
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 68 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
67 - قىسىم
بۇ ۋاقىتتا ئەرفاتمۇ كۆزىتىش ئاپپاراتىنى قۇراشتۇرالماي، ئىچى سىقىلىپ تۇرغان ئىدى. توساتتىن ،بىرىنىڭ ھۇجرىغاكىرگەنلىكىنى بىلدىدە گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋالدى . ئۇ ئادەم ئۇياندىن بۇياندىن مېڭىپ ، پەس ئاۋازدا:
-ئەرفات دەپ توۋلىدى .
كارىۋات ئاستىدىكى ئەرفات ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدىدە ، -مەن بۇ يەردە ،دەپ ۋارقىراپ كارىۋات ئاستىدىن چىقتى .قۇربان ئەرفاتنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالدى ۋە گەپ قىلماي جىم تۇرۇپ قالدى. قۇربان بولسا ئۇنى كۆتۈرگەنچە؛
-سېنى ئاخىرى تاپتۇق ، يارىلاندىڭمۇ يوق ؟
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
-ئۇنداقتا ،مەن سېنى ئاپاڭ بىلەن كۆرۈشتۈرەي. تېزماڭايلى . قۇربان شۇنداق دېگىنىچە ئەرفاتنى قۇچاقلىغىنىچە سىرتقا ماڭدى .،ئەرفاتمۇ بېشىنى قۇرباننىڭ بوينىغا قويۇپ ، خۇددى ئاتا بالىدەك ماڭدى.
قۇربان سىرتقا چىقىپلا ئايلىنىپ چۇشتى .شۇنىڭ بىلەن قۇرباننى پۇسۇلكا بىلەن ماشىنىغا ئەپچىقىشقا باشلىدى.
قالغان ئىشلارنى روزى بىلەن موسا ئوفىسىر بىر تەرەپ قىلدى .ئەرفات بىلەن رەنا قۇربان بىلەن تەڭلا دوختۇرغانغا قاراپ مىڭىشتى .ئەرفات قۇرباننىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ:
-ئاپا ،قۇربان دىرىكتۇرغا بىرەر ئىش بولماس؟ئۇ ئۇلۇپ كەتمەس؟-دىدى قۇربانغا قاراپ تۇرۇپ.
رەنا ئوغلىغا تەسەللى بەرگەچ ئۇنى باغرىغا مەھكەم باستى . ئەرفات بۇرۇن قۇربانغا شۇنچىلىك ئۆچلۇك قىلغان ئىدى . لېكىن ھازىرقى پەيتتە، ئۇ ئۆچلۈك قىلاي دېسىمۇ ئۆچلۈك قىلغۇسى كەلمىگەن ئىدى . مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە رەنا قۇرباننى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى . ماشىنا تېزلىكتە دوختۇرخانىغا باردى .دوختۇرلار تېزلىكتە ماشىنا ئىشىكنى ئېچىپ ، قۇرباننى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە قاراپ ئېلىپ كېتىشتى .ئەرفات بىلەن رەنامۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىتى. قۇرباننى بولسا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمگە ئەكىرىپ كەتتى.رەنا بىلەن ئەرفات سىرتىدا ئۇنى ساقلاپ تۇردى. رەنا ئوغلىنىڭ ھارغىن ھالىتىنى كۆرۈپ:
-قورسىقىڭ ئاچتىمۇ؟ چارچىدىڭمۇ ؟بىردەمدىن كېيىن قۇربان چىققاندا مەن ساڭا يەيدىغان نەرسە ئەكىلىپ بېرەي بولامدۇ ؟
ئەرفات ئاپىسىغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى . بىرئاز ئۆتكەندىن كېيىن ، باشقىلارمۇ تېزلىكتە دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى . روزى، ئەرفات ۋە رەنانىڭ ھالىتىگە قاراپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتتى ۋە بىرقاچا تاماقنى ئەرفاتقا تەڭلىدى . لىكىن ،ئەرفاتنىڭ كۆزى يەنىلا كىسەلخانا ئىشىكى تەرەپتە تۇراتتى. ئۇنىڭ قۇرباندىن ئەنسىرگەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى… بىر ئاز ئوتكەندىن كىيىن ئۇ ئىسىنى يىغىپ ئاپىسىغا:
- ئاپا،مىنىڭىدە بىر نەرسە بار سىز ئاڭلاپ باقامسىز؟
ئۇ ۋاقىتتا، مەن ھۆسىن تۇزەش ئورنىدىكى بىرىسىنىڭتىلفۇننى ئوغىرلاپ بۇ ئاۋازنى ئۇنگە ئىلۋالغان ئىدىم.
كىيىن تىلفۇننىڭ ئىگىسىنى تىپىپ قايتۇرۇپ بىرەيلى،-دىدى ئاپىسىغا قاراپ كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ.
-بۇلىدۇ.
-قايىتقاندا ئۇ، ئىگىسىگە ياخشى رەخمىتىمنى بىلدۇرۇپ قويمەن، -دىدى رەنا ئەرفاتنىڭ بىشىنى سىيلاپ تۇرۇپ.
ئەرفات بولسا تىلفۇننى رەناغا تەڭلىدى.مۇنىرەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگەردى.
ئۇ ھەممە ئىشنى مۇنىرە ئۇرۇنلاشتۇرغانلىقىنى ،ئوت ئاپىتىنىڭ قۇربان بىلەن مۇناسىۋتى يوقلىقىنى چۇشەندى. ئۇ تىلفۇننى قولىدا چىڭ تۇتقىنچە بىر نوقتىغا تىكىلىپ قاراپ جىم تۇراتتى.
روزىمۇ بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلاپ ھاڭ- تاڭ قالدى. رەنا سەل ئىسىنى يىغۋىلىپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ھەمدە روزىغا ئەرفاتنى ئۆيگە قايتۇرپ ئەكتىشكە بۇيرۇق قىلدى. بىراق، ئەرفات جاھىللىق قىلىپ كىتىشكە قوشۇلمىدى. ھەمدە رەناننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقاچ:
- مەن كەتمەيمەن . مەن، بۇ يەردە ئۇنىڭ چىقىشىنى ساقلايمەن . -،دېدى ئەرفات .
رەنا، ئوغلىنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ:
-ساڭا دەيدىغان گەپ بار ئىدى دەيمۇ ،-دېدى .
ئەمەلىيەتتە ،قۇربان سېنىڭ ئۆز داداڭ. 5يىل ئاۋۋالقى ئۇ ئىشتا مەن داداڭنى خاتا چۈشۈنۈپ سېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكەن ئىدىم . ئىككىڭلارنى يۈز كۆرۈشتۈرۈپ باقمىدىم . بۇنىڭ ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم،- دېدى رەنا ئوغلىنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ : -ئەمەلىيەتتە، مەن بۇرۇنلا بىلىمەن ،- دېدى ئەرفات .
-سەن بۇرۇنلا بىلەمتىڭ؟
-ھە، سىز ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىگە كېلىمەن دېگەن ۋاقتىدىلا مەن بىلىپ بولغان ئىدىم . مەن سىزنىڭ خاتىرىڭىزدىن بىلگەن ئىدىم .ئۇنىڭ ئۇستىگە سىز تۇن يىرىمدا جۆيلۇپ ئويغىنىپ كىتەتىڭىز . مەن شۇڭا قۇربان دىگەن ئادەمنىڭ ئارخىبىنى بۇرۇنلا تەكشۇرگەن ئىدىم.
-قۇربان، سىنى كومپىيۇتىر جەھەتتە بەك ئۇستا دەيدۇ؟ مەن بىلمەيدىكەنمەن،- دىدى رەنا؟
-مەن، كومپيۇتېر ئۇستىسى ئەمەسمۇ ئۇنى بىلمەيمەن. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا ،تۇتۇق دادام ماڭا كومپيۇتېر ئۆگىتىپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ كومپيۇتېرغا بەكلا قىزىقاتتىم .
ئۇنىڭدىن كېيىن، مەن سىزنىڭ قۇربانغا شۇنچىلىك ئۆچ ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ۋاقىتتا تۇنجى كۆرۈشكەندە ھېلىقى رەسىمنى مەن تورغا يوللىۋەتتىم . بۇ ئارقىلىق قۇرباننىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ ، بىر ئۆچ ئالغان بولدۇم . ئىككىنچى قېتىم قۇرباننىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ، ئۇنىڭ كومپيۇتېرىنى ئېچىپ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلىۋەتتىم . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمۇ بىلىدۇ .لېكىن ،ئۇ نېمىشقا يەنە مىنى قۇتۇلدۇردۇ ؟
-ئەخمەق ئوغلۇم .ئۇ دېگەن سېنىڭ داداڭ تۇرسا . سىڭلىڭ بىلەن سەن ئۇنىڭ يۈرەك پارىسى. سەن قانداق ئىش قىل چۇقۇم كەچۈرۋېتىدۇ . ئارتۇق ئويلىمىساڭمۇ بولىدۇ .ساڭا نېمە ئىش يۈز بەرسە ، ئۇ چۇقۇم جېنى بىلەن سېنى قۇتقۇزىدۇ .
مانا، بۇ دېگەن ئاتا -ئانا مېھرى،- دېدى رەنا ئەرفاتنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ .
- ئاپا ، مەن بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز سىلەرنى خاپا قىلمايمەن. قۇربان دېرىكتورنىمۇ خاپا قىلمايمەن. مېنى كەچۈرۈڭلار! دېگىنىچە رەنانى قۇچاقلىدى.
جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدە ئاۋاز تېخى ئۈزۈلمىگەن ئىدى . روزى ئانا بالا ئىككىسىنىڭ يىغلاۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ:
-رەنا خېنىم . 5يىلنىڭ ياقىى سىلەرنى راسا جاپاغا قويۇپتۇق . بەش يىل ئاۋالقى ئوت ئاپىتىدە سىزنىڭمۇ ئىسمىڭىزنى تاپالمىغاچقا، قۇربان دېرىكتور قەبرەبېكىتىشىمىزگە قوشۇلمىغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىزدىن ئايرىلغاندىن باشلاپ ، خىزمەتكە خۇددى ماشىنا ئادەمدەك كىرىشىپ كەتتى . ئۇ يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا سىزنى ئەسلەپ يىغلايتتى .ھاراق ئىچەتتى ، تاماكا چېكەتتى . مۇنىرە گەرچە ئۇنىڭ ئۆيىدە بولغان بولسىمۇ ئۇ مۇنىرەنى ئۆزىگە ھەرگىز يېقىن يولاتمايتتى . مۇنىرەگە پەقەت ئىنىسىنىڭ يۈزىدىلا ، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى . مۇنىرەنى سىزنىڭ تۇرغان ھۇجۇرىڭىزغا كىرگۈزمەيتتى. سىزنىڭ بۇرۇن تۇرغان ھۇجۇرىڭىزنى قۇربان دىرېكتور، بىر قوللۇق تازىلاپ پاكىز تۇتاتتى،- دېدى رۇزى .
رەنا، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىچى بىرخىل بىئارام بولۇپ كەتتى .
-مەن بىلمەيدىكەنمەن. ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەنمەن ،- دېدى ئۇ بېشىنى تۇتقاچ .
ئەسلىدە رەنا ، مەنلا بۇ دۇنياغا بۇ ئازابنى كۆتۈرگىلى كەلگەن ئوخشايمەن دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن . قۇربانمۇ خۇددى ھەر بىر كۈننىى تەستە ئۆتكۈزۇپ كەپتۇ دەپ ھېس قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېسەلخانا ئۆيگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .بىرەرسائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن ۋاراڭ چۇرۇڭ ئاۋازلار ئاڭلاندى.
-نېمە ئىش بولدى ؟- دېدى روزى قاپىقىنى تۈرگۇنىچە قېشىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىغا .
ئامانلىق ساقلىغۇچى تېز سۈرەتتە سىرتقا چىقىپ كۆردى . قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭۈپلا كەتكەن ئىدى
-نېمە ئىش بولدى ؟- دەپ سورىدى روزى .
كىرىپ كەلگەن ئامانلىق ساقلىغۇچى چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن:
-سىرتتا ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلغان ئايال بىزنىڭ خوجىدار ئايال ئىكەن . ئۇ قۇربان دېرىكتورنىڭ ئوپېراتسىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ كەپتۇ . بۇ ۋاقىتتا ياردەمچى رەناغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
- رەنا خېنىم ،كەچۈرۈڭ.
- قۇربان تېخى بايىلا ۋەقەگە ئۇچرىسا ، خوجىدار ئايالنىڭ قۇلىقى ئەجەب ئۇزۇنكەن . دەرۋەقە ، تۇنجى بولۇپ ئۇنى ئىزدەپ كەپتۇ . رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلىغان روزى سەل ھەيران قالدى .
-رەنا خېنىم سىزنىڭ مەقسىتىڭىز نېمە ؟- دېدى روزى ئىككىلىنىپ .
- بۇ يەر دېگەن، دوختۇرخانا. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربان جىددى قۇتقۇزۇلىۋاتىدۇ . مىنىڭ خوجىدار ئايالغا گەپ قىلغۇدەك ۋاقتىم يوق . سىز، قاراپ بىر تەرەپ قىلىڭ ،-دېدى رەنا ھارغىنلىق بىلەن .
روزى رەنانىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلدى-دە ، دەرھاللا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ سىرتقا چىقتى . ھەمدە بۇ ئىشنى بېسىقتۇردى . قېشىدىكى ئەرفات ھەيران بولغانچە:
-ئاپا ، سىرتتىكى ئايال كىمۇ ؟- دەپ سورىدى .
-بولدى. سەن ئارىلاشما ھاردىڭمۇ ھارغان بولساڭ يوتامغا بېشىڭنى قويۇپ ، بىردەم يېتىۋالغىن؟
ئەرفاتنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن رەنا ،راستىنلا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان ئىدى .
- ياق ، مەن ھارمىدىم .مەن قۇرباننىڭ چىقىشىنى ساقلايمەن . ئەرفات قارىماققا شۇنچىلىك ھېرىپ كەتكەن ئىدى ، قاپاقلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا جاھىللىق بىلەن قۇرباننىڭ چىقىشنى ساقلىماقچى بولدى . رەنامۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ، ئۇنى باغرىغا باستى . ئوپېراتسىيە ۋاقىتىمۇ شۇنچىلىك ئۇزۇنغا سوزۇلغانىدى . ئەرفات ئاپىسىنى قۇچاقلىغىنىچە ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلاپ قالدى . رەنا ئوغلىنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇشىغا ياردەمچى روزى يېتىپ كەلدى .
-رەنا خېنىم ، بولمىسا ئەرفاتنى ماڭا بېرىڭ .مەن بىر دەم قۇچاقلاپ تۇراي. سىز چارچاپ قالدىڭىز .
-ھېچقىسى يوق ،- دېدى رەنا .
بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، رەنانىڭ تېلېفونى سايرىدى ، ھەمدە بالىنى روزىغا بەردى . تېلېفون سەمەت دېرىكتوردىن كەلگەن ئىدى . رەنا ، تېلېفوننى ئىلىپ لىفىت تەرەپكە قاراپ ماڭدى . تېلېفوننى ئالدى.
ۋەي، سەمەت دىرېكتور . ياخشىمۇ سىز ؟ -دېدى رەنا.
-ئەرفاتنى تاپالىدىڭلارمۇ ؟
سەمەت دېرىكتور، ئىنتايىن ئەنسىرەپ كەتكەن ئىدى.
ھە ، ئىزدەپ تاپتۇق. ئۇ ئۇخلاپ قالدى.
- ئۇنىڭغا، ھېچ ئىش بولمىدى .بىرئاز قورقۇپ كېتىپتۇ،- دېدى رەنا .
سەمەت دېرىكتورنىڭ ئۆزىگە بولغان ھېسسىياتىى رەنانىڭ ئۆزىگىمۇ ئايان ئىدى ، بەش يىل ئاۋالقى كۈندە سەمەت دېرىكتور رەنانى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولۇپ ئۇنىڭ دوستلىرى نۇرغۇن چىرايلىق خېنىملارنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرغان ۋاقتىدا ، ئۇ بىردىن بىر رەت قىلغان ئىدى . سەمەت دىرېكتور ئەرفاتقا بىر ئىش بولمىغانلىقىنى بىلىپ كۆڭلى ئاخىرى تىنچىدى.
- تۈنۈگۈن سۈرىيەنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ئىدى . چۈنكى ئۇ خۇددى بىر ئىش بولىدىغاندەك ئەنسىرەپ كېتىپ ، پەقەت كۆڭلى جايىدا ئەمەس . ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم .ئەرفات بىلەن ئىككىسى قوشكېزەك بولغاندىكىن كۆڭلى سىزىشىدىغان ئوخشايدۇ. ھەرنىمە بولسا ئەرفاتقا بىرەر ئىش بولماپتۇ .مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم .
سەمەت دېرىكتورنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ، رەنا ئەنسىرەپ كەتتى.
-ھازىرغىچە، بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت . بولۇپمۇ ،سىز سۈرىيەگە بەك ياخشىلىق قىلدىڭىز . ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز ، مەن قانداق قىلاتتىم كىن تاڭ . ئەگەر باشقا ئىش بولمىسا ، مەن تېلېفوننى قويىۋەتتىم ، مېنىڭ ئازراق ئىشىم بار ئىدى،- دېدى سەمەت دىرىكتۇر .ئۇ رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولماي تۇرۇپلا ، رەنانىڭ گېپىنى ئۈزۈۋەتتى . رەنا كۆڭلىدە سەمەت دېرىكتورغا قايتىلاپ ئازار بېرىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ خىجىل بولغان ھالدا :
- كەچۈرۈڭ ،سەمەت دېرىكتور .
- نېمىگە كەچۈرۈم سورايسىز؟ سىزمۇ بىلىسىز بۇلارنىڭ ھەممىسنى ، مەن چىن كۆڭلۈمدىن خالاپ قىلدىم. لېكىن ،مەن سىزنى قىيناپ قويۇشنى خالىمايمەن. ھېلىقى خوشنىمىزمۇ سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ .سىزنىڭ يېشىڭىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. توي قىلىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى .
رەنا داۋاملىق سەمەت دېرىكتورغا مۇشۇنداق دەيتتى .لېكىن ، سەمەت دىرېكتور ئۇنى رەت قىلاتتى. سەمەت دېرىكتور سەل تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:
- رەنا، سىز قۇرباننى كەچۈرۈۋەتكەن ئوخشىمامسىز؟ -دېدى داۋامى بار
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



