大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 84 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 84 - قىسىم aybarawazi
2024-04-12
3
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



بۇ ئەسەرنىڭ 85 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74


83
82
81
80



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


84 - قىسىم


رەنا بۇ تىلفۇننىڭ قۇرباننىڭ قىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلالاتتى

تىلفۇننى قۇربان قىلمىغانكەن ئۇ تىلفۇن نۇمۇرىغا قارىماي ئىلىپلا:

-قۇربان، مىنىڭ چۇشەندۇرشىمنى ئاڭلاڭ بولامدۇ؟

-سىز، نىمنى چۇشەندۇرسىز؟

- سىز، مىنىڭ كۆڭلۇمگە ئازار بەردىڭىز! نەچچە كۇن بولدى؟ مەن بىلەن ئالاقىلشىپ باقمىغىلى، يەنە تىخى تىلفۇنمۇ قىلىپ قويمىدىڭىز! بۇ مىنى ساقلىتىپ ئۆلسۇن دىگنىڭىزمۇ! -دىدى .

قادىر بۇرنىنى تارىتتى.

- سىز، زۇكامداپ قالدىڭىزمۇ؟- دىدى رەنا.

-گۇزەل ،خىنىم .ئاخىر ماڭا كۆڭۇل بۆلۇشنى ئۇگنىپسىز! مەن راستىلا ئاغرىپ قالدىم. زۇكامداپ قالدىم. ئۆلەي دەپ قالدىم ،-دىدى ئۇ چاقچاق قىلىپ.

- قادىر، مىنىڭ ھازىر سىزگە چاقچاق قىلغۇدەك ۋاقتىم يوق!-دىدى ھەمدە تىلفۇننى قۇيىۋەتتى. ھەمدە تورنى ئىچىپ تۇرشىغا شاڭخەيدىكى گوروھ تۇغۇرلۇق ئۇچۇر كۇرنۇپ تۇراتتى. شۇنىڭ ئۇ سەمەت دىرىكتۇر بىلەن پاراڭلىشىشنى ئويلىدى. ئۇ تىلفۇننى قايتا- قايتا قىلىدى. لىكىن، سەمەت دىرىكتۇر تىلفۇننى پەقەتلا ئالمىدى . بىرئازدىن كىيىن ئۇنىڭ كاتىپىغا تىلفۇن قىلدى.

-سوفىيە، خىنىم. سەمەت دىرىكتۇرغا باشقا دىرىكتۇرلار ھۇجۇم قىلدى . دىيىشچە، سەمەت دىرىكتۇر بىر كونا ئاشىقىنى دەپ گورۇھ بىلەن كارى بولماپتۇ! دىرىكتۇر ئالماشتۇرىمىز دەپ غولغۇلا قىلۋاتىدۇ!

- بۇ ،نىمش بولغىنى؟ سەمەت، ئۇ گوروھ ئۇچۇن قانچىلىق جاپا چەكتى .بۇنى ھەمىسى بىلىدۇ

- دىدى سوفىيە خىنىم. –بۇنىڭ، ئاساسلىق سەۋەبى ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى. ئۇنى قوللىمايدىكەن. ئۇلار، سىزنى سۇرىيەگە ئۆزى قارىماي ھەممە ئىشنى دىرىكتۇرغا ئارتىپ قويدى،- دىدى.

-سەمەت دىرىكتۇرنىڭ، ئاپىسىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى بىلەمسىز؟-دىدى رەنا .

كاتىپ سەل ئىكىلنىپ قالغان ئىدى.ھەمدە يەنىلا نۇمۇرىنى رەناغا ئىيتىپ بەردى. رەنا تىلفۇننى قۇيىۋەتكەندىن كىيىن سەل ئويلىنىۋىلىپ تىلفۇن ئۇردى.تىلفۇننى ئۇلارنىڭ خىزمەتكارى ئالغان ئىدى. خىزمەتكار تىزلىكتە تىلفۇننى خۇجايىنىغا بەردى .

-سوفىيە خىنىم.مەن سەمەتنىڭ ئاپىسى،-دىدى.ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى كەسكىن چىقۋاتاتتى.

-مەن، سەمەت دىرىكتۇرنىڭ ئىشىنى دەپ تىلفۇن قىلغان ئىدىم،-دىدى رەنا خىجىل بولغان ھالدا.

-بۇنى، مەن بىلىمەن. سوفىيە خىنىم.ئوغلۇم سىزنى دەپ توي قىلغىلى ئۇنمىدى.ئۇ، بۇيىل 30 ياشقا كىرەي دىدى. سىز سەۋەپلىك. ئۇ، مىنىڭ نەۋرە كۇرىشىمنى تۇساۋاتىدۇ.سىز بۇ گەپلىرىمنى چۇشنىۋاتامسىز؟

-كەچۇرۇڭ- دىدى رەنا خىجىل بولغىنچە.

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-ماڭا كەچورۇڭ دىيىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.بەش يىل بۇرۇن ئۇ سىزنى ئىلىپ كەلگەن ئىدى.ئۇچاغدا ،سىز يارلانغان.ئۇنىڭ ئۇستىگە قورسقىڭىزدا باشقىلارنىڭ بالىسى بار ئىدى .بىزنىڭ ئائىلىمىز ، سىلەرنىڭ بىللە بولىشىڭلارغا ھەرگىز قۇشۇلمايدۇ.ئىنق قىلىپ ئىيىتقاندا، بىزنىڭ جەمەتنىڭ بەكلا يۇزى بار.بىزنىڭ ئائىلنىڭ كىلىنى چۇقۇم يۇزى ئىچىلمىغان قىز بۇلىشى كىرەك. ئۇ قانداقمۇ سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالغاندۇ دەيمەن؟- دىدى سەمەتنىڭ ئاپىسى.

رەنا، بولسا گەپ قىلماي جىم تۇراتتى.لىكىن، سەمەتنىڭ ئاپىسى تۇختىماستىنلا:

-ئۇغلۇمنىڭ، كۆزى كور بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟بەش يىلنىڭ ياقى ئۇنىڭ سىز ئۇچۇن قىلمىغىنى قالمىدى. نۇرغۇن ئىسىل ئەلچىلەرنىمۇ رەت قىلۋەتتى..

-مەن سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىزنى چۇشنىمەن،سىز ھازىر ،بۇرۇنقى رەنا ئەمەس.خىلىلا ئۆزگەردىڭىز ھەمدە بالىڭىزدىنمۇ ئىككسى بار.سەمەتمۇ كىچىك ئەمەس.مەن شۇنى سوراپ باقاي.ئەگەر، ئوغلۇم سىز بىلەن توي قىلمەن دىسە قۇشۇلامسىز؟- دىدى.

رەنا ھاڭ تاڭ قالدى.

-مەن…مەن……

-ھازىرچە ئالدىرماي جاۋاب بىرىڭ!سىزمۇ قىزىڭىز ئۇچۇن مۇشتاق قىلۋاتسىز.ھەم ئۇنىڭ ئۇچۇن ھەر قانداق ئىش قىلىشتىن يانمايسىز. بىراق، رەنا سىز قۇشۇلسىڭىزمۇ باشقا ئەرلەر بىلەن ئالاقىنى ئۈزشىڭىز كىرەك.سىز بۇرۇن كىم بىلەن قانداق ئۇنىڭ بىلەن مىنىڭ كارىم يوق.لىكىن ،ماڭا نەۋرە لازىم.ئۇنى بىقىپ چوڭ قىلسامكەن دەيمەن ،سىز بۇتەرىپىنى ئويلىشىڭىز كىرەك. بىزنىڭ ئائىلىمۇ، سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك تۇرمۇش بىرەلەيدۇ.بىزنىڭ ئائىلە ،قىزىڭىز ئۇچۇن ھەمىنى قىلشقا رازى.لىكىن ،بىز رازى بولغىدەك جاۋابنى بىرشىڭىز كىرەك.سىزنىڭ بۇ قىتىم قايتىپ كىتىشىڭىزدە بىرەر شەخسىي ئىش ئۇچۇن ماڭمىغانسىز؟-دىدى.

رەنا، چۇڭقۇر نەپەس ئىلۋەتكەندىن كىيىن؛

-كەچۇرۇڭ. سەمەت ماڭا راستىنلا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. مەن بۇ ئۆمۈرىمدە قايتۇرۇپ بولالمايمەن. لىكىن ،مەن ئۇنى ئۆز ئاكامدەك كۆرۈپ كىلىمەن.سەمەت دىرىكتۇر ،ئىنتايىن مۇكەممەل ئادەم.ئۇ مەن تەرەپتە تۇرسا چۇقۇم زىيان تارتىدۇ. مەن ئۇنىڭغا ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمەيمەن.بۇنداق بولسا مەن ئۇنىڭغا نۇرغۇن توسالغۇلارنى ئىلىپ كىلىشىم مومكىن. ئۇ ئۆزىدەك ئىسىل ئادەم بىلەن توي قىلسا زايە كەتمەيدۇ،-دىدى رەنا.

ئۇ پۇتۇن مۇھەببىتىنى قۇربانغا بىرىۋەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ مۇھەببىتىدە ئازراقمۇ بوشلۇق يوق ئىدى.سەمەتنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ گىپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن:

-سىز، بۇ پۇرسەتتىن ۋاز كەچتىڭىزمۇ؟ لىكىن ،مەن سىزگە رەخمەت ئىيتىمەن.سىز ،ماڭا ئەڭ توغرا بولغان جاۋاپتىن بىرنى بەردىڭىز.ھەمدە ئوغلۇمنى قۇيۇپ بەرگىنىڭىزگىمۇ رەخمەت.سىز ،ھازىردىن باشلاپ ئاۋالقىدەكلا بىزنىڭ شىركەتنىڭ لاھىيلىگۇچىسى. قىزىڭىزنىڭ ئىشىنى مەن قوللايمەن.ھازىردىن باشلاپ سىز ئوغلۇم بىلەن كۆرۇشمەڭ.پەقەت سىز ۋاز كەچسىڭىزلا مەن سىزگە كۆپ رەخمەت ئىيتاتتىم؟-دىدى.

رەنا يىفىلىۋىتەي دەپ قالغان ئىدى.

-كەچۇرۇڭ، راستىنلا كەچۇرۇڭ.

-ئۆزىڭىز تاللىغان يولدا ياخشى مىڭىڭ.ھەرگىز، پۇشايمان قىلدىغان ئىشنى قىلماڭ! لىكىن، بىز سەۋەبلىك قۇربان ئائىلىسدە بىرەر توقۇنۇش يۇز بىرىپ قالسا چاتاق بولىدۇ. بۇ تەرەپنى چۇشنىشىڭىز كىرەك.

رەنا سەل ئويلىنۋالغاندىن كىيىن

-سىزدىن ئۆتۇنۇپ قالاي. سەمەت دىرىكتۇر،قۇربان بىلەن ئۆچەكەشمىسۇن! -دىدى.

-سىزنىڭچە، ئۇ مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلارمۇ؟ئەگەر، ئۇ گىپىمنى ئاڭلىغان بولسا ،ھازىرقىدەك قالايمىقانچىلىق چىقمىغان بولاتتى.سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا بەخىت تىلەڭ! -دەپلا تىلفۇننى قويىۋەتتى. سەمەتنىڭ ئاپىسىنىڭمۇ ھەم رەنانىڭمۇ يۇرىكى ئاغرىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ قۇربانغا تىلفۇن قىلدى.لىكىن ،تىلفۇن ئۇلانمىغان ئىدى.ئۇ ھەممە ئىشنى قۇربانغا ئىيتىشنى ئويلىغان ئىدى .شۇنىڭ بىلەن چىقىپ پەسكە چۇشەي دىيشىگە روزى رەنانى كۆرۇپ:

-خىنىم، چاتاق بولدى. فۇرقەتنىڭ قىزىتمىسى چۇشمەيۋاتىدۇ. ھازىر ئۇ ياندۇرۋاتىدۇ،-دىدى.

- نىمە؟-دىدى رەنا جىدەيلىشىپ.

- دەرھال ،ماشىنا ئۇرۇنلاشتۇرۇڭ .دوختۇرخانغا بارمىز!

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تىزلىكتە قادىرنىڭ ھەربىي دوختۇرخانىسى تەرەپكە قاراپ كەتتى.ھەمدە كىلىپلا:

-تىشلىقمۇ ، بۇ زادى نىمىش؟-دىدى رەنا قادىرنىڭ ئاكسىغا:

ئاپىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئەرفات چىقىپلا ئۇنى قۇچاقلىدى.

-ئاپا ،فۇرقەت. سىڭلىم سۇرىيەدەك بۇلۇپ قالماس ھە؟

-ئۇنداق بولمايدۇ .قالايمىقان گەپ قىلما!-دىدى رەنا ئۇنى توسۇپ.

-ئاپا ،قۇربان دىرىكتۇر.ئۇ نىمىشقا كەلمەيدۇ.ئوغلى مۇشتاق ئىغىر ئاغىرىپ قالغان تۇرسا؟

رەنا، ئادەم بار يەردە ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئەرفات بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ؛

-ئاپا، ئۇ سىزنى يەنە بوزەك قىلمىغاندۇ؟ ئۇ نىمىشقا كەلمەيدۇ؟ ئۇغلىدىن ئەنسىرمەمدىكىنە؟…

رەنا، ئوغلىغا قانداق چۇشەندۇرۇشنى بىلمەيۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا قۇربانمۇ يىتىپ كەلگەن ئىدى.

-فۇرقەت ، قانداقراق؟-دىدى.

رەنا قۇرباننى كۆرۇپ كۆڭلى سەل خاتىرجەم بولغان ئىدى.قۇربان رەنانىڭ توشەي بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرۇپ ئۇنىڭ قولىدىن تارىتتى -دە ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ پۇتىنى يۇتىسغا ئىلىپ ئۇۋلاشقا باشلىدى. ھەمدە روزىغا:

-دەرھال ئاياغدىن بىرنى ئىلىپ كەلگىن !-دىدى.

رەنا «كارىڭىز بولمىسۇن» دەپ ئۇنى سىلكشلىدى، ھەمدە پۇتىنى يۇتىسدىن قايتۇرۇپ ئىلىۋالدى .لىكىن ، قۇربان پەسكە يىقىلىپ چۇشكەن ئىدى.

ئەتراپتىكىلەر ھەيران قالدى . رەنا قەستەن قىلمىغان ئىدى. رەنا ئۇنى يۆلەي دەپ تۇرشىغا ئەرفات؛

-دىرىكتۇر، سىز ئەجەب چىرايلىق يىقىلدڭىز؟- دىدى ھەمدە يۇقىرى ئاۋازدا كۇلۋەتتى.

- بەك چىرايلىقمىكەن؟- دەپ ھەمدە ئەرفاتقا قاردى.

ئەرفات قورققىندىن ئاپسىنىڭ كەينىگە يۇشۇرنىۋالدى. ھەمدە:

- كىم ،سىنى ئاپامنى بوزەك قىلسۇن دەپتۇ. خوپ بولدى،-دىدى.

-ئەرفات، تاياق يىگىڭ كەپ قالدىمۇ؟ دىدى- دە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

روزى ئاياغ ئىلىش ئۇچۇن سىرتىقا چىقىپ كەتتى .قادىرنىڭ ئاكىسى بۇ مەنزىرنى كۆرۇپ ئۇلارغا ھەۋسى كەلدى .

قۇربان ئۇنىڭ كۇلگىننى كۆرۇپ:

- نىمە، بىكاردىنىلا يىقىلدىم ھە؟- دىدى قادىرنىڭ ئاكسىغا قاراپ

-ھە، شۇ،- دىدى چاقچاق قىلىپ .

- ئەمسە، ئىشڭلا تۇگگەن بولسا ھەمىڭلار كىتىڭلار !-دىدى قۇربان.

ئۇ ئىنتايىن قوپاللىق بىلەن گەپ قىلۋاتاتتى. قادىنىڭ ئاكىسى ،رەنا بىلەن قۇربان ئوتتۇرىسىدا بىر ئىش بارلىقىنى ھىس قىلدى.


داۋامى بار …



 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k