدىن ، مەن ھەممىنى بىلىپ قالدىم .لېكىن ئەپسۇس ، سەن قۇرباننىڭ ئوغلى . ئەسلى سېنى ھېچقانداق قىلمىسام بولاتتى.

لېكىن ھازىر سىرتتا پۈتكۈل خەۋەرلەردە سېنىڭ قۇرباننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭ ئاشكارىلىنىپ بولدى. ھەمدە، ئۇ پۈتكۈل مال بىساتى ۋە  كۇچىنى  چىقىرىپ  سېنى  ئىزدەشكە ئاتلاندى . كىچىك سولتەك .ئەسلى ،مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋەتمەي دېگەن ئىدىم .لېكىن ،سېنىڭ بىلىدىغانلىرىڭ بەك كۆپتەك قىلىدۇ . شۇڭلاشقا ، مەن ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ، مەن چۇقۇم سېنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىشىم كېرەك . 

- سەن ،نېمە ئىش قىلماقچى ؟

سەن پەقەت بىر ئۇخلىساڭلا بولدى .خاتىرجەم بولغىن. سېنى ، بەك ئاغىرىتىپ ئۆلتۇرۋەتمەيمەن  . ۋاقتى كەلگەندە ،قۇربان  بۇ يەرگە كېلىپ سېنى ئىزدەپ تېپىۋالسا . ئۇنىڭ تاپشۇرۇۋالغىنى  بىر جەسەت بولىدۇ ، خالاس . مەن قېنى بىر كۆرۈپ باقاي،ئۇ پۈتكۈل مال بىساتىنى  چىقىرىپ قايتۇرۇپ ئەكىلەلەمدۇ يوق . مېنى ئەيىبلىمە كىچىك سولتەك. مەنمۇ ھايات قىلىشىم ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشىم كېرەك . ئەگەر ،قۇربان ماڭا نەزىرىنى سىلىپ قالسا مىنىڭ بۇ ئۆمرۈمدە ئازراقمۇ تىنچ تۇرمۇشۇم بولماي قالدۇ 

ئەرفات، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ ئەمدى مەڭگۇ، ئاپىسىنى ،سىڭلىسىنى كۆرەلمەسمۇ ؟ئۇ ،قۇربانغا شۇنچىلىك ئۆچ تۇرسا ، نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئاقىۋەت كەپ چىقىدۇ ؟  ئەرفات قاتتىق تىركىشىۋاتاتتى . لېكىن ،ئۇنىڭ كۈچى يېتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى .  

-بولدى . مىدىرلىما يۇۋاشراق بولغىن . سەن خاتىرجەم بول ! مەن سېنى بۇرۇنراق بۇ دۇنيادىن ئۇزتۇپ قويىمەن .

سەمىرە گېپىىنى دەپ بوپ ئۇنىڭغا قارىدى .لېكىن ،ئەرفات قولىدىكى تاننىنى بوشاتتى -دە ، يانچۇقىدىن بىر تال يېڭنىنى ئالدى ۋە سەمىرەگە قارىتىپ ئۇنىڭ كۆزىگە تىقىۋەتتى .  

-ۋايجان !

سەمىرە بىر ۋارقىرىغىنىچە ، ئەرفاتنى پەسكە تاشلىۋەتتى .  

-ئەبلەخ، سەن مېنىڭ كۆزۈمنى يارىلاندۇرغىەك بولدۇڭما ؟ مەن چۇقۇم سېنى ئۆلتۈرۋېتىمەن .

سەمىرە ئاچچىقلانغانچە ئەرفاتنى تۇتاي دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن ،كۆزلىرىدىن قانلار توختىماي چىقىۋاتقاچقا ، ھېچنېمنى كۆرەلمىدى.

ئەرفات ،بۇ ۋاقىتتا مۇسا ئوفىسېرغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك ئىدى .چۈنكى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەرفاتقا ھەربىي بازىدا بۇ خىل مەشىقنى ئۆگەتكەن ئىدى . ئەرفات بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئارقىغا قاراپ قېچىشقا باشلىدى . بۇ ئىش ئارافاتقا نىسبەتەن تۇنجى بولغان ئىش بولۇپ ، ئەگەر باشقىلار كېلىپ قالسا ، ئۇ ھەرگىزمۇ قاچالمايتتى .

-كىچىك سولتەك جايىڭدا جىم تۇر،ھە! ھەرگىزمۇ قاچالمايسەن . پۈتكۈل يەردە بىزنىڭ ئادەملىرىمىز بار. سەن چىقىپ كېتەلمەيسەن .  

سەمىرە قان چىقىۋاتقان كۆزىگە لاتا ئوراپ تۇرۇپ ، «كىرىڭلار قايسىڭلار بار؟- دەپ »ۋارقىراشقا باشلىدى.

ئەرفات بولسا ئارقىغا قاراشقا پېتىنالماي ، بارلىق كۈچى بىلەن تېز قىچىشقا  باشلىدى . بۇ يەر ئاستى ئۆينىڭ ئىشىكنى بىر ئىتتىرىپلا ئېچىۋەتتى  شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىرتقا قاراپ قاچماقچى بولۇۋىدى، قارشى تەرەپتىن بىر ئادەمنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ، دەرھال قېشىدىكى  ئەخلەت ساندۇقىنىڭ قېشىغا ئۆتۈۋالدى . ئۇ ئادەم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن سىرتقا قاراپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى .بىرئاز ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككى ئادەمنىڭ كەلگەنلىكىنى سەزدى-دە  سەمىرەنىڭ چىرايىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى . ئەرفات مېنىڭ كىملىكمنىى ئۇقۇپ قالغاندىمۇ دەپ جىددىيلىشىپ ئولتۇرالماي قالدى . 

ھازىر قانداق قىلىش كېرەك ؟

ئەرفاتنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ھېچكىم كۆرمىگەن ئىدى . سەمىرە كۆزىدىن چىقىۋاتقان قاننى ئېيتىپ ، سۈرتىۋېتىپ كېلىۋاتقان  ئادەمگە قاراپ:  

-ئۈچىڭلار كېلىپ ، ئۇ كىچىك سولتەكنى قوغلاڭلار! قالغىنىڭلار دەرھال ھۆسۈن تۈزەش ئورگىنىغا بىرىپ نورمال خىزمىتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار! مەن باشقىلارنىڭ گۇمانلىنىپ قېلىشنى خالىمايمەن .تېز بولۇڭلار،-دېدى سەمىرە ۋارقىرىغىنىچە . 

ئۇنىڭ باشلىرى خۇددى ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى . ئۇ بۇ كىچىك بالىنى ناھايىتى بوش چاغلاپ قالغانىدى . سەمىرە بۇرۇن ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل ، شۇنچىلىك ساپ بىر قىزچاق ئىدى. لېكىن ،ھازىرقى كۈندە ئۇنىڭدىن ئازراقمۇ ئەسەر يوق ئىدى . ئەرفات بولسا يوشۇرۇنغان يەردە تۇرۇپ ، ئۇلارنى كۆزىتىۋاتاتتى . ئۇ ئازراق پايدىلىق پۇرسەتتىن بىرنى تېپىپ قىچىپ كەتمەكچى بولدى .

داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k