大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 44 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 44 ـ قىسىم aybarawazi
2024-03-03
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 45 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37





43



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


44 - قىسىم


بۇ ئىشنىڭ ،نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئۇ ، چۇقۇم تەكشۇرۇپ چىقىشقا بەل باغلىغان ئىدى .قۇرباننىڭ رەنانى كۆرگىسى كەلدى -دە :

-رۇزى ، دەرھال ماڭا ئايروپىلاندىن بىرنى تەييارلاپ بەر ! مەنھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ھەربىي بازىغا بارىمەن ،-دېدى كەسكىنلا 

-دىرېكتور، ھازىر بەك كەچ بولۇپ كەتتى . ھازىر بارسىڭىزمۇ ، سوفىيە خېنىم ئۇخلاپ قالدى .

- دەرھال بېرىپ تەييارلا!

روزى ئارتۇق گەپ قىلماي ، ئايروپىلاننى بىر سائەت ئىچىدە تەييار قىلدى . قۇربان ئايروپىلانغا چىقتى . ئايروپىلان تاغلارمۇ تاغلار ئۇچۇپ كېتىپ باراتتى. سىرتنىڭ ھاۋاسى شۇنچىلىك سوغۇق بولغاچقا ، سوغۇق شامال قۇرباننىڭ بەدىنىگە ئۇرىلاتتى . لېكىن قۇرباننىڭ يۈرىكى قىززىق سوقۇپ تۇرغاچقا ، بۇ سوغۇق ھاۋا ئۇنىڭغا كار قىلمايتتى . ئۇ، رەنانى شۇنچىلىك سېغىنغانىدى . قۇربان ، ئايروپىلاندا بىر سائەت ئۇچۇپ ،ئاخىرى ھەربىي بازىغا كەلدى . تۈن يېرىم بولغان ۋاقىتتا ، دەل مۇسا ئوفىتسېر بازىنىڭ ئەتراپىنى نازارەت قىلىۋاتاتتى .ئۇ، بىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ، قۇرالىنى تەڭلىگىنىچە تەييار ھالەتتە تۇردى . ئۇ تېخى كۆڭلىدە ،قادىرنىڭ قايتىپ كېلىپ قالغان چېغى دەپ ئويلىشىغا ئەكسىچە، قۇربان كەلگەن ئىدى .

-قۇربان دىرىكتۇر ،سىز ...نىمگە كەلدىڭىز ؟ماڭا ئۇختۇردىغان بىرەر بۇيرۇقىڭىز بامۇ؟

قۇربان ،مۇسا ئوفىتسېرغا قول ئىشارەت قىلىپ:

- ئۇخلاۋاتقانلار، ئۇخلاۋەرسۇن ! باشقا ئىشمۇ يوق . مەن پەقەت قىز دوستۇمنى كۆرەي دەپ كەلدىم . تاڭ يۇرۇشىغىلا كېتىمەن .

قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، مۇسا ھەيران قالدى ھەمدە : 

- قۇربان دېرىكتور سىز .…؟ - دېدى .

ئۇ نېمە دېيىشنى چۈشىنەلمەي دۇدۇقلاپ قالدى . قۇربان مۇسا ئوفىتسېرنىڭ گىپىگە پىسەنت قىلماي ،رەنا ياتقان ھۇجرا تەرەپكە قاراپ كېتىپ قالدى . قۇربان رەنا ياتقان ھۇجرىنى تاپتى دە ، ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ قارىدى رەنا ،ئەرفاتنى قۇچاقلىغىنىچە شېرىن ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان ئىدى . قۇربان رەنا بىلەن ئوغلىغا تويماي قارايتتى . جىمجىت بەش يىل ئاۋۋالقى، تۇرمۇشنى بىر قۇر ئويلاپ چىقتى . ئۇ راستىنلا ،رەنانى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرەتتى. قۇرباننىڭ، رەنا بىلەن ئوغلىنىڭ يۈزىگە بىرنى سۆيۈپ قويغۇسى كەلدى. لېكىن ،ئويغىتۋىتىشتىن قورقۇپ گەپ قىلماي چىقىپ جىمجىت تۇردى . رەنانىڭ توساتتىن قاپىقى تۈرۈلۈپ جۆيلىگىنىچە:

-قۇتقۇزۇڭلار ، قۇتقۇزۇڭلار دېگىنىچە ۋارقىراپ كەتتى . ئۇ شۇنداق دېگىنىچە بەدىنىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى . ئۇنىڭ چىرايى شۇ تاپتا سارغىيىپ ، قورقۇنۇچلۇق بولۇپ كەتكەن ئىدى . بەدەنلىرى تەرلەپ ئۇخلاش كىيىمنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى .ئۇ يەنە :

ئوت… تېزدىن ئوتتىن مېنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار ، مېنىڭ بالام… مېنىڭ بالام . ئۇ شۇنداق ۋارقىرىغىنىچە قورسىقىنى مەھكەم تۇتۇپ تىپىرلاپ كەتكەن ئىدى . ئۇ كارۋاتتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى . شۇنداق بولسىمۇ ،ئۇ ئويغانماي . قورسىقىنى تۇتقىنىچە :

-مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار ، مېنىڭ بالام… مېنىڭ بالامنى قۇتقۇزۋىلىڭلار…

قۇربان قورقۇپ كەتتى .لىكىن، گەپ قىلماي جىم تۇردى .

-رەنا …رەنا مەن قىشىڭىزدا ؟-دىدى قۇربان بىرىپلا رەنانى قۇچاقلىۋالدى . ئارتۇق گەپ قىلماي ،بىرىپلا رەنانى يەردىن ئىلىپ قۇچاقلىۋالدى.رەنا ، چالا ئۇيقىدا قۇرباننىڭ يۇزىگە كىلىشتۇرۇپلا بىر تەستەك سالدىدە :

-قۇربان ،سەن بەك رەھىمسىزكەنسەن …بۇ بىزنىڭ بالمىز ئەمەسمۇ؟ -دىدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ .

رەنا ،كۆزىنى ئاچماي يىغلاپ تۇرۇپ . قۇرباننىڭ قوينىدا تولغىناتتى . قۇربان ئەنسىرەپ :

-رەنا ،كۆزىڭىزنى ئېچىڭ. ماڭا قاراڭ . مەن قۇربان. سىز ئويغىنىڭ!

- ياق … ياق …بەدىنىم بەك ئاغرىدى .مېنى قۇتقۇزۇڭلار! بالام بىلەن مېنى ئوتتىن قۇتقۇزىۋېلىڭلار

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە، بىر كۈچەپ قۇرباننى ئىتتىرۋەتتى-دە ، يەرگە چۈشۈپ ،بەدىننى مەھكەم تۇتۇۋالغان ئىدى . ئۇ يەرگە چۈشكەن ۋاقىتتا ،ئىككى قولى بىلەن كۈچەپ قورسىقىنى مەھكەم تۇتۇۋالغان ئىدى . خۇددى ،ئەينى ۋاقىتتا ئوتتا كۆيۇپ كىتۋاتقاندەك قىلاتتى .قۇربان ،بۇنى كۆرۈپ يۈرىكى زىڭىلداپ ئاغرىۋاتاتتى. گەرچە ئۇ بەش يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتىدە، نەق مەيداندا بولمىسىمۇ، رەنانىڭ بۇنداق جان دەپ قىينىلىۋاتقانلىقىدىن ،ئۇنىڭ قانچىلىك ئاغرىق ۋە قانچىلىك ئازابقا بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ھېس قىلالايتتى .

ئەجەبا، بەش يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتىدە ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزمىغانمىدۇ ؟ ھېلىقى قوغدىغۇچىچۇ ؟ ئەينى ۋاقىتتا، بۇ قوغدىغۇچى ئالاھىتەن رەنا ئۈچۈن قويۇلغان ئادەم تۇرۇپ . ئەجەبا ،ئوت كەتكەن ئاشۇ ۋاقىتتا بۇ ئادەم نېمە ئىش قىلغان بولغىيدى ؟ قۇربان مۇشۇلارنى ئويلاپ تۇرىشىغا توساتتىن:  

-سەن ،بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىەن ؟ - دېدى ئەرفات كۆزىنى ئېچىپ ئۇلاپ تۇرۇپ .ئۇ قۇرباننى كۆرۈپ ،ئاچچىقى كېلىپ كەتكەن ئىدى . 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-ئەرفات، سېنىڭ ئاپاڭ ئۇ ... دىيشىگە ئەرفات دەرھال ،كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئاياغ كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ، ئاپىسىنىڭ قېشىغا باردى . ھەمدە ،ئاپىسىنىڭ يۇمران قوللىرىنى ئاستا تۇتتى ۋە يۈزىگە يېقىپ تۇرۇپ: 

-جېنىم ئاپا . مەن سىزنىڭ قېشىڭىزدا . مەن ئەرفات . مەن ئوغلۇڭ ئەرفات . ئوت ئاپىتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى .ئاپا قورقماڭ . مەنمۇ ھايات ئاپا ، قورقماڭ بولامدۇ ؟ ئەرفاتنىڭ چىرايى جىددىي تۈس ئالغان بۇلۇپ ،ئۇ ئاپىسىدىن تولىمۇ ئەنسىرىگەن ئىدى . ئەرفات ،ئاپىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ باغرىغا بىسىۋالغان ئىدى . ئەرفاتنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئاپىسىنى قوغداشتىكى ھالىتى ئۇنى ھەرگىزمۇ كىچىك كۆرسەتمەيتتى . لېكىن ، رەنا تېخىچە ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىغان ئىدى . ئۇ تولىمۇ قورقۇپ پۈتۈن بەدىنى تەرگە چۆمگەنىدى .رەنا ، ئەرفاتنى مەھكەم قۇچاقلايتى . ئاغزىدا توختىماي ،ئوغلىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ چىقتى . ئەرفات بولسا ،ئىككى قولى بىلەن ئاپىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ ، ئوڭ قولىدا ئاپىسىنىڭ دۈمبىسىنى ، خۇددى بوۋاق بالىنىڭ دۈمبىسىنى سىلىغاندەك سىيلاپ تۇراتتى . بۇنى كۆرۈپ ،قۇربان ھەيران قالدى ئەلۋەتتە ، بۇ ئەرفاتنىڭ تۇنجى قېتىملىق بۇنداق قىلىش ئەمەس ئىدى . قۇربان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ كۆزىگە يىغا تۇتتى .

- نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاپاڭ بىلەن سەن مۇشۇنداق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلدىڭمۇ ؟

-ھۇششششششش،- دېدى ئەرفات.

ئوڭ قولىدا قۇربانغا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ . ئۇ ئەزەلدىن رەنانىڭ ئۇخلىغان ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا ، بۈگۈنكى كۈندە ،ئۇنىڭ شۇنچىلىك قىينىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ . ئىچى سىيرىلىپ كەتكەن ئىدى . بۇ ئايال ئۇنىڭ ئايالى يەنە كىلىپ ، چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان، سۆيىدىغان ئايالى. لېكىن ئايالى ئازاب ئىچىدە جان تالىشىپ تۇرۇۋاتاتتى. يەنە كېلىپ ،بەش يىل مۇشۇنداق ئازابلىق تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. مۇشۇ بەش يىل ئىچىدە ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئادەم بولسا ،ئەرفات . يەنى ،ئۇنىڭ ئۆز ئوغلى . قۇربان قانداقمۇ ئەر بولۇشقا لايىق .قانداقمۇ ،ئەرفاتقا دادا بولۇشقا لايىق . قۇربان مۇشۇلارنى ئويلاپ كۆڭلى بىئارام بولدى . ئەرفات قۇربانغا قاراپ :

-خاپا بولماي ،ئاپامنى كارىۋاتقا ئېلىپ قويغان بولساڭ ! يەرنەم ئاپامغا سوغۇق ئۆتۇپ قالىدۇ . 

قۇربان ئورنىدىن تۇرۇپلا ، رەنانى ئاستا كۆتۈرۈپ كارىۋاتقا ياتقۇزدى . ئۇ بېرىپ چىراغنى ياقاي دېيىشىگە ئەرفات ئۇنى ياققىلى قويمىدى .

-ئاپام چىراغ يورۇقىدىن ،ئوتتىن قورقىدۇ . كەچ بولغاندا ئاساسەن چىراغ ياقماي ئۇخلايدۇ.

-ئەگەر لايىھە سىزماقچى بولۇپ قالسا، ئامالسىز چىراغ ياقىدۇ. 

قۇرباننىڭ يۈرىكى توختىماي ئاغرىشقا باشلىدى . ئۇ كۆڭلىدە، ئوتتا كۆيگەننىڭ ئازابىغا كىممۇ چىدىيالىسۇن . ئايدەك بىر ئايالنىڭ ئۆمرىنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزمىكى ئاسانمۇ ؟ ئۇ شۇلارنى ئويلىغاچ ، ئاستاغىنە رەناغا يوتقاننى يېپىپ قويدى . ئەرفات بولسا بېرىپ ئايىغى ۋە كىيىمنى كىيىپ تۇرۇپ:

-بىز سىرتقا چىقىپ پاراڭلىشايلى . ئاپامنىڭ ئۇيقۇسىغا دەخلى قىلساق ، ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ كېتىدۇ .

قۇربان ،ئەرفاتنىڭ شۇنداق ئىش ئۇقىدىغان ھالىتىگە قاراپ .ئۇنىڭغا مەمنۇنلۇق ئىلكىدە قاراپ ،بىشىنى لىڭىشتتى . چاپىننى ئىلىپ، ئەرفاتنى كۆتۇرۇپ ، سىرتقا چىقىپ كەتتى . قۇربان ئۇنى ،گازارمىنىڭ بىر ئامبىرىغا ئاپارماقچى بولدى. ئامبارنىڭ تېمپېراتۇرىسى خېلى ئىسسىق بولغاچقا ، ئۇلار توڭۇپ قالمايتتى . ئۇلار ئامبارغا بارغاندىن كېيىن ، قۇربان ئەرفاتنى ئاستا يەرگە قويدى –دە. ئەرفات ، قۇرباننىڭ چاپىنىنى ئېلىپ ، قاتلاپ بىر تەرەپتە قويدى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ : 

-سەن قانداق بوپ ،مەن بىلەن ئاپام ياتقان ھۇجۇرغا كىردىڭ ؟ ئاپام ئاخشىمى ياتقان ۋاقىتتا، ئىشىكنى قۇلۇپلايدىغان ئادىتى بار ئىدى .؟

- ئەرفات ،بىر ئىش بار ، بۇ ئىشنى ، ساڭا ئەينەن دېيىشىمكېرەك .  

قۇرباننىڭ يۈرىكى توختىماي ئاغرىۋاتاتتى .لېكىن، ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئەرفات بىلەن رەنانى يەنە يات ئادەملەردەك ئۆتۈشكۇزۋىتىشكە كۆڭلى چىدىمايتتى . ئۇ بۇ ئىشنى ئايدىڭ قىلىۋەتمەكچى بولدى . ئەرفات خۇددى قۇرباننىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلگەندەك ، سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ :

- سەن مېنىڭ ئوغلۇم ، مەن سېنىڭ داداڭ دېمەكچىمۇ؟

قۇربان ھەيران قالدى .

- سەن بىلەمسەن بۇنى ؟

-مەن نېمىشقا بىلمىگۈدەكمەن. گەرچە ئاپام بىلەن سەمەت دادام ،مېنىڭ بىلىشىمنى خالىمىسىمۇ ، مىنىڭ ھەممە ئىشلاردىن خەۋىرىم بار. ئاپام ئەينى ۋاقىتتا ،سېنڭ ئۇچۇرلىرىڭنى كۆزىتىشكە باشلىغاندىن تارتىپ، مەن سېنىڭ ئەھۋالىڭغا نەزەر تاشلاپ كەلگەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىمىزنىڭ چىرايى، شۇنچىلىك ئوخشايدۇ. باشقىلار ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى يوق ، دېسە كىم ئىشىنىدۇ ؟

ئەرفات خۇددى، چوڭ ئادەملەردەك قۇرباننىڭ ئالدىدا گەپ قىلىپ تۇراتتى. قۇربان سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ،كۈلۈپ كەتتى .كۆڭلىدە« دەرۋەقە، مىنىڭ ئوغلۇم ئۇنىڭدا مىنىڭ گىنىم بار ». ئۇ شۇلارنى ئويلاپ : 

- ئەمىسە ،بىز يېڭى تۇنجى كۆرۈشكەن ۋاقتىمىزدا ئايرودرومدىكى تازىلىق ئۆيىدىكى ئىشىڭنى قانداق چۈشەندۈرىسەن ؟

-مەن ،ئۇنى قەستەن قىلغان . سەن ئاپامنى شۇنچە يىل ئازابقا تاشلىدىڭ .مەن سېنىڭ ،خاتىرجەم ياشاۋاتقان تۇرمۇشۇڭغا چىدىمىدىم . تورغا يوللىغان سۈرەتنى مەن يوللىغان . ئەينى ۋاقىتتا ،ئاپام ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتىگە يولۇققان ۋاقتىدا . باشقىلارنىڭ سۆز چۆچەك تارقىتىپ ، ئاپامنى ،بىر ئاشىقى بىلەن تىپىشىپ قالغان ،-دەپ تورغا يوللاپتىكەن . لېكىن، سەن بۇ ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى تەكشۈرۈپ كۆرمىدىڭ . ئەينى ۋاقىتتا، ئاپام ماڭا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، سەن ئايالىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىدىڭ ، مېنى بالام دەپ ئېتىراپمۇ قىلمىدىڭ . بەش يىل ، بىز ئانا بالىنى رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋەتتىڭ . سەن مۇشۇنداق ئېغىر خاتالىقنى ئۆتكۈزگەن تۇرساڭ ، ئاپام بىلەن مەن .نېمە ئۈچۈن سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىغۇدەكمەن . سەن ئۆزۈڭنى كىم دەپ چاغلاپ قالدىڭ ؟- دېدى ئەرفات بوش ئاۋازدا . قۇربان بولسا ئەرفاتنىڭ كۆزلىرىدىكى غەزەپ -نەپرەت ئوتلىرىنى كۆرۈپ ، گەپ قىلالماي ، سۈكۈتتە قالدى . 

داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k