
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 69 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
68 - قىسىم
رەنا، سىز قۇرباننى كەچۈرۈۋەتكەن ئوخشىمامسىز؟ -
رەنا سۈكۈت ئىچىدە بىردەم تۇرغاندىن ، كېيىن:
-بەش يىل ئاۋالقى ئىش بىر ئۇقۇشماسلىق ئىكەن. ئۇ ھېچقانداق ئىشنى بىلمەيدىكەن . بەش يىلنىڭ ياقى ئۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ كەپتۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلىرىمغا ئۆزىنىڭ دادىسى لازىم .
- لېكىن ، سىزمۇ بىلىسىز مەن ئۇلارنىڭ دادىسى بولۇشقا رازى .پەقەت سىز قوشۇلسىڭىزلا ،- دېدى سەمەت دېرىكتور ئۈمىدۋارلىق بىلەن .
بۇ ۋاقىتتا رەنانىڭ يۈرىكى بەكلا ئاغرىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ سەمەت دىرېكتورغا بولغان ھېسسىياتنى پەقەت تۇغقاندارچىلىق ، قېرىنداشلىق ھېسسىيات دەپلا ئويلايتتى . لېكىن ،ئۇ ئەزەلدىن سەمەت دېرىكتورغا ھېسسىياتى قوزغىلىپ باقمىغان ئىدى . چۈنكى ،ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاللىبۇرۇنلا قۇربان ئېلىپ كەتكەن ئىدى .رەنا كۆڭلىگە باشقا بىرىنى سىغدۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . مەيلى قۇربان ئەسكى بولسۇن ياكى ياخشى بولسۇن ئۇ قۇرباننى سۆيەتتى . ئۇ بۇ كۆڭۈلنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلمەيتتى.
-كەچۈرۈڭ سەمەت دېرىكتور راستىنلا كەچۈرۈڭ ،-دېدى رەنا. سەمەت دىرېكتور بىرئاز سۈكۈتكە چۆمگەندىن كېيىن ، بوش ئاۋازدا:
-بولدى، مەندىن كەچۈرۈم سورىماڭ . سىز قۇرباننى چىن كۆڭلىڭىزدىن قوبۇل قىلغان بولسىڭىز ئۇنداقتا ئۇزۇن ئۆتمەي سۈرىيەنىمۇ ئېلىپ كېتىدىكەنسىلەردە ؟
قۇرباننىڭ قانداق ئادەملىكى سەمەتكە ئايان ئىدى . چۈنكى، سەمەت دېرىكتور، قۇربان ،رەنا بىر ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ئىدى . ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ،ئۇ رەنانى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى.لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، رەنا قۇرباننى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى . سەمەت دېرىكتور رەناغا بەخت تىلىشىدىن باشقا ئامال يوق ئىدى .
ئەسلىدە، بۇ بەش يىل ئىچىدە رەنانىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋالماقچى بولغان ئىدى. لېكىن تەقدىر بۇنىڭغا نېسىپ قىلمىغان ئىدى . سەمەت دېرىكتور رەنانىڭ گەپ قىلمىغانلىقىنى بىلدى-دە ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتقان ھالدا:
-ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن ،قۇربان سىزنى بوزەك قىلىپ قالسا ماڭا دەڭ ، مەن ھەرگىز ئۇنىڭغا رەھىم قىلمايمەن
- سەمەت دېرىكتور، رەھمەت سىزگە . دېگىنىچە يىغلاپ كەتتى . -بولدى يىغلىماڭ. 5يىلدىن بۇيان مەيلى سىز قانداق ئىشقا يولۇقۇڭ سىزنىڭ يىغلاپ باققىنىڭىزنى كۆرمىگەن ئىدىم . بەزى ۋاقىتتا ،سىزنىڭ قوينۇمدا تازا بىر يىغلىشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمىد قىلغان ئىدىم . بىراق سىز، بەكلا قەيسەر . بۇ پۇرسەتنى ماڭا بەرمىدىڭىز .بەلكىم، سىز ئاجىزلىقىڭىزنى قۇربانغا بەرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن . رەنا مەيلى ، سىز قايسمىزنى تاللاڭ ؟ سىز بەخىتلىك بولسىڭىز ، مەنمۇ بەخىتلىك .
سەمەت دېرىكتور شۇنداق دېگىنىچە گېپىنى ئۈزۈۋەتتى. ھەمدە تېلېفوننى قويۇۋەتتى . ئۇنىڭ كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى . شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدە تۇيۇقسىز بىر ئۆچمەنلىك پەيد بولدى . قۇربان بىلەن قارشى چىقماقچى بولدى.
سەمەت دېرىكتور قولىدىكى تېلېفوننى بىر يانغا قويۇپ ،شۇنچىلىك بىئاراملىق ھېس قىلدى . ئۇنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن سوئاللار ئەگىيتتى . تۇساتتىن ئۇنىڭ كاتىپى ئىشىكنى چېكىپ كىردى .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
سەمەت دىرېكتورنىڭ كەيپىياتى شۇنچىلىك ياخشى ئەمەس ئىدى . كاتىپ ھودۇققىنىچە ئارتۇق گەپ قىلماي ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ چىقىپ كەتتى . سەمەت دېرىكتور خوشنىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن تېلېفون قىلغانلىقىمنى ئوبدان بىلەتتى . سەمەت دېرىكتورنىڭ يېشىمۇ ئوتتۇزغا بېرىپ قالاي دېگەن ئىدى .لېكىن ، ئۇنىڭ رەنادىن باشقا بىرسىگە كۆڭلى چۈشمىگەن ئىدى . ئۇ بىر قۇر ئالىي مەكتەپتىكى رەنا بىلەن تۇنجى تونۇشقان ۋاقىتلىرىنى بىردىن بىر ئەسلىدى . ئۇ مۇشۇ ياشقىچە باشقا نۇرغۇن ئاياللار ئۇنى قوغلاشقان ئىدى . لېكىن ،بىرىگىمۇ كۆڭلىنى بەرمىدى . ئەينى ۋاقىتتا ئۇ رەنانىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشقا قوشۇلمىغان بولسا، بەلكىم رەنا ئۇنىڭ قېشىدا بولار ئىدى . ئۇ تىرىشىپ شۇنچە چوڭ ئىگىلىكلەرنى ياراتقان ئىدى. شاڭخەي خەلقىگە تونۇلغان بىر كاتتا بايۋەچچە ئىدى لېكىن ،ئۇ شۇنداق ئۇتۇق قازانغان تۇرۇقلۇق بىر ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمىغان ئىدى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ،ئۇنىڭ ئىشى ئىشخانىسىنىڭ ئىشكى يەنە چېكىلدى . سەمەت دېرىكتور دوختۇرخانىدىن تېلېفون كەلدى .سۈرىيە خېنىمنىڭ ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس دەپ ئىنكاس قىلدى .
- نېمە دېدىڭ ؟
سەمەت دېرىكتور ئەسلىدە يىغلىغان بولۇپ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. لېكىن ، ئۇ سۈرىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا دەرھاللا سىرتقا چىقماقچى بولدى . ئۇ سىرتقا چىقىپ كاتىپقا قاتتىق جېكىلىدى . ھەمدە ، ئەگەر رەنا خېنىمدىن خەۋەر كېلىپ قالسا ، ئۇنىڭغا ھەرگىز سۈرىيەنىڭ ئەھۋالىنى دېمە ،-دىدى قاپىقىنى تۇرگەچ كاتىپقا. دىرېكتور ئۇنىڭ ئەھۋالىنى دېمىسە رەنا خېنىم نېمىلا بولمىسۇن سۈرىيەنىڭ ئۆز ئاپىسى .ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ، سەمەت دېرىكتور شۇ زامات كاتىپقا تىكىلدى. ئۇ قورققىنىدىن گېپىنى توختىتىۋالدى .
-بولدى ، مېنىڭ گېپىم بويىچە ئىش قىلساڭ بولدى . ئەگەر رەنا خېنىم بىرەر ئىشنى بىلىپ قالسا ، سەن يوتقان كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ يوقالساڭ بولىدۇ !
كاتىپ ئارتۇق گەپ قىلماي ، سەمەت دېرىكتورغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى . سەمەت دېرىكتور ئالدىراپلا چىقىپ كەتتى. ئۇ خوجايىننىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سەل كۆڭلى خاتىرجەم بولدى. ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشىغا تېلېفونى سايرىدى .
-ۋەي،شاڭخەي h, j گوروھى ئىشخانىسى.سىز كىم بۇلىسىز؟ بۇ ۋاقىتتا رەنا جىددىيلەشكىنىچە:
- ۋەي ، مەن رەنا سەمەت دېرىكتور ئىشخانىدا بارمۇ؟
- سەمەت دىرېكتور ،بايا بىر ئەنزە قوبۇل قىلغان ئىدى. ئۇ شۇ ئىش توغرۇلۇق يېغىن ئېچىپ ، يېرىم سائەتنىڭ ئالدىدا تارقىغان ئىدى . رەنا خېنىم نېمە ئىشىڭىز بولسا ماڭا دەڭ . مەن يەتكۈزۈپ قوياي .
-ھە بوپتۇ ، ھېچقىسى يوق. مەن سەمەت دېرىكتورنى نېمە ئىش قىلىۋاتىدىكىن دەپ سورىشىم ئىدى . ھە راست ، سۈرىيە قىزىمنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟
-رەنا خېنىم، سۈرىيەنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى. دوختۇرلارنىڭ داۋالىنىشقا ناھايىتى ياخشى ئاكتىپ ماسلىشىۋاتىدۇ . سەمەت دېرىكتور كۈندە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىۋاتىدۇ ، سىز خاتىرجەم بولۇڭ ھە ،
-شۇنداقمۇ ، ئۇنداق بولسا ياخشى بوپتۇ . بايا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسام ئالمىغان ئىدى . شۇڭلاشقا ئەنسىرەپ قالغان ئىدىم ،-دېدى رەنا ئەنسىرەپ .
-رەنا خېنىم ، ئەنسىرىمەڭ. دوختۇرلار سۈرىيەگە ئاپتاپقا قاقلانسا ياخشىلىقىنى بىلىپ ، ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن گەپ . بىرەر ئىش بولسا، سىزگە ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىمىز ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . دېرىكتورمۇ بىكار ۋاقتى چىقسىلا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ، ئۇنى خوش قىلىۋاتىدۇ .
-ھە ، بوپتۇ. ئۇنداق بولسا ياخشى. مەن كېيىنرەك بارىمەن ،- دېدى رەنا .گېپىنى دەپ بولۇپ تېلېفوننى قويىۋەتتى . ئۇ دېرىزە سىرتىدىن كىچىك بالىلارنىڭ ئوينىغان ئويۇنلىرىغا قاراپ قىزىنى شۇنداق سېغىنغانىدى .
-قۇربان دىرېكتور چىقتى،- دېدى رۇزى ئالدىراپلا .
رەنا كەيپىياتىنى يىغىشتۇرۇپلا:
-دوختۇر ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟ دوختۇر؛
- قۇربان دىرېكتورنىڭ بەدەن ساپاسى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.لېكىن ئۇنىڭدىن قان كۆپ چىقىپ كىتىپتۇ . بەدىننى ئوزۇقلاندۇرۇشقا موھتاج . شۇڭلاشقا ئۇ دوختۇرخانىدا ياخشى داۋالىنىپ كۈتۈنۈشى كېرەك، ئامال بار قالايمىقان مىدىرلاتماسلىق كېرەك .
- ماقۇل.. ماقۇل،- دېدى رەنا.
قۇربانغا بىرەر ئىش بولمىغانلىقىنى بىلىپ ، رەنانىڭ كەيپىياتى سەل ئوڭشالغان ئىدى . ياردەمچى روزىنىڭمۇ كۆڭلى سەل ئارامىغا چۈشكەن ئىدى . دوختۇرلار قۇرباننى سۆرىگىنىچە يەنە بىر كېسەلخانا ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى . ھەمدە ئۇنىڭ قېشىغا يەنە بىر كېسەل كارۋىتىنى قويۇپ قويدى .
ياردەمچى روزى ئەرفاتنى ئۇنىڭ قېشىدا ياتقۇزدى . شۇنىڭ بىلەن كىردى ۋە رەنا كېسەلخانا ئۆيگە ئىككى كارۋاتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇپ ،بىر قولىدا ئەرفاتنىڭ قولىنى يەنە بىر قولدا قۇرباننىڭ قولىنى تۇتقاچ قۇرباننىڭ كارۋىتىغا بېشىنى قويغانچە ئۇخلاپ قالدى . قۇربان ئويغىنىپ قارىسا رەنا ئۇخلاغلىق ھالەتتە ئىدى.
قۇربان ئىچىنى ئاغرىتقىنىچە يەنە بىر قولىنى مىدىرلىتاي دەپ تۇرۇشىغا:
-مىدىرلىما، ئاپام ئويغىنىپ كىتىدۇ،-دىدى .
قۇربان ھەيران قالدى .
-قۇسقۇڭ ئاچتىمۇ؟مىنى قۇتقۇزۋالغىنڭغا رەخمەت،-دىدى ئەرفات.
شۇنىڭ بىلەن قۇربان روزىغا دەپ تاماق كىرگۇزدى.
قۇربان ئەرفاتقا شۇنداق ئامراق بوپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقانسىرى پاراڭلاشقىسى كەلگەنىدى .ئەرفاتنىڭ تىرىككەن ھالىتى بەكلا ئوماق ئىدى.
-ئاپاڭ ساڭا ،سىنىڭ شۇنچىلىق ئۇماقلىڭىقىنى ئىيىتقانمۇ؟ سەن بەكلا خۇشچاقچاق ئىكەنسەن ،-دىدى قۇربان ئۇنى بىرقۇر ماختىغاچ.
ئەرفاتمۇ ئۇنىڭغا تۇلىمۇ ماسلىشىپ تۇراتتى .شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى . ئەرفات بۇ ۋاقىتتا قۇربانغا ئۆچلۇك قىلىشقا باشلىدى . ھەمدە:
-ئەينى ۋاقىتتا ئاپام ماڭا مېنىڭ ھېلىقى ۋاپاسىز دادامغا بەك ئوخشايدىغانلىقىمنى ئېيتقان . ئەرفاتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ چىرايى شۇ زامات ئۆزگەردى
-ۋاپاسىز دادا .…؟
ئەرفات ئارتۇق گەپ قىلمىدى .
قۇربانمۇ ئۇنىڭ بىلەن جېدەللىشنى خالىماي:
-ئۇنداقتا، ماڭا دېگىن مۇشۇ -يىلنىڭ ياقى ئاپاڭ بىلەن سەن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۇپ كەلدىڭ؟
ئەرفات سەل خاپا بولغان ھالدا بوش ئاۋازدا:
-ئۇ ۋاقتىدا مەن بەكلا كىچىك ئىدىم. نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن . لېكىن ،تۇتۇق دادامنىڭ ئېيتىشىچە ئاپام مۇشۇ ئىش يۈز بېرىپ ئىككى يىلغىچە قورقۇنچ ئىچىدە بىرەر كۈنمۇ خاتىرجەم ئۇخلاپ باقماپتۇ. سىرتقا چىقماپتۇ. سىرتتىن نۇر دېگەن نەرسىنى كۆرسىلا قورقىدىكەن . دادامنىڭ ئېيتىشىچە ئاپام بىر مەزگىل بىخۇد كىسەل بوپ قاپتۇ. ھەمدە ئوتتۇز ئىككى قەۋەتلىك بىنادىن سەكرىۋالغۇسى بارلىقىنىمۇ ئېيتىپتۇ .ئەگەر تۇتۇق دادام بولمىغان بولسا ھازىر ئاپام ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتى . ئەرفاتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانسېرى قۇربان گەپ قىلماي جىم تۇراتتى .بىخۇد كىسلى…؟ ئەينى ۋاقىتتا مەن توردىن تەكشۈرگەن ئىدىم ؛بىخۇد كېسىلىگە ئەزەلدىن ئۈنۈملۈك دورا يوق ئىكەن . ئاپام داۋاملىق ئۈلۋېلىشنىلا ئويلايدىكەن . ئەرفاتنىڭ گەپلىرىدىن قۇربان، رەنانىڭ قانچىلىك جاپاغا قالغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى. چۈنكى ، تىخى بۇ ئىش ئۇنىڭغىمۇ تەسىر قىپتۇ . قۇربان نۇرغۇن خىياللارنى قىلغان ئىدى .ئۇنىڭ كاللىسىدىن 5يىلنىڭ ياقىى رەنانىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەنلىكى بىر قۇر ئېسىگە ئالدى . ھەمدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن بۇ ئايالنىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ شۇنداق جىق ئازابقا دۇچار بولغانلىقىنى ئۆزىنى كەچۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى . شۇنىڭ بىلەن قۇربان تېلېفوننى قولغا ئالدى -دە ياردەمچى روزىغا تېلېفون قىلدى .
- سەن دەرھال تۇتۇۋالغان بارلىق ئادەملەرنى قادىرنىڭ ئۆيدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بەر . مەيلى ئۇلار قانداق ۋاستە ئىشلىتىشتىن قەتىينەزەر ، مەن ئەينى ئىشنى بىلىشىم كېرەك. ھەم بەش يىل ئاۋالقى ئوت ئاپىتى قانداق ئىش شۇنى بىلىشىم كېرەك . ،-دېدى .
ئەرفات ،قۇرباننىڭ بۇ ئەقىللىق ھالىتىنى كۆرۈپ ، ھاڭ تاڭلا قالدى. قۇربانمۇ سەل كەيپىياتنى ياخشىلىغاندىن كېيىن، ئەرفاتقا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنچە:
- ئاپاڭ بىلەن سەن نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتنى تارتىپسىلەر . مەن ئەمدى سىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا قارىشىڭلارنى ياقتۇرمايمەن . بىز تۇتىۋالغان بۇ ئادەملەر مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلارنى بىلىشىمگە ياردەم قىلىدۇ . ئەمدى سىلەرنى ھەرگىزمۇ جاپا تارتقۇزمايمەن . ھېچكىم ،سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ ،-دېدى
ئەرفات قۇرباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ كەتتى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



