
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 46 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 44 |
43 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
45 - قىسىم
ئەرفات ، سەن تېخى كىچىك . بەش يىل ئاۋۋالقى ئىشلاردا سەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى تېخى بىلمەيسەن.
-نېمە ئىش بولماقچى ئىدى ؟ ئەينى ۋاقىتتا ،سەن باشقا ئايالنى دەپ ئاپامنى ، ئۆيۈڭدىن ھەيدەپ چىقارماقچى بولغان . ئەجەبا ،ئاپام ئۆيدىن چىقماقچى بولغان ۋاقىتتا ،سەن ئاپامنىڭ بويىدا بارلىقىنى بىلمىگەنمۇ ؟ سەن بىلەن بىللە تۇرغان ھېلىقىئايالنىڭ قورسىقىدىكى بالا سېنىڭ بالاڭ ئەمەسمۇ ؟
قۇربان ،گەپ قىلالماي دۇدۇقلاپ قالدى .…
- توغرا ، ئەينى ۋاقىتتا مەن ئاپاڭنى ئۆيدىن ئايرىلىپ تۇرۇڭ دىگەن، سەۋەبى بولسا، ئاپاڭ بىلەن مۇنىرەنى ئايرىۋېتىش ئىدى . مەن ئەينى ۋاقىتتا، ئۇلار ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدا بىرەر ئاداۋەت بولۇپ قالسا ، رەناغا زەخمە يېتەمدىكىن دەپ ئاشۇنداق قىلغان ئىدىم ،-دىدى قۇربان .
- سەن ،قۇرۇق ۋەدە چىرايلىق گەپلەرنى ئاز قىل . ئاپام گەرچە، بۇ ئىشلارنى ماڭا ئېيتمىسىمۇ ؟ سەن ئاللىقاچان، بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئۆلۈپ بولغان . مېنىڭ ئىسمىم ئەرفات. مەن پەقەت رەنانىڭلا ئوغلى . ئاپام گەرچە سېنى كەچۈرسمۇ ، مەن ھەرگىزمۇ سېنى ئېتىراپ قىلمايمەن ، ئەگەر ،سەن ئاپامنى بوزەك قىلىپ ئۇنىڭ مويىغا چېقىلىدىغان بولساڭ ، مەن ساڭا جېنىمنى تىكىمەن .مەن تۈرمىگە كىرىپ كەتسەممۇ ھەرگىزمۇ سېنى بوش قويۇۋەتمەيمەن .
ئەرفات ،قاپىقىنى تۈرگىنىچە ، توختىماي گەپلەرنى قۇربانغا ياغدۇرۋاتتى. ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا . ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ئامباردىن كەتمەكچى بولدى .
قۇربان ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۋىلىپ :
-ئوغلۇم ، دېيىشىگە ئەرفات قاپىقىنى تۈرۈپ قۇربانغا قارىدى. ئۇ ئىككى ئادەمنىڭ قاراشلىرى ، بىر -بىرگە خۇيمۇ ئوخشايتتى. ئۇ قۇرباننىڭ قولىنى سىلكىۋەتكىنىچە ،بار كۈچى بىلەن يۈگۈرۈپ ئامباردىن چىقىپ كەتتى . قۇرباننىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم .ئۇنىڭ يۈرىكى توختىماي ئېچىشىپ ئاغرىۋاتاتتى . چۈنكى ،كۆز ئالدىدىكى ئوغلى ئايالى ئۇنى ئېتىراپ قىلمايتتى . بۇ ئادەملەر قۇرباننىڭ ئەڭ يېقىن يۈرىكىدىكى ئادەملەر ئىدى . قۇربان ئەرفاتنىڭ يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتكىننى كۆرۇپ، كىرىپ ئارقىسدىن بېرىپ قارىدى .ئەرفات يۈگۈرۈپ كىرىپلا، ياتاق ئۆيگە كىردى -دە ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويدى . قۇربان ياتاق ئۆيىگە يەنە كىرىشنىڭ پۇرسىتى قالمىغانلىقىنى ئويلاپ ، دەرھال ئارقىغا ياندى .ۋە گازارمىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىك تۈۋىگە باردى .ھەمدە ،يانچۇقىدىن تاماكىنى ئېلىپ ئاچچىق شوراشقا باشلىدى .
- قۇربان دېرىكتور ،بولدى چەكمەڭ ، سىزنىڭ ئۆپكىڭىزدە مەسىلە بار .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ،قۇربان كۈلۈپ قويدى .موسا ئوفىسىر بولسا گەپ قىلماي قۇربانغا قاراپ تۇراتتى. ئەينى ۋاقىتتا،رەنا ئۇنىڭ قېشىدىكى ۋاقىتتا ،ئۇنىڭغا «ھاراق ئىچمەڭ ، تاماق چەكمەڭ سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق ، »دەپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى .لېكىن، ئۇ ئادىمى ھازىر .كۆڭۇل بولمەيدىغان ياخشى كۆرمەيدىغان بولوپ قالغانىدى . ئۇ ،تاماكىنى ئاچچىق بىر شورىۋەتكەندىن كېيىن ، مۇسا ئوفىتسېرغا قاراپ:
-مۇسا، سەن ئايالىڭ بىلەن ياخشى ئۆتىۋاتامسەن .؟
مۇسا ئوفىتسېر يىنىكىنە سوغۇق كۇلۇپ تۇرۇپ :
- مەن ئايالىم بىلەن ئاللىبۇرۇن ئاجرىشىپ كەتتىم.
-ئاجىرشىپ كەتتىم؟ …نىمە ئۇچۇن ؟
قۇربان ئەزەلدىن ،مۇساغا ئۆيى توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىپ باقمىغان ئىدى . ئۇ، كۆڭلىدە داۋاملىق ،مۇسا ئايالى بىلەن ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ- دەپ ئويلايتتى .بۈگۈن ئۇ، «ئاجرىشىپ كەتتۇق»دېگەن گەپنى ئاڭلاپ .كۆڭلى بىر قىسىما بولۇپ قالدى . ئوفىتسېر مۇسا كۈلۈپ تۇرۇپ :
-كۈندە غەلۋە قىلىپ، ئۆيگە كەلمەيدۇ ،مېنى ئىزدىمەيدۇ -دەپ . مەن بۇنىڭغا چىدىيالمىدىم.ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ بۇ خىلدىكى تۇرمۇشقا چىدىيالمايدىكەن. ئۇنىڭغا ، قايتىدىن بىر تۇرمۇش يولى لازىم ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتتۇق . ئارىمىزدىكى بالىنى، ئۇ بېقىۋاتىدۇ . نېمىلا دېگەن بىلەن بالا ئاپىسىنىڭ قېشىدا تۇرسا ياخشى ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ . ئەسلى مەن بالامنى بېقىش ھوقۇقىنى قايتۇرۋالاي دېگەن . لېكىن ،مەن بالام ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمىدىم . ئايالىم بالامغا قورساق كۆتۈرۈپ ، شۇنچە تەستە بالامنى يەڭگىدى . بۇ ۋاقىتتا مەن قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان ئىدىم .ئايالىم بىر قىز يەڭگىدى . مەن قىسىمدا جىددى ۋەزىپىدە بولغانلىقىمدىن ،ئايالىمنىڭ قېشىغا بارالمىدىم .مەن بۇ يەردە، ئىشىمنى تۈگىتىپ قايتقان ۋاقتىمدا .قىزىم ، ئاللىقاچان ئۈچ ياشقا كىرىپ بوپتۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئۇ ئەزەلدىن مەندەك دادىسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ . ھەممە جاپالىق ،ئازابلىق تۇرمۇشنى ئايالىم ئۆز زىممىسىگە ئالدى . ئۇ بالىسىنى پۈتكۈل دۇنياسى دەپ كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ،مەن بالىنى ئۇنىڭغا بەردىم . بەزى ۋاقىتتا ئايال كىشى ئەرلەرگە قارىغاندا ،بەكرەك جاپا تارتىدۇ . بىز ئەرلەر ۋەتەن ئۈچۈن، بارلىقىمىزنى ۋەتەنگە بېغىشلىساق ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى ئائىلىگە سەرپ قىلىدۇ .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
مۇسا بولسا، قىسىمدىن قايتىپ ئايالى بىلەن توي قپتۇ .لېكىن ، قۇربان قىسىمدىن قايتىپ . رەنا بىلەن توي قىلىپ ئۇنىڭغا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلىدى ؟ ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ رەنانىڭ شۇنچىلىك ئازابقا بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەرفاتنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى ئېيتىش ئۇنىڭغا ئاجىزلىق قىلاتتى..
ئەسلىدە قۇربان ئەرفاتنىڭ بىقىش ھۇقۇقىدىن پايدىلنىپ رەنانى قىشىدا ئەپقالماقچى ئىدى .لىكىن ،مۇسانىڭ گىپىنى ئاڭلاپ . بۇ ئىشنىڭ بەك ناچارلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى.مۇسا پەس ئاۋازدا :
-سوفىيە خىنىم ، سىزنىڭ كەلگۇسىدە ئالىدىغان ئايالىڭىز ئوخشىمامدۇ؟ قۇربان بوش ئاۋازدا:
-ئەرفات، مىنىڭ ئوغلۇم .مىنىڭ ئۆز ئوغلۇم . سوفىيە بولسا ،ئەرفاتنىڭ ئۆز ئاپىسى .دىگىنە، مەن قانداق قىلسام توغرا بولىدۇ ؟
مۇسا ھەيران قالدى .قۇرباننىڭ ،ئايالىنىڭ ئەينى ۋاقىتتتا قانداق ئەھۋالغا دۇچار بولغانلىقى ئۇنىڭغىمۇ ئايان ئىدى :
-دىرىكتۇر ، بۇ سوفىيە خىنىم ،سىزنىڭ ئاشىقىڭىز ئوخشىمامدۇ؟ قۇربان كۇلۇپ تۇرۇپ :
-موسا …سوفىيە بىلەن رەنا بولسا بىر ئادەم .
مۇسا مۇشۇ پەيىتتە قۇرباننىڭ نىم دىمەكچى بولغانلىقىنى چۇشەندى ھەمدە :
-قۇربان دىرىكتۇرنىڭسوفىيە خىنىمغا، باشقىچە قارايدىغانلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن . ئەسلىدە، ئەرفات مىنىڭ باشلىقىمنىڭ بالىسى .بىزنىڭ بەگزادىمىز ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئەرفات بىلەن فۇرقەت ئىكىكىسى بەكلا يىقىن دوس لىكىن، فۇرقەت ئەرفاتقا يەتمەيدۇ . ئەرفات سىز گە بەكرەك ئوخشايدىكەن -دىدى موسا . قۇربان كۇلۇپ تۇرۇپ:
-سەن ،فۇرقەتنى بوش كۆرمە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلكى بولىدۇ ؟
- قۇربان دىرېكتور ،مېنىڭ بۇنداق دېيىش مەقسىتىم يوق ئىدى، -دىدى دۇدۇقلاپ .مەن كىچكىمدىن بەكلا قابىليەتلىكئىدىم .بىر كۆرگەن نەرسىنى، بىر كۇرۇپلا قىللايمەن .لىكىن ،ئادەم قابىليەتلىك بولغان بىلەن ئادەمدە مەسئۇلىيەت بولسمىسا بىكار ئىكەن .
مۇسا قۇرباننىڭ يۇرىكىدە شۇنچىلىك دەرىت بارلىقىنى كۆرۇپ ، ئۇنىڭغا تاكى تاڭ يورۇغۇچە ھەمراھ بولغان ئىدى. ئەرفات بولسا ،ياتاق ئۆينىڭ دەرىزە تەكچىسىدە ئولتۇرۇپ بۇ ئىككەيلەنگە قاراپ كۆڭلىدە:
مەن ھامان بىر كۇنى ، قۇرباندىن ئىشىپ چۇشىمەن دەپ نىيەت قىلدى .ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ، رەنانىڭ قىشىغا بىرىپ يىتىپ ئۇخلاپ قالدى.رەنا بولسا ئۇيقىدىن ئويغانماي تپتىنىچ ئۇخلاۋاتاتتى. بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن ،ئۇ ئويغىنىپ قارسا ، پۇتۇن بەدىنى ئاغرىپ كەتكەنىدى .ئەرفات ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۋالغانىدى .رەنا ئاستا ئەرفاتنىڭ قولىنى ئاجىرتىپ يوتقاننى ئۇنىىڭغا يىپىپ قويدى. ئورنىدىن تۇرۇپ دەرىزە سىرتىدىن ئىككى ئادەمنى كۆردى .رەنا ئۇنىڭ قۇربان بىلەن موسا ئوفىسىر ئىكەنلىكىنى بىلدى .رەنا كۆڭلىدە :«قۇربان نېمىشقا كەلگەندۇ ، ئۇ مېنىڭ ھۇجرامغا كىرگەنمىدۇ ؟ نېمە ئىشلار يۈز بەرگەندۇ؟» ئۇ گاڭگىراپ ،نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ، كىيىملىرىنى كەيدى ۋە سىرتقا چىقماقچى بولدى . رەنا قۇرباننىڭ قىشىغا بىرىپ:
-سىز نىمگە كەلدىڭىز؟
قۇربان رەنانى كۆرۇپ .
-سىز، نىمىشقا سىرىتقا چىقىۋالدىڭىز ؟قىلىنراق كىيىممۇ كىيۋالماپسىز ؟
- قۇربان، بۇنچە ئارتىسلىق قىلىپ چارچىمامسىز؟
-مەن ئارتىسلىق قپتىمەنمۇ ؟ -دېدى قۇربان ئەجەبلىنىپ . رەنا :
-ئەجەبا ،ئۇنداق ئەمەسمۇ. ئاڭلىشىمچە، سىز بۇرۇنقى ئايالىڭىزنىڭ ئۆلۈك تىرىكى بىلەن كارىڭىز يوق ئىكەن . ئۇنىڭغا، شۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز . ھازىر مەندەك تونۇشقىلى بىر نەچچە كۈن بولمىغان ئايال ئۈچۈن بۇنچىلىك قىلىپ كېتىشىڭىز ئەرزىمدۇ ؟ بۇ سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىزمۇ ؟ياكى بولمىسا ، مەن سىزنىڭ بۇرۇنقى ئايالىڭىزدىن چىرايلىق بولغانلىقىم ئۇچۇنمۇ؟ سىزگە ئېيتىپ قوياي، بۇ چىرايىمنى مەن ھۆسن تۈزىتىپ ئاندىن ئېرىشكەن ؟ -دېدى .
قۇربان بولسا گەپ قىلماي ، ئۇنىڭ گېپىگە سۈكۈت بىلەن قاراپ تۇراتتى . بىر ئاز ئۆتكەندىن ، كېيىن قۇربان:
-سىز، مېنىڭ ئايالىمغا ئوخشاش چىرايلىق . ئادەم گۈزەل ، چىرايلىق بولسۇن ، مەن بۇنىڭغا ئېتىبار قىلىپ كەتمەيمەن .ئۇنىڭ كۆڭلى چىرايلىق بولسا بولدى . مەن ئەزەلدىن ،سىزگە مېنىڭ بۇرۇنقى ئايالىم توغرىسىدا گەپ قىلىپ بەرمىگەن . مەن ئايالىمنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن .بۇ ھالىتىمنى ،ھازىر ئۇنىڭغا چۈشەندۈرەي دېسەم ، مەن ئاللىقاچان كېچىكتىم .
-ھى…ھى… چاقچاق قىلىشقا ئۇستا ئىكەنسىز. ئۇ ،شۇنداق دەپلا كىتىشگە قۇربان ئۇنىڭغا:
-بەش يىلدىن بۇيان ،سىز قانداق كەچۈرمىشلەرگە دۇچ كەلدىڭىز ، ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز ؟
رەنا قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى .ھەمدە:
-بەش يىل بۇرۇن ،نېمە ئىش يۈز بەردى ، ئۇ كۆڭلىڭىزگە ئاياندۇ؟
قۇربان ،بىرىپلا رەنانى قۇچاقلىۋالدى. رەنا ،ئۇنى سىلكىپ تۇرۇپ:
-قۇربان دىرىكتۇر، ئۆز ئۆزىمىزنىڭ ئىززىتىنى ساقلاپ قالساق ياخشىمىكىن .
-مەن ئۆز ئايالىم ئوتتۇرىسىدىمۇ ،ئۆز ئۆزۈمنىڭ ئىززىتىنى ساقلاپ تۇرۇشۇم كېرەكمۇ ؟ رەنا ، سىز قاچانغىچە ،ئالدىمدا ئويۇن قويۇپ يۈرمەكچى .
-مەن ئويۇن قويدۇممۇ ؟ ئويۇن قويۇشتا ،سىز مەندىن ئۇستا قۇربان دېرىكتور .
- سىز مېنىڭ مەقسىتىمنى خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز ؟ مىنىڭ سىزگە يامانلىق قىلىش مەقسىتىم يوق . مەن ئارىمىزدىكى بالىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ، سىزنى چەتئەلگە ئىچقىۋەتمەكچى بولغان ئىدىم. ماڭا ئىشىنىڭ،- دېدى قۇربان يالۋۇرۇپ .
- مەن ئىشىنەمدىم. ئۇنداقتا ،ماڭا يۈرىكىڭىزنى سۇغۇرۇپ ماڭا كۆرسىتىڭ .
-شۇنداقمۇ، سىز مېنىڭ يۈرىكىمنى كۆرسىڭىز، ماڭا ئىشىنىسىزغۇ !بولىدۇ.
-ئۇنداق دېيىشنى ھەممە ئادەم ئۇقىدۇ قۇربان دېرىكتور . سىز تولا ماڭا ھىيلە ئىشلىتىپ مېنى ئىشەندۈرىمەن دەپ ئويلىماڭ .بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ،ئەينى ۋاقىتتىلا تۈگىگەن ،ئاياغلاشقان ئىدى ، مەن دېگەن ھازىر لايىھىلىگۈچى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە HJ گوروھىنىڭ ئەتىۋارلىق ئادىمى .بۇنى چۇشىنەمسىز ؟ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىن باشقا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق .
-رەنا ، سىز راستتىنلا مېنىڭ يۈرىكىمنى مەندىن سوغارتماقچىمۇ؟ مۇشۇنداق قىلسام، ماڭا ئىشىنىسىزغۇ ؟ مەن ئەزەلدىن سىزنى ئۆلدى دەپ قارىمىغان.بىزنىڭ بالىلىرىمىزغىمۇ ، زىيانكەشلىك قىلىش ئويۇممۇ يوق .ماڭا ئىشىنىڭ.
رەنا ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىپ قويدى .رەنا كىتەي دەپ تۇرشىغا قۇربان:
-رەنا ،پەقەت مەن ئۆلسەم مىنىڭ قىشىمغا قايتىپ كىلسىز شۇنداقمۇ؟ مەنمۇ ،سىزگە ئوخشاش جاپانى چەكسەم .ئاندىن سىز مىنىڭ كۆڭلىمدە ،سىزنىڭلا بارلىقىڭىزغا ئىشىنىسز؟مىنىڭ يۇرىكىم، سىزگە لازىملا بولىدىغان ئىش بولسا ،مەن جىنىمنى سىزگە بىرىشكە رازى.
قۇربان شۇنداق دەپلا ،يېنىدىن خەنجەرنى ئالدى -دە. بەدەننىڭ يۈرەك تەرىپى تەرەپكە سانجىدى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



