
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 59 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 56 |
55 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
57 - قىسىم
قۇربان كىچىك بالىدەك يىغلاشقا باشلىغانىدى .
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپمۇ ، رەنانىڭ كۆز ياشلىرى سىىرغىشقا باشلىغانىدى .
-قۇربان، دەرھال ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ ! سىز مۇشۇنداق يارىماسلىق قىلسىڭىز بولامدۇ ؟ مەن بىلىمەن .سىز ئويغاق ، چۇقۇم ئويغاق .شۇنداقمۇ ، دەرھال ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ .سىزنى تۇرۇڭ دەيمەن .
رەنا شۇنداق دېگىنىچە ، قۇرباننى سىلكىپ تۇراتتى . بىراق قۇربان ھوشسىز ھالەتتە ئىدى . قۇربان توختىماي رەنانىڭ ئىسمىنى چاقىراتتى . ھەمدە ئوغلىنىڭمۇ ئىسمىنى چاقىردى ،بۇنى ئاڭلاپ ، رەنا ئۆزىنى باسالماي قۇربانىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ يىغلاشقا باشلىدى .
- ئەگەر ،سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز راست بولسا ، مەن سىزگە بىر قېتىم پۇرسەت بېرەي . ئەگەر سىز مېنى يەنە ئالدايدىغان بولسىڭىز مەن سىزگە جېنىمنى تىكىمەن . سىز ئاڭلىدىڭىزمۇ ، ئەگەر ئاڭلىغان بولسىڭىز دەرھال ھوشىڭىزغا كېلىڭ . سىز ھوشىڭىزغا كېلىدىغان ئىش بولسا، مەن سىزگە بىر قېتىم پۇرسەت بېرەي ، قۇربان.
رەنا شۇنداق دېگىنىچە ، قۇربانغا قاراپ ۋارقىراۋاتاتتى .
- قۇربان، سىز ئويغىنىڭ،،، ئويغىنىڭ.سىزگە ئېيتىپ قوياي . سىزنىڭ بىر تاللا ئوغلىڭىز يوق . ئەگەر سىز ئۆلۈپ كەتسىڭىز بۇ ھاياتىڭىزدا يەنە بىر قىزىڭىزنىڭ بارلىقىنى كۆرەلمەي كېتىسىز .سىز بۇنى بىلىۋاتامسىز؟ قىزىڭىز ھازىر دوختۇرخانىدا ، ھاياتلىق ئۈچۈن جان تالىشىپ قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ كېلىۋاتىدۇ .ئۇنىڭ تېنى شۇنچىلىك ئاجىز . قۇربان سىز بۇنى چۈشىنەمسىز ؟
رەنا يىغلاپ تۇرۇپ ، مۇشۇلارنى قۇربانغا ئېيتىۋاتاتتى. بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇ قۇرباننىڭ قولىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى بىلدى.ھەمدى دەرھال :
- دوختۇر ، دوختۇر ، تېز كېلىڭ ! قۇرباننىڭ قولى مىدىرلىدى . ئۇ مىدىرلىدى ...
رەنا سىرىتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ ، دوختۇرنى چاقىرىشقا باشلىدى .قادىرنىڭ ئاكىسى رەنانى كۆرۈپ ھەيران قالدى . دوختۇر بىلەن سېستىرالار تېز سۈرەتتە قايتىپ كېلىپ قۇرباننى يەنە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىرىپ كەتتى . رەنامۇ بىللە كىرەي دەپ ئويلىغانىدى ، لېكىن ،دوختۇرلار ئۇنى كىرگۈزمىگەن ئىدى . ئۇنىڭ بەدىنىدە كۈچ مادار قالمىغان بولۇپ ، ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئئىشكىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى . بۇ ۋاقىتتا ياردەمچى روزى يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇ رەنانى كۆرۈپ ھەيران قالدى . ھەمدە رەناغا چاپاننى يېپىپ قويدى
-سوفىيە خېنىم .تېز ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ .قۇربان دېرىكتورغا، ھېچ ئىش بولمايدۇ .يەر سوغۇق ، ئاۋۋال ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ
ياردەمچى رۇزى .رەنانى يۆلىگەچ ئورۇندۇققا ئولتۇردى . بىراق، رەنا توختىماي كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى . شۇنىڭ بىلەن قادىرنىڭ ئاكىسى ئۇنىڭغا چىدىماي ، قول ياغلىقتىن بىرنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى ھەمدە كۆز -«يېشىڭىزنى سۈرتىۋېلىڭ ، ئەگەر ئۇ ئۆلۈپ كەتسە ، مەن ھاياتىمنى سىزگە تەقدىم ئېتىمەن» .
رەنا كۆز ياشلىرى تولغان كۆزلىرىنى ،قادىرنىڭ ئاكىسىغا چەكچەيتكىنچە قاراپ :
- سىزنىڭ ھاياتىڭىز مەن ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس. سىزگە ئېيتىپ قوياي دەرھال كۆزۈمدىن يوقىلىڭدېگىنىچە ، ئۇ تەڭلىگەن قول ياغلىقنى بىر يانغا تاشلىۋەتتى . رەنانىڭ بۇ ھالەتتىكى ئاچچىقىدا قادىرنىڭ ئاكىسىنى ئۆلتۇرىۋەتكۇسى كەپ كەتتى .
- سوفىيە خېنىم ،كەچۈرۈڭ .
قادىرنىڭ ئاكىسى رەسمى سەمىمىي ھالدا رەنادىن كەچۈرۈم سوراۋاتاتتى . لېكىن ،رەنا ئۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى . ئۇ تېزلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىدى .ھەمدى بېشى قىيىپ ئايلىنىپ چۈشتى.
-سوفىيە خىنىم…دىدى رۇزى بۇغۇق ئاۋازدا :
ئۇ دوختۇر چاقىراي دەپ تۇرشىغا ، قادىرنىڭ ئاكىسى تۇسۋالغانىدى .
-بولدى ، دوختۇرنى چاقىرماڭ! مەن ئۇنىڭ پەللىسىنى ئۇۋىلاپ قويسام ھۇشىغا كىلىدۇ. ئۇ جىدىيلىشىپ ئايلىنىپ قالدى .بىردەمدىن كىيىن ھۇشىغا كىلىدۇ،-دىدى .
رۇزىمۇ قارشى بىلدۇرمىدى . قادىرنىڭ ئاكىسى رەنانىڭ بۇرنىنىڭ ئاستىنقى قىسىمنى چىڭ بېسىپ ئۇلاشقا باشلىدى . ئەينى ۋاقىتتا قادىرنىڭ ئاكىسى ھەربىي قىسىمدىكى ۋاقىتتا، بۇنداق ئىشلارغا يولۇققان ۋاقىتتا ئوخشاش بۇ ئۇسۇلنى قىلىپ خېلى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنىدى . ئۇ شۇ ئىشلارنى قىلغاچ ، مېزىلىك پۇراق ئۇنىڭ دىمىقىغا ئورۇنلىشىشقا باشلىدى. قادىرنىڭ ئاكىسى بولسا ئاياللار بىلەن ئاز بېرىش ، كېلىش قېلىدىغان ئادەم بولۇپ ، ئۇ ئاياللارغا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيتتى . لېكىن ، رەنانىڭ بەدىنىدىكى خوش پۇراق ئۇنىڭ تامىقىغا ئۇرۇلغاندىن كېيىن ،باشقىچە بىر ھىسىياتتا بولدى .بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ،رەنا بىر يۆتىلىپلا ھوشىغا كەلدى . ئۇ كۆزىنى غۇۋا ئېچىشىغا ، ئۆزىنى قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ قۇچىقىدا ئىكەنلىكىنى كۆردى- دە ، تەستەك بىلەن بىرنى قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ يۈزىگە ئۇردى .
قادىرنىڭ ئاكىسى ناھايىتى ئابرويلۇق ئادەم .لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بىر ئايال تەرىپىدىن تاياق يىگەن ئىدى. ئۇ سەل ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ياردەمچى روزىغا قاراپ «مەن نېمە بولدۇم ؟ دەپ» سورىدى . ھەمدە ئۇ ئۆزىنىڭ قادىرنىڭ ئاكىسىنى ناھەق ئۇرغانلىقىنىمۇ ھېس قىلغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن رەنا ئۇنىڭغا سوغۇققىنە كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . تۇيۇقسىز جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ چىرىغى يېقىلدى . شۇنىڭ بىلەن قۇرباننى كېسەل كارىۋىتىدا ئىتتىرىپ چىقىۋاتاتتى. دوختۇرنىڭ چىرايى سەل ھارغىنلىق ھېس قىلغان بولۇپ ، بوش ئاۋازدا :
- قۇربان دېرىكتورنىڭ ،قىزىتمىسى ياندى .لېكىن، ھازىر تەكشۈرمىسەك بولمايدۇ . ئەگەر ئۇ ئەتە ئەتىگەندە ھوشىغا كېلەلىسە ھېچ ئىش بولمايدۇ . ئۇلار ،قۇرباننىڭ كېسەلخانا ئۆيىگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى . بۈگۈنمۇ يەنە ئوخشاشلا ، رەنا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى .تۈن كېچە سائەت تۆت بولغان ۋاقىتتا قۇربان ھوشىغا كەلدى . ئۇ كۆزنى ئېچىپلا ، رەنانىڭ قېشىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى .
-ھوشىڭىزغا كەلدىڭىزمۇ ؟
قۇربان خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلغان ئىدى .چۈنكى ،ئويغىنىپلا رەنانى كۆرگەنلىكىگە ئىشەنمەي قالغانىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەنانىڭ قولىنى سىلاي دەپ تۇرۇشىغا رەنا.
- مىدىرلىماڭ ، مەن چىقىپ دوختۇرنى چاقىراي ،-دېدى .
رەنا خۇشال بولغىنىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ دوختۇرنى چاقىردى .بۇ ۋاقىتتا قۇربان گەپ قىلاي دېگەن ئىدى . لېكىن ،ئۇنىڭ گېلى بەكلا قورۇپ كەتكەچكە گەپ قىلالمىدى
-دوختۇر ئۇ ھوشىغا كەلدى . سىز چىقىپ قاراپ باقسىڭىز بوپتىكەن !يەنە باشقا مەسىلىلەر بارمۇ يوق؟
دوختۇرمۇ ماقۇللۇقىنى بىلدۈرۈپ ئارتۇق گەپ قىلماي ، قۇرباننى تەكشۈرۈشكە باشلىدى . رەنا بىلەن دوختۇر كىرىشىگە قۇربان رەنانىڭ قولىنى يەنە بىر قىتىم تۇتۇۋالدى . رەنا ئەسلى ئۇنىڭغا چاي قۇيۇپ بېرەي دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن ،قۇربان ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇۋالغان ئىدى . دوختۇر بىر قۇر تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، بوش ئاۋازدا ؛
- قۇربان دېرىكتور، ئاللىقاچان خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن چۇقۇم ،ئەستايىدىل داۋالىنىشى كېرەك . ئۇنىڭ يارا ئېغىزى يۈرىكىگە يېقىن .كۆپ قانلار چىقىپ كەتكەن .شۇڭا، ياخشى ئارام ئېلىش كېرەك .
-رەھمەت ، دوختۇر ،- دېدى رەنا .
دوختۇر قۇرباننىڭ رەنانىڭ قولىنى تۇتۇۋالغانلىقىنى تىخىچە، قويۇپ بەرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ كۈلۈپ قويۇپ ، ئەمىسە سىلەر ياخشى پاراڭلىشىڭلار ...
- مەن چىقىپ كەتتىم.دىگىنچە چىقىپ كەتتى .
- قولۇمنى قويۇۋېتىڭ! دېگىنىچە قۇربانغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .قۇربانمۇ گەپ قىلماي ، ئۇنىڭ قولىنى تېخىمۇ مەھكەم تۇتتى .
-سىز ،قولۇمنى قويۇپ بەرمىسىڭىز ، مەن سىزگە قانداق چاي قۇيۇپ بېرىمەن ؟ ئۇسسىمىدىڭىزمۇ مەن بىلەن پاراڭلاشقۇڭىز يوقمۇ ؟
رەنانىڭ گەپ قىلغاندىك بۇنداق ھالىتىنىى قۇربان كۆرمىگىلى بەش يىلدىن ئاشقانىدى . ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئىلگىرىكى خوتۇنغا ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ قالغانىدى.
- سىز يەنە قىزىپ قالمىغانسىز دېگىنىچە يەنە بىر قولىدا قۇرباننىڭ پېشانىسىنى تۇتتى .ھەمدە ئۇنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، خاتىرجەم بولدى . لېكىن ،قۇربان ئۇنىڭ قولىنى قويۇپ بەرمىگەن ئىدى
.شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇرباننىڭ قولىنى سىيلىغاچ :
- سىز ئاۋۋال قولۇمنى قويۇپ بېرىڭ بولامدۇ ؟سىز بۇنداق قىلسىڭىز مەن بەك ھارغىنلىق ھېس قىلىدىكەنمەن .مەن ئىككى كىچە كۇندۇز سىزنى ساقلاپ كۆز يۇمۇپ باقمىدىم . مېنى يەنە قاچانغىچە چىدىسۇن دەيسىز ؟ - دېدى رەنا .
قۇربان ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،رەنانىڭ قولىنى قويۇۋەتتى .
-مەن ،سىزگە چاي قۇيۇپ بېرەي .نېمە يېگۈڭىز بار ؟ مەن قايتىپ بېرىپ سىزگە ئېتىپ بېرەي .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە، بىر ئىستاكان چاينى قۇيۇپ قۇربانغا تەڭلىدى . قۇربان ئۆزى تۇرۇپ ئىچەي دەپ مىدىرلىۋىدى ، پۈتكۈل بەدىنى ئاغرىپ كەتتتى .بۇنى كۆرۇپ رەنا دەرھال :
- مىدىرلىماڭ .…!
رەنا شۇنداق دېگىنىچە ، قۇرباننى يۆلەپ چاينى بىر يۇتۇم بىر يۇتۇمدىن ئىچكۇزىشكە باشلىدى . قۇربان بۇ ۋاقىتتا خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلغان ئىدى . ھەمدە ئۇ رەناغا قاراپ ، بوش ئاۋازدا :
- ئەمىسە، سىز قايتىپ كېتىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ .
-ماقۇل ، نېمە تاماق يېگۈڭىز بار ؟ مەن سىزگە ئېتىپ ئەۋەتىپ بېرەي. ئەتىگەنلىك تامىقىڭىزغا ئۈلگۈرەلمەسلىكىم مۇمكىن . چۈشلۈك تامىقىڭىزنى ئۇلگۇرتۇپ ئىتىپ بىرەي ،-دىدى .
-نىمە ئىتىپ بەرسىڭىز ، مەن يەۋىرمەن،-دىدى قۇربان.
-بەك ياخشى ، بوپتۇ دىرىكتۇر.ئاخىر ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىز،- دىدى ياردەمچى روزى .
-سەن ،رەنانى ئۆيگە ئاپرىپ قوي . ئارام ئىلۋالسۇن-دىدى .
رەنامۇ قارشىلىق بىلدۇرمەي ماقۇل،- دىدى . قۇربان رەنا غا كۆزى قىيمىغىنچە ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى .سىرىتتا قادىرنىڭ ئاكىسىمۇ ئۇلارنى ساقلاۋاتقان ئىدى. ئۇ رەنا نىڭ چىققانلىقىنى كۆرۇپ رەنادىن قۇرباننىڭ ئەھۋالىنى سوردى .رەنا ئۇنىڭغا بىرنى ئالىتۋەتكەندىن كىيىن گەپ قىلماي ئۇنىڭ قىشىدىن كەتتى. قادىرنىڭ ئاكىسى ئۇنىڭ باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قىتىم ھىس قىپ يەتتى.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
58 - قىسىم
رەنا بىلەن روزى بىردەمنىڭ ئارلىقىدا قۇرباننىڭ ئائىلە قورىسىغا يىتىپ كەلدى .ئۇ ئۆيگە كىلە كەلمەي ئاۋارچىلىققا ئۇچىردى.
-سوفىيە ،رەھال ماشىندىن چۇشۇڭ، دەرھال چۇشۈڭ دىدى غۇجىدار ئايال.
ماشىننىڭ ئەينىكىنى ئۇرغاچ ، خوجىدار ئايالنىڭ ئەلپازى شۇنچىلىك يامان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا رەنا ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئۇخلاپ قالغان ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئايالنىڭ ۋارقىراشلىرىدىن ئويغىنىپ كەتكەن ئىدى . ئىككى كېچە ئۇخلىماي يەنە كېلىپ ئارام ئالاي دەپ تۇرۇشقا باشقىلارنى ئاۋارە قىلغىنىدىن رەنانىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى پەسكە چۈشۈرۈپ ، قاپىقىنى تۈرگىنىچە خوجايىن ئايالغا قاراپ تۇراتتى .
- سىز نېمە ئىش قىلماقچى ؟ نېمە ئىش قىلماقچى ؟ سىز بەك ئىپلاس ئىكەنسىز ؟ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ خوجايىنى ،سىز سەۋەبلىك ئېغىر يارىلاندى . سىز قاچانغىچە ، ھىيلە ئىشلىتىپ يۈرۈيسىز . بىزنىڭ خوجايىنغا چىرمىشىپ ، يا ئۇنى ئارامىدا قويمايسىز سوفىيە . مەن سىزگە ئېيتىپ قوياي . ئەپەندىمدىن يىراق تۇرۇڭ . بولمىسا ...- دېدى خوجىدار ئايال .
-بولمىسا ؟نېمە ئىش قىلماقچى ؟
رەنا تېخىمۇ قاپىقىنى تۈرگىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى . بەش يىل بۇرۇن ، ئۇ خوجىدار ئايالنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئاپىسىغا ئوخشاش شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيتتى . لىكىن، ئۇ داۋاملىق رەنانى چەتكە قاقاتتى ئۇنى داۋاملىك بوزەك قىلاتتى .لىكىن ،بۇ رەنا بۇرۇنقىغا ئوخشىمايتتى .
ئۇ ئۇنداق ئاسان بوزەك قىلالمايتتى .شۇنىڭ بىلەن روزى ئىغىز ئىچىپ :
- ھە، سۇفىيە خېنىم .دوختۇرخانىدا قۇربان دېرىكتورغا قارايمەن دەپ ئىككى كىچە كۇندۇز كۆز يۇممىدى .سىز ھازىر جىدەل قىلماڭ بولامدۇ؟ خىنىم ھازىر كىرىپ ئارام ئالسۇن چۇشتە تىخى ، خىنىم دىرىكتۇرغا شورپا قاينىتىپ ئاپىرىپ بىرىدۇ،-دىدى .
-شورپا قاينىتىپ بىرەمىش . زەھەر سىلىپ دىرىكتۇرنى قەسلەيدۇ . رۇزى سىز بىلمەيۋاتىسىز ؟ بۇ ئايالنىڭ بالايى ئاپەتلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇردۇ . ھامان بىر كۇنى دىرىكتۇر، بۇ ئايالنىڭ قولىدا ئۇلۇپ كىتىدۇ. سوفىيە ،سىز كىتەمسىز ؟ كەتمەمسىز ؟ئەگەر بۇگۇن بۇ ئۆيدىن يوقالمىسڭىز ،مەن جىنىمنى تىكىمەن دەپ يان تەرەپتىن سۇپۇرگىنى قولىغا ئىلىپ رەنانىڭ ئالدىغا يۇگرەپ كەلدى .
- سىز ...سىز. بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ،- دىدى ۋارقىراپ روزى ماشىنىدىن چۇشەي دىيشىگە رەنا ماشىندىن چۇشۇپ غۇجىدار ئايالنىڭ ئالدىغا باردى. ھەمدە بىر قۇلىدا غۇجىدار ئايانىڭ قولىنى تۇتىشىغا:
-سوفىيە ،سىز مىنىڭ قولۇمنى تۇتۇشقا جۇرئەت قىلدىڭىزمۇ؟ رەنا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ :
- سىز ، مىنى ئۇرماقچى بولسىڭىز ئالدىڭىزدا تۇرۇپ بەرسەم بولامتى ؟مەن سىزنىڭ ئەخمەق قىلىدىغان ئادىمىڭىز ۋەياكى يۇۋاش ئوخشىمامدىم؟ غۇجىدار ئايال سىزنىڭ يىشىڭىز نەچچىگە بىرىپ قالدى ؟ ئەگەر بۇ خىزمەتنى قىلىشنى خالىمىسىڭىز ، ئۆيىڭىزگە قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ ؟
رەنا خۇددى ،بۇ ئۆينىڭ ئائىلە باشلىقىدەك گەپ قىلىۋاتاتتى . بۇنى ئاڭلاپ خوجىدار ئايالنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ كەتتى
-سىز ،ئۆزىڭىزنى نېمە چاغلاپ قالدىڭىز ؟ سىز بۇ ئائىلىگە خوجا بولاي دەپ ئويلاپ قاپسىز-دە ، ئۇخلاپ چۈشىڭىز . مەن سىزگە ئېيتىپ قوياي . مەن بىزنىڭ خوجايىننى ئۈچ ئاي ۋاقتىدىن باشلاپ مەن ئەمدۈرۈپ چوڭ قىلغان. مەنمۇ بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئادىمى. مەن دېرىكتورنىڭ بىرەر خېيىم خەتەرگە يولۇقۇشىنى خالىمايمەن . سىز بۇ ئائىلىنىڭ نىمىسى؟ سىز، قۇرباننىڭ مومىسىمۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىمۇ ؟
رەنا رەھىم قىلماي سۆزلەۋاتاتتى . روزى دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ ، بۇ ئىككىئايالنى ئاجرىتاي دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن ،ئۇ ئارىلىقتا ئاۋال كىمگە گەپ قىلىشنى بىلەلمىگەن ئىدى .
- سوفىيە خېنىم ، بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى .، بىز نېمىشقا جېدەللىشىشىمىز . بىر گەپتىن قالساڭلار بولمامدۇ؟- دېدى روزى تەڭقىسلىقتا قىلىپ .
- كىم ،ئۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەن ، ئۇ بۇنىڭغا ماس كېلەمدۇ . ئۇ بىر يالغانچى ، ئالدامچى . ئۇ ئاشۇ چىرايىغا تايىنىپ قانچىلىغان ئەرلەر بىلەن بىللە ياتتى.كىم بىلىدۇ ؟ تېخى بىزنىڭ ئائىلىگە خوجايىن بولىمەن دەپ ئويلاپ قاپتۇ تېخى .ئۇخلاپ چۈشى . رەنا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ كەتتى:
ئۇ ئارقىدىنلا :
سىزگە ئۇنداق ئىشلار بەك تونۇش ئوخشىمامدۇ ؟ ياش ۋاقتىڭىزدا قانچىلىغان ئادەملەر بىلەن بىللە ياتقان بولغىيتتىڭىز . يېشىڭىزغا باقماي، ئۆزىڭىزدىن كىچىك ئادەملەرگىمۇ شۇنداق گەپلەرنى قىلسىڭىز . ھەممە ئادەم بېشىدىن ئۆتكەننى سۆزلەيدۇ ،- دېدى رەنا . رەنانىڭ گېپگە خوجىدار ئايال چىدىيالمىدى.
-ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ ! ھۇ ئىپلاس خوتۇن . ئۇ يەنە بىر قولى بىلەن بېرىپلا رەنانىڭ چېچىدىن قاماللاپ تۇتتى.
بەش يىل ئاۋۋالقى رەنا داۋاملىق ئۇ ئايالنىڭ بوزەك قىلىنىشىغا ئۇچرايتتى. ئۇ نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا كۆپلىگەن پۇرسەتلەرنى بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن، بۇ ئايال ئۇنىڭغا پەقەتلا ئارامچىلىق بەرمىگەن ئىدى . بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بۇ ئىشقا يەنە بىر قېتىم دۇچ كېلىپ ، ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى تونۇتۇپ قويماقچى بولدى . خوجىدار ئايالنى بىر سىلكىۋىدى ، خوجىدار ئايال ئاچچىقى بىلەن ، رەنانىڭ يۈزىنى تاتىلاپ قان چىقىرىۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن رەنا دەرھال ئۇ ئايالنىڭ گېلىنى بوغدى . خوجىدار ئايال ئاغرىقتىن تولغىنىپ...
- ۋايجان ، ۋايجان ، روزى مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ!
روزى رەنانىڭ قولىنى تارتاي دەپ تۇرۇشىغا ، رەنا روزىغا قاراپ يوغان بىرنى ئالايدى . روزى قورقۇپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن رەنا، ئۇنى بىر ئىتتىرىۋىدى ، خوجىدار ئايال يەرگە پوككىدە چۈشۈپ كەتتى .
- ۋايجان ، مېنىڭ بىلىم... ئەجەب ئاغرىدى ،- دېدى خوجىدار ئايال بېلىنى تۇتۇپ . رەنا ئۇنىڭغا قاپىقىنى تۈرگىنىچە:
- ھازىردىن باشلاپ ،سىز بۇ ئائىلنىڭ ئادىمى ئەمەس . روزى سىز دەرھال خوجىدار ئايالنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇڭ. ھەم ئۇنىڭغا ئۈچ ئايلىق مائاشنى بېرىڭ . مائاشىغا قوشۇپ يەنە ئەللىك مىڭ كوي قوشۇپ بېرىپ، بو خوتۇننى تېزدىن ھەيدىۋېتىڭ.
رەنا گېپىنى دەپ بولۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ روزى ھاڭ تاڭ قالدى . ئۇ نېمە دەۋاتىدۇ ،-دېدى خوجىدار ئايال روزىغا قاراپ . روزى ھېچقانداق گەپ قىلماي خوجىدار ئايالغا قاراپ.
-قېنى ،ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ !نەرسە كېرەكلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ،- دېدى . خوجىدار ئايالنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ ۋارقىراپ :
- سىز ،راستىنلا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلامسىز ؟ئۇ نېمىگە ھېساب . مەن ھازىر دىرېكتورغا تېلېفون قىلىمەن . ھەمدە بۇ ئايالنىڭ ھازىرقى ئىشلىرىنى دەيمەن،- دېدى.
- دىرېكتور ،ھازىر داۋالىنىۋاتىدۇ . ھېچقانداق تېلېفوننى ئالالمايدۇ .سىز دېرىكتورنى قىينىماڭ . دىرېكتور ماڭا تاپىلىغان بارلىق ئىشلارنى مۇشۇ سوفىيە خېنىمغا تاپشۇرغانلىقىمنى ئېيتقانىدى . ئۇ ھازىر نېمە دېسە بىزنىڭ دېرىكتورنىڭ گېپى بىلەن تەڭ.
- بۇ ،سىلەرنىڭ نېمە دېگىنىڭلار. مەن بۇ ئائىلىدە ياشاۋاتقىلى يىگىرمە نەچچە يىل بولدى . ئۇنىڭ كەلگىنىگە بىر نەچچە كۈن بولدى . سىلەر نېمىشقا ماڭا بۇنداق قىلىسىلەر ؟
شۇنىڭ بىلەن روزىبىر نەچچە ئادەمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ خوجىدار ئايالنىڭ نەرسىلىرنى يىغىشتۇرۇشقا تاپىلىدى . خوجىدار ئايال تىركىشىپ ، ھەر نېمىلەرنى دەپ باقتى . لېكىن ،ھېچقانداق كارغا كەلمەيتتى . قوغدىغۇچىلار خوجىدار ئايالنىڭ ۋارقىراشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي ئۇنى زورمۇزور ھەيدەپ كېتىشكەن ئىدى .
- ئەنسىرىمەڭ ، مەن قالغان پۇلنى سىزنىڭ كارتىڭىزغا ئۇرىۋېتىمەن،- دېدى . روزى غوجىدار ئايالنىڭ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ . شۇنىڭ بىلەن بۇ جېدەلمۇ بېسىققان ئىدى .
رەنا ئۇخلاپ چۈش بولغاندا ئورنىدىن تۇردى- دە ، ئاشخانىغا كىرىپ قارىسا ، خىزمەتكارلار ھە دەپ تاماق تەييارلاۋاتقان ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن رەنا كىرىپلا ئۇلار بىلەن سالاملىشىۋەتكەندىن كېيىن ، قۇربانغا دەپ تاماق تەييارلاشقا باشلىدى .بىر ئازدىن كىيىن سىرىتتىن ماشىنا ئاۋازى ئاڭلاندى.
رەنانىڭ ئوغلى ئەرفات كىرىپ كەلدى.
“ئاپا “
ئەرفات توۋلىغىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەلدى ، رەنا ئوغلىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . ئەسلىدە ئوغلى ھەربىي بازىسىدا مەشىق قىلىۋاتقان ئىدى . قانداق بولۇپ ئۇ ،بۇ ئۆيگە كەلگەندۇ دەپ ئويلىدى .
- ئوغلۇم ، سەن نېمىگە كەلدىڭ ؟ -دېدى رەنا .
بۇ ۋاقىتتا ،ئەرفات يۈگۈرۈپ كەلگەن بولۇپ ، ھارغانلىقتىن بەك ئۇسساپ كەتكەچكە ، ئاپىسىغا جاۋاب قايتۇرماي سۇ جۈمىكىدىن سۇ چۇشۇرۇپ سۇ ئىچىشكە باشلىدى . قۇرقەت ئاپىسىغا قاراپ :
- ئاپا ، ئاڭلىسام دادام پېشكەللىككە ئۇچراپتۇ . ئۇ ھازىر قايسى دوختۇرخانىدا ؟مەن بېرىپ دادامنى كۆرۈپ كەلسەم بولامدۇ ؟- دېدى فىرقەت خاتىرجەم بولالماي .
- سىلەرگە كىم داداڭلارنى خەتەرگە ئۇچرىدى ،-دىدى. رەنامۇ سەل گۇمان ھېس قىلغان ئىدى .
-ئەرفات قاراپ بېقىڭ ،-دىدى :
-ئاپا، سىز بىزگە تېلېفون قىلىپ كېلىڭلار دېمىدىڭىزمۇ؟ -دېدى ئەرفات چۈشىنەلمەي .
رەنا ئوغلىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، تېخىمۇ قايمۇقۇپ قالدى .
- مەن ،سىلەرگە تېلېفون قىلىپ شۇنداق دەپتىمەنمۇ ؟ -دېدى رەنا ئىشەنمەي
- شۇنداق ئاپا . مۇسا ئوفىتسېر بىزگە ئاشۇنداق دېدى . ئۇ بىزگە «قۇربان دىرېكتورنىڭ ۋەقەگە يولۇققانلىقىنى ئۇزۇن ۋاقتى قالمىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ كۆرۈشىۋىلىشنى ئېيتتى» . شۇنىڭ بىلەن بىز تېزلىكتە يېتىپ كەلدۇق .
- ئاپا بۇ زادى نېمە ئىش ؟ - دېدى ئەرفات چۈشىنەلمەي .
ئەرفات بۇ ۋاقىتتا ئاپىسىنىڭھەيران بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، بۇ ئىشنىڭ غەلىتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى . رەنا كۆڭلىدە:
« قۇربان ۋەقەگە يولۇقسا ، ھەرگىزمۇ بالىلارغا ئېيتمايدۇ . بۇ زادى نېمە ئىش ؟ كىم مۇسا ئوفىسىرنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغاندۇ ؟ بۇ زادى كىمدۇ ؟» دەپ گۇمان بىلەن ئويلىنىشقا باشلىدى. چۈنكى مۇسا ئوفىتسېر بىلەن قۇرباننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقىى رەناغا ئايدىڭ ئىدى . ئۇ ھەرگىزمۇ قۇربانغا پايدىسز بولغان ئىشلارنى قىلمايدۇ،- دەپ ئويلىدى . ئۇ سەل دېلىغۇل بولۇپ ئوسال كەيپىياتىنى سىرتقا چىقارماي ، ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرۇپ :
-قۇربان دېرىكتورغا ،ھېچنېمە بولمىدى . سىلەرمۇ كېلىپ چارچاپ قالدىڭلار ؟ تېز بېرىپ يۇيۇنىۋېلىڭلار. ھازىر تاماق ئەتتىم . تاماقلارنى يەپ بولۇپلا مەن سىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرگىلى ئاپىراي ئوغلۇم .ئەرفات بۇنىڭدىن كېيىن ،قۇربان دىرېكتورنىڭ ئىسمىنى تۈزلا چاقىرماي ئۇنى تاغا دىگىن.
-ماقۇل ،ئاپا ،-دىدى نارازى بۇلۇپ ئەرفات.
ئاپىسىنىڭ قۇربانغا بولغان مۇئامىلىسىنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . ھەمدە ئۇنىڭ مۇئامىلىسىنىڭ ئىللىقلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ سەل ھەسەتخورلۇقى قوزغالغان ئىدى . رەنا ، دىلىغۇل بولۇپ خاتىرجەم بولالمىدى -دە ، يانچۇقىدىن تېلېفوننى چىقىرىپ ، ياردەمچى روزىغا تېلېفون قىلدى :
-رۇزى، ئەرفات بىلەن فۇرقەت قايتىپ كەپتۇ . ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ، مەن تىلفۇن قىلىپ ئۇلارنى قايتىپ كېلىڭلار دەپتىمەن . لېكىن ، مەن تۈنۈگۈن ۋەقە يۈز بېرىشتىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ باقمىدىم . مۇسا ئۇفسىرشۇنداق دەپتۇ . سىز بېرىپ تەكشۈرۈڭ ، زادى قايسى ئادەم بالىلىرىمنى كېلىڭلار دەپ كۈشكۈرتكەن ؟ ئۇ ئادەمنىڭ زادى نېمە مەقسىتى بار ؟-دىدى رەنا كەسكىن ھالدا.
-ماقۇل .سوفىيە خىنىم .
بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە روزى دەل قۇربان بىلەن بىللە ئىدى . ھەمدە ئۇ رەنانىڭ گەپلىرىنى ئۇنىڭغا بىرمۇ بىر يەتكۈزدى . قۇربان رەنانىڭ مۇسا ئوفىتسېرنىڭ ئىسمنمۇ تىلغا ئالغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .دە بىر نېمىلەرنى ئويلاپ كۈلۈۋەتتى . بۇرۇنقى مۈشۈكتەك ، ئايالنىڭ ھازىر چىشى يولۋاستەك كۈچلۈك بولۇپ كەتكەنلىكنى ئويلاپ ، ئۇ سەل پەخىرلىنىش ھېس قىلاتتى . قۇرباننىڭ خىيالى كۈلۈپ يۈرگەن ھالىتىنى كۆرۈپ روزى باشقا گەپ قىلمىدى . بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، رەنا ئۇنىڭغا يەنە تېلېفون قىلدى . ئۇ رەنا بىلەن سۆزلىشىپ بولۇپ :
-دىرېكتور، ئەرفات بىلەن فۇرقەت قايتىپ كەپتۇ .دىيىشچە سوفىيە خىنىم مۇسا ئۇفىسىرغا تىلفۇن قىلىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشنى ئىيىتپتۇدەك. لىكىن ،سوفىيە خىنىم تىلفۇن قىلماپتۇ ...
مىنى تەكشۇرۇپ كىلىشكە بۇيرىدى،-دىدى....
قۇربان سەل ھەيران قالدى . چۇنكى ، بۇنداق ئىشنى مۇسا ھەرگىز قىلمايدۇ. ئەجىبا، قادىرنىڭ ئاكىسى قەستەنگە رەناغا قارشى تۇرۋاتقانمىدۇ ؟ لىكىن .ئۇ دىگەن بىر ئازاتلىق ئەسكىرى . بىر ئەركەك . ئۇ ھەرگىزمۇ ئاستىرىتىن بۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ ،دەپ ئويلىدى.داۋامى بار
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



