
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 102 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ

ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
101 - قىسىم
. بىرئاز ئۆتكەندىن كىيىن قۇربان غەمگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى . سۈرىيە ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ:
-دادا ، سىزنىڭ بىرەر كۆڭۈل ئاغىرىقىڭىز بارمۇ قانداق ؟
- لېكىن ،مىنىڭ كۆڭلۈم بەك بىئارام بولۇپ كەتتى .تۈنۈگۈن ئاپامغا تېلېفون قىلغان ئىدىم. تېلېفونى ئېتىككەن . ئاكاممۇ ئالمىدى .دادا ،سىز ئېيتىڭە ، ئۇلارغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ نېمە ئۈچۈن مېنىڭ تېلېفونۇمنى ئالمايدۇ؟ مەن ئوپېراتسىيە قىلىنش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن . مەن قورقىمەن، بۇنداق ۋاقىتتا ،ئاپام بىلەن ئاكام ھەمراھ بولغان بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى ،-دىدى،سۇرىيە بىچارىلەرچە .
قىزىنىڭ گەپلىرى قۇرباننىڭ يۈرىكىگە پىچاق سانجىغاندەك تەگكەن ئىدى . چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا بەزى ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتىش تازا ياخشى ئەمەس ئىدى . فۇرقەت توساتتىن:
- دادا ، مەن سىرتقا چىقىپ بىر نەرسە ئېلىپ كىرەي . دېگىنچە سىرتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى .
قۇربان ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى يوشۇرغىنىچە:
-ئاكىڭىز ئاغرىپ قالدى. ئۇ ئايرىم داۋالىنىشقا مۇھتاج . ئۇ قېشىدا تېلېفون ئېلىپ يۈرسە بولمايدۇ. دوختۇرلارمۇ يول قويمايدۇ. كېسىلىڭىز ساقايغاندا مەن سىزنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئاپىراي بولامدۇ ؟
- ئەلۋەتتە، راست .مەن سىزنى ئالدىمايمەن ،-دېدى قۇربان .
سۈرىيە قۇرباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ سەل خاتىرجەم بولغان ئىدى ھەمدە ئۇنىڭغا قاراپ ئوماققىنە كۈلۈپ قويدى .
-دادا ، سىزگە دېسەم مەن بىلەن ئاكامنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر خىل تۇيغۇ بار .مەيلى ئىككەيلەننىڭ ئارىلىقى قانچىلىك يىراق بولۇپ كەتسۇن .مەن ئاكامغا نېمە ئىش بولدى .مەن ھېس قىلالايمەن،- دېدى سۈرىيە .
-قالايمىقان ئويلىماڭ. ئەرفاتقا ھىچ ئىش بولمايدۇ ،-. دېدى قۇربان قىزىنى بەزلەپ تۇرۇپ . ئاكىڭىز ساقايغاندا سىزنى كۆرگىلى كېلىدۇ ، سىزگە ئېسىل سوۋغاتلارنى ئىلىپ كېلىدۇ . سىز بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ بولامدۇ ؟- دىدى قۇربان .
- ھېچقىسى يوق ، دادا. ئاكام سوۋغات ئېلىپ بەرمسمۇ ؟ مەن ياخشى كۆرىۋېرىمەن .لېكىن ئالدىنقى مەزگىلدە ئاكامنىڭ ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس . بىراق ئۇ ۋاقىتلاردا مېنىڭ كۆڭلۈم بەكلا ياخشى ئەمەس ئىدى . مېنىڭ ئوپېراتسىيەم ياخشى بولسا ئاكامغىمۇ بىر ئىش بولمايدۇ. بىز بىللە چىقىپ ئوينىيالايمىز ،-دېدى سۈرىيە .
بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئەسنەپ ئۇخلاپ قالاي دەپ قالغان ئىدى.
- دادا، ماڭا ھېكايە ئېيتىپ بېرىڭ بولامدۇ ؟ئاپام بولغان بولسا ، ماڭا نۇرغۇنلىغان ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى .
-بولىدۇ .مەن سىزگە مەلىكە بىلەن بەگزادىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەي دېگىنىچە ھېكايىسىنى باشلىۋەتتى . سۈرىيەمۇ ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاچ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى . ئۇ سۈرىيەنىڭ يۈزلىرىنى سىلىغاچ بەش يىل ئاۋالقى ئىشلارنى بىرمۇبىر ئەسلەپ چىقتى .
سۈرىيە ئۇيقۇغا كەتكەندىن كېيىن قۇربان ئاستاغىنە يوتقاننى ئۇنىڭغا يېپىپ قويدى دە كېسەلخانا ئۆيدىن ئايرىلدى . فۇرقەت بولسا دېرىزىدىن ئۇلارغا ئوغرىلىقچە قاراپ كۆز يېشى قىلغان ئىدى . قۇربان بۇنى كۆرۈپ:
- ئەرفاتنى سېغىنغان ئوخشىمامسەن؟- دېدى ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ .
-دادا ،ئاكام قايتىپ كېلەرمۇ ؟ ئۇ قەيەرگە كەتكەندۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ ئازراق خەۋىرىنى بىز بىلەلمەيمىز. بىزنىڭ شۇنچە چوڭ ئىگىلىكىمىز بار تۇرسا .نېمىشقا ئۇنىڭ نەدىلىكىنى تاپالمايمىز ؟ مەن قورقىۋاتىمەن ئۇنى يوقىتىپ قويۇشتىن قورقىمەن دادا ،- دېدى فۇرقەت يىغلاپ تۇرۇپ .
- كۆپ ئويلىمىغىن . ئەرفاتقا ھىچ ئىش بولمايدۇ .ئۇ ھامان بىر كۈنى قايتىپ كىلىدۇ،-دىدى قۇربان.
- بىراق ، ئاكام بالدۇرراق قايتىپ كەلسە بولاتتى . سۈرىيەنى ئوپېراتسىيە قىلىشقمۇ ئاز قالدى،-دېدى فۇرقەت .
دېمىسىمۇ ئەرفات يوقاپ كەتكەندىن باشلاپ فۇرقەت بۆلەكچە بىر ھالەتنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى . ئۇ ئەرفاتنى بەكمۇ سېغىنغانىدى.
- سۈرىيەنىڭ كېسىلى ساقايغاندىن كېيىن بىز بىرلىكتە ئەرفاتنى ئىزدەيلى . يىغلىمىغىن! ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاكاڭ چۇقۇم قايتىپ كىلىدۇ،-دىدى قۇربان. فۇرقەتنى بەزلەپ تۇرۇپ .
فۇرقەت ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى- دە يىغلاپ –يىغلاپ ئۇخلاپ قالدى . قۇربان ئۇنى قۇچاقلاپ ئەكىرىپ ، سۈرىيە بىلەن بىللە ياتقۇزۇپ يوتقاننى يېپىپ قويدى. بۇ ۋاقىتتا دوختۇر يېتىپ كەلدى.
-قۇربان دېرىكتور ،سىزگە دەيدىغان بىر ئىش بار .
- سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟ -دېدى قۇربان . دوختۇر بېشىنى لىڭشىتتى . قۇربان ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ئۇ ئىككىسىگە قاراشقا تاپىلىغاندىن كېيىن دوختۇر بىلەن چىقىپ كەتتى. دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن بىر ماتېرىيالنى قۇربانغا بەردى .
- بۇ، ئاۋالقى بىر نەچچە كۈن ئالدىدا مەن تاپشۇرۇپ ئالغان ھەقسىز بۆرەك تەقدىم قىلىدىغان ئىلتىماسنامە . قارشى تەرەپ بولسا ئۆزى خالاپ بۆرىكىنى ھەقسىز تەقدىم قىلىدىكەن . ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ سىزنىڭ بۆرىكىڭىزنى تەقدىم قىلماسلىقىنى بەكمۇ تاپلىدى . لېكىن ،بىز تەكشۈرۈپ كۆردۇق ئۇنىڭ بۆرىكى ماس كەلمەيدىكەن،- دېدى دوختۇر .
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇربان ھەيران قالدى . -قارشى تەرەپ كىمۇ؟
دوختۇر بېشىمنى لىڭشىتقىنىچە:
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
- قارشى تەرەپنىڭ كىملىكى ئىنتايىن سىرلىق .لېكىن ، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى سەل مۇرەككەپتەك قىلىدۇ سىرلىق ھەم ياكى دوستىڭىز بولۇشى مۇمكىن ،- دېدى دوختۇر . بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىرىنچى بولۇپ خوجىدار ئايالنى ئويلىدى . لېكىن، غوجىدار ئايالنىڭ بۇنداق قىلمايدىغانلىقىى قۇربانغا ئايان ئىدى . ئۇ ئاخىر بۇ ھەقسىز تەقدىم قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ئۆز ئاپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى . قۇربان ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالغانىدى .
-مەن چۈشەندىم ، دوختۇر . مەن چىقىپ تېلېفون ئۇرۇۋالاي.
دوختۇر بېشىنى لىڭىشىتتى ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي ، چىقىپلا ئاپىسىغا تېلېفون قىلدى . ئاپىسى تېلېفوننى ئالدى .
- ياخشىمۇ ، ئاپا !-دېدى قۇربان .
بۈگۈن ئۇنىڭ كەيپىياتى پەقەت ياخشى ئەمەس ئىدى . ئۇ زورىغا كەيپىياتىنى تۇتۇۋالدى، ھەمدە چىديىالماي يىغلىۋەتتى. ئاپىسى بىرنى تىنۋەتكەندىن كېيىن:
- نەچچە ياشقا كىردىڭىز ؟بىر بالىنىڭ دادىسى بولۇپ تۇرۇپمۇ يەنە يىغلامسىز ؟- دېدى ئاپىسى .
- رەھمەت ئاپا ،-دىدى قۇربان.
- سىز نېمىشقا ماڭا رەھمەت ئېيتىسىز ؟ مەن ئاللىقاچان قېرىپ قالدىم. بۇ ئىشنى قىلساممۇ بولاۋېرىدۇ . سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ. بەزى گەپلەرنى دېمىسەممۇ سەن چۈشىنىسەن.
-مەن بۇ ھاياتىمدا سەن بىلەن ئىنىڭگە بەكلا قەرزدار. ئەينى ۋاقىتتا مەن بولمىغان بولسام ، بەلكىم ئىنىڭ ھازىرغىچە ھايات تۇرمۇش كەچۇرەر بولغىيدى. باشتا مەن رەنا بىلەن ئىككىڭلارنىڭ تويغا قارشى تۇردۇم .رەنا سېنى ياخشى كۆرسىمۇ، لېكىن سەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتىڭ ، لىكىن سەن مەجبۇرى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىڭ . كېيىن ۋاقىت ئۆتۈپ ئوت ئاپىتى يۈز بەردى .پۈتۈن ئىشلار قالايمىقان بولۇپ كەتتى . كىچىكىڭدىنلا مەن سېنى خوجىلار ئايالنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرغان ئىدىم . ئۇ ھەرگىزمۇ ساڭا يامان بولسۇن دېمەيدۇ .، شۇڭلاشقا مەن بەزى ۋاقىتلاردا غوجىدار ئايالغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىمەن ھەمدە گېپىنى ئاڭلايمەن . لېكىن، گەرچە مەن سېنى 9ئاي ، 9كۈن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان بولساممۇ، ساڭا بىر ئانىلىق مېھرىمنى كۆڭلۈمنى بېرەلمىدىم . مېنى كەچۈرگىن ؟-دىدى ئاپىسى.
- ئاپا، ئۇنداق دېمەڭ بولامدۇ ! مەن سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن ،-دىدى قۇربان.
-سېنىڭ زىممەڭدىكى يۈكۇڭ بەكلا ئېغىر . سەن رەنانى ئىزدەپ تاپمىساڭ بولمايدۇ ئەرفاتنى تاپمىساڭ بولمايدۇ . مەن ھاياتىمنى ياشايدىغاننى ياشاپ بولدۇم .مەن نەۋرەم ئۈچۈن بىرەر تال بۆرىكىمنى تەقدىم قىلساممۇ مەيلى . بۇ قېتىم ماڭا يول قويغىن؟ مەندىن تالاشمىغىن . بۇ ئاز بولسىمۇ نەۋرەمگە قىلغان ئازراق كۆڭلۈم .- دېدى ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ . قۇربان ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بوش ئاۋازدا:
- ئاپا ،مىنڭ بۇنى تالاشقىنىم ئەمەس . ھازىر، پەقەت مېنىڭلا ئۇنىڭغا ماس كېلىدىكەن . سىزنىڭ ماس كەلمەيدىكەن شۇ . شۇڭلاشقا مەن بەرمىسەم بولمايدۇ ،- دېدى قۇربان .
- بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ مەن ئۇنىڭ ئۆز چوڭ ئاپىسى تۇرسام؟- دېدى ئاپىسى ئاۋازنى يۇقىرى قىلىپ.
- ئاپا دېمىسىمۇ، بارلىق تۇغقانلارنىڭ بىر-بىرىگە ماس كېلىشى ناتايىنغۇ ؟
-بىراق ، مەن سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭغا چىداپ تۇرالمايمەن.
- ئاپا،. مەنمۇ بىر دادا . مەنمۇ ھازىر سىزگە ئوخشاش بىر كەيپىياتتا،- دېدى قۇربان. ئاپىسى ئۈنلۈك ئاۋازدا يىغلىۋەتتى.
- نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ ؟ نېمىشقا مېنىڭ ماس كەلمەيدۇ زادى نېمىشقا ؟- دېدى ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ .
بۇ ۋاقىتتا ئىككى تەرەپنىڭ كەيپىياتى پەقەتلا ياخشى ئەمەس ئىدى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قۇربان ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن تېلېفوننى قويۇۋەتتى . ئۇ كەيپىياتنى يىغىشتۇرغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ