
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 63 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
62 - قىسىم
-دەرھال، بۇ ئىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ساقچى ئىدارىسىگە ئىنكاس قىلىڭلار ! ساقچىلار بىزگە ياردەم قىلىشى كېرەك . نېمىلا بولمىسۇن ھەر خىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ ، ئەرفاتنى تېپىشىمىز كېرەك . قۇربان رەنانىڭ جىددىيلەشكەن ھالىتىگە قاراپ :
- خاتىرجەم بولۇڭ.ئەرفاتنى چوقۇم تاپىمىز دېگىنىچە ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى . رەنامۇ ئۇنىڭغا قاراشلىق بىلدۇرمىگەن ئىدى . بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، سەمەت دىرېكتور رەناغا تېلېفون قىلدى .رەنانىڭ تېلېفوننى ئالغۇسى بولمىسىمۇ يەنىلا تېلېفوننى ئالدى. -رەنا، مەن ھازىر تەييارلىق قىلىۋاتىمەن . مەن سۈرىيەنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ سىزنى ئىزدەيمەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، رەنا تېخىمۇ ئەنسىرەشكە باشلىدى .
-ھەرگىز بولمايدۇ !سۈرىيەنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ، ئۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.سەمەت دىرېكتور، مەن سىزنىڭ ئەرفاتتىن ئەنسىرىگەنلىكىڭىزنى بىلىمەن ، مەن سىزدىنمۇ بەك ئەنسىرەۋاتىمەن . لېكىن، سىز سۈرىيەگە ياخشى قاراپ بەرگەن بولسىڭىز. ئەرفاتتىن بىرەر ئۇچۇر بولسا مەن سىزگە يەتكۈزەي بولامدۇ ؟ھەرگىز سۈرىيەنى ئېلىپ كېلىدىغان ئىشنى قىلماڭ !سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي .
قۇربان، رەنانىڭ سەمەت دېرىكتور بىلەن تېلېفون پاراڭلاشقانلىقىنى كۆرۈپ ، ھەسەت ئوتىلىرى قوزغالدى ۋە رەنانىڭ قولىدىكى تېلېفوننى ئېلىپ سوغۇققىنە ؛
-سەمەت دىرېكتور ،سىز قىزىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ .قۇربان گېپىنى شۇنداق دەپ تۇگىتىپلا تېلېفوننى قويىۋەتكەن ئىدى .
بۇۋاقىتتا سەمەت دىرېكتورنىڭ بەكلا ئاچچىقى كېلىپ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى . سۈرىيە تۇتۇق دادىسىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ :
- دادا ، بىز بېرىپ ئاپام بىلەن ئاكامنى ئىزدەمدۇق ؟
- ئاپاق قوزام . ئاپىڭىز سىزنى سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس. ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، دەپ بىزنى كەلمەڭلار دەيدۇ . بىز ئاپىڭىز بىلەن ئاكىڭىزنىڭ كېلىشىنى ساقلايلى .كېيىن سالامەتلىكىڭىز ئەسلىگە كەلگەندە ، سىزنى ئايروپىلانغا ئولتۇرغۇزاي بولامدۇ ؟
- ماقۇل .
سۈرىيە ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى مانا ، مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى. رەنا بولسا قۇرباننىڭ سەمەت دېرىكتورغا قوپاللىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ :
- قۇربان ،سۈرىيە ئەمەلىيەتتە ئۇ .…
-بىز ئاۋۋال بېرىپ ئەرفاتنى ئىزدەيلى . كېيىن ،باشقا گەپنى قىلىشايلى . ھازىر ئەرفاتنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە ساق بىر سائەتتىن ئاشتى .ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق . بىز قارشى تەرەپنىڭ نېمە مەقسىتى بار ، ئۇنىمۇ بىلمەيمىز . ئەگەر، پۇل مەسىلىسى بولسا ، قانچىلىك بولسا بېرىمەن ، پەقەت ئەرفاتقا زىيانكەشلىك قىلمىسىلا بولاتتىغۇ ؟- دېدى قۇربان رەنانىڭ گېپىنى بىلگە تىپىپ…
رەنا كۆڭلىدە «سىز ھازىر مىنى ،سەمەت دىرىكتۇردىن كۇنلەپ گىپىمنى بۆلىۋەتكەن بىلەن بۇ دۇنيادا يەنە بىر قىزىڭىزنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى سىز بىلمەيسىز-دە دەپ» ئويلىدى.
رەنا بولسا قۇربانغا قىزى سۈرىيەنىڭ ئىشىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ۋاقىت يوق ئىكەنلىكىنى بىلدى ھەمدە قۇرباننىڭ ئەرفاتنىڭ گېپىنى چىقىرىشى بىلەنلا ، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . قۇربان ، ئۇنىڭ ئىككى بىلىكىدىن تۇتۇپ :
-خاتىرجەم بولۇڭ ، بىزنىڭ ئوغلىمىزغا ھېچ ئىش بولمايدۇ ،-دېدى .
رەنا ئەسلىدە ئۆزىنىڭ پىلانىدا ، بۇ ئىشنىڭ بۇنداق مۇرەككەپ بولۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى . لېكىن ،ھەممە ئىشلار ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمايدۇ، ئەلۋەتتە .
- بىز دەرھال كۆزىتىش ئاپپاراتىنى يەنە بىر قىتىم كۆرۈپ باقايلى!
-بولىدۇ . - دېدى قۇربان .رەنانىڭ كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ئوغلىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن كۈزىتىش ئۆيىگە قاراپ كېتىپ قالدى . كۈزىتىش ئۆيىدىكى مەسۇل ئادەم ئەرفاتنىڭ بىر قىسىم ۋىدىئوسنى تېپىپ چىقتى . بۇ ۋىدىئونىڭ ئىچىدە بەش مىنۇتتەك يەرلەر ئاپپاق ئىدى . كۆزىتىش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى سەل ئوڭايسىزلىق ھېس قىلىپ . ئارتۇق گەپ قىلالماي قالدى . قۇربان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ چىرايى سەت ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى . رەنا بۇ ۋاقىتتا قۇربانغا ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ ؛
- چۇقۇم بىرسى كۆزىتىش ئاپپاراتىنى بۇزىۋەتكەن گەپ .
- توغرا ئېيتىسىز. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياردەمچىسىدىن تېلېفون كەلدى .
- قۇربان دىرېكتور ،مەن ئىزدەپ تاپتىم. ئەينى ۋاقىتتا راست بىر ئادەم يەنە كېلىپ ئايال كىشى ئىكەن .
ھەم، بۇ ئايال كىشى ئەينى ۋاقىتتا كۆڭۈل ئېچىش ئۆيىدىن چىقىپ، بىر ياش ئادەمگە سوقۇلۇپ كەتكەن. كېيىن ،ئىككىسى سوقۇشۇپ قالغان . سوقۇشۇپ قالغان ئادەم مېنىڭ قېشىمدا
-دەرھال قېشىمغا ئەكەل!
قۇرباننىڭ ئاۋازى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىدى . بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، ياردەمچى روزى ،ھېلىقى ياش ئادەمنى قۇرباننىڭ ئالدىغا ئىلىپ كەلدى . بۇ ئادەم قۇربان دىرېكتورىنى كۆرۈپ سەل جىددىيلەشكەن ئىدى .
-قۇربان دىرېكتور، مەن ھېچ ئىش قىلمىدىم. راستلا .
رەنا ئەسلىدە، ئەرفاتنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىدى ، لېكىن ئۇ ئادەمنى كۆرۈپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى . پەقەتلا ،قۇرباننىڭ ئۇنىڭدىن نېمە سورايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدى . چۈنكى ، ئۇ قۇرباننىڭ ئەرفاتنى ياخشى نىيىتى بىلەن تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . قۇربان دېرىكتور ھېلىقى ياشقا قاپىقىنى تىكىلىپ قارىغىنىچە :
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ياش يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ جىددىيلەشكىنىچە :
- قۇربان دىرېكتور، ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇ ئايالغا قەستەن سوقۇشمىغان ئىدىم . ئەينى ۋاقىتتا مەن ئالدىراشچىلىقتا تېلېفونۇمغا پۇل قاچىلايمەن دەپ ماڭغان ئىدىم .شۇنىڭ بىلەن ...،-دېدى ياش يىگىت جىددىيلەشكىنىچە .
-ماڭا قارا ، سەن ماڭا لازىملىق سوئالنىڭ جاۋابىنى دەپ بەرسەڭلا بولدى.
ياش يىگىت سەل تۇرۇپ ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن
-ھېلىقى ئايال بولسا ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى ئايال . قارىماققا خېلى پۇلدار ئايالدەك كۆرۈنىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇنداق چوڭ ياشتىكى ئايالنىڭ بۇ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا كىلىپ نېمە قېلىدىغاندۇ ؟ -دەپ ئويلىغان ئىدىم . ئۇ «مەن نەۋرەمنى تاپقىلى كەلدىم»،-دېدى .
-ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى ئايال. سەن خاتالاشمىغانسەن .؟قۇربان بولسا سەل ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتقان ئىدى .
- ئۇنداق ئەمەس ،دېرىكتور . ئۇ ئايال راستىنلا ئەللىك ياشتىن ئاشقان .
- مەن چۈشەندىم. روزى ، سەن ئۇنىڭغا ئازراق پۇل بېرىپ ئۇزىتىپ قويغىن .
ياش يىگىت كەتكەندىن كېيىن، رەنا جىددىيلەشكىنىچە :
-سىزنىڭ قانداق ئامالىڭىز بار ؟
-مۇسا ئوفىتسېر ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس . ئۇ بەلكىم، ئەينى ۋاقىتتا تېلېفون قىلغان ئاۋازنى ئۈنگە ئېلىۋالغان بولۇشى مۇمكىن .چۇقۇم چاتاق چىقمايدۇ. مەن ھازىرلا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ بۇ ئىشنى تەكشۈرتۈپ باقاي!
-راستىنلا شۇنداق ئۇنگە ئىلىۋالغانمىدۇ،- دېدى رەنا جىددىيلەشكىنىچە .
قۇربان بولسا بېشىنى لىڭشىتىپ ؛
-بار . بىزنىڭ ھەربىي بازىدا تېلېفون سۆزلىشىش خاتىرىسى ئۇنگە ئىلىنپ قالىدۇ. بۇ تىلفۇن بىخەتەرلىكنى ئويلاپ شۇنداق مەخپى ئورنىتىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ياش ئۆيگە قايتىپ كېتىشتى. ئەرفاتنىڭ ئىز دېرىكى بولمىغىلى ئىككى سائەتتىن ئاشقان ئىدى. لېكىن ،ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىزلىرى بولمىدى. ئۈرۈمچىدىكى بارلىق چىقىش ئېغىزىنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈردى. لېكىن ھېچقانداق ئىزنا قالمىغان ئىدى . رەنا بىلەن قۇربان تەرەپ تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلاتتى . بالا نېمىلا بولمىسۇن بىر ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى .ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئىزدېرىكى بولمىغانلىقى ئەرفاتنىڭ ھەمدە رەنانىڭ يۈرىكىنى لەختە لەختە قىلاتتى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار ئۆيىگە باردى . قارىسا ،سەمىرە يوق . شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىددىيلەشكىنىچە ياردەمچى روزىغا تېلېفون قىلدى .
-سەمىرە ئۆيدە يوققۇ ؟ ئۇ بۈگۈن ئىشلىمىدىمۇ ؟ سەمىرە ،قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى .
-دېرىكتور ئاڭلىشىمىزچە ،ئۇنىڭ ئۆيىدە ئازراق ئىش چىقىپ قاپتىكەن .
سەمىرەنىڭ قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكى قۇربانغا ئايان ئىدى . ئۇ سەمىرەدىن ئازراق گۇمانلانغانىدى . قۇربان شۇنىڭ بىلەن قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ قاراپ باقماقچى بولدى .
-قەيەرگە بارىسىز ؟
مەن قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلەي.
شۇنىڭ بىلەن قۇربان جىددىيلا ماشىنىغا چىقتى ئاندىن يۈرۈپ كەتتى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇ قادىرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ سالام بىلەن ئۆيگە كىردى . ئۆيدە قادىرنىڭ ئاپىسى تېلېۋىزورغا قاراپ تۇراتتى .
- مېنىڭ ،بۇ يەرگە كېلىشىمدىكى مەقسەت ، شۇنى سوراپ باقسام . سەمىرە بىلەن سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار .بۈگۈن سەمىرە يوقاپ كەتتى . مەن تېخى مۇشۇ يەرگە كەلگەن چېغى دەپتىمەن .
قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان قادىرىنىڭ ئاكىسى ،ئاپىسى سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن .سەمىرە ئۇ سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەردىكى لايىھىلىگۈچى سوفىيەگە قوغدىغۇچى بولمىغانمىدى ؟ قۇربان توختىماستىن سەمىرە توغرۇلۇق ئۇلارغا گەپ قىلىۋەرگەچكە،ئۇلارنىڭ چىرايى سەل ئۆزگىرىشكە باشلىغانىدى . بۇ ۋاقىتتا ،قادىرنىڭ ئاپىسى بېشىنى لىڭشىتقىنىچە :
- مەن بۇ كىچىك قىزچاقنى تونۇمايمەن ،-دىدى.
ئەينى ۋاقىتتا ، بۇ كىچىك قىزچاق ماڭا نېمە ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغاندۇ ؟ مەندىن بىرەر ، بايلىق تەلەپ قىلىپ ماڭا مۇشۇنداق قىلغانمىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم . كېيىن، نېمە ئىشلار بولدى .مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىدىم .
قادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، قۇرباننىڭ چىرايى سەل ئۆزگەردى . يەنىلا مىيىقىدا كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن ،قادىرنىڭ ئاپىسىغا تىكىلىپ قاراپ . بۇلاردىن ھەقىقىي جاۋاب ئالالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى -دە گېپىنى تۈگىتىپلا ئۆيگە قايتتى . ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ، رەنا بولسا بىر ئورۇندا ئولتۇرغىنىچە تام تەرەپكە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى . ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن قۇربان رەناغا ئىچ ئاغرىتىپ ، بوش ئاۋازدا:
- رەنا، بۇنداق قىلماڭ بولامدۇ ؟
-ئوغلۇمنىڭ ئۇچۇرى بولدىمۇ؟ رەنا شۇنداق دېگىنىچە ، قۇربانغا قارىدى . ھەمدە كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى .
- رەنا ،بۇنداق قىلماڭ بولامدۇ ؟چۇقۇم ئامالى بولىدۇ.
ئۇ يىغلامسىرىغىنىچە :
- مەن بۇ يەرگە كېلىپ كىمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن بولغىيدىم. ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلسا بولمامدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئوغلۇمنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىدۇ ؟ ئۇنىڭ ھەممىسىگە مەن سەۋەبچى؟ بۇ يەردە ھېچكىم مېنى تونۇمايدۇ . بۇ يەرگە كېلىپ ئاتا ئانامنىمۇ كۆردۈم . لېكىن ،ئۇلار مېنى تونۇيالمىدى . ئېيتىڭە ، سىزنىڭچە كىم مېنى تونۇيدىغاندۇ
ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ،نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى . رەنانىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم ئىدى .
نۇرغۇن ئىشلار ئۇنىڭ كاللىسىدىن سىنئالغۇدەك ئۆتۈۋاتاتتى . ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن بۇيان پەقەت بىرلا ئادەم ئۇ بولسىمۇ مۇنىرە بىلەن كۆرۇشكەن ئىدى.گەرچە ، ئۇ بۇ ئىشنىڭ مۇنىرە بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئويلىغان بولسىمۇ بىراق ، قۇرباننىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن روزىغا چۇشۇرگەن بۇيرۇقىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ تۇراتتى.
-سەن، دەرھال بېرىپ ئەرفات يۈتۈپ كەتكەن ۋاقىتتا، مۇنىرە ئۆيىگە قايتىپ نېمە ئىشلارنى قىلدى ؟ ئۇنىڭ ئاپىسى نېمە ئىشلارنى قىلغان .ماڭا ئېنىق تەكشۈرۈپ بەر ،-دېدى قۇربان روزىغا.
رەنا، قۇرباننىڭ بۇنداق دېيىشىدىن ھەيران قالدى .
-سىزنىڭچە بۇ ئىشلار مۇنىرە بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟ - دېدى رەنا ئىشەنمەي .
- بۇ پەقەت مېنىڭ پەرىزىم . مەنمۇ ئۇنىڭ ئەمەس بولۇشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن .… ،-دېدى قۇربان بىر ئاھسىنغىنچە. قۇرباننىڭ گەپلىرى رەنانى تېخىمۇ بىئارام قىلغان ئىدى .
-ئەگەر، ئۇ بولۇپ قالسا ؟- دېدى رەنا كەسكىنلا .
قۇربان رەناغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقان ئىدى . رەنانىڭ خاتىرجەمسىزلىكى ئەنسىرىشى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى .
-ئەگەر راستىنلا ئۇ بولۇپ قالسا مەن ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ رەھىم قىلمايمەن .ئۇ فۇرقەتنىڭ ئاپىسى . ھەم مېنىڭ ئىنىمنىڭ ئايالى . بەزى ئەھۋاللاردا ، مەن پەقەت ئۇكامنىڭ يۈزىنى دەپلا ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمايمەن . ئەگەر بۇ ئىشتا ئۇنىڭ قولى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ يۈز خاتىرە قىلمايمەن . ئەرفات بولسا مېنىڭ ئوغلۇم، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئادەمنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشنى خالىمايمەن . بولۇپمۇ مۇنىرە. توغرا ، مەن ئىنىمغا قەرزدار .مەن مۇنىرەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمدىكى مەقسىتىم پەقەت ئىنىمنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۇن… ئەگەر ئۇ راستىنلا ئەرفاتقا زەھەرلىك قولىنى سالغان بولسا ، مەن تەكشۈرۈپ راس ئۇ ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالسام ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن .
- قۇربان ، مەن قورقىمەن...مەن راستنلا قورقىمەن،-دېدى رەنا ئۇ يىغلامسىرىغنچە ئۇنى قۇچاقلىدى.
قۇربانمۇ ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىدى. بىر ئازدىن كىيىن ياردەمچىسى قۇرباننىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى ھەمدە:
-قۇربان دېرىكتور ، مۇنىرە بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئاللىقاچان ئۆيگە قايتىپ كېتىپتىكەن . ئارىلىقتا ھۆسن تۈزەش ئورنىغا بېرىپ ھۆسۈن تۈزۈتۈپتۇ .لېكىن ئۆيىگە قايتىپ كەتمەپتۇ ، مەن بېرىپ تەكشۈردۈم . ھېلىقى ھۆسۈن تۈزەش ئورنى داۋاملىق باردىغان يىرى ئىكەن . باشقا ھېچقانداق ئىش قىلماپتۇ . بارچە ئىشلار شۇنچىلىك نورمال .
-ئەمىسە ،مۇنىرەنىڭ ئاپىسىچۇ ؟
-مۇنىرەنىڭ ئاپىسى يېقىندىن بۇيان سىرتلارغا كۆپ چىقىدىكەن . سىرتقا چىقىپ ھەر خىل زىياپەتلەرگە قاتنىشىپتۇ. باشقا ئالاھىدىرەك يەرگە بارماپتۇ . مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ئادەملەرنى تەكشۈردۇم. ھېچقانداق مەسىلە يوق .
روزىنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان قۇربان قاپاقلىرنى سۇزگىنچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ سەل ئويلىنىپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن:
- سەن بېرىپ ئۈرۈمچىدىكى بارلىق نامرات رايونلار ھەمدە سودا سېتىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ بەر،- دېدى روزىغا قاراپ قاپىقىنى تۈرگىنىچە .
- قۇربان دېرىكتور، بىز بۇنداق قىلساق جىق ئادەملەرگە زىيان بولۇشى مۇمكىن .
-زىيان بولسا بولسۇن ،بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بەگزادىسى يوقاپ كەتتى . بىز چۇقۇم بۇ ئىشقا مەسۇل بولۇشىمىز كېرەك.
ئەمەلىيەتتە ، قۇربانمۇ بۇنداق قاتتىق تەكشۈرۈشنىڭ ئۇلارنىڭ سودىسىغا زىيان ئەكىلىشنى ئوبدان بىلەتتى . روزى بولسا ئۇنىڭ پىكرىگە قارشى چىقماي ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش بېجىرىشكە باشلىدى . بىر سائەت بولا بولماي ئۈرۈمچىدىكى بارلىق سودا ماگىزىنلىرىنىڭ ھەممىسى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان ئىدى . ئىش قىلىپ ئۈرۈمچى بىر قالايمىقانلاشقان ئىدى.
ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر پۇشقاقتا سەمىرە ھوشسىز ھالەتتە ياتقان ئەرفاتقا قاراپ قېشىدىكى ئەرگە:
-قۇربان دېرىكتور، ئۇنداق ئاسان چېقىلىدىغان ئادەم ئەمەس . سىز ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايالنىڭ ئوغلىنى بۇلاپ كەلدىڭىز ؟ سىزگە تۇرمۇش لازىممۇ ئەمەسمۇ؟
- ھايات قالامدۇق ،قالمامدۇق ؟ بۇ ئىككىمىزنىڭ ھەمكارلىشىشىغا باغلىق . سەمىرە بىز بۇ كىچىك سولتەكنى قېشىمىزدا قالدۇرمايلى ، دەرھال قول سالايلى .
گەپ قىلىۋاتقان ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



