大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 33 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 33 ـ قىسىم aybarawazi
2024-02-21
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



بۇ ئەسەرنىڭ 34 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25




32
31



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


33 - قىسىم


قۇربان ئىشىك تۈۋىدە ھاڭۋاقتىلارچە رەناغا قاراپ تۇراتتى .

    قۇربان دېرىكتور سىز نېمىگە كەلدىڭىز ؟ يېقىندا سىز بەك ئالدىراش ئىدىڭىزغۇ ؟ دېدى رەنا بىپەرۋالا . ئەمەلىيەتتە رەنا دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ تەكشۈرۈش قەغىزىنى قۇربانغا بەرگەنلېكىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ئالدىنالا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلۋلغان ئىدى . قۇربان كۈلۈپلا كېسەلخانا ئۆيىگە كىردى . قۇرباننىڭ كاللىسىدا نۇرغۇنلىغان خىيال ،نۇرغۇنلىغان سوئال . لېكىن ئۇ راستىنلا ئايالنى سېغىنغانىدى . رەنا بولسا قۇرباننىڭ ئۆزىگە قىلغان ساداقەتسىزلىكىنى بىر ئۆمۈر ئۇنى كەچۈرمەيدىغانلىقى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئايان ئىدى . 

  - نېمە مېنىڭ كېلىشىمنى ياقتۇرمامسىز ؟ دېدى ئۇ قولىدىكى مانگونى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ . ماڭگونى بولسا رەنا ئەڭ ياخشى كۆرەتتى . لېكىن ئۇنىڭ بۇرۇن ياللۇغى بولغاچقا ، مانگونىڭ پۇرىقى ئۇنىڭغا رېئاكسىيە قىلاتتى . سىز مانگو ئەكېلىپ نېمە ئىش قىلماقچى ، مەن مانگونى ياخشى كۆرمەيمەن .  

رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ كۆڭلى سەل بىئارام بولدى دە:

  - بۇ سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مېۋە ئىدىغۇ ؟ نېمىشقا يېمەيدىغان بولۇپ قالدىڭىز ؟ تېخى مېۋە كەلسەم قاراپمۇ قويمايسىز ؟ - ئۇ شۇنداق دېگەچ بىر تال مانگو نى ئالدىدە پوستنى ئاقلاشقا باشلىدى 

  -ياق ، مەن يېمەيمەن ، ئۇ سىزگە رېئاكسىيە قىلىدۇ. - قۇربان ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى -دە قاپىقىنى تۈرۈپ 

- مانگونىڭ ماڭا رېئاكسىيە قىلغاننى سىز نەدىن بىلىسىز ؟  

رەنا دەرھاللا تېمىنى يۆتكەپ ، كۈلۈپ تۇرۇپ:

  - كەچۈرۈڭ مەن خاتا دەپ قويۇپتىمەن ، مەن خۇددى قېشىمدا سەمەت دېرىكتور باردەك ھېس قىلىپ قاپتىمەن. بۇ مېۋە ئۇنىڭغا رېئاكسىيە قىلاتتى، ئۇ بىر قېتىم ماڭا ئاقلاپ بەرگەندە تېرىسىگە قىزىل ئورلەپ كەتكەن .

قۇربان سەمەت دىرېكتورنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاچچىقى كېلىپ كەتتى دە . قولىدىكى مېۋىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويدى . لېكىن ، يەنىلا كۈلۈپ تۇرۇپ:  

-بۇ مېۋىنى جىق يەپ بەرسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق ھۆسن تۈزەيدۇ . 

  - ماقۇل ، رەھمەت قۇربان دىرېكتورنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنگە 

 - سىز سەمەت دىرېكتورنى ياخشى كۆرەمسىز ؟-دىدى ماڭگودىن بىرنى ئاقلىغاچ ،لېكىن رەنا ئۇنىڭ گېپىگە ئىرەن قىلماي گېزىتكە قاراپ تۇراتتى . قۇربان پىچاقنى تۇتقىنىچە پىچاق قولنى كېسىپ قان چىقىرىۋەتكەن ئىدى . لېكىن رەنا كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالدى. . مانا ھايات ، دېگەن شۇنداق قۇربان بارا بارا يوقىتىپ قويۇشنىڭ تەمىنى سېزىۋاتقان ئىدى . قۇربان ئاچچىقلاندى. بىر خىل ئاچچىق سېزىم ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى قىيناۋاتاتتى . بۇ ۋاقىتتا رەنا بوش ئاۋازدا:

 - قۇربان دىرېكتور بولدى سىز ئاقلىغىنىڭىزنى مەن يەي . سىز ئەڭ ياخشىسى قولىڭىزنى دوختۇرغا كۆرسىتىڭ .

 - ھېچقىسى يوق،- دېدى قۇربان خالتىدىن يەنە بىر مانگونى ئېلىپ ئاقلىغاچ .  

 -بولدى بولدى مەن يېمەيمەن . جىق يېسەم بولمايدۇ . 

قۇربان رەناغا قاراپ تۇرۇپ : 

 - مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ بېقىڭە؟- قۇرباننىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ئىنتىزارلىق چىقىپ تۇراتتى . رەنا ئۇنى بۇنداق دە دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدى .

 - سىز بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىڭ مەن باشقىلارنىڭ مېنى قۇربان دېرىكتور دەپ چاقىرىشنى ياقتۇرمايمەن 

 - ياقتۇرمامسىز ياردەمچى روزى سىزنى ئاشۇنداق چاقىردىغۇ 

 -سىز مېنىڭ ياردەمچىممۇ ؟ 

رەنا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى ، ئۇنى قۇربان دەپ چاقىرىپمۇ قويمىدى. 

بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ، قۇرباننىڭ قوللىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتتى . رەنا بۇنى كۆرۈپ ، جىددىيلىشىپ دوختۇرنى چاقىردى . قۇربان رەنانىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلېكىنى كۆرۈپ كۈلۈپ قويدى :

  - قولىڭىز بۇنداق ئىششىپ كەتكەن تۇرسا يەنە كۈلىۋاتامسىز ،كاللىڭىزنىڭ دەردى بارمۇ نېمە ؟ - سېستىرا قۇرباننىڭ قولىغا توختىماي دورا، سۈركەۋاتاتتى ، لېكىن قۇرباننىڭ كۆزى رەنادا ئىدى . بىرئازدىن كېيىن دوختۇر چىقىپ كەتتى . قۇربان رەنانىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى . ئاندىن ئىككى قولى بىلەن رەنانى قوينىغا تاتتى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن قىزىق لەۋلىرىنى رەنانىڭ لېۋىگە باستى .

 رەنا جىدىيلىشىپ يۇرەكلىرى تىز تىز سۇقۇپ كىتىپ باراتتى، قۇرباننىڭ ئىسسىق لەۋلىرى ئۇنىڭ پۇتۇن بەدىننى كونتىرۇل قىلغان ئىدى ،بىر ئاز ئوتكەندىن كىيىن چاڭڭىدە بىر تەستەك قۇرباننىڭ يۇزىگە تەگدى:

 - قۇربان دىرىكتۇر ساراڭ بوپ قالدىڭىزمۇ؟ نىم قىلۋاتسىز ؟-دىدى ئاچىقلاپ. قۇرباننىڭ يۇزى شۇزامات ئىششىپ كەتتى . ئۇ گەپ قىلماي كىچىك بالدەك رەناغا تەلمۇرۇپ تىلىپ رەناغا قاراپ تۇراتتى ،رەنا نىم قىلارىنى بىلەلمەي قالغاندا دوختۇر بىلەن سىستىرا كىرىپ قالدى :

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

 - نېمە ئىش بولدى ؟ بىزنىڭ ياردىمىمىز لازىممۇ ؟  

قۇربان ھېچ ئىش بولمىغاندەك بوش ئاۋازدا :

ھېچقىسى يوق ، مېنىڭ قولۇمغا رېئاكسىيە قىلدى، كۆرۈپقويۇڭلار .دوختۇر قۇربانىڭ چىرايىغا بىرقۇر قارۋەتكەندىن كىيىن 

-تىز جىددى قۇتقۇزۇشقا يوتكەڭلار مۇشتاق ئىغىر تۇرسا نىمىشقا خەۋەر قىلمىدىڭلا ؟

 -دوختۇر خەتەرلىكمۇ؟ 

  -ئەۋەتتە خەتەرلىك بىز چۇقۇم جىدىدى قۇتقۇزۇشىمىز كىرەك ! -سىستىرا شۇنداق دەپلا قۇرباننى ئىلىپ چىقىپ كەتتى رەنا جىدىيلىشىپ نىم قىلارىنى بىلمەي قالدى ،ئۇ قۇرباندىن ئەنسرەپ كەتكەن ئىدى. ئەسىلى  بۈگۇن قۇربان ئەرفاتنىڭ ئوز ئوغلى ئىكەنلېكىنى بىلگەن، لېكىن قۇربان بۇ توغۇرلۇق بىر ئىغىز مۇ گەپ قىلمىغا ئىدى . رەنا تىت تىت بولۇپ ئولتۇرغان ۋاقىتتا سېستىرالار قۇرباننى رەنا ياتقان كېسەلخانا ئۆيىگە يۆتكەپ ئەكىردى ، رەنا تېرىكىپ : 

  - ھەي ، ئۇ بۇ يەردە ياتسا بولمايدۇ ؟ ئۇنى نىمىشقا باشقا كىسەلخانا ئويگە يوتكىمەيسىلەر ؟ قۇربان دېرىكتور سىزگە پەقەت مانگۇ رېئاكسىيە قىلدى ، دوختۇرخانىدا يېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوققۇ؟!

  -ياق مېنىڭ ھاياتىم دېگەن قىممەتلىك ، مەن ، ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن دوختۇرخانىدىن چىقىمەن .

قۇربان قاشاڭلىق قىلىۋاتقان ئىدى ، رەنا ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ بىزارلىق ھېس قىلدى :

   - ۋېي سىزنىڭ شىركەتتە ئىش چىققان ئەمەسمىدى، شىركەت بىلەن كارىڭىز يوقمۇ ، سىز ئۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلمامسىز!؟  

-مەن دېگەن ئادەم . ئاغرىپ قالسام ئەلۋەتتە دوختۇرخانىدا يېتىشىم كېرەك ، يەنە كېلىپ ، ماڭا مانگو سىزگە ئاقلاپ بەرگەنلىكتىن ماڭا رېئاكسىيە قىلدى .

 - ماۋۇ گەپنى مەن سىزگە ماڭگونى ماڭا ئاقلاپ بېرىڭ دېمىگەنغۇ ؟ 

 - كارىم يوق ، ئىش قىلىپ سىز بۇنىڭغا مەسۇل بولۇشىڭىز كېرەك .  

 -دوختۇر،مەن كېسەلخانا ئۆينى ئالماشتۇرىمەن! دوختۇر : 

 - خېنىم ، باشقا كېسەلخانا ھەممىسى توشۇپ كەتتى . 

دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇربان ئوغرىلىقچە كۈلۈپ قويدى ، رەنا بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقلىنىپ ياستۇقنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى . ياستۇق قۇرباننىڭ بېشىغىلا تەگكەن ئىدى . 

  دوختۇر ، سېستىرالار بۇنى كۆرۈپ ئاستاغىنە كېسەلخانىدىن چىقىپ كەتتى دە ، دېرىزىدىن ئۇلارنىڭ گەپ تالاشقانلىقىنى كۆردى . چۈنكى قۇربان بۇ دوختۇرخانىغا قوشقان پاي بار ئىدى ، شۇڭا دوختۇر ئۇنىڭغا يول قوياتتى . رەنانىڭ ئاچچىقى يانماي ، ئۈستەل ئۈستىدىكى مانگونى بىردىن ئېتىشقا باشلىدى. قۇربان قەستەنگە بىر تال مانگونى تۇتۇۋېلىپ:  

  -ھە مانگونىڭ ماڭا رېئاكسىيە قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ماڭا ئاتتىڭىزمۇ ؟

 -ئۆلسىڭىزمۇ بوپتىكەن ؟

  - مەن ئۆلسەم سىز قانداق قىلىسىز ؟ ماڭا ئىچ ئاغرىتمامسىز 

رەنا تىخىمۇ ئاچىقلاپ :

  -قۇربان ئەپەندىم ، مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم بار ، سىز ماڭا قالايمىقان گەپ قىلماڭ .

  - گەرچە سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ ، سىز تېخى توي قىلمىدىڭىز ، مېنىڭ پۇرسىتىم بار ، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم . سىزنى قوغداش ھوقۇقۇم بار ، سىزنى قىز دوستۇم قىلغۇم بار ، ھەتتا ئايالىم قىلغۇم بار . 

-كاللىڭىزنىڭ سۈيى بار ئىكەن! 

قۇربان ياندۇرۇپلا: 

  - سىز مېنى قاشاڭ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ ؟ قارىغاندا سىز مېنى تولۇق چۈشەنمەپسىز ، مەن دېگەن ئىنتايىن نېپىز ئادەم ،- دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ . رەنا قۇربانغا ئاچچىقنى بېسىۋالاي دېسىمۇ ، ئىچ ئىچىدىن ، قانلىرى قىزىپ تۇراتتى . لېكىن ، قۇربان خىيالىلا رەناغا چاقچاق قىلاتتى ئۇنى تېرىكتۈرەتتى . قۇرباننىڭ راستتىنلا ئۇنى قوغلىشىپ قولغا چۈشۈرگۈسى بار ئىدى . قۇربان ياردەمچىسىگە تېلېفون قىلىپ شىركەتتىكى ئىشلارنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى ، ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىش بارلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى . رەنا سەل ئاچچىقنى بېسىپ ، كۆزنى يۇمۇپ ئۇخلاي دېيىشىگە يېنىدا ياستۇقنىڭ يوقلىقىنى بايقىدى ، ئۇ بېشىنى قايرىپ قارىسا ، قۇربان رەنانىڭ ياستۇقنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ : 

  - نېمە دېگەن پۇراقلىق ھە .  

ئۇنىڭ بۇ قاشاڭ ھالىتىنى كۆرۈپ ، رەنانىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەلدى ئۇ بۇرۇن توي قىلغان ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە قۇربان ئۇنىڭغا بۇنچىلىك ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ باقمىغان ئىدى . رەنا قۇربانغا بىرنى ئالايۋەتكەندىن كېيىن چاقىرىق سىگنالىنى كۈچەپ باستى ، بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن بىر سېستىرا يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلدى . سېستىرا قۇربانغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن قۇرباننىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ھېس قىلدىدە

  -دىرىكتۇر مەن بىرەر ياردىمىم لازىممۇ ؟ 

رەنا قۇرباننىڭ نېمە ئويلىشىغا پىسەنت قىلماي ، سېستىراغا :

  -خاپا بولماي ياستۇقتىن بىرنى ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز ؟  

 - سوفىيە خېنىم كەچۈرۈڭ . بىزنىڭ دوختۇرخانىدا يوتقان كۆرپە ، ياستۇق بىر چىقىدۇ ، ئارتۇقى يوق، بولمىسا قۇربان دىرېكتور بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىڭ ، ئۇ يېنىدىكى ئارتۇق ياستۇقتىن بىرنى سىزگە بەرسۇن ، - سېستىرا گېپىنى دەپ بولۇپ ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى . قۇربان تىخمۇ كۇلۇپ كەتتى ،رەنا بولسا ئاچىقى كىلىپ ئارقىغا ئورۇلۇپلا يوتقاننى بىشىغىچە يىپىنىپ يىتىپ قالدى 

   رەنا تېلېفوننى تۇتقىنىچە قۇچاقلاپ بىلىپ بىلمەي ئۇخلاپ قالدى . ئۇنىڭ ئۇخلىغان قىياپىتى شۇنچىلىك ئوماق ئىدى . يېرىم كېچە ، بولغاندا قۇربان تۇيدۇرماي كېسەلخانا ئۆيگە كىرىپ رەنانىڭ يوتقىنىنى ئۇنىڭغا يېپىپ قويغاندىن كېيىن يان تەرەپتە ئولتۇردى . ياستۇق يېنىدا رەنانىڭ تېلېفونى قويۇلغان ،تېلېفونغا قۇلۇپ سېلىنغان ئىدى . قۇربان تېلېفوندا« بۇ ئۇمرۇمدە سىزدىن باشقا ھىچكىمنى ئالمايمەن » دېگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدى ، بۇ ئۇچۇرنى سەمەت دېرىكتور يوللىغان ئىدى . قۇربان بۇنى كۆرۈپ ، ئىچى سىيرىلىپ كەتتى .ئاچچىقى كېلىپ ،قاپاقلار تۈرۈلۈپ كەتتى . ئۆزىنىڭ ئايالى ،بالىسىنىڭ ئاپىسى بەش يىلنىڭ ياقى يوقاپ كەتتى .

  ئەمدىلىكتە قايتىپ كەلگەندە باشقا ئەر بىلەن ئىش پەش تارتىشىپ قىلىشى ئۇنىڭ يۇركىنى قىينايتى . قۇربان ئاستا تېلېفوننى ياستۇق بېشىغا قويۇپ قويۇپ ،ئاستا قەدەملەر بىلەن كېسەلخانىدىن چىقىپ كەتتىدە ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ، يانچۇقىدىن بىر قاپ تاماكىنى ئالدىدە تاماكىنى ياندۇرۇپ چېكىشكە باشلىدى . ئۇ ئۇزۇن بولغان تاماكا چەكمىگىلى . بىردىنلا ئۇ بىر خىل ئاجىزلىق ھىس قىلىپ قالغاندەك ، ھەتتا ئۆز يېنىدىكى ئايالىمۇ قۇغدىيالمىغىندىن ئاچىقى كىلىپ تۇراتتى .


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k