大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 104 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 104 - قىسىم aybarawazi
2024-05-02
4
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !

  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 105 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86
97
96
95
94
93
92
103
102
101
100
99
98


سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


104 - قىسىم

 
-خانىم ، سىز نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز ؟ ئۆزىڭىز بىلىسىز ، سۈرىيەنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى يار بەرمەيدۇ ، ئۇ ئەتە ئوپېراتسىيەگە چۈشىدىغان تۇرسا .سىز نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ -دىدى دوختۇر.
-بۇ دېگەن بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئىشى سىلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز. سىلەرگە يەنە بىر قېتىم ئېيتاي ، ھېچكىمنىڭ چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت يوق ،- دېدى قۇرباننىڭ ئاپىسى.
بۇ ۋاقىتتا سۈرىيە يىقىلىپ كەتكەن يەردىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىغا قاراپ يۈگرەشكە باشلىدى . ئۇنىڭ كاللىسىدا دوختۇرخانا ئىشىك ئېغىزىغا بارسا دادىسى بىلەن كۆرۈشسىلا، بۇ ئويۇندا يېڭىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى . ئۇ ئوڭ تەرىپىدە ھېلىقى كاتىپ ئايالنى كۆردى . ئۇ ئەسلىدە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ سالام قىلاي دەپ ئويلىغان ئىدى . لېكىن ،مومىسىنڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يان تەرەپكە يوشۇرۇنۇۋالدى . بىراق ، ئۇ كاتىپ خېنىمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدى:
-سەمەت دىرېكتور ئېيتتى .مەيلى قانداق ئامال قىلسۇن ، سۈرىيە خېنىم ھايات قالسا بولمايدۇ . مەن دوختۇرغا تېلېفون قىلدىم . سۈرىيە قېچىپ كېتىپتۇ . سىلەر ئەڭ ياخشىسى ھەممە ئەتراپنى ئىزدەڭلار !ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىڭلار . ئەگەر ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭلارمۇ ، ھېچقانداق يىپ ئۇچى قالدۇرماڭلار،-دىدى كاتىپ خىنىم 6نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ئالدىغا تىزىپ قۇيۇپ بۇ گەپلەرنى دەۋاتاتتى.
سۇرىيە نىمە قىلارنى بىلمەي قالدى .
ئۇ بۇ ۋاقىتتا سەمەت دادىسىنى ئېسىگە ئالدى . ھەمدە سەمەت دادىسىنىڭ بۇنداق قىلىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى . ئۇ ۋاقىتتا ،مومىسىنىڭ ئۇنىڭغا دېگەن گەپلىرىنى ، ھەمدە بۇ ئويۇننى نېمە ئۈچۈن ئوينىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندى . ئۇ ئاغزىنى مەھكەم تۇتقىنىچە جىم تۇراتتى . توساتتىن بىر قول ئۇنىڭ مۈرىسىگە تەگدى .ئۇ جىددىيلەشكىنىچە ئارقىسىغا قارىدى.
-ئۈششش… سۈرىيە سىڭلىم مەن .
- فۇرقەت ئاكا. سۈرىيە شۇنداق دېگىنىچە ئۇنى قۇچاقلىۋالدى . دېمىسىمۇ ئۇ بىرئاز قورققانىدى . فۇرقەت ئۇنىڭ بىشىغا يېنىككىنە ئۇرۇپ قويغاندىن كېيىن:
-مەن بىلەن يۈرۈڭ. بىز بىللە دادىمىزنى ئىزدەيلى . روزى تاغام ئۇلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتتى .
- لېكىن، مومام تېخىچە كېسەلخانىدا،- دېدى سۈرىيە .
- ھېچقىسى يوق .، دادام ئامال قىلىدۇ ،-!دىدى فۇرقەت.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى گۈللۈككە سۈرىيەنى ئېلىپ كىرىپ كەتتى . سۈرىيە خۇددى ئەرفات ئاكىسىنى قېشىدا باردەك ھېس قىلدى . ئۇلار ئاخىرى مېڭىپ چوڭ يولغا چىقتى ھەمدە چوڭ يولدا دادىسىنىڭ ماشىنىسىنى كۆردى .
-دادا،- دېدى فۇرقەت. ھەمدە سۈرىيەنىڭ قولىنى تارتقىنچە ماشىنىغا چىقتى . ماشىندا بولسا قۇربان ، ئۇلارنى ساقلاپ تۇرۋاتاتتى .
-سۈرىيە، قورقماڭ !مەن سىزنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىمەن ،- دېدى قۇربان .
لېكىن، مومام تېخىچە كېسەلخانىدا .
قۇربان ئۇنىڭ بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ ، يېنىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىغا قاراپ:
- سەن، دەرھال فۇرقەت بىلەن سۈرىيەنى ھېلىقى بىخەتەر جايغا ئاپىرىپ مېنى ساقلا! مەن بېرىپ ئاپامنى قۇتقۇزاي .
-قۇربان دىرىكتۇر،- دېدى ئامانلىق ساقلىغۇچى سەل ئەنسىرىگەچ .
بۇ ئامانلىق ساقلىغۇچى بولسا نەچچە يىلدىن بۇيان قۇربان گۇرۇھىدىكى شاڭخەيدىكى تارماق ئورۇننى تەرەققىي قىلىشقا كۈچ چىقارغان ئامانلىق ساقلىغۇچى ئىدى . ئۇ قۇرباننى بەكلا ياخشى كۆرەتتى ھەم بەكمۇ ھۆرمەت قىلاتتى.
-ھە ، بولدى . ئۇنداق بولسا سىلەر مىڭىۋىرىڭلار ؟ ئېسىڭدە بولسۇن، ئۇلارنى بىخەتەر ، ئۇ يەرگە ئاپارغىن .
-ماقۇل،-دىدى ئامانلىق ساقلىغۇچى.
قۇربان تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن تېز سۈرەتتە ماشىنىدىن چۈشتى- دە تېلېفوننى ئېلىپ بىرسىگە تېلېفون قىلدى . ئۇزۇن ئۆتمەي بىر ياش ئادەم ماشىنا ھەيدەپ كەلدى .ھەمدە تۆت ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كېيىن:
- قۇربان، مەن كەلدىم . سەن قەيەردە ؟ ھېلىقى ئادەم قۇرباننى كۆرۈپلا ، ئۇنىڭ مەيدىسىگە بىر مۇش ئۇردى ھەمدە خۇشال بولغىنىچە :
سەن سولتەك شاڭخەيگە كەلسەڭ ماڭا ئېيتماپسەن . ھازىر ھاجىتىڭ ماڭا چۈشكەندە ، شۇڭا مېنى ئېسىڭگە ئالىسەن. بۇنداق قىلساڭ بىز قانداقمۇ ئەل ئاغىنە بولالايمىز ؟- دېدى .
-ئىسمايىل بولدى . غەلۋە قىلما ، مەن راستىنلا بەكلا ئالدىراش،- دىدى قۇربان.
ئۇلار ئىككىسى شىركەتتىكى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلار ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئەل ئاغىنىلەر ئىدى . قۇربان شاڭخەيگە كېلىپ بۇ دوستىدىن ياردەم سورىغان ئىدى .
-قېنى يۈر، مېنى ئاپاڭ بىلەن كۆرۈشتۈر!-دېدى ئىسمائىل .
شۇنىڭ بىلەن ، ئۇلار مەغرۇر قەدەملەر بىلەن سۈرىيە ياتقان دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى. كارىدور تەرەپتە كاتىپنىڭ ئادەملىرى بار ئىدى . ئۇلار ئۈستدىكى كېسەلخانا ئۆيىدە قۇرباننىڭ ئاپىسىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ئىدى . ئۇلار قۇرباننىڭ ئاپىسىغا قالايمىقان چېقىلالمايتتى .چۈنكى قۇرباننىڭ ئاپىسى ناھايىتى باي ھەم نام شۆھرەتلىك ئايال ئىدى . بۇ ۋاقىتتا، كاتىپ خېنىم سەمەتكە تېلېفون قىلاي دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن، قۇربان ئىسمائىلنى باشلاپ كەلگەن ئىدى.
- بۇ يەردە نېمە ئىش بولدى؟ كەچ بولغاندا يېغىن ئېچىۋاتامسىلەر ؟ -دېدى ئىسمائىل .
ئۇنىڭ گەپلىرى ئەتراپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى . كاتىپ ئايال ئىسمايىلنى كۆرۈپ ، چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى .
- سىز نېمىگە كەلدىڭىز ؟- دېدى ھەمدە ئۇنىڭغا سالام قىلدى.
ئىسمايىل كۇلۇپ تۇرۇپ:
- مېنىڭ يېقىن ئاغىنەمنىڭ قىزى. بۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ . شۇڭلاشقا مەن كېلىپ كۆرۈپ كېلەي دېگەن ئىدىم .نېمە كاتىپ خىنىم بولمامدۇ؟
- بولىدۇ ،،،بولىدۇ ،- دېدى كاتىپ .
ئۇنىڭ ئاۋازى تىترىگەندەك چىقىۋاتاتتى .ئىسمائىل بولسا سودا ساھەسىدە ئۇتۇق قازانغان ناھايىتى داڭلىق شەخسنىڭ بىرى ئىدى . ھەمدە ئۇ شاڭخەيدىكى ئەڭ كاتتا ئەڭ داڭلىق سوتچىنىڭ ئوغلى . دېمەك ، شاڭخەيدە خېلىلا يۈز ئابرويى بار ئادەملەردىن ئىدى . بۇ ۋاقىتتا، كاتىپ پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن:
- ئەتە،سۈرىيە خېنىمنى ئوپېراتسىيە قىلىدىغان كۈن ئىدى . سەمەت دىرېكتور، ماڭا تاپىلاپ بۇ ئىشلارنى مۇكەممەل بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى . شۇڭلاشقا ،بىز بۇ يەرگە كەلگەن ۋاقىتتا ،سۈرىيە خىنمنىڭ يوقلىقىنى بايقىدۇق . قۇربان دىرېكتورنىڭ ئاپىسىمۇ بىلمەيدىكەن .شۇڭلاشقا ،بىز تۆت ئەتراپتىن ئىزدەشكە باشلىدۇق .
قىززىق گەپ قىلدىڭلار، مېنىڭ ئاپام ئۆزىنىڭ نەاۋرىسىنى زقانداق قىلماقچى ئىدى ؟- دېدى قۇربان .
-مەنمۇ ،ئېنىق ئۇقمايمەن . لېكىن ئاپىڭىز بىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدىممۇ ؟ بولمىسا ئۆزىڭىز كىرىپ قاراپ بېقىڭ،- دېدى كاتىپ .
-گەرچە، ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرسىمۇ ، بىز بۇ يەردە قالساق بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسمائىل ئېيتتى ، ئۇنىڭ بىر شەخسى دوختۇرخانىسى بار ئىكەن .بىز بۈگۈن ئۇ يەرگە كۆچۈرەيلى ،-دىدى قۇربان. بۇ ۋاقىتتا ئىسمائىل قۇربانغا بىر قاراپ قويدى . ھەمدە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالغانىدى . شۇنىڭ بىلەن قۇربان ھېچنىمىنى كۆرمىگەن قىياپەتتە كېسەلخانا ئۆيگە كىرىپ كەلدى .…
-بۇ ،سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار ؟ ئاپامنى قورال چىقىرىشقا قىستاپسىلەرغۇ؟ ئاپامنىڭ دېرىزىدىن سەكرىشنى خالامتىڭلار؟- دېدى قۇربان .
ئاپىسى ئوغلىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ ، دەرھال قورالنى يىغىشتۇردى .
- مەن، ئۇلار بىلەن ئوينىشىپ قويغان ئىدىم،-دىدى، ئاپىسى .
قۇربان بېرىپلا ئاپىسىنىڭ قولىدىن تۇتتى دە؛
-مەن بۇ يەردىن ھازىرلا چىقىپ كېتىمەن . قېنى ، كىم مېنى توسالايدىكەن ؟- دېدى قۇربان .
بۇ ۋاقىتتا ،كاتىپ گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشىغا ئىسمائىل ئۇنى توسۇۋالدى:
- كاتىپ خېنىم ، ئاڭلىسام ، سەمەت دېرىكتور بىزنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى يەردە قاپتىمىش . داداممۇ، ئاشۇ يەردىكى قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سالغان ئىدى . بولمىسا قايتىپ بېرىپ سەمەت دېرىكتور بىلەن پاراڭلىشىپ باقامسىز؟-دىدى ئىسمائىل .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ كاتىپ خېنىمنىڭ چېكىسىدىن تەرلەر ئېقىشقا باشلىدى .
-ئىسمائىل ئەپەندى ، چاقچاق قىلماڭە!
-چاقچاق قىلمىدىم. دېمىسىمۇ مەن چاقچاق قىلىشقا ئامراق،- دېدى ئىسمائىل .
بۇ ۋاقىتتا، قۇربان ئاپىسىنى يۆلەپ ئۇ تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى.
- ھامما ، ياخشىمۇ سىز؟ مەن قۇرباننىڭ بۇرۇنقى سەپدىشى . ھەم ئەڭ يېقىن ئاغىنىسى . مەن بۇرۇنلا سىزنىڭ نام ئاتىقىڭىزنى ئاڭلىغان ئىدىم .بۈگۈن كۆرۈشكە نېسىپ بوپتۇ .قېنى بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ سىلەرنى راۋرۇس مېھمان قىلىۋالاي،-دىدى ئىسمايىل.
- بولىدۇ ، چاتاق يوق . ئەمىسە، بىز بېرىپ سىزنى ئاۋارە قىلايلى .
- چاتاق يوق ، مېنىڭ داداممۇ سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى تولا قىلاتتى ،-دېدى ئىسمائىل .ھەمدە قۇرباننىڭ ئاپىسىنىڭ يەنە بىر قولنى تۇتقىنىچە چىقىپ كەتتى .
بۇ ۋاقىتتا ،كاتىپ ئىشنى كېچىكتۈرمەي دەرھال سەمەتكە ھەممە ئىشلارنى ئېيتتى . سەمەت بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ بەكلا ھەيران قالغانىدى ، ھەمدە بەكمۇ خاپا بولدى . ئۇ قۇرباننىڭ شاڭخەيدىكى داڭلىق سوتچىنىڭ ئوغلى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىپ ئىچى ئېچىشىپ تۇرالماي قالدى . بۇ ۋاقىتتا ئىسمايىل ،قۇربان ۋە ئاپىسى تېز سۈرەتتە ئۇلارنىڭ شەخسى دوختۇرخانىسىغا باردى . سۈرىيە مومىسنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۇپ « موما »دېگنچە ئالدىغا يۈگرەپ چىقتى. مومىسىمۇ سۈرىيەنى مەھكەم قۇچاقلىدى .
-قۇربان ،خاتىرجەم بولغىن. بۇ يەر مېنىڭ شەخسى ئىگىلىكىم.سەمەت، سىلەرنىڭ بۇيەردە ئىكەنلىكىڭلارنى بىلسىمۇ ھەرگىز بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ قالايمىقانچىلىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ . چۈنكى، دادامنىڭ قولىدا ئۇنىڭكى تەستىقتىن ئۆتكۈزمىسە بولمايدىغان مۇھىم دېلولىرىدىن بىر قانچىسى بار. ئەگەر، بۇ دېلو ئاشكارىلىنىپ قالسا ، بەلكىم ،ئۇ شاڭخەيدە پۇت دەسسەپ تۇرالماسلىقى مۇمكىن،-دىدى ئىسمايىل.
- رەھمەت ،ساڭا قېرىندىشىم ،-دىدى قۇربان. ئىسمائىل بۇ يەردىكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان ئاپىسى ۋە سۈرىيەنى بۇ يەردە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈتۈشكە باشلىدى . چۈنكى ئۇ سۈرىيەنىڭ كېسىلىدىن غەم قىلاتتى. 5يىلنىڭ ياقىى ھازىرغا كەلگىچە نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىغا ھەيران قالغانىدى .ھەمدە بۇ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولدى ..
قۇرباننىڭ ئاپىسى سۈرىيە بىلەن قايتىدىن تەكشۈرتۈشكە قوشۇلدى. لېكىن ، ئۆزىنىڭمۇ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىپ:
-مەن قېرىپ بۇ ياشقا كەلگىنىمدە يەنە نېمىگە تەكشۈرتىمەن؟- دېدى رەت قىلىپ .
قۇربان ئاپىسىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتقىنچە:
-ئاپا ،كۆپ يىللار بولدى .سىز چەتئەلدە، مەن سىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز قانداقراق تېخىچە بىلمەيمەن . مەن خاتىرجەم بولالمىدىم ، شۇڭلاشقا بۇ قېتىم مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭ تەكشۈرتۈڭ بولامدۇ ؟ -دىدى قۇربان .
بۇ ۋاقىتتا ئاپىسى ھەيران قېلىپ:
ئوغلۇم،مېنىڭ بەدىنىمدىن بىرەر مەسىلە چىقتىمۇ قانداق ؟- دېدى .
- ئاپا . شۇ، مۇنداقلا تەكشۈرۈپ قويسا بولدى . باشقىچە كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ !- دېدى قۇربان . بۇ ۋاقىتتا ئاپىسى قۇربانغا قاراپ:
- ئوغلۇم ،ياش ۋاقتىمدا ، مەن راستىنلا دورا يېگەن . ئۇ زەھەرلىك دورا ئەمەس بەلكى تىۋىپنىڭ دورىسى ئىدى . ياش ۋاقتىمدا مەن داداڭ بىلەن توي قىلغان ۋاقتىمدا ، ئارىمىزدا بالا يوق. بىز دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتتۇق . ئۇلار بىزنىڭ قان تىپىمىزنىڭ ماس كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى . ھەمدە تەستە بالىلىق بولدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى . بۇ ۋاقىتتا مەن بۇ ئازابقا چىدىيالمىدىم. ھەمدە مەندەك بىر ئايالنىڭ ئانا بولۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى . مەن ھەر تەرەپ- تەرەپكە بېرىپ دوختۇرلارغا كۆرۈنۈپ رېتسىپلارنى ياسىتىپ يىدىم . لېكىن ،ئۈنۈمى بولمىدى. بۇ ۋاقىتتا غوجىدار ئايالغا ئۇچۇردۇم ،-دىدى ئاپىسى.
-نىمە؟ غۇجىدار ئايال؟- دىدى قۇربان ھەيران قىلىپ.



داۋامى بار …

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k