大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 32 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 32 ـ قىسىم aybarawazi
2024-02-20
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 33 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25





31



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


32 - قىسىم


قۇربان ئىشىكتىن چىقىشىغا ياردەمچى روزىنى ئۇچراتتى:

- بىرەر ئىشىڭ بارمۇ ؟ - روزى كېكەچلىگەچ :

- دىرېكتور مەن تەكشۈرۈپ كۆردۈم ھېلىقى كۈنى شىركەتنىڭ مەخپى ھۆججەتلەر ئاشكارىلانغان كۈنى راستىنلا بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز بىر كىچىك بالىنىڭ سىزنىڭ ئىشخانىڭىزدىن چىققانلىقىنى كۆرگەن . لېكىن ئۇ ئەرفاتمۇئەمەسمۇ تىخى ئېنىق ئەمەس

قۇربان سەل ئويلىنىۋەتكەندىن كېيىن بىز دەرھال ئۆيگە قايتايلى !

-خوپ، - روزى ئارتۇق گەپ قىلماي قۇربانغا ئەگىشىپ ئۆيگە بارماقچى بولدى. ئۆيگە كېلىپ قارىسا ئوغلى فۇرقەت ئويۇن ئويناشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى ، بۇ ئويۇننى ئەرفات ئۇنىڭغا ياساپ بەرگەن ئىدى . ئۇ ئويۇن ئويناپ ئونىنچى مەيدانغا بۆسۈپ كىرەلمىگەن .

ئۇ قايتا قايتا ئوينايتتى ، لېكىن يەنە يېڭىلىپ قالاتتى:

-مەن نىمدىگەن دوت نىمىشقا كىرەلمەيدىغاندىمە؟ - فۇرقەت ئويۇنغا بەك كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ ، روزى بىلەن دادىسىدىن كەلگەنلىكىنى تۇيمايلا قالغان ئىدى بۇ ۋاقىتتا دادىسى بېرىپ ، فۇرقەتنىڭ قولىدىكى خاتىرە كومپيۇتېرنى ئالدى ،شۇندىلا فۇرقەت بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا دادىسى تۇرغۇدەك!

- دادا ، سىز نېمىگە كەلدىڭىز ؟ - قۇربان ھېچقانداق گەپ قىلماي قولىدىكى خاتىرە كومپيۇتېرنى روزىغا بەردى. سەن ئويناپ كۆرۈپ باققىن ،ئونىنچى مەيداندىن بۆسۈپ ئۆتەلەمسەن يوق .

روزى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ،گەپ قىلمايلا قۇرباننىڭ قولىدىكى كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدە ، ئويناشقا كىرىشىپ كەتتى . فۇرقەت دەرھال كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ روزىنىڭ قېشىغا كىلىپ ئولتۇردى ،ھەمدەبوش ئاۋازدا :

- روزى تاغا سىز ئويناپ بۇ مەيداندىن ئۆتۈپ بەرسىڭىز بولۇپتىكەن ؟ مەن ئوينىغىلى بىر سائەت بولدى، ئۆتەلمىدىم. ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتتى! - روزى فۇرقەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى دە ، ئويناشقا كىرىشىپ كەتتى . ئۇ ساق يېرىم سائەت ئوينىدى، ئۇنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى . بىر سائەت ئويناپ چېكىلىرىدىن تەرمۇ چىقىپ كەتتى . قۇربان بۇنى كۆرۈپ سوغۇققىنە :

- روزى سەن بېرىپ تەربىيىلىنىپ كەلسەڭ بولغۇدەك؟ بىر كىچىك بالا لايىھىلىگەن ئويۇننى سەن ئويناپ ئۆتەلمىدىڭ .؟ سەن تېخى بىزنىڭ گۇرۇھنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى تېخى .خىھ ،- قۇرباننىڭ گەپلىرى مەسخىرە ئارلاش ئىدى . روزى چېكىسىدىكى تەرنى ئېيتقاچ :

- دىرېكتور بۇ ھەرگىزمۇ بىر كىچىك بالا لاھىيىلىگەن ئويۇن ئەمەس ،-دىدى ئىشەنمىگەندەك قىلىپ . قۇربان قولىدىكى كومپيۇتېرغا تازا بىر قارىۋېتىپ : سەن توختىماي ئويناۋەر ، قاچان شۇ مەيداندىن ئۆتەلىگەندە مەن بىلەن پاراڭلاش ؟

- دادا سىز مېنى ئۇ يەنە ئويناڭ دېمەكچىمۇ ؟ خاتىرجەم بول ، بۇ قېتىم  ئۆتەلەيسەن ؟ قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپلا فۇرقەتنىڭ ھۇجرىسىدىن ئايرىلدى. ئەجرىمىز ئۈچۈن بۇ ئېلاننى چېكىۋېتىڭ

روزىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقىپ كەتتى . قۇربان چىقىپ كىتابخانىسىغا كىردى . ھەمدە يان تەرەپتىكى ئۈستەل ئۈستىدىن ئالاھىدە دېسكىنى ئېلىپ روزىغا تەڭلىدى: بۇنىڭدا بۇنىڭدا سۈرەتلىك ۋىدىئو بار . بىر ئالتە ياشلىق كىچىك بالا بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى قالايمىقان قىلىۋەتتى .

روزى دەرھاللا ئالاھىدە دېسكىنى كومپيۇتېرغا چاتتىدە سۈرەتلىك ۋىدىئونى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ قالدى . بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ھەر بىر ئادەم ئاغزىنى ئېچىپ ھەيران قىلاتتى ئالتە ياشلىق كىچىك بالا قانداقمۇ كومپيۇتېرغا شۇنچە ماھىر بولسۇن ؟ قۇرباننىڭ چىراي قىياپىتىدىن بىر خىل مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى . چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە ئەرفات مېنىڭ ئوغلۇم دەپ ئويلايتتى .

روزى :

- بۇ راستنلا ئەرفات لايىھىلىگەن ئويۇنمۇ ؟ دىرېكتور، سىز شىركەتنىڭ مەخپىي ماتېرىياللىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىشنى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارامسىز ؟

قۇربان قولىدىكى قىزىل ھاراقنى ئىلىشتۇرغاچ كۇلۇپ تۇرۇپ:

- بىرىنچى قېتىم ، مېنىڭ خەقنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنىڭ تۆكۈلۈشى بولسا ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئايروپىلاننىڭ تازلىق ئۆيىدە يۈزۈمگە سىيىۋەتكەنلىك ئىشى . مەن شۇ ۋاقىتتا گۇمانلانغان ئىدىم، تازىلىق ئۆيىدە مەن بىلەن ئۇلا بار تۇرسا . ئىككىمىزدىن باشقا بۇ ئىشنى ھېچكىم ئۇقمايدىغان تۇرسا ، بۇ ۋىدىيۇ تورغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن . ئىككىنچى قېتىم ، بىزنىڭ شىركەتكە قارا مېھماننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى، مەن توردىن ئورۇننى ئېنىقلىغان ۋاقىتتا ئۇ تورنىڭ IP ئورنىنى بىزنىڭ ئۆينىڭ ئادرېسىغا ئۇلاپ قويغان . مەن بۇ ئىككى ئشتىن ، بۇ ئادەمنىڭ بىزنىڭ ئائىلىنى ھەقىقەتەن تۇلۇق چۈشىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان .

ئۇچىنجى ئىش شىركەتنىڭ مەخپىي ماتېرىياللىرى سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كىتىشى ، بۇ ۋاقىت ئەرفاتنىڭ مىنىڭ ئىشخانامدا ئىكەنلىكى بىز ئىز قوغلاپ يەسلىگە بارغان ۋاقتىمىزدا، فۇرقەت كومپيۇتېرخانىدا ئولتۇرغان، ئۇ كىم بىلەن ئولتۇرغانلىقىنى بىزگە قەتىي دېمىگەن.

-مەن تەكشۈرۈپ كۆردۈم ، فۇرقەتنىڭ يەسلىدە ئەرفات بىلەن يېقىن ئاغىنە ئىكەن . بۇ ئەھۋاللار ھەرگىزمۇ ئۇدۇل كېلىپ قېلىش ئەمەس . ئۇنداقتا سەن ماڭا ئېيتە سەن ئۇ ياسىغان ئويۇننى ئويناپ ئۆتەلمىدىڭ ، بۇنى قانداق چۈشەندۈرسە ؟ قۇرباننىڭ بىر قاتار گەپلىرىنى ئاڭلىغان روزى ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى . ھەمدە جىددىيلەشكىنىچە :

- بىراق ئۇ ئالتە ياشلىق كىچىك بالا تۇرسا ، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ؟

- توغرا ، ئۇ شۇنچە كىچىك بالا ، ئەگەر چوڭراق بالا بولغان بولسا ، نېمە ئىش تېرىشنى بىز ئويلاپ يېتەلمەيتتۇق ھەنېمە بولسا ئۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولۇپ قاپتىكەن. - دېدى قۇربان ئۆزىنى ماختىغاچ . قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان روزى تاس قالدى كۆز قارچۇقى چاچراپ چىقىپ كەتكىلى . .

- قۇربان دېرىكتور ،نېمە دەۋاتىسىز،ئۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىز؟ ئەرفات سىزنىڭ ئوغلىڭىزمۇ؟ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ؟

قۇربان ناھايىتى مەغرۇرلانغىنىچە ، كۈلۈپ قوياتتى.

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-مەنمۇ ئۇنىڭ مۇشۇنداق بولۇشىنى ئويلايمەن ، ئىش قىلىپ ئەتە نەتىجىسى چىقىدۇ . روزىنىڭ بېشىغا بىر چېلەك سوغۇق سۇ تۆكۈۋەتكەندەك ئەندىكىپ قالدى، ئۇ گەرچە خوجايىنغا ئەرفات بىلەن سوفىيەنىڭ تىگى تەكتىنى تەكشۈرۈپ بەرگەن بولسىمۇ لېكىن ئەرفاتنىڭ خوجايىننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى راستلا بىلمەيتتى .

ياردەمچى روزى ھەيران بولۇپ كۆز ئالدىدىكى ئەمەلىيەتكە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى :

-قۇربان دېرىكتور ئۇنداقتا شىركەتتىكى مەخپىي ھۇججەتلىرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز ؟ قۇربان سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ :

- سەن دەرھال ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ھۆججەتلەرگە ئىلتىماس قىلغىن ئۇ ھۆججەتلەرنى ئامال بار مەخپىي ساقلىسۇن قانچىلىك پۇل خەجلىسەك مەيلى ئاشكارىلانغان ئاشكارىلانغانچ،ە يۈتكىلى يۈتكىنى بويىچە بولسۇن . قۇربان ئاىلىسىدە پۇل كەم ئەمەس . ئەگەر بۇ ئىشنى راستىنلا ئەرفات سولتەك قىلغان بولسا ، ئۇ مەسۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ .

قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان روزى ھاڭۋېقىپ چېكىسىدىن تەر ئېقىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئارتۇق گەپمۇ قىلماي ، قۇرباننىڭ دېگىنى بويىچە ئىش بىجىرگىلى چىقىپ كەتتى ، قۇربان روزى كەتكەندىن كېيىن كۆڭلىدە يەنىلا ئەرفاتنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى بولۇپ چىقىشىنى ناھايىتى ئۈمىد قىلاتتى . رەنا كېسەلخانا ئۆيدە خۇشال خۇرام ھالدا ئەرفات ، پەرىدە بىلەن بىرلىكتە چۈشلۈك تاماق غىزالىنىۋاتاتتى:

- ئاپا ، جىقراق يە پۇتۇڭ ياخشى بولۇپ قالىدۇ ؟ رەنا ئوغلىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:

- يەنىلا مېنىڭ ئوغلۇم ياخشى .

-ئاپا مەن دېگەن سېنىڭ قوغدىغۇچىڭ! سىڭلىم سنىڭ مەلىكەڭ ،- ئەرفات ئۇقۇشمايلا سىڭلىسى سۈرىيەنىڭ گېپىنى ئېغىزدىن چىقىرىپ قالدى ، رەنا قىزىنى ئويلاپ كۆڭلى سەل يېرىم بولۇپ قالدى. ئەرفات:

- ئاپا سىڭلىمنى سېغىنىپ كەتتىم ، ئۇنىڭغا سۈرەتلىك ۋىدىئو يوللايلىچۇ ؟  

-ماقۇل ئەلۋەتتە بولىدۇ . لېكىن ئۇزۇن پاراڭلاشما!

- ماقۇل ، ئاپا !- ئەرفات يانچۇقىدىن تېلېفوننى چىقاردى دە ، خۇشلىقىدا سىڭلىسىغا تېلېفون ئۇردى . ئۇزۇن ئۆتمەي تېلېفون ئېكرانىدا چىرايلىق يۇمىلاق يۈز پەيدا بولدى:

- ئاكا،-سۈرىيەنىڭ ئاۋازى شۇنچە يېقىملىق ئىدى ، ئەرفات ئۇنى ئاڭلاپ يايراپ كەتتى :

-بۈگۈن دوراڭنى ئىچتىڭمۇ؟ دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىڭمۇ يوق

- ئەلۋەتتە ئاكا ، دورامنى ئىچتىم، ئۈرۈمچى ياخشىمىكەن ئاپام بىلەن قاچانلىققا قايتىپ كېلىسەن؟ كېلىشىڭدە ، جىق سۈرەتلەرنى ماڭا كۆرسەتكىن !- سۈرىيە ئاغرىق بولسىمۇ ، لېكىن ئاۋازى شۇنچىلىك ئوماق ، يېقىملىق ئىدى . ئەرفات كۈلۈپ تۇرۇپ:

- سىڭلىم مەن بۇ يەردە مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن ،تېخى سىرتقا چىقىپ ئوينىغۇدەك بولمىدىم ، مەن كېيىن ئوينىغان ۋاقتىمدا ساڭا جىق سۈرەتلەرنى ئەۋەتىپ بېرەي . بولامدۇ .  

-ئەلۋەتتە بولىدۇ . ئاكا ، سەن بەك ياخشى ، ئاكا . ئاڭلىشىمچە ئۈرۈمچىنى بەك چىرايلىق جاي دەيدۇ . مېنىڭ بەكلا چىقىپ ئوينىغۇم بار ئىدى ، لېكىن مەن تېخى شاڭخەينىمۇ ، بۇنچىلىك ئويناپ باقمىغان تۇرسام ، مېنىڭ كېسىلىم قاچان ساقىيار ؟

-سىڭلىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ئەرفاتنىڭ قاپىقى تۈرۈلدى دە

- ئوماق سىڭلىم ، خاتىرجەم بول . كېسىلىڭ چۇقۇم ساقىيىدۇ . ساقايغان ۋاقتىڭدا ، مەن سېنى ئويناتقىلى ئاپىرىمەن ،- رەنا قىزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆزدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى ، لېكىن زورىغا كۈلۈپ تۇرۇپ ، ئاپاق قىزىم مەن ئاكاڭ بىلەن بۇ يەردىكى ئىشىمنى تۈگىتىپ بولۇپلا قايتىپ سېنى ئويناتقىلى ئاپىرىمەن، سەمەت داداڭنىڭ گېپىنى ياخشى ئاڭلا بولامدۇ ؟

- ماقۇل ، ئاپا سىز دوختۇرخانىدىمۇ ؟ ھە ، مەن ئازراق زۇكامداپ قالغان ئىدىم ، ھېچقىسى يوق . مەندىن ئەنسىرمە . بولدى ، ئۇزۇن پاراڭلاشمايلى . ياخشى ئارام ئالغىن قىزىم .  

-ماقۇل ئاپا، ئاكا ، خەير خوش .

رەنا تېلېفوننى قويىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ سالدى . پەرىدە ئۇنىڭ تەسەللىي بىرەتتى بەزلەيتى ،لېكىن رەنا يىغىدىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى :

- مەن ئەيىبلىك ، ھەممىگە مەن ئەيىبلىك ، مەن ئۆزۈمنىڭ قىزىنى ياخشى قوغدىيالمىدىم . ئۇنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرەلمىدىم .

- بولدى جېنىم دوستۇم سەن ئۆزۈڭنى ئەيىبلىمە ، بۇنىڭ ھەممىگە قۇربان دېگەن ھايۋان سەۋەبچى، سەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ، سەن ھېلىمۇ تىرىشتىڭ. سەن قەيسەر بولۇشۇڭ كېرەك ، جېنىم دوستۇم ؟ - پەرىدەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ رەنا بېشىنى لىڭشىتتى:

- توغرا ، مەن قەيسەر بولۇشۇم كېرەك . شۇنداق قىلىپ ، ئۇلار تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئەرفات ئۆيگە قايتىپ كەتتى . رەنانىڭ ھالىدىن ئالاھىدە سېستىرا خەۋەر ئالدى ،بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قۇربان دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى . تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ، ئۇ ئەرفاتنىڭ رەنا بىلەن ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلېكىنى بىلدى ، ئۇنىڭغا ئۇ بۇنىڭغا ئىشەنمەي بىر كۈلۈپ ، بىر يىغلاپ ۋارقىراپ كەتتى . دېمەك ، بەش يىل ئوت ئاپىتىدە ئۇلار ئۆلۈپ كەتمىگەن . قۇربان دەرھال ياردەمچى روزىغا تېلېفون قىلىپ :

- سەن بەش يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتىدىكى ئىشلارنى ماڭا تەكشۈرۈپ بەر . يەنە لاھىلىگۇچى سوفىيەنىڭ تارىخىنى ماڭا تەكشۈرۈپ بەر .  

روزى جىددىيلىشىپ :

قۇربان دىرېكتور سوفىيەنىڭ ئارخىپى شاڭخەي گۇرۇھىدىكىلەر تەرىپىدىن قاتتىق قوغدىلىدىكەن .  

-ئۇنداقتا، سەن شاڭخەيدىكى سەمەت دىرېكتورنىڭ تارىخىنى تەكشۈرۈپ كۆر ، سەمەت دىرېكتور قانداق بولۇپ ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئوت ئاپىتىدە پەيدا بولغان ، مەن پەقەت چۈشەنمەي قالدىم .

-خوپ بۇلىدۇ ،- قۇربان تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ، يۈرىكى سەل تىنچلاندى . ئۇ ، رەنانىڭ ھايات ئىكەنلېكىنى بىلىپ ، ناھايىتى خوش بولغان ئىدى . ئۇ خۇشاللىقىدا سىرتقا چىقىپ ، رەنا ياخشى كۆرىدىغان ياخشى نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ دوختۇرخانىغا باردى. بۇ ۋاقىتتا رەنا گېزىت كۆرۈۋاتقان بولۇپ تۇرقى ناھايىتى چىرايلىق ئىدى

سىرتتىكى ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ ، رەنا ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ قايرىدى دە ، قۇربان دىرېكتورىنى كۆردى . قۇربان ئىشىك تۈۋىدە ھاڭۋاقتىلارچە رەناغا قاراپ تۇراتتى


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0