
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 62 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
61 - قىسىم
رەنا، ۋاقىرىغىنىچە يىغلاپ تۆت ئەتراپقا قاراتتى .
لېكىن ،ئوغلىنىڭ سىماسىمۇ كۆرۈنمەيتتى . قۇربان سەل ئەنسىرىگەن ئىدى . چۈنكى رەنانىڭ يۈگرەپ چىقىپ كەتكىنىگە خېلى بولغان ئىدى . بىر كىچىك بالىنىڭ يۈگرەپ چوڭ يولغا چىقىپ بىرەر ئىشقا يولۇقۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . لېكىن ،رەنانىڭ مۇشۇ ۋاقىتقىچە كەلمىگەنلىكىدىن ، ئۇ سەل ئەنسىرەپ قالغانىدى . فۇرقەت بولسا ئۇنىڭ قېشىدا شۇنداق تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتاتتى ... ئۇنىڭ ئاغزىدىن شۆلگەي ئىقىپ تۇراتتى . قۇرباننىڭ يۈرىكى بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ ، دەرھال تېلېفوننى چىقىرىپ رەناغا تېلېفون قىلدى . لېكىن ، رەنا ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئالمىدى . قۇربان تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدى . ئۇ توختىماي ، تېلېفون قىلاتتى . ئاخىرى رەنا ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئالدى . لېكىن يىغلاپ ھېچنېمە دېمىدى. بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ سەل تىنچلىنىۋالدى -دە :
-قۇربان... ئەرفات يوقاپ كەتتى. سەمەت دىرېكتورنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ ئۇنىڭغا تېلېفون قىپتۇ . شۇ ئارىلىقتا ، تېلېفوننىڭ سىگنالى ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ . ئۇنىڭغا قايتا تېلېفون قىلسا تېلېفون ئېلىنماپتۇ، ئوغلىمىز يوقاپ كەتتى.
رەنا يىغلاپ قاقشىغىنىچە قۇربانغا تىلفۇندا شۇنداق دىدى .
-رەنا، سىز ئەنسىرىمەڭ بولامدۇ! ئۈرۈمچى دېگەن ، مېنىڭ ياشاۋاتقان جايىم. مەن ھازىر ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئادەم چىقىرىپ ئىزدىتەي . ئەرفاتنى چۇقۇم ئىزدەپ تاپىمەن .
- سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ،ئوغلۇمنى تېپىپ بەرسىڭىز. ئۇ تېخى كىچىك. مەندىن ئەزەلدىن ئايرىلىپ باقمىغان. مەن ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ئوغلۇمنى ئېلىپ كېتىشتىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن . ئۇلار ئوغلۇمنى ئۇرۇپ يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ قانلىرىنى ساتسا ، ئاھ ،مەن بىر ئانا بولغۇچى .... مېنىڭ يۈرۈكۈم پارە پارە بولۇپ كېتىدۇ .قۇربان:
رەنا شۇ گەپلەرنى قۇربانغا دەۋاتاتتى .قۇربان ئاستاغىنە بەدىنىنى كۆتۈرۈپ ، كارىۋاتتىن چۈشتىدە بوش ئاۋازدا :
-رەنا ، سىز يىغلىماڭ !بولامدۇ ؟ بىز ھازىر تىنىچلىنشىمىز كېرەك .سىز ماڭا ئىشىنىڭ ! مەن ئوغلۇمنى چۇقۇم تېپىپ كېلىمەن .
رەناغا نىسبەتەن ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەرىزدار كىشىسى بولسا ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى . ئۇ بولسىمۇ ئوغلىغا دادىلىق مېھرىنى يەتكۈزەلمىگەنلىكى بولدى. ئۇ ئوغلىنىڭ بىرەر رىيازەتكە ئۇچۇرتىشى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى بولۇپ قالاتتى .ئەگەر ،ئەرفاتقا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا. ئۇ بىر ئۆمۈر ئۆزىنى كەچۈرمەيتتى . رەنا تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئىختىيارسىز يولنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ۋارقىرىغىنىچە يىغلاپ كەتتى . ئۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قارىشىدىن ، نىمىلەرنى دىيىشىگە پىسەنت قىلىپ ئولتۇرمىدى . چۈنكى ،ئۇ ھازىر بالىسىنى يوقىتىپ قويغان بىر ئانا ئىدى. قۇربان بولسا تېزلىكتە كىيىمنى ئالماشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، مەيدىسىدىن ئېقىۋاتقان قانغا پىسەنت قىلماي يان تەرەپتىكى ئۈستەل ئۈستىدىن تېلېفوننى ئالدىدە بىرىنچى بولۇپ ياردەمچى روزىغا تېلېفون قىلدى .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ روزى سەل ھاڭۋېقىپ قالدى ھەمدە
- قۇربان دېرىكتور، بىرەر ئىش يۈز بەردىمۇ ؟
- ئەرفات يوقاپ كەتتى .
روزى بۇنى ئاڭلاپ ، بۇ ئىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتى .ھەمدە بىردەمدە تور بەتلىرىگە ئادەم ئىزدەش ئىلانىنى چىقىرىشقا باشلىدى.بۇ گەپ بىردەمنىڭ ئارلىقىدا قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ قۇلقىغا يەتتى. بۇ ۋاقىتتا قادىرنىڭ ئاكىسى دوختۇرخاندا ئاپىسغا قاراپ تۇراتتى .بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇ قۇربانغا قەرىز بولغاندىكىن پۇتكۇل ساقچىلارغا خەۋەر قىلىپ ئەرفاتنى ئىزدەشكە باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنىدىن بىرنى تەييارلاپ ، قۇربان ياتقان دوختۇرخانا تەرەپكە قاراپ ھەيدەپ ماڭدى . قادىر بولسا قۇربان ئۇنى دىڭىزغا تاشلىۋەتكەندىن كىين ،ئۇزۇپ چىقىپ ئىغىر زۇكامداپ ئۆيدىن تالاغا چىقماي داۋالىنۋاتقان ئىدى .ئۇمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ رەناغا تىلفۇن قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ياردەم قىلدىغانلىقىنى ئىيتىپ رەنانى خاتىرجەم قىلدى .رەنا تىلفۇننى قييۋىتىپ تۇرشىغا قادىرنىڭ ئاكىسى كەلدى -دە :
- رەنا خىنىم ، ياخشىمۇسز !
مەن بارلىق ساقچىلارغا خەۋەر قىلدىم . ئۇلار تەرەپ -تەرەپتىن ئەرفاتنى ئىزدەشكە باشلىدى .ئەنسىرمەڭ !
-رەخمەت سىزگە !سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم ،-دىدى تۇساتتىن قۇربان يىتىپ كەلدى .رەنا ئۇنى كۆرۇپ ئوقتەك ئىتىلدى ۋە ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
- قۇربان ،ماڭا ئوغلۇمنى تىىپىپ بىرىڭ! بولمىسا مەن ياشيالمايمەن .
-خاتىرجەم بولۇڭ ر،ەنا . مەن ئوغلىمىزنى تىپىپ ئەكىلمەن . دەپ رەنانى بەزلەۋەتاتتى.قادىرنىڭ ئاكىسى ھەيران قالدى
-«ئەرفاتنى تۇتقان كىمدۇ؟ ئۇ نىمە ئۇچۇن ئەرفاتنى تۇتقۇن قىلدىغاندۇ ؟ قارشى تەرەپنىڭ نىم مەخسىتى بادۇ؟ »دەپ نۇرغۇن سۇئاللار قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ كالىسىدىن ئەگىشكە باشلىدى .
قۇربان، قادىرىنىڭ ئاكىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا قاراپ سالام قىلدى :
- ئاڭلىسام ،سىز پۈتكۈل كۈچىڭىزنى چىقىرىپ مېنىڭ ئوغلۇمنى ئىزدەۋېتىپسىز ... مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن ،- دېدى قۇربان .
ئۇنىڭ مېنىڭ ئوغلۇم دېگەن گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى.
-ئەمسە يۇقاپ كەتكىنى ؟
-مىنىڭ ، ئوغلۇم. مەن قۇرباننىڭ ئوغلى .فامىلىسى ئاپىسىنىڭ نامىدا .
قۇرباننىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ، قادىرنىڭ ئاكىسى بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى . دەسلپىدىلا سوفىيە بىلەن قۇرباننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يات ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى .
-ماقۇل، مەن تىرشىمەن .مەيلى قانداقلا خەۋەر بولسۇن. مەن سىلەر گە خەۋەر قىلىمەن.
قادىرنىڭ ئاكىسى گېپىنى تۈگىتىپلا ئارقىغا قاراپ . كېتىپ قالدى . رەنا بىلەن قۇربانمۇ ۋاقىتنى كەينىگە سوزماي ، تېزلىكتە ئەرفاتنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىشقا باشلىدى .
رەنا قۇرباننىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقىنىچە قاراپ تۇراتتى . شۇنداقتىمۇ ئوغلىنى تىپىش مۇھىم ئىدى.
-ئۇ تۇغۇلۇپ تاكى ھازىرغىچىلىك چوڭ بولغىچە ، مەن ئۇنىڭ قېشىدا بولالمىدىم . بىرەر كۈن بولسا ئۇنىڭغا دادىلىق مەسۇلىيەتنى بېرەلمىدىم . بۇ قېتىمقى ئىشمۇ مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۇ سىرتقا چىقىپ كەتتى . ئەگەر ئەرفاتقا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ، مەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنى كەچۈرمەيمەن .ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيمەن .سىزگىمۇ يۈز كېلەلمەيمەن . ئەرفات بولمىسا مېنىڭ بۇ ياشىغىنىمنىڭ ئەھمىيىتى يوق،- دېدى .
شۇنىڭ بىلەن ، قۇربان يېنىدىكى قوغدىغۇچىغا قاراپ:
-دەرھال ،بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئەتراپىنى تېزلىكتە تەكشۈرۈڭلار !ھەممە كۆزىتىش ئاپپاراتىنى بىر قۇردىن بىر قۇردىن تەكشۈرۈڭلار . ئامال بار ئەرفاتنىڭ ئۇچۇرنى ماڭا خەۋەر قىلىڭلار،- دېدى
قۇرباننىڭنمۇ بەك جىددىيلىشىپ كېتىپ بارغان ھالىتىنى كۆرۈپ . رەنا ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلى يۇمشىغاندەك بولدى . قۇرباننىڭ ئەمىلىمۇ چوڭ بولغانلىقتىن ، دوختۇرخانىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر ئۇنىڭغا ماسلىشىپ ، ئەرفاتنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىشقا باشلىدى . رەنا بىلەن قۇربان دەرھال كۆزىتىش ئۆيىگە قاراپ يۇگۇردى . توساتتىن ، بىر قىسىم ۋىدىيو تېپىلىپ قالدى . ئەرفات بىلەن قۇربان شۇ ۋىدىئوغا قاراپ تۇراتتى . لېكىن، ئۇلار نېمىلا قىلسۇن ، ئەرفاتنىڭ ھېچقانداق ئىز دېرىكى بولمىغان ئىدى . توساتتىن رەنانىڭ كاللىسىغا بىر ئىش كېلىپ مۇنداق دېدى : -ئەرفات يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا ، ئۇ كېسەلخانا ئۆينىڭ كەينىدىكى كارىدوردا بولغان بولۇشى مۇمكىن ،-دېدى .
كارىدورنىڭ كەينى تەرەپتىكى سىن كۆرۇنۇش ئىنتايىن غۇۋا بولۇپ . شۇ ئەسنادا ،ئەرفاتنىڭ سىماسى ئېكراندا پەيدا بولدى . ئۇنىڭ ، چىرايىدىن شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى .
- ئەسلى بۇ بالا، مېنىڭ ئۇنى قوغلاپ چىقمىغانلىقىمنى كۆرۈپ . مېنىڭ سىزگە ئىككى ئېغىز گەپ قىلغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ چىقىپ كېتىپتۇ دېگىنىچە ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى . قۇربانمۇ ئوغلىنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ، يۈرىكى پارە پارە بولۇپ كەتكەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى . ھەمدە :
-رەنا بىز بېرىپ دوختۇرخانىنىڭ كەينى ئىشىكىگە قاراپ باقايلى . بەلكىم بىرەر يىپ ئۇچىغا ئېرىشىپ قالارمىز ! - دىدى .
رەنا بېشىنى لىڭشىتقىنىچە ، قۇربان بىلەن تېزلىكتە دوختۇرخانىنىڭ كەينىگە يۈگۈرۈپ باردى . دوختۇرخانىنىڭ كەينىدە چوڭ- كىچىك بىمارلار ئۇ ياندىن - بۇ يانغا مېڭىپ يۈرەتتى .
-ئۇلار مۇشۇنداق يەردە ئەرفاتنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلمەي قالسۇنمۇ ، مەن چۇقۇم ئىزدەپ تاپىمەن .،- دېدى قۇربان. توساتتىن ،رەنانىڭ كۆزىگە چىنار دەرىخى كۆرۈندى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىنار دەرىخىنىڭ تۈۋىگە قارىسا ، ئەرفاتنىڭ قول تېلېفونى تۇراتتى .
-قۇربان تېز كېلىڭ ! بۇ ئەرفاتنىڭ قول تېلېفونى،- دەپ ۋارقىرىدى رەنا قۇربانغا ئىشارەت قىلىپ . تېلېفون ئېكرانىدا سەمەت دېرىكتور بىلەن پاراڭلاشقانلىقتىكى ئېكران مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى . ھەمدە ئۇلار بىرىنىڭ ئەرفاتنى باغلاپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلالايتتى . قۇربان ئەتراپقا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، بۇ يەرنىڭ سەل ئاۋات ئىكەنلىكىنى ھېچقانداق ئىشنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى .« نېمە ئۈچۈن بۇ ئادەم ئەرفاتنى باغلاپ ئېلىپ كېتىدۇ دېمەك ، ئاللا بۇرۇن بىرسى ئەرفاتقا كۆز تىككەن ئىكەن دەپ »ئويلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ توساتتىن رەنانىڭ ئۇنىڭغا دېگەن گەپلىرىنى ئېسىگە ئالدى .رەنا ئەينى ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا بىرىنڭ رەنانىڭ نامىدا مۇسا ئوفىتسېرغا تېلېفون قىلغانلىقىنى ، ھەمدە ئەرفات بىلەن فۇرقەتنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۇقتۇرغانلىقنى باغلاشتۇرۇپ چوقۇم، شۇ ئادەم. ئەرفاتنى تۇتقۇن قىلغان دەپ ھۆكۇم قىلدى . رەنا قۇرباننىڭ نېمىدۇر بىر نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى كۆرۇپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .قۇربان بولسا ئۇنىڭغا بىلىندۇرمەي دەرھال تېلېفوننى قولغا ئالدى -دە ، ياردەمچى روزىغا تېلېفون قىلدى .
- مەن ،ساڭا رەنانىڭ نامىدا مۇسا ئوفىسرغا تېلېفون قىلغان ئادەمنىڭ كىملىكىنى تەكشۈر دېگەن ئىدىم .نەتىجىسى قانداق بولدى ؟
روزى دەرھاللا :
مەن تەكشۈردۈم. قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون نومۇرى بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئەتراپىدا ئۇرۇلغان ئىكەن .ھەم بىز بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئىكەن. مەن بېرىپ كۆرۈپ باقتىم. بىر كۆڭۈل ئېچىش زالىدا ئىكەن . مەن ئۇ يەرگە بېرىپ تەكشۈردۈم . كۆڭۈل ئېچىش زالىنىڭ خوجايىنى بۇ يەرگە نۇرغۇنلىغان ئادەم كېلىپ كېتىدۇ .كىمنىڭ تېلېفون قىلغىنىنى مەن ئېسىمگە ئالالمايمەن، -دېدى . تېلېفون قىلغان ئادەم ھەرگىزمۇ رەنانىڭ نامىدا مۇسا ئوفىتسېرغا تېلېفون قىلمىغان ئەكسىچە لايىھىلىگۈچى سوفىيە نامىدا تېلېفون قىلغان . بۇ كىشى ئايال كىشى بولۇپ . ئەينى ۋاقىتتا تېلېفون قىلغان ۋاقىتتا ،مۇسا ئوفىسىرنىڭ قېشىدا ئەرفاتمۇ بار ئىدى. ئەرفات ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھە ، مېنىڭ ئاپام دەپ ئويلىغان . شۇ ۋاقىتتا شاۋقۇن ئاۋازى ئاڭلانغان ھەمدە قارشى تەرەپمۇ ، مەن دوختۇرخانىنىڭ ئەتراپىدا تېلېفون قىلىۋاتىمەن دېگىنىچە ئارتۇق گەپ قىلماي تېلېفوننى بېسىۋەتكەن. ياردەمچى روزى گەپنى دەپ بولغاندىن كېيىن، رەنا ئۈن تىنسىز جىممىدە بولۇپ قالدى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



