
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 68 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
69 - قىسىم
مەن كىمنىڭ ئاپامغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى بىلىمەن . لېكىن ،سەن ئىشەنمەيسەن ،-دېدى ئەرفات .
- مەن نېمىشقا ئىشەنمىگۈدەكمەن ؟
-چۈنكى، ئۇ ئادەم سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ ئاپىسى ؟ -دېدى ئەرفات قاپىقىنى تۈرگىنىچە؛ ئىككى قولنى گىرەلەشتۈرۈپ تۇرۇپ.
قۇربان شۇنداق ئەقىللىق ئادەم . ئۇ بۇ پەيتتە ئەرفاتنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە:
- سەن بىرەر گەپنى ئاڭلاپ قالدىڭمۇ قانداق ؟
- شۇنداق ھەممىنى ئۇنگە ئېلىۋالدىم . مەن ئۇنى ئاپامغا تاپشۇرۇپ بەردىم . چۈنكى، مەن سىنىڭ ئۇنى بىر تەرەپ قىلمايدىغانلىقڭىنى بىلمەن . ھەم ئۇنىڭ فۇرقەتنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە، فۇرقەت مېنىڭ يېقىن ئاغىنەم . مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بەكلا پاراكەندە،- دېدى ئەرفات بېشىنى سېلىپ . قۇربان ئەرفاتنىڭ بۇ ھالىتىگە كىرىپ ئىچ ئاغرىتتى.
-فۇرقەت، مېنىڭ ئۆز ئوغلۇم ئەمەس . مېنىڭ ئۆز ئوغلۇم پەقەتلا سەن .
قۇرباننىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئەرفات بېشىنى كۆتۈرۈپ قۇربانغا قارىدى .
-ئۇنداقتا؟ ...دىدى ئەرفات .
فۇرقەت بولسا مېنىڭ قوشكېزەك ئىنىمنىڭ ئوغلى . ئۇ سېنىڭ ئۆز تاغاڭنىڭ ئوغلى. دېمەك ئىككىڭلار يېقىن تۇغقان . لېكىن بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ ئىنىم ئۆلۈپ كەتتى . ئۇنىڭ ئوغلى ھايات . مەن قاراپ تۇرۇپ ، ئۇنى يېتىم قىلسام بولمايتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى ئۆز ئوغلۇمدەك كۆرۈپ ، ئاسراپ كۈيۇنۇپ كەلدىم . شۇڭلاشقا ئىككىڭلارغا مەيلى نېمە ئىشلار بولمىسۇن پەقەت ئايرىلماڭلار ئۇقتۇڭلارمۇ!
ئەرفات ئەقىللىق بالا. ئۇ دادىسىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندى ۋە:
-سەن خاتىرجەم بولغىن . بۇنىڭدىن كېيىن مەنلا بولسام ھېچ كىم فۇرقەتنى بوزەك قىلالمايدۇ؟ ئۇ مېنىڭ قېرىنداش ئاغىنەم . بىر ئۆمۈرلۇك ئاغىنەم…
ئەرفاتنىڭ ، بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قۇربان سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى .
-نېمە ، مەن بىرەر گەپنى خاتا قىلىپ قويدۇممۇ ؟ دېدى ئەرافات
- ياق ، مەن ھازىر ئىنىمنى ئويلاۋاتىمەن . ئىنېم ئانچە بەك ئەقىللىق ئەمەس ئىدى . لېكىن، ماڭا بەكلا ئامراق، -دېدى قۇربان ئەرفاتقا كۈلۈمسىرىگىنىچە .
ئەرفات ،قۇرباننىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەندەك قىلدى. ئۇنىڭغا قولىنى چىقىرىپ تۇرۇپ:
-سەن مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرغىن . ئەگەر ئاپام بۇ ئەھۋالنى كۆرسە چۇقۇم خۇشال بولۇپ كېتىدۇ . بەلكىم ئۇنىڭ ئازابى ئازراق بولسمۇ يېنىكلەپ قالار؟ سەنمۇ ئۇنىڭ ئازابنى ئازراق تارتارسەن . بىر كىچىك بالىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، قۇربان يىغلىۋىتىشكە تاسلا قالغان ئىدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ بىر چوڭ ئەر كىشى ،چىدىمىسا بولمايتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىنى چىقىرىپ ، ئەرفاتنىڭ قولىنى تۇتتى .
- ئاپاڭ ساڭا ياخشى تەربىيە قىپتۇ،- دېدى كۈلۈمسىرىگىنچە
-ھە ، ئاپام دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايال . قۇربان دېرىكتور، ئەگەر سەن قەدىرلىمىسەڭ چۇقۇم پۇشايماندا قالىسەن !
ئەرفات چوڭ ئادەملەردەك سۆزلەشكە باشلىدى .
-خاتىرجەم بولغىن . مەن بۇنىڭدىن كېيىن ،ئۇنى كۆز قارچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن .
-يەنە بىر ئادەم بار. ئۇنىڭغا ،ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭ كېرەك .لېكىن، ھازىرچە مەخپىي ۋاقتى كەلگەندە ئاپام ساڭا دەپ بېرىدۇ. ئۇ دېگەن بىر پەرىشتە ،-دېدى ئەرفات كۈلۈمسىرىگىنچە . ئۇ داۋاملىق سىڭلىسى سۈرىيەنى ئېسىگە ئالغان ۋاقىتتا كۈلۈپلا كېتەتتى . قۇربان ئەرفاتنىڭ كىمنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمەي دەرھال سەمەت دېرىكتورنى ئېسىگە ئالدى . ھېسسىيات مۇھەببەت جەھەتتە سەمەت دېرىكتور ئۇنىڭ دۈشمىنى بولسىمۇ لېكىن ، بەش يىلنىڭ ياقىى ئەرفات ھەم رەنانىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەسەتخورلۇق ئورنىنى بېسىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭغا ئىچىدىن قايىل بولغان ئىدى .
-ئەرفات ،سەن سەمەت دىرېكتورنى ياخشى كۆرەمسەن .؟
-ئەلۋەتتە ،ياخشى كۆرىمەن. تۇتۇق دادام ماڭا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ . مېنىڭمۇ مۇشۇنداق بولۇپ چىقىشىمغا تۇتۇق دادام تەربىيە قىلىپ كۇچ چىقارغان ئىدى .
ئەرفات ، سەمەت دىرېكتورنى تىلغا ئالغان ۋاقىتتا ، قۇرباننىڭ يۈرىكى جىغىغدە قىلىپ ئاغرىپ كەتتى .
ئەمەلىيەتتە، سېنىڭ قارا مېھمان تېخنىكاڭ ئانچە مۇكەممەل ئەمەسكەن . سەمەت دىرېكتور گەرچە ئادەم ئەۋەتىپ ساڭا ئۆگىتىپ قويغان بولسىمۇ ، لېكىن بەك يامان ئەمەس. باشقا كۈنى مەن ساڭا ئۆگىتىپ قوياي .
ئەرفات ئەسلى لازىمى يوق دېمەكچى ئىدى. لېكىن،ئۇنىڭ قولى قۇربان بىلەن گىرەلىشىپ تۇرغاچقا رازى بولمىغان قىياپەتتە:
- مەن تېخى كىچىك . بۇ ئىشلارنى كېيىنرەك ئۆگەنسەممۇ بولىدۇ .
- ھەي ، نېمە بولدى. ئەمدى سەن بەكلا كەمتەر ئىكەنسەن .گەپ ئىشلىتىشلىرىڭ شۇنچىلىك جايىدا . ئاپاڭ راستىنلا ياخشى تەربىيە قىپتۇ ساڭا؟
- مەن ئۆزۈم كىتاب كۆرىمەن. دادامنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن كىتابلار بار . مەن بىكار بولۇپلا قالسام ئاشۇ يەرگە بېرىپ كىتاب كۆرىمەن.
ئەرفاتنىڭ سەمەت دىرېكتورنى ئېغىزغا ئالغانلىقىنى بىلىپ قۇربان:
-ئەگەر ،سەن ياخشى كۆرسەڭ. مەن پۈتكۈل كىتابخانىنى ساڭا ئېچىپ بېرەلەيمەن..
-تۇتۇق دادام ماڭا دېگەن . بىر نەرسىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسەڭ ئاۋال ئىگىلىۋېلىشنى ئويلىما . كۆپرەك چۈشەنگىن .ئۇنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئورتاقلاشقىن . بولۇپمۇ بىلىمنى،ئۇ دىگەن بىر بايلىق . سەن بىلىمنى قانچە كۆپ ئالساڭ ، بايلىقىمۇ ساڭا شۇنچە كۆپ ئەگىشىپ كېلىدۇ دىگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ماڭا پۈتكۈل كىتابخانىنى ئوراپ بېرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، مەن ئۆزۈم كىتابخانىغا بېرىپ ئوقۇساملا بولدى .
ئەرفاتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇربان تېخىمۇ بىئارام بولۇشقا باشلىدى.
-سىنىڭ تۇتۇق داداڭ… سىنىڭ تۇتۇق داداڭ… تۇتۇق داداڭدىن باشقا، سېنىڭ قايىل بولغۇدەك باشقا ئادىمىڭ يوقمۇ؟.
- ئەلۋەتتە يوق . تۇتۇق دادام بەكلا قابىليەتلىك ھەم بەكلا يامان . ئۇ سودا ساھەدە بولسۇن چېلىشتا بولسۇن ، قىلىچ ئوينۇتۇشتا بولسۇن، يۈگرەشتە بولسۇن ھەممىگە شۇنچىلىك ماھىر . تۇتۇق دادامنىڭ بىلمەيدىغان نەرسىسى يوق .
ئەرفات دېگەنسېرى قۇربان تېخىمۇ بىئارام بولۇشقا باشلىدى . ئۆزى ياخشى كۆرگەن ، ئۇ ئايالنى باشقا بىر ئەخمەق بەش يىل ھالىدىن خەۋەر ئالسا ئۇنىڭ كۆڭلى بەكمۇ بىئارام بولۇشقا باشلىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۆزىنىڭ ئوغلىمۇ ، ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىكەن .قۇربان نۇرغۇن خىياللارنى قىلدى.
بۇ ۋاقىتتا ، قۇربان ئەرفاتنىڭ گەپلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى . ئەرفاتنىڭ گېپىنى ئاڭلىغانسېرى ، ئۇنىڭ سەمەت دېرىكتورغا تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ كەتكەن ئىدى . رەنا بولسا تېزىنى يالغاندىن يىغىپ بۇ ئىككىسىنىڭ پارىڭىغا دىققەت قىلىپ ئولتۇراتتى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ،قۇرباننىڭ بەكلا ئاچچىقى كېلىپ كەتتى . رەنا بۇنى ھىس قىلدىدە ، ئەسنىگەن ئاۋازدىن بىرنى چىقاردى .
- ئاپا ، ئويغاندىڭىزمۇ ؟
بۇ ۋاقىتتا ،رەنا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى .ئەرفات نېمە ئۈچۈن ئاپىسىنىڭ خوش بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ قارىدى .
-ھە،ئويغاندىم .
رەنانىڭ قولى ھېلىھەم ئەرفاتنىڭ بىلىكىدە تۇتۇقلۇق ئىدى .
-بىلىكىڭ ئاغرىدىمۇ يوق ؟ سەن نېمە ئۈچۈن قولۇڭنى قايتۇرۇپ ئەكەتمەيسەن ؟ ئەكىلە قولۇڭنى ، مەن كۆرۈپ باقاي .… دېگىنىچە قۇرباننىڭ قولىنى قويۇۋەتتى . قۇربان سەل بىئارامچىلىق ھېس قىلدى .ئويغىنىپلا قۇربانغا قاراپمۇ قويماي ئەرفات ئوغلىغا قارىغانلىقى ئۇنىڭ كەيپىياتىنى سەل بۇزۋەتكەن ئىدى.
-ئۆھۇ..ئۆھۇ.
قۇربان قەستەنلەردىن يۆتىلىپ قويدى . ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى رەنانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۇچۇن ئىدى .
ئەرفات ئۇنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ ئاپسىغا ئەركىلگىچە:
- ئاپا ،بىلكىم بەك ئاغرىپ كەتتى.مىدىريالمىدىم ،-دىدى .
رەنا پۇتكۇل ھىسياتى بىلەن ئەرفاتنىڭ بىلكىنى ئۇۋلاشقا باشلىغانىدى .
- قانداق ، راھەتلىنىپ قالدىڭمۇ ؟
-ئاپا ، تېخىمۇ ياخشى ئۇلاپ قويسىڭىز تېخىمۇ راھەت ھېس قىلىدىكەنمەن ،-دېدى ئەرفات كۈلگىنىچە ئەركىلەپ .
رەنا ، ئۇنىڭغا بىلىكىنى ئۇۋىلىغاچ ، بوش ئاۋازدا:
- بۇنىڭدىن كېيىن ئۇخلاۋاتقان چېغىڭدا قولۇڭنى سىرتقا چىقىرىۋالىغىن . بولمىسا قولىشىپ قالىدۇ. بىلدىڭمۇ ؟
-ماقۇل .
ئەرفات كۈلۈمسىرىگنچە رەناغا ئەركىلەپ ئارقا تەرەپتىكى قۇربانغا قاراپ كۆزنى قىسىپ قويدى . قۇرباننىڭ بارغانسېرى ئىچى سىقىلىشقا باشلىدى . ئەرفاتنى يېڭىش ئۈچۈن:
- ۋايجان ، ھەجەپ ئاغرىپ كەتتى ؟ دېگىنىچە قاپىقىنى تۈرۈپ مەيدىسى چىڭ تۇتۇۋالدى .
رەنا ،دەرھاللا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قارىسا .قۇرباننىڭ چىرايلىرى ساغىرىپ چېكىدىن تەر ئېقىپ كەتكەن ئىدى .
- نېمە ئىش بولدى؟ يارا ئېغىزى ئېچىلىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ مەن دوختۇرنى ئىزدەي مىدىرلىماڭ !
رەنا ئالدىراپ تېنەپلا سىرتقا چىقىپ كەتتى . قۇرباننىڭ مەقسىتىنى بىلگەن ئەرفات ئۇنىڭغا قاراپ ، قاپىقىنى تۈرگىنىچە:
-سەن چوپ چوڭ ئادەم تۇرۇپ ، مەن بىلەن ئاپامنى تالىشىۋاتامسەن ؟ ئەگەر ،مەن باشقىچىرەك ئۇسۇل قوللىنىپقالسام . مەندىن خاپا بولما! ھە ؟
قۇربان، ئۇنىڭغا ئېرەن قىلمىغان ھالدا؛
- سېنىڭ نېمە قىلىشىڭ بىلەن كارىم يوق؛ پايدىسى بولسا قىلساڭ مەيلى . قانداق؟ ئاپاڭ ، يەنىلا مىنى ياخشى كۆرەمدىكەن؟
-ھى… قۇرۇق گەپ .
ئەرفات شۇنداق دېگىنىچە كارۋاتتىن سەكرەپلا پەسكە چۈشتى دەئىشىكتە تۇرغان ئامانلىق ساقلىغۇچىلارغا قاراپ:
-مەن ،ھازىر سىرتقا چىقىشنى ئويلاۋاتىمەن. سىلەر ماڭا ھەمراھ بولۇڭلار ؟
- ئەرفات… ھۇ سولتەك. سەن، مېنىڭ ئۆلەر تىرىلىشىم بىلەن كارىڭ يوق شۇنداقمۇ؟
ئەرفات كۈلگىنىچە:
-خاتىرجەم بولغىن ، سەن ئۆلۈپ كەتمەيسەن . تاشپاقا مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرىدىكەن. سېنىڭ ئۆمرۈڭ ئۇزۇن تېخى .
-سەن ،،،كىچىك سولتەك . خەپ .
قۇربان شۇنداق دەۋاتقان ۋاقىتتا مەيدىسىدىن قانلار ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى . ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئەرفاتمۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكىنى ھېس قىلدى- دە ئۇنىڭ قېشىغا باردى .
–دوختۇر، تېز كېلىڭلار!
ئۇنىڭدىن قان چىقىپتۇ . رەنا جىددىيلەشكىنىچە دوختۇرغا گەپ قىلىۋاتاتتى . رەنا بىلەن دوختۇرلار تېزلىكتە قۇرباننىڭ قېشىغا كىرىدى . رەنانىڭ كىرىشىگە قۇربان رەنانىڭ قولىنى مەيدىسىگە چىڭ تۇتۇۋالدى ۋە ھېچقىسى يوق ئەنسىرىمەڭ،- دېدى ئۇنىڭغا قاراپ ، كۈلۈپ تۇرۇپ:
- يەنە كۈلىۋاتىسىزغۇ ؟ ئەڭ ياخشىسى مىدىرلىماي ، كارۋاتتا جىم يېتىڭ . مېنىڭ بۇيرۇقۇمسىز مىدىرلاشقا بولمايدۇ ، جىم يېتىڭ . رەنانىڭ خاپا بولۇۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ:
-ماقۇل ، مەن مىدىرلىماي . ئەگەر ھاجەتخانىغا كىرگۈم كەلسە ئاۋۋال، مەن سىزگە دوكلات قىلاي .سىز قوشۇلمىسىڭىز ساقلاپ تۇراي ؟
دوختۇر بىلەن سېسترالار كۈلۈۋەتتى . بۇ ۋاقىتتا رەنانىڭ چىرايى ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . بۇ ئىشنى ماڭا دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
- دوختۇر، قۇرباننىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟
-ھېچقىسى يوق . قۇربان دېرىكتور مىدىرلىغاچقا يارا ئىغزى ئېچىلىپ كىتىپتۇ.ھىچقىسى يوق . رەھمەت دوختۇر ،-دېدى رەنا .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


