大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 100 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 100 - قىسىم aybarawazi
2024-04-28
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 101 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86
97
96
95
94
93
92




99
98



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


100 - قىسىم


قۇربان بولسا بىنا ئاستىدا ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى . ئۇ سەمەت دېرىكتورنى كۆرۈپ:

- سەمەت سىزنى ئاۋارە قىلدىم .

- قۇربان دىرېكتور ، سىز نېمىگە كەلدىڭىز ؟ -دىدى سەمەت كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردى . قۇربان بولسا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ:

- ئاڭلىسام بىر نەچچە كۈندىن بېرى شىركەتكە بارماپسىز؟ ھېچكىمنىمۇ ئىزدىمەپسىز ؟باشقىلارمۇ سىزنى ئىزدەپ تاپالماپتۇ ؟ئاڭلىسام يېڭىدىن بىر قورۇ سېتىۋاپسىز بېرىپ كۆرۈپ كېلەي دېدىم،-دىدى .

- دېرىكتور، سىزنىڭ مېنى ئىزدەيدىغان بىرەر ئىشىڭىز بارمۇ؟- دېدى سەمەت .

-ھېچ ئىش يوق، شۇ سۈرىيەنىڭ ئىشى . مەن ئەتە ئوپېراتسىيە قىلنىمەن .ئەگەر ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولماي قالسا ، قىزىمنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ قويۇڭ. نېمىلا بولمىسۇن ئۇنى سىز بىقىپ چوڭ قىلدىڭىز . ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن!-دېدى قۇربان .

سەمەت ئۇنىڭ تەلىپىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن:

ۋاي، مەن تەبىئىيلا ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن. بەش يىلنىڭ ياقى ، مەن ئۇنى يات ئادەم ھىساپلىمىدىم ،-دېدى سەمەت .

- رەھمەت سىزگە دېرىكتور،-دىدى قۇربان…

-ھېچقىسى يوق . مەن رەنا ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلىمەن،-دېدى سەمەت .

- دىرېكتور، شاڭخەي دېگەن سىزنىڭ يۇرتىڭىز . ئاڭلىسام رەنانى جەنۇبىي ئافرىقىغا سېتىۋېتىپتۇ سىز بۇ ئىشتىن خەۋىرىڭىز بارمۇ يوق ؟- دېدى قۇربان .

- سىز نېمە دەۋاتىسىز ؟ قەيەردىن بۇنداق خەۋەر ئاڭلىدىڭىز ؟ - دېدى سەمەت ھەيران قالغىنچە .

-ھېلىقى قارا بازارنىڭ ئىچىدە بىر توپ ئادەملەر ئارسىدىكى بىرى. لېكىن ،ماڭا بۇ گەپنى دېگەن ئادەم ھازىر يوقاپ كەتتى. مەن ئاقىۋىتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمىدىم . ئۇ ئادەمنى يوقىتىپ قويدۇم ،-دىدى قۇربان.

-مەن ئادەم ئىۋەتىپ تەكشۇرۇپ باقاي .ئەگەر خەۋەر بولسا مەن سىزگە خەۋەر قىلمەن،- دىدى سەمەت دىرىكتۇر.

- رەخمەت،-دىدى قۇربان.

قۇربان ئەسلى كېتەي دەپ ئويلىغانىدى .لېكىن ئۇ توساتتىن سەمەتكە تىكىلىپ قاراپ:

- دېرىكتور، سىزنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز بارمۇ ؟- دەپ سوردى.

ئاۋازلىقى تۇلۇق ئاۋازلىقنى ئاڭلاڭ

قۇربان ھاجەتخانغا كىرىپ كىتىشىگە سەمەتنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.ئۇ قۇرباننىڭ بالدۇراق كىتىشىنى بەكمۇ ئۇمۇت قىلاتتى.قۇربان ھاجەتخانغا كىرگەندىن كىيىن يالغاندىن جۇمەكنى ئىچىپ قۇيدىدە ھىچ ئىش بولمىغاندەك تازلىق ئۆيدىن يىنىپ چىقتى. سەمەت بولسا ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تازلىق ئۆي تەرەپكە قاراپ تۇراتتى. قۇربان چىقىپلا ئۇنىڭغا قاراپ قويدى. بىشىنى لىڭشىتىپلا چىقىپ كەتتى. سەمەت قۇربان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سەل ئارام تېپىپ قالغانىدى .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

چۈنكى ،ئۇ ئەينى ۋاقىتتا رەنانى ئۆزىنىڭ يېنىدىن قۇرباننىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتكەن ئىدى .ئۇ تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ كېلىۋاتاتتى.

بۇ ۋاقىتتا،قۇربان ئۇدۇللا دوختۇرخانىغا باردى دە ھېلىقى يانچۇقىغا سېلىۋالغان چاچننىڭ DNAسىنى تەكشۈرتتى . تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاز بولغاندا ئۈچ كۈندە چىقاتتى . لېكىن قۇربان بۇنچە ئۇزۇن ساقلاپ بولالمايتتى . ئۇنىڭ كۆڭلىگە سەمەتنىڭ رەنانى يوشۇرۇپ قويغانلىقى ئايان ئىدى. بىرئاز ئۆتكەندىن كېيىن روزى يىتىپ كەلدى . ئۇ روزىنى كۆرۇپلا:

-مەن ،سەمەتتىن گۇمانلىنىۋاتىمەن . ئۇ رەنانى يوشۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى ،ھېلىقى كېچىلىكتە مەن ئۇنى ئۇچراتقان ئىدىم مېنىڭ گۇمانىم خاتا چىقمايدۇ دېدى قۇربان . روزى ئەقىللىق ئادەم ئىدى .ئۇ خوجايىننىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندى- دە ، گېپىنى ئاڭلاپ بولۇپلا ئىش بېجىرىش ئۈچۈن كېتىپ قالدى . قۇربان دوختۇرخانىغا قايتقان ۋاقىتتا، سۈرىيە بىلەن فۇرقەت ئويناۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ كەيپىياتى بەكلا ياخشى ئىدى .

-نېمە دەۋاتىسىلەر ؟ نېمانچە خۇشال سىلەر ؟ -دېدى قۇربان كىرىپلا .

سۈرىيە قۇرباننىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ بەكلا خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى . چۈنكى ،قىسقا مەزگىل ئىچىدىلا ئۇ قۇربانغا كۆڭۈل ئېچىكىشپ قالغانىدى . ھەمدە ئۇ دادىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئەركىلىگىنىچە:

- ئاپاق دادا،-دېدى نازۇك ئاۋازدا .

قۇربان بېرىپلا ئۇنىڭ پېشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ قويىدى ۋە ئۇنى قولتۇقلاپ ئېلىپ يوتىسىدا ئولتۇرغۇزدى .

-سىزدە، تىخىچە ئالما بار ئىكەنغۇ!

- فۇرقەت ئاكام ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. دوختۇر يېسەڭ بولىدۇ ،-دېدى . لېكىن ،مەن ئۇنى ئوغرىلىقچە يېمىدىم ،-دېدى سۈرىيە .

بۇ ۋاقىتتا قۇربان فۇرقەتكە قاراپ:

فۇرقەت چوڭ بولۇپ قاپتۇ. سىڭلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۆگىنىپتۇ ؟- دېدى قۇربان .

- دادا فۇرقەت ئاكام ماڭا كېسىلىم ساقايغاندىن كېيىن مېنى ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىدىغان بولدى .

-راستمۇ ؟

- ئەلۋەتتە، راست .قەيەرگە بارغۇڭ بار؟

- مېنىڭ، ئەلۋەتتە بارغۇم بار .ئاكام، فۇرقەت ئاكام ، ئاپام بىز ھەممەيلەن بىللە بارساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى . مۇشۇنداق بولسا مەن بەكلا خوش بولاتتىم ،-دىدى سۇرىيە .

-ياق. سىز ئاكتىپ ھالدا دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا بويسۇنۇڭ! ئۇزۇن ئۆتمەيلا ساقايغاندىن كېيىن مەن سىزنى ئېلىپ ئوينىتىپ كىرەي .

- راستمۇ ، دادا ؟

-ئەلۋەتتە، راست قىزىم،- دېدى قۇربان ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ .

سۈرىيە بەكلا خوش بولۇپ كەتتى


داۋامى بار …



 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k