
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 61 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 59 |
57-58 |
56 |
55 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
60 - قىسىم
قۇربان ئەسلىدە رەنانىڭ كۆڭلىنى ئاران ئېرىتكەنىدى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ، ئۇ ئوغلىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى .
-سېنىڭ تۇتۇق داداڭ شۇنداق ياخشى بولسىمۇ ، ئۇ دېگەن سېنىڭ تۇتۇق داداڭ . سەن تۇتۇق دادىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ئۇ دېگەن ئۆز ئەمەس .
قۇربان ئەسلى ئوغلى بىلەن تەڭ بولماي دەپ ئويلىغانىدى ، لېكىن ،ئۇنىڭ بايىقى سەمەت دادىسىنى ماختاپ كەتكەنلىرى ئۇنىڭ سەل ھەسەتخورلۇقىنى قوزغاپ قويدى .
سەمەت دېرىكتور . شۇنچە ئىلغار ئادەممىدۇ؟ قۇرباننىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى .بەش يىلنىڭ ياقى ئۇ قۇرباننىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلگەنلىكى راس، بۈگۈنكى كۈندە ئوغلىنىڭمۇ يات ئادەم تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قۇرباننىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ كەتتى . ئەرفاتمۇ بوش كەلمەي ، قارشى تۇرۇپ قۇربانغا :
- گەرچە ئۇ ئۆز بولمىسىمۇ ، مەن ئۇنى ئۆز دادامدەك كۆرىمەن . مەن ئۇنى ئۆز قىلىشقا تىرىشىمەن،- دىدى .
-ئەرفات!دەپ چاقىرىپ قويدى رەنا .لىكىن ئۇ جايىللىق بىلەن :
-قۇربان، مەن سېنى سىزلەپ ھۆرمىتىڭنى قىلسام . تولا ئالدىمدا كۆرەڭلىمە. سەن باشلىق بولۇپ كەتسەڭمۇ ؟ مەن سەندىن ھەرگىزمۇ قورقمايمەن . مەن سېنىڭ ئاپام بىلەن بىللە تۇرۇشۇڭغا قارشى ، مەن بۇنى ياخشى كۆرمەيمەن . سەن دېگەن بىر ئەبلەخ، مەن سېنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيمەن....
ئۇ شۇنداق دەپ يىغلاپ تاشلىدى .ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ، ياشلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى . بۇنى كۆرۈپ رەنا نىڭ كۆڭلى سەل بىئارام بولۇشقا باشلىدى
-ئەرفات، مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلا! مەن سەمەت دىرىكتۇر بىلەن يىقىن دوس .
-ئاپا مەن گىپىڭىزنى ئاڭلىمايمەن .سىز ئۆزگەردىڭىز؟
ئەرفات شۇنداق دېگىنىچە يىغلاپ ، كېسەلخانا ئۆيدىن يۈگرەپ چىقىپ كەتتى .
-ئەرفات ...
رەنا توۋلىغىنىچە تۇرۇپلا قالدى . قۇربان بوش ئاۋازدا .
-سىز تېز چىقىپ ئۇنى قوغلاڭ .دوختۇرخانائىشىكتە بىزنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرىمىز بار. سىز خاتىرجەم بولۇڭ ، ئۇ دېگەن كىچىك بالا . مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ گېپىنى كۆڭلۈمگە ئالمايمەن .
- قۇربان سىز ئۇنىڭغا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ ؟ نېمە بولمىسۇن ئۇ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۇ دادا مېھرىنى پەقەت سەمەت دېرىكتوردىنىلا كۆردى.
رەنانىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ، قۇرباننىڭ يۈرىكىگە يەنە بىر پىچاق سانجىغاندەك بولدى .
- ھېچقىسى يوق ، مەن چۈشىنەلەيمەن .سىز بېرىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ ؟- دېدى ئۇ يۈرىكى ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلىندۈرمەي كۈلۈپ تۇرۇپ.
رەنا بولسا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ بولغاندىن كېيىن تېز سۈرەتتە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى . بۇ جەرياننى كۆرۈپ فۇرقەت ھاڭ تاڭ قالدى . ئۇ ئەزەلدىن دادىسى بىلەن بۇنداق ھالەتتە گەپلىشىپ باقمىغان ئىدى . ئەرفات دەرۋەقە بۈگۈنكى كۈندە دادىسىغا قاراپ ۋارقىراپ بۇنداق گەپلەرنى دېگەن ئىدى ..
تۇساتتىن ئۇ « دادا...» دەپ قورقۇپقىنا قۇربانغا قاردى
-بۇ يەرگە كەل ،-دىدى قۇربان فۇرقەتكە ئىشارەت قىلىپ. -قىشىمغا كەل !مەن سىنى يىۋەتمەيمەن ،-دىدى.
فۇرقەت قۇرققىندىن تەستە ئۇنىڭ قىشىغا باردى .ھەمدە :
-دادا، ئەرفات ئاكامنىڭ سىز بىلەن قەستەن جېدەللەشكىسى يوق .ئۇ ئاپىسىنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ ، شۇڭا بايىقىدەك گەپلەرنى قىلدى .
ئاكا؟ سەن ئەرفاتنى ئاكا دەپ چاقىردىڭمۇ ؟ سەن ئۇنىڭدىن چوڭ تۇرساڭ ،- دېدى قۇربان .فۇرقەتنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ .
- دادا ، سىز ئەرفات ئاكامنى ياخشى كۆرمەمسىز ؟
- ياخشى كۆرىمەن .
قۇربان ئۇدۇللا جاۋاب بەردى . فۇرقەت بولسا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى .
- دادا ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن .ئۇنى ئاكا دەپ ئاتايمەن . بۇ گېپىم قارىماققا سەل غەلىتىدەك تۇرىدۇ .لىكىن ، مەن گەرچە ئۇنىڭدىن چوڭ بولساممۇ لېكىن، ئۇ كومپيۇتېرغا شۇنچىلىك ئۇستا . مەن ئۈچۈن ئۇ ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئاكا. ئۇنىڭ بىلمەيدىغان نەرسىسى يوقمىكىن دەيمەن . مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسام ، ئۇ مېنى داۋاملىق دۆت دەپ تىللايدۇ . لېكىن ،مەن ئەزەلدىن خاپا بولمايمەن .مەن ئىش قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولساملا بەكلا خۇشال بولىمەن دادا
فۇرقەت بولسا توختىماي ئەرفاتنى ماختاۋاتاتتى . قۇربان كۈلۈپ تۇرۇپ :
- سىنىڭ ،ئۇنىڭ بىلەن راستىنلا قېرىنداش بولغۇڭ بارمۇ؟
- دادا ،مەن ئالىقاچان ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق تۇققاندەك بۇلۇپ بولدۇم . مەيلى بىز قەيەرگىلا بارايلى . بىز يەنىلا يېقىن ئاغىنىلەر... قۇربان ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ :
- ئۇنداقتا ،مەن ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ئۆيگە يۆتكەپ ئەكەلسەم بىز بىلەن بىللە تۇرسا . ئۇمۇ مېنى «دادا » دەپ چاقىرسا ، رەنا ئاچاڭنى سەنمۇ ئۆز ئاپا دەپ چاقىرساڭ بولامدۇ ؟
بۇ ۋاقىتتا قۇرقەت سەل ھەيران قالدى .
-دادا ، مېنىڭ ئاپام بار تۇرسا نېمە ئۈچۈن رەنا ئاچاشنى ئاپا دەپ چاقىرىمەن ؟
-سەن مۇشۇنداق چاقىرساڭلار بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بولىمىز. قۇرباننىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ فۇرقەت سەل بىئارام بولدى .
-ئۇنداقتا ،مېنىڭ ئاپام قانداق قىلىدۇ ؟
ئۇنىڭ بۇ سوئالنى ئاڭلىغان قۇربان سەل كۈلۈپ تۇرۇپ :
- مۇنىرە ئاپاڭنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇرمۇشى بولىدۇ . لېكىن ،بىز ئۇنى ئۇنتۇپ قالمايمىز . بىراق ، سېنى بىر ئادەم ئارتۇق ياخشى كۆرسە ياخشى ئەمەسمۇ؟...
بۇ گەپنى ئاڭلاپ فۇرقەت سەل قىزىقىپ قالدى :
- ئەمىسە، ۋاقتى كەلگەندە رەنا ئاچاش بىزگە تاماق ئېتىپ بېرەمدۇ ؟ ئەگەر مەن ئۇنى كۈندە ئاپا دەپ چاقىرسام ، ئۇ ماڭا كۈندە تاماق ئېتىپ بېرەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئەتكەن تامىقى بەكلا ئوخشايدۇ دادا .
فۇرقەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، قۇربان بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلۈپ قويدى.
- سەن پەقەت يېيىشنىلا ئويلايسەن ، شۇنداقمۇ ؟
- ئەسلىدىمۇ، شۇنداققۇ دادا . كۈندە ئوخشىغان تاماقلارنى يېسەم مەنمۇ ئۆسۈپ يېتىلىپ چوڭ بولمامدىم . بىراق ،دادا . سىزنىڭغۇ ئۇلارنى بىر ئائىلە كىشىلىرى قىلغۇڭىز بار ئىكەن . لېكىن، ئۇلار سىزنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىكەنغۇ؟ بولۇپمۇ ئەرفات.
- ئۇنداقتا ،سەن ماڭا ياردەم قىلىپ ئاكاڭنى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇشقا كۆندۈرگىن !مۇشۇنداق بولغاندىلا ،سەن ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي ئاغىنە بولالايسەن .
- شۇنداقمۇ ،خاتىرجەم بولۇڭ دادا. مەن جېدەل قىلىپمۇ بولسا ئۇنى بىزنىڭ ئائىلىدە تۇرۇشقا كۆندۈرىمەن .
- سەن راستلا ،گەپ ئاڭلايدىكەنسەن ئوغلۇم ،-دېدى قۇربان ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ. لېكىن، ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم. مەنمۇ سېنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن . ئۇلار بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەن بولسمۇ ، مەن ساڭا ۋەدە بېرەي ، مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئورنۇڭنى ئەرفات بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش كۆرىمەن
قۇرباننىڭ، بۇ گېپىنى ئاڭلىغان فۇرقەتنىڭ كۆڭلى سەل جايىغا چۈشتى- دە ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى. بىراق ئۇ بۇ ۋاقىتتا سەل ئۇيقۇسى كەلگەن بولۇپ ، دادىسىنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپلا ئۇخلاپ قالدى . ئەرفات يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇ چوڭ يولغا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتمەي . كارىدورنىڭ ئارقىسغا يوشۇرۇنۇۋالغان ئىدى . ئەسلىدە ئۇ كۆڭلىدە ئاپام بىرىنچى بولۇپ مېنى قوغلاپ چىقىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن ،ئاپىسى كۆرۈنمەيتتى . ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى . چۈنكى ،ئاپىسىنىڭ ئۆزگىرىپ ئۆزىنى قۇربانچىلىك ياخشى كۆرمەس بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى . رەنا يۈگۈرۈپ چىققان ۋاقىتتا ئەتراپتا ئەرفاتنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى . ئامانلىق ساقلىغۇچىلار رەناغا:
-رەنا خېنىم ، ئەنسىرىمەڭ . بىز سىزگە ياردەملىشىپ ئىزدىشىپ بېرىمىز؟
-ماقۇل ، ئۇنداق بولسا بىز تۆت ئەتراپقا بۆلۈنۈپ ئىزدەيلى .سىلەرنى ئاۋارە قىلدىم .
بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەرفات دوختۇرخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ . دوختۇرخانا ئارقىسىدىكى بىر قارىغاي دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالدى . ھەمدە سەمەت دىرىكتۇرغا تىلفۇن قىلدى.
-سەمەت دادا ...
سەمەت دېرىكتور تېلېفوننى ئېلىشى بىلەن ئەرفات ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرغىنىچە يىغلاپ كەتتى . سەمەت دېرىكتورمۇ ئەنسىرەپ قولىدىكى ماتېرىيالنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدى ۋە جىددىيلىشىپ سورىدى :
- ئەرفات ، نېمە ئىش يۈز بەردى ؟ ئاپاڭچۇ ؟سەن نېمىگە يىغلايسەن ؟
- ھۇ...ھۇ... سەمەت دادا ئاپام مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن . ئۇ مېنى تاشلىۋەتتى .
ئەرفات شۇنداق دېگىنىچە ،ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى .
- ئەرفات ،ساڭا نېمە بولدى ؟ئاپاڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭمۇ
- تۇتۇق دادا ، سىز دەرھال ئۈرۈمچىگە كېلىڭ . بولمىسا، ئاپامنى باشقىلار تارتىپ كېتىدۇ ....
ئەرفات بولسا بىر تەرەپتىن يىغلاپ ، بىر تەرەپتىن گەپ قىلىۋاتاتتى . سەمەت دېرىكتور ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، سەل ھەيران قېلىپ تۇرۇپلا قالدى .
ئۇ ئەسلىدىنلا رەنانىڭ نېمە سەۋەبدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ، ئۇنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلەتتى . لېكىن ،ئۇنىڭ ئەنسىرەيدىغان بىرلا تەرىپى بار ئىدى .ئۇ بولسىمۇ ئۆچۈپ قالغان مۇھەببەت ئوتىنىڭ قايتىدىن يېنىپ قېلىشتىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتى. سەمەت دېرىكتورى بولسا گەپ قىلماي جىممىدە بولۇپ قالغانىدى .
ئەرفات ياندۇرۇپ سورىدى:
-سەمەت ، دادا سىز گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسىز ؟
- ئاڭلاۋاتىمەن .... ئەرفات ، بۇ ئىشقا، سەن تېخى كىچىك. بۇنداق گەپلەرنى سەن چوڭ بولغاندا ، مەن ساڭا چۈشەندۈرۈپ قوياي . لېكىن ، ئېسىڭدە بولسۇن سېنىڭ ئاپاڭ مەڭگۈ سېنىڭ ئاپاڭ ئۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەن سېنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىڭ. مەيلى نېمە ئىش بولۇشتىن قەتىينەزەر ، ھەرگىز ئاپاڭ بىلەن جېدەللەشمىگىن بولامدۇ ؟ ئاپاڭغىمۇ ئاسان ئەمەس .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
-ماقۇل ، تۇتۇق دادا . مەن چۈشەندىم . مەن قايتىپ بېرىپ ئاپامدىن ئەپۇ سورايمەن . ئەرفات بىلەن قۇربان دىرىكتۇر سۆزلىشىۋاتقان ۋاقىتتا تىلفۇندىن ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ قايتا ئاۋاز ئاڭلانمىدى .
-ئەرفات ...ئەرفات ...
سەمەت دېرىكتور ،ئۇنىڭ ئىسمىنى توختىماي چاقىردى. لېكىن ، ئەرفاتتىن ھېچقانداق ئىنكاس يوق ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېزلىكتە ئۇنىڭغا تېلېفون قايتۇردى . لېكىن ،تېلېفوندا تېلېفوننىڭ مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس دەپ چىققان ئاۋازىلائاڭلانغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ،ئەرفاتقا بىر ئىش بوپتۇ دەپ ئويلاپ بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتتى .... ئۇ جىددىيلىشىپ رەناغا تېلېفون قىلدى .رەنا تېزلىكتە تېلېفوننى ئېلىپ:
- سەمەت دېرىكتور ، نېمە ئىش بولدى ؟ سۈرىيە قىزىم ياخشىدۇ؟ ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا قىزىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى
سەمەت دىرېكتور بولسا جىددىيلەشكىنىچە :
- ئەھۋالى خېلى ياخشى ، ئۇنىڭ ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ .
- ئۇنداق بولسا ياخشى .
- رەنا ،بايا ئەرفات ماڭا تېلېفون قىپتىكەن .ئۇنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى ئەمەس ئىكەن . ئاراڭلاردا نېمە ئىش بولدى .ئۇ سىزنىڭ قېشىڭىزدىمۇ ؟
سەمەت دىرېكتورنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، رەنا تېخىمۇ ئەندىشىگە چۈشتى .
-توغرا ، بايا ئۇ قېيداپ سىرتقا يۈگرەپ چىقىپ كەتكەن ئىدى . مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقىپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىدىم .
ئەسلىدە ئۇ ئوغرىلىقچە يوشۇرۇنۇۋېلىپ سىزگە تېلېفون قىپتىكەن -دە ، ئۇ سىزگە نېمىلەرنى ،-دېدى ؟
رەنا، ئەرفاتنىڭ سەمەت دىرېكتورغا تېلېفون قىلغىنىدىن سەل كۆڭلى خاتىرجەم بولدى -دە ، ئوغلىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
-رەنا، مەن بايا ئەرفات بىلەن تېلېفون سۆزلىشىۋاتقان ئىدىم . لېكىن كېيىن ئۇ، بىر ۋارقىراپلا تېلېفوننى قويىۋەتتى . قايتۇرسام مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس ئىكەن. سىز ھازىر قەيەردە ؟دەرھال ئەرفاتنى ئىزدەپ تېپىڭ. ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن....
- سىز ...سىز .نېمە دېدىڭىز؟ مېنىڭ ئوغلۇمغا بىرەر ئىش بوپتىمۇ ؟ ماقۇل ، مەن...مەن ،ھازىرلا بېرىپ ئىزدەي .
رەنانىڭ پۇت قولىدا جان قالمىغان ئىدى .چۈنكى ،ئۇ ئوغلىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى .ئۇ ئوغلىنىڭ بىرەر ئىشقا ئۇچرىشىغا چىدىمايتتى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېز سۈرەتتە ئوغلىنى ئىزدەشكە باشلىدى . ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاشقا باشلىدى : ئەرفات ئاپاڭ بۇ يەردە، تېز چىققىن بولامدۇ ! مەيلى نېمە ئىشلار بولسۇن ، قانداق گەپ بولسا، مەن سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلايمەن. بولدى ، ماڭا بۇنداق چاقچاق قىلما ئوغلۇم.مەن سەندىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن . سەن بىلىۋاتامسەن ئەرفات . تېز چىق دەيمەن !
رەنا، ۋاقىرىغىنىچە يىغلاپ تۆت ئەتراپقا قاراتتى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



